تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سايلامغا تەييارمۇ

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سايلامغا تەييارمۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تۈركىيەدىكى بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئۇيغۇرلارغا ھالقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سايلام ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى داۋاسى، دېموكراتىك ئىددىيەۋىي يۈزلىنىشى، دۇنياغا ئۇيغۇرچە تونۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ كاناداغا كۆچۈپ، ياۋرۇپاغا ۋىزا ئېلىپ، ئامېرىكاغا سەپەر قىلالىشىدا، تۈركىيەدە ياشايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى داۋايىمىز ئۈچۈن پەۋقۇلاددە موھىم، بۇ نەتىجە ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئېرىشكەن بۇندىن بۇرۇنقى ئۇتۇقلارنى كېيىنكى ئۇتۇقلارغا تۇتاشتۇرغۇچى بىر ھالقا.

تۈركىيەدىكى پرېزدېنت سايلىمى 14-ماي ئۆتكۈزۈلمەكچى. نامزاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنى ھەر يەردە تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ، ۋەدە بېرىۋاتىدۇ، ئەھدە پەيمان قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ھىچ بىر نامزاتنىڭ ئاغزىدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر دېگەن سۆز چىقىپ باقمىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە 2020-يىلدىكى ئامېرىكا پرېزېدېنت سايلىمىدا ئۇيغۇر تىلغا ئېلىنغان، مۇنازىرە قىلىنغان، تاراتقۇلاردىن كەڭرى ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇنىڭدا بىزدىن كەتكەن يەر يوقمۇ؟

سايلام مەزگىلىدە تۈرك مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمايلا قالماستىن ئۇيغۇرغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ ئازلاپ كەتتى. بولۇپمۇ بۇ رامىزاندا تۈرك دۆلەت تېلۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاننى ھاياجان بىلەن، رازىمەنلىك ئىچىدە كۈتۈۋالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر تاراتقۇ پەلەستىندىكى ۋەقەلەرنى نەق مەيداندىن تارقاتقاندا، ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتى دەرھال ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. نېمە ئۈچۈن؟

تۈركىيەدىكى سايلام تەييارلىقى مەزگىلىدە رامىزانلىق داستىخانلار موھىم رول ئوينىدى. ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئىپتار سورۇنى قۇرۇلدى، مول نىمەتلەر يېيىلدى، ئەمما ئۇيغۇرلار رامىزاندا باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئېغىر كۈنلەر ئەسلەرگە ئېلىنمىدى. شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان تۇتقۇن، ئىپتارنىڭ چەكلىنىشى، مەسچىتلەرنىڭ ساھايەتچىلىك ئۈچۈن ئېچىلىپ، ئىبادەتكە تاقالغانلىقى، ھەتتا كۇچا خانىقا مەسچىتتە ئوينىتىلغان تەنناز ئۇسۇلمۇ تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىغا ئېرىشمىدى. سەۋەپ نېمە؟

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلامغا قانداق تەييارلىق قىلغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇدىغان سىياسەتچىلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىق قىلغانلىقىدىن ھىچ بىر مەلۇماتىمىز يوق. دەرنەكلەرنىڭ سايلام ھازىرلىقى بىلەن تەڭ كەلگەن رامىزانلىق پۇرسەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى قانداق ئاڭلاتقانلىقى نامەلۇم. بۇ ئىبادەتلىك ئايدا ئۇيغۇرنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇلۇش قىسمىتىگە قارشى تۈركىيەدە ھەممە ساھەنى قاپسىغان بىر پائالىيەت، يۈرۈش ۋە تەدبىرلەر قىلىنمىدى، بىرەر ئورتاق باياننامە، ھەرىكەت قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرمىدىم. تەييارلىق يوقمىدى؟

2015-يىلى رامىزاندا تۈرك ئوچاقلارى دېگەن يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخى بولغان، ھەر بىر ۋىلايەتتە بىردىن ئىشخاناسى بولغان چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلات ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخاناسى ئالدىدا ئىپتار قىلغان ئىدى، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك رامىزاندا، نە بىر تۇرانچى تۈرك تەشكىلاتى، نە بىر ئۈممەتچى ئىسلام دەرنىكى، نە بىر مۇستەقىلچى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بۇنداق بىر پائالىيەت قىلمىدى. بۇ رامىزانلىق خىرىس، پۇرسەت ۋە سايلام تەمىنلىگەن شارائىت مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئەپسۇس. ئەمدى كېچىكتۇقمۇ؟ ياق! پۈتۈنلەي كېچىكتۇقمۇ ئەمەس.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ قولىدا يەنە بىر پۇرسەت بار، ئۇ بولسىمۇ سايلامدا نامزات بولغانلارغا دۇنياغا، تۈركىيەگە ئاڭلىتىپ، كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاشكارە بىر مەكتۇپ يوللاش. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ لوگولىرى چۈشۈرۈلگەن بىر ئورتاق مەكتۇپنى تاراتقۇلارغا سۇنىدۇ، نامزاتلارغا يوللايدۇ ۋە نامزاتلارنىڭ جاۋابىنى خەلققە ئېلان قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئېچىنىدىغان تۈركلەر مەزكۇر مەكتۇپتا بېرىلگەن جاۋاپلارغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ كىمنى قوللاش ياكى قوللىماسلىقىغا قارار بېرىدۇ.

تۈركىيەدە سايلامغا چۈشكەنلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر سورۇلىدىغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىدىغان كىشىلەر، جاۋاپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولغان جاناپلار. بۇ قېتىمقى سايلامدا نامزاتلار رەجەپ تايىپ ئەردوغان، كەمال قىلىچدارئوغلۇ، سىنان ئوغان ۋە مۇھەررەم ئىنجەلەردىن ئىبارەت. ئۇلار تاكى مۇشۇ كۈنگە قەدەر ھىچ بىر سايلام نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەرلىك ۋە مىللى بولۇشنىڭ بايراقدارى، مۇسۇلمانلارنىڭ پاسىبانى ئەردوغان بار، شۇنداقلا سىنان ئوغاندەك تۇرانچلىقى بىلەن مەشھۇر، ئ‍ۇ ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ سەۋداسى دەپ جاكارلىغان نامزاتمۇ بار. ئۇ ھەتتا پارلامېنتتا ئەردوغانغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان دۇمبۇرا بىلەن چالغۇلاشقان غەزەلنىمۇ ياراشتۇرالمىغان. ئۇ سۆزىدە «تۈرك دۇنياسىغا بىپەرۋا ئەردوغانغا نۇ ناخشا ياراشمىدى» دەپ قارشى چىققان بىر كىشى. بۇ نامزاتلارنىڭ ئۇيغۇرغا ئائىت سوئاللارغا بېرىدىغان جاۋابى دۇنيانىمۇ قىزىقتۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.

تۈركىيەدىكى سايلام تۈركلەرلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىمۇ كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتقان بىر نوقتا. بۇ نوقتا چىڭ تۇتۇلسا سايلامغا تىكىلگەن نەزەرلەرنى ئۇيغۇرغا بۇراش تامامەن مۇمكىن. بۇ سايلام ئەگەر ئاقىللىق بىلەن پايدىلىنىلسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش، ئىتىراپ قىلغۇزۇش ۋە توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ تېپىلماس پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. بۇ پۇرسەتتە بىزنىڭ دەردىمىز، ئىنسانلىققا ئورتاق بولغان بۇ زۇلۇم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە، كۆز ئالدىدا بولۇشى، ئۇلارنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەر خىل شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان بولسا، بۇ بىزنىڭلا ئاجىزلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خىتايغا بېقىنىپ قالغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ، غەرپ كاپىتالىزىمىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىق بىزنىڭ مەيدانلاردا خىتايغا قارشى تىك تۇرغان جاسارىتىمىزگە بىپەۋالىق قىلغانلارنىڭ خىتايغا مايىللىقىدىن، خىتاينىڭ مېلىغا تالىپلىقىدىن، خىتاينىڭ ئېشىغا ئاشىقلىقىدىن ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ھىچكىمنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىشىمىز بىھاجەت، قىسىلىدىغان بويۇن ئەسلى خىتايغا ئېگىلگەنلەرنىڭ بوينىدۇر. بىز بۇ سايلامدا نامزاتلارنىڭ بوينى خىتايغا تىكمۇ ئېگىكمۇ شۇنى كۆرمەكچى.

بىز تۈركىيەدىكى بۇ سايلامدا نامزاتلاردىن سوئال سوراش ئارقىلىق بىز بىلەن ئادالەت مەيدانىدا تۇرالمىغانلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇيغۇرغا ئادالەت تەلەپ قىلمىغانلارنىڭ تۈرك خەلقىگىمۇ ئادالەت ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىماقچى. بىز ئادالەت مەيدانىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ نەقەدەر ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى سايلىغۇچىلارغا كۆرسەتمەكچى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ تۇتۇلۇۋاتقانلىق، تۇتۇلغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىق، تۇتقۇن ۋەتەندىكى پەرزەنتلەرنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىق خەۋەرلىرى، سىنلىرى چىقىۋاتقان بولسىمۇ بۇلار مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالالمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەردە شىددەت بىلەن ئازىيىش كۆرۈلىۋاتىدۇ. خىتاي زۇلۇمنى يوشۇرۇش، نورماللاشتۇرۇش، كىشىلەرنى زۇلۇمغا كۆندۈرۈشكە ئۆتتى. بىز بۇ پاسسىپ ئەھۋالنى تۈرك سىياسىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيەدىكى سايلامغا قىزغىن قاتنىشىش، سىياسەتچىلەر بىلەن پائال دېيالوگ قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكچى.

تۈركىيەدىكى ياللانما تاراتقۇلارنىڭ يۆلىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرغىچە زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاقلاۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇپ قىرغىنچلىقنى بار ئاماللار بىلەن يوشۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋەتەندە ئاساسەن يوق. خوڭكوڭدا تۇرۇۋاتقان بىر قانچە مۇخبىرمۇ ئۈرۈمچىگە زىيارەتتىن توختىغان ۋەزىيەتتە. چۈنكى ئۇلارغا ۋىزا بېرىلمەيدۇ، بېرىلگەن ۋىزالار ئۇزارتىلمايدۇ. بىز بۇنى مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش بىلەن تولۇقلاپ كېتەلەيمىز.

ئۇيغۇردىن ئاۋاز، رەسىم، خەۋەر چىقمايدىغان، ئاۋامنىڭ كارنىيى بوغۇلغان، قاناللار قامال قىلىنغان ئەھۋالدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خەۋەر بولۇشتىن خەۋەر يارىتىشقا ئۆتۈشى كېرەك. تۈركىيەدىكى سايلامغا ئوخشاش كېلىۋاتقان بايراملار، مۇراسىملار، خاتىرە كۈنلەر، سايلاملاردا

ئاكتىپ بولۇش خەۋەر يارىتىشنىڭ تېپىلماس پۇرسىتى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا كۆرسەتكەن غەيرىتى، بىرلىكى، پاراسىتى بىلەن ئ‍ۆزىنىڭ بىر مىللەت ياكى مىللەتلەشمىگەن دىنى، مەھەللىۋىي جامائەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇلار بۇ سايلامدا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى، مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ساپاسىنى، ياكى قوغدىماي خەقنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويىدىغان بىقوۋۇللىقىنى دۇنياغا نامايەندە قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار بۈگۈن سايلام ئارقىلىق، قولىدىكى سايلام بىلىتى، كۆرۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە ھەقلىق داۋاسى ئارقىلىق تۈركىيەدە ئۆزىنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ قىرغىنغا قارشى كۈرەشكە تۈرك سىياسەتچىلەرنى، ئۇلارغا ئەگەشكەن ئاۋامنى چاقىرىشقا، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردىغان پۇرسىتى كەلدى، كەلدىلا ئەمەس، شىددەت بىلەن كېلىپ غىممىسسىدە كەتكىلىىۋاتىدۇ. بۇ سايلامدىكى ئىپادە، ھەرىكەت ۋە نەتىجە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئادالەتكە، ئىستىقبالغا يېتەكلەشتە، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئىگە قىلىشتا قانچىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. بۇ پۇرسەت ئۇلارنىڭ خەۋەر يارىتىش، كۈنتەرتىپ پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر ئۆلچەم بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

2023-يىلى 20-ئاپرىل

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ