ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش 1970-يىللاردىن بۇيان تۈگەپ باقمىدى. ئۇزاقققا سوزۇلغان ئۇرۇش بۇ ئەلدە جەڭچىلىكنى تىرىكچىلىك يولىغان ئايلاندۇردى. جىھاد ئاتالغان ئۇرۇش ئوتىغا مۇسۇلمانلاردىن توپلانغان زاكات، ئۆشرە ۋە سەدىقەلەر ياغ چېچىپ تۇردى. ئۇرۇشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى خەلقئارالىق ياردەملەرنى جەلپ قىلدى. ئۇرۇش چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن مەيداىنغا چىققان زەھەر، ئادەم ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى بۇ ئەل ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپىگە ئايلاندى.
ئەسكەرلىك كەسپى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى بۇ ئەلگە كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققى قىلدى. مەلۇماتلارغا كۆرە ئافغانىستاندا تالىبانغا رەسمى ئەسكەر بولغانلارنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئارتۇق دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. ئامېرىكا پرېزدېنتى جوۋ بايدىن 16-ئاغۇست ئاق سارايدىكى سۆزىدە ئافغانىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق كۈچنى تەربىيەلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئافغانىستاندىكى ساقچىلارنىڭ 160 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم. بۇ مەلۇماتلار ئەلۋەتتە ھەر قايسى قەبىلە، پارتىيە ۋە دىنى مەزھەپلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دېمەك، ئەڭ تۆۋەن مۆلچەر قىلغاندىمۇ، ئافغانىستاندا قورال كۆتۈرۈپ جان باقىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن كەم ئەمەسلى رۇشەن. ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 39 مىليۇندىن ئاشىدىغان بولۇپ نىسبەتلەشتۈرگەندە ئون پېرسەنتتىن ئارتۇق ئادەم ئەسكەرلىككە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ.
ئافغانىستاندا جىھاد ئاتالغان ئۇرۇشنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى جىھاد قىلسا جەننەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان مىليۇنلىغان مۇسۇلمان، جىھادنى تەرغىپ قىلىدىغان تۈمەنلىگەن ئىلىمدار، شۇنداقلا ئۆزى جەننەت ئۈچۈن جىھاد قىلمايدىغان، شەرىئەت يولغا قويۇلغان دۆلەتتە ئانچە ياشاپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى غەرپتە يۇقۇرى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان ئەمما جىھاد بىلەن شەرىئەت دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى قەتئىي قوللايدىغان مۇسۇلمان زەردارلار، دىنى تەشكىلاتلار ۋە فوندى جەمئىيەتلەر سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا تالىبان ئۆزىنىڭ سىياسىي باش شىتابىنى پاشتۇنلار ئەڭ كۆپ دۆلەت پاكىستاندا ئەمەس، مۇسۇلمان زەردارلار يىغىلغان قاتاردا تەسىس قىلغان. كىرىدىغان مۇقىم كىرىم بولغاچقا شۇنچە يىللىق ئۇرۇش تۇمانلىرى، سىياسىي داۋالغۇش ۋە كۆچمەنلەر دولقۇنى ئىچىدە قالغان بۇ ئەلدە 1960-يىلدىن بۇيان نوپۇس ئىزچىل ئېشىپ بارغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئافغانىستاننىڭ بۈگۈنكى چىگراسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇقىملاشقان، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى خەلقتە مىللىي ئاڭ تېخى شەكىللىنىپ بولالمىغاچقا مىللىي بىرلىك مۇقىلماشقان ئەمەس. بىر زېمىندا ياشايدىغان تاجىك، ئۆزبەك، ھازار، تۈركمەن، ئايماق دېگەن قەۋملەرئىزچىل ئۈستۈن نوپۇستىكى پاشتۇنلارنىڭ بېسىمىغا، مىللىي زۇلمىغا، ئىرقىي كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ ئامىل ئۇلارنىڭ بىر مىللىي بىرلىك بولۇشىنى چەكلەپ قويغان. مىللىي زۇلۇم بۇ مىللەتلەرنى سوۋېتكە تايانغان قوزغىلاڭغا باشلىغان. ئۇرۇشتىن نىسىۋە ئالغان قەۋىملەر ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىنى قۇرۇپ چىققان. بۈگۈنكى ئۆزبەكلەرنىڭ رەھبىرى ئابدۇرىشىت دوستۇم شۇ قىزىل ئىنقىلاپنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ساق قالغان ۋارىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئافغانىستاندىكى ئومۇمىي ئۇرۇش 1970-يىللاردا سوېۋتنىڭ كومۇنىستىك تاجاۋۇزىغا قارشى باشلانغان بولسا ھازىر ئىسلامنىڭ شۇئارى بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. كومۇنىزىمغا قارشى بىر سەپتە جەڭ قىلغان مۇجاھىدلار 1989-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇشنى باشلاپ كەتكەن ئىدى. ناتوغا قارشى 20 يىل كۈرەش قىلغان مۇجاھىد تالىبانلارنى 2021-يىلى ئامېرىكا باشلىق بىرلەشمە ئارمىيە چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەپ ئۆز ئارا ئۇرۇشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى خىتاينىڭ ئارىغا قىستۇرۇقلۇق بولۇشىدىندۇر. خىتاي 1960-يىللاردا سوۋېت بىلەن رىقابەتلىشىپ ئافغان كومۇنىتسلارنى قوللىغان، 1970-يىللاردا ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ مۇجاھىدلار بىلەن تۇنجى قېتىم چۈشىنىش ھاسىل قىلغان. بۇ چۈشىنىش تەدىرىجى تەرەققى قىلىپ بىرلىك سەپكە ئايلانغان، ئەمما كۆپىنچە يوشۇرۇن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم تالىبان بىلەن خىتاينىڭ تىيەنجىندە ئالى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى قۇرۇشى 50 يىللىق ئىزچىل ھەمكارلىقنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى، دەرجىسىنى ئاشكارىلىدى ۋە خىتاي-تېرورىزىم ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتتى.
خىتاينىڭ تالىباننى قوللاشتىكى بۈگۈنكى مەقسىدى نېمە؟ مەنچە مەقسەت تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن. بىرى، ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش، چىگرا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. يەنە بىرى، ئافغانىستاننىڭ مول قېزىلما بايلىقى، ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي تالان تاراچ قىلىش. ئۈچىنجى بىرى، تالىبان ئارقىلىق خەلقئارا جىھادىزىمنىنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈپ غەرپكە ھەيۋە قىلىش. تۆتىنجى، تالىباننىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگىر تۈزىمىنى ئاقلاش. بەشىنجى، يىپەك يولى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.
خىتاينىڭ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ تامامەن مۇمكىن. تالىبان ئاللىقاچان خىتايغا ئۇيغۇر قوراللىقلار ھەققىدە ۋەدە بېرىپ بولدى. تالىباننىڭ تىزگىنى پاكىستاننىڭ قولىدا. پاكىستان ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئىقتىزادىي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ بولدى. خىتاينىڭ ۋاخان كارىدورىدا ھەربى بازا قۇرۇپ بولغانلىقىمۇ ئېيتىلماقتا. دېمەك، خىتاي ئافغانىستانغا قاراتماقچى بولغان ئىقتىسادى تاجاۋۇزنىڭ جۇغراپىيەۋىي سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربى ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بولدى. تالىباندەك ئىقلىم ئۆزگىرىشى، موھىتنىڭ بۇلغىنىشى، سىجىل تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئىتىراپ قىلىپ كەتمەيدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەختىگە چىقىىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تاجاۋۇزىنى يېتەرلىك شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىتاي كارخانىلىرى يۇقارقى چەكلىمىلەردىن مۇستەسنا، قولىدىن كەلگەن ھەر قانداق ۋاستە ۋە ھېلە مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ ئافغانىستاننى تالان تاراچ قىلىدۇ. ناتونىڭ قوشۇن چېكىندۈرىشى غەرپ شىركەتلىرىنىڭ سالغان مەبلەغلەرنىمۇ چېكىندۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار چېكىنمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلىرى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، موھىتنى قوغداش، ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ.
خىتاي تالىباننى كوزۇر قىلىپ دۇنيانى تېرورىزىم تەھدىتى بىلەن قورقۇتىدۇ. خىتاينىڭ قولىدا بۇرۇن غەرپكە قارشى شىمالى كورىيە، ۋىتنام ۋە كۇبا دېگەن كومۇنىستىك قەرتى بار ئىدى. بۇ قېتىم تالىباننىڭ ۋاستىسى بىلەن خەلقئارالىق جىھادىزىم قەرتى قوشۇلدى. بۇنداق بىر رېئاللىق غەرپلىك سىياسىيۇنلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن يىراق ئەمەس ئىدى. چۈنكى سامۇئېل خانتىڭتون «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» دېگەن كىتابىدا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەرپكە قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن بارغانچە سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتە يېقىن مۇناسىۋەتكە ئۆتۈشى، ھەتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا قەدەم ئېلىشى، بۇ قېتىم پۈتۈن دۇنيانى قارىتىپ قويۇپ تۇرۇپ تالىبان بىلەن ھەمكارلىق قىلىشى خانتىڭتوننىڭ پەرىزىنى كۈچلەندۈرۈپ قويدى.
خىتاينىڭ قولتۇقىغا كىرگەن تالىبان ئافغانىستاننى قولغا كىرگۈزدى، ھۆكۈمەت قۇرماي تۇرۇپ بىر داڭلىق شائىر، بىر كومېدىيەچى ۋە ناتوغا ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. تالىبان ھەرقانچە مۆتىدىل بولغان تەقدىردىمۇ شەرىئەتتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش، زىناخورنى چالما كېسەك قىلىش، جىنىسبازلىقنى جازالاش، مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش شەرىئەتنىڭ تەلىپى. بۇ غەرپنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى پەيدا قىلىدۇ. غەرپنىڭ شەرىئەتنى تەنقىد قىلىشى ئافغان مۇسۇلمانلار ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىزارلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ خىتايغا تېخىمۇ چاپلاشتۇرىدۇ. خىتاي تەنقىتتىن خالى، مۇسۇلمان دىكتاتورلارنى ئەيىپلىمەيدۇ. تالىبان كىشىلىك ھوقۇقنى پايخان قىلغاندا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرۇپ دۇنياغا مۇسۇلمانلارنىڭ نەقەدەر ئارقىدا قالغان، ئىددىيەسىنىڭ نەقەدەر قاتمال، خۇي پەيلىنىڭ نەقەدەر بەدەۋىي ئىكەنلىكىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگىر قۇرۇپ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ھوقۇق بەرسە ئۇلارنىڭ مۇشۇ تالىبانلارنىڭ قىلغانلىرىنى تەكرارلايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانغا باراۋەر.
خىتاينىڭ يىپەك يولى ستراتىگىيەسىدە ئافغانىستان موھىم دۆلەت. بۇنىڭدا ھازىر ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەر تۈركىيە، ئىران، پاكىستان ئىدى. ئافغانىستان ئەگەر تالىباننىڭ قولىدا مۇقىملىققا ئېرىشسە بۇ خىتاي ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت بولغان بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ يولدىكى ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى، ترانسپورت بىخەتەرلىكى ۋە چىگرا بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېرىشىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا ئافغانىستاننىڭ غەرپنىڭ تىزگىنىدىن چىقىپ خىتاي ۋە روسسىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئاپەتتۇر. ئەمما ئىشلار خىتاينىڭ يۇقارقى ھېلە مىكىرى بويىچە بولۇشى ناتايىن. ئافغانىستاندا تالىبانلارغا قارشى كۈچلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن. تالىبان دۆلەتنى قورال بىلەن ئالغان بىلەن قورال بىلەن تۇتۇپ تۇرالماي مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. ئىران ئافغانىستاندىكى شىئەلەرنى كۈشكۈرتۈپ تالىبانغا قارشى قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا قارشى غەرپ ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقالىسا، بۇ ئىتتىپاققا شەرقى ياۋرۇپانى، ھەمدە تۈركىيە، ھىندىستان، جەنۇبى ئافرىقا، بىرازېلىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنى قوشالىسا، قولىدىكى كورونا قەرتى، سودا ئۇرۇشى قەرتى، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قەرتىنى ياخشى ئوينىيالىسا بەلكىم بۇ ئاپەتنىڭ دۇنيانى يالماپ يۇتۇشلىرىنى تىزگىنلەش مۇمكىن.