بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇر بۇلاقتىن باشلىدىم.

 
بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇر بۇلاقتىن باشلىدىم.
ئۇيغۇر بۇلاقنىڭ پۈتۈن تەييارلىقى پۈتۈپ بۈگۈن ئەتتىگەن باسمىغا كەتتى.
تارىخنىى بالىلار تىلىدا سۆزلىتىپ بولغىچە بالا بولماقنىڭ، بالىلار ئۈچۈن يازماقنىڭ، بالىلارغا يارىغىدەك يازماقنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ھىس قىلدىم. بالىلار ئۈچۈن يازغان دوستۇم ئابلىكىم ھەسەن، زامانىدىن پاكزات، باتۇر داۋۇت قاتارلىق زىندانغا مەھكۇم دوستلىرىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىر ھەسرەتكە چۈمۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلىدىم. ئۇلار ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەلىيى ئىدى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ زىننەتلىگۈچىسى ئىدى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۆشۈكىنى ياسىغۇچىلار ئىدى.
بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان بۇ كىتاب ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىنى ھىكايىلەرگە سىڭدۈرىدۇ. بۇ كىتاب بالىڭىزغا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىغۇزىدۇ، بۇ كىتاب بىزنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا دەپىن قىلىنغان ئەجداتلىرىمىز بىلەن مۇڭداشقۇزىدۇ، ئۇچراشتۇرىدۇ. كىتاب بىر يۈرۈشلۈك بولۇپ قولىڭىزدىكىسى تۇنجى بۆلۈم، قالغانلىرى تېخى تولۇق يېزىلىپ پۈتمىدى.
بالىلارغا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى سۆزلەش ئۈچۈن گەپنى ئۇيغۇر بۇلاقتىن باشلىدىم، بالىلار ياقتۇرسا، ئاتا ئانىلار قوللىسا، قېرىنداشلىرىمىز مەدەت بەرسە بۇلاقتىن باشلىغان تارىخنى دەرياغا ئۇلاپ كېتەرمىز.
ئىزاھات: كىتاپنى سېتىشقا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان كىتاپخانىلار مەسئۇل. كىتاب ئالدى بىلەن تەكلىماكان كىتابخانىسىدىن تارقىتىلىدۇ. مەن ھەم يازغۇچى ھەم سودىگەر بولالمايمەن، سېتىشنى تىجارەتچىلەر قىلسۇن.
2020.03.18

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ