ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەپ قالدىم

 
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەپ قالدىم
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن 13 ياش چېغىمدا تونۇشقان ئىكەنمەن. بۇنى بىر دوستۇم ئاۋغۇستتا ئامېرىكادا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر سورۇندا ئەسكەتتى. ئۇنى قايىل قىلغان تۇنجى ئىشىم، بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى كۈزدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان ئۇيغۇر » دېگەن شىېرنى سەھنىدە دېكلاماتسىيە قىلغىنىم ئىكەن.
شۇندىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئويغاتقۇچى ئەسەرلىرىدىن، قەھرىمانلىقىدىن، مەرىپەتچىلىكىدىن باشقا قايسى تەرىپىنىڭ مېنى قايىل قىلغانلىقى، قايسى ئازابىنىڭ ماڭا مىراس قالغانلىقى، مېنى قىيناۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئېسىمدىن چىقمايدىغان، مەن يېزىپ ياكى دەپ باقمىغان بىر تەرىپى ئۇنىڭ ئايالى كېسەل بىلەن تۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر ئەتراپىدىن مەيۈسلىنىپ، نادانلىققا ئىچى پۇشۇپ مۇسىبەتتە ياشىغانلىقى، ئاقارتىش قىلىمەن دەپ قايتا توي قىلمىغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى شۇ جاھالەت ئېغىر يىللاردىمۇ مۇرەسسە قىلماي نادانلىققا، خۇراپاتقا، ئىلىمسىزلىككە قارشى غەزەللەرنى يېزىپ كوچالارغا چاپلىغانلىقى، يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوقۇپ بەرگەنلىكى، ساۋاتسىزلارغا ئوقۇشنى ئۆگەتكەنلىكى، كىچىكلەرگە ناۋات تارقىتىپ يادىلاتقانلىقى ماڭا ئېلھام ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئايالىدىن ئايرىغان ئۆمۈرلۈك ئازاپ، شۇم قىسمەت، مېنىڭ ئاجىز سول كۆزۈمنىڭ قىسمىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلارنى يورۇقلۇقتىن مەھرۇم قويغىنى كېسەل ئەمەس، نادانلىق، نادانلىقنى ئىتىقاتقا ئايلاندۇرىۋالغان جاھىللىق. بۇ سەۋەپتىن مېنىڭ ئازابىممۇ، ئەلىمىممۇ، مۇسۇبىتىممۇ بىر ئۆمۈرلۈك.
بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى بىر كۈنى تۇرپان بۇيلۇقتىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئايالى قىزىپ، سۇسىزلىنىپ ھالىدىن كېتىدۇ. ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي مەھەللىدىكى باخشىنى چاقىرتىپ پىر ئوينىتىدۇ. داخاننى چاقىرىپ سۇغا دەم سېلىپ، ھورداپ چۈمكەيدۇ. ئاقىۋەتتە بىچارە چوكان كېسىلى ئەدەپ ئۇزاق ئۆتمەي مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇققا سەپەر قىلىدۇ.
بىر يېرىم ياش چېغىمدا قەشقەر ئوپالنىڭ ئەڭ يىراق يېرى بولغان يۆلجىگدە قىشلىقىدا ياشايمىزكەن. زىيالى ئاتا ئانامنىڭ 1957-يىلدىكى ئېچىلىپ سايراشتا خاتالاشقانلىقى 1966-يىلى قايتا تەگىلىپ دەرس مۇنبىردىن قوغلىنىپ يېزا ئىگىلىك مەكتەپكە پالانغان ئىكەن. بۇ مەكتەپ دېگىنى ھازىر مىليۇنلاپ ئۇيغۇر قامالغان لاگىرلاردىن بىرى بولغان مەجبۇرى ئەمگەك لاگىرى شۇ بولسا كېرەك.
ئاتا ئانام كۈندۈزى سىياسىي ھايۋان دېيىلگەن چوشقىلارنى بېقىپ، ئېتىزدا ئىشلەپ، ئاخشاملىرى كىشىلەرنى بىر زالغا توپلاپ، بىرەر زىيالىنى، ياكى باينى، ياكى چەتكە باغلانغان بىرەر مەھبۇسنى سەھنىگە چىقىرىپ قىيناپ تۆۋە قىلدۇرىدىغان پىيدوخۇيغا قاتنىشارمىشكەن.
شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇلار مەندىن بىر ياشلا چوڭ ئاكام ئىككىمىزنى بېقىشتا قاپتۇ. مەن كېچە ئۇخلىماي تولا يىغلاپ ئاكامنىمۇ ئۇخلاتماسكەنمەن.
ئامالسىز قالغان ئاتا ئانام مېنى يۆلجىگدەگە 40 كلومېتىر كېلىدىغان، قەشقەرگە يېقىن ئوغۇساق يېزىسىدىكى بوۋام مومامغا باققىلى بېرىپتۇ.
ئىككى ياشقا كىرگەن يىلىم پۈتۈن بەدەنگە چىققان قىزىل كۆزۈمگىمۇ چىقىپتۇ. بۇنى بايقىغان بوۋام ۋە مومام ئاۋال ئايەت ئوقۇپتۇ ھۈرۈپتۇ، دۇرۇت ئۇقۇپ سۈپلەپتۇ، ئوت كۆچىرەپتۇ، ئۇمۇ بولماي مېنى باخشىغا ئاپىرىپتۇ. كېچىلەپ داخانغا ئوقۇتۇپتۇ.
بىرەر ئايغا قالماي دەسلەپتە بىر كۆزۈم كۆرمەس بوپتۇ، ئاندىن ئىككىنچى كۆزۈممۇ نەرسىلەرنى ئىلغا قىلالماس بولغاندا ئانام ئاڭلاپ ئوپالدىن كېلىپ رەنجىپتۇ. دوختۇرغا ئاپىرايلى دېسە ئۇنىماپتۇ.
ئانام ھۆكۈمەتتىن، قىزىل قوغدۇغۇچىلاردىن رۇخسەت ئالالماي، دوختۇردىن ئوكۇل يازدۇرۇپ، دورا ئېلىپ ئەكىرىپ بېرىپ ئوپالغا كېتىپ قاپتۇ.
بوۋام دوختۇر بەرگەن دورا ۋە ئوكۇلنى ئوچاققا سېلىۋېتىپتۇ. مومام ھەركۈنى قۇران ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ ئۈچۈرۈپتۇ. داخان ئايەت ئوقۇپ بەرگەن كەپتەرنى قان قىلىپ كۆزۈمگە تېمىتىپتۇ.
شۇ يىلى يازدا ئاخىرى ئىككى كۆزۈم ئاۋۋال ئاق پاختىدەك ئاقىرىپ، ئاندىن يۇمۇلۇشقا باشلاپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئانام كېچىلەپ ئوپالدىن پىيادە يولغا چىقىپ، يولدا ئۇچرىغان ئېشەك ھارۋۇسى، شىغىل باسقان كوزۇپلارغا يامىشىپ تاڭ ئاتارغا ئوغۇساققا كەپتۇ. بوۋام مومام ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاخىرەتلىكىمنى تەييارلاپ، بېشىمدا ياسىن ئوقۇۋاتقان ئىكەن.
ئانام ھازا ئېچىپتۇ، قاقشال بىر باغلام ئوتۇندەك تېنىمنى قۇچاقلاپ يىغلاپ، يۈزۈمگە يۈزىنى يېقىپ بىر ماڭغانچە مېنى كۆتۈرۈپ كۈن چۈشلەر بىلەن قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخاناسىغا كەپتۇ.
دوختۇر مېنىڭ تەلەتىمنى كۆرۈپ ئانامغا ۋارقىراپ كەتكەن ئىكەن. ئانامنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا «مۇشۇمۇ بالا باققانمۇ؟ سىز بالا باقىمەن دېمەي ئېشەك باقسىڭىزچۇ» دېگىنى يىغلاتقان ئىكەن. بىچارە ئانام ھەر شۇ گەپنى دېسە پۇچىلىنىپ كېتەتتى، كىم مېنى ئەلەس دېسى قولىغا نېمە چىقسا ئاتاتتى!
دوختۇرخانادا بىر ھەپتە داۋالىنىپ بىر كۆزۈم ئېچىلىپ ئەسلىگە كەپتۇ. ئەمما يەنە بىر كۆزۈم ئازراق ئېچىلغان بىلەن نۇرسىز قارا ئۆڭكۈرگە، شولا چۈشمەس كامارغا ئوخشاش كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ.
مەن ئىككى يېرىم يېشمدىن باشلاپ سول مەڭزىمدىكى قارا ئۆڭكۈر بىلەن چوڭ بولدۇم، ئەلەس، مەرگەن، قارىغۇ دېگەن ھاقارەتلەر ئىسمىمدەكلا ماڭا ئەگەشتى. مومام ۋە بوۋاممۇ ئۆزى ئىشەنگەن ئايەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆزۈمنى ساقايتالمىغانلىقىنى، داخانلار قۇراندىكى سۈرىلەرنى ئوقۇغان بولسىمۇ، بەش ناماز، قارى قۇران بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كۆزۈمنى ئاچقانلارنىڭ ئۇلار ئەمەس دوختۇرلار بولغانلىقىنى بىلەلمەي قېرىپ كەتتى. ئەمما ئۇلار ئاغرىپ قالغاندا دورا يىيىشنى رەت قىلمىدى. ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇلاردىن بىر تالاي دورا ئوكۇل قاپلىرى مىراس قالدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئايالىنى نادانلىق نابۇت قىلغان بولسا ئۇنىڭ ياشلىق گۈلىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپسەندە قىلدى. شائىر كەلمەسكە كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ نادانلىقنى، تاجاۋۇزچىلىقنى يېڭەلمەي كەتكەن ئازابى ماڭا مىراس قالدى. ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرگەن نادانلىق، ئۇنى ئۆلتۈرگەن تاجاۋۇزچىلىق مېنىمۇ بوش قويمىدى، توغرا، ئۆلتۈرمىدى، ئەمما ئۆلۈپمۇ قۇتۇلغىلى، قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغان چارەسىزلىككە، ئىزتىراپقا مۇپتىلا قىلدى. بۇ مۇپتىلالىقلار ھەر كۈنى، ھەر يەردە، ھەر نەپەستە مەن بىلەن ياشاپ يۈرۈۋاتىدۇ.
May be an image of monument

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ