ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىدىكى ئالۋۇن

ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىدىكى ئالۋۇن

خىتاي بىلەن تالىبانلارنىڭ دوستلۇقى مىنىستىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشتى. بۇ غەلىبىنى ئالدى بىلەن خىتاي تەبرىكلىدى. تۈركىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئەرباپمۇ تالىبانغا دوست تارتقان بولدى. دىققەتكە سازاۋەركى، تۈركىيەدە دىندار ئاق پارتىيە ئاتامانلىرى ئۇيغۇر ئەرباپلاردەك تالىباننى تەبرىكلىمىدى. ھەتتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ تالىباننى تالىباننى نە تەبىرىكلىمىدى، نە تەستىقلىمىدى.

تالىباننىڭ كابۇلنى كونترول قىلىشى خىتاينى ھاياجانغا سالدى. خىتاي بۇنى تالىباننىڭ ئامېرىكا ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. خىتاي بۇ ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا ھازىرلىنىپلا قالماي دۇنيانى بۇ «رېئاللىقنى ئىتىراپ قىلىشقا» چاقىردى. پاكىستانلىق سىياسىي ۋە دىنى سەرخىللارنىڭ كۆپى كۈتۈلگەندەك خىتاينىڭ مەيدانىنى تەكرارلىدى، ئەمما تۈمەنلىگەن ئافغان كۆچمەننى چىگرادا توسۇۋالدى. تۈركىيەدە تالىباننىڭ غەلىبىسىدىن ئەڭ ھاياجانلانغىنى داڭلىق تۈرك ئۆلىمالار ئەمەس بەلكى دىنسىز كومۇنىستلار بولدى. ھاياتى ئىسلام، ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى بىلەن ئۆتكەن خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچەك تالىباننى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يەڭگەن قۇتقازغۇچى قەھرىمانغا چىقاردى. ئۇ تالىبان ھەرىكىتىنى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتتى.

خىتاينىڭ دوستى تالىباندىن سۆيۈنگەن ھاياجانلىق مىنۇتلىرى ئاخباراتلاردا يېيىلدى. ھەتتا خىتاينىڭ مەتبۇئاتلىرى كابولدا فىلىم ئىشلەپ تالىبان كونتروللىقىدىكى ئافغانىستاننى «ئىنتايىن بىخەتەر» دەپ تەرغىپ قىلىشتى. ئەمما شۇ «ئىنتايىن بىختەر» يەردە ئادەمبومبا ۋەقەسى بولۇپ ئىنسانلار جانلاردىن جۇدا بولدى. تۈمەنلىگەن كىشىلەر شۇ «بىخەتەر» دېيىلگەن يەردىن قېچىش ئۈچۈن ئايرۇپورتقا ئاقتى، ئايرۇپىلانغا ئېسلىپ ھاياتىدىن خوشلاشتى.

خىتاينىڭ تالىباننىڭ قولىدىكى ئافغانىستاندا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىشىمۇ تاسادىپىلىق ئەمەس. ئۇ بىر يېڭىلىقمۇ ئەمەس. چۈنكى 1996-يىلى ئافغانىستاندا تالىبان ھوقۇقنى ئالغاندا خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى چېكىنمىگەن. خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ بارلىق خادىملىرى ئافغانىستاندىن ئاساسەن چېكىنگەن ئەھۋالدىمۇ خىزمەتنى نورمال داۋام قىلغان. خىتاي 2001-يىلى سىنتەبىردە ئامېرىكا باشلىق ناتو قىسىملىرى كابولدىكى تالىباننى بومباردىمان قىلغىچە شۇ يەردە موقىم تۇرغان. بۇ قېتىم دۆلەتلەر تالىباندىن چېكىنىپ چىقىۋاتقاندا خىتاي ئاخباراتى ئافغانىستاننىڭ «ئىنتايىن بىخەتەر» ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەلۋەتتە، كونا دوستلار بىر بىرىنىڭ يېغىرىنى ئاچمايدۇ.

خىتاينىڭ تالىبان ھوقۇقنى ئالغان ھامان مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر قوراللىقلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ توختىماسلىقىمۇ بىر تاكتىكا مەسىلىسى. خىتاي تالىباننىڭ ئۇيغۇرنى 25 يىلدىن بېرى خىتايغا يېقىن چىگراغا يېقىن يولاتمىغاندەك بۇ قېتىممۇ ئۇلارنى ۋاخان كارىدورىغا يېقىنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما دۇنياغا ئۇيغۇرنى تېرورچى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇنى قەستەن تەكىتلەيدۇ، ئاتايىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاينىڭ خۇددى ھەممىنى ئالدىن بىلگەندەك بىر ساختا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ياساپ چىققانلىقىمۇ سىر ئەمەس.

خىتاي ياساپ چىققان ساختا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئافغانىستاندا بىر مەزگىل پائالىيەت قىلغان بولۇپ 2020-يىلى 10-دېكابىر پاش بولغان، تۇتقۇن قىلىنغان ئەزاسى ئون. ئۇلارنىڭ 8 نەپىرى ئۇيغۇر، قالغان ئىككىسى خىتاي. بۇ ساختا تەشكىلات تالىباننىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچلىرىدىن بىرى بولغان ھەققانى گورۇھى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان ۋە كابۇلدا مەخپىي كۆرۈشكەن. خىتاي ئامېرىكا تالىبان بىلەن كېلىشىپ ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلغان چاغدا ھەرىكەت باشلىغان. ئامېرىكا ترامپ دەۋرىدە تەييارلىق قىلىپ بولغىچە خىتاي بىر ساختا ئۇيغۇر تېرورلۇق گورۇھىنى پەيدا قىلىپ تەييار قىلغان. ئەگەر شۇ ساختا تېرورچىلار پاش بولمىغان بولسا بۇ كەمگىچە بەلكىم بىر قانچە يەردە پارتىلاشنىڭ ئىگىسى ئۇيغۇر بولغان بولاتتى.

ئافغانىستاندىكى ئېنىقسىز ۋەزىيەت ئۇزاققا داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن زىيانلىق، بەلكىم خىتاي يەنە بىرەر ھېلى ئويلاپ چىقىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىغا قورقۇنچلۇق زەربە بېرىشىمۇ مۇمكىن. تالىبان 1996-يىلى ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرغان چاغدىمۇ خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە بىنورمال ۋەقەلەر تۇيۇقسىز كۆپلەپ كەتكەن. تەبلىغلەرمۇ قايناپ كەتكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ دەل شۇ تالىباننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن دىنى ۋە مىللىي داۋا دەپ ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن.

تالىبان تۇنجى قۇرغان ئىسلامى ئەمىرلىككە خۇددى بۈگۈنكىگە ئ‍وخشاشلا پاكىستاندىن تەبرىكلەر كەلگەن، خىتايدىن ئۆمەكلەر، مۇخبىرلار بارغان ۋە بىن لادىن بىلەن كۆرۈشكەن. بىن لادىن بىر قەھرىمان دېيىلىپ خىتايدا كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تالىبانغا پاكىستان، ئەرەبىستان ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن باشقا ئىتىراپچى چىقمىغان. بۇ ئىتىراپچىلارنىڭ ئۇيغۇرنى قارىلاشتا، ئوۋلاشتا ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە ناھايىتى ئاكتىپلىقى نەزەرگە ئېلىنسا مەنزىرە بەكمۇ مەنىدار.

خىتاي 1996-يىلى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئىتىراپ قىلمىغان بىلەن ئەلچىخاناسىنى نورمال ئىشقا سالغان، تالىبان بىلەن دېپلۇماتىيەنى قانات يايدۇرغان. ئەپسۇسلۇق يېرى، تالىبانغا ئىتىراپچى پاكىستان، ئەرەبىستان ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قىرغىنچىلىق قىسمىتى كەلگەندە ناتىۋان ئۇيغۇرنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھەتتا ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خىتاينىڭ تۈرمىسى بارلىقى پاش بولۇپ قالغان بولدى. ھازىر بۇ مەخپىي تۈرمىدە قانچە ئۇيغۇر بار، ئۇلارنىڭ ھالى نە بۇ تېخىچە بىر مۇئەمما. خىتاي دۇبەيدە قۇرغان تۈرمەنى تالىباننىڭ قولىدا يەنە قۇرۇشىمۇ، يەنە بىر شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.

تالىباننىڭ ئىسلام ئەمىرلىكى قالپىقى مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىغا يىغقانىدى. بۇ 2001-يىلى سىنتەبىردىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا تېرورچى دېگەن بەتنامىنى ئارتىشقا يارىدى. خىتايمۇ شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرنى تېرورچى دېيىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچى دېيىلسە، مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدۇ دېيىلسە خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بولۇشمايدۇ. مۇستەقىللىق ئىددىيەسى پىكىر ئەركىنلىكىگە مەنسۇپ مەسىلە. دېموكراتىك ئەللەر خىتاي ھەرقانچە تەلەپ قىلسىمۇ ئۇيغۇردىكى بۇ ئەركىنلىكنى چەكلىمايدۇ. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىنى تېرورىزىم تەھدىتى دەپ بېقىپ بازار تاپتى. 22 ئۇيغۇرنىڭ تالىبان سېپىدە، ئافغانىستاندىن قاچقانلار ئارىسىدا بولۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى تېرورچى قىلىشغا تولۇق باھانە تېپىپ بەردى. نەتىجىدە خىتاي ئامېرىكا ئىلگىرى سۈرگەن تېروچى ئۇقۇمى بويىچە ئۇيغۇرنى لاگىرلاشتۇردى.

تالىباننىڭ بۈگۈنكى ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقان خىتاي مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تېروچى كۆرسىتىشكە تېخىمۇ كۈچەۋاتىدۇ. يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر تۈركۈم يوشۇرۇن ئىسىملىق تالىبانلار ئۇيغۇردا بىر تالىبان قىزغىنلىقى قوزغاشقا زورۇقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىسمى سورالسا ئۇلار «پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەقىقى ئىسمىنى دەپ بەرمىگەن» دەپ قۇۋلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئىسلام بىلەن نىقاپلاپ كىشىلەرنى گۇمان قىلالماس، سوئال قويالماس، قارشى چىقالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. تالىباننىڭ تەشۋىقاتى تورنى تۇيۇقسىز قاپلاپ كەتكىنى ئۈچۈن فېيىسبۇكمۇ ئۇلارنى چەكلىدى، بۇ بىزگە توردىكى خىتاي تالىبان ھەمكارلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ، بۇ بىر قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.

ئافغانىستاندا ساختا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قۇرالىغان ۋە سەككىز ئۇيغۇرنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ  تالىباننىڭ مەھشۇر ھەققانى گورۇھى بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرغۇزالىغان خىتاي توردا تالىبان قىزغىنلىقى قوزغىيالايدۇ. بەزى ئىمانلىق ساددا كىشىلەرنى يېزا يېزىلاردىن ئىسلام بىلەن قىزىقتۈرۈپ سۈرىيە چۆللىرىدە، ئىراق سەھرالىرىدا خاراپ قىلالىغان خىتاي مۇھاجىرەتتە ئامان قالغان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلارنى تالىبانغا يوللاشقا تامامەن قادىر.

خىتاي تۈركىيەنى «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ ئىجراچى دۆلىتى قىلىپ تاللىدى. ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە قورال ئېلىشقا تەشنا ئالتۇندەك ياشلار يەنىلا تۈركىيەدە كۆپ. ئەگەر سۈرىيەگە ئېچىلىپ كەتكەن قاپقاقلار ئافغانىستانغىمۇ ئېچىلىپ كەتسە، چىگرادا كۆزلەريەنە  يۇمۇلۇپ كەتسە چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. سۈرىيەدىكى پالاكەت ئون يىلدىن كېيىن ئايدىڭ بولدى. تالىباننىڭ پالاكىتى باشلىنا باشلانمايلا پاش بولۇپ، خىتاي قۇرغان ساختا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ مېزى چۇۋۇلدى. ئەمما يۇقارقىلارنى قىلغان خىتاي يەنە قىلىشقا قادىر. بۇ ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە پاكىستان بىلەن ھەمتاۋاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تەجرىبىسى.

ئۇيغۇرنى 1957-يىلدىن باشلاپ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلەپ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن خىتاي 1996-يىلى تالىبان ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇشىدىن كېيىنلا پەدىنى ئۆزگەرتتى. خىتاي تالىباننىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئۇيغۇردا بىنورمال كۆپەيگەن دىنىي كىتاپ، تەبلىغ ۋە پارتىلاشلارنى باھانە قىلىپ «شىنجاڭغا ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەردىن كېلىدۇ» دەپ جاكارلىدى. خىتاي ۋەتەندە بىر «خەۋپ»نى تەشۋىقاتتا ئىككى قىلىشىغا ماسلاشقاندەك مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرمۇ دىنچى ۋە مىللەتچى دەپ ئىككى قاشقا ئايرىلدى. خىتاي تەشۋىقاتتا ئايرىغان بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەمەلىيەتتە بىر بىرىگە دۈشمەن بولدى.

خىتاي ئافغانىستاندا بىرىنجى قېتىملىق ئىسلام ئەمىرلىكى قۇرۇلۇشى بىلەنلا مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق داۋاسىنى دىنىي ۋە مىللى دەپ ئىككى قاناتقا ئايرىشتا غەلىبە قىلغان. «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرغا تېرورچىلىق قالپىقى كەيدۈرۈلدى. خىتاي ۋەتەندە قالپاقنى بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ قىلىۋېدى،  مۇھاجىرەتتە يول ئۈچىنچى بىر يول مەيدانغا چىقتى. بو يولدىكى بەزى قوراللىق قارشىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىشىلەر كۆك بايراقنىمۇ كەچتى. ئۈچىنجى يولدىكى بۆلۈك كىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تالىبانلار قاتارىدا جاندىن جۇدا بولغانلارنىڭ بولۇشى خىتاينى باھانە بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي بۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىپ ئۇيغۇرغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ. شۇنداق بۇ جىنايەتنى تېرورلۇققا قارشى تەدبىر دەپ ئاقلاۋاتىدۇ.

دېمەك، تالىباننىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشىدە كۆرۈلگەن بىر سىرلىق قۇيۇن، بىر ئالۋۇن. تالىبان پاكىستاندا مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا شەكىللىنىشكە باشلاپلا ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىغا پاكىستان ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان بىر ئالۋۇننى پەيدا بولدى. بۇ ئالۋۇنغا ئەگەشكەنلەر ۋەتەندە مۇسۇلمان بىلەن ئۇيغۇرنى ئايرىغاندىن كېيىن خىتاي مۇھاجىرەتتە مۇستەقىلچىلەرنىڭ دىنچى ۋە مىللەتچى قىلىپ ئىككى قاشقا بۆلۈنۈشكە خېمىرتۇرۇچ سالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىم ئەمىرلىك قايتا قۇرۇلغاندا خىتاي ياغلىق قاپاق بولۇپ كەتكەن «ئىسلامىي ئاشقۇن» دېگەن ئويۇننى خەلقئارادا يەنە ئوينىماقچى بولۇشى مۇمكىن. مۇھاجىرەتتە بۇ ئۇيۇنغا داپ چالغانلار خىتاينىڭ ئادىمى بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ساددا دىنىي قىزغىنلىقى، تالىباننىڭ ئىسلام ئاتالغان ھاكىمىيىتىگە بولغان ھېسىداشلىقى ئۇلارنى خىتايغا ئىشلەيدىغان گۇماشتىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. خىتاينىڭ تالىبان بىلەن قويغان ئويۇنىغا بىر قانچە ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر ماسلىشىپ تاشلىدى. زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، سەمىمىيەتكە ئەمەل قىلمىغان تالىباننى فېيىسبۇك چەكلىدى. فېيىسبۇك تالىباننى چەكلىگەن بىلەن، ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان تالىبانلارنى چەكلەش چەكمەسلىكى ئەقلىگە ھاۋالەدۇر.

 

 

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ