ئاچلىقنىڭ تەمى

ئاچلىقنىڭ تەمى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئاچ قويۇش خىتايدا قاماقتا ياتقانلار ئۇچرايدىغان جازلارنىڭ بىرى. گۇندىپايلار مەھبۇسلارنى ئاچ قويۇپ ئىقرار قىلىشقا، بويسۇنۇشقا، باشقىلارنى پاش قىلىشقا زورلايدۇ. خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ماكانىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرغان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ كوۋىد كارانتىناسى باھانىسى بىلەن ئاچ قويۇلۇشى بىر خىل جازالاش تەدبىرىدۇر.

ئۇيغۇرنىڭ شىمالدىكى قەدىمكى شەھرى غۇلجا قامال قىلىنغانغا قىرىق كۈندىن ئاشتى. يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئاچلىقتىن پەريات چېكىۋاتقان قېرىنداشلار چىقارغان سىنلارنى چىقارمىدىم، ئورتاقلاشتىم، ئەمما سىنچىلاپ قاراپ باقمىدىم، مەن قارىيالمايمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا تۈرمە ھاياتىمنى ئەسلىتىدۇ. مەن ئۇ چىرايلارغا قارىيالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنى توققۇز يىل بۇرۇن كۆز ئالدىمدا كۆرگەن. مەن ئۇ نالە-زارغا چىدىيالمايمەن، چۈنكى مەنمۇ شۇنداق كۈننى كۆرگەن، ئۇنداق يىغا-ماتەملەر ئىچىدە ياشاپ باققان، ئاچ قويۇپ جازالىنىپ باققان.

قاماقتا تۈرلۈك جازالاش، قىيناش، خورلاش ئۇسۇللىرى بار. سوراقچىنىڭ ئۇسۇلى باشقا، گۇندىپاينىڭ ئۇسۇلى باشقا، كامېردىكى «ئۆگىنىش باشلىقى» دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇلغان كاتىۋاشنىڭ ئۇسۇلى باشقا. ئەمما ئاچ قويۇش، ئۇيقۇسىز قويۇش، يالغۇز قويۇش ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇللار ھەممىسىگە ئورتاق. سوراقچى سوراقخانادا تاشلاپ قويۇپ ئاچ قويدۇ. گۇندىپاي كامېردا كېچىچە نۆۋەتكە تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۇيقۇسىز قويىدۇ. كامېر باشلىقى باشقىلار بىلەن پاراڭ قىلىشنى، يېقىن تۇرۇشنى، قارىشىشنى چەكلەپ يالغۇز قويىدۇ. ئەڭ يامىنى گۇندىپاينىڭ يالغۇز كىشىلىك كامېرغا قاماپ، ئاستىغا تەرەت تۆشۈكى ئېچىلغان يولۋاس ئورۇندۇققا باغلاپ، ھەم ئۇيقۇسىز، ھەم ئاچ، ھەمدە يالغۇز تاشلاپ قويۇشىدۇر.

ئاچ قويۇپ جازالاش، جازالاشلار ئىچىدىكى ئەڭ يېنىكى، ئەڭ كۆپ كارغا كېلىدىغىنى، ئەڭ ئۈنۈملۈكى. چۈنكى ئىنسان ئاچ قالغاندا كەيپى بۇزۇلىدۇ، نېرۋىسى چېچىلىدۇ، ئاچلىقتىن، ئاچچىقتىن كۆزىگە ھىچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ. بولۇپمۇ مەن كۆرگەن ئۇ ئاچ قويۇش تاماق بار يەردە ئاچ قويۇش، كىشىلەر تاماق يەۋاتقاندا تاماقسىز قويۇش، تاماقنى ئالدىغا قويۇپ قويۇپ يىگۈزمەسلىك بولغاچقا ئىنساننى بەكمۇ قىينايدۇ.

2014-يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا مەن 2013-يىلى 10 سىنتەبىردىن باشلاپ تۇرۇۋاتقان لىيۇداۋان قاماقخانىسى يەنە بىر قېتىم سېرىق سىياسىي جىلىتكە كىيگەن ئۇيغۇرلار بىلەن تولدى. بىر كۈنى سەھەردە ئۇزۇن تاختا كارىۋاتقا دۈمچۈيۈپ ناشتا قىلىۋاتقان ئىدۇق، ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلدى. ھەممەيلەن ئاغزىمىزنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ سەپكە تىزىلدۇق ۋە «گۈئەنجىياۋ خاۋ» دەپ ۋارقىراشتۇق. بۇ بىزنىڭ ئىشىك ئېچىلغاندا دەيدىغان سالام سۆزىمىز ئىدى.

ئ‍اق ماسكا تارتىپ ئاق پەلەي كىيىۋالغان گۇندىپاي ئىشىكنى ئېچىپلا ئىچىدىن چىققان بەتبۇي پۇراقتىن سەسكەندى بولغاي قولى بىلەن بۇرنىنى ئېتىۋالغان ئىدى. ئۇ سېرىق جىلىتكە كىيگەن بىر ئۇيغۇر يىگىتنى ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپلا ئىككى قەۋەت ئىشىكنى جالاقلىتىپ تاقىدى. مەن كامىردا تەرجىمان بولغاچقا ناشتامنى جايىدا قويۇپ خاتىرە قالدۇرۇشقا ياردەملەشتىم. بۇ يىگىت خوتەن شەھرىدىن بولۇپ ئىسمى ياسىنجان ئىكەن. كامېر باشلىقى ئاقسېرىق كەلگەن، بويى ئېگىز، بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان بۇ يىگىتنى خالانىڭ قېشىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ 15 كۈن ئىچىدە باشقىلارغا گەپ قىلسا بولمايتتى، كارىۋاتتا ئولتۇرسا بولمايتتى، خالانىڭ قېشىدا يېتىپ قوپۇشى ۋە شۇ يەردە تاماق يىيىشى كېرەك ئىدى.

مەن ياسىنجانغا قاماقتا ياىدىلايدىغان قاماقخانا قائىدەسى، كامېر قائىدەسى دېگەندەك تىغدىن ئۆتكۈز، قىلدىن ئىنچىگە قائىدەلەرنىڭ ھەممىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈردۈم. ئۇنىڭ قورقۇپ ئۆمچەرەپ كەتكەن ھالىغا جاۋابەن، مىنىڭمۇ ئامالسىزلىقىمنى، بۇيرۇلغان بويىچە قىلمىسا جازالىنىدىغانلىقىنى، جازانىڭ ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

ياسىنجان ئۈرۈمچىدە ھارۋا سۆرەپ مىۋە چىۋە ساتىدىكەن. ئۇ ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن، خىتايدىن ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەن باناندا كېسەل بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا رەسىم كىرگۈزۈپ تارقاتقان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي جىنايەتچى بولۇپ قاپتۇ. ‍ ئۇنى بۇ قاماقتا بىر قانچە كۈن ياتقۇزۇپ خوتەنگە ئېلىپ كېتەرمىش. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەت «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش» ئىكەن.

شۇ كېچە مەن كېچە سائەت 2 بىلەن نۆۋەتچى ئىدىم. قارىسام ياسىنجان خالانىڭ قېشىدا، داق يەردە تۈگۈلۈپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭ چىشلىرى سوغۇقتىن كاسىلداپ كېتىپتۇ. گۇندىپايلارئۇنى كامېرغا قاماشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ كىيىم كېچىكىنى سالدۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى پەقەتلا بىر قاراكۆك كالتە ئىشتان ۋە سېرىق سىياسىي جىلىتكە بىلەنلا قاماپ قويغان ئىدى.

قانداق قارا باستى بىلمىدىم، ياسىنجاننىڭ دۈمبەسىگە مەن ياستۇق قىلىپ يېتىۋاتقان قىشلىق مەھبۇس جىلىتكەمنى ئەكىلىپ يېپىپ تاشلاپتىمەن. كامېردىكى كارنايدىن «نېمە قىلىۋاتىسەن، جىلىتكەڭنى جايىغا قوي» دېگەن ئاۋاز چىققان ھامان قورقۇپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى. بۇ ئېغىر گۇناھ ئىدى. سىياسىي مەھبۇسلارغا كۆيۈنىش ئەمەس، گەپ قىلىشمۇ چوڭ خاتالىق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى يەڭسىز سېرىق جىلىتكە كېچەيۇ كۈندۈز سېلىنماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچ نەرسە كىيىلمەسلىكى، ھىچ نەرسە بىلەن يېپىلماسلىقى كېرەك ئىدى

گۇندىپاي مېنى ئەتە سەھەرگىچە نۆۋەتتە تۇرۇشقا بۇيرىدى. مەن كېچە سائەت ئىككى بىلەن شۇ بىر نۆۋەتتە تۇرغانچە بىر كېچە ئۇيقۇسىز قالدىم. ئەتىسى سائەت 10 بىلەن قاماقخانا باشلىقلىرى، بارلىق گۇندىپايلار ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشكە كىردى. گۇندىپاي ۋاڭ مېنىڭ قىلمىشىمنى قاماقخانا باشلىقىغا دوكۇلات قىلدى. ئورۇق، ۋىجىك كەلگەن باشلىق مېنىڭ باش ئايىغىمغا بىر قاراپ قويۇپ «فەن كادىياۋ» دەپ ۋارقىراپ بىر نېمىلەرنى دەپ كەتتى. بۇنداق دېگىنى تاماقتىن قويۇش جازاسى بەرگىنى ئىدى. بۇ جازا مېنىڭ ياسىنجان بىلەن بولغان بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىمنى، تەرجىمانلىق قىلغان بولۇپ نېمىلەرنى دېيىشكىنىمنى، ئۇنىڭغا قانداق جىنايى يول كۆرسەتكىنىمنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالار ئىمىش. باشلىق شۇنداق دەپ قويۇپ ياسىنجاننى بۆلەك كامېرغا يۆتكەپ چىقىپ كەتتى.

ئەتىگەنلىك ناشتاغا بۇرۇنقىدەك سېرىق قوناق ئۇنى چېلىنغان تۇزسىز ئوماچ بىلەن يەنە شۇنداق تۇزسىز موما بېرىلدى. قاچامغا ئوماچنى، مومانى ئالدىم، تاختا كارىۋاتنىڭ قىرىغا قويۇپ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇردۇم، ئەمما يىيىشكە بولمايتتى. مەن قاماقتا مەھبۇسلارغا نېمە ئۈچۈن تۇز سېلىنغان تاماق بېرىلمەيدىغانلىقىنىڭ سىرىنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن. تۇزسىراپ كەتكىنىمدىن قويلارغا ئوخشاش تاملارنى يالاپ باققنىم، كىيىملەرنىڭ ياقىسىنى شوراپ باققىنىم ئېسىمدە. كىچىكىمدە پادا باققان چاغلاردا قويلارغا شور تۆكۈپ بەرمىسەك شۇنداق قىلاتتى.

چۈشلۈك تاماققا يەنە شۇ تۇزسىز يىسۋىلەك شورپا كەلدى. ئۇنى بۇرۇنقىدەك كامېرنىڭ ئىشىكىدىكى ئالقاندەك كۆزنەكتىن قاچامغا ئۇسۇپ بەردى. قاچامنى ئ‍الدىمغا قويۇپ ئۇزۇن ياغاچ كارىۋاتقان قىرىغا يېقىن زوڭزايدىم. يەنە شۇ خىتايچە موما دەيدىغان تۇزسىز ھورنان ئالدىمدا ھور چىقىرىپ تۇرىدۇ. قورساق ئاچ كوركىرايدۇ، ئەمما يىسەم بولمايدۇ.

كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ ئوخشاشلا يىسۋىلەك شورپا بىلەن ھور ئۆرلەپ تۇرغان ھورنانغا قاراپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتتى. ئەتراپىمدا ھەممەيلەن تاماق يەيدۇ. بەزى خىتاي مەھبۇسلار قەستەن كېكىرىپ قورساقلىرىنى سىلاپ قويۇشىدۇ. گۇندىپايلارنىڭ كۆزنەكتىن ماڭا قاراپ ھېجىيىپ قويۇشى بار تېخى. كامېر باشلىقى مازاق قىلىپ «سەن مۇسۇلمان بولغاندىكىن قانچە كۆپ ئاچ قالساڭ خۇدايىڭ ساڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات قىلىدۇ» دەپ قويدى.

ئىككىنجى كۈنىمۇ شۇنداق تاماقسزى ئۆتتى، ئەمما ئۇيقۇمنى تارتىپ ئالمىغانغا خوش بولدۇم، چۈنكى ئۇخلاپ قالسا قورساقنىڭ ئاچلىقى بىلىنمەي قالاتتى. ئۈچۈنچى كۈنى سەھەردىن باشلاپ قورسۇقۇمنىڭ كوركىراشلىرى، مۇجۇپ ئاغرىشلىرىغا چىداش تەس بولدى.

ئاچ قورساققا پايلىماي توختىماي سۇ ئىچتىم. تولا ئىچىۋېرىپ سۇمۇ بەك لاۋزا تېتىپ كەتتى. يەيدىغان بىر نەرسە چىقىپ قالىدىغاندەك ھەر يانغا قاراپ كەتتىم، كۆزۈمگە كۆرۈنگەن نەرسىنى يەپ باققۇم كەلدى. ياستۇقۇق قىلىۋالغان قىشلىق جىلىتكەمنى ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ كەتتىم، يەيدىغان ھىچ نەرسە چىقمىدى. ئاكام كامېرغا كىرگۈزگەن ئىچ كىيىملەردىن تارتىپ قايتا قايتا ئاختۇرۇپ چىقتىم ھىچ نەرسە يوق ئىدى.

مىڭ تەستە كۈننى كەچ قىلدىم، ئەمما كۈندۈزدە ھەر قانچە چىدىغاندەك قىلغان بىلەن قورساق كاركىراپ ئارام بەرمىگەن ئىدى. بۇنداق كاركىراشتىن كېچىسى ئۇيقۇممۇ كەلمىدى. قورساق توختىماي كولدۇرلايتتى. ئاغزىمغا زەھەردەك ئاچچىق بىر سۇيۇقلۇق ياناتتى. بەلكىم بۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى بولسا كېرەك. ئانام ئاچچىقلانما ئۆتۈڭ يېرىلىپ كېتىدۇ، دەيدىغان، «ئەگەر ئۆتتىكى سۇيۇقلۇق بۇقەدەر ئاچچىق بولسا ھېلىمۇ يېرىلمايدىكەن ئۇ ئۆت» دەپ ئويلىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.

شۇ كۈنى كېچىلىك نۆۋەتچىلىكىم كېچە سائەت 12 بىلەن باشلاندى. كامېرغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. كۆزۈم يەيدىغان بىر نەرسە ئىزلەيتتى. كامېردىكى تاماق قاچىسى، ئاشقان تاماقلارنى تۆكىدىغان چېلەك، كۈندۈزلۈك قايناقسۇ قاچىلايدىغان چېلەكلەر ئۇزۇن بىر تەكچىگە تىزىلغان ئىدى. ئەگەر كامېرغا ئورنىتىلغان ئۈچ كامېرا چىرىسلاپ تۇرمىغان بولسا، نەگەر ماڭسام، نېمە قىلسام ھەممىنى گۇندىپايلار كامېرادىن كۆرۈپ تۇرمىغان بولسا چېلەكتىكى ئاشقان ھورناندىن بىر چىشلەپ يەۋالغان بولسام دەپ ئويلاپ تەكچىنىڭ قىرلىرىغا قەدەر قاراپ كەتتىم. سىنچىلاپ قاراپ تۇرسام بىر توپ سېرىق چۈمۈلىلەر قاتارلىشىپ ھورنان ئۇۋاقلىرىنى توشۇشقا باشلاپتۇ.

چۈمۈلىلەرنىڭ يىڭنە ئۇچىدەك كىچىك ئۇۋاقلارنى توشۇشلىرىغا قاراپ تۇردۇم. ئۇلار مەندىن ئەركىن ئىدى. ئۇلار قاماقتىن خالىسا چىقىپ خالىسا كىرەلەيتتى. ئۇلارنى ھىچكىم كىشەنلەپ قويالمايتتى، سوراق قىلالمايتتى، قىنيالمايتتى، ئىقرارغا قىستىيالمايتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ تەلەيلىك يېرى، ئەڭ بەختلىك يېرى، ئۆزى خالىغان يەردە، ئۆزى خالىغان نەرسىنى يىيەلەييتى. ئۇلارغا كۆزۈمنى ئۈزمەي قاراپ كەتتىم، خۇددى ماڭا ئۇلار چېلەكتىن بىرەر ھورناننى ئوغۇرلاپ بېرىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

بىر چاغدا سېرىق چۈمۈلىلەرنىڭ چېلەككە يېقىنراق بىر يەرگە جۇغلىشىپ قالغىنىغا كۆزۈم چۈشتى. قارىسام ئۇلار قوناقتەك بىر ھورنان ئۇۋىقىنى پارچىلاپ توشۇشقا باشلاپتۇ. دەرھال چۈمۈلىلەرنى قاچۇرۇپ ئۇۋاقنى قولۇمغا ئالدىم-دە ئاغزىمغا كاپ ئەتتىم. ئۇۋاق ئاغزىمدا ئېرىپلا يوقاپ كەتتى، تەمى ھورنانغا ئەمەس، قۇرۇتقا بەكرەك ئوخشايتتى. كىچىك ۋاقتىمدا دادام قۇرۇت يىگىلى قويمايدىغان. ئۇنىڭچە قۇرۇت ئېچىپ كەتكەن، ئىچكىلى بولماس بولۇپ كەتكەن سۈتتىن ياسىلارمىش ئىكەن. قارىغاندا ئۇۋاق ئېچىپ قالغان ھورناننىڭ ئۇۋىقى بولسا كېرەك.

تۆتىنچى كۈنى سەھەردە، ناشتا ۋاقتىدا كامېردىكى كارنايدىن تاماق يىسەم بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. كېيىنچە ئاڭلىسام ياسىنجان سوراقتا ھەر قانچە قىينالسىمۇ مېنى تونۇمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان ئىمىش، ئەلۋەتتە مەنمۇ تونىمايدىغان بىر يىگىتنى، بىرەر ۋاق تاماق ئۈچۈن تونۇيمەن دەپ ئىقرار قىلىدىغان ئاڭقاۋلاردىن ئەمەس ئىدىم. شۇندىن كېيىن ئاچلىق ھەققىدە گەپ بولسا خىيالىم قاماققا كېتىدۇ، ئېسىمگە ھېلىقى چۈمۈلىلەردىن تالىشىپ يىگەن ھورنان ئۇۋىقىنىڭ ئاچچىق تەمى كېلىدۇ.

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ