ئۇيغۇر تىلى مائارىپچىسى ، يازغۇچى، ژۇرنالىست، تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ 1973-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1997-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا تۈرك تىللار فاكولتىتىدا ئوقۇغان ۋە 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئويغۇرتىلى قەدىمكى ئەدىبىياتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا 9 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارغان ۋە 2011-يىلى تىلشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.2011-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۈرۈمچىدە ۋە قەشقەردە ئاناتىل يەسلىلىرى ۋە تىل تەربىيلەش مەركەزلىرىنى ئاچقان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن2013-يىلى 8-ئايدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ھەمدە 15 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2015-يىلى 8-ئايدا خىتايدىن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە تۈركىيەدە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى توپلىغان ۋە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر كىرىزىسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ، تىزىملىكلەرنى ۋە باشقا ئىسپاتلارنى ئىنگلىزتىلىغا تەرجىمە قىلىپ تەتقىقاتچىلار ، ژۇرنالىستلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سۇنغان. ئابدۇۋەلى 2016-يىلى سېنتەبىردە قۇرغان ئۇيغۇريار فوندى ۋە گۇرۇپپىسىدىكى ھەمراھلىرى بىرلىكتە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇرمۇشتا ۋە ئوقۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئويغۇرلارغا ھەر يىلى ۋە ھەر ئايدا قەرەللىك تۈردە ياردەم قىلغان. تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئىماملىرى ، ئايال دىنىي ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ھەققىدە دوكلاتلارنى يازغان. 2017-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئارىسىدا ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.2017-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئانا تىل دەرسلىكلىرىنى نەشر قىلىشقا باشلىغان ،ھازىرغىچە 9 پارچە بالىلار كىتابى، 6 پارچە ماقالىلار توپلىمى ۋە تۈرۈك تىلىدا ئككى پارچە كىتابى نەشىرقىلىنغان.2019-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئايكورن پىروگىراممىسىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچى سۈپىتىدە بېرگىندا ياشاۋاتىدۇ… 2023-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكا تىل تەتقىقات جەمىيتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر تىلشۇناس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2023-يىلى 26-سىنتەبىردە لىنگۇاپاكىس خەلىقئارالىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ⁠2024-يىلى 5-ئايدا خەلقئارا تىل ھوقۇقىنى قوغدۇغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ قارا تۇپراق ناملىق ئىنگلىزچە كىتابى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئىجادىيەت ۋە پائالىيەتلىرىم

كىتاپلىرىم

كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشنى خالىسىڭىز بۇ يەردىن سېتىۋالالايسىز

ماقالە ئەسەرلىرىم

ماقالە ئەسەرلىرىمنى ئوقۇشنى خالىسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ

پائالىيەتلىرىم

ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز

بۇ تور بەتتىن سېتىۋالغان بارلىق كىتابلارنىڭ كىرىمى ئۇيغۇر يار فوندىغا ئىئانە قىلىنىدۇ!!!