كەينىڭگە يانتاق تاشلىما
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«كەينىڭگە يانتاق تاشلىما!» دېگەن ئىدى دادام سوغۇق بىر قىش كۈنى. ئاكام، دادام ۋە مەن ئۈچىمىز چوڭ يولدىن ئۆتكەن ئوتۇنچىلاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن ئېلىپ ئۆيگە يېنىۋاتقان ئىدۇق. ھارۋۇغا ھېيتگاھ كۆرۈنگىدەك دۆۋىلەپ باسقان ئوتۇننىڭ ئۈستىدە چوقچۇيۇپ تىترەپ ئاران ئولتۇرغان ئىدىم. قولۇمغا بىر نەرسە سانجىلغاندەك قىلدى، قارىسام بىر شىڭگىل يانتاق، ئاچچىقىمدا يانتاقنى ئېلىپلا كەينىمگە ئاتتىم.
« تاشلىغىنىڭ نېمە ئۇ؟» دېدى دادام ھارۋۇغا يانداش كېتىۋېتىپ. «يانتاق!» دېدىم بىپەرۋالا. «چۈشۈپ تېرىۋەت، قىلغان قىلىقىنى قارا بۇنىڭ، خەقنىڭ پۇتىغا سانجىلمامدۇ، قاچان ئادەم بولارسەن!» دەپ قاقشاپ كەتتى ئۇ. دادامنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان ئاكامغا تېخىمۇ بولۇپ بەردى. ئۇ خىرىلداپ كۈلۈپ ھارۋۇدا ئاران ئولتۇرغىنىمنى مازاق قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ مەسخىرىلىك چىرايىغا قاراپ تۇيۇقسىز جەھلىم قاتتى.
«ياق! ھىچ نېمە بولمايدۇ، كىم ماڭاتتى بۇ چەت چىغىر يولدا بىزدىن باشقا» دېيىشىمگە دادام ھارۋۇنى توختاتتى. ئۇنىڭ ئالايغان كۆزلىرىگە قاراپ قورقۇپ كەتتىم. ھارۋۇغا قانداق تەستە چىققان بولسام شۇنداق تەستە سىپىلاپ يۈرۈپ ئاران چۈشتۈم. كەينىمگە تاشلانغان يانتاقنى يولدىن يىراق تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ھارۋۇغىمۇ چىقماي قېيداپ ئۆيگە كەتكەن ئىدىم.
«كەينىڭگە يانتاق تاشلىما» دېگەن بۇ سۆز ماڭا ھەمراھ بولۇپ چوڭ بولدى، مەنىسىمۇ كۆپىيىپ باردى. بۇ سۆز مېنى داۋاملىق ھىچكىم بىلمەيدىغان يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. بۇ سۆز مېنى نەپسىمگە قولاي، ئۆزۈمنىڭ پايدىسىغا باپ ھەر قانداق ئىشنىڭ شۇ ۋاقىتتا، ياكى كېيىنكى بىر كۈنلەردە باشقىلارنىڭ زىيىنىغا بولۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ تۇردى.
1997-يىلى قەشقەرگە بىر ئۆمەك ساياھەتچى كەلدى. ئۇلار ئامېرىكالىق بولۇپ قەشقەردە بىر ئاي ئەتراپىدا تۇراتتى. مەن ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلغاچ ئېنگىلىزچە ئۆگەندىم. ئۇلار قايتىشقا ئاز قالغان بىر كۈنى يېڭى بازارغا سوۋغاتلىق ئېلىشقا چىقتۇق. تىجارەتچىلەر ساياھەتچىدىن پايدا ئېلىشتا تەرجىمانغا شىرىنكا بېرىشنى ئادەت قىلغان ئىدى. بۇ قەشقەردىلا ئەمەس، ھەممە يەردە يۈزدە يۈز ئومۇملىشىپ كەتكەن ئىش ئىدى. بۇنى ساياھەتچىلەرمۇ بىلمەي قالمايتتى.
ئۇ كۈنى ھەممە مالغا بەش ئالتە ھەسسە ئاشۇرۇپ باھا قويۇلدى. باھا تالىشىشقا باشلىغىنىمدا ئەتراپىمدا كۆزلەر يۈمچەكلەندى، يانچۇقۇمغا پۇللار سېلىندى، يەڭلەر تارتىلدى. ئەمما مەن ھىچ بىرىگە يول قويمىدىم، سالا سۇلۇلارغا قارىماي، تىقىلغان قىزىل قەغەزلەرگە پەرۋا قىلماي گىرىلەرچە باھا تالاشقىلى باشلىدىم. قەشقەرچە «ئۇكام شە جۇما ماۋۇ» دېگەندىن باشلانغان، تاغاردا بىر مىزىلىك پاراڭ، پاختىدەك سانجىقلارنى «تويغىچە» ئاڭلىۋالدىم. يولدا ساپسېرىق چاچلىق ئىزابېت «سەن بەك ئۇستا ئالغۇچى ئىكەنسەن» دېدى. مەن ئېنگىلىزچىدە ئالماق دېگەن سۆزنى ئالغۇچى شەكلىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى شۇ كۈنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.
2018-يىلى ئومۇمى تۇتقۇن دۇنياغا ئاشكارىلانغاندا قەشقەردە تونۇشقان 20 يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن ئالاقەم قايتىدىن ئۇلاندى. ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغانلار ئاستا ئاستا كۆپەيدى. ئەمما نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىپ ئاتايىن ئاچقان بىر يىغىننىڭ ئازاپلىق كەچمىشىم بىلەن باشلىنىپ دۇئايى سالاملار بىلەن ئاياقلاشقانلىقى غەيرىتىمنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. «تۆۋە! ئۇيغۇرلارنى دۇئالا قىلىپ داۋا قىلمايدۇ دېسەم، بۇلارمۇ شۇ كەنغۇ!» دېگەن تۇيغۇ ئىچىمنى تاتىلىدى.
بۈگۈن ئەتىگەندە مەسېنجىردىن «مەن ئېلزابېت ئېسىڭدىمۇ!» دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. فېسبۇكتىكى تەرجىمھالىغا، رەسىملەرگە قارىسام ھېلىقى مېنى يېڭى بازاردا ماختاپ قويغان ئالتۇنباش شۇ! 25 يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئېلزابېت مېنى ئىزدەپ تېپىۋاپتۇ. ھازىر ئۇ بىر ئۇنۋېرىستېتنىڭ ئېنگىزچە يېزىقچىلىق پروفېسسورى ئىكەن.
قىزغىن باراڭلار، ئۇيغۇر ئۈچۈن قايغۇرۇشلار، قەشقەرنى سېغىنىشلاردىن كېيىن ئۇنىڭ خۇشخەۋىرى مەلۇم بولدى. ئۇ ئۇيغۇر ئۆگەنگۈچىلەرگە ھەقسىز ئېنگىلىز تىلى ئۆگىتىشنى قارار قىپتۇ. ۋاقىتنى كېلىشتۇق، ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆگىتىدىغان بولدى.
25 يىل بۇرۇنقى دوستلار بىلەن ئۇيغۇرغا ياردەم قىلىدىغان بىرچاققان قوشۇن بولۇپ ئۇيۇشتۇق. ياردەمنى ئېنگىلىزچە ھەقسىز دەرس ئۆتۈشتىن، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان يەردە زۇلۇمنى پاش قىلىشتىن، قولىمىزدىن كەلگەنچە قاباھەتنى يېزىشتىن باشلايدىغان بولدۇق.
بۈگۈنكى بىر كۈنۈم قىزغىن، ئىللىق ۋە مۇھەببەتلىك مەدەتلەر بىلەن باشلانغاندا دادامنىڭ «كەينىڭگە يانتاق تاشلىما» دېگەن سۆزى يەنە ئېسىمگە كەلدى. شۇ 25 يىل بۇرۇن ئوقەتچىلەرنىڭ تۆت تەڭگىسىگە ئالدىنىپ ئاشۇ ساياھەتچىلەرگە ئەرزاننى قىممەت دەپ ئالغۇزغان بولسام، بىللە قىلىشقان سودىلىقتا ساختىپەزلىك قىلىپ ئۇلارنى شۈبھىلەندۈرگەن بولسام كەينىمگە يانتاق تاشلىغان بولاتتىم. مۇشۇنداق كۈنلەردە، ئۇلار ئۇيغۇرغا كەلگەن مۇسىبەتنى ئوقۇغان ھامان مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئويلىماس بولغىيدى. بەلكىم مەن شۇ چاغدا تاشلىغان يانتاق ئۇلارنىڭ پۇتىغا، كۆزىگە سانجىلغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قارا سايە بولۇپ تاشلانغان بولاتتى. ئۇيغۇر دېگەن سۆز چىققان ئاندا ئۇلار «ھېلىقى ساختىپەز قەشقەرلىكمۇ ئۇيغۇر ئىدى! ئەجەپ قويمىچىلىق قىلىپ كەتكەن ھە!» دەپ قالار بولغىيدى بەلكىم.