قاماقتا رامىزان باشلانغان كۈنى

قاماقتا رامىزان باشلانغان كۈنى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

بېيجىڭدىن 5،000 كىلومتېرى يىراق قەدىمكى ئۇيغۇر پايتەختى قەشقەردە 2013-يىلى 19-ئاۋغۇستتا قولغا ئېلىندىم. مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، مېنى قوينىدا كىتاپخۇمار، ئىلىمخۇمار، ھەققانىيەتچى قىلىپ تەربىيەلەپ، ئاخىىرىدا خىتايدىكى ئالى مەكتەپنىڭ دەرس مۇنبىرىگە ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ئۇزاتقان بۇ شەھەر ماڭا زىندان بولۇپ قالدى. خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى سوراققا كەلدى، ئۇلار مېنىڭ ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇرچىنى ئ‍ۆگەتكەنلىكىمنى دۆلەتنىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش، بالىلارنى بۆلگۈنچىلىك روھىدا تەربىيەلەش دەپ جىنايەت ساناشتى. سوراقتا مەن قۇرغان يەسلى قۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەييارلىقى دېيىلدى. سوراقچىلار مېنىڭ ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە تىلشۇناسلىق ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيەمنى تېرورلۇققا قۇترىتىش دەپ ئىزاھلىدى. ئۇلارچە مېنىڭ فورد مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ 2009-يىلدىن 2011-يىلغىچە ئامېرىكادا ئوقۇغانلىقىم جىنايىتىم ئىكەن. مەن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارەسى ئەۋەتىپ «شىنجاڭ»نى بۆلمەكچى بولغان ئالاھىدە خادىم ئىمىشمەن.

90 پېرسەنتىدىن ئارتۇقى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا ئۈچ مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر مەھبۇس. ئۇلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتلىرىمۇ نازارەتنىڭ ئاستىدا يوقۇلۇپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. قاماقتا  مەھبۇسلارنىڭ رامىزاننى قانداق كۈتۈۋالىدىغانلىقى، مەھبۇسلۇققا مەھكۇم كۈنلەردە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكنى، كىملىكنى، ئىتىقاتنى، ئىنسانىي تۇيغۇلارنى  قانداق ياشايدىغانلىقىنى ئويلىغانلىرىمدا مەن باشتىن كەچۈرگەن قاماقتىكى رامزان خىيالىمغا كېلىدۇ.

2014-يىلى رامىزاننىڭ 28-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ھەپتە بۇرۇن كالىنداردىن بىلگەن ئىدىم. كامېردىكى تامغا تىرناقلار بىلەن سىزىپ چىقىلغان كالېندار بار ئىدى.ھەر كۈنى كىمگە كېچە سائەت بىردە نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسى كەلسە شۇ مەھبۇس كونا بىر كۈننى ئۆچۈرۈپ ماڭاتتى. ئۆتۈپ كەتكەن شۇ بىر كۈننى ئۆچۈرۈشنى مەھبۇسلار بىر بىرىدىن تالىشاتتى، قىزغىنىشاتتى، شۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن كىشى ئۆزىنى تەلەيلىك ھېس قىلاتتى. كالىنداردىن بىر كۈننى ئۆچۈرۈش بىر مەھبۇس ئۈچۈن جازا مۇددىتىدىن بىر كۈننى توشقۇزۇش، ھۆرلۈكتىن مەھرۇم كۈنلەرنىڭ بىرىدىن قۇتۇلۇشتىن دېرەك بېرەتتى. مەن ئۆزۈمنى مۇددەتسىز كېسىلىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولغاچقا كالىندارغا قىزىقمايتتىم، نۆۋىتىم كەلگەندىمۇ ئۆتكەن بىر كۈننى ئۆچۈرۈشنى ئ‍ۇنتۇپ قالاتتىم.

شۇ كۈنى كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە ۋاقتىم سەھەر سائەت بىرگە توغرا كەلگەن ئىكەن، كونا كۈننى ئۆچۈرەي دەپ كالىندارغا قارىسام كىمدۇر بىرى 28-ئىيۇننىڭ ئۈستىگە ئاينى، ئاينىڭ ئۈستىگە بىلىنمەس قىلىپ يۇلتۇزنى سىزىپ قويۇپتۇ. ئاي يۇلتۇزنى كۆرۈپ خۇددى بىرى كۆرۈپ قالغاندەك يۈرىكىم سېلىپ ئەتراپقا قاراپ كەتكىنىم ئېسىمدە. بۇنداق قاپيۈرەكلىكنى 2014-يىلى مايدىن كېيىن تۈركۈم تۈركۈملەپ كىرىۋاتقان مەھبۇسلار قىلمىسا مەندەك بىر يىلدىن بۇيان كۆزىتىلىۋاتقان بىر «خەتەرلىك» مەھبۇسنىڭ قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كامېردا قەيەرگە ماڭسام ماڭا توغرىلىنىدىغان ۋە توختىماي «چىرىس، چىرىس» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ يۈرەكنى قارماللايدىغان «كۆز» مېنى تامغا ئەمەس، مىڭەمدىن بۆلەك ھىچ يەرگە بىر نەرسە  يېزىشقا ئىمكان بەرمەييتى.

27-ئىيۇن كەچتە بىر گۇندىپاي كېلىپ كامېرنىڭ ئىشىكىدىلكى تۆشۈكتىن ئەتە سەھەر رامىزان تۇتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئۇ سېرىق كىيىملىك ئۇيغۇرلارنى پەگاھقا تىزىلدۇرۇپ خىتاي مەھبۇسلارغا ئۇلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا تاپىلىدى. ئۇ يەنە روزى تۇتۇشنىڭ ئالامەتلىرىنى خىتاي مەھبۇسلارغا ئېزىپ ئۈچۈردى.

28-ئىيۇن سەھەردە «56 مىللەت 56 گۈل» دېگەن ناخشا چىقىپ ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى. بۇ دەرس بار دېگەنلىك ئىدى. ئادەتتە شەنبە يەكشەنبە دەرس يوق،  ئارام بولغاچقا بۇ تۇيۇقسىز چىققان مەشغۇلات ناخشىسى مەھبۇسلارنىڭ ئېغزىنى ئېچىۋەتتى. كامېرنى خىتايچە ئەڭ سەت تىللار، ھاقارەتلەر، ئاھانەتلەر قاينىتىۋەتتى، ئەمما ئۇيغۇرچە ھىچبىر نارازىلىق ئاۋازى يوق ئىدى. پەقەت ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھوشۇقلىرىغا ئۆتكۈزۈلگەن كىشەنلەرنىڭ ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئىشتان كىيىگەندە چىقارغان شاراقلىغان ئاۋازى، پەگاھقا چۈشۈپ بولغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پۇتىدىكى كىشەنگە باغلانغان چۆيۈن دۆگىلەكلەرنىڭ سېمۇنت يەردە سۆرىلىپ دارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلىناتتى.

رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنى كاۋا چېچىكىدەك لىققىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ۋە خەمەكلەردەك ئاندا ساندا خىتاي ئىجتىمائى مەھبۇسلار قاتارلىشىپ بەدەشقان قۇرۇپ دەرسنى باشلىدۇق. تېلىۋىزوردىن «شىنجاڭدا جامائەت ئىسىملىك تەشكىلاتلار يامراپ كەتتى. ئۇلار روزا تۇتۇشنى باھانە قىلىپ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا، مائارىپىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا قارشى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى» دېگەن سۆزلەر لىپىلداپ چىقىپ تۇرغان تەشۋىقات رەسىملىرىگە ماسلىشىپ ياڭراپ تۇراتتى.  ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن ماڭا ئالدىمدىكى مەنزىرە بەكمۇ ئېنىق كۆرۈنەتتى. «سېرىق چېچەكلەر» غۇچچىدە بولۇپ، تىككىدە قېتىپ ئولتۇراتتى، «خەمەكلەر» بولسا ئۇ يەر بۇيەردە بولۇپ  يېنىچە يانپاشلىشىپ يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ قاتاردىن بۇ قاتارغا گەپ تاشلاپ، بىر بىرى بىلەن بويۇنداپ پاراڭلىشاتتى. كاۋا چېچىكى جىلىتكە كىيىشكەن ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن بىر بىرىگە ئۇلىشىپ ئاڭلىنىدىغان ئۇھسىنىشلار  كامېرنى قاپلىغان چارەسىزلىك ھاۋاسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ كىشىنىڭ دېمىنى سىقاتتى. ئۇلار كۆزىنى يۇمۇشقا بولمايتتى، ئاغزىنى مىدىرلىتىشقا بولمايتتى. بۇنداق قىلىشلار ناماز ئوقۇغانلىق دېيىلىپ جازاغا تارتىلاتتى.

سائەت ئون ئەتراپىدا ۋاڭ فامىلىلىك گۇندىپاي كېلىپ «باۋ شۇ!» (ساننى مەلۇم قىل) دەپ ۋارقىرىدى. بۇ قاماقتىكىلەرنىڭ سانىنى ئالغانلىق ئىدى. مەن شۇ كېچە ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى بولغىنىم ئۈچۈن ساننى مەلۇم قىلدىم. ئۇ مەندىن روزا تۇتقانلارنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىدى، ئاندىن روزى تۇتىىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى سورىدى. مەن 16 ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس، بىر ئۇيغۇر ئوغرى، بىر تۇڭگان ۋە يەنە بىر قازاقنى قوشۇپ 19 كىشىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەردىم. ۋاڭ ئىسىملارغا مۇنداقلا بىر قاراپ: «ھەي دەلتە! مەن روزا تۇتىدىغان مۇسۇلمانلارنى دە، دېسەم نېمە بۇ قازاق ۋە تۇڭگاننى قوشىسەن!» دەپ ۋارقىرىدى.

بۇ ھاقارەتتىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىن چىققان بىر ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى چىڭ بېسىۋېلىپ: «قازاق بىلەن تۇڭگانمۇ مۇسۇلمان، ئۇلارنىڭ سېرىق سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىيىمى كىيمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇغۇ!» دېيىشىمگە ۋاڭنىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى. ئاپلا، يەنە چاتاق چىقتى. ۋاڭ «چۇلەي» (چىقە) دەپ بولغىچە كامېردىكى ئىككى ئەمەلدار مەھبۇس قولۇمغا ئىشكەل، پۇتۇمغا كىشەن سېلىپ تەييار قىلدى.

ئاپتاپلىق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالماي بۇيرۇق بويىچە ۋاڭنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدىم. كىشەننىڭ ھوشۇقنى غاجىشى بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇراپ كېتىۋاتقان بىلىنىدىغان كارىدوردا كېتىۋاتىمەن. مىڭەمدە سۇئاللار پورۇقلايدۇ. «بۇنچىلىك گەپكىمۇ جازالاپ كېتەرمۇ، بىرەر ئۇيغۇر روزا تۇتقان بولسا مېنى پاش قىلمىدى، دەپ گۇمان قىلىپ قالغانمىدۇ؟ بېشىمىزدا ئۈچ كامېرا چىرىسلاپ ھەممە ھەرىكىتىمىزنى سىنغا ئېلىپ تۇرسا، پۇتقا سېلىنغان كىشەن كېچە كۈندۈز ئېلىنماي تاھارەت ئالالمايدىغان تۇرساق، ئەتىگەن ناشتا قىلغاندا ھەممەيلەن تىزىلىپ گۇندىپايغا قاراپ تۇرۇپ  ئىشىكنىڭ رۇجىكىدىن  سۇنۇلغان مومىنى يەپ، شوۋگۈرۈچنى ئىچىپ بەرگەن تۇرساق، قانداقسىگە روزا تۇتۇش مۇمكىن، كىممۇ روزا تۇتالايدۇ؟ روزا تۇتقانلار يوق بولغاچقا، يوق! دەيمەن-دە!».

پۇتۇمغا سېلىنغان ئېغىر كىشەننى سۆرەپ، قاراڭغۇ ئۇزۇن كارىدوردا كېتىۋاتىمەن. كىشەن ھوشۇقۇمنى رەھىمسىزلىك بىلەن غاجاۋاتىدۇ، قەدەمنى ئاستىلاتقىلى بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىش تېپىككە قېلىشنىڭ باھانىسى. شۇ دەقىقىلەردە ئېسىمگە خاتالىق دېيىشكە بولىدىغان، جازالىنىشىمغا سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ئىھتىماللىقلارنى كەلدى. بىر قېتىم ۋاڭ كامېرغا رۇجەكتىن مارىغاندا ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلىۋاتقان ئىدىم. دەرھال «دوكىلات!»دەپ ۋاقىراپ، ئىشتاننى يۇقۇرى قىلىپ ئورۇنۇمدىن تۇرۇشقا، قائىدە بويىچە باشقا مەھبۇسلار بىلەن ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاتارغا تىزىلىشقا بىر قانچە دەقىقە كېچكىپ قالغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا ئۇزاق قاراپ بەك سەت ئالىيىپ كەتكەن ئىدى. ئەجەبا شۇنىڭ ئۆچىنى ئالارمۇ؟

ۋاڭنىڭ ئىشخانىسىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان كىشەنلەر، زەنجىرلەر، تامغا قاتار ئېسىلغان بەش تۆك كالتەكنى كۆرۈپ تېنىمگە تىترەك ئوۋلاشتى. بەش توك كالتەكنىڭ ھەر بىرىنىڭ توكى يىگىرمە مىنۇتتىن يەتسە يۈز مىنۇت دېگەن سۆز ئ‍ىدى. مۇشۇ كالتەكلەرنى ياقسا يىگەننىمۇ يىمىگەننىمۇ قۇسۇپ، كالتەك يېقىلغان يەرنىڭ تېرىلىرى سويۇلۇپ كېتىدۇ. ھۇشۇمدىن كەتسەم ياخشى بولاتتى، ھېچ نېمە بىلىنمەيتتى. ئەمما يەنە ئوخشاش، ھۇشنى تاپقاندا ئ‍اغرىق جاننى قاقشىتىدۇ. كونا تېرە سويۇلۇپ يېڭى تېرە ئالمىشىپ بولغىچە بىر ئايغىچە قىينىلىدىغان گەپ. شۇلارنى ئويلىغانچە چىشلىرىم كاسىلسداپ پىشانەمدىن جوپۇلداپ سوغۇق تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى.

ۋاڭ باشقا گەپ قىلماي ئىشخانا تېمىدىكى ئىكراننى تىزگىنەك بىلەن ئاچتى. قارىسام مەن ياتقان كامېرنىڭ ۋىدوسى ئىكەن.  مەن كېچىلىك نۆۋەتتە خالانىڭ قېشىدا قارشىمدىكى تامغا قاراپ خىيال سۈرۈپ تۇرۇپتىمەن. غەيرەت ئىسىملىك قاشتاش ئوغۇرلاپ كىرگەن بالا ئورنىدىن تۇرۇپ تامدىن بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ بولۇپ يۈزىنى سىيپىدى، خالاغا باردى. تۇربىدىن ئوچۇملاپ سۇ ئىچتى، ئۈچ قېتىم ئاغزىغا سۇ ئالدى. يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيدى. ئاندىن ئورنىغا قايتىپ تامغا يېزىلغان بىر قانچە قۇر خىتايچە خەتنى پىچىرلاپ ئوقۇپ يۈزىنى سىپاپ جىمىپ كەتتى.

ۋاڭ ئىكراننى ئىتتىكلىتىپ يەنە بىر كۆرۈنۈشنى قويدى. ئەتىگەنلىك ناشتا، غەيرەت مومانى يىدى ۋە يالتىراق قاچادا بېرىلگەن سۇنى ئىچتى. ئۇ جايىغا قايتىپ بىر دەمدىن كېيىن قولىنى ئېغىزىغا تىقىپ ھەممىنى خالاغا ياندۇرۋەتتى. «ئاپلا» دېدىم ئىچىمدە، غەيرەت شۇ كۈنى سەھەردە روزا تۇتقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ كامىردا روزا تۇتۇش ئىھتىماللىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغاچقا دىققەت قىلماپتىمەن. تەلەپ بويىچە كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە نازارەت قىلىنىشى كېرەك بولغىنى كېچىسىمۇ نىلون سېرىق جىلىتكىلەرنى سالمايدىغان سىياسىي مەھبۇسلار بولۇشى كېرەك ئىدى.

ۋاڭ ماڭا قاراپ بىرنى ئالىيىپ قويۇپ چىسلانى 24-ئىيۇنغا توغرىلىدى. غەيرەت كامېرنىڭ كاتىپىدىن كامېر خاتىرىسىنى ئېلىپ ئالدىمغا كەلدى. بىراز پاراڭلار، مېنىڭ باش چايقىشىم، ئۇنىڭ يالۋۇرغان چىرايى كۆرۈندى. مەن ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ بەردىم. ئىكران يەنە تىزلىتىلدى. غەيرەت خىتايچە خەتلەرنى خاتېرىدىن كۆچۈرۈپ تامغا يېزىشقا باشلىدى. «ئاپلا!» دېدىم ئىچىمدە.

ئەسلىدە غەيرەت ماڭا ئۇ كۈنى زوھۇرلۇقنىڭ ۋە ئىپتارنىڭ دۇئاسىنى ئۆگىتىپ قويۇشنى سورىغانىدى. مەن دەرھال رەت قىلغانىدىم. ئۇ يەنە بولدى قىلماي تۇرۇۋالدى. يىلىنىپ يالۋۇردى. ئۆزىنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقىنى ئەمما ئۆگىنىپ قويغۇسى بارلىقىنى، ئايەتلەرنى ئۆگىنىپ قاماقتىن چىققاندىن كېيىن نامازنى باشلاپ يامانلىقلارنى قول ئۈزىدىغانلىقىنى، خۇدايىم ئايەتلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن ساۋاپ ئاتا قىلىپ مۇشۇ قېتىم قاماقتىن قۇتقۇزسا ھەرگىز دىننىڭ بۇيرىغانلىردىن چىقمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئىچىمدە بۇ 18 ياشقا ئەمدى كىرگەن بالىنىڭ مۇشۇنداق دېيىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئۇنىڭ خروئىنكەشلىك سەۋەبىدىن ئوغۇرلۇق قىلغانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇنداق بالىلار بىر بىرىنى دوراپ چېكەتتى. چېكىملىككە پۇل توۋشىمىغاندا ئوغۇرلۇق قىلاتتى. ئەگەر ئۇ ناماز باشلاپ نامازخان ياشلارنىڭ قاتارىغا قوشۇپ كەتسە ھەقىقەتەن زەھەردىن قۇتۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. مەن مۇشۇنداق مىساللارغا شاھىت بولغان ۋە كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.

غەيرەتكە زوھۇرلۇقنىڭ ۋە ئىپتارنىڭ دۇئاسىنى، نەسىر سۈرىسى بىلەن ئەسىر سۈرسىنى خىتايچە خەتلەر بىلەن يېزىپ بەردىم. خىتايچە يېزىلغان ئايەت ۋە دۇئالارنىڭ تەلەپپۇزى توغرا چىقمايدىغانلىقىنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم، ئەمما بۇنىڭدىن باشقا ئامالمۇ يوق. مەن مىڭلىغان تۇنگان بالىلارنىڭ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق خىتايچە ئاھاڭدا ئ‍ۆگىنىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدىم. مەن كامېردا خىتايچە ئۆگىتىدىغان بولغاچقا بۇنداق يېزىپ بەرسەم ئانچە دىققەت تارتمايدۇ، دەپ بىلەتتىم. ئەمما مېنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان «كۆز»نىڭ بۇنى خاتىرلەپ ماڭغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، نېمىشقا بىخەستەلىك قىلدىم؟ ئۇنىڭ دۇئا ۋە ئايەتلەرنى تامغا يېزىشىنى، شۇنىڭغا قاراپ دۇئا قىلىشىنى مەن نەدىن بىلەي!

بۇ گۇناھنىڭ بەدىلىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكىمۇ ئاجىز ئىدىم. قورقۇنچتىن چىشلىرىم كاسىلداپ، قوللىرىم تىترەپ، ئىشكەل شاراقلاپ كەتتى. «بۇ نېمە! كىمنى ئ‍الدايمەن دەيسەن!» دەپ گۈركىرىدى ۋاڭ ئالدىمغا دىۋەيلەپ. ئۇ قولىنى دۆۋىلەگلىك زەنجىرگە ئۇزاتقاندەك قىلىۋېدى، نېمە قىلار دەپ بولغىچە بېشىمغا شاراققىدە قىلىپ تەگكەن زەنجىردىن كۆزۈمدىن ئ‍وت چىقىپ كەتتى. ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغىچە بويۇنلىرىمغا ئىسسىق بىر سۇيۇقلۇقنىڭ ئاققانلىقىنى تۇيدۇم. قارىسام بېشىمدىن شۇرۇلداپ ئاققان قان دولامغا، مەيدەمگە ساقىشقا باشلاپتۇ. قۇلاق تۈۋىمگە تەگكەن زەنجىردە ئوڭ قۇلىقىمنىڭ يېرىلغانلىقىنى قاماقخانا دوختۇرىنىڭ گېپىدىن بىلدىم.

گۇندىپايلار قۇربانلىق قوينىڭ پۇت قولىنى بوغۇچلىغاندەك پۇت قولۇمنى بېسىپ كارۋاتقان ياتقۇزدى. ئاق خالات كىيگەن بىرى ئانامنىڭ يوتقان تىكىدىغان يىڭنىسىدەك بىر نەرسىنى تەڭلەپ بېشىمغا ئېڭىشىۋېدى كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم. يىپلارنىڭ تارتىلغاندا غىرت-غىرت قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ۋارقىراپ تاشلىغان ئوخشايمەن بىر يوغان قول ئاغزىمنى ئەتتى. چىشلىرىمنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇۋالساممۇ جالاقلاپ تىترەپ تۇراتتىم. بەك يولقۇنۇپ كەتسەم كېرەك مېنى بېسىپ تۇرغان تۆت گۇندىپاينىڭ ھاسىراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

باشلىرىم چىڭ تېڭىلغاندىن كېيىن ئاغرىق سەل قويۇپ بەرگەندەك قىلدى. شۇئان «چالا تەگكەن ئوق» دېگەن روماندىكى كەنجىنى ئەسلىدىم. بۇ رومان 1980-يىللارنىڭ بېشىدا يېزىلغان ئىدى. ئاپتورئابدۇللا تالىپ 1940-يىللاردا ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ھاياتىنى 1940-يىللاردا يۈز بەرگەن ئېنىقلاپ ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئاتىغان ئىدى.

«چالا تەككەن ئوق» 1940-يىللاردا يۈز بەرگەن ئومۇىي تۇتقۇن، مىللىي كەمسىتىش ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش ھەققىدە يېزىلغان رومان ئىدى. روماندا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى قەشقەردىن تۇتۇلۇپ ئۈرۈمچى، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا مەجبۇرى يۆتكەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچەيلەننىڭ ئېغىر ئەمگەكتە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى يېزىلغان. ئۇلاردىن ساق قالغانلار تەشكىللىنىپ كەنجىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى بولىدۇ.

كەنجى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار بىلەن تونۇشۇپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي بىر خائىننىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى تۇتۇلۇشقا باشلايدۇ. كەنجى  خائىنلىق قىلغان ئابدۇللا ئىسىملىك ئەزاغا ئوقنى چالا ئېتىپ پاش بولغان. ئۇ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن مەن ياتقان لىيۇ داۋەن دېگەن قاماقخانىدا تېرىسى سويۇلۇپ تۇزغا يۇمۇتۇلغان ئىدى. بىر ئەۋلات ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋەكىلى كەنجى شۇنچە ۋەھشى قىيناقتا ھىچ بىر دوستىنى پاش قىلماي چىدىغان ۋە ئاخىرى دوستى زۇليار بىلەن جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇلارنىڭ جەسىتى دەل مەن قامالغان بۇ يەرگە يېقىن تىك قۇدۇقتىكى بىر كانغا تاشلاپ يوق قىلىنغان ئىدى.  مەن 13 ياش چاغلىرىمدا ئوقۇغان بۇ رومان ماڭا بەكلا تەسىر قىلغاچقىمۇ ۋەقەلىكلەر كىنودەك كۆز ئالدىمدا ئىدى.

كارىۋاتتا يېتىپ تىرناقلىرىمغا قارىدىم، قولۇمنىڭمۇ، پۇتۇمنىڭمۇ ساق، كەنجىنىڭ تىرناقلىرى يۇلۇنغان ئىدى.  توك كالتەك يېقىلمىدى، كەنجىنىڭ، ئۇنىڭ سەپدېشى زۇليارنىڭ تېرىسىدەك تېرەممۇ سويۇلمىدى. ياتقىنىم كەنجى ياتقۇزۇلغان مىخلىق ماتروس ئەمەس يۇمشاق كارىۋات.

كەنجى، زۇليارلارنىڭ پاجىيەلىك قىسمىتىنى ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.  بوۋىلار ھۆرلۈك ئۈچۈن جان بەرگەن يولغا كىرىپ تىرىشتىم، ئۇلار بىزگە ئامانەت قالدۇرغان تىلدا سۆزلەپ تۇتۇلدۇم، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئۇلار كۆمۈلگەن يەرگە قامالدىم. ئازاپلىنىشقا، پۇشمانغا، چېكىنىشكە باھانەم يوق! ئۇلار كۆرگەن جىسمانى قۇللۇقنىڭ بىرىنى كۆرمەپتىمەن، ئەجداتلار تارتقاننىڭ مىڭدىن بىرى كەلمەپتۇ بېشىمغا.

مەن تۇتۇلغاندىن بۇيان «چالا تەگكەن ئوق»نى ئېسىمدىن چىقارمىدىم. روماندىكى تۇتقۇنلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى، ئۇلارنىڭ قىيناققا باش ئەگمەس روھى، ھۆرلۈك ئۈچۈن پىدا قىلغان ئەزىز جېنى، سوراقتا ئاققۇزغان ئىسسىق قېنى كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى. مېنىڭ شۇنداق كۈنلەرگە قېلىشىم تەسەۋۋرۇمدا ئىدى.  بۇ يول شۇنداق يول ئىدى. شۇ رەھمەتلىكلەرنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدەك جان ئىدى. كەنجىنىڭمۇ يولىغا زار دادىسى، زۇليارنىڭمۇ باغرى قان ئانىسى بار ئىدى.

دوختۇر ئىشخانىسىدىن تۇيۇقسز قاماقخانا باشلىقى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى. پاكىستانلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى سەيپۇللا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ يېتىۋاپتۇ. سەيفۇللا بىر قاتىللىق دىلوسىغا چېتىلىپ ئۈرۈمچىدە قولغان ئېلىنغان ئىدى. ئۇ پاكىستانلىق بولغاچقا ئالاھىدە تاماق، مۇئامىلە ۋە داۋالاشتىن بەھرىمەن بولاتتى. ئۇ ئېنگىلىزچەدىن باشقا تىلنى بىلمىگەچكە مەن ئېگىلىزچە تەرجىمانلىق قىلمىسام، تەربىيە ئىشلەپ، كۆڭلىنى ياساپ تاماق يۈگۈزمىسەم بولماسمىش.

سەيفۇللا قاماقخانىدا تۇرۇپمۇ خىتاي پاكىستان دوستلۇقىنى سايەسىى ئىدى. قاماقخانىدا بۇ ئەتىۋارلىق مەھبۇسنىڭ گېپى گەپ ئىدى، كادىر تامىقى يەيتتى، گۇندىپايلاردىن تاماكا سوراپ چېكەتتى. ئۇنىڭ خىتايدا تۇتۇلۇپ قېلىشى ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى قاماقخانا ئۈچۈن بىر دېپلۇماتىك ۋەقەدەگە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەيلى نېمە بولسۇن ئۇنىڭ غەلۋىسى ماڭا پايدا قىلدى. پاتپاراقچىلىقتا مېنىڭ روزا تۇتقاننى تۇتمىغان، مەلۇم قىلمىغان مەسىلەمنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم چىقماي ھەممە كۆزلەر مېنىڭ سەيپۇللانى ئەيۋەشكە كەلتۈرىدىغان ئېنگىلىزچە سۆزۈمنىڭ كارامىتىگە قادالغان ئىدى.

 

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ