ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى

ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى

پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇردا مۇنازىرىلىك يازغۇچى ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە نوپۇزغا «خوشياقماس» پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىر شەخس، ھاكىمىيەتنىڭ نەزەرىدە باش ئەگمەس ئۆكتىچى زىيالى ئىدى. ئۇنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەپتىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغانلىقىدىن باشقا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان پىكرىنىڭ داڭقىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا كۆپىنچە چۈشىنىلمەي، ئېلان قىلىنماي نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇپ قالاتتىكەن.

مەن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئ‍ۇ قەدەر دۈشمەنلىك بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپكە بىر قانچە قېتىم شاھىت بولغان ئىدىم. بولۇپمۇ «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتاپ چىققاندا پەرھاتنىڭ پىكرى سەۋەپلىك پەيدا بولغان بىئاراملىق، بىزارلىق ۋە نارازىلىقنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. ئۇ كىتاپتا ئەۋلىيا دېيىلگەن كىشى قۇربانجان تۇرەك بولۇپ شۇ يىللاردا مەشھۇر بولغان، دىندار كۆرۈنىدىغان بىر قابىل سىھرىگەر ئىدى. قۇربانجان ئادىل ھوشۇرنىڭ سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىئانە يىغىش، رەئىسلەرنىڭ سورۇنىدا كارامەت كۆرسىتىش، كېسەللەرنى «داۋالاش » قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تونۇلغان، مەرھۇم يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ تەرىپىگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تازا ئ‍القىشلىنىۋاتقان بىر شەخس ئىدى. پەرھات تۇرسۇن دەل مۇشۇ كىشىنى ئۆزى ئاچقان كىتاپخانىدا تارىختىكى «ئەۋلىيا» ئاپاق خوجاغا ئوخشاتتى. بولۇپمۇ قۇربانجاننىڭ ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بېشىنى ئۇۋلاپ داۋالاپ تۇرغان كۆرۈنىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلدى.

پەرھات تۇرسۇن ئەتراپقا يىغىلغان كىشىلەرگە تارىختىكى ئەۋلىيالىقنى يېشىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەۋلىيا دېگەن ئۇقۇمغا چۈشەنچە بەردى. ئاندىن ئاپاق خوجانىڭ قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈرش ئۈچۈن گەپنى ئۇنىڭ خىيانەتلىك ھاياتىنى قەلەمگە ئالغان مۇھەممەت سادىق قەشقەرىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان»دىن باشلىدى. ئاپاق خوجا ۋەتەنگە باشلاپ كەلگەن، ئۇيغۇرنىڭ مۇنقەرىزلىك قىسمىتىگە تۇنجى سەۋەپكار بولغان غالدان قونتەيجى بىلەن 1949-يىلدىن كېيىنكى تاجاۋۇزچى كاتىۋاش، ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە، ۋەيران قىلىشقا زورۇققان، ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەرنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان ۋاڭ ئىنماۋنى سېلىشتۇرما قىلدى. ئاخىرىدا مەيلى تارىختىكى ئەۋلىيالار بولسۇن، ياكى رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا بولسۇن ئۇيغۇرغا ۋاپا قىلمىغانلىقىنى، ئەۋليا دېگەن ئۇقۇمغا ئىشىنىپ ھاياتىنى دوغا تىككەن كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنى ئەۋلىيا ساناپ سەللە ئورۇۋالغان سىھىرىگەرلەرگە ئەگەشكەن مىللەتنىڭ خەيىرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. بۇ چۈشەنچىلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان بىرەيلەن پوسۇققىدا «سىزنىڭ قۇربانجان تۈرەكتە بىرەر ئۆچىڭىز بارمىدى؟» دەپ سوراپ قالدى. پەرھات تۇرسۇن شۇئان ماڭا «قاراڭ بۇ نادانلىقنى» دېگەندەك لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ نېرى كېتىپ بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردى.

كىتاپخانىغا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» نى كۆتۈرۈپ كىرگەن كىشىمۇ، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەرمۇ بىرەر قۇر قىزىرىپ تاتىرىپ تالىشىپ باقتى، ئەمما ئۇنىڭ پاكىتلىق سۆزلىرى ئالدىدا يا قۇربانجاننىڭ ئەۋلىيا ئەمەسلىكىنى تەن ئالالماي، يا ئاللىقاچان تىكلەپ بولغان ئەۋلىياسىنى تېخىمۇ پۈۋلەپ پارقىرىتىپ بولالماي، ياكى ئەۋلىيا دېگەن ساختا ئۇقۇمدىن ۋاز كېچەلمەي رەللە بولۇشتى. مەن ئارىغا كىرىپ سالا قىلغان بولدۇم، ئەمما ھېچكىم ھېچكىمدىن رازى بولمىدى. ئاخېرى خېرىدارلار «سەندەك دەھرىينىڭ كىتاپخانىسىغا كىرگەن بىز ئەخمەق» دېيىشىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.

«قارا ئوت» پەرھات تۇرسۇننىڭ كىتاپخانىسى بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر ئەڭ قاينايدىغان يېرى بولغان شامالباغ مەھەللىسىدە ئىدى. خىتايچە يەنئەنلۇ دېيىلىدىغان بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپېرا ئۆمىكى جايلاشقان بولۇپ ئۇ ئەتراپ زىيالىلار، ئۆلىمالار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى ئىدى. شۇ ئەتراپتا ئۈن-سىن دۇككانلىرى، كىتاپخانىلار ۋە نەشرىياتلار كۆپرەك ئىدى. پەرھات تۇرسۇن كىتاپخانىسىنى «ئۇيغۇر لىبراللارنىڭ فرونتى» دەپ ئاتايتتى. بۇ فرونت مەندەك كونسىرىۋاتىپ ياش زىيالىنى پات پات ئوچۇقداپ ئويغىتيىپ تۇرغان ئىدى.

پەرھات تۇرسۇن شۇ كىتاپخانىدا بولغان بىر يىغىلىشتا مېنىڭ «ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەلەردە مەدەنىيەت چىنلىقى» دېگەن ماقالەمنى كونسېرىۋاتىپلىق نوقتىسىدىن تەنقىت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە قەدىمدىن قالغان ھەممە مەدەنىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىھاجەت ئىكەن، بىر مىللەت كىشىلىرى ئەنئەنە، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت دەپ قاراپ كەلگەن مىراسلارنىڭ ھەممىسى تەرغىپ قىلىنىشقا ئەرزىمەيدىكەن. ئۇ ماڭا شۇ كۈنى پالچىلىق، جىنكەشلىك، داخانلىق دېگەن ئادەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ساداقەت بىلەن ساقلاپ كەلگەن ئەڭ قەدىمقى ئەنئەنە بولۇشىغا قارىماي كىشىلەرنىڭ مېلىغا، جېنىغا ۋە روھىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىدى. شۇ كۈنى قايىل بولغان بولمىغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئەمما بەلكىم ئوخشىمىغان نوقتىدىن قىلىنغان پىكىر بولغاچقا ۋە ياكى بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا يۈز خاتىرە قىلماي «ماقالىڭىز يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان كونا قۇرۇق گەپ ئىكەن» دەپ، ماقالەمدىكى رەڭ بېرىلگەن پاخپاق پىكىرلەرنى چۇۋۇپ تاشلىغان بولغاچقىمۇ ئۇنتۇپ قالماپتىمەن. ئەمما ئۇنىڭ تەنقىدى مېنى ئۆزۈمنىڭ پىكرىگە ئىقتىدا قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى پىكرىمگە ئىقتىدا قىلدۇرۇشقا ھەۋەسلىنىدىغان ئەۋليالىق تاماسىدىن تازىلىغان ئىدى.

بىلىشىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرھات تۇرسۇننىڭ تالانتىغا، پەزىلىتىگە، بىلىمىگە بېرىلگەن ئىتىراپتىن، ئۇنىڭ شاكراپتەك ئاچچىق تەنقىتچان پىكىرلىرىگە، يۈز خاتىرە قىلمايدىغان مىجەزىگە ۋە مۇرەسسەسىز ئەقلىيەتچى تەرسالىقىغا قارىتىلغان ئىتىراز كەڭرەك ئىدى. پەرھات تۇرسۇننىڭ تەرسالىقى شۇ دەرىجىگە بارغان ئىدىكى، ئۇ كىتاپخانىسىدا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتاپنى سېتىشنى رەت قىلغان ئىدى. مەزكۇر كىتاپ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ بازارلىق مەنىۋىي تاۋار ئىدى. شەھەردىكى ئىجارىسى ئەڭ قىممەت يەرگە دۇككان ئېچىپ ئىددىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەڭ خېرىدارلىق بىر كىتاپنى ساتماسلىق نورماللىق دەپ قارالمىغان بولۇشى چوقۇم. ئاۋام ئۇيغۇر ئەۋلىيا دەپ تونۇۇۋاتقان، غوللۇق زىيالىلار تەرىپلەپ ماقالە يېزىۋاتقان، ئابلەت ئابدۇرىشىتتەك رەئىسلەر تۆرگە ئېلىۋاتقان بىر شەخسنى «ئۇيغۇرلارنى خۇراپاتقا مايىل قىلىدۇ، شەخسكە چوقۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئوتتۇرا ئەسىرگە سۆرەيدۇ» دېگەن ئادەم  ئىتىرازغا قېلىشى، ھەتتا نەپرەتلىك ئاتاققا قېلىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق ئەمەس، ئەلۋەتتە.

تارىختا ئەۋلىيالارنىڭ كاتتا پىرى ئاپاق خوجانى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا نېمە دەرت ئەلەم چۈشكىنى بىزگە قاراڭغۇ، ئەمما «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا»نى ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە، ئىستىقبالىغا ئەۋلىيالىق قىلماقچى بولغان ھاكىمىيەتنى تەنقىت قىلغان پەرھات تۇرسۇن جازاسىنى تارتتى. ئەپسۇس، ئەۋلىيالىق ماقامىدا ئالدامچىلىق قىلغان زات ئۇيغۇرنىڭ ئېىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سالغان زىيىنى، قىلغان زىيانكەشلىكىمۇ ئەسلەردىن ئۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئەۋلىيا ئاتىلىپ بولغان، ھاكىمىيەت يېنىغا تارتقان كىشىنىڭ تەرىپلىك يېرى ئاشكارە يېزىلغان بىلەن تەنقىتلىك تەرىپى قەلەمگە ئ‍ېلىنماي قالىدىغان گەپ ئىكەن. بەلكىم يازىدىغانلارمۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ قىسمىتىدىن ئىبرەت ئالغاندۇ.

ئەھمىيەتلىك يېرى بۈگۈنكى دۇنيادا تارىختىكى ئەۋلىيانىڭ قىلمىشىنى تەنقىت قىلغان ئۇيغۇر بىلەن رېئاللىقتا ئەۋلىيا ئاتالغان كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىنى سۆككەن ئۇيغۇر ئوخشاشلا ئىتىراپقا ئېرىشتى. ئاپاق خوجانىڭ مۇناپىقانە سىماسىنى سىزىپ چىققان مۇھەممەت سادىق قەشقەرى يازغان «تەزكىرەئىي ئەزىزان» بىلەن رېئاللىقتىكى ئەۋليانى تەنقىد قىلالىغان پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» دېگەن كىتابى ئوخشاشلا كولۇمبىيە ئۇنۋېرىستېتى نەشرىياتىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى. مۇھەممەت سادىق قەشقەرى يازغان، ئەۋلىيالار چەكلىگەن، كىشىلەر قورقۇپ قازناقلارغا تىققان كىتاپ 300 يىلدىن كېيىن ئېنگىلىزچە نەشىر قىلىندى. پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىدە ئەۋلىيالارغا يارىمىغان رومانى ئامېرىكادا نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ رومانى غەرپتە بىر ئۇيغۇر يازغان ۋە نوپۇزلۇق نەشرىياتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان بولۇپ قالدى.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ