خىتايدا ئىشلەنگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلار
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
دۇنيادا خىتايدا ئىشلەنگەن دېگەن سۆز ساختا دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە قىلىۋاتقان كۈرىشىگە ساختا تەشكىلاتلارنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھەممەيلەننى ئارامسىز قىلىۋاتقان مەسىلە. ساختا تەشكىلات دېگىنىمىزدە مۇھاجىرەتتە بىلىنگەن سۈرگۈندە ھۆكۈمەت نامىدا قۇرۇلغان ئۆرگانلار، ئىسلام ھەرىكىتى نامىدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ۋە مۇھاجىرلار تەشكىلاتى نامىدا قۇرۇلغان جەمىيەتلەرنى كۆزدە تۇتىمىز.
مەن يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئىزدەندىم. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق ئالداۋاتقانلىقى، قانداق كىشىلەرنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋاتقانلىقى، بەزىلەرنى قانداق جىمىقتۇرىۋاتقانلىقىنىمۇ ھۆججەتلەشتۈردۈم.
ئىنكاس قىلىنغان مەسىلەلەر ئىچىدە ئەڭ ئۈمىتسىزلىككە سەۋەپ بولۇۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئارا ئىشەنچنىڭ يېتەرسىزلىكىگە سەۋەپ بولۇۋاتقىنى، خىتاي يېيىۋاتقان قورقۇنچ ۋە قۇرۇلىۋاتقان ساختا ئورگانلار بولدى.
تۈركىيەدە قىلغان تەكشۈرۈشلەر خىتاينىڭ ساختا تەشكىلات قۇرغۇزىۋاتقانلىقى پاش بولدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە خىتاي ئەلچىخاناسى قۇرغۇزغان تەشكىلات ئالتە ئىكەن. بۇ جەرياندا بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ساختا مۇھاجىرلار جەمىيىتى قۇرۇشقا زورلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخاناسىدا ئىشلەيدىغان مۇستافا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كادىر 2019-يىلى بىر ئۇيغۇر سودىگەرگە تەشكىلات قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. مەزكۇر ئۇيغۇر سودىگەر بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. ئەمما شۇندىن كېيىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر ۋە بىر قازاقنىڭ نامىدا يېڭىدىن بىر قانچە تەشكىلات قۇرۇلغان.
2019-يىلدىن تۈركىيەدە قۇرۇلغان بۇ تەشكىلاتلار بۇرۇن قۇرۇلغان بىر قانچە تەشكىلات بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇشقا، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا چاپان يېپىشقا، زۇلۇمنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان زىيارەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي قۇرغۇزغان ساختا تەشكىلاتلاردىن ئەڭ بۇرۇن دۇنياۋىي ئاخباراتقا ئاشكارىلانغىنى بىر ئاتالمىش جىھاتچى تەشكىلات. بۇ تەشكىلات 2020-يىلى تۇنجى قېتىم پاش بولغان ئىدى. ھىندىستان ۋاقتى دېگەن داڭلىق گېزىت ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، خىتاي جاسۇسلار قۇرغان ساختا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ناملىق تەشكىلاتنى ئاشكارىلىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇنداق بىر سەتچىلىك خەلقارا ئاخبارات تەرىپىدىن ئاشكارىلانمىدى.
ھالبۇكى يېقىندا شەرقى تۈركىستان سۈرگۈبدە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىمزا ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق بۇنداق سەتچىلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساختا تەشكىلاتلارنىڭ يەنىلا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.
مەن شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋېلىنغان دۆلەت دەپ ئىتىراپ قىلغۇزۇش ھەققىدە چىقىرىلغان مۇراجەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنى توردىن ئىزدەپ باقتىم. ئىمزاچى تەشكىلاتلارنىڭ 50 پېرسەنتى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە ئەنگە ئالدۇرغان تەشكىلات ئەمەس ئىكەن، نە ئادرېس، نە تېلفون نومۇر، نە ئورگان نومۇرى يوق ئىكەن. ھەتتا بىرىدىن باشقا قالغان سەككىز شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ھىچ يەررە ئادرېسى ئەنگە ئېلىنماپتۇ، ئۇلارنىڭ ھىچ بىر دۆلەتتە ئىشخانا ياكى ۋاكالەتچىلىك ئورنىمۇ يوق ئىكەن.
بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ساختىسىنى ياساپ چىققان ئورگانلارغا قارايدىغان بولساق بىرى ئىسلامنى، جىھاتنى، مۇھاجىرلىقنى ئىسىم قىلغانلار ئىكەن، يەنە بىرى مۇستەقىللىق بايرىقىنى كۆتۈرگەن قىياپەتتە قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر ئىكەن.
بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر توققۇزغا يەتكەن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىمۇ ساختا ئىسىم بىلەن خىتاينىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدە مەۋجۇت.
ئەمەلىيەتتە، تارىختا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات بولغان ئەمەس. بۇ ئىسىمنى تىلغا ئالغانلارمۇ يالغانچىلىق بىلەن داڭلىق روس ئاخباراتى. ئۇلار 2000-يىلى تۇيۇقسىز بىن لادىننىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇندىن كېيىن بۇ ئىسىم قويۇلۇپ كېتىپ قالدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇردا ئۇنداق ئىسىمدە بىر تەشكىلات بولغانمۇ ئەمەس.
ئىزدىنىشلەردىن قارىغاندا شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھىچقاچان ئۆزىنى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەپ ئاتاپ باقمىغان. ئۇلار شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى دەپ تونۇلغان، ئەمما قەيەردە ئەنگە ئالدۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھىچ قانداق مەلۇمات يوق. ھىچ بىر دېموكراتىك ئەلدە ئىشخاناسى، ئۇلاشقىلى بولىدىغان ۋاكالەتچى ئورگىنى يوق.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ساختىلاشتۇرۇشىدىن قانداق ساقلىنىمىز؟ مەنچە بىر تەشكىلات بىر ئىسم بىلەن قۇرۇلغانىكەن، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەلگە، ياكى ئەزالار بىر قەدەر كۆپ دۆلەتكە ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىشخانا تەسىس قىلىش، ئۆزىنىڭ لوگو، توربەت ۋە مەلۇماتلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىش كېرەك.
شەكسىزكى خىتاي ئىسمى بار جىسمى يوق، نامى ئاشكارە، ھەرىكىتى، خادىمى مەخپىي تەشكىلاتلارنى ئاسان ساختىلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتى، زېمىنى بولمىغان مىللەتنىڭ ھۆكۈمىتى قۇرۇق شەكىل بولۇپ قالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ۋەزىپەسى، خەلققە قىلىپ بېرىدىغان ھىچ بىر ئىشى بولمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتلەر ئاسان ساختىلاشتۇرۇلىدۇ.
جىھاتچى تەشكىلاتلارمۇ سىرلىق بولۇشقا مايىل، دىن سوراقلاشقا ئوچۇق بولمىغاچقا دىننى بايراق قىلغان تەشكىلاتلاردىمۇ تەشكىلاتتىن گۇمانلىنىش دىندىن گۇمانلىنىش دەپ چۈشىنىلىدۇ ۋە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا جىھاتچى تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقىدىن ئەزاسىغا، تەبلىقلەردىن بايراملارغىچە، جەڭلىرىدىن مەشقلىرىگە قەدەر يۈزىنى يۆگەپ چىقىدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇنلۇق ئاسانلا ساختىلىققا يول ئاچىدۇ. يوشۇرۇن دىنى تەشكىلاتلار ساخىتىكار خىتايغا تېپىلماس پۇسەت بولۇپ بېرىدۇ.
خىتاي يەنە ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان، ۋاكىللىك ئورگىنى، ئىشخانا ۋە ئادرېىسى بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئاسان ساختىسىنى ياسايدۇ. پەخەس بولمىساق، ئەقىل ئىشلەتمىسەك خىتاي توختىماي ئىسلام، شەرقى تۈركىستان، مۇستەقىللىق دېگەن ناملارنى ۋاستە قىلىپ تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ بۇ مۇقەددەس ناملار بىلەن ساددا كىشىلەرنى ئالدايدۇ، بۇ مۇقەددەس ئوقۇملارنى سېسىتىدۇ، ئۇيغۇرغا شۈبھىچىلىكنى، ئىشەنچسىزلىكنى يايىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىر بىرىگە، تەشكىلاتلارغا دۈشمەن قىلىدۇ، زۇلۇمغا قارشى ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
زۇلۇمنى، مۇستەملىكەنى، ئاجىزلىقنى قوبۇل قىلىش، ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ ئەۋلادىغا مىراس قالدۇرۇش نادانلىقتۇر، نادانلىقنى ياشارتىدىغىنى ئىبرەت ئالماسلىقتۇر. ئەگەر كۆز ئالدىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر ئىبرەتسىز قالسا خىتاي بەلكىم بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ساختا ئىسلامى تەشكىلاتلارنى، مۇستەقىلچى ھۆكۈمەتلەرنى، ھەتتا ئىسلامىي ياردەم ئورگانلىرىنى قۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە خەلقىمىزنىڭ، داۋايىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىدۇ، دەردىمىزنى ئەرزىمەس ئويۇنغا، مەسخىرىگە ۋە يۇمۇرغا ئايلاندۇرىدۇ.
2024.03.20