شاھىت دەيمۇ ياكى شەيتانمۇ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
مېنىڭ كۆرۈشكىنىم بىر جاسۇس ئىكەن. ئىستانبۇلدا لاگىر شاھىتى دەپ بىلگىنىم ئەسلىدە خىتاي ساقچىلىرى خوتەندىن مەخسۇس ئەۋەتكەن مەلئۇنلارنىڭ مۇرتى، شەيتان ئىكەن . 2018 -يىلى مايدا خوتەن شەھرىدىن مارتتا تۈركىيەگە چىققان بىر لاگىر شاھىتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدىم. ئۇنى سەفا كۆيدە ياشايدىكەن دەپ ئاڭلاپ سۈرۈشتە قىلدىم، تاپقىنىمدا دۇبەيگە كېتىپ قاپتۇ. دۇبەيدىن سوراشتۇرۇپ تېلىفون نومۇرىنى تاپتىم ئەمما بىر ھەپتە كۈندە تېلىفون قىلىپ جاۋاپ ئالالمىدىم. شۇندىن كېيىن بۇ ئادەم ھېلى پاكىستان، ھېلى دۇبەي، ھېلى سەئۇدى ئەرەبىستانلارنى كېزىپ ماڭا قارىسىنى كۆرسەتمىدى.
خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قىدرىپ يۈرۈپ ئۇنى تونۇيدىغان بىر دوستۇمنى تاپتىم. ئۇنى ئارىغا قويۇپ مىڭ يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن ئاخىرى ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرگۈزدۈم. ئۇ مۇخپىر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەسلىك، ئىنسى جىنغا تىنماسلىق، ئاۋازىنى ئۈنگە ئالماسلىق، كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلماسلىق شەرتى بىلەن مەن بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئىستانبۇلنىڭ كۆڭۈلسىز كۈز پەسلى ئىدى. ئۆيۈمگە ئوغرى كىرگەن، ئىشخانىدىن كومپىيوتىرىم ئوغۇرلانغان، ۋەتەندىن تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەرى كۈندە كېلىپ كۆڭۈللەرنى پاراكەندە قىلىۋاتقان چاغلار ئىدى.
سىنتەبىرنىڭ 8-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايۇنىدا ھېلىقى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە مەزكۇر شاھىت بىلەن كۆرۈشتۈم. لاگىر شاھىتى ئۆزىنى خوتەن شەھرىدە تېۋىپ دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپتە 2015-يىلى ئەتىيازدا تۇتۇلغاندا قاماقخانىغا يوللانغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ يەردىن لاگىرغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئاخىرىدا يەنە قاماقخانىغا قايتتۇرۇلۇپ يېتىۋاتقان مەزگىلدە قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. قېچىپ قۇتۇلۇش سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ بايلىقى، ھېلىسى ۋە ساقچىنىڭ ياردىمىگە باغلىدى. ئۇ ماڭا خوتەندىن قانداق چىقىپ ئۈرۈمچىدە بىلەتنى قانداق ئامال بىلەن ئالغان ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، ئەمما چىگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى قانداق بىجىرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمىدى. قېچىپ قۇتۇلۇشنى چۈشەندۈرۈرگەن جەريان، قاماق، لاگىر ۋە قىيناقلارنىڭ جەريانىدىن ئۇزۇراپ كەتتى. ئۇنىڭ سىنچى كۆزلىرى، ئاپتاپ كۆرمىگەن ئاق سېرىق چىرايى، ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزنىڭ ۋەزنى ۋە تەسىرىنى كۆزلىرىمگە قاراپ ئىنچىكە دەڭسەشلىرى ئۇنى خېلىلا تەجرىبىلىك، پۇختا ۋە ئىھتىياتچان كۆرسىتەتتى.
شاھىتنىڭ لاگىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىدى. دەسلەپتە 2014-يىلى مارتتا «ئۈچ ئەل قۇرۇلۇشى» باشلاندى. ھۆكۈمەت خادىملىرى كەنتلەرگە چۈشتى. ئۆيدە بار جەيناماز، قۇرئان، تەسۋى ۋە ھەپتىيەكلەرنى تىزىملدى، ھەممەيلەننىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزدى، تۇغقانلارنى، دوستلارنى، دىنى تەربىيەنىڭ مەنبەسىنى ۋە تېلىفون ئالاقىسىنى جەدىۋەللەشتۈردى. ئاندىن «تۇۋاقنى ئېچىش، تۈۋرۈكنى تېپىش» بولدى. كىشىلەر ئون يىل بۇرۇنقى تەبلىغ، مۇدەررسىلىك ۋە تۇتۇتۇلغانلىق كەچمىشى ئۈچۈن قايتا تۇتۇلۇشقا باشلىدى. 2015-يىلى يېڭى يىلدا خوتەن شەھرىدە تۇنجى لاگىر قۇرۇلدى. لاگىرنىڭ ئىسمى «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش، تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» دېيىلدى. 2017-يىلى 10-مارتتا رەسمى ئومۇمى تۇتقۇن باشلاندى. ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى پارتىيە مەكتەپلەر، كەسپى مەكتەپلەر، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش مەركەزلىرى لاگىرلارغا ئايلاندى. لاگىرلاردا تەپتىش، سوت تارماقلىرى قۇرۇلدى. كىشىلەر ئەڭ تۆۋەن يەتتە يىل يۇقۇرىسى مۇددەتسىز كېسىلىشكە باشلىدى.
شاھىتنىڭ ئومۇمى تۇتقۇندىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى، لاگىرنىڭ تۈزۈمى ھەققىدە دېگەنلىرىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. 2016-يىلى سىنتەبىرنىڭ 13- كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلىفون نومۇرلىرى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، باشقىلارنىڭ نامىدا تېلىفون نومۇرى بېجىرگەن، شۈبھىلىك كىشىلەر بىلەن تېلىفونلاشقان، شۇنداقلار بىلەن بىر مىھمانخانىغا چۈشكەن، بىرگە سەپەر قىلغانلار تۇتقۇن قىلىندى…بۇلار راست. قاراقاش ھۆججەتلىرى ۋە ئاقسۇ تىزىملىكى بۇنى ئىسپاتلىغان.
قاماقخانا بىلەن لاگىرلارنىڭ پەرقى قاماقخانىدا دەرس يوق، مۇئەللىم يوق، دەرسلىك يوق، قىستاڭ، يىيىش ئىچىش، تەرەت ھەممىسى ئىچىدە. لاگىر بىلەن قاماقخانىنىڭ ئوخشاشلىقى ئىككىلىسىدە سوراق بار، جازا بار، باستۇرۇق (خىتايچە ياخاۋ دېيىلىدىغان مەخسۇس جازا ئۆيى) بار. باستۇرۇقتا ياندىكى خانىدىن 24 سائەت سوراقچى قىينىغان ۋە تۇتقۇن يالۋۇرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھەتتا دوختۇرخانا ئىچىدە لاگىر رايۇنى بار ئىكەن. «مەن خوتەن ۋىلايەتلىك بىرىنجى دوختۇرخانىنىڭ لاگىر رايۇنىدا ياتقان، شۇ يەردىمۇ پاش قىلىش، ئىقرار قىلىشقا زورلاش بار» دېگەنلەرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى سىرلىق شاھىت.
لاگىر شاھىتلىرى ئەڭ كەم بولۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدەك ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ياتقان، ھەم لاگىر، ھەمدە قاماق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن گۇۋاھچى تۇتىيا ئىدى. ئۇنىڭ شۇ كۈنى « مەھەللىمىزدە ئاياللار ئۆيدىكىلەر تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، (مېنى نېمە قىلسىڭىز مەيلىڭىز، ئېرىمنى، دادامنى، ئائىلەمدىكىلەرنى قويۇپ بېرىڭ) دەپ تۇرۇۋالغاچقا ساقچىلار يولدىن چىقىپ كەتتى» دېگەن گېپىدىن چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولدۇم.
مەن ھەر قانچە زۇلۇم بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇنداق دېيىشىگە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنداق قىلىشىغا ئىشەنمەيتتىم، شۇنىڭغا ئىشەنگەن ئادەممۇ ماڭا گۇمانلىق ئىدى. بىردىنلا كۆڭلۈمگە شەك چۈشتى. ئۇنىڭ شۇ مەينەتچىلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىشەنگەن كۆڭلى، شۇنداق مەينەتچىلىكنى كۆتۈرەتتى. ھاياسىز، نومۇسسز ئادەم ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇر مىللەتنىڭ نومۇسىغا تاقالغان تەقدرىدىمۇ تەھقىقلىنىشى كېرەك ئىدى. راستچىللىق ئۇ تەمىنلىگەن پاكىتلارنى ئاشكارىلىشىمدىنمۇ موھىم ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نە ئىسمى ۋە جىسمى يوق، مۇشۇنداق پاجىئەلىك كۈنلەردە ئازاپتىن تۇتۇلغان چىرايى، ئەركەكتەك كېرىلگەن مەيدىسى، قىساسكارلىق بىلەن كىرىشكەن چىش ۋە تۈرۈلگەن مۇشتى كۆرۈنمەيدىغان بىرىگە قانداق ئىشىنىمەن؟ قانداقسىگە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى پاكىت دەيمەن؟ ئۇنىڭ نە كىملىكى، نە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئورنى، كىم بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىز كۆرۈشكەن چاغدا خوتەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى ئىشىچى قىلىپ يۆتكەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ماڭا ئۈندىداردىن ھەتتا ئىچكىرىگە ئىشچىلىققا ماڭغان بىر ئۇيغۇر چوكاننىڭ ئاۋازىنى يېقىمسىز ھېجىيىپ تۇرۇپ ئاڭلىتىپ قويغان ئىدى.
ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە قادىر بولالمىغان بىلەن، ئۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك ئىدى. ئۇ لاگىر قىلىندى دېگەن مەكتەپتە تونۇشى بار بىر دوستۇمنى تاپتىم. سۈرۈشتە قىلغاندا ئۇ يەر لاگىر ئەمەس مەكتەپ بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭ لاگىرغا قامالغانلارنىڭ ھەر بىر پەرزەنتىگە ئېيىغا 300 سومدىن پۇل بېرىلىدۇ، دېگىنى يالغان چىقتى.
سىرلىق شاھىت ھەققىدە يازمىدىم. ئۇنىڭ پاكىتلىرىنىمۇ ئىشلىتىشتىن ئىھتىيات قىلدىم. ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ، ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ تەييار قىلغان يازماممۇ شۇ پېتى قالدى. ئەمما ئۇنىڭ پېشىنى قويۇپ بەرمىدىم.
شۇ كۈنلەردە ئۇنى تونۇشتۇرغان دوستۇم ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ رايۇن بولغان سەفاكۆيدە بىر نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئابلەت ھاجىم دېگەن بىر كىشى بىلەن ئۈندىداردا كۆپ ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى، دۇبەيگە ۋە پاكىستانغا كۆپ بارىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەزكۇر شاھىت بىلەن كۆرۈشۈشكە داۋاملىق تىرىشىپ تۇردۇم، چۈنكى ئۇنىڭ پاكىتلىرى موھىم بولۇپ كۆپىنچە مەلۇماتلار تېخى مۇشۇ كۈنگىچە خەۋەرلەرگە چىقمىغان ئىدى.
2020-يىلى نۇيابىرنىڭ 5-كۈنى شاھىتقا ئارىچى بولغان دوستۇم تۇيۇقسىز تېلىفون قىلدى. شاھىت دېگىنىمىز شەيتان ئىكەن. سەفاكۆيدە تۇرۇۋاتقان يېرىدە جاسۇسلۇق خاتىرىسى بىلەن ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئابۇدۇمىجىت ئابدۇخالىق ئىكەن. ئۇنىڭ كىيىمىنى يۇيغان نەۋرە سىڭلىسى قولغا چۈشۈرگەن پاكىتلارنى دوستۇمغا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىن چىققان دەلىلەرنى ئېنىقلاپ پۈتۈنلەي راستلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئاندىن خەلقئارادا داڭلىق مەتبۇئاتلارغا بۇ ۋەقەدىن مەلۇمات بەردىم، ئەمما ئىش 2018-يىل ۋە 2019-يىلى يۈز بېرىپ تارىخقا ئايلانغان، جاسۇسلۇق قىلغۇچى ئاللىقاچان كېتىپ بولغان، ۋەقەدىن بىۋاستە خەۋەردار كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقالمايدىغان بولغاچقا تىرىشچانلىق، ئەمگەك ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولدى.
دەلىللەردە تىلغا ئېلىنغان ئابدۇرەھىم دېگەن كىشىنى تاپتىم. ھازىر گېرمانىيەدە ياشايدىغان بۇ ئۇيغۇر ياش خوتەن خانئېرىقتىن بولۇپ 2008-يىللاردىن بۇيان دۇبەيدە تىجارەت بىلەن مەشغۇل ئىكەن. ئابدۇمىجىت دۇبەيگە كەلگەندە تۈركىيەدىكى بىر ھاجىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئالدىغا چىققان ئىكەن. ئۇلار كۆرۈشكەن ۋاقىتتا ئابدۇمىجىتنىڭ ئاشخانىدا ئۇيغۇرلارنى رەسىمگە تارتقانلىقىنى، ئۆزىنىمۇ ئوغۇرلۇقچە رەسىمگە تارتىۋالغانلىقىنى، لاگىرلارنى ئاقلاپ، ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى ماختاپ، ساقچىلار بىلەن ئۈندىداردا دوستلاردەك مۇڭدىشىپ يۈرگەنلىكى ئۇنى بىئارام قىلغان ئىكەن. گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ۋە تۆھمەتلىرىگە دۇچ كەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن گۇمانى ئېغىر بولغاچقا ھەرگىز يېقىن يولىماپتۇ. ئابدۇمىجىت ئابدۇرەھىمدىن گېرمانىيەگە ۋىزا ئېلىشتا ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
خوتەندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشپىيۇنلۇققا ئەۋەتىلگەن بۇ ئابدۇمىجىت ئابدۇخالىق سەفاكۆيدە نېمىلەرنى قىلدى؟ سەئۇدىدىكى ئابلەت ھاجىم بىلەن نېمىلەرنى دېيىشتى، دۈبەيگە بارغاندا كىملەر بىلەن كۆرۈشتى، پاكىستاندا قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىدى…بۇلارنى ئىزدەنگەن بولساممۇ جاۋاپ تاپالمىدىم. ماڭا يەتكۈزىلىشىچە ئابدۇمىجىتنىڭ سەفاكۆيدە ياشايدىغان نەۋرە سىڭلىسىمۇ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىماپتۇ. دېمەك بۇ شەيتاننىڭ قىلغانلىرى يەنىلا قاراڭغۇ.
شاھىت دەپ كۆرۈشكىنىم جاسۇس چىقتى. بىز بىلەن بىر سەپتە ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئاللاھقا بەندە بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن مەلئۇنلۇققا قۇل بولغان شەيتان ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
تۈركىيەدە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا مەلئۇن خىتاينىڭ شاياتۇنلىرى بار. ئۇلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى مۇنۇ ئابدۇمىجىت ئابدۇخالىققا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ئۇچۇر توپلاپ خوجايىنىغا يوللايدۇ. يەنە بىرى مەخسۇس جامائەت پىكرى خىزمىتىگە مەسئۇل. ئۇلارنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ۋە ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى ئىشخانىسى ياللىۋالغان. ئۇلار ئىزچىل كىشىلەرنى داۋادىن سوۋۇتۇش، گۇۋاھلىقتىن ياندۇرۇش، نامايىشتىن، ۋەتەن، مىللەت، ھۆرلۈك سۆيگۈسىدىن تاندۇرۇش ئۈچۈن سورۇنلارنى، توپلارنى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنى بازا قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ جامائەت ئىچىدە يايىدىغىنى مىللەت دۈشمەنلىكى، ۋەتەن دۈشمەنلىكى، غەرپ دۈشمەنلىكى، خىرىستىيان دۈشمەنلىكى، يەھۇدى دۈشمەنلىكىدۇر. بولۇپمۇ دىن نوقتىسىدىن ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنىڭ ئەڭ رەزىل ۋاستىسى.
يەنە بىر گورۇپپا مەخسۇس توردا تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە فىلىم ئىشلەيدىغانلار ۋە يازىدىغان جاسۇسلار بار. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇرنى تېرورچىلىققا، تېرورىزىمغا، بالىلار ۋە ئاياللارنى خورلاشقا ھىسداش، ھەمدەم ۋە يارەمچى كۆرسىتىش. ئۇلار ھە دېسە تالىبانلارنى، ئەلقائىدىنى ۋە باشقا تېرورچى كۈچلەرنى مەدھىيەلەپ ۋىديو ئىشلەيدۇ ۋە يازما يازىدۇ. ئۇيغۇر داۋاگەرلەرنى غەرپنىڭ ئويۇنچۇقى، تاغۇتلارنىڭ ياللانمىسى دەپ تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر قوراللىقلارنىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ سەبى بالىلارنى قوراللاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا تېرورلۇق مەشقى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى تارقىتىدۇ. مەسىلەن، فېيىسبۇكلاردا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى ئامېرىكانىڭ ئويۇنى، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى غەرپنىڭ ئويۇنى دەپ تەرغىپ قىلىدىغان تۈركچە، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە بەتلەر بار. ئۇلار بىر شاھمات تاختىسىغا ئۇيغۇرلارنى پىچكا ئورنىدا تىزىپ ئوينىغۇچىلارنى ئامېرىكا قىلىپ سىزىپ چىققان. بۇنى تارقاتقانلار ئېنىقكى خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىكى ھەقلىق ۋە ھەقسىز جاسۇسلىرى. ئۇلارنىڭ دائىملىق ئالدامچىلىق ئۇسۇلى جىھات ۋە دىننى تەرغىپ قىلىش، ئالداش نىشانى بولسا دىندار قېرىنداشلاردۇر.
خىتايدىن ئەۋەتىلگەن جاسۇس ئابدۇمىجىت ئابدۇخالىقنىڭ 2019-يىلى رامىزاندا، يەنى ماينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەلۇم بىر كۈنى خىتايغا قايتىپ كەتكىنى ئېنىق.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ خوتەن شەھىردە تېبابەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە خام دورا تىجارىتى بىلەن ئالدىراش ئىمىش. يېقىندا شىشە زاۋۇتى قۇرۇپ بېيىپ كەتكەنمىش. بۇ ھەقتە يەنە مەلۇمات ۋە پاكىتلار ئايدىڭلاشسا يەنە داۋاملىق يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.
2021.01.29