ئۇيغۇر ئەدىپلەر ئوخشىمايدۇ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
خەلقئارا قەلەمكەشلەرنىڭ 2022-يىللىق قۇرۇلتىيىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلار پاجىئەسى سۆزلەندى. يىغىندا ئەسلى تۇتقۇن قىلىنغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، خەۋپتە قالغان يازغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشتىكى تەجرىبە، تەدبىر ۋە ساۋاقلار مۇھاكىمەلەر قىلىناتتى. تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قىسمىتىمۇ دىققەتكە سازاۋەر بولدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىللىقى يىغىن 8-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە پولشانىڭ گدانسك شەھرىدە بولغان ئىدى. مەن يىغىندا پۇرسەت تېپىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ سانى، قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە پاجىئەسىنى تونۇشتۇردۇم. مەرھۇم ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، ئادىل تۇنىياز ۋە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتى ھەققىدە سەل تەپسىلى توختىلىش پۇرسىتىم بولدى. سۆزۈم تۈگەپ تۇرۇشىغا بىر خادىم -ئۇلارنىڭ سانى بىز پەرەز قىلغاندىنمۇ بەك كۆپ ئىكەن، قوبۇل قىلىپ بولالمايمىز. بۇ يىل قۇتقۇزۇشقا ئىلتىماس باشقا يىللاردىكىدىن زىيادە كۆپ، نەچچە يىللاپ ساقلاپ كەتكەنلەر بار، دەپ قالدى. تۇرۇپلا قالدىم. مەن ئۇلارنى ياۋرۇپاغا قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، ياشاش ھوقۇقىنى قانداق قوغدايمىز، دېگەن مەقسەتتە ئىدىم.
يىغىنغا كەلگەنلەر ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھەر قايسى ئەللەرگە قوبۇل قىلىنغان خەتەردە قالغان يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان، قوبۇل قىلغان ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. يىغىندا مەندىن بۇرۇنقى سۆزلىگۈچىلەر خەۋپتىكى يازغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش تەجرىبىسى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى.
يىغىندىكى ئەڭ قىزغىن تېما خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنى ۋەھىمىدىن قانداق قۇتقۇزۇش ھەققىدە بولغاچقا مەزكۇر خادىم مەن تىلغا ئالغان 128 ئۇيغۇر يازغۇچىنى ياۋرۇپاغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. دېمىسىمۇ يىغىندا ئافغانىستاندا تالىبانغا، غەززەدە خاماسقا، سومالىدا مەغرىپكە تۇتۇلۇشتىن قورقۇپ چەت چىگرالاردا يوشۇرنۇۋالغان، كۈن ساناپ ياشاۋاتقان يازغۇچى سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خەتەردە دەۋاتقان، بەس بەستە قۇتقۇزۇشقا كۈچەۋاتقان يازغۇچىلار ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا قارىغاندا تەلەيلىك ئىدى. ئۇلار ئۆزى ئۇ يەر بۇ يەردە پىنھاندا بولغان بىلەن ئىجادىيەتلىرى ئاشكارە ئىدى. بەزىلەرنىڭ ھەتتا چەتئەلدە كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئۇلار يۇتۇپ، فېيىسبۇك، تۋىتتىر ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سىرىتقى دۇنياغا ئەمەس، يېنىدىكى كامېرداشقا، ئەڭ يېقىن كىشىسىگىمۇ دېيىشكە، بىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى.
خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنى مىسىر، بېنگال، سۇدان، ئىراق، ئىرانلاردا قىيناۋاتقان، غەرپكە ئۈندەۋاتقان ئامىل ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ئىدى. مەن خەتەردە دەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمايۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بولسا ياشاش ھوقۇقى، تىرىكلىك پۇرسىتى تارتىۋېلىنغان ئىدى.
خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنىڭ كۆپى پاسپورتسىز ئەمەس، ئۇلار ياۋرۇپاغا قېچىپ چىقالايدۇ، ئۇلارنى بىر ئاماللار بىلەن مېكسىكادىن ئامېرىكا چىگراسىغا ئېلىپ كىرگىلى بولىدۇ، ئەمما تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇنداق ئامەتلىك ئەمەس، ئۇلار قاماقتا، ئۇلارنىڭ پاسپورتى ئەمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ ئوي خىيالىمۇ يۇلۇپ ئېلىنغان.
يىغىندا ئۆزىنى، ھاياتىنى خەتەردە دەپ سۆزلەۋاتقانلار دەۋاتقان تەھدىتلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر قىسمى. ئۇلارنى كېچە كۈندۈرز تەقىپتە تۇتۇۋاتقىنى بىر تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكىچى ھەربى كۈچ. ھالبۇكى، يىغىنغا قاتناشقان خەۋپتىكى ئەدىپلەرنى قورقۇتقان كۈچ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مىللىتىدىن بولغان زالىم ھاكىمىيەت ۋە ئىسلام نامىدىكى ئەسەبى كۈچلەر ئىدى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلار بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا دۇنياغا تىۋىت ئاتمىدى، ئاتالمايدۇ. ئۇلار ھاكىمىيەتتىن ئىھتىيات قىلدى، ئەمما قورقۇپ قەلەمنى تاشلىمىدى. ئۇلار غەرپكە بارغاندىن كېيىنلا ئەركىن ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىلان پروجەكتلەرنىمۇ سۇنمىدى. ئەكسىنچە ئۇلار كۆز ئالدىمدىكى يازغۇچىلار خەتەر دەۋاتقان رىئاللىقنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سەيناسىدا ئۆزىنى تۇيغۇسىنى، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كىملىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇيغۇرلۇقنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى رومانلاشتۇرۇپ چىقتى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىن باشلاپ تاكى ئاخىرقى دۆلىتي يىقىلغانغا قەدەر بولغان تارىخنى ئەدەبىي شەكلىدە يورۇتۇپ چىقتى. بىر دۆلەت پىلانلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان كىملىك بىناسىنى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈنسىز ھەمكارلىق ئىچىدە تاماملىدى. بىرى بېشىنى باشلىسا يەنە بىرى داۋامىنى ئۇلىدى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلار يىغىندىكى خەتەردە قالغان مۇسۇلمان يازغۇچىلاردىن تەلەيلىك ئىدى. بەزى مۇسۇلمان يازغۇچى، رەسسام، ھەيكەلتاراش، مۇزىكانت سەنئەتكارلار ئاشقۇن ئىسلامچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغانلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار مەن كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئىرىقچى ياۋرۇپالىق، فاشىست خىتايدىنمۇ بەكرەك ئىسلامغا ئۆچ ئىدى. ئۇلارغا قاراپ ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتىگە مەستلىكىم كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر يازغۇچىلار ھىچ قاچان ئۆز خەلقىنىڭ دىنىغا قارشى بۇنداق بىر ئاشقۇن كەيپىايتتا بولۇپ باقمىدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىدىن چىققان مۇزىكانتلارنى، ناخشىچلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرسە كۆتۈردىكى ئۇلارنى ساز چالغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىغا پاتماس قىلىپ قويمىدى، ئۇلارنى قوغلاپ سۈرمىدى، مەھمۇد قەشقەرى، ھۈسەيىنخان تەجەللى، غازباي، تۇنجى پەننى مەكتەپ قۇرغان ھۈسەيىن مۇسابايوف ۋە باۋۇدۇن مۇساباي قاتارلىق ئۇلۇغلارنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ ۋەيران قىلمىدى.
مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغان ئىش پەلەستىندىن قېچىپ چىققان يازغۇچى، مۇزىكانت ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىسرائېلىيە زۇلمىغا ئەمەس، خاماسنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى بولدى. ئۇلار خاماسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ گازادىن قېچىپ چىققان ئىكەن. بۇ ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان ئەرەپ يازغۇچىلاردىن ھىچ بىرىنىڭ غەرپتىن پاناھلىق تىلىمەسلىكى بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما ئىدى. بۇ غەلىتە ئەھۋال ماڭا ھازىر قاماقتا يېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ «ئۆزىمىز قۇرغان بىر دۆلەت بولغان بولسا، ئۆز تىلىمىز ھاكىم بولسا، ئۆز بايرىقىمىز لەپىلدەپ تۇرسا كومۇنىستىك بولسىمۇ مەيلى ئىدى» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.
يىغىندىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇلغان يازغۇچىلار بىلەن ھەر قېتىم سۆھبەتلەشسەم قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا قايىل بولىمەن. ئۇلار ئەركىنلىك يوق يەردە ئەركىنلىك ئۈچۈن يازدى، تارىخ تەقىپ قىلىغان يەردە تارىخ ياراتتى، ئىددىيە جىنايەت سانالغان يەردە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىددىيە ئاساسىنى تۇرغۇزدى. ئۇلار خەلقىنى سەپلەرگە بۆلمەي، ئۇيغۇرلۇق بايرىقىغا بىرلەشتۈردى. ئۇلارنى خەلقى قوغدىيالىمىسمۇ تۆردىن چۈشۈرمىدى، ئۇلارمۇ خەلقى كۆيگەن ئوتتا كۆيۈشنى ئەلا بىلدى. مۇشۇ يىغىندىكى يازغۇچىلار ياۋرۇپاغا قانداق قېچىشنى پىلانلاۋاتقاندا قۇربان مامۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى، ھەبىبۇللا توختىلار ئۆز خەلقىنىڭ باغرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
مەن يىغىندا خەتەردە قالغان خەلقئارا قەلەمكەشلەرنى قۇتقۇزۇش تۈرىگە ئىشلەۋاتقانلار بىلەن قايتا قايتا ھەمسۆھبەت بولدۇم. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلار، شائىرلار، سەئەتكارلار، رەسساملار، خەتتەتلار ۋە ئاخباراتچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە پاراڭلاشتىم. مەن ئۇلارغا «بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىپلەر خەتەردە قالغان باشقا ئەدىپلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ياۋرۇپاغا كۆچۈرۈپ كېلىش شەرت ئەمەس. پەقەت ئۇلارنىڭ ھۆر ياشاش ھوقۇقىنى قوغدىساقلا ئۇلار ھۆرلۈكنى ئۆز زېمىنىدا پەرۋىش قىلالايدۇ، ياشىتالايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىساقلا ئۇلار ھاياتلىقنى قانداق قوغداشنى بىلىدۇ» دېدىم.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مېنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ نورۋېگىيەگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنى تونۇشتۇردۇم، خۇداغا شۈكۈر ئىككىلىسى قوبۇل قىلىندى، ئۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەگە كېلىپ ھاياتىنى باشلاپ بولدى.