شائىر ئاتىلىشىم ۋە تەلەيسىز نورۇز

شائىر ئاتىلىشىم ۋە تەلەيسىز نورۇز
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
مەن شئېرنى شئېردەك يازالمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئەسلى ئۆزۈمنى تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇتقۇچى دەپ قارايتتىم. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مۇساپىر بولۇپ چىقىشتىن بۇرۇن شائىر دېيىلمەيتتىم.
ۋەتەندە يازغۇچى دېگەنلەر بار ئىدى، ئەمما ئۆزۈمنى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دەپ تونۇشتۇراتتىم، ئەزەلدىن ئۆزۈمنى يازغۇچى ئاتاپ باقمىغان.

. «شائىر» لىقىمنى مۇھاجىرەتتە بىلدىم. ئۇ ئاتاققا قېلىشنىڭ سەۋەبى بىر نورۇزلۇق پائالىيەتنىڭ چەكلىنىشى، شۇ سەۋەپلىك يېزىلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا مەندىن «بىسوراق» ئېلان قىلىنىپ كەتكەن بىر «شىئېرىم» ئىكەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە بىز ئۈچ دوست، ئانا تىلىنى سۆيىدىغان يارانلار، ئۇستازلار ۋە مۇخلىسلارنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن 2013-يىلى مارتنىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىدە «ئانا تىل ۋە نورۇز» ناملىق بىر سورۇننى قىلماقچى بولغان ئىدۇق. نورۇزغا قازاق، قىرغىز ۋەكىللەرمۇ كەلمەكچى بولغاچقا، ئۇلارغا دوستلۇقنى، قېرىنداشلىقنى ھەقدادىغا يەتكۈزەيلى دەپ ئورنى قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدىكى ئۇيسۇن قازاق رېستۇرانىغا تەيىن قىلىنغان ئىدى.
رەسمىيەتلەر ئۆتۈلۈپ ئىجازەت ئېلىنغان بولسىمۇ چاتاق چىقتى. مارتنىڭ 18-كۈنى بىزنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارەسىنىڭ چاقىرتتى. كۈندۈزدە ئىشخاناغا ئاپىرىۋالغان جاسۇسلۇق تارمىقى يۇمشاق، قاتتىق سوراق قىلىپ يېرىم كېچە بىلەن ئاران قويۇپ بەردى.
19-چىسلا سەھەردە ئويغىنىپلا قارىسام تېلفونۇم كېسەككە ئايلىنىپ قاپتۇ. يا ئۇچۇر ماڭمايدۇ، يا تېلفون قىلىنمايدۇ. غەزەپكە پايلىماي كومپىيوتېرنى ئېچىپ ئىزدىنىش تورىغا كىرىپ مۇنبەر كەزدىم. ئىنكاس شەكلىدە بىرەر قۇر غۇدۇراپ، ئاخشام چاي ئىچۈرگەنلەرنى، قىستاش، تەھدىتلەرنى تەنقىت قىلىپ سائەت ئون بولدى. گۆشۈمنى يىگۈدەك بولۇپ ئولتۇرسام دىرىلداپ سايراپ تېلفون ئېچىلدى. ئالسام ئەكبەر ئىسىملىك ساقچق بىرى ئىكەن. ئۆيدىن چاقىرىپ چۈشكەنچە ماشىنىغا سېلىپ ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ بىر يەرنىڭ ئاستىغا ئەكىرىۋېلىپ سەككىز سائەت سولىۋالدى.
كەچ سائەت سەككىزلەردە نورۇز چەكلەندى دېگەننى تىلغا ئالمايدىغان، سوراق قىلىنغاننى ئىنسانغا تىنمايدىغان بولۇپ تاغاردا ۋەدە بېرىپ ئاران قۇتۇلۇپ چىقسام ئايالىمدىن تېلفون كەلدى. ساقچىلار، مائارىپ ئىدارەسى، بازار باشقۇرۇش قاتارلىق سەككىز ئورگاندىن كەلگەنلەر قارا چۈمۈلىدەك ئولاشقان گەپ. ھەر خىل فورمالىق خادىملار مەكتەپنى تاقاپتۇ، يەسلىگە پىچەت ئۇرۇپتۇ. بۇ گەپنى دەۋاتقان ئايالىمنىڭ نەپىسى نەپىسىگە، سۆزى سۆزىگە ئۇلاشمايدۇ. شۇندىن كېيىن تېلفونۇم سايراپلا كەتتى. مۇخپىرلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەر خىل تىلدا سورالغان گەپلەر ھاياجانلىق، ئەمما ئەندىشىلىك ئىدى…ھەممىنى رەت قىلدىم. شۇ مۇخبىرلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئاسىيادىن ئەكرەم ھېزىمنىڭ ئىسمى ۋە ئاۋازى ھېلىمۇ ئېسىمدە.
مۇخبىرلار قىلغان تېلفونلارغا، زىيارەت تەلەپلىرىگە ساقچى ئۆگەتكەن چىرايلىق يالغانلار بىلەن جاۋاپ قىلىپ تۈگەتتىم. ماڭا ئوخشاش سوراق قىلىنغان ئىككى سەبداش ۋە يىراق يېقىندىن كەلگەن دوستلار بىلەن تاماققا يىغىلدۇق. ئېسىمدە قېلىشىچە ئەزكا دېگەن ئاشخانىغا يىغىلغان بولۇشىمىز مۇمكىن شامالباغدىكى. ئەمدى قانداق قىلىمىز، تاقابىل تۇرالامدۇق، تەدبىرىمىز نېمە؟ بىزنىڭ نورۇزىمىزنى چەكلىگەن ھاكىمىيەتكە نېمە دەيمىز؟ دېگەن گەپلەر بىلەن تاماق ئەمەس غەم يىدۇق. تالاشتۇق، ئەمما تەدبىرگە يېتەلمىدۇق.
شۇ ئاخشىمى ئۇيقۇم قاچتى. تورغا كىرسەم نورۇزلۇق سورۇننى نېمە ئۈچۈن چەكلىگەنلىككە، نورۇزلۇق پائالىيەتنىڭ رەسمىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار، پەرەزلەر، تەنەلەر قايناپ كېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، ئوقۇرمەنلەرگە بىزنى تۇتۇۋالدى، سوراق قىلدى، شۇڭا نورۇزلۇق سورۇنغا بارالمىدۇق، بارغانلارنىڭ ئېيتىشىچە نورۇزلۇق سورۇنغا، رېستۇران ئەتراپىغا قوراللىق ساقچى يېغىپ كەتتى. ئاق تاڭكا رېستۇران ئالدىغا توختاپ ئاپتۇماتلىقلار قورشىۋالدى. دېگىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن «ئۈرۈمچىدە چاي، ئوخشاپتۇ ھاي ھاي»دېگەن بىر قوشاقنى ئىزدىنىشتە ئېلان قىلدىم. راستىنى دېيىش، ياكى ھەقنى يوشۇرۇپ جىمىپ كېتىش قولۇمدىن كەلمىگەچكە شۇنداق ياپتا يول بىلەن مۇخلىسلارنىڭ غەزەپلىرىنى پەسەيتىشكە كۈچەپ باقتىم. ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇشتى. ئۇيغۇرچەدە چاي ئىچىش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ ئىدى. بۇنداق جاۋاپ بېرىلگەندە ساقچىلارنىڭ نورۇزلۇق سورۇنغا يول قويمىغانلىقى بىخەتەررەك ئىپادىلىنەتتى.
مۇھاجىرەتكە چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلدا بىر تور ژورنىلى مەندىن شىئېر تەلەپ قىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ مېنى شائىر دەپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى مېنىڭ ئەركىن ئاسىيادا ئېلان قىلىنغان شىئېرىمدىن ئىمىش.
شائىر ئاتىلىپ قالغىنىمنىڭ سەۋەبىنى دەمالىققا ئاڭقىرىپ بولالمىدىم. چۈنكى مەن ئەركىن ئاسىياغا شىئېر يوللاپ باقمىغان ئىدىم. شۇئان خەقنىڭ چاپىنىنى سورىماي كىيىۋالغاندەك تۇيغۇدا خۇدۇكسىرەپ قالدىم. ئۇلار ئەۋەتكەن ئۇلىنىشقا كىرىپ قارىسام مېنىڭ 2013-يىلى مارتتا نورۇزلۇق سورۇن چەكلەنگەندە يېزىپ قويغان «ئۈرۈمچىدە چاي، ئوخشاپتۇ ھاي ھاي» دېگەن كىنايەمنى ئەركىن ئاسىيا ئېلان قىلغان ئىكەن.
شۇندىن باشلاپ «شىئېر» يېزىپ يۈرۈۋاتىمەن، ئەمما يازالىغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، يازالايدىغان قەدىردانلار قامىلىپ كەتلەچكە ئۇلاردىن قالغان تەۋەرۈك قەلەمنى تاشلىماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەسلىك ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن.
2025-يىلى 22-مارت

تۆۋەندىكى شىئېرلارنى 2019-يىلى خىتاي لاگىرىدا شېھىت كەتكەن مەرھۇم جىيەنىم مېھرىئايغا ئاتاپ يازغان ئىدىم. بۇلارنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتالغان ئانا تىل مۇكاپاتى مۇراسىمىدە ئوقۇپ بەرمەكچى ئىدىم، ئەمما ب د ت دا چاقىرىلغان موھىم بىر يىغىن سەۋەپلىك ياپۇنىيەدىكى دوستلار تەشكىللىگەن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئانا تىل ئىخلاسمەنلىرى توردىن قاتناشقان سورۇندا دېكلاماتسىيە قىلىشقا پۇرسەت بولمىدى.
مەرھۇم مېھرىئاينىڭ ئانا تىل سۆيەر بالىلارغا نورۇزلۇق پائالىيەت قىلىپ بېرىش ئارزۇسى بار ئىدى. 2019-يىلى ماڭا شۇ ئىلتىماسنى قىلغان ئىكەن، ئەمما مەن نېمە ئالدىراشلىقتا ئۇنۇتتۇم ئۇقمايمەن، جاۋاپمۇ بەرمىگەن ئىكەنمەن.
كاشكى، ئۇنىڭغا، توغرا ئويلاپسەن، قالتىس پىلان بوپتۇ! باشلا سىڭلىم! قىلايلى، ياپۇنىيەدە، يېنىڭدا دوستلار بار، ئاكاڭدەك يېقىن ئاچاڭدەك ئىچ كۆيەرلىرىڭ بار، دەپ مەدەت بەرگەن بولسام، يىراقتىكى خىتاينىڭ بېسىمىدىن بىر پەس بولسىمۇ قۇتۇلغان بولاتتى…
بالىلار بىلەن بولۇپ كەتكەن بولسا قەشقەردىكى ساقچىغا، ئۈرۈمچىدىكى خۇنپەرلەرگە يەم بولماستى. ئۈندىدارنى ئۆچۈرۈپ نورۇزغا تەييارلىق قىلغان بولسا ساقچىلار تاپالماستى…
شۇ تاپتا يېنىمدا «ئاكا، ئاكا» دەپ يۈرەر بولغىيدى، دەپ ئويلاپ كېتىمەن .

سەن كەلمىدىڭ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
كەتتىم دېدىڭ، يىتتى سۆزۈڭ،
ئۆچتى ئاۋاز، ئۆچتى ئۈنۈڭ،
كەتتىڭ قالدى سىرلىق خەۋەر،
يېشەلمىدىم سەن كەلمەدىڭ.

تۇردى ۋاقىت، مۇزلاپ زامان،
توختاپ يۈرەك، ئاقمىدى قان،
قۇلۇپلاندى ئىشىكلەر تامام،
ئاچالمىدىم سەن كەلمەدىڭ.

كۆككە باقتىم، ئاسمان قارا،
بۇلۇت غەمكىن، باغرى يارا،
ئالدىمنى توستى تاغ، قىيا،
يارالمىدىم سەن كەلمەدىڭ.

كەتتىڭ نۇزۇك كەتكەن ياققا،
رىزۋانگۈلدەك ئىرەمباغقا،
چوغلۇق تۇتۇپ قەۋرەڭ تامان،
بارالمىدىم سەن كەلمەدىڭ.

تۇغۇلغان كۈنۈڭ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
تۇغۇلغانتىڭ بۈگۈنكى ئان،
جاھان كۈلۈپ سەن يىغلىغان،
توختىمىغان ئىسەدىشىڭ،
بەزلەپ سېنى تاڭ يىغلىغان.

قاشىڭ ئىدى تۈندىن قارا،
يۈزۈڭگە ئاي باققان تازا،
مېھراي دېدۇق، قىلدۇق دۇئا،
ئۆمرۈڭگە ئەزان يىغلىغان.

ئارزۇم ئىدىڭ، چېچەكلىگەن،
تىكەن ئ‍ارا پورەكلىگەن،
توزۇپ كەتتىڭ كىم قەستلىگەن؟!
قالدىمغۇ ھەيران يىغلىغان.

تۇغۇلغانتىڭ بۈگۈنكى ئان،
كەلمەس تامان كەتتىڭ شۇئان،
روھىم سۇنۇق، رۇمكاممۇ ھەم،
سۇلدۇمغۇ ۋەيران يىغلىغان.

يىغلىدى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

چېھرىڭگە تومۇز يىغلىدى،
مېھرىڭگە يۇلتۇز يىغلىدى،
يۇتتى سېنى قارا كېچە،
شۇم تۈنگە كۈندۈز يىغلىدى.

بىر گۈل ئىدىڭ ئاچماي پورەك،
سۇلدۇڭ يېرىلدى بۇ يۈرەك،
ئاسمان يىقىلدى يوق يۆلەك،
ماتەمدە مىڭ كۆز يىغلىدى.

مەدەت بولغاننى ئەسلىدىم،
يۆلەنچۈكۈممۇ دەي دېدىم،
ماسلاشمىدى ھېچ قايسىسى،
تەرىپ ئۈچۈن سۆز يىغلىدى.

قىشتىكى قارلىغاچ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
باھارغا تەلمۈرگەن تەشنا كۆزۈمگە،
قارلىغاچ كۆرۈندى يەلپۈنگەن ياپراق،
بىمەھەل جۇدۇندا شاخلار سىلكىنىپ،
ياپراقنى ئۇچۇرۇپ ئەپ كەتتى ئۇزاق.

باھارنى ئىزدىگەن كۆزۈم ھەر يەردىن،
قوغلانغان ياپراقنى سورىدى كەزدى،
قاناتى قايرىلغان قارلىغاچ كەبى،
خازانغا قارىماق تەس كەلدى، ئەزدى.
2025-يىلى 23-فېۋال، مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ