باتۇر روزىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

باتۇر روزىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويارسىلەر. بىر مەزگىل ئۈچ روزىنىڭ كىتابى مەشھۇر بولغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى يالقۇن روزى، يەنە بىرى ئەركىن روزى، ئۈچىنچى بىرى باتۇر روزى ئىدى.
ۋەتەندە ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بار ئىدى. ئۇيغۇردا كىتاپلار مودا بولاتتى، شۇنداق يىللاردا بۇ ئۈچەيلەن ئۈچ پارچە مودا كىتاپ يېزىپ چىقالىغانلاردىن. شۇ ئۈچ كىتاپنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟
كاجنى بازار ئوڭشايدۇ دەيمىز. بازار دېگەن يامان نەرسە، مۇھاجىرەتتە ۋەتەندە خېلى تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ تەدىرىجى جېمىپ كېتىشىدە سەۋەپلەر كۆپ، شۇلارنىڭ بىرى بازارسىزلىقتىن بولغان.
ئۇيغۇريار تەشكىلاتى سىزنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا مەدەتلەندۈرىدۇ. بەلكى بازارلىق كىتاپ چىقىرىپ بېيىپ كېتەلمەسسىز، ئەمما دۇنيادىن ئىزسىز، دېرەكسىز يوقاپ كەتمەيسىز، ئىسمىڭىزنى تورغا كىرگۈزسە ياشىغانلىقىڭىزغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر ئەسەر قالىدۇ
May be an image of 1 person and text

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ