كېلەچەكتەك كۈلۈشۈم كېرەك

كېلەچەكتەك كۈلۈشۈم كېرەك

كۆرەلمەيمەن ياپيېشىل سەھەر،
يانغىن يالماپ يۇتقان ئورماندەك،
يېشەلمەيمەن قارا چۈشۈڭنى،
ئاڭلاردىكى ئاخىر زاماندەك.

قەلبىم كەلمەس قالغاچ ئۇۋىسى،
سايەم غېرىپ سەرسان تۇماندەك،
ئۆچۈرمەكتە ئىسمىمنى بوران،
ھۆججەتلەردىن شۈبھى گۇماندەك.

خورجۇنۇمدا ئۆتمۈشنىڭ يۈكى،
يەنە ھەسرەت سۇلدۇرغان چېچەك.
كۆرسەتمەيمەن ھېچ بىرنى ساڭا،
كېلەچەكتەك كۈلۈشۈم كېرەك.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ