دوكتۇر ئاتالغان داموللا
دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنى بۈگۈننىڭ داموللىسى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئەزھەردە ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۈچ شەخسنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى ماي ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئۇنىڭ كېسىلگەن مۇددىتى ھەققىدە 10 يىل دېگەنلەرمۇ يىگىرمە يىل دېگەنلەرمۇ بار. دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كىملىكى ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ شائىرلىقى، تەتقىقاتچىلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىكەنلىكى كۆزلەرگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھوسۇللۇق ھاياتى يۇقارقى ساھەلەردە دىققەت تارتىدۇ.
1.شائىر تالىپ
ھەبىبۇللا توختى ئۆزىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تۇنجى قېتىم شائىر سۈپىتىدە تونۇتقان ئىدى. ئۇ چاغلار ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقان تالىپ مەزگىلى ئىدى. ئۇنىڭ 2000-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى» دېگەن باللاداسى ئەدەبىيات شەيدالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.
مەزكۇر باللادا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەشھۇر ئەدىپ، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت توختى ئەسەرگە تەقرىز يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. ئاپتور ئەسەردە تەكلىماكان دەشتىنى كەربالا دەشتىگە ئوخشىتىپ ساتۇق بۇغراخان قەبرىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن قەبرىسىدەك كىشىلەرنىڭ روھىدا ئەبەدىيەلەشمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنگەن ئىدى.
شائىرھەبىبۇللا توختى تەكىماكاننى سىنا چۆلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۈرەتلەيدۇ. ئۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ پىرئەۋىن ئوردىسىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ ئۆز قەۋمىنىڭ ھىماتچىسى بولغانلىقىغا قايىللىق بىلدۈرىدۇ. ئۆز خەلقىنى مىسىردىكى زالىم ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىغا تەكلىماكاننىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق ئىما قىلغان ئىدى.
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ،
مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا،
باقماپتىكەن مۇسا كەبى شوخ،
جەسۇر، زېرەك، بىرەر مەرد بالا.
«شىنجاڭ مەدەنىيەتى»دە ئۆزىنى تونۇتقان شائىر ھەبىبۇللا توختى باشقا ئەدەبى ژروناللاردا نادىر شىئېرلارنى ئېلان قىلىپ تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىغا دائىم «تالىپ» دېگەن چېلىقارلىق سۆز قوشۇپ قويۇلاتتى.
- تەتقىقاتچى ھەبىبۇللا
ھەبىبۇللا توختى 2002-يىلى ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم دەرگاھى ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن نەزەرىنى پەلىسە، سېلىشتۇرما مەدەنىيەت ۋە ئىدولوگىيە تارىخى ساھەلىرىگە قاراتتى. شۇندىن باشلاپ ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىسلام ئۆلىماسى سۈپىتىدە كۆرۈنگەندىن باشقا يەنە بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە كۆرۈنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مەدەنىيەتنىڭ گېن خەرىتىسى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالەسى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تەپەككۇر مۇساپىسىنى مېغىزلىق خۇلاسىلەپ چىقتى. شۇندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئاساس قىلىنىدىغان شىئېر ئىجادىيىتىدىن لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىدىغان تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قويدى.
تەتقىقاتقا قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئاساسلىق ئىسلام تارىخى، قانۇنشۇناشلىقى يەنى فىقىھ ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئازلىقىنى بايقاپ تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلار ياراتقان مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتتىن خەۋەر بەرگۈچى داڭلىق ئەسەر «ئىسلام مەدەنىيەتى»نىڭ تەرجىمىسىگە ئىشتىراك ئەتتى ۋە بىر قانچە تومىنى مۇستەقىل تەجىمە قىلىپ چىقتى. ئۇ يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى داڭلىق ھەدىسشۇناس مۇسلىمنىڭ ھەدىسلەر توپلىمى تەرجىمە قىلدى.
ھەبىبۇللا توختى ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىدا ئون نەچچە يىل ئىزدىنىپ 2015-يىلى سىنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ « ئەقىدە – ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىن مەنبەلەنگەن ئىختىلاپىي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەدبىقات » دېگەن دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيەسى باھالاش كومېتىتىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا نائىل بولدى.
- تەپەككۇر تەۋەككۈلچىسى
ھەبىبۇللا توختىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قىلغىنى ئۇنىڭ يېپ-يېڭى بىر ئۇسلۇپ بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچىغا تەپسىرىلىك تەرجىمە قىلماقچى بولغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ «قۇرئاننى ئەرەپ تارىخىغا ۋە مەدەنىيەتىگە تاشلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا قۇرئاننىڭ تەپسىرىدە كەلتۈرۈلگەن مىساللار چوقۇم قۇرئان چۈشكەن دەۋىرلەردىن ۋە ئەرەپ تارىخىدىن ئېلىنىشى شەرت ئەمەس، مەن قۇرئاننى ئۇيغۇر تارىخىدىن ۋە مەدەنىيەتىدىن مىسال ئېلىپ تەپسىرە قىلىمەن» دېگەن ئىدى. كىشىلەرگە مەزكۇر جۈملە ئالامەت چۆچۈتەرلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، مۇشۇ كۈنگىچە ھەبىبۇللا ھەققىدە سۆز بولسا بۇ گەپ چىقىپ قالىدۇ.
دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەدەبىيات، ئىلاھىيەت ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالقىشلانغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆلىمالارمۇ يۇقۇرى باھار بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستېتوتىمۇ ئونى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان ئىدى.
مەرھۇم مۇھەممەت سالىھ داموللام ھەبىبۇللاغا قايىللارنىڭ بىرى ئىدى. داموللام ھەبىبۇللا توختىنىڭ تويىغا باش بولۇپ قاتنىشىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر قەسىدە يازغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى يىللارغىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى.
ھەبىبۇللا توختى 1979- يىلى قەشقەر يېڭىساردا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىتى ئەرەب- ئىسلام تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2004-يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتتىن باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھەمدەئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان، 2009 – يىلى 8- ئايدا «ئىمام بەزدەۋىينىڭ ئۇسۇلفىقھى كىتابىنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەھقىقات » ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى دوكتۇرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. 2015-يىلى سىنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلىدىن باشلاپ ھەبىبۇللا توختىنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ھەرقايسى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر تېمىلاردا لېكسىيەلەرنى بەرگەن.