ئىنسانلىقىڭ ياۋۇزلۇققا، كىملىكىڭ ئىپلاسلىققا ئايلانسا
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بىز مۇشۇ كۈنگىچە غەرپتە نېمە ئۈچۈن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەمدۇق؟ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ب د ت ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشقا مەبلەغ ئاجرىتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئەنگىلىيەلىك باي ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئاساسلىق چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى؟ نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلار نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئەلچىخاناسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلىدۇ؟
ئۇيغۇرنىڭ غەرپ دېموكراتىك ئەللىرىدە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بىرى ئىنسان بولغانلىقى، يەنە بىرى يوقالسا بولمايدىغان بىر مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا پاناھلىق تىلىگەندە مەزلۇم ئۇيغۇر بولسىز، خىتايدىن پەرقلىق بولغاچقا قاچتىم دەيسىز . ئەمما غەرپتە ياشاۋاتقان پەرقلىق قاراشتىكى، دىندىكى ۋە جىنسىي كىملىكتىكى كىشىلەرگە ئۆچلۈك قىلسىڭىز، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، يوق قىلىشقا مايىل بولسىڭىز، تىلىڭىز ئۇيغۇرچە مەزلۇم، دىلىڭىز خىتايچە زالىم دېگەنلىك بولىدۇ.
غەرپ دېموكراتىيەسى ئىنساننى ئاساس قىلغان. بىر ئىنسان ئىتقا ئىتىقات قىلسىمۇ بولىدۇ، ئېشەكنىڭ ئېغىلىدا ياشىسىمۇ بولىدۇ. ئىنسان باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلماي ھەر قانداق شەكىلدە ياشاش ھوقۇقىغا، پىكىر ھوقۇقىغا، تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش ھوقۇقىغا، تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. غەرپ دېموكراتىك ئەللىرى ئىنسانلىق ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلىق ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار ھېسداشلىققا ئېرىشىۋاتىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرنىلا ئەمەس، ئاجىزلاشتۇرۇلغان، تەھدىتكە ئۇچرىغان ھەر قانداق كوللىكتىپنى قوللايدۇ. ئۇلار يىغىنلاردا ئۇيغۇر ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاياللىق ھوقۇقى، ھەمجىنىسلىق ھوقۇقى، ئىتىقات ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلار ئۈچۈنمۇ سۆزلەيدۇ.
ب د ت ئۇيغۇرلارئۈچۈن خىتاينى ئەيىپلەيدىغان مۇنبەر، بىز ئۈچۈن دوكىلات ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. سەۋەبى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى بار. ئۇ ب د ت نىڭ ئورتاق قانۇنى، ئەزا دۆلەتلەر چوقۇم ئىمزا قويۇشى، قوشۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى شۇ خىتاپنامەگە ئىمزا قويغان، ئەمما خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز. ب د ت دا مەزكۇر خىتاپنامەگە ئىمزا قويغان ئەرەبىستان، ئىران، پاكىستان، مىسىر، يەمەن قاتارلىق ئەللەر ھەمجىنىسلارنىڭ ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداشقا مەبلەغ چىقاردى. ئامېرىكانىڭ فيىرفەكس شەھرىدە ئېلىم ئېلىۋاتقان ئۆسمۈر ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ تاكى ئىستانبۇل، ئەنقەرەگە توپلىنىپ تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلارغىچە نەپ ئالدى. ئەنگىلىيەلىك بىر باي ئۇيغۇرنىڭ يوقالماسلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ جىنايىتىنى سوتلايدىغان سوتىنىڭ ئاساسلىق چىقىمىنى ئۈستىگە ئالدى، خىتايغا جىنايەت ئارتىلدى.
ئۇيغۇرغا يا دىنى، يا تىلى ئوخشىمايدىغان يەھۇدىلار نەچچە يىللاردىن بۇيان ۋاشىڭتۇندا خىتاي ئەلچىخاناسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بىر يەھۇدى تەشكىلات بولسا، شۇلار ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ! ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر كۈنى دۇئا قىلىۋاتقانلار بار، ھەر كۈنى بىردىن ئۇيغۇر تۇتقۇننى تونۇشتۇرىۋاتقانلار بار. سەۋەپ نېمە؟ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يوقالماسلىقى ئۈچۈن.
تارىختا ئۇيغۇرلارغا تەقدىرداش مىللەت يەھۇدىلارمۇ كىملىكى سەۋەپلىك قىرغىنچىلققا دۇچ كەلگەن. بۈگۈن ئۇيغۇرلارمۇ كىملىكى سەۋەپلىك يوقۇلۇش گىرداۋىغا قىستىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئامېرىكانىڭ، يەھۇدىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، چۈنكى مۇسۇلمانلار يوقالمايۋاتىدۇ، بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تەھدىتتە، مەدەنىيىتىنىڭ يوقۇلۇش ئالدىدا، سەنئىتىنىڭ غايىپ بولۇش گىرداۋىدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كىملىكلەرنى قوغدايدىغانلار ئۇيغۇرنى قوغداۋاتىدۇ.
يېقىندا بىزدە ئاياللارغا يۆنەلگەن بىر جىنسىي سەتچىلىك چىقتى. بۇ سەۋەپتىن ئاۋال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاندىن ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇۋاتقان غەرپلىك زىيالىلار ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇلار بىزدىن مەسىلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، نەتىجىدە ئىككى رەھبەر چېكىندى. ئۇيغۇرنى قوللىغانلار ھېلىقى ئىككى ئايالنىمۇ قوغداپ، ئەگەر ئۆزىمىزنى تەكشۈرمىسەك بىز بىلە ئادا جۇدا بولغىلى قىل قالدى. كىم مۇرەسسە قىلدى؟ بىز. كىم چېكىندى؟ بىز. كىم مات بولدى؟ يەنىلا بىز.
خوش، ئەمدى ھەمجىنىسلارغا ياكى بىرەر ھەمجىنىس كىشىگە يۆنەلگەن سەتچىلىك چىقسا ئۇنى قانداق قىلىمىز؟ قەيەرگە چېكىنىمىز؟ ئۆزىمىزنى قانداق ئاقلايمىز؟ بۇ قېتىم خىتايغا ئارتقان ئاقمىدى، ناۋادا يەنە بىر سەتچىلىك چىقسا، ئۇنى خىتايغا ئارتساق، يەنە ئاقمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بىرەر ئۇيغۇر بالا ھەمجىنىس تۇغۇلغانلىق سەۋەپلىك ئۆلتۈرۈلسە، ئۇ سەتچىلىكنى قانداق ئادالايمىز! مۇشۇنداق ھەمجىنىسلىققا قارشى نەپرەت قايناپ تۇرغاندا بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ ئالدىنى ئالمىساق بولامدۇ؟
مېنى ھەمجىنىسلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىدى، دەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلار، ھەمجىنىس تۇغۇلغانلارنى مەقەت ساتارلار، بەچچىۋازلار (ئوغۇللارغا جىنسىي خورلۇق قىلغۇچىلار) بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇپ، قەستەن گەپ يورغىلىتىپ ئاغزىدىن نىجاسەت ئېقىتىۋاتقانلارغا شۇنى دەي. سىزنى غەرپ شۇ سىز تىللاۋاتقان ھەمجىنىسلارنىڭ قاتارىدا قوغداۋاتىدۇ! سىزدەك مىللىي كىملىكى سەۋەپلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرغا پاناھلىقنى بەرگەن غەرپ شۇ جىنسىي كىملىكى سەۋەپلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەمجىنىسلارنىڭ قاتارىدا بەردى. چۈنكى ھەمجىنىسلار جىنسى كىملىكى سەۋەپلىك، سىز مىللى كىملىكىڭىز سەۋەپلىك جازالاندىڭىز، خىتايغا قايتسىڭىز جازالىنىدىغان كۈنگە قالدىڭىز. غەرپ سىزدەكلەرنىڭ بوزەكلەرنىڭ كىملىكىنى قوغداپ پاناھلىق بەرگەن. سىز دۇنيادا شۇ ھەمجىنىسلاردەك ئاجىز، ئاز سانلىق، بوزەك، سۈرگۈندى، يەكلەندى بولماي نېمە؟
خىتاي ئۇيغۇرنى نادان تەربىيەلىدۇق دەۋاتىدۇ. ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ لاگىرلارغا سولاش باشلانغاندا خىتاي ئەرلەرنى يۈكۈندۈرۈپ ئاياللارنىڭ پۇتىنى يۇغىلى سالدى. سەۋەپ نېمە؟ ئۇيغۇرلار ئاياللارنى پەس كۆرىدۇ، شۇڭا تەربىيەلەۋاتىمىز دېمەكچى. ئەمدى، مېنى چەتكە چىققاندىن بۇيان ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ كېلىۋاتقان، ماڭىلا ئەمەس پەرقلىق پىكىر قىلغان ئۇمۇن ئىھسان، كېرەم زاھىر، ئەخمەتجان پىدايى، ئابدۇلئەزىز بەش توغراقلارغا تەھدىت سالغانلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈپ نېمە دەيدۇ؟ لاگىرغا لايىق ئادەملەركەن دېمەمدۇ! سىلەرنىڭ ئانىسىدىن ھەمجىنىس تۇغۇلۇپ قالغانلارغا قىلىۋاتقان ئىپلاسلىقىڭلارنى كۆرسە، بىزنى قوللاۋاتقان دېموكراتىك ئەللەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئېنسانپەرۋەرلەر نېمە دەر؟ خىتاي ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەپ ياخشى قىلغاندەك قىلىدۇ دېمەمدۇ؟ بۇلتۇر 2023-يىلى ئىستانبۇلنىڭ سەلىمپاشادىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مەھەللىسىدە، كىچىكى بەش ياش يۇقۇرى 13 ياشلىق يەتتە قىزغا پەسكەشلىك قىلغان ئەخمەت قادىرنى مۇسۇلمان دەپ قوغدايسىلەر، ئۇيغۇرنى سۈرىيەگە ساتقانلارغا ئىقتىدا قىلىسىلەر، خىتاينىڭ مېلىنى ھالال قىلىپ بەرگەنلەر، ساتقانلار، خىتايغا قاتناپ يۈرگەنلەر بىلەن دوستلىشىسىلەر، شۇنداق پەسكەشلىككە قارشى تۇرغان، پاش قىلغان مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟
چاتاق يوق، مېنى ئۆلتۈرۈپ ئاتا ئاناڭلارنى قاماقلاردىكى ئېشەكتەك ئىشلەش، ئىتتەك كۈچۈكلىنىش تەقدىردىن قۇتقۇزالىساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار. مېنى بوغۇزلاپ سىڭلىڭلارنى، ئاچاڭلارنى خىتاينىڭ تاپىنىدىن تارتىپ چىقارغىلى بولسا ئۆلتۈرۈڭلار. مېنى قەتلە قىلىپ ئاكا ئىنىلىرىڭلارنى كىشەنلەپ قويۇپ يەڭگەڭلارنىڭ نومۇسىغا تېگىۋاتقانلاردىن قۇتۇلالىساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار. ئىنسانلىقىڭلار ياۋۇزلۇققا، كىملىكىڭلار ئىپلاسلىققا ئايلانغان بولسا قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەن ئۆلۈمدىن، زۇلۇمدىن قورقۇپ تۈگۈلۈپ ياشىغان ئەمەس، جەمىيەتتە كۆپسانلىققا ئايلىنىپ تۆرگە چىقىشتىنمۇ تامايىم يوق. مەندىن نەپرەتلەنسەڭلارمۇ، سۆيۈنسەڭلارمۇ بەرىبىر. مەن ھەر قانداق كىشىگە، كوللىكتىپقا قىلىنغان زالىملىققا ئۆچ. مەن مەڭگۈ مىللى كىملىكى سەۋەپلىك خاراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلار، جىنسى كىملىكى سەۋەپلىك خورلىنىۋاتقان ھەمجىنىسلار تەرەپتە تۇرىمەن.