بىزنى دۇنيا تونۇپ بولدىمۇ؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
بەزىلەردە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى دەرت ئېيتىشتەك، ئاجىزلىقتەك قىلىپ تەسۋىرلەش باش كۆتۈرسە، يەنە بەزىلەردە بىزنى دۇنيا تونۇپ بولدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقارا مەسىلە بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈپ كېتىمىز دەيدىغان قاراش ئومۇملاشقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بەزىلەر، بىزگە ئەمدى بىر ئېتنىك مىللەت ئەمەس، بىر ئۇلۇس، يەنى بىر سىياسىي مىللەت سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشنىڭ زامانى كەلدى دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىدىم.
بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، بۇرۇن تەشكىلات قۇرۇپ ئوينايدىغانلار ئەمدى ھۆكۈمەت قۇرۇپ ئويناشقا باشلىدى. شەرقى تۈركىستاننى خىيالىدا جاھانغا تونۇتۇپ بولغانلار، شىرىن چۈشىدە ئالەمگە بىلىنىپ بولغانلار دۇنياغا دۆلەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كۆرىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھەرىكەت قىلىپ پالىيەتچى، داۋاگەر، ئاكتىۋىست بولۇپ ئاۋارە بولماي، ھۆكۈمەت قۇرۇپ پرېزدېنت، مىنىستېر بولۇپ كۆرۈنمەي قالمايدۇ، بولمىسا ئۇيقۇنى قايتا ئۇخلاش كېرەك بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار راستىنلا تونۇلۇپ بولدىمىكىن دەپ گوگۇلدىن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغان سانىغا قاراپ باقتىم. ئۇيغۇردا ئەڭ تونۇلغان كىشى رابىيە قادىر بولۇپ 3 مىليۇن قېتىم تىلغا ئېلىنىپتۇ. قالغان ھېچ بىر ئۇيغۇر رەھبەرنىڭ تونۇلۇشى يۈز مىڭغا يەتمەپتۇ. بۇ غەرپتىكى بىر ئادەتتىكى ناخشىچىنىڭ تەسىرىدىنمۇ تۆۋەن تەسىر.
ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئامېرىكادا خىزمەت ۋە ساياھەتتە بولدۇم. ئاق ساراينىڭ ئالدىدا تېبەت قاتارلىق ئەللەرنىڭ بايرىقىنى قاداپ نامايىش قىلىۋاتقان بىر ئاق ئامېرىكاننى كۆرۈپ ياردەملەشتىم. ئۇ ئاق تەنلىكتىن ئۇيغۇرنىڭ بايرىقىنى نېمىشقا ئاسمىغاننى سوراپ باقتىم. ئېچىنارلىق يېرى مەزكۇر نامايىشچى ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دېگەن سۆزۈمنىڭ بىرىنىمۇ ئاڭقىرالمىدى. يېرىم سائەت چۈشەندۈرۈپ بولۇپ كېتەي دەپ تۇرسام توردىن تۈركمەنىستاننىڭ بايرىقىنى تېپىپ يېنىدىكىلەرگە بىر نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ.
يېقىندا ئامېرىكادا شىتات سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغان بىر سىياسىيۇندىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ شەخس ھېچ ئىككىلەنمەي، شۇنداق بولۇشى كېرەكتەكلا بىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىزگە دەردىمىز ئېغىر كەلگەچكە ھەممە ئادەمگە ئېغىر كېلىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇمىز. دۇنيادا ھېچ بىر مىللەت كىملىكى سەۋەپلىك قامالمىغان، يوقۇتۇلۇشقا دۇچ كەلمىگەچكە، بىز پاجىيەمىزنى ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى سانايمىز. ئەمما ئوكرايىنلىقلارمۇ، ماياماردىكى روھىنگالىقلارمۇ، سۇنداندا، يەمەندە، سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشقا يەم بولۇۋاتقانلارمۇ دەردىنى بەلكىم دەرتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يىللىق ئوسلۇ ئەركىنلىك مۇنبىرىدە پاجىيەلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان يۇقارقى مىللەتلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقان پۇرسەت بىزنى ئاتلاپ كەتتى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم شۇنداق بولدى. كېلەر يىلى پۇرسەت چىقامدۇ، چىقمامدۇ بىلمەيمىز .
يۇقارقى پاكىتلاردىن مەلۇمكى بىزنىڭ دەردىمىز تېخى تونۇلۇپ بولدى ئەمەس، ھەل قىلىنىش باسقۇچىغا كەلگۈدەك تونۇلمىدى. دۇنيانى ئەمەس دېموكراتىك ئەللەرنى قوزغاتقۇدەك ھالغا تېخى كەلمىدى. مەسىلىمىز ھەتتا مەسىلە بولۇشتىنمۇ ساقىپ چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقان پاجىيەسى خىتاي لوبىچىلىقى، مېديانىڭ قىزىقماسلىقى، دۇنيانىڭ كۆرۈپ كۆنۈپ قېلىشى سەۋەپلىك تونۇلۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق بولاي دەۋاتىدۇ. بۇندىن بەش يىل بۇرۇن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئون يىل كېسىلىشى چوڭ خەۋەر ئىدى، ھازىر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇددەتسىز كېسىلىشىمۇ ئاخباراتنى جەلىپ قىلالماس بولۇپ قالدى. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس، بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە نەچچە ئون ئۇيغۇر تۇتۇلۇشى، باغرى قان ئانىلارنىڭ ئەردوغانغا ئىمزالىق خەت چىقارغان باتۇرلۇقىمۇ ھېچ بىر ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى.
شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئېيتىقاننىڭ پايدىسى بولمىدى دەپ قېيداپ ۋاز كېچىش قانداق پاسسىپلىق بولسا، ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى تونۇلۇپ بولدى، دەپ ياستۇقنى قىرلاپ پرېزدېنتلىق، مىنىستېرلىق، پارلامېنت ئەزاسىلىق چۈشلىرىنى كۆرۈشمۇ شۇنچىلىك بىھۇدە خىيالپەرەسلىك. شۇڭا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق گەپلەرنى شۈمۈپ جۆيلۈپ يۈرمەي، نېمە قىلالىسا بىرەر ھەرىكەتنى داۋام قىلغان ياخشى. ئامېرىكادا يەھۇدىلار قىلىۋاتقان ئايدا بىر نامايىش، سىدنى شەھرىدە ئۇيغۇرلار ھەپتىدە بىر قىلىۋاتقان نامايىش، ھەر قايسى تەشكىلاتلار قىلىۋاتقان تۈرلۈك خاتىرە نامايىشلىري، يىغىنلار، سۆھبەتلەر، ئاخباراتقا چىقىشلار، ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى بارلىق تەرەپلەردىن يورۇتۇپ بېرىشلەر، گۇۋاھلىققا چىقىشلار ئىزچىل داۋام قىلغىنى، كۈچەيگىنى ئەۋزەل.