ئىلھام توختىنىڭ ئاناسى ۋاپات بولدى
كەتتىڭ ئانا، كۈتەلمەي كەتتىڭ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى نەسىپخان قۇناخۇن 2022-يىلى ۋاپات بولغان، خەۋەر ئالاھىدە مەخپي تۇتۇلغانلىقتىن تېخى تۈنۈگۈن خەۋەر تاپتۇق. خىتاي رېجىمى ئىلھام توختىنى2017-يىلدىن بۇيان ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەي كېلىۋاتىدۇ، ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئۇيغۇر گۇندىپايمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلھام توختى ھازىر يالغۇز كىشىلىك كامېردا قىينالماقتا.
ئوغلۇڭ تامان بارالماي كەتتىڭ،
توسقۇنلارنى يارالماي كەتتىڭ،
ئۈمىتسىزلىك ئوغا بولغان كۈن،
ئىلھامىڭغا قانالماي كەتتىڭ.
ئىلھامىڭنى كۆرەلمەي كەتتىڭ،
جۇدالىققا كۆنەلمەي كەتتىڭ،
قىسماقلاردا قىينالدىڭ قۇشتەك،
قاناتىڭنى سۆيەلمەي كەتتىڭ.
ئوغلۇم دېدىڭ ئوغاڭ قاينىدى،
يىغلاپ كۆزۈڭ ئۆچتى يانمىدى،
يۈرىكىڭنى قان قىلدى ھېجران،
مەلھەمىڭنى سۈرەلمەي كەتتىڭ.