تارىمدىن ئاناتولىيەگىچە «ياق-ياق»

تارىمدىن ئاناتولىيەگىچە  «ياق-ياق»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

تۈركىيەدە مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات كۈچەيگەنچە مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۈرك خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئائىت مەزمۇنلار بايقالماقتا. بولۇپمۇ شىئېرلاردا ئەزەلدىن ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بولۇپ ياشاپ كەلگەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىياتىغا ئورتاق ئامىللارنىڭ ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە دىققەت تارتماقتا. تەتقىقاتچى ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى مەرھۇم  ئەدىپنىڭ «ئىز» رومانى ئۈستىدە توختىلىپ، مەزكۇر روماننىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىكى قاراشلارنىڭ  تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تەنزىمات دەۋرىگە مەنسۇپ رومانچىسى ئاھمەت مىتھاتنىڭ قاراشلىرىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەتقىقاتچى رىدۋان ئۆزتۈرك شائىرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شىئېرىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرزۇرۇمدا ياشىغان، خەلق ئارىسىدا ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھ نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «ياق، ياق» رادىپلىق  شىئېرىغا ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما غازى ئۇنۋېرىستىتى تۈرك تىل ئەدەبىياتى فاكۈلتىتىنىڭ پروفېسسورى ھۈليا قاسساپ ئوغلى چەڭگەل خانىم ئۆتكۈرنىڭ ئەلىشىر نەۋايى ۋە تاتار شائىرى ئابدۇللاھ توقاينىڭ بەكرەك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھ ئۆز زامانىسىدىن بۇرۇنراق يېزىلغان ئورتاق بىر شىئېردىن ئىلھاملانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يەردە ئېنىقلاشقا تىگىشلىك بىر نوقتا، بۇ شائىرلار بىر بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمۇ ياكى ئورتاق بىر ئەنئەنىگە پەرقلىق شەكىللەردە ۋارىسلىق قىلغانمۇ دېگەندىن ئىبارەت.

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «دېدىم-دېدى» رادىپلىق شىئېرىغا ئوخشايدىغان شىئېرلارنى  تەتقىقاتچىلار 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلارىدا تۇغۇلغان، ھازىر رومۇنىيەگە تەۋە، ئەسلى ئوسمانلى دەۋلىتىگە مەنسۇپ بولغان تەمشەۋاردا ياشىغان ئاشىق ھاسان دېگەن شائىر ئەڭ دەسلەپ يازغان دەپ قارايدۇ. ئاشىق ھاساننىڭ شىئېرلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نەزىملەرنى يازغانلاردىن تۈرك ئەدەبىياتى تارىخىدا ئاشق ئۆمەر، قۇل نەسىمى  قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئاشىق ھاسان بىلەن قۇل نەسىمى بەشك تاش ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ ئىككى شائىرنىڭ بىر بىرىدىن تەسىر قوبۇل قىلىشىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. ئۆتكۈردىن باشقا يۇقارقى ئۈچ شائىرنىڭ ئانادولۇدا مەدرىس مائارىپىدا يېتىشىپ چىققانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۇز ئارا تەسىرلەشكەنلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. ئەمما ئۆتكۈرنىڭ قانداق بولۇپ بۇ شائىرلاردىن بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئىنىچىكىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.  مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن يۇقارقى شائىلارنىڭ دىۋانلىرىنىڭ ياكى بىرەر پارچە ئەسىرىنىڭ تېپىلغانلىقىغا ئائىت مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

دوكتۇر مەھمەت ياردىمجى «تۈرك خەلق شىئېرلىردا دېدىم-دېدىلىك كوپلىتلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئورنىكى 17-ئەسرنىڭ ئەڭ ماھارەتلىك شائىرى ئاشىق ھاساننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپتۇر.» دەپ يازىدۇ ۋە ئاشىق ئۆمەر، قۇل نەسىمى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىدا ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھنىڭ «دېدىم-دېدىلىك»  شىئېرلارنى يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 1960-يىللىرىدا تۈرك ناخشىچىلىرى ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھنىڭ «دېدىكى يوق يوق» دېگەن شىئېرىغا ناخشا ئىشلەيدۇ. بۇ ناخشا كېيىن فرانسوزچە ئەلبۇملارغىمۇ كىرگۈزىلىدۇ. يەنە شۇ يىللاردا قۇل ئاھمەت ئىسىملىك بىر ناخشىچى «يوق، يوق(ياق ياق مەنىسىدە)» ئىسمدە بىر ناخشا يازىدۇ ۋە تۈركىيەدە زور تەسىر قوزغايدۇ. دېمەك، تۈركىيە تۈركچىسىدە «يوق يوق» دېيىلىدىغان، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىدە ئوخشاش مەنىدە «ياق، ياق» رادىپلىق «ئۇچراشقاندا» دېگەن شىئېرغا قوشماق كېلىدىغان شىئېرلار قارا قورۇمدىن قارادېڭىزغىچە يېقىنقى تارىختا ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرغانلىقى ئېنىق. تۈرك دۇنياسىدا تۆرت يۈز يىل بۇرۇن يېزىلىشقا باشلىغان «دېدىم-دېدى» رادىپلىق شىئېرنىڭ 1948-يىلى ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كېلىشى ۋە 2010-يىلى تۈركىيەدە تۇيۇقسىز قايتا بايقىلىشى، ھەمدە بۇ قەدەر زىلزىلە قوزغىشى تۈرك مىللەلەر ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتىدىكى ئورتاقلىقىنى، تۈركى خەلقلەردىكى قېرىنداشلىق يىلتىزىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىغانلىقىنى ۋە بىخلىرىنىڭ نەقەدەر كەڭرى يېيىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچىلار«دېدىم-دېدى» رادىپلىق شىېرلار ھەققىدە توختالغاندا  17 -ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەدئەمىن غوجامقۇلى ھىرقەتىنىڭ «دېدىم-دېدى» رادىپلىق ئەسىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن بىخەۋەر قالغان. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا گۇمنام ۋە ھىرقەتى دېگەن قوش تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مىھنەتكام» دېگەن لېرىك داستانىدا دەل يۇقاردا مۇلاھىزە قىلىنغان «دېدىم-دېىد» رادىپلىق شىئېرلار كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر 1948-يىلى يازغان مەزكۇر شىئېرىغا «بىر شائىرغا تەقلىد» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن بىز بۇ يەردە بىر تەقلىتنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن شۈبھىلەنمەيمىز. ئەمدى ئابدۇررەھىم ئۆتكۈر زادى ئاشىق ھاساندىن ئىلھام ئالغانمۇ ياكى نەسىمىدىنمۇ، گۇمنامدىن تەسىرلەنگەنمۇ ياكى ئەمراھتىنمۇ دېگەن مەسىلىگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئەمراھنىڭ شىېرى بىلەن ئۆتكۈرنىڭ  شىئېرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.

ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھنىڭ «يوق، يوق» رادىپلىق شىئېرى

ساباھ ئۇغرادىم بەن بىر فىدانا.

دەدىم ماھمۇرمۇسۇن؟ دېدىكى يوق، يوق.

ئاق ئەللەرى بوغۇم بوغۇم قىنالى.

دەدىم بايراممىدىر؟ دەدىكى يوق يوق.

دەدىم، ئىنجى نەدىر؟ دەدى دىشىمدىر.

دەدىم قالەم نەدىر؟ دەدى قاشىمدىر.

دەدىم ئون بەش نەدىر؟ دەدى ياشىمدىر.

دەدىم داھا ۋارمى؟ دەدىكى يوق يوق.

دەدىم، ئۆلۈم ۋاردىر. دەدى ئاينىمدا.

دەدىم زۇلۈم ۋاردىر، دەدى بوينۇمدا.

دەدىم ئاق مەمەلەر، دەدى قوينۇمدا.

دەدىم ۋەر ئاغزىما، دەدىكى يوق يوق.

دەدىم ئەرزۇرۇم نەدىر؟ دەدى ئىلىمدىر.

دەدىم گىدەرمىسىن؟ دەدى يولۇمدۇر.

دەدىم ئەمراھ نەدىر، دەدى قۇلۇمدۇر.

دەدىم ساتارمىسىن، دەدىكى يوق يوق.

بۇ شىئېرنىڭ بىر خىل  ۋارىيانتى، يەنە بىر ۋارىيانتى بولۇپ مىسرالىرىدىكى بىر قانچە سۆز پەرقلىنىدۇ. ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھ خەلق شائىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئارىسىدا تارقالغانلىقى سەۋەبلىك پەرقلىق ۋارىيانتلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئى ئەۋەتتە. شۇڭا بىر پارچە شىئېرنىڭ سۆزلىرى پەرقلىق ھالدا كۆرۈلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن. بۇندىن باشقا نەسىمىنىڭ «يوق يوق» رادىپلىق شىئېرىمۇ بار بولۇپ  ئەمراھنىڭ كۆرگىنىمىزدىكى شىئېرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەمدى ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىدىكى «ياق ياق» رادىپلىق شىئېر بىلەن نەسىمىنىڭ ئوخشاش رادىپلىق شىئېرىنى سېلىشتۇرۇرپ باقايلى. ئاۋۋال ئۆتكۈرنىڭ يازغىنىغا قارايلى:

سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈم سۇلتانىنى،

دېدىم سۇلتانمۇسەن؟ ئۇ دېدى ياق ياق.

كۆزلەرى يالقۇنلۇق، قوللىرى خېنەلىك،

دېدىم چولپانمۇسەن، ئۇ دېدى ياق ياق.

دېدىم ئىسمىڭ نېمە؟ دېدى ئايخاندۇر.

دېدىم يۇرتۇڭ قەيەر؟ دېدى تۇرپاندۇر.

دېدىم باشىڭدىكى، دېدى ھىجراندۇر.

دېدىم ھايرانمۇسەن؟ ئۇ دېدى ياق ياق.

دېدىم ئايغا ئوخشار، دېدى يۈزۈممۇ،

دېدىم يۇلتۇز كەبى، دېدى كۆزۈممۇ.

دېدىم يالقۇن ساچار، دېدى سۆزۈممۇ،

دېدىم ۋولقانمۇسەن؟ ئۇ دېدى ياق ياق.

دېدىم قىياق نەدۇر، دېدى قاشىمدۇر.

دېدىم قۇندۇز نەدۇر؟ دېدى ساچىمدۇر.

دەدىم ئون بەش نەدۇر. دېدى ياشىمدۇر.

دېدىم جانانمۇسەن؟ ئو دېدى ياق ياق.

دېدىم دېڭىز نەدۇر؟ دېدى قەلبىمدۇر.

دېدى رەنا نەدۇر؟ دېدى لېۋىمدۇر.

دېدىم شەكەر نەدۇر؟ دېدى تىلىمدۇر.

دېدىم بىر ئاغزىما، ئۇ دېدى ياق ياق.

دېدىم زەنجىر تۇرار، دېدى بوينۇمدا.

دېدىم ئۆلۈم باردۇر. دېدى يولۇمدا.

دېدىم بىلەزۈكچۇ؟ دېدى قولۇمدا،

دېدىم قۇرقارمۇسەن، ئۇ دېدى يوق، يوق.

دېدىم نىچۈن قورقماسسەن، دېدى تەڭرىم بار.

دېدىم يەنىچۇ، دېدى خەلقىم بار.

دېدىم يەنە يوقمۇ، دېدى روھىم بار.

دېدىم شۈكرانمۇسەن، ئۇ دېدى ياق ياق.

دېدىم ئىستەك نەدۇر، دېدى گۈلۈمدۇر.

دېدىم چېلىشماققا، دېدى يولۇمدۇر.

دېدىم ئۆتكۈر نېمەڭ؟ دېدى قۇلۇمدۇر.

دېدىم ساتارمۇسەن، ئۇ دېدى ياق ياق.

ئەمدى نەسىمىگە كېلەيلى. نەسىمى تۈرك دىۋان ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ مەشھۇر شائىر بولۇپ قۇل نەسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى فۈزۇلى، باقى، ھاجى بەكتاش، يۇنۇس ئەمرەلەرگە ئوخشاش تۈك ئەدەبىياتىدا مەشھۇر بولۇپ،  ئىخلاسمەنلىرىنى سۆيۈندۈرۈپ كەلگەن نەزىملىرى بىلەن مەشھۇردۇر.  نەسىمى 17- ئەسىردە ياىشغان بولۇپ شىئېرلىرى مەدرىس مائارىپىدا تەربىيەلەنگەن بىر ئەۋلاد شائىرلغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۈرك ئىپىراتورى قانۇنى سۇلايماننىڭمۇ نەسىمىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئامراقلىقى مەلۇم. نەسىمىنىڭ «يوق يوق» رادىپلىق غەزىلى مۇنداق.

ئۇيقۇدان ئۇيانمىش، شاھىن باقىشلىم.

دەدىم، سەرخوشمۇسۇن؟ سۆيلەدى يوق يوق.

ئاق ئەللەرى، ئەلۋان ئەلۋان قىنالى،

دېدىم بايراممىدىر سۆيلەدى يوق، يوق.

دېدىم نە گۈلەرسىن دېدى نازىمدىر،

دېدىم قاشىنمىدىر دېدى گۈزۈمدۈر.

دېدىم ئايمۇ دوغدو؟ دېدى يۈزۈمدۈر،

دېدىم ۋەر ئۈپەيىم، سۆيلەدى يوق، يوق.

دېدىم ئايدىڭلىق بار، دېدى ئاينىمدا ،

دېدىم گۈناھىم چوق، دېدى گۆڭلۈمدە،

دېدىم مەھتاب نەدىر ؟ دېدى قوينۇمدا،

دېدىمكى گۈرەيىم سۆيلەدى يوق، يوق.

دېدىم ۋاتانىممى؟ دېدى ئىلىمدىر،

دېدىم بۈلبۈلمىدىر؟ دېدى گۈلۈمدۈر،

دېدىم نەسىمى شاھ دېدى قۇلۇمدۇر،

دېدىم ساتارمىسىن؟ سۆيلەدى يوق، يوق.

يۇقارقى ئۈچ شائىرنىڭ «يوق يوق» رادىپلىق شىئېرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ھەقىقەتەن بىر ئورتاقلىقنىڭ بارلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئالدى بىلىن «قوللىرى خېنىلىق(كىنالى، قىنالى)» بىر قىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. بۇ قىزنىڭ ئون بەش ياشلىقى، ئايدەك يۈزى، قەلەم قېشى ۋە ساداقىتى ئوقۇرمەننى جەلىپ قىلىدۇ. پەقەت ئۆتكۈرنىڭ شىئېرىدىكى قىزنىڭ يۇرتى تۇرپان، ئەمراھنىڭ قەلىمىدىكى قىزنىڭ يۇرتى ئەرزۇرۇم، نەسىمى بولسا شىئېرىدىكى لىۋەن قىزنى بىرەر يۇرتقا مەنسۇپ قىلمىغان.  ئۆتكۈرنىڭ قەلىمىدىكى قىز نەسىمى ۋە ئەمراھنىڭ شىئېرىدىكى  قىزغا ئوخشاشلا ساداقەتمەن، نومۇسچان، گۈزەل. ئەمما يەنىمۇ چوڭقۇرلايدىغان بولساق تۇرپانلىق ئايخان ئانادولۇلۇق قىزلارغا قارىغاندا بەكرەك ئىسيانكار، بەكرەك باتۇر ۋە ئاجايىپ قەتئىي. سەھىپە جەھەتتىن ئالساق ئۆتكۈرنىڭ «يوق يوق» رادىپلىق شىئېرى سەل ئۇزۇن،  ھىسيات بىر قەدەر مول، مەزمۇنلار چەكلەنمىگەن، تەسەۋۋۇر بەكرەك ھالقىتىلغان. خۇددى كىشىگە ئۆتكۈر تۈرك مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى «يوق يوق» رادىپلىق شىئېر ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزگەندەك تۇيۇلىدۇ.

«يوق يوق ياكى ياق ياق» رادىپلىق نەزىم شەكلى تارىم ۋادىسىدا بۇرۇن يېزىلغانمۇ ياكى ئانا دولۇدىمۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر ئورتاق ئىلھام مەنبەسى بارمۇ؟ بار بولسا نەدە؟ دېگەن مەسىلىلەر يەنىمۇ تەتقىقات قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ. ئانا دولۇ بىلەن تارىمنى، قارا دېڭىز بىلەن قارا قورۇمنى باغلىغان «يوق يوق» ساداسى ھازىر تۈركىيەدە بىر قىزغىنلىق ياراتتى. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر شىئېرىنى كۈيگە قاتقان ئابدۇرەھىم ھېيت نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئەڭ تونۇلغان ھايات ئۇيغۇر بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ «ياق ياق» دېگەن ناخشىسى يۇتىيۇب تورىدا بىر مىليۇن ئالتە يۈزمىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈش رېكورتى يارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ توردا ئەڭ كۆپ ئاڭلانغان ناخشىسى بولۇپ قالدى.  2015-يىلى 18-دېكابىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئابدۇرەھىم ھېيىتمۇ تەكلىپ قىلىندى. شۇ كۈنى ئاخشام ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس كونسېرتتا ئابدۇرەھىم ھېيتن ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شىئېرلىرىغا بېغىشلاپ ئىجات قىلىغان ناخشىلىرىنى ئوقۇپ بەردى. ئۇ ئاخشام زال ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كىيملىرىنى كېيىپ ئوقۇۋاتقان ناخشىلىرىنى توختىماي ياڭرىتىلغان ئالقىشلار پات پات بېسىپ كېتەتتى. نۆۋەت «ئۇچراشقاندا» دېگەن ناخشىغا كەلگەندە زالنى قىقاس چۇقانلىق چاۋاك ساداسى قاپلىدى، ھۈليا خانىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرچە «ئۇچراشقاندا» شىئېرنى تۈرك تاماشابىنلارغا تەرجىمە قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ «شۇنداق قىلىش زۆرۈرمۇ؟» دېگەندە زالدىن ئۇيغۇرچە «ياق، ياق!» دېگەن ئورتاق سادا ياڭراپ ئۇيغۇرلارنى ھەيران قالدۇردى. ئابدۇرەھىم ھېيت ئۇيغۇر چە «ياق ياق» دېگەننى «يوق يوق» شەكلىدە ئىپادىلەيدىغان تۈرك ئىخلاسمەنلىرىگە ئۇيغۇرچە «ياق ياق» نى يېقىملىق ناخشىسى بىلەن ئۆگىتىپ بولغان ئېدى.

تۆھمەتنىڭ تۈركچىسى ۋە خىتايچىسى

 

2017-يىلى بىر دوستۇم ئانادولۇدىكى بىر ئۇنۋېرىستىتقا خىزمەت يۆتكىلىپ بارماقچى بولدى. ھەممە ئىشلار پۈتۈپ ئالى مەكتەپتە ئىشلەش ئالدىدا تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ناھايتى روھسىز ھالدا كىرىپ كەلدى. بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپتۇ. ئېيتىلىشىچە فەتھۇللاھ گۈلەن گوروھى بىلەن ئالاقىسى بارمىش. ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلدى، ئىككى يىلدىن بىرى شورپىشانە دوستۇم شۇ ئىش ئۈچۈن پالاقلاپ يۈرگەن ئىدى. بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئون يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان، تۈركىيەدە ماگىستلىقنى تۈگەتكەن، تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى بىلەن تۈزۈك تونۇشمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ فەتوچى ئاتىلىپ قېلىشى بىر كىنايە ئىدى.

دوستۇم دەسلەپ پەرۋا قىلىمىغاندەك يۈرگەن بولسىمۇ، ئىشنىڭ ھەقىقىتى ھەققىدە ئىزدەنمەيمۇ قالماپتۇ. دۆلەتلىك ئىستىخپارات تەشكىلاتى (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) ۋە ساقچىدا ئىشلەيدىغان تونۇشلىرىدىن سوراپتۇ. جاۋاپ «مۇمكىن ئەمەس قېرىنداش، ئۇ بىر باھانە سېنى ئۇ ئۇنۋېرىستىتنىڭ مۇدىرى خىزمەتكە ئېلىشنى خالىماپتۇ» دېگەن شەكىلدە چىقىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ كەچمىشلەر تەكرارلانغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ئۇنىڭغا مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشقا شاھىت بولغىنىمنى سۆزلەپ بەردىم.

ئايالىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تىببى ئۇنۋېرىستىتتا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى. بىز مەكتەپكە يۇقۇرى سوممىدا ئوقۇش پۇلى تۆلەيدىغان بولغاچقا بىر ئادەم مۇئاش ئالىدىغان ئائىلەدە كۈنلەر باي-باياشات ئۆتۈپ كەتمەيتتى. شۇنداق كۈنلەردە ئايالىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى كەلدى. تالادىن يۈگرەپ كىرىپ «مەنمۇ پۇل تاپالىدىم» دەپ سەكرەپ كەتكەن ئايالىمنىڭ ھەممە يېرىدىن كۈلكە تۆكۈلگەن ھالىتى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئادەتتە ئائىلىدە مەن پۇل تۇتمايدىغانلاردىن ئىدىم. ھەممە پۇل قولىدا تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» دېگەن نامدا بېرىلىدىغان تايىنى يوق پۇلدىن ئايالىمنىڭ ئۇ قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن ئىدىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن، تىرىشچانلىقىنىڭ ئىتىراپ قىلىنغىنىدىن شاتلانغان ئىكەن.

ئايالىم مۇكاپات كەلگىچە ھەتتا ئالىدىغان نەرسىلەر ھەققىدىمۇ پىلان قىلىپ بولدى. ئاخىرى مۇكاپات تارقىتىدىغان كۈنمۇ كەلدى. قارىسام كەچتە سولىشىپ كەپتۇ. جاۋاپنى ئۇنىڭ يىغلاپ ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىدىن بىلدىم. بىر پەدە مۇڭلۇق مۇقاملار، پىغانلىق مەرغۇللار ۋە تەسەللىلىك نەقراتلاردىن كېيىن ھېكايەت ئايدىڭ بولدى. مېنىڭ «سىياسىي چاتىقىم» سەۋەبىدىن ئايالىمنىڭ مۇكاپاتى قالدۇرۇلۇپتۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن ئاسپىرانتورىيەگە خادىم كەلگەنمىش، مېنىڭ سىياسى چاتاقلىرىم ھەققىدە ئايالىمدىن مەلۇمات ئىگىلىمەكچى بولغانمىش. بىر تۇرۇپ ئايالىمنىڭ مۇشۇ گەپكە ئىشىنىپ قورقۇپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ كۈلگۈم كەلسە، يەنە بىر تۇرۇپ بۇ ھېلىگە غەزەپلەنمەكتە ئىدىم.

شۇ ھامان بۇ گەپنى قىلغان كىشىگە تېلىفون قىلدىم. تىببى ئۇنۋېرىستېت ئاسپىرانتلارغا مەسئۇل خادىمى تىيەن تېلىفوننى قوپاللا ئالدى. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ مېنىڭ سىياسى مەسىلەم ھەققىدە ئېنىقلاشقا كەلگەن ساقچىنىڭ قايسى چىسلادا كەلگەنلىكىنى سورۇدۇم. قارشى تەرەپ سەل تىلىنى چايناپ تۇرىۋىدى، قانچە ئادەم كەلگەنلىكى، قانچە مىنۇت تۇرغانلىقى، نېمەلەرنى دېگەنلىكىنى ھەققىدە سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتىم. ئۇ«ساقچى كەلدى» دېگەن چىسلادا مەن تېخى لەنجۇدا ئىدىم. نوپۇسۇم لەنجودا بولغاچ توي خېتىمىزمۇ گەنسۇنىڭ ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ساقچىنىڭ سىياسى مەسىلەم سەۋەپلىك ئۈرۈمچىدە كوللىكتىپ نوپۇستا ياشاۋاتقان ئايالىمنى ئىزدىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

يۇقىرىقىلارنى دەپ بولغاندىن كېيىن تەھدىت سېلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. ئۆزۈمنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى، مېنى تەكشۈرگىلى كەلگەن بۇ ئىشنى ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان ئۇنۋېرىستېت رەھبەرلىكىگە ۋە تىببى ئۇنۋېرىستېتنىڭ مۇدىرىغا مەلۇم قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى دەپ چىڭ تۇرىۋالدىم. بىچارە خىتاي ئاخىرى خىتايلىقىغا قايتىپ «غوجا ئاكا، مېنى قۇتقۇزىۋالساڭ، خاتا دەپ قاپتىمەن» دەپ يىلىنىشقا باشلىغاندا پۇخادىن چىققاندەك بولمىدىم. ئەرتىسى چارشەنبە مەكتەپتە سىياسىي ئۆگىنىش بولمىغان بولسا تىببى ئۇنۋېرىستېتقا ۋە مالىيە ئۇنۋېرىستېتىغا بۇ ئىشنى مەلۇم قىلغان بولاتتىم. ئەمما تىيەننىڭ يىلىنىشلىرى تەسىر قىلدىمۇ ئاخىرى بولدى قىلغان بولدۇم.

دوستۇمغا بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگىنىم بىلەن ئۈنىمى بولمىدى. چۈنكى تۈركىيەدە داۋا سوزۇلۇپ كېتىدىكەن. بۇنداق تۆھمەتنى داۋا قىلىپ ئولتۇرۇشنى دوستۇممۇ راۋا كۆرمەيدىكەن. ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى. ئەمما ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىككى دۆلەتتە ئوخشاش بىر قىسمەتكە دۇچار بولۇشىدا ماڭا قانداقتۇر بىر سىر باردەك تۇيۇلدى.

2007-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇرنى سىياسىي چاتىقى بار دېيىش بىلەن 2017-يىلى ئەنقەرەدە يەنە بىر ئۇيغۇرنى فەتوچى دېيىش ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوق، مەنتىقە ئوخشاش، سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈپ مەقسەتكە يېتىش. خىتايدا ئۇيغۇر بۆلگۈنچى دەپ ئەيىپلەنسە قورققاندەك، تۈركىيەدىمۇ ئۇيغۇر فەتوچى دەپ گۇمان قىلىنسا ئەنسىرىمەي قالمايدۇ. ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق نە دوستۇم، نە مەن ئۇچرىغان تۆھمەتنىڭ ئاساسى يوق. ئىككىلا دۆلەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن سىياسى قالپاق كىيدۈرۈش مەقسەتكە يېتىشنىڭ ناھايىتى قولاي يولى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى ھەر ئىككىلا ئەلدە شەرتسىز قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ئومۇملاشمىغان. پۇقرالاردا ۋە مەمۇرلاردا قانۇن ئېڭى تۆۋەن، ھەر بىر ئادەمدە بىرەر ساختىلىق ياكى خۇپسەنلىك سەۋەپلىك ئىناۋەت خاتىرىسىگە ناچارلىق يېزىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش يوق. شۇڭا بىر ئادەمگە سىياسىي قالپاقتىن بىر كەيدۈرۈپلا كۆزدىن يوق قىلىش ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان ھادىسىگە ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن.

 

 

تۇغۇلۇشتىكى بىشارەت ۋە نەسەپتىكى خىسلەت

 

ھەر قانداق ئىنساننىڭ تۇغۇلغاندا ئوخشاش ھالەتتە جاھانغا كۆز ئاچىدىغانلىقى قەدىمكى زاماندا ئاسانلىقچە ئىتىراپقا ئېرىشەلمىگەن. قەدىمكىلەرنىڭ قارىشىدا ئالەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ تۇغۇلىشىدىلا بىر پەۋقۇلاددە بىشارەت بار ئىدى. مەسىلەن، ئوغۇزخان تۇغۇلغاندا چىرايى كۆك، كۆزلىرى ھال، بەدىنى تۈكلۈك ئىدى دېيىلىدۇ. قەدىمكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرى يۇقىرىقىدەك خىسلەتلىك تۇغۇلۇش كەچمىشىگە ئىگە. شەرقتە قەھرىمانلارنىڭ بۇنداق پەقۇلاددە تۇغۇلۇش ئەھۋالى خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان. داڭلىق شەخسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ قائىدە بويىچە تۇغۇلىدۇ. 18-ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئالىم مۇھەممەت سادىق قەشقەرى «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق ئەسىرىدە ئاپاق خوجانى مۇشتلىرى ئىچىگە قاننى تۈگۈپ تۇغۇلغان دەپ يازىدۇ. قارىغاندا شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىدا شەپقەتلىك شەخس خىسلەتلىرىگە لايىق تۇغۇلغاندەك، نەپرەتلىك كىشىلەرمۇ كېيىنكى ھاياتىدا قىلغانلىرىنى بىشارەتلەپ تۇغۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللاردىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى ئەلانۇرخاننىڭ شىر قىياپىتىدە كەلگەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ روھى بىلەن باش قوشۇپ بالىلىق بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. «تارىخى ھەمىدى» دە موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئۆزىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ نۇرىدىن ھامىلدار بولغان ئەلەنقىۋاغا باغلايدىغانلىقىنى يازىدۇ ۋە ئاپتۇر بۇ ئەپسانىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ئىككى رىۋايەتتىكى ئوخشاشلىق شاھلارنىڭ نەسەبىنى پەيغەمبىرىمىزگە باغلاپ ئىسلاملاشتۇرۇشتۇر. ئەمەلىيەتتە تارىخقا قارىساق موڭغۇل خانلار ئەجدادىنى ئىنكار قىلغان ئەمەس. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغان كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىچىدە مۇسۇلمان بولمىغان نەسەبىنى ئىنكار قىلغانلار بولغان. ئوخشاشلا قاراخانلارمۇ ئۆزىنىڭ دىنسىز نەسەبىنى رەت قىلمىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان نەسەپتىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، نەسەپكە چوقۇنىدىغان كېيىنكى «ياخشى» نىيەتلىك كىشىلەر، رىۋايەتلەر ئارقىلىق خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئىلاھى بىشارەتكە باغلاپ ياكى ئۇلارنىڭ نەسەبىنى رەسۇلىمىزغا ئۇلاپ زىننەتلىگەن.

2010-يىللىرى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئاپاق خوجا ۋە سوپىلارنى ئاقلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلامغا بولغان مايىللىقنىڭ قايتا كۈچىيىشى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئىدى. بەزى زىيالىلار «ئاپاق خوجا ئۇۋالىققا ئۇچرىغان» دېگەن قاراشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كومپارتىيەنىڭ دىننى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن خوجىلارغا مەقسەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى داۋا قىلىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ مەنتىقىسىز تۇيۇلغىنى ئاپاق خوجىنىڭ ئانا تەرەپتىن قاراخانلارغا، ئاتا تەرەپتىن رەسۇلىمىزغا تۇتاشقان مۇبارەك زات ئىكەنلىكى بولدى. ئۇنىڭ سەئىدىيە دۆلتىگە قارشى چىققانلىقىنى موڭغۇللار يولغا قويغان خانلىق قانۇنغا قارشى ئىسلامىي شەرىئەتنى تىكلىمەكچى بولغانلىق دەپ چۈشەندۈرۈلدى. مەن بىراز رەددىيە بەرگەن بولساممۇ زىيالىلارنىڭ ئۆزى تاللىغان سوپىزىمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاپاق خوجىنى دىنى توندا ياساندۇرۇشلىرى ۋە زورۇقۇپ توقۇۋاتقان گەپلىرىگە قاراپ ياقامنى چىشلەپ قالغان ئىدىم.

مۇھاجىرەتكە قاڭقىپ چىققاندىن كېيىن بىر كىتاپنىڭ مۇھەرىرىلىكىنى باشلىدىم. كىتاپتا بىر كىشىنىڭ ئانا تەرەپتىن مەھمۇت قەشقەرىگە ئاتا تەرەپتىن سۇتۇق بۇغراخانغا تۇتاشقان شەجەرىسى بارئىكەن. قەشقەردە يەنە بىر زىيالى كىشىمۇ ئۆزىنىڭ مەھمۇت قەشقەرىگە تۇتاشقان شەجەرىسىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما قاراخانلار تارىخى تەتقىقاتچىلىرى مۇشۇ كۈنگە قەدەر قاراخانلارنىڭ قىتانلارنىڭ قولىدا بەربات بولغاندىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ۋە ئائىلە شەجەرىسى ھەققىدە پاكىتلىق بىرەر تەتقىقاتنى ئېلان قىلغىنى يوق. نەسەپ داۋاگەرلىرى ھەقلىق بولغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن بىر كىشى ئەجدادىنى ئاپاق خوجىغا باغلىغانغا قاتىل، ناۋايىغا باغلىغانغا ئاقىل بولۇپ قالمايدۇ.

2008-يىلى تۈركىيەدە ياشايدىغان، جەمەتى ئاپاق خوجىغا تۇتاشقان ئۈچىنجى ئەۋلات بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر بىلەن قەشقەر كۆك ئېرىقتىكى تۇققانلىرىنى ئىزدىدۇق. بىز «بۇلار ئاپاق خوجا جەمەتىدىن» دەپ شۇنچە ئىزدىگەن، قىدىرغان بولساقمۇ تۇققانلارنى تاپالمىدۇق. ھېچ بىر ئۇيغۇر تۈركىيەدىن بىر ئېنجىنىر كەپتۇ دەپ تۇققان بولۇۋالمىدى. بۇ يەردىكى مەسلە كىشىلەر ئاللىقاچان ئۆزىنى ئاپاق خوجىنىڭ نەسەبىدىن دېيىشتىن ئۇيات قىلدىغان ھالغا كېلىپ بولغانلىقى بولسا كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىلىمدارلار قايتا رەڭ بەرمەكچى بولغان ئاپاق خوجانى تۈزۈك بىلىمى ۋە ئورنى بولمىغان، تەئەللۇقاتى بىرەر پارچە ئېتىز ياكى بىرەر كىچىك دۇككانغا باغلانغان شۇ كىشىلەرمۇ نە ئىناۋەت نە نەپ ئۈچۈن ئاقلاپ ئاۋارە بولمىدى.

ھەممەيلەنگە كۈندەك رۇشەنكى، ئىنساننىڭ تۆھپىسى قابىلىيەتتىن، ئەمگەكتىن ۋە ئىجتىھاتتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىقى، نەسەبى ۋە يۇرتى بىرلەمچى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. مەيلى كىم بولسۇن تۇغۇلغاندا يالىڭاچ، يىغا-زارە بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقى ئەمەلىيەت. ئەمما بۇ ئەمەلىيەتنى ئىتىراپ قىلىش خۇددى تارىختا ئاسان بولمىغاندەك بۈگۈنمۇ بەزى كىشىلەرگە ئاسان ئەمەس. تارىختا ئۇيغۇرنى جاھالەتكە باشلىغان ئاپاق خوجانىڭ تۇيۇق يولى، ئۇنىڭ پەۋقۇلاددە ھالەتتە تۇغۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاندەك، بۈگۈن مىللەتنى ئاقارتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پارلاق يولىمۇ ئۇلارنىڭ مەھمۇت قەشقەرىگە تۇتاشقان نەسەبى بىلەن ئالاقىسىز. بىزنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلغان بۈيۈكلىرىمىزنىڭ نەسەبى دىنسىز بولسىمۇ سۆيۈملۈك بولغاندەك، مىللەتنى ئىسلامدىن مەھرۇم قويغان مەلئۇنلارنىڭ نەسەبى پەيغەمبىرىمىزگە تۇتاشسىمۇ نەپرەتلىكتۇر.

ئۇيغۇرغا ئېقىپ كىرگەن بىر ئىددىيەنىڭ ئەھمىيىتى ئەمەلىيەت بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولۇپ، تارقاتقۇچىنىڭ نەسەبى ۋە دىنىي مەقسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئاپاق خوجا تارقاتقان تەرىقەت ئۇيغۇرنى مۇنقەرىز قىلىپ بۆلىنىش، جاھالەت، نادانلىق ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى كۈچەيتكەنلىكى ئەمەلىيەت. شۇڭا بۇ جاھالەتلىك يولنى ئاقلاش ئۈچۈن ئاپاق خوجىنى مىللىي نەسەپتىن قاراخانلارغا، دىنى سالاھىيەتتىن پەيغەمبىرىمىزگە باغلاش، ئۇنىڭ يولىنى شەرىئەتكە تارتىپ گىرىم قىلىش بىھاجەت.

 

 

تۈرك خانىم مېنى يولداش دېدى

 

ئەنقەرەدە بىر تەرجىمانلىق شىركىتىدە تۆت كۈنلۈك ئىش چىقىپ قالدى. ئىشخانىدا تۈركلەر بىلەن ئىشلەپ تۈرك جەمئىيىتىنىڭ يەنە بىر رەڭگىنى كۆردۈم، كۆزۈم ئېچىلىپ قالدى. بۇ شىركەتنى قۇرغان ئايال بايلاردىن بولۇپ قوشۇمچە ئاسارە ئەتىقە سودىگىرى ئىدى. ھەيران قالغىنىم، ئۇ كومۇنىست ئىكەن. ۋەتەندە ئالغان تەربىيە بويىچە كۆز ئالدىمغا كومۇنىست دېسە كەمبەغەل كاسىپلار، ئىشچىلار، جەمئىيەتتىن نارازى تۆۋەن تۇرمۇشقا قالغان كىشىلەر كېلەتتى. ھالبۇكى تۈركىيەدە نەچچە ئون شەھەردە تارمىقى بار مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى كومۇنىست ئىكەن. بۇنى ئىشىخانىدىكى خىتاينىڭ بۇتلىرى ۋە كىتاپلاردىن، پاراڭ ئارىلىقىدىكى خىتايغا بولغان سەۋدادىن پەرەز قىلغان، سۆزلەر ۋە سۆھبەتلەردىن بايقىغان بولساممۇ جەزىم قىلالماي يۈرگەن ئىدىم. شىركەتتە بىللە يىيىلگەن چۈشلۈك تاماقتا يۈز بەرگەن بىر ئىش ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى.

تۈركىيەدە تەبىقە پەرقى بەك رۇشەن بولۇپ بۇ باشلىقنىڭ شىرەسى، ئىشخانىسى ۋە كىيىنىشىدە ئەكىس ئەتكەندىن باشقا يىغىن، زاللاردا كىمنىڭ قەيەردە ئولتۇرىشى ئېنىق ئىكەن. ھەتتا ئادەتتىكى بىر تاماق شىرەسىدىمۇ ئورۇنلار كەسكىن پەرق قىلىدىكەن. شىرەنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئايال خوجايىن، ئىككى يېنىدا مۇئاۋىنلار، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسئۇللار تەرتىپ بويىچە ئولتۇرىدىكەن. مەن بىرىنجى كۈنى چۈشتە ئورنۇمنى تاپالماي تۇرسام خوجايىن ئايال: -يولداش بۇ يەرگە كېلىڭ،-دېمەسمۇ ئۆزۈمنى خۇددى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر كىنوسىدا رول ئېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كۈلكەمنى ئاران بېسىۋالدىم.

تاماق يىيىلىپ بولغاندا تاغدىن – باغدىن پاراڭ قىلىشتۇق. كومۇنىست خوجايىننىڭ خىتاينىڭ بۈگۈنكى يۈكسلىشىنى كومۇنىستىك ئىددىيەنىڭ غەلبىسى دەپ قارايدىغانلىقىغا ھەيران قالمىدىم. 2008-يىلى بىر تۈرك كومۇنىست پروفېسسورغا مالىيە ئۇنۋېرىستېتىدا تەرجىمانلىق قىلغان چاغلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ كىشىمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئەسقەر تۇرسۇنغا خىتاينىڭ تەرەققىياتىدىن سۆيۈنگەنلىكى، كومۇنىستىك ئىددىيەنىڭ كىشىلەرنى خىتايدا باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ كومۇنىزىمغا بولغان ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. ئەسقەر تۇرسۇن تەرجىمە قىلىۋاتسام ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ گەپنى بۇراپ كەتكەن ئىدى. تاماقتىن كېيىنكى پاراڭدا ئۆزۈمنىڭ كومۇنىست ئەمەسلىكىمنى دەپ قويدۇم. ئەمما ئۇ ئايال ئۇنتۇپ قالدىمۇ يا يولداش دېيىش خۇمارى بارمۇ مېنى شۇندىن كېيىن يولداش قىلىۋالدى.

خوجايىن ئايالغا «يولداش» بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە خىيالىم خىتايدا ھازىر يولداش دېگەن سۆزنىڭ قانداق مەنە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا قانداق مەنە بېرىدىغانلىقىنى قانداق دەپ قويۇشتا ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا پۇرسەت بولماي ئاخىرقى كۈنى يىغىن تۈگەپ چاي ئىچىشكە ئولتۇرغاندا دەي دەپ تەييارلاندىم. شۇ چاغدا چايچى خانىمنىڭ: «يولداش چاي قېنىق بولسۇنمۇ سۇسمۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈلىۋەتتىم. يولداشنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى دېۋىدىم باشقىلار چايچىنى ھەزىلگە قوشتى، ئەمما باشلىق ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.

يولداشنىڭ خىتايچە ھەمجىنىس دېگەن مەنىسى تېخىمۇ كۆپ قىزىقچىلارغا سەۋەپ بولدى. باشلىقتىن باشقىلار «چايچى يولداش»نى بىرەر قۇر ھەزىل قىلغان بولدى. بىچارە چايچى خانىم تۈزۈك چۈشەنمىدىمۇ بۇندىن كېيىن ئېرىنى يولداش دەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى زالدا چاخچاقلار تېخىمۇ قىزىپ كەتتى. خىتايدا ھەمجىنىسلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى بۇ تۈرك كومۇنىستلارنىڭ ئەقلىگە سىغمىدى. ئۇلارغا خىتاينىڭ خىتايچە كومۇنىزىمدىن باشقا پىكىرلەرگىلا ئەمەس، ئۆزى سوتسىيالىزىم دەۋالغان دۆلەت كاپتالىزىم ھەققىدىكى پەرقلىق چۈشەنچىلەرگىمۇ يول قويمايدىغانلىقى، شۇڭا تۈرك كومۇنىستلار چوقۇنىۋاتقان كومۇنىزىمغىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي دېموكراتىيەگە مېڭىپ ماڭا ئۇيغۇر كومپاتىيەسى قۇرۇپ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى بەرسە، سىناشقا تەييار ئىكەنلىكىمنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ گەپلەر ئارقىلىق كومۇنىزىمغا چوقۇندۇق دەپ خىتاي كومپارتىيەسىگە چوقۇنىدىغان بۇ كىشىلەرگە خىتاينىڭ ئۆزى قۇرغان كومپارتىيەگىلا يول قويۇپ، كىشىلەرنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيە ئەمەس كومپارتىيە قۇرۇشىغىمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلگەن ئىدى.

 

تۈرككە ئەرگىشىپ

 

تۈركىيەگە 2006-يىلى كەلگىنىمدە يول سوراشنىڭ بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ماڭا ئۇ چاغدا يول سوراش تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. كىشىلەر ئالدىراش ئىشى بولمىسىلا قولۇمدىن يېتىلەپ بارىدىغان يېرىمگە يەتكۈزۈپ قوياتتى. ئون يىلدەك ئۆتۈپ قايتا قەدەم باسقىنىمدا بۇ گۈزەل ئادەتتە سەل ئۆزگىرىش بولغاندەك ھېس قىلدىم. تۈركلەر بىزدەك تەكلىپ قىلىنمىغان مىھمانلارنىڭ ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئورتا ئاسىيادىن يۈزلەپ، مىڭلاپ، ھەتتە مىليۇنلاپ كېلىشلىرىگە قاراپ ھېرىپ قالغاندەك قىلاتتى. كىشىلەر مەندەك ئېزىپ قالىدىغانلارغا بۇرۇنقىدەك قىزغىن ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ سىرىق چاچ كۆك كۆزلەرگە ئەمەس، مەندەك ئورتا ئاسىيا چىراي كىشىلەرگە.

رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتە ئىشىم بار ئىدى. شوپۇرغا شۇنچە تاپىلىساممۇ ئەسكەرتمەپتۇ، يەنە بىكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. نەگە كېلىپ قالغىنىمنى پەقەتلا بىلەلمەي كاسىپ چىراي بىر كىشىدىن سورۇدۇم. ئۇ كەينىمدىن ئەرگەش دېگىنىچە ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى. ئۇنىڭمۇ مەندەك رايۇنلۇق ھۆكۈمەتكە تەۋە بىر ئىدارىدا ئىشى بار ئىكەن. پەقەت بىر بېكەتلا ئۆتۈپ كەتكىنىم ئېنىق ئىدى، ئەمما ئالدىمدىكى كىشى بىخارامان خېلى ئۇزاق مېڭىپمۇ ھېچ كەلدۇق دېمەيتتى. ئىككى تەرەپتە ماشىنىلار ئوقتەك كېتىۋاتقان بىر يولدا كېتىۋاتتۇق. ماشنىلار شۇ قەدەر يېقىن ياندايتتىكى قولۇمنى يانچۇقۇمدىن چىقارساملا بىر ماشىنىغا تېگىشى ئېنىق ئىدى. يولىمىز ماشىنىلارغا ياندىشىپ بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كەلگەندە كەينىمدىن كېلىۋاتقان غۇيۇلداق ئاۋازلار تېخىمۇ سۈرلۈك تۇيۇلۇپ يۈرىگىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى. خۇددى دار ئۈستىدە ماڭغاندەك ئاۋايلاپ ئەللىك مېتىرلىق ئارىلىق بەش مىڭ مېتىردەك بىلىندى.

ماشىنا يولىدا پىيادە، پىيادىلەر يولىدا ماشنىدەك مېڭىپ ئۆتۈپ، كىشىلەر ئارىسىغا قىستىشىپ، يول تالىشىپ يۈرۈپ بىر سەيناغا كېلىپ قالدۇق. قارىسام ئەنقەرە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىكەن. ئۇنىڭ باشلاپ بارغىنى تېخى مۇھتاجلارغا ئىجتىمائى ياردەم بېرىدىغان بىر ئورگان دەرۋازىسى ئىكەن. بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلسە بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى. تۈركچىدە رايۇن دېگەن سۆز بىلەن ۋىلايەت دېگەن سۆز ئاسمان – زېمىن پەرق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزۈمنى خاتا ئاڭلاپ قېلىش ئىھتىمالى يوق. يالغۇز ماڭغۇسى كەلمەي مېنى باشلىۋالدى دەي دېسەم يول بويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.

كەلگەن يولۇم بىلەن كەينىمگە يېنىپ مىنىبوستىن خاتا چۈشۈپ قالغان يەردە توختىدىم. بىر چاغدا كاستۇم بۇرۇلكا كىيىپ گالىستۇك تاقىغان، پروفېسسور سىياق بىر كىشى يېنىمغا كەلدى. دەرھال كۆڭۈل توختىتىپ رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنى سورىدىم. قىزىق يېرى ئۇمۇ مەندەك رايۇنلۇق ھۆكۈمەتكە بارىدىكەن. ئوخشاش سۆز ۋە ھەرىكەت ئەينەن تەكرارلاندى. كەينىگە چۈشۈپ ماڭدىم. بۇ قېتىممۇ خۇددى مەسىلھەتلىشىۋالغاندەك ئاسما كۆۋرۈكنى تاشلاپ ئوقتەك ئۇچۇۋاتقان ماشنىلارنى ئاتلاپ ئۆتتۇق ۋە يول تالىشىپ يۈرۈپ كەتتۇق. ئەگەر ئۇ ماڭا كۆرۈكتىن ئۆتسەكمۇ بارغىلى بولىدىغانلىقنى دېگەن بولسا، جاننى دوغا تىكىدىغان مۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يۈرمەيتتىم. يولنىڭ زەگۈندىسى بىلەن مېڭىۋاتىمىز، ئۆزۈم بىلىمەن يۈرۈگۈم سۇ. ئازراقلا يانتۇ كەتسەم سۈرئەتنى ئايرۇپىلان تېزلىكىگە تەڭشەپ ھەيدىگەن شوپۇرلار مېنى ھايات قويمايدۇ.

بۇ كاستۇم كەيگەن كىشى مېنى مەيلى قانداق ساراسىمىگە سالسۇن رايۇنلۇق ھۆكۈمەتكە باشلاپ كىردى. نۆۋەتكە بىلەت ئېلىپ ساقلاپ ئولتۇرسام «سىستەم چالىشمىيور» دېگەن ئاۋازلار قۇلاقلىرىمغا كىردى. بۇ كومپىيوتىر سىستېمىدىن مەسىلە چىقتى دېگىنى ئىدى. چىداپ يېرىم كۈن ساقلىدىم. بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە سىستېما يېرىم كۈن ئىشلىمىدى. نەچچە يۈز ئادەم ئىڭەكنى يۆلەپ ئولتۇردۇق. چايچىلار كەلدى، نەپىس ئىستىكانلار، قىپقىزىل چايلار توختىماي ئايلىنىپ تۇراتتى. كىشىلەردىن سىستېمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات ئالالماي، ھەتتا سىستېمىنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنىمۇ بىلەلمەي رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتىن ئايرىلدىم.

سىستېما دېگەن تۈركىيەدە تۈزۈم دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرەتتى. تۈركىيەدە سىستېما ھەقىقەتەن تۈزۈك ئىشلىمەيتتى، پات – پات ئاشۇنداق كارغا كەلمەيتتى.  تۈركىيەدە سىستېماغا نە كاستۇم كەيگەن نە كەيمىگەن ئەمەل قىلمايدىغان، خىلاپلىق قىلسىمۇ جازالانمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى. بەزىدە سىستېمىدىن چاتاق چىقسا، مۇشۇنداق چېيىمىزنى ئىچىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتۇق، ھېچكىم كەچۈرۈم سورىمايتتى، قاچان ئوڭشىلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلمايتتى. كىشىلەر يولدىن تەلەي سىناپ، ئاتلاپ ۋە تاقلاپ قانداق ئۆتكەن بولسا، قانۇن ماددىلىرىدىن شۇنداق قاڭقىپ ياكى تونۇش يوللارنى تېپىپ ئۆتۈپ كېتەلەيتتى. يول پۈتۈنلەي توسۇلۇپ، بۇزۇلۇپ، ھېچكىم ماڭالماس ھالغا كەلمىگۈچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمايتتى. سىستېما ئىشلىمەيدىغان بۇ تۈركىيەدىكى ئەگرى يوللاردا گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ تۈرككە ئەرگەشمەي بولمايتتى، ئەمما ئەگەر داغدام يولدا يەنە تۈرككە ئەرگىشىپ يۈرسەم، ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقتا ئاكىسىراپ كەتكىنىمنى تەن ئېلىشىم كېرەك ئىدى.

 

چېقىلغىنى مازارلا ئەمەس

 

 

ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بىر تۈرك دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇردىكى مازارلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئىستانبۇلدا ماڭا شەھەر ئىچىگە كىرىپ قالغان، ئەمما نە شەھەر قۇرۇلۇشى، نە يول، نە تەرەققىياتقا توسالغۇ بولماي ئالدىراش كىشىلەرگە ھاياتتىن باشقا ئۆلۈمنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇۋاتقان مازارلار ئەڭ تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى مازارلار ھەققىدە سوراپ ھەيران قالدىم. تۈركىيەدە مازارلىق دۆلەت ئورگىنى بولۇپ مۇئاشلىق خادىم مەسئۇل بولۇپ قوغدايدىكەن. كىشىلەر بىرەر كىشىنىڭ قەبرىسىنى ئىزدىمەكچى بولسا ئىسم-فامىلىسىنى ئېيتىپ بەرسىلا خادىم ئۇنىڭغا خەرىتىسىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن.

تۈركىيەدە مازارلار خۇسۇسى مۈلۈك بولغاچقا ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خۇسۇسىي مۈلۈكنىڭ دەخلىسىزلىكى بېكىتىلمىگەن بولسا، بېكىتكەن تەقدىردىمۇ ئىجراسى بولمىغان بولسا بۇ مازارلىقلار ئاللىقچان باشلىقنىڭ ماشىنىسىغا ياكى سودىگەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى.

دوستۇمدىن ۋەتەندە قانداق ئاسارە ئەتىقىلەرنى زىيارەت قىلغانلىقىنى سورۇدۇم. ئۇنىڭ «بازار ۋە مازاردىن باشقا ئاسارە-ئەتىقە ئاز قاپتۇ» دېگەن سۆزى دىققىتىمنى تارتتى. دېمىسىمۇ قەشقەردە ئاپاق خوجا مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، مەھمۇت قەشقەرى قەبرىسىدىن باشقا ئاسارە ئەتىقىلەر قالمىغان ئىدى. ئۇ مازارنى ئاسارە ئەتىقە دېگەندە يۇقىرىقىلارنى كۆزدە تۇتقاندۇ، ئەمما بازارنى ئاسارە ئەتىقە دېگىنى نېمە گەپ؟ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىگە بازاردىكى ئۇيغۇرلار ئاسارە ئەتىقىدەك كۆرۈنگەنمىدۇ، ئەجەبا؟ خۇدايىم ساقلىسۇن، بازارلىرىمىزنىڭ ساياھەتچىلەر بىزنى كۆرگىلى، تاماششا قىلغىلى كېلىدىغان ئاسارە-ئەتىقە نوقتىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن.

ۋەتەندە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىگە مازالار ۋە بازارلارنىڭ كۆپرەك چېلىققىنى ئەمەلىيەت. چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ يەرخېتى، زېمىندارلىق ھۆججىتى ۋە ئىگىدارلىق مۆھۈرى بولغان ئوردا، ساراي ۋە قەلئەلىرىمىز 1957-يىلىدىن كېيىن چېقىپ تاشلىنىپ، كوپىراتسىيەنىڭ دېھقاندىن تارىۋالغان يەرلىرىگە ئوغۇت قىلىنغان. تۇرپاندىكى ئىدىقۇت، قاراجۇچۇ قاتارلىق قەدىمى شەھەرلەرگە بارساق، شەھەرنى چېقىپ توپا يۆتكىگەن يوللار ئېنىق كۆرۈنىدۇ. بىزگە مىراسخورلۇق پاكىتى ھېسابىدا قالغىنى مازارلار پەقەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلار ئارقىلىق ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مىراسخورلۇق، زېمىندارلىق ھەققىنى، بۈگۈننىڭ تىلى بىلەن ئېيىتساق، ئىگىلىك ھوقۇق تۇيغۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق ھەرىكەت قىلغان. ئاۋۋال ئۇيغۇردا مازارلاردا بولىدىغان تاۋاپ سەيلىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. تاۋاپ سەيلىسى خوتەندىن باشلاپ قومۇلغىچە تارقالغان  بىر مىللىي ئەسىلىمە، ئىناقلىق يۈرۈشى، بىرلىك سەپىرى بولۇپ،90-يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنجى قەدەمدە ئۇيغۇرنى ئارتۇچتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن، يەركەندىكى سەئىدخاندىن، خوتەندىكى ھەبىبۇللاخان، كۇچادىكى راشىدىنخاندىن ۋە ئۇچتۇرپاندىكى يەتتە قىزلىرىمنىڭ مازىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋاپ سەيلىسىگە قارايدىغان بولساق، ئەجداتلارنىڭ مەقسىدى پەقەتلا مازارغا ئېسىلىپ يىغلاش، بالا تىلەش، نىجاتلىق تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆز تارىخدىكى قاراخانلار خانلىقى، سەئىدىيە دۆلىتى، خوتەن قوزغىلىڭى، كۇچا ئىنقىلابى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى يەتتە قىزىمىز رەھبەرلىككە قاتناشقان جىگدە يېغىلىقىنى شۇ پۇرسەت بىلەن ئىزچىل خاتىرلەپ، ئەسلەپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇنداق مىللەت مىقياسىدا ئومۇلاشقان سەيلە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرگەن. سەيلە جەريانىدا ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى، دۆلەت باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى داستانچىلارنىڭ راۋاپقا تەڭكەش ئاۋازى بىلەن مىللەتنىڭ يۈرەكلىرىگە سىڭگەن ئىدى.

2010-يىلى ئامېرىكادا خەتەردە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى خەتەردە قالغان تىللار قاتارىدا ئاۋازلىق ۋە يېزىچقە ئارخىپلاشتۇرۇلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە دوكىلات بېرىشكە قاتناشتىم. گوللاندىيەلىك بىر تەتقىقاتچى مەندىن ئۇيغۇردەك بىر – بىرىدىن مىڭلاپ كېلومىتىرلىك مۇساپىدە ياشايدىغان مىللەتنىڭ قانداق قىلىپ تىلدىكى بىرلىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى سورىدى. مەن 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مازار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋاپ سەيلىسى ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، مىللەت مىقياسىدا ئومۇملاشقان بۇ پائالىيەتنىڭ ئىجتىمائى رولى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدىم. شۇڭا بۇ سۇئالغان بىرى ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان مازار سەيلىسى، ئىككىنچى مەشرەپ ئەنئەنىسى، ئۈچىنچى مۇقامچىلىق، تۆتىنچى دارۋازلىق، بەشىنچى كارۋانچىلىق ۋە چاربازارچىلىق دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ كىشى مېنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىغا بەرگەن بۇنداق ئالدىن تەييارلىق قىلىنغاندەك جاۋابىمدىن ئازراق ھەيرانلىق ھېس قىلغاندىن كېيىن، بىز يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم بىلەن دارۋازلىق ۋە مەشرەپ ھەققىدە مەخسۇس دوكىلات بەرگەن ئىدۇق.

تاۋاپ سەيلىس ۋە باشقا تۆت ئامىلنىڭ ھەممىسى ئاممىۋىي تۈس ئالغان بولۇپ، مەھەللىلەر، يۇرتلار ئارا يۇلتۇزدەك كەڭرى ئۆتكۈزىلەتتى، سەييارە خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. مەسىلەن، دارۋازلىقنى ئالساق بۈگۈن قەشقەردە دار باغلىغان دارۋازلار كېلەر ئايدا خوتەندە سەھنىگە چىقىدۇ. ئۇلار سەپەرگە داۋاز بولۇپلا چىقمايدۇ، قىسسەچىسى، داستانچىسى راۋاپلىرىنى تىرىڭشىتىپ ئۆمەك بولۇپ يۇرت كېزىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىۋە ۋە تەلەپپۇز پەرقلىرىنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ تىلدىكى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. تاۋاپ سەيلىسىمۇ سەييارە ساياھەت بولۇپ، كىشىلەر قەشقەردىن يولغا چىقىپ، ئارتۇچتا سۇتۇق بۇغراخاننى زىيارەت قىلشىتىن باشلىسا ئاخىرى قومۇلغا بېرىپ توختايدىغانلار بار. بۇلار تارىخنى ئەسلەش، ئەجداتنى يادلاش سەپىرى بولۇپلا قالماستىن، تىلدىكى بىرلىكنى ساقلاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

مازار سەيلىسى، تاۋاپ ساياھىتىنى چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنى نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم قويغان، ئەڭ مۇھىم بولغىنى مازارنى يوقلاش ئارقىلىق داۋام قىلىدىغان ئەجدات بىلەن ئەۋلات ئارىسىدىكى مىھىر، ئەجداتتىن قالغان تارىخقا ۋارىسلىق، زېمىنغا مىراسخورلۇق تۇيغۇسى سۇسلاپ كەتكەن. تاۋاپ سەيلىسى چەكلەنگەن، مازارلار ئۇنتۇلغاندىن كېيىن خىتاي ئىككچى قەدەمدە ئۇلارنى چېقىپ يوق قىلىشقا باشلىدى. چۆلدەرەپ قالغان مازارنى تۇيدۇرماي چېقىش ناھايىتى قولايلا ئەمەلگە ئاشتى.

مازارلار چېقىلدى. ئەمما چېقىلغىنى مازارلا ئەمەس. خىتاينىڭ چاققىنى ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرغان ئاتا – بوۋىسىغا بولغان سېغىنشى، خانىش بولغان موما ۋە خان بولغان بوۋىلىرىغا بولغان ھۆرمىتى، دۆلەت قۇرغان ئەجداتلارنىڭ تارىخىغا بولغان ۋارىسلىق تۇيغۇسى ئىدى. مازارلار شەھەرلەردىن يۆتكەلدى. مەھەللىدىن يىراقلاشتى، كۆزلەرگە كۆرۈنمەس بولدى. ئەپسۇس، بۇ پىلانلىق سۈيىقەستنىڭ بۇ مىللەتنى يىلتىزىدىن بارغانچە ئۇزاقلاشتۇرۇپ، تەكلىماكاندىكى قامغاققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ پىلانلىق قەدەم باسقۇچلىرى ئىكەنلىكى ئەقىللەردىن مەخپى قالدى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئەرەبىستان ۋە مىسىردىن كەلگەن سەلەفىيلىك، ۋاھابىيلىقنىڭ تەسىرى تەكلىماكاندا بىر قارا قۇيۇن پەيدا قىلدى. دىندار ئاتالغان بۇ زەربىدارلار چېقىلغان مازارالار ئۈچۈن خىتايغا تەڭكەش پەتىۋا پىچتى. ئۇلارغا ئەگەشكەن ياش مازار چاققۇچىلار سۈننەت ئىھيا قىلىمىز، ساۋاپ تاپىمىز دەپ ئويلاشتى، ئەمما نادانلىقى سەۋەپلىك خىتايغا يان تاياق بولدى. ئۇلار ساپ دىنىي ئىرادە بىلەن خىتاينىڭ خۇنۇك مىللىي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇرنى بۆلۈپ باستۇرماقچى، يوقاتماقچى بولغان، ئۇيغۇرنى يالماشقا چىشىنى بىلەۋاتقان خىتايغا ماسلىشىپ مازار مەسىلىسىدە مىللەتنى ئىككىگە بۆلدى. تالاش – تارتىش جەريانىدا ئىككىلا تەرەپتىن جامائەتكە، دىنغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئاشكارىلىنىپ، خىتاينىڭ ئادەم تۇتۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. نەتىجىدە چېقىلغىنى مازارلا بولمىدى، بەلكى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكى، ئۆملىكى، دىنى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئىنساندەك نەپەسلىنىش ھوقۇقىمۇ ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلىندى.

 

 

خىتاي مۇسۇلمان بولسا

 

قاماقتىن چىقىپ ئىسرائىل قارىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىغا قاراپ ئىچىم ئېزىلىپ كەتتى. ئۇمۇ يەتتە يىل قاماقتا ياتقان ئىدى. گەپكىمۇ، ئىشقىمۇ چەبدەس بۇ ئادەم بىر چاققانغىنا ئاشخانا ئېچىۋاپتۇ. پاراڭلار قاماققا كەتتى. مەن ئەتراپىمغا باقماي ھېلى سوراقچىنى، ھېلى گۇندىپاينى، ھېلى ئاقچى مەھبۇسلارنى دوراپ ھەجۋىي قىلىپ كاسىلىدىغىلى تۇرۇپتىمەن. ئۇنىڭ، «ھابدىۋىلى قاماقتىن چىقىپ نامازنى قەسىر قىلماي ئوقۇشقا كۆندۇقمۇ؟» دېگەن سۇئال بىلەن قىلغان ئىشارىسىدىن ئۆزۈمنى بېسىۋالغان بولدۇم.

بۇ دوستۇم كۆيۈمچان ئىدى. «ئۇيغۇردا چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق تەشۋىشى» دېگەن يازمام چىققاندىن كېيىن، ئىسرائىل قارىم ئاتايىن يېنىمغا كېلىپ «ھىجرەت» مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلماسلىققا ئۈندىگەن ئىدى. سەۋەبىنى ئېيىتماي شۇنىلا دەپ قويۇپ كەتكەندىكى سىرنى بۈگۈنگىچە يېشەلمەيمەن. بەلكىم توغرا نىيەتتە يېزىپ ئارتۇقچە ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن شۇنى توغرا تاپقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قەشقەردىكى باشقا ئۆلىما دوستلۇرۇم بۇ ھەقتە گەپ قىلمىغان، پەقەت دىنغا ئائىت تېمىلارنى يازماسلىققا دەۋەت قىلىشقان ئىدى. ئەمما مەن دىنغا ئائىت ئەمەس تېمىلارنى تاپالماي ئاۋارە ئىدىم.

ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا پاراڭ يەنە قاماق، سوت ۋە سوراقچىلار ھەققىدەبولدى. سوتتا ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن سەييارە تەبلىغ قىلغانلىقى، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشتىكى ئاخىرقى مەقسىدى ھەققىدە سورالغاندا، «جىياڭ زېمىن مۇسۇلمان بولسا بولدى،باشقىنى تەلەپ قىلمايمىز» دېگەن ئىكەن. ئۇ كۈنى بۇ گەپ قىزىقچىلىق ئۈچۈن دېيىلگەن ئىدى. بىر قانچە يىل ئۆتۈپ راستىنلا شۇنداق ئويلايدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، بۇ گەپنىڭ يەنە بىر تەرىپى بارلىقىنى پەم ئەتكەن بولدۇم.

تۈركىيەدە ماڭا بىر قانچە ئۇيغۇر كىشىنىڭ «خىتاينى مۇسۇلمان قىلساق بىزگە زۇلۇم قىلمايتتى، خىتايلارنى مۇسۇلمان قىلغىدەك ھەقىقى مۇسۇلمان بولالمىغىنىمىز ئۈچۈن بۇ زۇلۇم بىزگە ھەق» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇنى بەزى تۈركلەرنىڭ دائىم دەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ھەتتا تۈركىيەدىكى چوڭ جامائەتلەرنىڭ مەخسۇس خىتايغا دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۈرلىرى بار ئىدى. ئەمما بىر ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى خار-زەبۇن ھالىمىزنى خىتاينى مۇسۇلمان قىلالمىغان بىزدىكى «نۇقسانلار» سەۋەپلىك، دەپ قارىشى مېنى بەكرەك ئەجەپلەندۈردى.

«خىتاينى مۇسۇلمان قىلساق ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلمايتتى» دەپ قارايدىغان بىر ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلى ماڭا يازغان ئۇزۇن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر تارىخىنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈپ بىزنىڭ خىتايغا دىن تارقاتمىغانلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرنى بىر بىرلەپ تىزىپ چىقىپتۇ. تارىخ دېگەن بىر ئۆلۈك كىتاپ، ماتېرىيال ۋە پاكىت دۆۋىسى. ئۇنى ئىدىيە يىپىغا تىزىپ رېئاللىققا رېتسىپ ئىزدەيدىغانلار بىز ئىنسان. تارىختىكى مارجانلارنى قايسى يىپقا تىزساق تىزىلىدۇ.ئەگەر بىر ئىلىم ئەھلى تارىخقا ئۇيغۇن بولغان ۋە بولمىغاننى ئېنىقلىمىسا، تارىخ ئۆزىنى ئۆزى ئېنىقلاپ بىزگە سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بىز بۈگۈن ۋە ئۆتمۈشتە كۆرگەن قارا كۈنلەرنىڭ ھەممىنى خىتاينى مۇسۇلمان قىلالمىغان ئاتالمىش ئىقتىدارسىز، ئىلىمسىز، ئەخلاقسىز، ئىتتىپاقسىز «ئىللەتلىك» مىللەتلىكىمىزدىن كۆرسەك كۈلكىلىك ئىش بولىدۇ.

ئەگەر بىر دۆلەتتە ھەممە كىشى مۇسۇلمان بولغانغا زۇلۇم تۈگەيدىغان بولسا، پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتى تۈگەپ كەتسە بولاتتى. چۈنكى تارىختا تىمۇرىيلەر، سەئىدخانلار ۋە بابۇرخانلار ھىندىلارنى مۇسۇلمان قىلغان، ئەمما بۈگۈنگىچە پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نىزا قۇرىمايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان بولسا مەسىلە ھەل بولىدىغان بولسا مۇسۇلمان كۈرتلەر بىلەن مۇسۇلمان ئەرەپلەر ئىراقتا جىدەل قىلماي ياشىسا، مۇسۇلمان ئەزەربەيجانلار بىلەن مۇسۇلمان پارىسلار ئىراندا قان تۆكمىسە بولاتتى.

بۇ ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرغا ئىسلام كەينىچىلەپ، شىئەلەرنىڭ تەسىرىدە كىرگەنمىش، دىنىمىزنى توغرا ئۆگەنمىگىنىمىز، چوڭقۇر بىلمىگەنلىكىمىز، تولۇق ئەمەل قىلمىغىنىمىز ئۈچۈن خىتاي بىلەن 300 يىلدىن ئارتۇق بىللە ياشاپ 30 خىتاينى مۇسۇلمان قىلالماپتىمىز. ئۇنىڭغا خەت يېزىپ بولالماي ئاخىرى تېلىفون قىلدىم. تۇڭگان نوپۇسىنى سورۇدۇم، بىلمەيدىكەن. تۇڭگان تارىخىنى سورۇدۇم خەۋەرسىز ئىكەن. ئاخىرى ئۇنىڭغا خىتاينىڭ خەرىتىسىنى ئەۋەتىپ نېمە ئۈچۈن تۇڭگانلارنىڭ بىزنىڭ ۋەتەنگە يېقىن خىتاينىڭ گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلىلىرىدە ئەڭ كۆپ ياشايدىغانلىقىنى سورۇدۇم. ئاندىن ئۇنىڭغا: « تارىختا شۇنچە كۆپ خىتاينى مۇسۇلمان قىلدۇق، ھازىر تۇڭگان نوپۇسى بىزدىن كۆپ. شۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەپلىك تارىختا ئۇيغۇرنىڭ قايسى ئىشى ئوڭ كەلدى؟ تۆمۈر خەلىپىنى قۇرئان تۇتۇپ ئالدىغان لى شۇفۇ، قەشقەرنى قانغا بويىغان ماتىتەي، ماشاۋۋۇلار تۇڭگان ئەمەسمۇ؟ 1934-يىلى 6-فېۋرال كۈنى پەقەتلا قەشقەر شەھىرىدە 6 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرنى جەسەت بىلەن تولدۇرىۋەتكەن مۇسۇلمان تۇڭگان، شۇ جەسەتلەرنى يىغىپ كۆمۈشكە تەشكىللىگىنى قەشقەردىكى شىۋىتسىيەلىك خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلار بولغان ئىدىغۇ؟» دەپ پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ چۈشەنچە بەردىم.

تارىخ شۇنى سۆزلەيدۇ. خىتايلار پۈتۈن مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ ھازىرقى تۈزۈمدىلا ياشىسا، بىزگە بۇ زۇلۇمنى قىلاتتى. ئەگەر بىر دىندا بولۇش زۇلۇمنى يېنىكلىتىدىغان بولسا خىتاي ئۆزىگە ئوخشاش دىندىكى تىبەتلەرنى ئاياپ قويسا بولاتتى. بىر دىندا بولساق خىتاي قوغىدايدۇ دەپ قارىساق،خىتايدىكى شاۋلىن ئىبادەتخانلىرى تىبەتلەر ھەققىدە ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلغان بولاتتى. خىتاينىڭ پايتەختىدىكى بۇددا دىنى ئىنىستىتوتى بۇددىست تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قىلىۋاتقان قارشىلىقلىرىغا بۇدىستنى قوللاپ خىتايغا قارشى پەتىۋا بەرگەن بولاتتى.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئارىسىدىكى مەسىلىنى زالىم تۈزۈم پەيدا قىلغان، بۈگۈن خىتاي خەلقىنى فاشىستلىق بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن كومپارتىيە ئۇيغۇرنى مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى، مۇسۇلمان سۈپىتىدە ئەمەس. بولمىسا تۇڭگان، سالا، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ بىزدەك كۈننى كۆرسە بولاتتى. پەقەت قازاق قازاقىستانغا تەلپۈنۈپ، قىرغىز قىرغىزىستانغا مايىل بولۇپ، ئۇيغۇر دۆلەت قۇرۇشقا كۈچەپ بولۇۋاتقان قاباھەت بۇ. شۇڭا زىددىيەتنى «خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسى، مۇسۇلمان كاپىر مەسلىسى، بۇلار دىن سەۋەپلىك مەۋجۇت»دەپ قاراشىنىڭ ئۆزىلا پاكىتلىق ئەمەس. مەسىلە بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئەمەس، بەلكى بىرىنىڭ زۇلۇم قىلغۇچىغا يەنە بىرىنىڭ زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىدا. مەسىلە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئىككى دىندا بولغانلىقى ئەمەس، كومپارتىيەنىڭ ئۇيغۇرنى خەلقئارا رادىكال ئىسلامغا باغلاپ مىللەت بويىچە يوقاتماقچى بولغانلىقىدا. مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ دىندارلىقىدا ئەمەس، بەلكى دىننى قورال قىلىپ خىتايغا قارشىلىق قىلغانلىقىدا.

ئۇيغۇر تارتىۋاتقان ئازاپنىڭ مەنبەسى كۆپ، ئۇ نۇقۇل دىنىي مەسىلە ئەمەس. مەنبەسى كۆپ تۈرلۈك بولغان بۇ مەسىلىنى ھەر قايسى مەسىلىگە ئائىت پەنلەر نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى دىنغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش ئاسان بولغاچقا ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ئەمما كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتلار بۇنداق چۈشەندۈرۈشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر كۆرۈۋاتقان زۇلۇم خىتاينىڭ مۇسۇلمان بولۇش – بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئۇيغۇرنىڭ ھۆر، ئازادە ھايات كەچۈرىشىنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ.

«جىياڭ زېمىن مۇسۇلمان بولسا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرمايتتۇق» دېگەن سۆزنى مەخسۇس ئالىي مەكتەپتە دىندا ئوقۇمىغان، ئۆمرىدە پەقەت مەكتەپ يۈزى كۆرمەي ساۋادىنى ئۆزى كىتاپنى ھەجىلەپ چىقىرىۋالغان، قۇرئاننى يادلىغانلىقى ئۈچۈن قارى ئاتالغان ئىسرائىل قارىم چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان ئىدى. تۈركىيەدەك دۇنياغا ئوچۇق بىر ئەلدە، ئىلاھىيەتتە ماگېستىر ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ «خىتاي مۇسۇلمان بولغان بولسا زۇلۇم قىلمايتتى» دېگىنىگە قاراپ، يەنىلا «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوبدان ئوقۇپ تىجارىتىنى قىلىدىغان شۇ دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن پەتىۋالىرىنى سېغىنىپ قالدىم.

 

داۋا مەھبۇسنى مات قىلماس

 

2015-يىلى كۈز ئايلىرىدا ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» دېگەن ماقالە توپلىمى تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى. كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى ئاسمان كۆكى رەڭدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ تونۇلغان بىر ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ نارازى بولۇشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇنىڭچە كىتاپ مۇقاۋىسى مۇنداق بايراق رەڭگىدە بولسا ھەقىقى ئاپتونۇمىيەنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ئىلھام توختىغا قاماقتا خەتەر يېتىپ قالىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنى بۇنى پاكىت قىلىپ ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىگە چىقىرارمىش.

ماڭا بۇ گەپ تازا مەنتىقىلىق بىلىنمىدى. ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى، ئىسمى، كەچۈرمىشى شەرقى تۈركىستانچى تەشكىلاتلارنىڭ ئورگان توربەتلىرىدە، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇقچى تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىدە تۇرسا خەتەر بولماي، بىر پارچە كىتاپنىڭ كۆك مۇقاۋىسى ئۇنى شەرقى تۈركىستانچى قىلىپ قويارمۇ؟

كۆزىتىشىمچە بۇ بىر ئىلھام توختى ھەققىدە دېيىلىۋاتقان گەپ ئەمەس ئىكەن. خېلى كۆپ كىشىلەر مۇھاجىرەتتىكى داۋانى ۋەتەندە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلارغا بولغان زۇلۇمنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. شۇ سەۋەپتىن بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئىشلارغا يۇقۇنماي، داۋاسىز ياشاۋاتقان ھاياتىنى ئۇيغۇر ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزىلەر مۇھاجىرەتتىكى داۋانى زۇلۇمنى كۈچەيتىدۇ دەپ ئاشكارە دېيەلمىسىمۇ ھېچ بىر ئەھمىيەتسىز، ئاۋارىچىلىك دەپ قارايدۇ.

مەن بۇ مەسىلىگە بېشىمدىن ئۆتكەنلەر ئاساسىدا جاۋاپ بېرىپ باقاي دەيمەن. مەن 2013-يىلى 19-ئاۋغۇستتىن 2014-يىلى 20-نۇيابىر سائەت ئۈچ يېرىمغىچە قاماق ھاياتىنى باشتىن كەچۈردۈم. 2013-يىلى نۇيابىردا بىر ئۇيغۇر بالا ماڭا چەتئەللەردە مەن ھەققىدە پائالىيەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 2014-يىلى مارت ئايلىرىدا ھەتتا ماڭا بىرەيلەن تېلىفونىدا رەسىمىم بىلەن ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى قوشۇپ چىقىرىلغان بىر پىلاكاتنى كۆرسىتىپ قويدى. 2014-يىلى ھەجگە بېرىپ قايتارىدا قامالغان بىر ئۇيغۇر ھەج مەزگىلىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ئاتاپ دۇئا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن قاماقتىن چىقماي تۇرۇپ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنى بىلىپ سۆيۈنگەن بولدۇم.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار قىلغان شۇ پائالىيەتلەر مېنى ھېچقاچان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىدى. ماڭا ھېچ بىر ساقچى، تەپتىش ياكى سوت خادىملىرى مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە سۇئال سورىمىدى. سوراق جەريانىدا پەقەت ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە تۇرغان مەزگىلدە كىملەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىم سورالدى. بۇ بىر نورمال سوراق بولۇپ چەتئەللەردە سۈرۈشتىسى بولمىغان، ھەر قانداق بىر تۇتقۇن بارغان، تۇرغان، ياشىغان يەرلەر ھەققىدە سوراقلارغا جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر.

خىتايدا تۇتۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىسى مۇھاجىرەتتە ئۇنىڭ ھەققىدە بولۇۋاتقان داۋا بىلەن ئىسپاتلانمايدۇ. سوراقچىلار بۇ ئالاقىنى ئېلخەت، تېلىفون ۋە تام ئاتلاپ چەتئەل تور بەتلىرىگە قىلىنغان زىيارەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

ئادەتتە كىشىلەر مۇھاجىرەتتە جاسۇس كۆپ، قىلغان ئەتكىنىمىز خىتايغا مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. قاماققا كىرىشتىن بۇرۇن مەن تۈركىيەدە تۇرغان، ئامېرىكىغا بارغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىر ئىنساندىن مەن ھەققىدە مەلۇمات ئالمىغىنى سوراق جەريانىدا مەلۇم بولدى. سوراقچىلار ھەتتا تۈركىيەدىكى خەيرۇللا ئەفەندىگىلنىڭ ئىسمىنى خەيرۇللاگۈل دەپ بىلىپ ئايال دەپ قاپتۇ. دېمەك، مەخسۇس مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل تەتقىقاتچىلار ياكى ئالاھىدە خادىملار بولمىسا قالغان ساقچىلار خۇددى ئادەتتىكى ئۇيغۇرلاردەكلا مۇھاجىرەتتىكى پائالىيەتلەردىن بىخەۋەر.

ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى سوراقچىلار قاماقتىكى بىر مەھبۇسنىڭ سوراققا جاۋاپ بېرىپ ئولتۇرۇپ، مۇھاجىرەتتە ئۆزى ھەققىدە بولۇۋاتقان نارازىلىقلارغا مەسئۇل بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. سوراقچىلار قاماقتىكى مەھبۇسنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە ھاماقەت ئەمەس. خىتاي ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنى ئەمەس، ئۆزى مەخسۇس دەرسخانىدىن توپلىغان، ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرلاپ ئىقرار قىلغۇزغان ئاتالمىش جىنايى پاكىتلارنى ئاساس قىلدى.

ئانا تىل شىركىتىنى قۇرغان بىز ئۈچەيلەننى تۇتۇشتا خىتاي دائىرىلىرى ئاۋۋال مەمەتسىدىقنى ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن مەجبۇرى دىلو مەلۇم قىلغۇزغاندىن كېيىن قالغانلارنى قولغا ئالغان. ئۆزۈم بىلگەن ۋە تەكشۈرگەنلەرگە قارىسام، بىر تۇتقۇن ئۇيغۇرنىڭ قاماقتا قانداق كۈن كۆرۈپ، سوتتا قانداق ھۆكۈم قىلىنىشى مۇھاجىرەتتە بولۇۋاتقان داۋا بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

مەن مۇھاجىرەتتە بولۇۋاتقان داۋانىڭ ۋەتەندە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەر بىر شەخسكە ھەر زامان بىۋاستە نەپ يەتكۈزىشىگە ئىشىنىپ كەتمەيمەن. ئەمما ھېچ بىر شەخسكە زىيان سالمايدىغانلىقىغا مانا مەن شاھىت. بىزدەك ئىنسانلىق، مىللەتلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم كىشىلەرنىڭ بىر داۋا ئورگىنى بولۇشى، شۇ مىللەتنىڭ داۋادا ھەقلىق ئىكەنلىكىگە دائىر پاكىتلار ۋە بۇ پاكىتلارنى سۇنىدىغان داۋاگەرلىرى بولۇشى كېرەك. بۇ داۋادا ئىنسانلىق ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلار ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى توپلىنىدۇ. توپلانغان بۇ پاكىتلارنىڭ بەزى تىپىك بولغانلىرى، تەسىرچان شەخسلەر ھەققىدە بولغانلىرى ۋە كۈچلۈك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىرى تاراتقۇلاردا يېيىلسا، دۇنيانىڭ دىققەت ئىتىبارىنى ئاسانراق قوزغايدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدا بار پاكىتلارنى بىر بىرلەپ ياكى توپلاپ ئوتتۇرىغا قويۇشى نورمال بىر شاھىتلىق بۇرچى، خالاس.

مۇھاجىرەتتىكى داۋا سەۋەپلىك ۋەتەندە زىندان كۆپەيمەيدۇ. ئەمما مۇھاجىرەتتە زۇلۇم زىندانلىرى ھەققىدە جاھانغا مەلۇمات بېرىلمىسە، مەھبۇسلار ئىز دېرەكسىز توزۇپ تاشلىنىپ قېلىشى، ھەتتا يوقاپ كېتىشى تامامەن مۇمكىن. داۋا مەھبۇسنى شاھ قىلالمىسىمۇ، ئازات قىلالمىسىمۇ، ئەمما پىچكا قىلمايدۇ، مات قىلمايدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتە بىر ئۇيغۇر زۇلۇمغا قارشى تۇرالمىغان، پاش قىلالمىغان تەقدىردە شۇ كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ راستلىقىغا سۈكۈتتە شاھىت بولۇپ بەرسىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولىدۇ.

 

 

ساياھەتكە چىققانمۇ ياكى دۈشمەن ئىزدەپمۇ؟

 

2009-يىلى تومۇزدا يۈز بەرگەن نامايىش، قەھرىمانلىق ۋە پاجىئەنى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىغان ئىدىم. ئۇ 2012-يىلى كەچكۈزنىڭ بىر جۈمە كۈنى ئىدى. بىر تىجارەتچى دوستۇم بىلەن ئارتۇچقا چىقىپ جۈمە ئوقۇپ كەلمەكچى بولدۇق. يولدا بىر تەبلىغنى ئاڭلىغاچ پاراڭ بىلەن ماڭدۇق. ئارىدا گېپىمىز توختاپ تۇرۇشىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خىتاي پەيدا قىلغان دېگەن گەپ ئاڭلاندى. ئاچچىقىمدا قولۇم تىترەپ ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى تاپالماي دوستۇمغا: «ئۆچۈرە ماۋۇ شەرمەندە ئاۋازنى» دەپ ۋارقىراپ كەتتىم.

ئۆزۈمنى تۇتۇپ سەل ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن 2007-يىلى تالىشىپ قالغان «11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئامېرىكا پەيدا قىلغان» دېگەن گەپ ئېسىمگە كەلدى. ئۇ شۇ گەپنى تۈركىيەدىن يېڭىلا كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى. بەلكىم مۇشۇ تۈگۈن بىلەن گەپ باشلانسا ئىشلارنىڭ ئايدىڭ بولۇشى ئاسانراق بولاتتى. ئۇنىڭغا شۇ قېتىمقى مۇنازىرىنى ئەسلەتتىم. ئۇنىڭغا تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئائىت بىرەر ئىش بولسا دەرھال ئامېرىكا قۇرغان توزاق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيىتتىم. ئۇنىڭغا تۈركىيەدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئامېرىكا پەيدا قىلغان دېگەن گەپ بىلەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئامېرىكا پەيدا قىلغان دېگەن گۇماننىڭ تەڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى گەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. ئەمما جۈمەگە بارغان ۋە كەلگەن يولدا بۇ مۇنازىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. ھەر قانچە چۈشەنچە بەرسەممۇ ئۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

ئارىلىقتا ئۇ بۇرادەر دۇبەي، قاھىرە قاتارلىق شەھەرلەردە ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھاسىلاتى، دۇنيادا مۇسۇلمان بولغانلا يەردە زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە زۇلۇم بار ئىكەن. ئۇنىڭچە يەھۇدىلار بىر بولسا مۇسۇلمان ئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى كۈشكۈرتۈپ دۆلەتنى پارچىلايدىكەن. ئىككىنچىدىن مۇسۇلمانلارنى بىر بىرىگە زىددىيەتكە سېلىپ ئاجىزلاشتۇرىدىكەن. ئۈچىنچىدىن جەڭگىۋار مۇسۇلمانلارنى دۆلەتكە قارشى كۈشكۈرتۈپ قىرغىچىلىقتا يوق قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن يەھۇدىلارنىڭ مۇشۇنداق كۆپ شۇملۇقلارنى قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنىڭ ھامان ئۆزىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە دۇنيادىكى تۈرلۈك كۈچلەرنى مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئىستىراتىگىيە بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇنىڭچە ئۇيغۇرلارمۇ يەھۇدى قۇرغان شۇ توزاقنىڭ قۇربانلىرى ئىكەن. ئۇ يەھۇدىلار باشچىلىقىدىكى ماسونلارنىڭ قانداق شۇملۇقلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇنىڭ ئاساسىنىڭ قۇرئاندا بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان ئىدى، ئورۇنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ھامان قايىل بولمىسىمۇ ئۇنىڭغا:

_ئاداش سىلى چەتئەلگە چىقساڭلا دائىم خەقنىڭ دەردىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ بىزگە يىغلاپ بېرىدىكەنسىلە، تۈركىيەنى ئەنگىلىيە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلغان، فرانسيە تۈركىيەنى مىسىردىن قوغلاپ چىقارغان، مىسىرنى فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە نۆۋەتلىشىپ بېسېۋالغان، ھازىرقى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇرۇن شۇ غەرپنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. مۇستەملىكە مەزگىلىدە ئۇلار كۆپ زۇلۇم كۆرگەن، شۇڭا ئۇلار غەرىپكە ئۆچ. ئۇلار غەرىپكە بولغان ئۆچمەنلىكتە ھەقلىق. ئەمما غەرىپتىن بىزنىڭ ئالالمىغان بىر دەردىمىز يوق. ھەر قېتىم چىقساڭلا بىزگە يېڭى بىر دۈشمەننى بايقاپ قايتىدىكەنسىلە. سىلى چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانمۇ يا مەخسۇس دۈشمەن ئىزدەپ چىققانمۇ؟ دېگىنىڭلارچە بولسا تارىختا ئۆتكەن ۋە ھازىرقى رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىنىڭ ئادىمىكەن، ماسونكەن، ئامېرىكا دوللىرىدا ماسوننىڭ بەلگىسى بار ئىكەن. ئەجەپ بۇ ماسونلار خىتايلارغا سەل قاراپتىغۇ. نېمىشقا غەرپلىك رەھبەرلەر ماسۇن بولۇپ، خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ماسون ئەمەس؟ نېمىشقا مۇستاپا كامالنى يەھۇدى، ماسۇن دەيسىلەر، ئەمما ماۋزىدوڭ دېگەن قاتىلنى يەھۇدىنىڭ يالاقچىسى ياكى ماسون دېمەيسىلەر؟ ماركىس يەھۇدى تۇرسا، ماركىسقا ئەرگەشكەن خىتاي مۇسۇلماننىڭ دۈشمىنى بولماي پەقەت غەرىپلا دۈشمەنمۇ؟ دەپ مۇنازىرەنى چاخچاق بىلەن تۈگەتكەن بولدۇم.

2016-يىلى مارتتا بۇ دوستۇم  ماڭا تاجىكىستاندىن تېلىفون قىلدى. ئۇ ماسونلار ھەققىدە يېزىلغان بىر غەرىپلىكنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپتۇ. ئۇنىڭچە ئۇ ماقالە ئۇيغۇرچىغا بەك ئېسىل تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا، ماڭا ئېنگىلىزچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقسۇن دەپ ئەۋەتىپتۇ. ئۇنىڭ مەقسىتىنى دېمىسىمۇ چۈشەندىم. ئۇنىڭ ماڭا بۇ ماقالىنى  يەھۇدىلارنىڭ ۋە غەرىپنىڭ بىزگە دۈشمەن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قانداق سۈيىقەستلەرنى پىلانغا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەۋەتكىنى ئېنىق ئىدى. تېلىفوننى قويىدىغان چاغدا ئۇ: «سىلى ئامېرىكنى، يەھۇدىنى بەك چوڭ بىلىسلە جۇما، ئۇ خەقتىن مۇسۇلمانلارغا كېلىۋاتقان مەخپىي ۋە ئاشكارە خەۋىپنى ھېچقاچان ئىتىراپ قىلمايسىلە» دېدى. مەن گەپنى بۇراپ باشقا پاراڭلار بىلەن تېلىفوننى قويدۇم. شۇئان خىيالىمغا ئۇنىڭ بۇلتۇر مۇشۇ كۈنلەردە ئايالىنى ئامېرىكىدا يەڭگىتىپ بالىسىنى ئامېرىكا پۇقراسى قىلغانلىقى كەلدى.

سۆيۈملۈك ئەلدىكى كۆرۈمسىز ئورتاقلىقلار

 

بەزىدە خىتاي بىلەن تۈركىيەنى سېلىشتۇرۇپ قويسام دوستلار نارازى بولىدۇ. ئەمما خىتايدا بىزنى غۇدۇراتقان، ئازاپلىغان ھەتتا مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئامىللارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىمىز تۈركىيەدە بولۇشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. بۇنى بەزىمىزنىڭ يوق دېگۈمىز بەك بار، مېنىڭمۇ تۈركىيەنى يەتتە ئىقلىمنىڭ تاجى، تۈركلەرنى پەزىلەت ئوردىسىنىڭ تاجىدارى دەپ ئۇلۇغلاپ ئۇپرىماي ياشىغۇم بار، ئەمما بۇنداق يالغان خوشامەت قىلمىساممۇ، رىسقىمنى مۇشۇ كۈنگىچە ئاللاھ ھالالدىن قان تەرىم ئارقىلىق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

ماكان، زامان، ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمدارلارنى چۈشىنىپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلىپ ياشاشنى بىزگە يۈسۈپ بوۋىمىز «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن كىتابىدا ۋەسىيەت قىلغان. شۇڭا تۈركىيەنى چۈشىنىش بۇ ئەلدە ياشاۋاتقان ۋە بۇ ئەلنى كۆرمەي، بىر مەرتە كەلمەي تۇرۇپ، ئەل بولۇپ كەتكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك. تۈركىيەنى چاھارباغدەك، ئوردا-قەسىردەك تەسەۋۋۇر قىلىۋالساقمۇ، ئۆزىمىزنىڭ شاھ سۇلتان ئەمەسلىكىمىز ئېنىق. ئىستانبۇلنى دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ ھەر قانچە ماختىساقمۇ، كالپۇكىمىز قۇرىغاندا ئەس قاتىدىغىنى يانچۇقىمىزدىكى پۇچۇق يارماق.

بىزگە خىتايدا بۇرۇن يولۇققان غەلەتلەرنىڭ بىز سۆيگەن بۇ ئەلدىمۇ كۆزگە چېلىقىشى، ئىچى ۋە ئەتراپى مەسىلە بىلەن تولغان بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئورتاقلىقتىن بىشارەت بەرمەي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھاكىمىيەتتىكى مۇستەبىتلىك، ئىقتىسادتىكى مونۇپۇللۇق، ۋە مىللەتتىكى چەكتىن ئاشقان ئاكا مىجەز ھاكاۋۇرلۇق. خىتاي بىزنى ۋەتەندە باراۋەر كۆرمىگەچكە، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويغاچقا، سىياسىي ھوقۇقىمىزنى ئىنكار قىلغاچقا بەزىمىزگە بۇنداق كۆرۈمسىز ئورتاقلىقلار تازا يېقىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ماڭا بىر ئاكىدىن ئاران قۇتۇلغاندا يەنە بىرىنىڭ ئاكىلىقىنى قوبۇل قىلماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئەلۋەتتە يەنە بەزىمىزنىڭ كەچۈرمىشى ۋە قارىشى باشقىچە.

خىتايدا يولۇققان مەمۇرلارنىڭ زۇلمىغا بۇ يەردىمۇ يولۇقۇپ قالىسىز. بۇمۇ كۆرۈمسىز ئورتاقلىقنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە تۈزۈم، قانۇن ۋە ھاكىمىيەتتە كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپىنچە كىشىلەر تەھلىل قىلىپ چۈشىنەلمەي ئەيىپنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلاردىن كۆرىدۇ. دوستلار تولا دەيدىغان گەپ «ساڭا ئۇنداق قىلغىنى چوقۇم تۈرك ئەمەس، ساڭا قۇپال تەگكىنى مۇسۇلمان ئەمەس، ج ھ پ چى ياكى سولچى بىرى»… ۋاھاكازالار. بۇنداق چاغلاردا تۈرك ئەمەس دېگەننى دېيەلىگەن ئۇيغۇر، كۈرت دېگەن سۆزنى چىقىرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ،«تۇڭگان» دېيىشنى ئىجات قىلغان. تۈركلۈككە ۋە مۇسۇلمانلىققا بولغان مۇھەببەت كۆز ئالدىمىزدا بىزگە قوپال تەگكەن كىشىنى ھېچ تونىماي تۇرۇپ مۇسۇلمان ئەمەس، تۈرك ئەمەس دېيىشىمىزگە سەۋەپ بولغان.

قەلبىمىزدە «تۈرك ئېسىلدۇر، مۇسۇلمان قۇسۇرسىزدۇر» دېگەن چۈشەنچە ھۆكۈمران بولغاچقا كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلماي ئىنكار قىلىشنى تاللايمىز. شۇنى ئېتىراپ قىلمايمىزكى، ئىنسان دېگەن دۆلەت ئاتلىق ماشىنىدىكى بىر ۋىنتا، ۋىنتىنى ئالماس ياكى ئالتۇندىن ياساپ چىقسىڭىزمۇ، ھەر كۈنى يۇيۇپ پارقىراتسىڭىزمۇ ۋەياكى سەپلەپ ئورناتسىڭىزمۇ، ماشىنا ياخشى ماڭمىسا ھامان داتلىشىپ كاردىن چىقىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە سىزگە ئالايغان خادىمنىڭ تۈرك، مۇسۇلمان ياكى سىز سۆيگەن پارتىيەدىن بولماسلىق مەسىلىسى ئەمەس. مەسىلە ماشىنىدىكى يۈرمەسلىك، ياغسىراپ داتلىشىپ كېتىشتۇر.

كوچىلاردىكى شۇئارلار ۋە پات-پات تېلېۋىزورلاردا خەۋەر قىلىنىدىغان ھەرىكەتلەر كىشىگە خىتاينى ئەسلىتىدۇ. خىتاينىڭ كوچىلارنى قۇراق چاپانلىق قوۋ تىلەمچىدەك شۇئار بىلەن زىننەتلەشلىرى تېخىچە ئېسىمىزدە بولغاچ تۈركىيەدىكى بۇ ئوخشاشلىق كىشىنى ئانچە مەمنۇن قىلمايدۇ. كوچىدىكى چىرايلىق شۇئارنىڭ ئەكسىچە تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈك، مەمۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاستا، چولتا بولۇشى…دېگەندەكلەر ئۆي ئىجارە ئېلىش، تور بېجىرىش، ئىقامەت ئېلىش، نوپۇس خەتلىتىشلەر جەريانىدا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ كىشىنى تېخىمۇ نارازى قىلىدۇ. بولۇپمۇ ياپۇنىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا ياشاپ باققان دوستلار بۇنىڭغا كۆنەلمەيدۇ.

كوچىلاردا، جامائەت سورۇنلىرىدا كۆزگە تاشلىنىدىغان شۇئارلار بىزگە ھاكىمىيەتنىڭ كىشىلەرنى نېمىگە يېتەكلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىشارەتلەيدۇ. ۋەتەندە بىرەر ۋەقە بولسا دەرھال خىتاي كوچىلارنى ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى شۇئارلار بىلەن تولدۇراتتى. تۈركىيەدە 2016-يىلى 15-ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن كوچىلار ۋەقە چىقارغۇچىلارغا قارشى شۇئارلار بىلەن تولدى. 2018-يىلىدىكى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن رايۇنلار ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بەس – بەستە بۇ ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقلىرى ھەققىدە لوزۇنكىلارنى كوچىلارغا ئېسىشتى. بۇنداق شۇئار توۋلاش پەقەت ھاكىمىيەتكە، ھۆكۈمرانلارغا ساداقەت بىلدۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەسلىدە ھەقىقى ساداقەت بۇنداق ئېسىلغان شۇئاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت ئورۇنلىرىدا بىجانىدىل ئىشلەشتە، ۋەتەنداشقا ئەلا ۋە سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشتا.

كوچىلاردا شۇئارلاردىن باشقا پات – پات خەۋىرى چىقىدىغان ھەرىكەتلەرمۇ كىشىگە خىتايدىكى «يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش، بىر ئايلىق تازىلاش، پۇستانى چىسلالىق مەخسۇس تۈزەش» دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئەسلى ئامانلىق، سالامەتلىك، مائارىپ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەن بىرەر ئايلىق، بىرەر مەزگىللىك ھەرىكەت بىلەن ھەل قىلىنىدىغان ھەرىكەتچانلىقتا كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يىللىق ھەتتا نەچچە ئون يىللىق ئۆزگەرمەس تىرىشچانلىق بولۇشى كېرەك. بۈگۈنگىچە تۈركىيە مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئوقۇشى، قانداق دەرسلەرنى قانچە سائەتتىن ئوقۇشى مۇقىملاشمىغانغا قاراپ، بۇ دۆلەتنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق شۇئار ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمەن. خىتايمۇ شۇغۇ، بىر دەم ساپا مائارىپى دەيدۇ، بىر دەم مائارىپتا «ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەت» باشلايدۇ. تۈركىيەدىمۇ گۈلەن ھەرىكىتىگە باغلىنىپ مەكتەپلەردىن ئەڭ كۆپ قوغلانغىنى ئوقۇتقۇچى بولدى.

دۇنيانى ئۈرۈمچى دېسەك، تۈركىيە ماڭا بارمىسام چىدىمايدىغان، بارسام كۆڭلۈم كۆپىنچە بەكرەك ئېچىلىپ، بەزى كۈنلىرى ئانچە – مۇنچە چىگىلىپ قالىدىغان دۆڭكۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. بىز ئۇ يەرگە ئۇيغۇر بولغاچقا بارىمىز، ئۇيغۇرنىڭ پۇرىقىنى ھىدلىساق دەپ تەلپۈنىمىز. ئۇ يەرنى ئۇيغۇرنىڭ ساداسىغا بىر چۈمۈلۈش ئۈچۈن ئويلىماي تۇرالمايمىز. مۇشۇ سۆيگۈ سەۋەپتىن كۆپرەك گېپنى قىلىمىز، غېمىنى يەيمىز، دەردىنى تارتىمىز، ئاز تولا دەشناممۇ يەيمىز. تۈركىيەنى سۆيگەنلىكتىن ئاتايىن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ سالىدىغان گەپ ئىكەن. شۇنىسى ئېنىقكى، ھەرقانچە دەشنام يىسەكمۇ بۇ گۈزەلنىڭ كالپۇكىنى بوياۋاتقان لەۋسۇرۇختا خىتاي قاتقان ئاليۇمىن بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يوق دېگىلى ياكى كۆرمەسكە سېلىپ سۈكۈت قىلغىلى بولمايدۇ. دېسەكمۇ قۇلىقىغا يەتمەيدۇ، ئەمما ساختا لەۋسۇرۇختا چىرايلىق بولىمەن دەپ سۈركىگەنچە خىتايغا ئوخشاپ قالسا يۈرەك چىدىمايدىكەن.

 

 

سۈرىيەدىكى «نەپرەتلىك» مۇجاھىتلىرىمىز

 

ئاپتوبۇس ئىستانبۇلغا يەتكەندە بامداتقا خېلى بار ئىدى. بۇ ئۇخلىماس شەھەردە ياشاۋاتقان دوستلىرىمنىڭ ھېچ بىرى تېلىفون ئالمىدى. نېمە بولدى كۆزۈم يەنە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر چاغدا قولۇمدىكى تېلىفوننىڭ تورۇككىدە يەرگە چۈشكەن ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئاچسام ئاپتوبۇس ئۇچقاندەك كېتىۋېتىپتۇ. جىددىيلىشىپ شوپۇرنىڭ قېشىغا باردىم ۋە نەگە ماڭغىنىمىزنى سورۇدۇم. –ئەدىرنەگە! دەپ پەرۋاسىزلا جاۋاپ بەردى شوپۇر. توۋا ماۋۇ ئادەملەرنى قارا، مېنى ئىستانبۇلدا ئويغۇتۇپ چۈشۈرىۋەتمەي ئەدىرنەدە نېمە قىلار بولغيىدى؟

شوپۇر مېنى مول ئوف ئىستانبۇل دېگەن بىر يەردە چۈشۈرۈپ قويدى. بېسىلغان نومۇرلارنىڭ ھېچ بىرىدىن يەنە جاۋاپ چىقمىدى. تاكسى توسۇپ مىھمانخانىغا كېتەي دېسەم، بىر سائەتكە قالماي تاڭ ئاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سەپەر پەقەت چىقىملا بولىدىغان، كۆڭۈلدىكى يېرىملىق تولغان بىلەن يانچۇق قۇرۇقلىنىدىغان، نامرات قەدەملەر، نائىلاج ئاۋازلار بىر يەرگە يىغىلىپ غەزەپلىك كۈچ ھاسىل قىلىدىغان سەپەر ئىدى. مەن شۇ ئازاپىق نىداغا قېتىلاي، شۇ ئورتاق قەدەملەرگە ئەگىشەي، بىزدەك مىڭلىغان بىتەلەيلەر ئۈچۈن جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ مەيدانغا چىقىپ، زالىمنىڭ ياۋۇز ئالقىنىغا چۈشكەن سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ گاس جاھان، كور دۇنيا ۋە قاتقان قەلىبلەرگە بىلدۈرەي دەپ كەلگەن ئىدىم.

يېنىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتىۋاتقان ماشىنىلار، تىنماي ھۇشقۇيتۇپ تېنىمنى چېقىۋاتقان ئىزغىرىن شامال، ھېچكىمسىز يىلاندەك تولغۇنۇپ ياتقان يوللار ماڭا يالغۇزلۇقنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. تۇرۇپلا ئېغىر بىر غېرىپلىق يوپۇرۇلۇپ كەلدى. ئۆزۈمنى دۇنيادا يەككە يىگانە ئۇچۇپ يۈرگەن غازاڭدەك ھېس قىلدىم. تىرىكلىك ئۈمىدى، جان قايغۇسى، جاھاندارچىلىقنىڭ ھەلەكچلىكى بولمىسا ماڭا بۇ ئەلدە نېمە بار؟ غۇيۇلدىغان، پاپاپلىغان، شۇۋۇلدىغان بۇ ئاۋازلارنىڭ ئالدىدا مەن تىلسىز ئىدىم. چېپىپ يۈرگەن، بەزىلىرى ۋاگونلۇق بەزىلىرى ۋاگۇنسىز، گاھىلىرى ھەيۋەت گەۋدىلىك، گاھىلىرى ۋىجىك گەۋدىسىز، بىر قىسمى پارقىراق كۆركەم، يەنە بىر قىسمى بەترەڭ كۆرۈمسىز تۆت چاقلىقلار قورشاۋىدا مەن جانسىز ئىدىم. ئەتراپىمنى بىراقلا قاراڭغۇلۇق باسقاندەك بىلىندى. ئۆزۈمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ ئالدىمغا قارىسام بىر سايە ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. سەل قورققاندەك بولۇپ پورتمالىمنى چاپاننىڭ مەخپىي يانچۇقىغا تىقتىم. تېلىفونۇمنى ئېتىپ نىشانسىز ئالدىم قىلىنغان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.

كەينىمدىن ئاڭلانغان شىپىرلىغان ئاياق تىۋىشىدىن يۈرىكىم ئۆزۈمگە ئاڭلانغىدەك دۈپۈرلەشكە باشلىدى. قەدەملىرىمنى تىزلىتىشىمگە ئۇنىڭ ماڭا قاراپ يۈگۈرگەنلىكىنى تۇيدۇم. مەنمۇ يۈگۈرسەم قوغلىشى، يېنىمدا بارى يوقنى بۇلىغاننىڭ ئۈستىگە ئالدىمدىكى كۆۋرۈكتىن ئىتىرىپ جەسىتىمدىنمۇ قۇتۇلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ ھامان كۆز ئالدىمغا كىنولاردىكى كۆرۈكتىن ئىتتىرىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشلەر كېلىپ يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلاشتى. ئارقامدىن ئاڭلانغان «ئەخى. ئەخى!» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئورنىغا چۈشتى. كېلىۋاتقىنى بىر ئەرەپ مۇساپىردەك قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئىچىمدە توختىماي دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئېگىز بويلۇق، ئورۇق، يۈزلىرىنى ساقال باسقان ئەمما چاچلىرى چىرايلىق ياسالغان بىرى ئالدىمدا تۇراتتى. قولىدا چاقلىق چامادان، بەدىنىدىن قاڭسىق تەر ھېدى كېلەتتى. قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ۋە ئېنگىلىزچە ئەھۋال سورۇدۇم.

مىسىردا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەرەپلەرنىڭ ئېنگىلىزچە سۆزلەشكە ئالاھىدە ئىشتىياقى بارلىقىنى، زۆرۈرىيەتسىز ئەھۋالدىمۇ ئېنگىلىزچە قىستۇرۇپ سۆزلەشكە ئامراقلىقىنى بايقىغان ئىدىم. ئالدىمدىكى بۇ سۈرىيەلىكمۇ ئېنگىلىزچەمنى ماختىغا پېتى ھوزۇرلىنىپ سۆزلەپ كەتتى. ئەدىرنەگە بىلەت ئالماقچى بولۇپ بىكەتكە بارسا سېتىپ بەرمەپتۇ. شۇڭا پىيادە يولغا چىققان ئىكەن. ئەدىرنەگە بېرىۋالسا ياۋرۇپاغا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. تۇيۇقسىز بىر تەقدىرداشلىق تۇيغۇسى شۇررىدە قىلىپ ئىچىمنى ئېرىتتى.

ئىككىلىمىز بۇ يەردە نېمە سەۋەپتىن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى، ئەسلى نەگە ماڭغىنىمىزنى ئۇنتۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ ماڭا ئۆزى ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان ياۋرۇپانىڭ كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىق ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ بىلگەنلىرىم بويىچە قوشۇق سالدىم. ئۇ تۈركىيەدە ئىشلەپ قورساق باقالماي ياۋرۇپاغا كېتىشنى تاللاپتۇ. ئايرۇپىلان بېلىتىگە چىقىنالمىغاچقا مېڭىپ كېتىشنى نىيەت قىپتۇ. دېگەندەك ئەدىرنە گىرىتسىيەگە چىگرا بولۇپ شۇ يەردىن ياۋۇپاغا ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئىدى.

كۆڭلۈم نېمە دەيدىغانلىقىنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ سۈرىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىماي تۇرالمىدىم. ئۇيغۇر دەپ گەپ باشلىسام بىلەلمىدى، تۈركىستانىي دېيىشىمگە ئەرەپچە كالدىرلاپ بىر مۇنچە سۆزلەپ كەتتى. بىردەمدە ئۆزىمۇ بايقىدىمۇ ئالدىرىماي چالا پۇچۇق ئېنگىلىزچىسى بىلەن: -ساڭا نېمىسىنى ئېيتاي، مەن چەتئەللىك مۇجاھىتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچ كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىپ قان تۆكۈشلىرىگە نەپرەتلىنىمەن. ئەمما تۈركىستانلىقلار بىر ئاز پەرقلىق ئىكەن. ئۇلارنى بىز جىسر شۇغۇر (ئۇيغۇرچە مەنىسى قوش كۆۋرۈك) نى ئالغاندىن كېيىن بىلىشكە باشلىدۇق. تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى قىسىملىرى ھەلەپ ۋە تۈركمەن تاغلىرىدا بولغان ئۇرۇشتا بەك كۆپ قۇربان بەردى. تۈركىستانلىقلار ئىچىدىكى دائىشنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلارنىڭ كۆپى قىرىلىپ كەتتى. 70 تىن ئارتۇق دائىش سېپىدىكى تۈركىستانلىق رەققەدە قورشاۋاغا چۈشۈپ كۆپ ھەرەج تارتتى. ئاڭلىشىمچە تۈركىستانلىقلاردىن ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش قىلىپ ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئەرەپلەر، كورتلار ۋە ئەسەتنىڭ قولىدا ئىكەن. چوڭ – كىچىك ئەر ئايال بولۇپ سانىنى بەش مىڭدىن ئاشىدۇ دەيدۇ،-دېدى ئۇ، قولىدىكى تاماكىغا ئالدىرىماي چاقماق يېقىپ. تاماك چېكىشكە باشلىغىنى ئۇنىڭ مەندەك بىر گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەمنى تاپقىنىدىن خوش بولغىنى ئىدى. ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ مېنى چاماداننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ يەنە گەپ باشلىدى.

-تۈركىستانلىقلارنى باشقا ھەر قانداق مۇجاھىتلاردىن باتۇر ئىكەن، داۋاسىدا راستچىل ئىكەن، دىنىي چۈشەنچىسى پەرقلىق ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم. ئۇلارنى قەبىھ ئەمەس دەيدۇ. بىرەر ئادەمنى دەررە ئۇرغان، دارغا ئاسقان، ياكى چالما كېسەك قىلغان ئىش يوق ئىكەن. جىسر شۇغۇردا شەرىئەتنى يولغا قويىمىز دەپ ئاياللارنى يالغۇز تالاغا چىققىلى قويمايدىغان، تېلىۋىزورلارنى ئۇرۇپ چاقىدىغان، قىزلارنى مەكتەپتىن چەكلەيدىغان، ماگىزىنلاردا تاماكا سېتىشنى توسىدىغان، قىز – ئاياللارنى ئەسىر دەپ خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماپتۇ. تۈركىستانلىقلارنى ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىقلا بولمىسا يەرلىكنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم. شۇڭا يەرلىكلەردىن بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئايال تۈركىستانلىقلار بىلەن نىكاھلىنىپتۇ. بىلەمسەنكى، بىزنىڭ سۈرىيەلىكلەر ھەتتا ياقا يۇرتلۇق ئەرەپكىمۇ قىز بەرمەيمىز. كىشلەر سېلىشتۇرغان گەپ، قارىسا باشقا مۇجاھىتلاردىن سەمىمىي شۇڭا سۆيۈنۈپ كۈيئوغۇل قىلغان گەپ. يۇرت چوڭلىرى جىسر شۇغۇردىن ئەسەت قوشۇنىنى قوغلاپ چىقارغان تۈركىستانلىقلارغا يۇرتنىڭ نامىنى شۇغۇرىستان دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىبىنى بەرگەن ئىكەن. قۇماندانلار بىز بۇ يەرنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالغىلى كەلمىگەن دەپ قوشۇلماپتۇ.

– ساڭا دېسەم گەپ تولا، ئۇ شۇنداق بىر شىرىن ئايلار، دەسلەپكى گەپلەر، ھازىر سۈرىيەلىكلەر تۈركىستانلىقلار ئەمەس يەرلىك ھەر قانداق مۇجاھىتلاردىنمۇ جاق تويدى. ئاڭلىسام سىلەرنىڭ تۈركىستانلىقلارمۇ بۇنى ھېس قىپتۇ، كەتكىلى تەييار دەيدۇ. ئەمما نەگە كېتىدۇ؟ بىز قېچىپ تۈركىيەگە كەلدۇق، تاپقان تەرگەنلىرىمىز قۇرۇپ كەتكەندە ياۋرۇپاغا قېچىشىنىڭ كويىدا يۈرىمىز. تۈركىستانلىقلارمۇ ئۇ يەردە يۈرۈپ كۆپى جېنىدىن، قالغانلىرى پۇلىدىن ئايرىلدى، بالىلار يېتىم، ئاياللار تۇل قالدى. بىزنىڭ ۋەيرانە بولغان بولسىمۇ ۋەتىمىز بار، ھېچ يەرگە كېتەلمىسەك بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلسەكمۇ ئاتا – بوۋىمىزدىن قالغان تۇپراقنى قۇچاقلاپ ياتىمىز، ئەۋلادىمىزنىڭ بىزدەك كۈنلەرگە قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆلىمىز، ئاچا – سىڭىللارنىڭ ئەنتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلىمىز، بىگۇناھ قىرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا مەھشەردە يۈزىمىز يورۇق قاراش ئۈچۈن، كۆزى ئوچۇق كەتكەن دوستلارنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۆلىمىز، بىراق ئۇلارچۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ زېمىن، غەنىمەت ئىگىلەش نىيىتى بولمىسا نەچچە دۆلەتتىن ئۆتۈپ سۈرىيەگە نېمىگە كەلگىنىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باشقا مۇجاھىتلاردىن ئۇزۇن ۋاقىت ۋە قىيىن شارائىتتا پوستلاردا تۇرۇپ، قۇربان بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن.- ئۇ ئۆچۈپ قالغان تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن چاپىنىنىڭ پېشىنى دالدا قىلىپ ئېڭىشتى. قارىسام ئوڭ قۇلىقىنىڭ يېرىمى يوق.

ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلىماسقا سالسام قالغانلىرى سۈرىيەگە بېرىپ مەشىقنى تۈگىتىپ، ياكى جەڭلەرگە شاھىت بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇجاھىتلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئوخشاش ئىدى. زېمىن، غەنىمەت دېيىشلىرى نېرۋامغا تېگىپ كۆڭۈلۈم سوۋۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تاغ ئاتلاپ ياردەمگە كەلگەن نەۋقىران ياشلىرىمىز، جىگەرلىك ئەركەكلىرىمىز، پىداكار ئاچا – سىڭىللىرىمىزنى «زېمىن ئالىمەن دەپ كەلدى، غەنىمەتنى دەپ تۇرىۋاتىدۇ» دېيىشلىرى غەزىپىمنى قوزغىدى. باياتىن ئۇنچە پۇرىمىغان تاماكىنىڭ سېسىق پۇرىقى ئۇنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ئاچچىق تەر ھىدى بىلەن قوشۇلۇپ نەپسىمنى قىستى. ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئاڭلىنار – ئاڭلانماس خوش دېگەنچە بىر ئاپتۇبۇس ماڭغان يولنى بويلاپ كەتتىم. سەھەر قۇياشى بىنالارنىڭ ئەينەكلىرىدە ئەكىسلىنەتتى. بىر ھازا مېڭىپ كەينىمگە قارىدىم. سۈرىيەلىك مۇساپىر يوغان چامىداننى سۆرىگەن پېتى چوڭ يولنى بويلاپ كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك خوش دېمىگىنىم، يېنىدا تاماققا لايىق پۇلنىڭ بار –  يوقلىقىنى سورىمىغىنىم، ئاق يول تىلەپ چىرايلىق دۇئا قىلمىغىنىم، ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى ۋە يۇرتىنىمۇ سورىمىغىنىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ خىجىلچىلقتا كېتىۋېتىپ بىكەتتە ئالدىمغا كەلگەن بىر سۈرىيەلىك موماينىڭ قولىدىن بىر خالتا قەغەز ئالدىم ۋە يىگىرمە لىرانى تۇتقۇزۇپ پۇل قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدىم.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاۋازى

 

چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىدىنلا ئىزدەش يېتەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە نەشىر قىلىنىش ئەھۋالى ۋە تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇلارغا بەرگەن باھالىرىمۇ ئەلۋەتتە نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. ئىگىلىشىمىزچە ھازىرغىچە ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ رومانلاردىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ساتۇق بۇغراخان»، پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد قەشقەرى»، زىيا سەمەدىنىڭ «ئىپارخان»، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇندىن باشقا پوۋېستلاردىن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «نازىگۇم»، ھېكايىلەردىن نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشىنىڭ «ياۋا كەپتەر» تۈركچە نەشىر قىلىنغان. تۈركچە نەشىر قىلىنغان شېئىر توپلاملىرىدىن دوكتۇر ئەركىن ئەمەت نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر چاغداش شېئىرلىرى ئونتولوگىيەسى»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى» (ئىككى قىسىم)، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»، مۇھەممەت ئەمەتنىڭ «جەننەت يولى»، قازاقىستانلىق شائىر مۇھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىمۇۋنىڭ «ۋەتەن شائىرى بىر ئۇيغۇر» قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. تۈركچىگە ئۆرۈلگەن دراممىلاردىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت» درامىسى ۋە ئەكرەم ئەخمەتوۋنىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق دىراممىسىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىغا ئەسەرلەردىن «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى»(ئۈچ قىسىم)، «نەسرىددىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» قاتارلىقلار تۈركچە نەشىر قىلىنغان.

چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تۈركىيەدە مەخسۇس توپلام قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بو توپلامنى تۈزۈشنى زۇنۇن قادىر ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن ئۇيغۇرشۇناس لەۋەنت دوغان ئەپەندى ۋۇجۇدقا چىقارغان. تىراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لەۋەنت دوغان ئەپەندى، چەتئەلدە مۇساپىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەھمەت ئىگەمبەردى، سۇلتان مەخمۇت قەشقىرى، مەمەتئېمىن ھەزرەت ۋە كانادادا تۇرۇشلۇق ياش شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلىلەرنىڭ شېئىرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى» دېگەن توپلامغا يىغقان. بۇ كىتابقا ھەر بىر شائىرنىڭ ئون بەشتىن شېئىرىنى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان تۇنجى ئەسەر ئىكەنلىكى مەلۇم. كىتاب 240 بەتتىن تەركىب تاپقان (ئاپتۇرنىڭ «ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى» دېگەن كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان). بۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاپ تۈركچە ئىجادىيەت قىلىدىغان ئىككى شائىرە يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار زەينۇرە ئۆزتۈرك ۋە نۇرئەلا گۆكتۈركتۇر. بىر قانچە شېئىر توپلاملىرىنىڭ مۇئەللىپى بولغان نۇرئەلا خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەئەنىۋىي تاماقلىرى» ناملىق كىتابىمۇ مۇشۇ ساھەدە تۈركچە يېزىلغان تۇنجى كىتابتۇر. زەينۇرە ئۆزتۈرك «قار لەيلىسى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا، پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» رومانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان.

2000-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەدە چاغداش ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا ئاتالغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 2014- يىلى 12-ئاينىڭ 5 -كۈنى ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى زىيا سەمەدى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى زىيا سەمەدى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر يىغىن تۈركى خەلقلەر مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن دەستەكلەنگەن. يەنە شۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2015-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تىياتىر ئەسەرلىرى كۆرىكىدە قازاقىستانلىق دراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەخمۇت قەشقىرى» درامىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 18-نۇيابىردا غازى ئۇنۋېرىستېتى پروفېسسورى ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىمنىڭ تەشكىللىشىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقى خاتىرلەندى. بۇ پائالىيەتلەر تۈرك مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بەس-بەستە تارقىتىشىغا ۋە مۇلاھىزىلىرىگە سازاۋەر بولدى.

2016-يىلى 23-مارت كۈنى ئەنقەرەدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان «ئىدىقۇت» رومانىنى تونوشتۇرۇش مۇراسىمى بولغان. مۇراسىمغا ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، تۈرك مىللەتلىرى مەدەنىيەت تەشكىلاتى، قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەھبەرلىرى، غازى ئۇنۋېرىستېتى ۋە ئەنقەرە ئۇنۋېرىستېتىنىڭ چاغداش تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان. مۇراسىمدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەخمەتجان ھاشىرى» دېگەن ماۋزۇدا، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى خانىم «داڭلىق يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى» دېگەن ماۋزۇدا لېكسىيە بەرگەن. يىغىندا سۆز قىلغان ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغان «ئىدىقۇت» رومانىدا 850-يىلىدىن 1125-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن «ئىدىقۇت» دۆلىتى تەسۋىرلەنگەن. ئىدىقۇت دۆلىتى 850-يىلى قۇرۇلۇپ تۇرپاننى پايتەخت قىلغان. بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدىقۇت پانتېكىندۇر. مەزكۇر روماننىڭ داۋامى بولغان «بارچۇق ئارت تېكىن» 2013-يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى تونۇلۇش ئەھۋالى ۋە تەسىرى ھەققىدىكى يۇقىرىقى مەلۇماتلار كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە ئويلاندۇرىدۇ. سۆيۈندۈرىدىغىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدە ئالقىشلىنىشى ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرغا قىزىقىشى. ئويلاندۇرىدىغىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يەتكەن بۈگۈنكى پەللىسىگە باققاندا بۇنچىلىك تەسىر ۋە تونۇلۇشنىڭ تولىمۇ يېتەرسىزلىكى ۋە ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشتا تەييارلىقسىزلىقى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتى تۈركىيەدە تونۇلىۋاتىدۇ دېگەندىن تونۇتىلىۋاتىدۇ دېگەن تۈزۈك. چۈنكى تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇتۇشقا كۈچەۋاتىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى پائالىيەتلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەقدارلىرى بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن رۇياپقا چىقىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا بولسۇن ياكى ئەدەبىياتىمىزنى تۈرك ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئېغىر، يول ئۇزاق، لېكىن ئىستىقبال پارلاق. چۈنكى سەكسەن مىليۇندىن ئارتۇق تۈرك خەلقى ئۇيغۇرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىدە ئەكىسلىنىدىغان ئۇيغۇرنىڭ ئوي-خياللىرىنى بىلىشكە ئىنتىزار.

2008 -يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرى يىلى شەرىپىگە تۈركىيە ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى «مەھمۇد كاشغەرى ھېكايە مۇسابىقىسى» تەسىس قىلغان ئىدى. بۇ مۇسابىقە شۇندىن كېيىن ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۈپ مۇكاپات تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ مۇسابىقىنىڭ نامى «مەھمۇد كاشغەرى خەلقئارالىق ھېكايە مۇسابىقىسى» دەپ ئۆزگەرتىلىدى. ئىگىلىشىمىزچە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننى تەئەججۈپلەندۈرگىنى مەزكۇر مۇسابىقىگە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەسەر قاتنىشىپ باقماپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا تەقەززا ئىكەن. دېمەك، تۈرك مەتبۇئاتلىرى ۋە يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بۇنچە قىزغىن بولىۋاتقاندا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە تەرجىمانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى تەئەججۈپكە لايىقتۇر. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئارزۇسى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قېرىنداش تىل بولغان تۈركچىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەسلى پۇرىقىدىن كۆپ ياتلاشماي تۈركىيەگە ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىش ئىھتىماللىقى ھەممىمىزنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى شېئىرلىرىنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئېنگىلىزچىگە ئۆرىلىپ ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ دېمكلاماتسىيەسىگە نائىل بولۇشى، بىزگە بۇنداق ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.

 

 

تۈركچىدە بىز، ئۇيغۇرچىدا خەق

 

كۆزىتىشىمچە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرايدىغان مەسىلىسى بىز دېيەلمەسلىك ئىكەن. بالىلىرىمىز كىملىكلەر بەكمۇ رۇشەن ئايرىلغان، بىز ۋە خەق ئۇقۇمى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مۇھىتتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىز دېيىشتە قىينىلىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ خەۋەردار بولغان ئىدىم. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تۈركلىرى دېيىلىپ تۈرك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. تۈرك ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىگەندە بىز تۈركلەر دەپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. سىنىپتا تۈرك ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىزلىك مەۋجۇد. يەرلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇساپىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ بىز-خەق پاسىلى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

مەن تۈركىيەدە قىزىمنى مەكتەپكە يازدۇرماقچى بولۇپ بارغىنىمدا مۇدىر ئىشخانىسىغا بىر ئوقۇتقۇچى كىرىپ كەلدى ۋە ئۇيغۇردىن كەلگەن بىر يېڭى ئوقۇغۇچى…دەپ گەپ باشلىدى . مۇدىر ئۇنى دەرھاللا توختىتىپ «مەكتەپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى بار، ئۇ يەرلىك پالان، بۇ يەرلىك پوكۇن دەيدىغان ئوقۇغۇچى يوق بىزدە!»، دەپ تەنبىھ بەردى. قىزىم شۇ ئان ئوقۇشقا ئېلىنغان ۋە «گەل قىزىم، ئۇيغۇرمۇسۇن، ھەپىمىز ئۇيغۇرۇز!» دېگەن ساداغا ئەگىشىپ سىنىپقا كىرىپ كەتكەنىدى.

ئۇيغۇر بالىلارنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا يارىدەملىشىپ مەھەللىدىكى مەكتەپكە كۆپرەك قاتراپ قالدىم. ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىكەن. مەسىلەن: مەن ئاڭلىغان تارىخ دەرسىدە ئوقۇتقۇچى «بىز تۈركلەر ئىسلامغا مۇشەررەپ بولۇپ قەشقەردە قۇدرەتلىك قاراخانلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق. قۇرئاننىڭ پارىسچە تەرىجىمىسىگە ئۇلىشىپلا قىلىنغان تۈركچە تەرجىمىسى مۇشۇ دەۋىردە مەيدانغا چىقتى. بۇ دەۋىردە بىزدىن دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى مەھمۇد قەشقەرى چىقتى…» دەپ سۆزلەيدىكەن. بىر كۈنى ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيىدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى «تەكىلماكان چۆلى تۈركىيەنىڭمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. كىمدىن ئاڭلىغىنىنى سورىسام ئوقۇتقۇچىسى دەپتۇ. ئىرەڭ قىلمايلا «خاتا دەپتۇ، تەكلىماكان دېگەن بىزنىڭ» دەپ ئۆتۈپ كېتىپتىمەن.

باشقا بىر كۈنى باشقا بىر يەردە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يەنە شۇ دەرستىكى تەكىماكاننىڭ گېپى بولۇۋېدى خاتالاشقىنىمنى بىلدىم. ئەسلى ئوقۇتقۇچى قۇملۇقلاردىن چىقىدىغان تەبىئىي بايلىقلار ھەققىدە توختۇلۇپ «بىزنىڭ تەكلىماكان» دەپ سۆزلىگەن ئىكەن. بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ بىزنىڭ دېگىنىنى «تۈركىيەنىڭ دېدى» دەپ خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىقىپ سەككىز ياشلىق قىزىمدىن سورىسام، ئۇمۇ تۈركلەرنى خەق دەپ قارايدىكەن، يەرلىك ئوقۇغۇچىلاردىن بىرمۇ دوستى يوقكەن. مەكتەپتكە بېرىپ كۆزەتسەم، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىللە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. ئەرتىسىلا مەسئۇدەنى خاسلا يەرلىك ئوقۇغۇچىلار چىقىدىغان ئاپتۇبۇسقا بىر ئايلىق ئالماشتۇرىۋەتتىم. ئاپتۇبۇسقا بىزنىڭ دەپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىز دېگىنىنى، ساۋاقداشلىرىنىڭ بىز دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بىز دېيىشنى ئۆگەنسۇن دېدىم.

بالىلارغا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىقتىن دەرس بېرىش، ماڭا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىز_خەق چۈشەنچىسىنى كۆزىتىدىغانغا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت ئاتا قىلدى. بىر ئوقۇغۇچىمىز تۈركىيە ھەققىدىكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ: «بىر كۈنى بىر قوشنىمىز تاماق ئېتىپ يوقلاپ كىرىپتۇ. ئېيتىشىچە بىزگە تۈركچە ئۆگىتىپ قويغىسى بار ئىكەن. مېنىڭ قارىلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنمەكچى بولدى. بۇ تۈرك ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەك خوش بولدۇم.» مەن بۇنى ئوقۇپ ئويلىنىپ قالدىم. بۇنداق قارى بالىلار ۋەتەندە كىشىلەرنى مۇسۇلمان ياكى ئەمەس دېگەن ئىككىلىلا سەپكە ئايرىشقا ئادەتلەنگەچكە تۈركلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. بۇ مەسۇم قىزىمىز مۇشۇنداق ئايرىغىلى تۇرسا، ئۆمرىدە تۈركلەرنىڭ قانچىسىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىتىراپ قىلار؟

بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى « ئاتا تۈرك مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن قايتۇرۇپ: «ئاتا تۈرك دەۋرىدىكى تۈركلەر قايسى ھالدا ئىدى؟ ئاتا تۈرك نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى قانداق قولغا كەلگەن؟ بىز نەدە ياشاۋاتىمىز، تايلاندتا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئەرەبىستانلىق، پاكىستانلىق، مىسىرلىق دېمەي تۈرك دەپ تۇرۇۋالىدۇ؟» دېگەن سۇئاللارنى سورۇدۇم. بۇلارنىڭ ھېچ قايسىغا جاۋاپ چىقمىدى. ئۇلار پەقەت ئاتا تۈركنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنىلا بىلىدىكەن، ھەم شۇنىڭغىلا قىزىقىدىكەن. بۇ سۇئاللارغا بۇرۇنمۇ دۇچ كەلگەن ئىدىم. ئاخىرىدا بۇنداق سۇئاللارغا دائىم «ئاللاھ ئاخىرەتتە مىللىتىڭگە نېمە قىلىپ بەردىڭ؟ دۆلەت قۇردۇڭمۇ؟ دېگەنلەرنى سورىمايدۇ. ئۇ ئادەم ۋەتىنى ئۈچۈن قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلسۇن ھامان دوزاققا كىرىدۇ.» دېگەن جاۋاپنىڭ بېرىلىشى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئاتاتۈركنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىدىن ئەمەس، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىكىگە قوشقان تۆھپىسىدىن چىقىپ جاۋاپ بەردىم. ھەپتە ئۆتمەي باشلىقتىن شىكايەت كەلدى. «ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكرى بار ئىكەن، بالىلارنىڭ ئىددىيىسنى ئۆزگەرتمەي دەرسىڭلارنى ئۆتۈڭلار،» دەيدۇ. ئاتاتۈرك ھەققىدە دېگەنلىرىم خاتامىش.

ئەجەپلىنەرلىكى بىز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئۇلارنى ھىلى سوپى، ھىلى زامانىۋىي، ھىلى ئەلمانىي دەپ خەقلەشتۈرىۋاتقىنىمىزدا؛ دەرسخانىلاردا، تېلۋىزورلاردا، مۇنبەرلەردە تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق تارىخىنى بۇغراخانلارغا باغلاپ، قاراخانلاردا تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننى تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا كاتتا تۆھپە دەپ، تۈرك دۆلەتچىلىك غايىسىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىزدەپ ئۇيغۇرلارنى بىزلەشتۈرىۋاتقان بولىدۇ. تۈركىيەدە يېتىشىۋاتقان ھازىرقى ياشلار تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۇلۇغلاۋاتقىنىدا، بىزدىكى بەزىلەر بولسا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك يازغۇچى ئورخان پامۇكتىن پەخىرلىنىش يوق، ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن دەرگۇمان. كاللىسى ئىككى كونۇپكىلىق ماشىنىدەك قۇتۇپلۇق ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىمغا: «ئاتا تۈركنى دوزاققا كىرىدۇ دەۋاتقىنىڭلاردا، ئارىسىدىن ئاتا تۈركتەك داھى چىقمىغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ۋە سۈرىيەلىكلەردەك ۋەتەنسىزلەرنىڭ دوزاقنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماڭلار. تۈركلەر مىليۇنلىغان سۈرىيەلىكنى خىرىستىيان، يەزىدى، كورت ياكى مۇسۇلمان دەپ ئايرىماي بىز ئىنسان دەپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى. مىليۇنلىغان ئاچ – يالىڭاچنى شىئە ياكى سۇننى دەپ ئايرىماستىن بىز مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ساھىپخانلىق قىلىۋاتىدۇ. مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قېرىنداش بىز، تۈرك بىز دەپ باغرىغا ئېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئۆزىمىزدىن باشقا ھەممىنى يەكلەيدىغان ئۇيغۇرچە ‹خەق› دېيىشنىلا ئەمەس، تۈركچە ‹بىز› دېيىشنىلا ئۆگەتكىنىمىز ئەۋزەل» دېگۈم كېلىدۇ.

 

2016-يىلى مارت، ئىستانبۇل.

 

 

تۈركچىگە يۈرۈش

 

مەنچە ئۇيغۇر ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق تۈركىيە قىزغىنلىقى ۋە تۈركچە ئۆگىنشىنىڭ ھاياجىنىدۇر. نەچچە ئون يىلغىچە تۈركچە دەرسلىكلەردىن بىرسى نەشىر قىلىنغان بولسا، ھازىر بىر يىلدىلا ئىككىسى نەشىر قىلىنىشقا يۈكسەلدى. ئۇيغۇرچە-تۈركچە ۋە تۈركچە–ئۇيغۇرچە ئېلىكترونلۇق لۇغەتلەر ئىشلەندى. تۈركچە دەرسلەر ئۇيغۇر توپراقلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. مەخسۇس ئۈندىداردا ئۆتۈلىدىغان تۈركچە دەرسلەر، مەخسۇس تۈركچە شېئىرلارنى يوللايدىغان ئۈندىدار سالۇنلىرى بارلىققا كەلدى. تۈركچە –  ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇقلار، تۈركچە ئۆگىتىلىدىغان توربەتلەر قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلاردا 2000-يىللارغىچە ھېچ بىر تىل بۇ قەدەر زور كۆلەمگە ۋە ھاياجانغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن تۈركىيەگە تەلپۈنۈشنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجسىدە تۈركچە ئۆگىنىش ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلاندى. مودا ياشلاردىن تارتىپ مۇھاپىزىكار ياشانغانلارغىچە، بۇرۇت-ياغلىقسىز مۇئاشلىقلاردىن تارتىپ دوپپىلىق دېھقانلارغىچە ھەممەيلەندە تۈركچىگە ئىشتىياق قوزغالدى.ھازىر ھەر ياشتىكىلەردىن تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. «مەرھابا تۈركچە» ئىسىملىك ئىككى قىسىملىق ئاۋازلىق كىتاب 2012- يىلى نەشىر قىلىنىپ، قىممەتلىكىگە قارىماي سېتىلىپ تۈگىدى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئىككىنچى بىر كىتاب «تۈرك تىلىدىن ئاساس» ئۈچ قىسىم قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتلىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ماگىسترلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارغا تۈركچە چەت تىل ھېساپلاندى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىكى تۈرك مەھسۇلاتلىرى شەھەرچىسى، تۈرك رىستۇرانلىرى ۋە تۈركچە شەيدالىرىنىڭ پراكتىكا سورۇنلىرىغا ئايلاندى. نەتىجىدە تۈركچە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى تولۇقلانغان، پىراكتىكا شارائىتى شەكىللەنگەن، قىزغىن ئىخلاسمەنلىگە ئىگە بىر ئىجتىمائىي دولقۇنغا ئايلاندى.

ئۇيغۇرلاردا تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ بۇ قەدەر ھاياجان قوزغىشىدا تۈرك فىلىملىرىگە بولغان مەستانىلىق قوزغاتقۇچ رول ئوينىغاندەك قىلىدۇ. نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر بەس – بەستە كۆرگەن «كۇرتلار ۋادىسى»غا ئوخشاش فىلىملەر تۈركچىنىڭ ئىشتىياقىنى يۈرەكلەرگە سالدى. فىلىملەرنىڭ تەرجىمە قىلىنماسلىقى ۋە ۋاقتىدا كۆرەلمەسلىك تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولىۋاتقان ۋە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ يايغىن، تەخرسىز ۋە مۇھىم تۈرۈتكىسى ئىكەن. بۇندىن باشقا تۈركىيەگە ساياھەتنىڭ قولايلىقى، تۈركىيەدىكى مۇكاپاتلىق ئوقۇشنىڭ قىزىقتۇرىشى، تۈركىيە بىلەن بولغان سودىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلارمۇ كىشىلەرنى تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

90-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى پروفېسسورى رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا «تۈرك تىلى» ئىسىملىك بىر كىتاب تۈزگەن. مۆمىن ئابدۇللا ئىسىملىك كىشى تۈزگەن «تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغەت»مۇ شۇ يىللاردا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، زىيالىلار ئارىسىدا زۆرۈر قوللانما بولۇپ قالغان. لۇغەتتىكى كومۇنىستىك پۇراققا قارىغاندا تۈزگۈچىنىڭ  ماۋزىدوڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلانغانلىقى بىلىنىدۇ. تۈركچە ئۆگىنىش بۈگۈنكىدەك دولقۇنغا ئايلانغىچە بولغان ئارىلىقتا «تۈركچە –خەنسۇچە –  ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش»، «تۈركچە سۆزلىشىش قوللانمىسى»، «يوللۇق-تۈركچە» قاتارلىق كىتابلار نەشىر قىلىنغان.

تۈركچە ھەققىدە ئۇيغۇرلاردا ئىككى خىل چۈشەنچە مەۋجۇد ئىكەن. بىرى تۈركچىنى ئۇيغۇرچىدىن پەقەتلا پەرقلەنمەيدىغان، ئۆگىنىشكە ھېچ قانچە ۋاقىت كەتمەيدىغان، قېرىنداش تىل دەپ قاراش بولۇپ، بۇنداق قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرلۇقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن. يەنە بىرى قىسىملار تۈركچىنى ئۇيغۇرچىدىن مۇتلەق پەرقلىنىدىغان، ھېچ بىر ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولمىغان يات بىر تىل دەپ قاراش بولۇپ، بۇنداق قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرچە تەربىيەلەنمىگەن ياشلار، ئۇيغۇرچە مائارىپتىن مەھرۇملار ۋە جاھاندىن، تارىختىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىكەن.

بەزىلەر تۈركچىنىڭ ئۇيغۇرچىدىن بەكرەك ساپ تىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىملىرى سۆزلىرىگە ھەدىسىلا خەنسۇچە ئارىلاشتۇرۇۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى بۇ جەھەتتە تىلنى قوغداشقا بەكرەك ئىمكانلىق دەپ ھېس قىلسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا تىللار قانچە بېيىسا شۇنچە رەڭدارلىشىدۇ. ھازىر ئېنگىلىز تىلىدەك ئەبجەش، دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى رەڭدار سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلالىغان تىل كۈچلۈك تىل سانىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىن ئۆگىنىشكە پۇرسەتلىك، ماھىر ۋە ئوچۇقلىقى شۇ تىلدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپخىل تىللاردىن كىرگەنلىكىدىن بىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەن سۆزلەر كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرچىنىڭ باي تىل، ئۇيغۇرنىڭ ئوچۇق مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. تۈركچىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سۆزلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتتە يۈكسەلگەنلىكىدىن. شۇڭا تۈركچە ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا بەكرەك رەڭدار.

تۈركچە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر ئۈچۈن يېڭىلىق پۇرسىتى، ئېچلىش، ئىلگىرلەش پەلەمپىيى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۈركىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا دىموكراتىك، ئەركىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرلەش يولىدا پايدىلىق ئۈلگە بولالايدۇ. تۈركىيەدىكى سانائەت، سودا ۋە مائارىپنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ پەندە، دىندا ۋە مەدەنىيەتتە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە نەمۇنەلىكى،  قوبۇلچانلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى قاتارلىق ئامىللار بىز ئۇيغۇرلارنى تۈركچە ئارقىلىق ئۆگىنىلىدىغان نۇرغۇن زۆرۈر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەرەققىيات كىشىلەردىن ئىددىيەدە دۇنياغا ئوچۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز دۇنيادىكى ھېچ بىر تىلنى پۇختا ئىگىلىمەي، خەنسۇچدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تەشۋىقات، تەرغىبات ۋە ئىددىيەلەرگە باغلىنىپ قالسا يۈكسەلمىكى ۋە روھلانمىقى قىيىن. شۇڭا قېرىنداش تۈركچە ئارقىلىق ئۇتۇققا، تەرەققىياتقا، دۇنياغا يۈزلىنىمەن، تونىلىمەن دېسەك تېخىمۇ تىرىشچانلىق، مۇھەببەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن بۇ تىلغا كىرىشمىكىمىز ئاقىللىقتۇر.

 

2016-يىلى ئاپىرىل، ئىستانبۇل

 

 

تۈركچىدىن سوۋغىسى

 

فامىلە مەسىلىسى ئۇيغۇرلاردا 20-ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە روسچە قېلىپقا سېلىنغان بولسىمۇ ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىنمىغان. 90- يىللاردىن كېيىن بۇ مەسىلە قايتا كۈنتەرتىپكە چىققان بولسىمۇ تېخىچە بىر ھاسىلات ئوتتۇرىغا چىقمىدى. بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسلار، چاقىرىقلار ۋە تەتقىقاتلار يۈكسەلگەن بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئىتىراپىغا ئېرىشەلمەي، ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ بولۇپ تاشلىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردا فامىلىسىزلىك مەسىلىسى پاسىپورت ئېلىش كەڭرىچىلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدە ئۆز ئىسمى ئالدىدا ئاتا ئىسمى كەينىدە يېزىلغان. پاسپورت بېجىرىلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار خەنسۇلارنىڭ فامىلىسى ئالدىدا ئىسمى كەينىدە كېلىدىغان قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى فامىلىسى، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسمى قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قىز ئوغۇل بولۇپ قېلىش، بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىسمى ئوخشاپ فامىلىسى پەرقلىنىپ قېلىش قاتارلىق خاتالىقلار كېلىپ چىقىپ، پۇقرالارغا قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن: ماھىرە ياقۇپ دېگەن قىز ياقۇپ ماھىرە بولۇپ قىز ئوغۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە مىسال: گۈلناز تۇرغۇن، ئايناز تۇرغۇن دېگەن ئىككى قىزنىڭ ئىسمى فامىلىسى تۇرغۇن ئايناز، تۇرغۇن گۈلناز بولۇپ قېلىپ بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاپ قالغاندىن باشقا يات فامىلىلىك بولۇپ قالغان. بۇنداق قالايمىقانچىلىقلارنى فامىلە قوللانماي ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئىككى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا كۆچمەن بولۇپ قاڭقىپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى تەدىرىجى كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 2009-يىلى ۋە 2013-يىللاردا كۈچەيگەن كۆچمەنلىك قىزغىنلىقىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر مالايسىيە، ئورتا ئاسىيا ۋە تۈركىيەلەرگە كۆچتى ۋە بۇ يەرلەردىن يېڭى زىللاندىيە، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سىغىندى. بۇلارنىڭ بەزىسى ئاللىقاچان تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى شۇ نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ ئەللەردە فامىلە ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا، پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنۇش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار فامىلە مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان فامىلە مەسىلىسىگە تۈركچىدىن مۇۋاپىق ئۆرنەكلەرنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. ھەتتا تۈركچە فامىلەلەرنى بىۋاستە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. تۈركلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلەلەرنىڭ بىرى پالان ئوغلى شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ دادىسىنىڭ يا شۇنداق بىر كىشىسىنىڭ ئىسمىغا ئوغلى سۆزىنى قوشۇپ فامىلە قىلسا بولىدۇ. ئەمما بۇ مۇستەقىل فامىلە قوللانماقچى بولغان ئۇيغۇر خانىملىرىغا ماس كەلمىگەندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما بۇ بىر كۆنۈش مەسىلىسى. تۈركىيەدە پالان ئوغلى شەكلىدىكى فامىلىنى قوللىنىپ ياشاۋاتقان مىڭلىغان خانىم – قىزلار بار.

تۈركچىدە يەنە بىر كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلە تارىخى ناملاردۇر. بۇ تۈرك تارىخىدىكى شەخس، يۇرت، مىللەت، قەبىلە، ئۇرۇق نامىلىرى ۋە مەشھۇر تاغ، دەريا، كۆل، دېڭىز، ئېقىنلارنىڭ ناملىرىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەردە تارىخى شەخسلەردىن مەتەخان، ئىلتەرىش قاغان، ئوغۇزخان، بىلگە قاغان قاتارلىقلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان فامىلىلەر خېلى كۆپ. ئۆتۈكەن، ئورخۇن، ئىدىل، تارىم قاتارلىق تارىخى يەر، سۇ ناملىرىدىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ كۆپ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر، قارلۇق، باسمىل، ئىزگىل، چىگىل، ياغما، ئوغۇز، ئاۋار، ئۆزبەك، قاڭقىل، قىپچاق، ئاقمان، قارامان، قەبىلە قاتارلىق ئۇرۇقلارنىڭ نامىدىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ خېلى  سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

تۈركلەردە فامىلىلەر يەنە ھۈنەر، كەسىپ، ماھارەتكە ئائىت سۆزلەردىنمۇ تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: ساپانجى، كارۋانجى، بارۇتچۇ، بايراقدار، ئەلەمدار، توپچى، تۆمۈرچى، قۇشچى، تاشچى، كېمىچى، قەھۋەچى، سۇتچى، چايچى، گۈلچى قاتارلىقلار. ئاندىن تارىخى ئەمەل ناملىرىدىن كەلگەنلىرىمۇ مەۋجۇد. مەسىلەن: خاقان، ئىلك، يابغۇ، ئۆگە، تېكىن، بىلگە، ئەركىن، بۆگۈ، بۆكە، تارخان، شاد، تۇتۇق، باسقاق قاتارلىق. تۈرلۈك لەقەملەردىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ بار. مەسىلەن: سولاق (سولخاي)، چولاق، قىسقا كۈرەك، ئۇزۇن قول، سارى دۇرسۇن، داغدەلەن، چاغلايان، ئوزان، بۈيۈك، … قاتارلىق.

تۈركچىدىكى يۇقىرىقى ئۆرنەك بويىچە ئۇيغۇرلارمۇ تارىخى شەخسلەرنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن: باتۇر تەڭرىقۇت، تۇنيۇقۇق، پانتېكىن، بۇغراخان، ئارسلانخان، ئىلكخان، بازىرخان، قازىرخان… قاتارلىق. تاغ، دەريا، يۇرت، ئايماق، چۆل، بوزلۇق ۋە سۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى فامىلە قىلىپ قوللانسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئاۋرال، ئالتاغ، قۇمتاي، ئەشمە، ئۆگەن، تارىم، يۇرۇڭقاش، قايدۇ، مۇزارت، سېلىنغا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قاراسۇ، بوزدالا، بوزتاغ، سۇنتاغ، چەشتاغ، سايرام، باغراش، باغداش، ئاققاش، كۆكچە، بوزكۆل، تەكلىماكان، مۆرەن، مىڭلاق، قورغان… قاتارلىق. باتۇر، يېقىشلىق جانلىقلارنىڭ ناملىرىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: قاپلان، سىرتلان، ئارسلان، قۇلان، غونان، بۇغرا، يىلپىز، لاچىن، قۇرغۇي، بۈركۈت، شۇڭقار، ئارقار، تورغاي، ساندۇۋاچ، چاغرى، توغرۇل قاتارلىقلار.

دېمەك، ئۇيغۇرلار فامىلە قوللۇنۇشتا بۈگۈنكى تۈركچە فامىلەلەرنى ئۈلگە قىلىدىغان بولسا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن چىرايلىق، ئىخچام ۋە ئۇيغۇرغا خاس سۆزلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇندىن باشقا تۈركلەردە ئاۋۋال ئۆز ئىسمى، بەزىدە ئوتتۇرىدا دادا ئىسمى، ئاخىرىدا فامىلىسى كېلىدىغان ئادەت بار. بەزىدە ئاياللار ئۆز فامىلىسىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئالدىغا ئۆز فامىلىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: نۇراي ئۆزتۈرك چەلىك. بۇ يەردىكى نۇراي ئىسمى، ئۆزتۈرك فامىلەسى، چەلىك يولدىشىنىڭ فامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە شەكلىمۇ مۇشۇ تەرتىپتە بولسا مۇۋاپىق. شۇنداقلا بۇ دۇنيادا فامىلە قوللىنىۋاتقان مىللەتلەردە ئومۇملاشقان بىر قائىدە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

 

2016-يىلى مارت، ئىستانبۇل.

 

 

تۈركىيەدىكى ياش ۋە ياشانغان ئۇيغۇر

 

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر يېقىندىن بېرى ئاتا-ئانلىرىنى يانلىرىغا چاقىرتىپ بىللە تۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئانا تىلىنى ئىشلەتمەي دۇدۇقلاشقا باشلىغان نەۋرىلەر ئۈچۈن بىر تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولدى. نەۋرىلەر بوۋا-مومىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئاغزاكى مىراسلىرىغا ۋارسىلىق قىلىشنى ئۆگەندى. ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرچە قىممەت – قاراش، چۈشەنچە ۋە قائىدە يوسۇنلارنى ئۆزلەشتۈردى. ئاتا-ئانىلار بېشىدىن كەچۈرگەن ئائىلە، پەرزەنت ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تۈرلۈك تەجرىبەلىرى بىلەن بالىلارغا نۇرغۇن نەپ يەتكۈزدى. نەۋرىلەرنى تەجرىبىلىك چوڭلارغا قالدۇرۇش ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. تۈركىيەدىكى مىھمان ئاتا-ئانىلارنىڭ پات-پات ئۇيغۇرسىرىشى سەۋەپلىك بالىلارنىڭ تاشلىشىپ كەتكەن ئۇرۇق – تۇغقان، ياتلىشىپ كەتكەن دوستلىرى تېپىلدى، يىراقلاشقان يۇرتداشلار يېقىنلاشتى. نەتىجىدە بالىلارمۇ غېرىپسىرىغان كۆڭۈللىرىدىكى مۇساپىرلىق دەردىگە مەلھەم تاپقاندەك بولدى. ئاتا-ئانىلارمۇ ساپ تەبىئى مۇھىت، بۇلغىنىشسىز ساغلام ئوزۇق ۋە ئەركىن دىنىي شارائىتتىن يايراپ قېلىشتى.

سېغىنىشلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە مۇساپىر بالىلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن مەمنۇنلۇقلارغا سەۋەپ بولغان بولسىمۇ، بەزى كۆڭۈلسىز قىستۇرمىلاردىنمۇ خالى بولالمىدى. تۈركىيە گەرچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يات بىر دۆلەت بولمىسىمۇ، نۇرغۇن ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ۋەتەندىن يېڭى كەلگەن چوڭلاردا بەزى ھەيرانلىق، چۈشەنمەسلىك ۋە قوبۇل قىلالماسلىقلارنى پەيدا قىلماي قالمىدى. ئالدى بىلەن ئۇلارنى چاقىرىۋالغان تۈرك ساھىپخانلارنىڭ تاماقلىرى تازا «ئىسسىق باسمىدى». تۈركىيەدىكى مىھماندارچىلىقتا ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرنىڭ داستىخېنىدىكى موللۇق، سۆلەت ۋە ئىسكەت ئېسىگە كېلىپ، سېلىشتۇرۇپ ھەيران بولدى. بالىلىرى خام يەپ كۆنگەن ئوتياشلارنى، قىرتاق زەيتۇننى، تۇزسىز ئەكمەكنى يىيەلمەي قىينالدى. نەۋرىلەر بىلەن سۈركۈشۈپ قالدى. گۇڭۇر مۇڭۇرلىشىپ ئۆتىدىغان قوشنادارچىلىقنى، قويۇق بېرىش – كېلىشلەرنى، قىزغىن ھېيىت – بايراملارنى سېغىنىپ مۇڭلاندى.

دېيىلگەندەك ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار تارتىشىپ قالىدىغانمۇ بولدى. بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ سەۋەپ بولغىنى ئادەت بىلەن بىلمنىڭ زىددىيىتى بولدى. تۈركىيەدە بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە دوختۇر ئانا سۈتىدىن باشقا ھېچ بىر قوشۇمچە يىمەكلىكنىڭ بېرىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋەتەندە بوۋاقلارغا بۇلماق، نان، چاي، سۈت تالقىنى دېگەنلەرنى بېرىپ كۆنگەن. چوڭلار «بوۋاققا نان يىگۈزۈپ قويمىسا تولا ئويغىنىپ ئانىسىنى ئۇخلاتمايدۇ، ئانىسىنى تولا ئېمىپ جۈدىتىۋېتىدۇ، بودەك چوڭ بولمايدۇ» دەپ ئادەتلىرىدە چىڭ تۇرىدۇ. بالىلار دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنى ئىلمىيلىك ساناپ ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. گەپ سەل چىڭىغا چىققاندا چوڭلار «مەنمۇ سېنى شۇنداق چوڭ قىلغان، سەندەك بالىدىن نەچچىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان، دوختۇر دەۋېرىدۇ»، دېگەندەك سۆزلەرنى تەكرارلايدۇ. يەنە بېرى ۋەتەندە كىچىك بالىلار ئاغرىپ بولغىچە ئاسما ئاستۇرۇپ كۆنگەن ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدىكى نەۋرىلىرىنىڭ قىزىتمىسى چۈشمەي تۇرسىمۇ، ئاسما ئاستۇرمايۋاتقان پەرزەنتلىرىگە ھەيران قالىدۇ. تۈركىيەدە ئاسما ئۆلۈم خەۋىپى بولمىغان ئەھۋالدا قوللىنىلمايدىغان بولغاچقا، بالىلار دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنى بىلىم دەپ قاراپ ئىشىنىدۇ ۋە ئەمەل قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ۋەتەندە كۆنگەنلىرىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.

بالىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، داۋالىتىشتىلا ئەمەس تەربىيەلەشتە قوللانغان ئۇسۇلنىڭ ئوخشىماسلىقىمۇ، تۈركىيەدىكى چوڭلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتكە سەۋەپ بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل. تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان بالىلار ئامال بار بالىلىرىنىڭ ئەركىن، توق، قورقماس چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ۋەتەندىن چىققان ئاتا – ئانىلار نەۋرىلەرنىڭ ئۆي ئىچىدە مىھمان بار – يوق دېمەي خالىغانچە تاقلاپ ئويناشلىرىغا، گەپلەرگە قوشۇق سېلىشلىرىغا، چوڭلارغا قورقماي گەپ ياندۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇلار نەۋرىلەرنىڭ سورۇندا گەپلەرگە ئارىلىشىپ، پىكىر بايان قىلىپ، توغرا – خاتاغا ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشلىرىنى ئاق ساقاللىق دەپ تونۇيدۇ. چوڭلارنىڭ بۇ قارىشى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ئىددىيەسى پەرلىق بولغاچقا مۇنازىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوڭلارنى ئەڭ قورقىتىدىغىنى مۇشتۇمدەك نەۋرىسىنىڭ دۆلەت سىياسىتى، مىللەت تەقدىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى ئۆگنىۋالغانلىقى بولۇپ، ئاڭلىسىلا ئەنسىرەپ جايىدا ئولتۇرالمايدۇ.

چوڭلار ئىمىيلىكتىن، ھوقۇقتىن، باراۋەرلىكتىن، ئەركتىن مەھرۇم بىر زاماندا ياشىغاچقا، بىر بالىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلە ھەرىكەتكە كېلىدىغان، بالا بىلەن ئاتا-ئانا باراۋەر ئورۇندا پاراڭلىشىدىغان، ئائىلە مەسلىھەتلىرىگە بالىلار ئىشتىراك قىلىدىغان، ھەر ئىشتىن بالىنىڭ ئىختىيارىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان تۈركىيەدىكى ئىلمىي تەربىيە ئۇسۇلىغا كۆنەلمەيدۇ. مەسىلەن: بالىلار سەكرەپ ئوينىسا، ئاياقنىڭ يىرتىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ، ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئوينىسا پۇتىنى سۇندۇرۇپ قويماسلىققا ئەسكەرتىدۇ. بۇنداق نەرسىنىڭ بۇزۇلىشىنى ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدىن مۇھىم بىلىش، بالىغا ئۆزىنىڭ قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. چوڭلار نەۋرىلەرنىڭ خاھىشلىرىنى چەكلىگەندە مەسىلىنىڭ ئۆزىگە زەرەر بېرىدىغا تەرىپىنى ئەمەس، خەقلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىغان تەرىپىنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ، نەتىجىدە بالىلار خەقنىڭ ئالدىدا ئىستىكىنى يوشۇرۇپ، يالغۇز قالغاندا خالىغىنىنى قىلسا بولىدىكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. تۈركىيەدە ئۇقۇپ يېتىشكەن ئاتا-ئانىلار چوڭلارنىڭ بۇنداق ئىلمىي بولمىغان، تولا تەكرارلىنىدىغان، تەنبىھلىك ۋە تەھدىتلىك تەربىيە ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

تۈركىيەدە چوڭ بولۇۋاتقان نەۋرىلەرگە 4-يىللىقتىن باشلاپ دىن دەرسى ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا، بوۋا – مومىلىرىنىڭ بىلىپ – بىلمەي دەپ تاشلىغان گۇناھ بولىدۇ، خۇدايىم جازالايدۇ، دېگەن سۆزلىرىدىكى دىن بىلەن ئالاقىسىز ھۆكۈملەرنى ئاسانلا بايقىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە 4-يىللىقتىلا كىشىلىك ھوقۇق دەرسى بولغاچقا، «بۇ مېنىڭ ئىشىم سەن ئارىلاشما، بۇ مېنىڭ قارارىم سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ مېنىڭ قانۇنى ھوقۇقۇم، بۇ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېيىشنى بىلىدۇ. بۇلار چوڭلارنى بەكمۇ نارازى قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا چوڭلار ئوغۇل نەۋرىلەرگە دەيدىغان «قىز بالىدەك يىغلىما، خوتۇن كىشىدەك تولا گەپ قىلما، قىز بالىدەك قورقۇنچاق بولما، خوتۇن كىشىدەك گېپىڭدىن يېنىۋالما» دېگەنلەرنى ئۇلار دەرستە جىنسىي كەمستىش دەپ قارشى تۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ. چوڭلاردىكى مۇشۇنداق پىكىرلەر نەۋرىلەرگە خوشياقماي كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەت ۋە ئۇقۇشماسلىقلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.

تۈركىيەدە ياشاپ قالغان بالىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە ئاماللىرى ئاسان، چۈنكى بالىلار چوڭلارنىڭ ئىشلار ۋە ھادىسىلەرگە نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، چۈشىنىدۇ، بىلىدۇ. ئەمما نەۋرىلەر تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭىيىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بوۋا-مومىلىرىنىڭ نېمىشقا ئۇنداق «غەلىتە» تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى ۋە «بىنورمال» خۇيلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىككى ئەلدە شەكىللەنگەن خۇي مىجەزلەرنىڭ ئارىسىغا كۆۋرۈك سېلىشتۇر. بۇ كۆۋرۈك ئانا تىل كۆۋرىكى. بالىلار ئانا تىل ئارقىلىق بوۋا – مومىلىرى بىلەن كۆپرەك سىرداشسا، بىللە پائالىيەت قىلسا، جامائەت سورۇنلىرىغا بىرلىكتە قېتىلسا، نەۋەرلەر ئۆز مەدەنىيىتىنى بىلگەن، چۈشەنگەنسېرى قوبۇل قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇندىن باشقا تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەننىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، يەر-سۇ ۋە مۇھىت ئەھۋالىنى چۈشەنسە، ئاندىن ئۆزىگە غەلىتە ۋە بىنورمال ھېس قىلنغان تەرەپلەردە بوۋا-مومىلارنىڭمۇ ھەقلىق يەرلىرى بارلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئانا تىل كۆۋرۈكى پۇختا سېلىنمىسا، ئارىمىزدىكى تىل رىشتىسى ئاجىزلىسا، دىل رىشتىسى زەيىپلىشىدۇ. بۈگۈنكى بوۋا-مومىلار بىلەن نەۋرە-چەۋرىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يالقۇنىدا قىينىلىدىغىنى، تولغىنىدىغىنى، غېرىپسىنىدىغىنى ئاتا-ئانىلار بولۇشى مۇمكىن.

 

 

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ۋە ئەۋلات بوشلۇقى

 

تۈركىيەدە تۇرۇپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن يېڭى چىققان چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا سەۋەپ بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئامىللار بار. بۇلارنىڭ بىرى ئەۋلات بوشلۇقى. ئەۋلات بوشلۇقى دېگىنىمىز پەرقلىق ئەۋلاتلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش، ئويلاش، ياشاش، كۆنۈش ۋە سۆزلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىماسلىقلارغا قارىتىلغان. ئىككى ئەلدە ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلاردا ئەۋلات بوشلۇقى بىر يەردە بىللە ياشاۋاتقان ئىككى ئەۋلات ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن زور بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ئەۋلات بوشلۇقى يېقىنقى بىر مەزگىلدە شىددەتلىك كۈچىيىپ كەتتى. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوللىنىۋاتقان تىلنىڭ ئۇيغۇرچىدىن خەنسۇچىغا ئۆزگىرىشى، ئىدارىلەردە قوللىنىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋاقتىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتىغا ئالمىشىشى، مەمۇرىيەتتە ئۇيغۇرچە ھۆججەت، جەدىۋەل ۋە پروگراممىلارنىڭ غايىپ بولۇشى، ئۇيغۇرچىنىڭ قەبرىستانلىقا ئەڭ تولۇق ساقلىنىشى ئۇيغۇرچە بىلەن ئوقۇپ، ئىشلەپ ۋە ياشاپ كەلگەن بىر ئەۋلاتتا كۈچلۈك مەھرۇملۇق، غېرىپلىق، ئۈمىتسىزلىك، ئىنكارچىلىق، ئۆتمۈشنى سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى پەيدا قىلدى. ھازىر كىچىكىدىن خەنسۇچە ئوقۇپ شۇ تىلدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلار ئالدىنقى ئەۋلاتنىڭ بۇ تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلمەسلىكى ئىككى ئەۋلات كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋلات بوشلۇقى پەيدا قىلىدىغان ئامىل.

ۋەتەندىن يېڭى چىققان بۇ ئاتا-ئانىلار ئەسلىدىنلا ۋەتەندە شۈمشەيگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، تىلىغا ۋە دىنىغا قىيالماسلىق؛ خەنسۇچىغا يېتىشەلمەسلىك، چۈشىنەلمەسلىك، كۆنەلمەسلىكتەك بىر مۇرەككەپ ھېسسىياتنى يۈدۈپ، ئۆزىدىن پەرقلىنىپ كېتىۋاتقان ئەۋلاتلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۇيغۇرچە ياشاشقا ئۈمىت باغلاپ مۇساپىرەتنى تاللىغان بولغاچقا، تۈركىيەدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن دەسلەپتە خېلىلا ئەندىكىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نەۋرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە بىلمەسلىكى، پەرزەنتلىرى بىلەن ئارىلىرىدا شەكىللىنىپ قالغان ئىپادىلەش، چۈشىنىش ۋە ئادەتلىنىش پەرقى چوڭلارنى ئەندىكتۈرگەن سەۋەپلەرنىڭ بىرى.

تۈركىيەگە ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى قېرى- ياش، ياغلىقلىق-ياغلىقسىز ئاياللارنىڭ تاماك چېكىشى بولسا كېرەك. ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى تاماكا، ھاراققا بولغان رىغبەتنى قوبۇل قىلالماي چىققان ئۇيغۇر بوۋاي – مومايلارغا تۈرك خانىملارنىڭ تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ مېڭىشلىرى ئاجايىپ غەلىتە كۆرۈنىدۇ.

يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار تۈركىيەدىكى جاراڭلاپ تۈرىدىغان مۇڭلۇق ئەزان ساداسىدىن ئەجداتلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىغا قايتقاندەك بولۇپ روھلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما شۇ ئەزان ياڭرىغان بامداتتا مەسچىتكە چىققان كىشىلەرنىڭ ئازلىقى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تۈركلەرنىڭ سەھەردە ئۇخلىشى «ئەتىگەن قوپقان ئىبادەت»، «يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن»، «كۈن چىققىچە ئۇخلىسا قان يېرىڭ ئىچىدە ئۇخلىغاندەك بولىدۇ»، «سەھەر تۇرمىسا رىسقى كەم بولىدۇ» دېگەندەك ئۆگۈتلەرگە چىنپۈتىدىغان چوڭلىرىمىز توغرا كۆرمەيدۇ.

ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە چايخانىلارنىڭ كۆپلىكى ۋە ئەتىدىن كەچكىچە ئاۋاتلىقىمۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنى تۈركىيەدىكى پۇلسىزلىق، ئىشسىزلىق ۋە تېخنىكىسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتى نوقتىسىدىن، تۈرلۈك ئامىللارغا باغلاپ چۈشەنمەي، جوڭگۇدىكى تەشۋىقاتلاردا كۆندۈرۈلگىنى بويىچە «تۈركلەرمۇ بىزدەك ھورۇنكەن» دېگەن يەكۈننى چىقارماي قالمايدۇ. ئۇلارغا ئەڭ غەلىتە ۋە تەئەججۈپلىك تۇيۇلغىنى پەرزەنتلەرنىڭ تۈركلىشىپ كېتىشى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىنى، ئەرلەرنىڭ «ھورۇن»لىقىنى، مەسچىتكە چىقماسلىقىنى توغرا چۈشىنىشى، نەۋرىلىرىگە ئۇيغۇرچە تىل ۋە ئادەتلەرنى ئۆگەتمەسلىكى ۋە تۈركچە سەھەر تۇرماسلىق ئادىتىدۇر. مانا بۇ ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇر ئاتا-ئانا بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقىنىڭ ئىپادىلىرى بولسا كېرەك.

تۈرك تىلدا ئىپادىلەش ۋە ئۇيغۇرچە ئىپادىلەش مەسىلىسىمۇ تۈركىيەدىكى چوڭلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى چوڭايتىۋەتكەن ئامىللاردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۈركچە ئۇيغۇرچىغا تۇققان تىل بولغاچقا سۆزلىگەندە قېتىلىپ قېلىش ۋە ئارىلاشتۇرۇش دائىم ئۇچرايدۇ. يەنە بىرى تۈركىيەدە ئۇزاقراق تۇرغان كىشىلەردە تۈركچە سۆز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھۇشيارلىق ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن تىلنى ئاسان ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلۋىزور كۆرۈش، قوشنىدارچلىق قىلىش ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىش ئارقىلىق جاھاندىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇ ئەسلىدىنلا تۈركچە ئارقىلىق جاھاننى چۈشىنىدىغان، ئىككى تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بالىلار بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۈركچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى بەزى سۆزلەر ئاڭلىماققا ئوخشايدىغاندەك قىلغان بىلەن مەنىسىدە بەك چوڭ پەرق بار. مەسىلەن، چەكمەك، ياقماق، سالماق ۋە ئائىت، كار، چۆپ قاتارلىق سۆزلەر تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىغا ئورتاق بولغان بىلەن مەناسىدا پەرق بار. مەسىلەن: «ئائىت» تۈركچىدە «مەنسۇپ» مەنىسىنى، ئۇيغۇرچىدا «ھەققىدە» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. «تەرەددۇت» سۆزى ئۇيغۇرچە «تەييارلىق» مەنىسىنى بىلدۈرسە، تۈركچىدە «ئىككىلىنىش» دېگەن گەپ. بۇنداق ئازغىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەر ئۆز-ئارا خاتا چۈشىنىكە سەۋەپ بولىدۇ.

تۈركىيەدە بىر ئورگان جامائەت پىكىرىنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئەمەس. شۇڭا تۈرك جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر، پەرقلىق ئېقىملار، ئۆزگىچە چۈشەنچىلەر تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. ۋەھالەنكى، ۋەتەندە تەشۋىقات كومىتېتى دېگەن ئورگان جامائەت پىكرىنى، خەلقنىڭ چۈشەنچىسىنى كونترول قىلىپ بىر ئاساسى ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئاساسى ئېقىمغا مەنسۇپ بولمىغان، يانداشمىغان ۋە زىت كەلگەن پىكىرلەر ئۈن چىقارمىغان تەقدىردىمۇ دۈشمەنگە چىقىرىلىپ، مەۋجۇدلۇق ھوقۇقىغا ۋە پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر بۇ سەۋەپتىن ھەممە نەرسىنى ئىنقىلابىي ۋە ئەكسىل ئىنقىلابىي دېگەن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ چۈشىنىپ كۆنگەن. مائارىپتىمۇ بالىلار مۇئەللىمنىڭكىنى، كىتاپتا يېزىلغان توغرا قالغان خاتا دەپ ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغانىغا ئايلىنىپ قالغان ئەدەبىياتتىمۇ ئىنسانلار، ھادىسىلەر ۋە پىكىرلەر سەلبىيلىك ۋە ئىجابىيلىق دەپ ئىككىلا نوقتىدىن باھالىنىدۇ. ۋەتەن ۋە تۈركىيەنىڭ پىكىر ھاۋاسىدىكى بۇنداق پەرق تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئاتا-ئانىلىرى ئارىسىدىكى ئەۋلات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىددىيە توقۇنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ۋەتەندىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىبادەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى چەكلىمىسىز بەجا كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئاتا–ئانىلار، تۈركىيەدە دىن ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭمۇ ھەر خىل بولۇشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالماي خىېلىلا تەمتىرەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار ۋەتەندە ئىشىنىپ كەلگەن «ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان»، «ئەركىشى يېرىم خۇدا»، «باشقا كەلگەن ھەر ئىش پىشانەڭدىن، ھەر كەلگۈلۈك تەقدىردىن»، «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى، كۇفرىنىڭ بۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن»، «بۇ دۇنيادا ئازاپ تارتساڭ، ئۇ دۇنيادا راھەت كۆرىسەن»، «پېقىرلىق گۇناھتىن يىراق» دېگەنگە ئوخشاش دىن دېيىلىپ قالغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىدا بەزىلىرى قايىل، بەزىلىرى بىسەرەمجان بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى توغرا دەپ قارىۋالغاننى ھەق دىن دەپ قاراپ پەرزەنتلىرىگە تېڭىشقا تىرىشىدۇ.

ئەۋلات بوشلۇقى ھەرقانداق مىللەتتە ۋە ھەرقانداق دەۋىردە يۈز بېرىدىغان ھادىسە. شۇڭا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئاتا – ئانا بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئەۋلات بوشلۇقىنىڭ بولۇشى ھېچ بىر ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋلات بوشلۇقى باشتا بايان قىلغان سەۋەپلەردىن ۋەتىنىمىزدە باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا زور. ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا مەجبۇرىي يۈرگۈزىلىۋاتقان تىل، مەدەنىيەت، نوپۇس، ئىقتىساد، دىن ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىنىڭ دائىملىق ئوبىيكتى بولۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن مەھرۇملۇق تۇيغۇسى بەكلا ئېغىر. شۇڭا ۋەزىيەتتىكى قىستاش، زوراۋانلىق ۋە قىسىلىشلارنى بىر ئەۋلات يەنە بىر ئەۋلاتتىن، بىر توپ يەنە بىر توپتىن كۆرۈپ قاقشايدىغان خاھىش چوڭقۇر، كۈچلۈك ۋە يايغىن. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار كىرزىس ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە بۇ كىرزىسنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىشىغا مۇشۇ كۈنگىچە بىر ئەتراپلىق تەپەككۇر، ئۈنۈملۈك تەييارلىق ۋە ۋە نەتىجىلىك تەدبىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن مىللەت بولغاچقا، ئەۋلات بوشلۇقىنى بەزىلەر بىر نورمال ئىجتىمائىي ھادىسە دەپ سىڭدۈرەلمەيۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدىكى ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شەكىللىنىپ بولغان ۋە زورايغان تۈرلۈك ئىددىيەۋىي مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەن سىرتىغا ئېكسپورت قىلىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە چوڭلار ئارىسىدىكى ئەۋلات بوشلۇقى ئەمەلىيەتتە ۋەتەندىكى ئەۋلات بوشلۇقى ۋە زىددىيىتىنىڭ تۈركىيەگە كۆچىشى. شۇنداقلا تۈركىيەگە كۆچكەندىن كېيىن بۇ بوشلۇقنىڭ تىل، چۈشەنچە ۋە ئادەتلەرنىڭ پەرقلىنىشى سەۋەپلىك تېخىمۇ كېڭىيىشى بولۇشى مۇمكىن.

 

2016-ئاپىرىل

 

 

تۈركىيەدىكى يۈرەك

 

تۈركىيەگە تېنىم ئۇچۇپ كەلگەن بولسىمۇ يۈرىگىم قوشتەك يۇلقۇنمىدى، چۈنكى ئۇ يەنىلا كۆكرەكتە، قەپەزدە ئىدى. خامۇش، غەمكىن، بىپەرۋا، تەمكىن باقاتتىم ھەممە نەرسىگە. قەلبىمدە بىر ئېغىرلىق بار ئىدى، مۇئامىلەمدە بىر سۇسلۇق، يۇرۇش-تۇرۇشۇمدا بىر بوشاڭلىق…، پەقەت دوستلىرىمنىڭ مېنى ساق – سالامەت كۆرگەندىكى ھاياجىنىغا ماسلىشىپ كۈلۈشنى ئۆگەنمەكتە، مەشىق قىلماقتا ئىدىم. ئەمما يالغۇز قالغىنىمدا تۇيغۇلىرىمنى ئاجايىپ بىر ئىزتىراپ، چەكسىز غېرىپلىق باساتتى. فورمىلىق، قوراللىق كىشىلەرنى كۆرسەملا سوغۇق تەرلەپ كېتەتتىم. ماشىنىلاردا پولىس دېگەن خەتنى ئوقۇغان چېغىمدا ئاغزىمدىكى گەپ، مېڭەمدىكى ئوي، پۇت – قولۇمدىكى ھەرىكەت توڭلاپ ئۇيۇپ قالاتتى. تۈركىيەدە مىھمانخانىنىڭ ياتىقىنى ھەتتا تازىلىقچىمۇ بىسوراق چەكمەيدىكەن، بۇنىڭدىن ئالەمچە مەمنۇن بولدۇم. چۈنكى تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلسە ياكى تونۇمايدىغان نومۇردىن تېلىفون كەلسە يۈرىكىم سېلىپ كېتەتتى. بۇرۇن مەسجىدكە كىرسەم كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدىغان، مانا ئەمدى ساقچىلارنىڭ تاپانچىلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇيۇقسىز يېنىمدا نامازغا تۇرۇشلىرى بۇنىمۇ بەربات قىلدى.

تۈركىيەگە كەلگەن دەسلەپكى ئايلاردا ۋەزىيەت جىددى، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تېرورلۇق ھوجۇملىرى ۋە خائىنلارنىڭ تەھدىتى مەۋجۇد بولۇپ، كوچىلاردا ساقچىلار كۆپلەپ قالغانىكەن. گەرچە ئۇلار كوچىدا ئۇنىڭ – بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، چاخچاقلىشىپ يۈرسىمۇ ماڭا بۇ خۇشخۇيلۇقنىڭ كەينىگە بىر زەھەرخەندىلىك يوشۇرۇنغاندەك ئۇلارغا تىكىلىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم.

ھېيىت كۈنى ئەتىگەندە بىر دوستۇم بىلەن سۇلتان ئاھمەد جامەسىگە نامازغا باردۇق. مەسچىتكە كىرگىچە مەيداندا سېرىق لىنتا ئىچىدىكى دائىرىدە قوراللىرىنى قارماللاپ ئىختىيارى تۇرۇشقان ساقچىلارنى كۆرۈپ، كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشدىن ئەنسىرەپ غىمىسسىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆچىرىتىگە كىرىپ كەتتىم. ماڭا نۆۋەت كەلگەندە قارىسام كىشىلەر ساقچىلارنىڭ سېرىق سىزىقلىرىنى دەسسەپ ئۇلارنى قىستاپ بىر چەتكە چىقىرىپ قويۇپتۇ. مەنمۇ جامائەتنىڭ ئارىسىدا قىستىشىپ قوراللىقلارغا قورقۇپ تۇرساممۇ يېقىنلاشتىم. كىرىشتە مېنى تەكشۈرمەكچى بولغان ساقچى چىرايىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ «نەرەلىسىن؟» دەپ سورىدى. ئۇيغۇرلۇقۇمنى، ۋەتىنىمنى دەپ بەردىم. ساقچى يېنىك قۇچاقلاپ «سىزى سەۋىيورۇز، باشىمىز ئۈستۈندە يەرىنىز ۋار. تۈركىيەيە خوش گەلدىنىز، بۇيرۇن» دەپ تەكشۈرمەيلا كىرگۈزىۋەتتى. بايا قۇچاقلاشقاندا بەدەنلىرىمگە تەگكەن قورال ئۇنىڭ مەيدىسىدە پۇلاڭشىپ تۇراتتى.

ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم بىر قوراللىق ساقچىنى قۇچاقلاپ بېقىشىم بولغاچقا، بۇ قەدەر مۇمكىنسىز بىر ئىشنىڭ بۇنچە تېز ۋە ئادەتتىكىچە ئاياقلاشقانلىقىغا ئىشىنەلمىگەندەك مەڭدەپ قالدىم. توۋا ئەسلى قوراللىقلارمۇ كۈلسە، ئادەم بىلەن قۇچاقلاشسا بولدىكەنغۇ؟ شۇندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ قوراللىرىغا قوللۇرۇم تېگىشىپ تۇرسىمۇ بىخارامان تۇرۇشقا كۆندۈم، قۇرقۇنچمۇ سەل – پەل يوقىغان بولدى. ئەسلى قورقۇشۇم مۇدھىش يۇقۇملۇق كەيپىياتتىن ئەمەس، نەتىجە سۈپىتىدىكى ئۆلۈمدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۆلتۈرەلمەيدىغان خورلۇق، نەتىجىسىز داۋام قىلىدىغان ھاقارەت ۋە تۈگىمەس ئاھانەتتىن ئىدى.

يەنە بىر كۈنى بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆرۈشمەگە بارىدىغان بولدۇق. ئۇچراشماقچى بولغان كوچىدا ساقلاپ تۇرسام بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ توختىدى. باشقا ئىشىم بولمىغاچقا پاراڭلىشاي دەپ كۈلۈمسىرەپ ساقچىغا بېشىمنى لىڭىشىتتىم. ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ نېمە قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە سورالدى. بىر ئۇنۋېرىستېتتە ئىشقا كىرىش ئۈچۈن مۇلاقاتقا كەلگەنلىكىمنى ئېيىتقىنىمنى بىلەرمەن «ھەممىڭلار تۈركىيەگە كېلىپ ئىش ئىزدەيدىكەنسىلەر، تۈركىيەدە ۋەتەنداشلارنىڭ يۈزدە ئاتمىشى ئىشسىز، سەن كەلسەڭ بىز قېرىنداش دەپ، سۈرىيەلىك كەلسە بىز مۇساپىر دەپ قايسىڭلارنى بېقىپ بولىمىز بىز. بېشىمىزنى ئاغرىتماي كېتىڭلار دۆلىتىڭلەرگە، ياردەم كېرەك بولسا ئۆزىمىز ئەۋەتىپ بېرىمىز…» دەپ قايناپلا كەتتى. ئاڭلاپ قاراپ تۇرسام ھېچ گېپى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، مەنمۇ گېپىنى بۆلۈپلا « ماڭا قارا بەي ئەفەندى. مەن سېنىڭ دۆلىتىڭگە ياردەم ئالغىلى، تىلەنگىلى، پاناھلىق سورىغىلى كەلمىدىم. مەن بۇ يەرگە قانۇنلۇق ۋىزا ئېلىپ، يانچۇقۇمنى دوللارغا تولدۇرۇپ خەجلىگىلى كەلدىم. بۇ ئۇنۋېرىستېت ئادەم ئالىمىز، كېلىپ كۆرۈشسۇن دېگەچكە كەلدىم. تۈركىيەدە ئىشسىزلىق ئېغىرلىقىدىن خەۋىرىم بار، ئۇلار بىلىمسىز، تېخنىكىسىز بولغاچقا ئىشسىز، لېكىن ئۇلارنى تەربىيەلەيدىغانغا ئاشۇنداق ئۇنۋېرىستېت ۋە مەندەك ئوقۇتقۇچى بولمىسا بۇ ئىشسىزلىق بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ.» دېدىم قىزىشىپ. ساقچى بەلكىم مەندىن بۇ قەدەر كەسكىن بىر جاۋاپنى كۈتمىگەن بولسا كېرەك، مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. شۇ ئارىدا پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلىغان باشقا بىر كىچىكرەك ساقچى يېنىمىزغا كەلدى ۋە مېنى چەتكىرەك تارتىپ « بۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ئاكا، تۈرك ئەمەس ئۇ!» دېدى. ساقلاۋاتقان دوستۇممۇ كەلدى، دە ماشىنىدىن چۈشمەيلا سورىدى.

-ساقچىدىن تويمىغاندەك يەنە شۇلارنىڭ قېشىدا تۇرىسىزغۇ؟

-يېڭىسىنىڭ تەمى باشقىچىمىكىن دەپ تېتىپ باقاي دېدىم. زاكۇنلاشتىم، يەڭدىم تېخى.

– ماشا ئاللاھ، نەدە يوغىنىغان يۈرەك بۇ سىزدىكى، تۈركىيەگە كېلىپ بىر ئاي بولماي.

-تۈركىيەدە يوغىنىغان يۈرەك، تۈركىيەدە.

ھەر قېتىم شۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھېلىقى ساقچى بالىنىڭ «تۈرك ئەمەس ئۇ!» ئېسىمگە كېلىدۇ. مەن بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىنى مىللىتىگە قاراپ باھا بېرىدىغان سەۋىيەدىكى ئادەم بولمىساممۇ، ئۇنىڭ شۇنى دېگەن چاغدىكى ئەستايىدىللىقىدىن سۆيىنىمەن. ئۆز مىللىتىنى بۇ قەدەر سۆيگەن، مىللىتىنىڭ شەرىپىگە بۇ قەدەر مەسئۇلىيەتچان بولغان بىر كىشىدە ھاياتقا، دۇنياغا مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت ئۆكسۈك بولمايدۇ.

 

2015-يىلى سىنتەبىر، ئەنقەرە.

 

 

تۈركىيەدىكى «ئىككى ئايرىلالماسلىق»

 

2014-يىلدىن كېيىن باشلاپ مانا 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى سوغۇق ئايلارغىچە ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ئايرۇپىلان – ئايرۇپىلانلاپ كېلىشكە باشلىدى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە كۆپىنچەيلەن كۆچمەنلەر، ھىجرەتچىلەر، سۈرىيەچىلەر، ئىلتىجاچىلار، ئوقۇغۇچىلار، تەۋەككۇلچىلار ۋە ساياھەتچىلەر ئىدى. دۇنيادىكى ئون چوڭ شەھەرنىڭ بىرى بولغان زەھەردەك قىممەت ئىستانبۇل ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە سەپىرىدىكى تۇنجى مەنزىلى بولۇپ قالدى. بۇ دولقۇن بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە باشقا كوچا – كويلىرىنى ئاۋات قىلىۋەتتى. ئاشخانىلاردا ۋەتەندىكىدەك ئۇيغۇرچە ناخشا چىقمىغاندىن باشقا، بىز كۆنگەن تۈرلۈك قورىمىلارمۇ چىقىرىلىشقا باشلىدى. ھەتتا ساماۋەر شورپىسى، قۇرۇق قازان قورىمىسى دېگەندەك ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئومۇملاشقان غىزالارنىڭمۇ ئىستانبۇلدا بولۇشى دىققەتنى بەكرەك تارتاتتى. يامان يېرى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىسمىمۇ تۈركلەرگە خەنسۇچە ئومۇملىشىپ كەتكىلىۋاتىدۇ. توخۇ قورداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدا «داپەنجى» دېيىلگەن پېتى تۈركىيە تۈركچىسىگە يەرلىشىۋالدى.

قارىغاندا قورىمىلارغا سېلىنىدىغان تېتىتقۇلارمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئەرگىشىپ تۈركىيەگە كەلگەن بولسا كېرەك، بىر ئاشخانىنىڭ ئەينەك تېمىغا يوغان قىلىپ «‹جىجىڭ› (توخۇ گۆشى تېتىتقۇسى) ئىشلىتىلمەيدۇ» دەپ، جىجىڭ دېگەن خەنسۇچە گەپنى ئۇيغۇرچە يېزىپتۇ. تاماق تىزىملىكىدە تۈركىيەدە تېرىلمايدىغان، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، يېسىۋىلەك، كۈدە، كەرەپشە قاتارلىق ئوتياشلاردىن قىلىنغان قورۇمىلارنىڭمۇ بولۇشى ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايتتى. ئاشخانىلاردا ئاچچىقسۇ، راڭپىزا، ھەتتا ئۇيۇقماش (دۇفۇ) بار بولۇپ، بۇ تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك تۇيۇلىدۇ.

راڭپىزا بىلەن ئاچچىقسۇنىڭ سىرى جامائەتكە ئايدىڭ. ئىش ئورنىمۇ ئۇيغۇرلار توپلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايۇنىدا.ئېھسان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بۇلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ تۇرۇپتۇ. مەھسۇلات مۇۋاپىق، تەملىك ۋە ساپ بولغاچقا بازا تېپىپ خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇيغۇرچە ئاشخانىلار ئېچىلغان، ئۇيغۇرلار توپلاشقانلىكى رايۇندا ئېھسان ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن. ئەمما بۇ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، كۈدە، كەرەپشە، يېسىۋىلەك، مور…قاتارلىق جۇڭگۇدىنلا چىقىدىغان، تۈركىيەدە يوق كۆكتاتلارنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقى سىر پېتى تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئاخىرى يېسىۋىلەكنىڭ سىرى تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ئېچىلىپ قالدى.

ئادەم ۋەتەننى سېغىنغاندا ئەسلىمىگە ئايلانغان ھەممە نەرسىگە زار بولىدۇ، دەپ كۆنگەن تىل، يەپ كۆنگەن تاماق، كىيىپ كۆنگەن كىيىم، مېڭىپ كۆنگەن كوچىلارغىچە سېغىنىدۇ. ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسە كۆزىگە ئوت كۆرۈنىدۇ. تۈركىيەدە مۇساپىر ئۇيغۇرغا ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان تىپىك كۆكتاتلارنىڭ بىرى يېسىۋىلەك. تۈركىيەدە يوق، ھەتتا ئىسمى ئۇيغۇرچىمۇ دېيىلمەيدىغان بۇ ئوتياش بۇ ئەلدە ئۇيغۇرلار بۇيرۇتۇپ سېتىۋالىدىغان «تۇتىيا»لارنىڭ بىرى. يېقىندا بىر قىزغىن دوستىمىز ھەممەيلەنگە يېسىۋىلەك بۇيرۇتتى. ھاياجان بىلەن ساقلىغان كۈنلەر كېلىپ قارىساق، تەتۈرىسىچە ئەپسۇسلۇق ئۇچۇر كەپتۇ. يېسىۋىلەك تۈگەپتۇ. سەۋەبى، ئەنقەردە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا قىلىنغان زاكاسقا قوشۇلۇپ بىزگە بۇيرۇلغان تۇتىيا يېسىۋىلەكلەرنى جوڭگۇ ئەلچىخانىسى توپ سېتىۋاپتۇ. سۈرۈشتۈرسەم بۇ يېسىۋىلەكلەرنى تۈركىيەدە بىر خەنسۇ تېرىيدىكەن.

تۈركىيەدىكى خەنسۇ ئوتياشچى ئەسلى بىر كارىخانىچى بولۇپ تۈركىيەدە ئالدانغان، سوتتا پۇلىنى ئۈندۈرۈپ بولغىچە دەسمايەسى غالتەككە چىقىپ، قاق سەنەم بولۇپ كەتكەن ئىكەن. ئەمما بۇ جاھىل پۇلدار تۈركىيەلىك قويمىچىنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىپ مەلۇم كۆلەمدىكى يەرگە ئېرىشكەن. نەتىجىدە ئۇتۇق قازىنىپ تۈركىيەدە تېرىلمايدىغان جوڭگۇچە ئوتياشلارنى توپ تارقىتىدىغان خوجايىنغا ئايلانغان ئىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلارنىڭ خەنسۇ ئوتياشچىغا ھاجەتمەن بولۇشى چۈشىنىشلىك. ئەمما ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تاماقخانىلار كۆكتاتتا خەنسۇغا بېقىنسا، ئوتياش ئۇلاردىن ئاشمىغان ھامان ئامالسىز قالسا ئويلىنىپ كۆرگۈلۈك. ئۆزۈمدىن سورايمەن، تۈركىيەدە بولسىمۇ تايانمىساق، كۆكتاتنى ئۆزىمىز تېرىساق بولماسمىدى؟ بىرى ئاشخانا ئاچسا ھەممەيلەن تەڭ دورىغاندىن، ئاشخانىغا كېرەكلىك ئوتياش تېرىسا بولماسمىدى؟ بۇ ماڭا تۈركىيەدىكى«ئىككى ئايرىلالماسلىق»نىڭ ئىپادىسىدەك تۇيۇلۇپ ئويلىنىپ قالدىم. زادى بۇ شۇئارمۇ، رېئاللىقمۇ؟ ئەگەر شۇئارلا بولسا بوپتۇ. مەسۇم ئۇيغۇر توۋلىمىغان، ئەرگەشمىگەن، بويۇن پۈكمىگەن قايسى شۇئار قالغان. ھالبۇكى، «ئىككى ئايرىلالماسلىق» دېگەن شۇئار ۋەتەندە توۋلانغان بىلەن ئەمەلىيىتى تۈركىيەدە كۆرۈلۈپتۇ ئەمەسمۇ! بۇنى كىمدىن كۆرىسەن؟ جاھان كۆز يېشىڭغا باقمايدۇ. بۇ دېگەن سەۋەپ ئالەمى. تاقابىل تۇرغىدەك ئىقتىدارىڭ، مۇھتاج بولمىغىدەك ماجالىڭ، غالىپ كەلگىدەك پىلانىڭ بولمىسا، قاساپ، قاقشاپ قۇرۇپ كېتىسەن، دەردىڭ چىقمايدۇ. چىقسا ئىچ پۇشىقىڭ چىقار بەلكىم.

2006-يىلى يازنىڭ باشلىرىدا ئەنقەرەدىكى ساقچى ئىدارىسىدا سودىگەر خەنسۇلار تەرىپىدىن تونۇۋېلىنغان ئىدىم. «مەن يا خەنسۇغا ئوخشىمىسام، يا خەنسۇ سۆزلىگەن زۇۋاندا بىر ئېغىر گەپ قىلمىسام، يا جۇڭگۇنىڭ پاسپورتىنى ئۇلارغا كۆرسەتمىسەم قانداق بىلگەندۇ؟» مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ سومكامنى كۆتۈرۈپ قايتتىم. مېترودا قارىسام سومكامدا خەنسۇچە خەت، چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا جوڭگۇدا ئومۇملاشقان بىر ماركا، ئىشتاننىڭ كاسا يانچۇقىدا يەنە بىر جوڭگۇ ماركىسى، مايكامدا لىنىڭ دېگەن شىركەتنىڭ بەلگىسى، ئايىقىممۇ جوڭگۇدا ئىشلەنگەن ئىكەن. مۇشۇنداق ئىسسىق جاندىن باشقا ھەممە يېرىمگە خەنسۇنىڭ ماركىلىرى چاپلاقلىق تۇرسا، ئۇلار قانداق قىلىپ مېنى تونىۋالمىسۇن؟ دېمەك، مېنىڭ تېنىم جۇڭگۇدىن ئايرىلغان بىلەن ماڭا چاپلانغان جوڭگۇچە ماركا مەندىن ئايرىلمىغان، شۇڭا يەنىلا ئىككى ئايرىلالماسلىقنىڭ تۇتقۇنى.

تېڭشۇن چىقارغان ئەپنى خۇئاۋېي ئىشلىگەن تېلىفونغا چۈشۈرۈپ خوتەنگە تېلىفون قىلسا، تۇتۇلۇپ كېتىدىغىنى تۇرسۇن بىلەن خالىدە بولىدىغان گەپ. شۇڭا «ئىككى ئايرىلالماسلىقتىن»نىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى تېنىنى ئېلىپ قېچىش ئەمەس، روھ، ئەقىل ۋە بىلىمنى ئىشقا سېلىپ قۇللۇق كىشەنلىرىنى چېقىپ تاشلاشتۇر.

 

2016-يىلى ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.

 

 

تۈركىيەدە بۇزغۇنچىلار ۋە تۈزگۈنچىلەر

 

تۈركىيەگە قونغان تۇنجى ھەپتىسى ئەنقەرەدە جۈمەگە بىر داڭلىق تېۋىپ ئاكىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق. مەسجىد ئەتراپىدىكى يولغا چېچىۋېتىلگەن پاھىشىلەرنىڭ رەسىملىرى، ئىككىلىمىزنى خۇددى يالىڭاچ رەسىمگە تارتىلغىنى ئۇلار ئەمەس بىز بولغاندەك بىئارام قىلدى. ئىچىمدە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى چوڭ جامەنىڭ ئەتراپىغا چاچقان مەلئۇننى مىڭنى تىللاپ جۈمەگە كىرىپ كەتتىم. قايتىش يولىمىزدا قارىساق بىر ئايال بۇ مەينەت رەسىملەرنى بىر بىرلەپ تېرىپ ئەخلەت چىلەكلىرىگە تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئېڭىشىپ ئالدىمغا ئۇچرىغانلىرىنى تېرىۋەتتىم، ھېلىقى ئاكا بۇرادەرمۇ ئەگەشتى، قارىسام ئاندا – ساندا كىشىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش تېرىپ ئەخلەتكە تاشلىۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. ماڭا بۇ ئىش بەك تەسىرلىك تۇيۇلدى. ئەمەلىيەتتە جۈمەگە ماڭغاندا تېرىپ ماڭغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر جۈمگە ماڭغان جامائەتنىڭ ھەممىسى بىردىن تەرگەن بولسا يولدا ئۇ مەينەتلەرنىڭ ئىزىمۇ قالمايتتى.

ئەنقەرەدە تۇرغان ۋاقتىم ئۇزارغانچە بۇنداق رەسىملەرنىڭ تازىلىقى ئەسلىدىنلا دېگەندەك ياخشى بولمىغان رايۇنلاردا، ئىشسىزلار، نامراتلار مەھەللىسىدە كۆپرەك تاشلىنىدىغانلىقىغا ۋە ئۇزاققىچە تازىلانماي تۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بەلكىم رەسىملەر ئوخشاش تاشلانغان بىلەن بايلار رايۇنى پات – پات تازىلىنىپ تۇرغاچقا، تازلىق ئەسلەھەلىرى تولۇق بولغاچقا، ياكى تازلىققا  كىشىلەر ئاڭلىق رۇئايە قىلغاچقا، كوچىلار ۋە كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى بۇنداق مەينەتلەردىن ئۇزاقتۇ ۋە ياكى ئىشسىزلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر مەھەللىلرىدە شۇ رەسىملەرگە ئىھتىياج كۈچلۈك بولغاچقا داۋاملىق تاشلىنىپ تۇرىدىغاندۇ. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا ئەيدىز، سېفلىسقا ئوخشاش جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئاتالمىش جىنسىيەت ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان، تەرەققىياتلىق، باي ياۋرۇپادا ئەمەس، جىنسىيەت ئاشكارە تىلغا ئېلىنمايدىغان، سىرلىقلاشتۇرىلىدىغان نامرات، تەرەققىياتسىز ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىدە شىددەتلىك تېز يامرىشى سىر بولمىسا كېرەك.

ئىستانبۇلنىڭ بايلار كوچىلىرىدا بۇنداق كۆزلەرنى سەسكەندۈرىدىغان رەسىملەرنى كۆرمىدىم. بەلكىم قالايمىقان مەھەللىلەردىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولمىغانلىقىم ئۈچۈندۇر. ئەمما بەزى يول بويلىرىدا تاكسى ساقلىغاندەك تۇرۇپ كېتىدىغان ئاجايىپ كېيىنىۋالغان ئاياللار، قارىسا ئايالغىمۇ ئەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان مىيانەلەر كىشىنى شۈركەندۈرەتتى. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى چارەلىرى ھەققىدە سوراشتۇرۇپ بىلدىمكى، ئىستانبۇلدا مەخسۇس ئاشۇنداق يوللارغا كىرىپ كەتكەنلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋەخپەلەر (فوندى جەمئىيەت) بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئاشۇنداق يوللارغا كىرىپ كەتكەنلەر، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمارلار، پىسخىك ۋە روھى زەربىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ماددى ۋە مەنىۋىي يارىدەم بېرىش ئىكەن.

تۈركىيەدە مۇشۇنداق بۇزۇلغان ۋە بۇزىدىغانلارنىڭ بولۇشى بىلەن تۈزەلگەن ۋە تۈزەيدىغانلارنىڭ بولۇشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە تۈزەلگەن ۋە تۈزەيدىغانلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە، دۆلەتنىڭ قوللىشىغا، ياخشىلارنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە قىلغانلارنىڭ بارار يېرى جازا مەيدانى.

قاماقتا بەشكېرەملىك بىر بالىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانىدى. بىچارە بالا ئۈندىداردا قانۇنسىز ياردەم ۋە ساخاۋەت ئورگىنى قۇرۇش بىلەن ئەيىپلىنىپتۇ. ھازىرمۇ زالىم پىرئەۋىنلىرى بىلەن مەشھۇر مىسىردا ئاڭلىسام ئۇيغۇر بالىلاردىن مەينەتچىلىككە كۆنەلمەيدىغانلار، ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىنى خالىس تازىلاپ ئولتۇرۇشماقچى بولۇشۇپتۇ. ئەمما بۇ گەپ تولا دېيىلگەن بىلەن ئەمەلگە ئاشماپتۇ. چۈنكى مىسىردا غەرەزسىز ياخشى ئىش قىلغانلاردىن ھاكىمىيەت گۇمانلىنىدىكەن. ھازىرقى سىسى ھاكىمىيىتىگە ئىشلەۋاتقان مىيۇنلاپ قۇلاق بولۇپ، ئۇلار ياخشى ئىش ۋە سۆزلەرنى تەرغىپ قىلغانلارنى كۆزىتىدىكەن.

مەن مەيلى ئىچكىرىدە ياكى دىيارىمىزدا بولسۇن داۋاملىق كىشىلەردىن جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. تۇڭگانلار ۋە خەنسۇ خرىستىيانلار بۇنى جوڭگۇدا بىر دىننىڭ بولمىغانلىقى دەپ قاقشايدۇ. بەزى پىشقەدەم خەنسۇ ۋە ئۇيغۇر كادىرلار ماۋزىدوڭ دەۋرىنى ئەسلىشىدۇ، مەسۇم دېھقانلىرىمىز بۇنى زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ خۇرسىنىشىدۇ. بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇنى مىللەتتىكى ئىللەتلەرگە دۆڭگەپمۇ باقىدۇ. تۈزۈمدىن كۆرىدىغانلارمۇ غۇتۇلداپ باقىدۇ. مەن ھاكىمىيەتتىكى مۇستەبىتلىك، خادىملاردىكى چىرىكلىك ۋە ئىقتىساتتىكى مونۇپۇللۇقنى يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارايمەن.

مۇستەبىت، چىرىك ۋە مونۇپۇللۇق ھۆكۈمران دۆلەتتە ياخشىلىققا ئىجازەت، يول ۋە يۆلەك يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەمدە بۇنداق ئەللەردە ياخشىلار كاپالەتكە، ئىناۋەتكە، رىغبەتكە ئېرىشەلمىگەچكە بۇزۇقلار كۆپىيىپ، جاھان كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بۇزۇقلۇق بىلەن پەردىلەپ قويامدىكىن دەيمەن. تۈركچىدە بىر جۈملە بار ئىدى، «غالجىر ئىتلار قۇتراپ كەتمەمدۇ، كۈچلۈك تاشلار باغلاقتا تۇرسا» دەيدىغان. تۈركىيەدىمۇ بىزدىكىدەك بۇزۇلۇشتىن قاقشايدىغانلار باركەن، ئەمما يەنە شۇنىڭغا لايىق تەدبىر، تۈزەشمۇ باركەن. ئەدلىيە ئورگانلىرى ھاكىمىيەتتىن مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان قانۇن بىلەن بۇزغۇنچىلارنىڭ جازاسىنى، تۈزگۈنچىلەرنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىپ تۇرغاچقا، بۇزۇلۇش بىلەن تۈزىلىشنىڭ نىسبىتى تەڭشىلىپ تۇرىدىكەن.

 

2016-يىل يانۋار

 

 

تۈركىيەدە داربە ۋە شەرققە بۇرۇلۇش

 

بۇ يىل 15-ئىيۇلدا پارتىلىغان داربەدە تۈرك خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، قەھرىمانلىقى، ئەركسۆيەرلىكى ۋە دېموكراتىيەنى قوغداشتىكى مۇرەسسەسىزلىكى جاھاننى تاڭ قالدۇردى. قۇرۇق قول خەلق كۆكتە ئايرۇپىلان، يەردە تانكادىن ئېتىلىۋاتقان ئوققا، ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى ئۆلۈم پۈركۈۋاتقان قوراللارغا قارىماي، مەيدانلارغا ئۆزىنى ئېتىپ تۈركىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى. دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان نامايىشچىنىڭ ئارمىيەنى، ئەركىنلىك چاقىرىقىنىڭ ئوق ئاۋازىنى، ۋىجداننىڭ ئاپتۇماتنى مەغلۇپ قىلىشى تارىخقا يېزىلدى. ئەگەر داربىچىلەر غەلىبە قىلغان بولسا سۆيۈملۈك تۈركىيەمىز يا ۋەيرانە سۈرىيەنىڭ، ياكى شەرقلەشكەن مۇستەبىت مىسىرنىڭ كۈنىگە قالغان بولاتتى.

تۈركچىدە ھەربى-سىياسىي ئۆزگىرىشنى داربە دەيدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بۈگۈنگىچە بەش قېتىم داربە بولۇپتۇ. ئالدىنقى تۆت قېتىملىق داربىدە ئەسكەرلەر غەلىبە قىلغان بولۇپ، سايلام بىلەن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ ھەربى ھاكىمىيەت تىكلەنگەن. ھەتتا 60- يىلدىكى داربەدە جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت قۇرغان ئىقتىدارلىق باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەس دارغا ئېسىلغان.

داربە دېگەنلىك ئارمىيەنىڭ خەلق سايلىغان ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ياكى قىستاپ تەختتىن چۈشۈرۈپ ھاكىم بولۇشىنى ياكى ئۆزىگە مايىل بىر گورۇھنى ھۆكۈمرانلىققا چىقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەنچە بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا قوبۇل قىلىش زۆرۈركەن. چۈنكى داربە ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەردە پات – پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە ھەققىدىكى ئاتالغۇ بولغاچ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. تۈركچىدىلا ئەمەس ئېنگىلىزچىدىمۇ بۇ ھادىسە پەقەت بىرلا كەلىمە بىلەن ئىپادىلىنىدىكەن.

تۈركىيەدە بۇرۇندىن داربە قىلىپ كېلىۋاتقان ئارمىيەنىڭ دائىم تەكرارلايدىغان بىر شۇئارى «مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ ئاتاتۈرك بەرپا قىلغان ئاساسلارغا ئاسيلىق قىلغانلىقى»دىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە ئارمىيەنىڭ خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىۋېتىشىلا ئاتا تۈركنىڭ دىموكراتىك پىرىنسىپىغا خىلاپ. ھازىرقى تۈركىيەدە ئاساسى قانۇنى 80-يىللاردىكى داربەچىلەر دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، بەزى ماددىلىرىدا ئېغىر مەسىلە بار. مەسىلەن: ئاتاتۈرك دەۋرىدە تۈركىيە ئاساسى قانۇنىدا «تۈركىيە پۇقرالىرى تۈرك دېيىلىدۇ» دەپ قەيىت قىلىنغان بولسا داربەچىلەرنىڭ ئاساسى قانۇنىدا «تۈركىيە پۇقرالارى تۈركتۇر» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. گەرچە ئۆزگەرگىنى بىر سۆز بولغان بىلەن ئالدىنقىسىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىقى نەزەرگە ئېلىنغان بولسا، كېيىنكىسىدە تۈركتىن باشقا مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ئىنكارلانغان. شۇڭا كوردلارنىڭ راھەتسىزلىكى داۋاملاشماقتا.

داربە خەلقنىڭ پىداكارلىقى بىلەن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە دىموكراتىيەگە قاراپ تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم ئالار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تۈرك خەلقى دىموكراتىيە ۋە ئەركىن ئاخباراتنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى(دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى داربىچىلەرنىڭ قولىغا چۈشكەن شۇ مىنۇتلاردا تۈركىيەدىكى خۇسۇسى ئاخباراتلار داربىنى خەۋەر قىلدى ۋە ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىنى ئاۋامغا يەتكۈزدى). تۈرك خەلقى قوراللىقلارغا ھاكىمىيەتكە ئارلىشىشنىڭ قايتىلانماس ئۆتمۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ھۆكۈمەت ئارمىيەدىكى بۇرچىغا ساداقەتسىز ئەمەلدارلارنى تازلىدى. ئەسكەرنىڭ دۆلەتتىكى كونتروللىقىنى ئاجىزلاشتۇردى. دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك ئىمتىيازغا ئېرىشىۋالغان ئەسكىرىي ئورگانلار بىكار قىلىنىپ دۆلەتكە تولۇق ئۆتكۈزىۋېلىندى.

ئارمىيەنىڭ قولىدىكى مائارىپ، سەھىيە ۋە ئەدىلىيەگە مەنسۇپ تارماقلار رەتلەندى. ئەپسۇس، مەۋجۇت ھۆكۈمەت داربەدە ھېچ بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىدى، داربە قىلغانلارغا يانتاياق بولغانلار خاتا قىلغانلىرىنى ئىتىراپ قىلمىدى، خاتالىققا باش بولۇپ يول قويغانلار جازانىڭ سىرتىدا قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە داربىدىن كېيىنكى تىنتىشتا ئاتمىش مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى بىلەن تازىلاش كېڭىيىپ، كىشىگە يەنە بىر شۇملۇق تېرىلغاندەك تەسىرات بەردى. ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئىشى سىياسىي جىنايەتچىلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ، باشقا جىنايى قىلمىشچىلارغا سەل قارالدى. ھەتتا يېڭى مەھبۇسلارغا تۈرمە يېتىشمەي بۇرۇنقى مەكتەپلەر تۈرمە بولىدى، يېڭىدىن تۈرمە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە بىر قىسىم كونا مەھبۇسلارنىڭ ئازات قىلىنغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيەدىكى قۇيرۇقى ئۈزۈلمەس داربەنىڭ كەينىدە ھۆكۈمەتنىڭ زەيىپلىكى، شەخسنىڭ نوپۇزى ۋە ئارمىيەنىڭ چەكتىن ئاشقان كۈچى بار. ھازىرقى مەۋھۇم نوپۇز مۇستاپا كامال بولۇپ، ئارمىيە دائىم ئۇنىڭ ئىددىيەسىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى ھەممە يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مۇستاپا كامالنىڭ رەسىملىرى، ھەيكەللىرى ۋە لەۋھەلىرى ئۇنىڭ كۆرۈنمەس نوپۇزىنى سىموۋۇللاشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا تۈركىيەدە ئاتاتۈركنىڭ تەنقىدلىك تەرەپلىرى ھەققىدە يېزىش، سۆزلەش قارشى ئېلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ھەجىۋى رەسىمىنى سىزغانلار  جازالىنىدۇ. ئاتاتۈرك فامىلىسىنىمۇ باشقا بىر تۈرك پۇقراسى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنى پىداكار تۈرك گېنىرال ۋە ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ قۇرۇپ چىققاچقا ئارمىيەنىڭ ھوقۇقى بەك كۆپتۈرىۋېتىلگەن. ئارمىيەنىڭ تۈرك جەمئىيىتىدىكى نوپۇزى يىللاردىن بۇيانقى ئۇتقۇن داربەلەردە تېخىمۇ كۈچىيىپ مۇستەھكەملەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتكە كۈچىيىپ تەسىرى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

ئەردوغان تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئەمما ئەردوغاننىڭ دىنغا مايىل پارتىيەسى ئۆزىگە تەرەپتار توپلاش، تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى تەرىقەتچى جامائەتنىڭ كۈچىنى دۆلەت ئورگانلىرىغا، مائارىپقا ۋە ئارمىيەگە سىڭدۈردى. نەتىجىدە بۇرۇن ئاتاتۈركنى سۈيىئىستىمال قىلىپ داربەدە نەپكە ئېرىشىپ كەلگەن ئارمىيە، ئەمدى جامائەت ۋە دىننى ۋاستە قىلىپ ھاكىمىيەتكە كۆز تىكىدىغان بولدى.

نۆۋەتتە تۈركىيە شەرقلەشكەن مۇستەبىت ئەللەر بىلەن يېقىنلاشماقتا. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەنپەئەتتىن باشقا ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ غەرپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى تۈگىمەس تەنقىتلەشلىرىدىن، شەرتلىرىدىن ۋە ئەمەلگە ئاشماس ۋەدىلىرىدىن بىزار بولغان يېرىمۇ بار. بەزى تەھلىللەرگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ شەرق مۇستەبىتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، غەرپنىڭ «تەھدىتى»گە قارشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش ئىستىكىمۇ بار ئىكەن. بەلكىم يېڭى ئوسمانلىچىلىق دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. ئەمما تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسىنى مۇكەممەلەشتۈرىشى تەخىرسىز. بۇ دۆلەتتە تۈزۈم ئىنساننى ئەمەس، ئىنسان ھەممىنى باشقۇرىدىغان نۇقسان مەۋجۇد. شۇڭا تۈركىيە شەرقچە كىشىچىل باشقۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ تۈزۈمچىل باشقۇرۇشقا ئۆتۈشى، دىموكراتىك پىرىنسىپلارنى دەخلىسىز ئىجراغا كەلتۈرىشى لازىم ئىكەن.

داربىگە قارشى نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بىر ئايغا يېقىن داۋام قىلغان دىموكراتىيە يىغىلىشىدا ئەردوغانغا ئاتالغان قەسىدە ھەق دادىغا يەتتى. ئۇنىڭغا بېغىشلانغان ناخشىلار ئوقۇلدى. بۇنى ھەقلىق دەپ قوبۇل قىلغان ئەردوغان بىر ئايلار بۇرۇن ئۆزىنى ھەجىۋى قىلغان بىر گېرمانچە ناخشىغا چىدىيالمىغان ئىدى. ئالاقىدار توردىكى رەسىملەر ۋە كۆرۈنۈشلەر كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ناخشىدا ئەردوغان سەمىمىيەتسىزلىك، كىبىرلىك، مۇستەبىتلىكتە مەسخىرە قىلىنغان. ئەردوغان بۇنىڭغا داۋا ئاچىدىغان بولدى ۋە قايناپ كەتتى. قارىغاندا بۇ ناخشا تۈركىيەدە تۈركچە تارقىتىلغان بولسا بىچارە كومپوزىتۇر پالاكەتكە دۇچار بولۇركەندۇق. يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي شارائىتتا داربە مەغلۇپ قىلىنغادىن كېيىن تۈركىيەنىڭ غەلبىسى بىلىندۈرمەي، ئەردوغاننىڭ شەخسى غەلىبىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. تۈركىيەدىلا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىدىكى ھەر يەردە مەدھىيەگە كۆندۈرۈلگەن ئەردوغاننىڭ ئەمدى تەنقىتكە كۆنمىكى ئاسان ئەمەس.

ھازىر تۈركىيەدە ۋە غەرپتە ئەسلىدە قانۇن بويىچە پەقەت دۆلەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان پىرىزدېنت ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشى، كابىنتنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، تۈركىيەنى شەرقتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت بىرلەشكەن، بىر شەخس ھەممىنى باشقۇرىدىغان ھالەتكە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقى تەنقىت قىلىنماقتا. تەنقىتتە بەكرەك كۆپۈپ كەتكەن مۇخبىرلار سوتقا تارتىلدى. بۇنداق شەخسكە چوقۇنۇش، تەنقىدنى بېسىش، قارشى پىرىدىكىلەرگە ھەر خىل باھانىلەر بىلەن زەربە بېرىش مۇستەبىت شەرقكە ئىنتىلىش ۋە بۇرۇلۇش بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن.

تۈرك خەلقىنىڭ نامايىش ئارقىلىق داربىدىن بىر كۈنگىمۇ يەتمەي غالىپ كەلگەنلىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىق دېگەن شۇئارلار بىلەن زەنجىرلەنگەن، مۇقىملىقنىڭ يالقۇنىدا ئۆرتىنىۋاتقان خەلقلەرگە بىر ئىستىقبالنىڭ بىشارىتى. ئەمما مۇستاپا كامال مىراس قىلىپ كەتكەن شەخسكە چوقۇنۇش ۋە ئىددىيەنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان تۈركىيەدە ئىستىقبال ۋە بەخت پورەكلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. ھازىر ئەردوغاننى ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى باشقۇرىۋاتقان ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەپ، تەنبىھلەپ كىتاپ يازغانلار سوتلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ داربەدىن كېيىن مۇستاپا كامالنىڭ رەسىمىگە يانداش ۋە ئايرىم ئېسىلغان ئەردوغان رەسىملىرى تۈركىيەنى قاپلاشقا باشلىدى.

تۈركىيەدە ھاكىمىيەتنىڭ شەخسلەرگە مەركەزلىشى، ھوقۇقنىڭ چەكلىمە ۋە نازارەتسىز قېلىشى، پۇقرانىڭ غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىش بەدىلىگە تىكلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت ھەيۋىسى ۋە نوپۇزى، باشلىقنى ئۇلۇغلاش ۋە ھوقۇققا چوقۇنۇش قاتارلىقلار ئەسلىدە تۈركىيەدەك دىموكراتىك ئەلگە ئەمەس، مۇستەبىتلىكتە شەرقلەشكەن سەئۇدى، رۇسسىيەدە ۋە مىسىرغا خاس ھادىسە ئىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ داربەدىن كېيىن بارغانچە شەرققە بۇرۇلۇپ، شۇ يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا.

 

2016-يىلى سېنتەبىر

 

 

تۈركىيەدە شىركەتنى قانداق قۇرىمىز؟

 

يىپەك يولىدا كارۋانلارنى تەشكىللەپ شەرق بىلەن غەرپنى باغلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزلىرى بۈگۈنكى تۈرك توپراقلىرىغا يات ئەمەس. تارىخ ئۆتمۈشتىن بۇيان سودىغا ماھىر دەپ تەرىپلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، قەدىمى سودا مەركەزلىرى بولغان ئوسمانلى شەھەرلىرىنى ئاۋات قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتۇمايدۇ. تىجارەت زامانىي دۇنيادا شىركەتلەشكەن ھالدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر شىركەتلىرى تۈركىيەدە قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە شىركەت قۇرۇپ، ھەرخىل تىجارى پائالىيەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

مۇشۇنداق بىر شارائىتتا كارخانىچىلارنىڭ شىركەت قۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش،  ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە قايمۇقۇپ خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق شىركەت تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش  زۆرۈر. بۇ ساۋاتلارنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە روناق تېپىشى ۋە كۈچلىنىشى ئۈچۈن ئاز-كۆپ پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە تۈركىيەدە قۇرۇشقا بولىدىغان شىركەتلەرنىڭ تۈرلىرى، قۇرۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار ۋە قۇرغاندىن كېيىنكى باج، پايدا ۋە كۈتۈلمىگەن ئىھتىماللىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

1.شەخسى شىركەت:

قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ماتېرىياللار

شەخسىي شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس، نوپۇس قەغىزىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى، مەھەللە كومتېتى تەستىقلىغان تۇرۇشلۇق جاي ئىسپاتى(رەسىملىك)، گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا ئىسپاتى، ئىش يېرىنىڭ تام خېتى ياكى كىرا توختامنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللار كېتىدۇ.

شەخسى شىركەتنى بىر كۈندە قۇرۇپ بىر كۈندە تاقىۋەتكىلى بولىدۇ. شىركەتنى قۇرغان كىشى ئۆزمال-مۈلكى بىلەن شىركەتنىڭ قەرزلىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

شىركەتنىڭ باج مىقدارى 37% گىچە چىقىشى مۇمكىن بولۇپ، ئېچىش ۋە ئېتىش ئەڭ ئاسان بولغان يالغۇز كىشىلىك شىركەتتۇر.

2.چەكلىك شىركەت

چەكلىك شىركەت بىر ياكى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي شەخس ۋەيا شىركەت تەرىپىدىن مەلۇم بىر تىجارى ئىسىم ئاساسىدا قۇرۇلغان، شېرىكلەرنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇليىتى شىركەت سەرمايىسى بىلەن چەكلەنگەن ۋە سەرمايسى ئېنىق بېكىتىلگەن شىركەتتۇر. يەنى، تۈركىيە قانۇنىدا يالغۇز بىر كىشىمۇ چەكلىك شىركەت قۇرالايدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا50 كىشى بىلەن قۇرۇشقا بولىدۇ. شىركەت قۇرۇش سەرمايىسى ئەڭ ئاز 10000 (ئون مىڭ) لىرا بولۇپ، شېرىكلەر ئەمەلى شەخس ياكى شىركەت بولسىمۇ بولىدۇ. شىركەت ئسمىدا شىركەتنىڭ ئىگىلىك تۈرى ۋە شىركەت تۈرى كۆرسىتىلىشى شەرت بولۇپ، پايچېكى، زايوم  تارقىتالمايدۇ، بانكا، سوغۇرتا تىجارىتى قىلالمايدۇ.

شىركەتنىڭ ئىقتىسادى مەسئۇليىتى شىركەتنىڭ مۈلۈكى دائىرىسىدە بولىدۇ. شېرىكلەرنىڭ مەسئۇليىتى بولسا ۋەدە قىلغان سەرمايە سوممىسى بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، شېرىكلەر ۋەدە قىلغان سەرمايىلىرىنى تۆلىگەن ھالەتتە مەسئۇليەتتىن قۇتۇلالايدۇ.ئەمما، دۆلەتكە قەرزى بولغان ئەھۋالدا بۇ نوقتا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. دۆلەت شىركەت قەرزى ئۈچۈن شېرىكلەرنىڭ مال-مۈلكىگە چەك قويالمايدۇ.

باج نىسپىتى 20%بولۇپ، بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئادەتتە ئەڭ كۆپ چەكلىك شىركەت تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما باج تۆلەشتىكى ئەمىلى ئەھۋال بۇنداق ئەمەس.

شەخسى شىركەتتە، ساپ پايدىنىڭ 15% دىن تارتىپ 37% گىچە باج تۆلىنىدىغان بولۇپ، پايدا پۈتۈنلەي شىركەت قۇرغان كىشگە تەۋە بولىدۇ.

چەكلىك شىركەتتە بۇ باج 20% بولسىمۇ، لېكىن، شېرىكلەر پايدىنى بۆلۈشىدىغان چاغدا يەنە 15% باج تۆلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، باج نىسپىتى ئەمەلىيەتتە، 20% ئەمەس، 35% تۇر.

چەكلىك شىركەتنى قۇرۇشقا تەخمىنەن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شىركەتنى تاقاش ئۈچۈن ئەڭ كەم بىر يىل كېتىدۇ.

شىركەت قۇرۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

شىركەت بوغالتىرى تەييارلىغان شىركەت قۇرۇش ئىلتىماسى ( بۇ ئىلتىماس تور مۇھىتىدا تەييارلىنىدۇ.)  بۇ ئىلتىماسنى قانۇنى گۇۋاھلىق ئورۇنلىرىدا تەستىقلىتىش كېرەك.

ئىجارە توختامنامىسى

ئىمزا ئسپاتنامىسى

نوپۇس ئىسپاتى

ئەگەر باشقا دۆلەت پۇقراسى بولغان كىشى شېرىك بولۇپ قالسا، پاسپورتنىڭ تەرجىمىسى، تەرجىمان، باج كىملىك نۇمۇرى دېگەندەك بىر قاتار رەسمىيەتلەر كېرەك بولىدۇ.

  1. 3. پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى

پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى ھەرخىل ئىقتىسادى ۋە تىجارى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، پائالىيەت دائىرسى كەڭ بولغان بىر خىل شىركەت تۈرى. لېكىن، بۇ پائالىيەتلەر شىركەت قۇرۇش توختامنامىسىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشى كېرەك.

پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنى ئەمىلى شەخسلەر ئوتتۇرسىدا قۇرۇشقا بولغاندىكىدەك، ئەمەلى شەخسلەر بىلەن بىلەن شىركەت ئوتتۇرسىدا ۋەيا شىركەتلەر ئوتتۇرسىدىمۇ قۇرۇشقا بولىدۇ.

بىر پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز 5 ئەمەلى كىشى ياكى شىركەت بولۇشى كېرەك. پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش سەرمايىسى ئەڭ ئاز 5000 (بەش مىڭ ) لىرادۇر. پايچېكى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇلىشى تۈركىيە تىجارى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنىدۇ. ئەمما، شېرىكلىرىنىڭ سانى 250 تىن كۆپ ياكى پاي بازىرىغا كىرگەن، زايوم ساتقان پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سەرمايە بازىرى قانۇنىغىمۇ بويسۇنۇشى كېرەك.

پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ سەرمايىسى قىممىتى بىر-بىرىگە تەڭ بولغان پايلارغا بۆلۈنىدۇ.

پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىدە، شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە قارار ئالىدىغان ئورگان باشقۇرۇش كومتېتىدۇر. باشقۇرۇش كومتېتى ئەڭ ئاز ئۈچ ئەزادىن تەركىپ تاپقان بولۇشى كېرەك. ئېنىق بىر پەرق كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا ئېلىنىدىغان قارارلاردا ئادەتتە كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن، تۈركىيە تىجارى قانۇنىدا بەزى ئەھۋاللاردا يۇقىرى پەرقلەر بىلەن ئاۋاز ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى باشقۇرۇش قىيىن بولغان بىر خىل شىركەت تۈرىدۇر. ئۇ سەرمايىسى يۇقىرى، شېرىكلىرى كۆپ بولغان شىركەتلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى، گورۇھلاشقان شىركەتلىرىنىڭ تاللايدىغان شىركەت تۈرىدۇر.

تۈركىيەگە يېقىنقى مەزگىللەردە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلەرنى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن قۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. چۈنكى تۈركىيەدە دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە كىملىك ماتېرىياللىرى دائىم تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا كىشىلەر بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. بۇندىن باشقا تۈركىيەنىڭ تۈرلۈك قائىدە پىرىنسىپلىرىنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ بۇ يولنى تاللايدىغانلار كۆپ. تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش مەقسىدى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلغانلىرى بەك ئاز.

ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ تۇرۇپ قالغانلار ئىچىدە يەرلىك تۈرك شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقانلار بار، ئەمما مەبلەغ بىلەن كەلگەنلەر يەنىلا ئايرىم شىركەت قۇرۇشنى تاللايدۇ. تۈركىيەدە دۇككان، ئىشخانا ۋە شىركەت ئېچىلىش بىلەنلا باج مەلۇم قىلىش باشلىنىدۇ. شەخسى تىجارەت قىلغاندىن تارتىپ شىركەت قۇرغانلارغىچە ھەممەيلەننىڭ باج مەلۇم قىلىدىغان بىر ھېساباتچىسى بولىدۇ. تىجارەتچى قانچىلىك پايدا ئېلىشىدىن قەتئىي نەزەر باجدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. ئىشلىگۈچى ۋە ئىشلەتكۈچى تاپاۋەت بېجىنى ۋاقتىدا تاپشۇرىشى كېرەك. تۈركىيەدە دۆلەت بىلەن قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە رەسمىيەت ھەققى يۇقۇرى بولۇپ، ئەمدىلا شىركەت قۇرۇپ ئىش باشلىغانلار ئۈچۈن ئېغىر كېلىدۇ. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر شىركەت قۇرغاندىن باشقىلارغا ئىشلەشنى بەكرەك تاللايدۇ.

ۋەتەندە تەجارەت قىلىپ كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قارىشىچە تۈركىيەدىكى ئىقتىساتتا مونۇپۇللۇق ئېغىر، يېڭىلىق كەم،  تېجاتچانلىقتىن تەقلىت قىلىش ئېغىر، ۋاستىچىلىك ۋە كومسىيۇنچىلىق كۈچلۈك  بولغاچقا، يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭىيىشىغا ئىمكانىيەتلەر كۆپ يارىتىلمايدىكەن. شۇڭا تۈركىيەدە دۇنياۋىي شىركەتلەر، رايۇنلۇق چوڭ شىركەتلەر ۋە شىركەتلەر گورۇھىنىڭ كونتروللىقى  ئېغىر. ئۇيغۇرلار يېڭىدىن قۇرغان شىركەتلەرنىڭ تاقىلىپ قالغانلىرى ۋە زىيان تارتقانلىرى كۆپ بولغاچقا، كىشىلەردە سەۋەبىنى سورىمايلا شىركەت قۇرماقتىن ۋاز كېچىش مەۋجۇت. تۈركىيەدە دۆلەت ئورگانلىرى قۇرۇلغان تۈرلۈك تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلەرنى بىر بايلىق مەنبەسى ياكى سېغىن كالا كۆرىدىغان بولغاچقا، قۇرۇلغانلاردىن ۋەيران بولغانلار كۆپ بولىدىكەن. قانۇن ئىجراسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىقتىسادىي دىلولاردا ئۇتۇپ چىققانلارنىڭ بولماسلىقى سەۋەپلىك، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ شېرىك تىجارەت قىلىشى ئاساسەن يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. يۇقىرىقى ئامىللاردىن باشقا تۈرك جەمئىيىتىدىكى سەمىمىيەت قەھەتچىلىكى، ھاكىمىيەتتىكى چىرىكلىك، سىياسەتنىڭ تۇراقسىزلىقى قاتارلىق چاتاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەت قىسىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە شىركەت قۇرۇپ كۈچلىنىشىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئامىللار ئىكەن.

 

 

تۈركىيەدە كىملەر ئوقۇپ كىم ئاشتى

 

ئۇيغۇردا قوزغالغان تۈركىيە ھەققىدىكى قىزغىنلىقلار ئىچىدە ئوقۇش قىزغىنلىقى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇ قىزغىنلىقلارغا زوقلىنىش بىلەن بىللە بۇ ھەقتە ئىلىمخۇمار ياشلارغا ئەمەلىي، ئىلمىي ۋە سەمىمىي يېتەكچىلىك قىلىش زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، پەقەت قىزىقىشنىڭلا تۈرۈتكىسىدە باش ئايىغىنى ئويلىماي، ئۆزىنى ئوبدان دەڭسىمەي، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلماستىن يولغا چىقىلسا بەزى ئېزىقىشلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن. تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىك ۋە يېتىشسىزلىك تەرەپلىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، شۇ جەرياندىكى پۇرسەت ۋە تەھدىتلەرنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ چىقىرىلمىغان قارارلار ۋە بۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان سەلبى ئاقىۋەتلەر تۈركىيەگە يۈزلەنگەن ئىلىم تەشنالىقىغا زىيانلىقتۇر. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردا تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ زادى قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقى ھەققىدە توختىلايلى.

ئۇيغۇرلاردىن بۈگۈنكى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىشىغا دائىر ھۆججەت 1890–يىللارغا ئائىت بولۇپ قەشقەر، كۇچا ۋە غۇلجىدىن ئوقۇغۇچى كەلگەنلىكىگە دائىر ھۆججەتلەر «ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقى تۈركىستان» دېگەن كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن. قەشقەردىن ئابدۇللا فەخرى ۋە ئەخمەت ئەپەندىلەر تۈركىيەدە ئوقۇغان. 1904-يىلىغا مەنسۇپ بىر ھۆججەتتە دېيىلىشىچە غۇلجىدىكى مەكتەبى ھامىدىي ھۈسەينى دېگەن مەكتەپنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد مەسۇم ئوسمانلى پادىشاھىغا مەزكۇر تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇپ بەرگىنى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقان. ئوقۇغان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئابدۇقادىر، مەسئۇد، ئىبراھىم ۋە مۇھەممەت سەيىت دېگەنلەر بولغان.

1905-يىلى تۇنجى كۆلەمنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، موسابايۇپلارنىڭ قوللىشىدا توققۇز كىشى تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىقىرىلغان. مەسئۇد سەبىرى، تۈرسۇن ئەپەندى قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تارىختا ئىز قالدۇرغان شەخسلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەسئۇد سەبىرى غۇلجىدا مەكتەپ ۋە شىپاخانا ئاچقان بولسا، تۇرسۇن ئەپەندى قەشقەردە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ دىيارىمىزغا پۇتبۇل ھەرىكىتىنى باشلاپ بەرگەن. 1930-يىللاردىمۇ يەنە ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، بۇلاردىن مەشھۇرلىرى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، غازى بولۇپ شەرەپ قۇچقان ئۇيغۇر گېنىرال مەھمەت رىزا بىكىندۇر.

جوڭگۇنىڭ سىرىتقا ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاچقان تۇنجى ئوقۇش يولى 1987-يىلى ئېچىلغان. ئەرەبىستاندىكى ۋەتەنسۆيەر بايلار ئۇيغۇر ساندۇقى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇتۇشنى ئويلاشقان. بۇ ساندۇقنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان رەھمىتۇللاھ ھاجى تۈركىستانى بولۇپ، ئۆزى بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇغۇچى ئۇقۇشقان. بۇ مۇكاپات بىلەن ئوقۇغانلاردىن بەزىلىرى تۈركىيەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، پەرھات تەڭرىتاغلىق، گۈلزادە تەڭرىتاغلىق، مەغپىرەت كامال قاتارلىق ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى شۇلاردىن ھېساپلىنىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ياۋروپا ھەمدە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى قاتارلىق رايون، قىتئە ھەم دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ھەم مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق، كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويغان. بۇ مۇكاپاتقا ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئىشى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇلغان. شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن بىۋاستە ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن 47 ئوقۇغۇچى تاللىنىپ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن. ئەمما تاللاشتىكى تەلەپلەر ئەستايىدىل ۋە ئىلمىي بولماي، تاللانغاندىن كېيىنكى يېتەكلەش ئەتراپلىق بولمىغاچقا، كۆپىنچە ئوقۇغۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزەلمىگەن. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تونۇشلار ئارقىلىق، ھاۋالىچىلەرنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن داۋاملاشقاچقا ئۈنۈمى تازا مۆلچەردىكىدەك بولمىغان. 2006-يىلدىن باشلاپ ئەركىن سىدىق ۋە تۈركىيەدىكى ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش ئىشىغا خالىس يارىدەملەشكەن. 2012-يىلى ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپەيگەن بولۇپ، يۈز يەتمىشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا كىرگەن. 2012-يىلغىچە 650دىن ئارتۇق كىشى ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش نىسبىتى 28 پېرسەنت بولغان. 2012-يىلدىن باشلاپ بۇ خىزمەتنى باش مىنىستىرلىككە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە تۇققان خەلقلەر ئىدارىسى بىلەن ئالىي مائارىپ كومىتېتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىلىغا دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە تولۇق كۇرستىن بولۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

2012-يىلغىچە بولغان مەلۇماتتىن مەلۇمكى، ئۈچتەن ئىككى قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇيالمىغان. ئەڭ مۇھىم سەۋەب بىرى ياخشىلارنىڭ تاللىنالمىغانلىقى، يەنە بىرى ياخشىلارنىڭ ياخشى مەكتەپكە ۋە ئۆزى سۆيگەن كەسىپكە كىرەلمىگەنلىكىدۇر. بۇندىن باشقا قىسمەنلىككە مەنسۇپ سەۋەبلەردىن بىرى تۈركىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك پەرقلىق بولۇشى. تۈركىيە مائارىپ سىستېمىسدا ساقلانغان مەسىلە. يەنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە تۈركىيە ئۇنۋېرىستېتلىرىدىكى تەبىقىۋازلىق، گورۇھۋازلىق، تىزگىسىز ھوقۇق؛ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭرى بىلىملىك بولۇشىنى ئىستەپ، مەخسۇسلىشىشقا سەل قارىشى؛ ئوقۇماقچى بولۇپ كەلگەنلەرگە كۆپىنچە ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ تەۋسىيە قىلىنىشى، ئىجتىمائىي پەنلەردە كىتابنى كۆپ ئوقۇش، تەھلىل قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ يادىلىتىپ تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكى قاتارلىقلارنى دېيىش مۇمكىن.

2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باشقۇرىشىدىكى «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدە تۈرك تىل قۇرۇمى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى، تۈرك ئوچاقلىرى، ئۈلكە ئوچاقلىرى، مەكتەپلەر ۋە ھەرقايسى فۇندى جەمئىيەتلەردىنمۇ مۇكاپات ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ ئايرىم مۇكاپاتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت، تىل ۋە دىن جەھەتتىن قېرىنداشلىقنى يەتكۈزۈپ تارقىتىۋاتقان يۇقىرىقى مۇكاپاتتىن باشقا، تۈك خەلقى ۋە تۈركىيەدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكتە. بەزى ئۇنۋېرىستېتلار ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق مەسىلىسىدە دىيارىمىزدىن كەلگەنلەرگە ياردەمدە بولدى ۋە بولماقچى.

تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىك ۋە نۇقسانلىق يەرلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە توختىلىش مۇمكىن. ئەۋزەللىكلىرى دېگىنىمىزدە، ئۇنۋېرىستېتلاردا بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك يوق، بالىلاردا مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە ياشاش ئىقتىدارى ھازىرلاشقا تەلەپ كۈچلۈك. ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن ئاساسەن ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىك كىتابقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېزىپ ئىچۈرۈشلىرىگە كۆندۈرۈش يوق. كۈتۈپخانا ۋە كىتابلار كەڭرى، ھەر زمان تولۇق ئېچىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش پۇرسەتلىرى كۆپ، ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلىيالايدۇ، بىلىملىرىنى كېڭەيتەلەيدۇ. تۈركىيە ئوقۇتۇشى سىستېمىسى ياۋۇرپا سىستېمىسغا يېقىن بولغىنى ئۈچۈن دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭالايدۇ.

نۇقسانلىقلىرى مۇئەللىملەرنىڭ بەزىلىرى مەسئۇلىيەتسىزرەك، كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇرەككەپ، تورپىل دېگەن بىر نەرسە بار بولۇپ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مەقسەدلەر ئادا قىلىنىدۇ. مائارىپتا بۇيوروكراتلىق ئېغىر. تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرمۇ ئېغىر. مەسىلەن: مۇئەللىملەرنىڭ ھوقۇقى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى يوق. مەكتەپ مۇدىرى نامزاتىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار سايلىغان بىلەن، نامزاتلار ئىچىدىن قايسىنى تاللاش پرېزىدېنتنىڭ تاللىشىغا باغلىق. ئىلىمدە ساختىلىق ئېغىر، تاپشۇرۇق كۆچۈرمىكەشلىكى، ماقالە ساختىلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ساختىلىقى، ئىلىم ساختىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بار.

تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا تۆۋەندىكى ئۇتۇقلارنى ئويلىشىش يېتەرلىك. يېشىپ ئېيتساق، تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ سانى خېلى كۆپ. ھەر قايسى ئۇنۋېرىستېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەرنىڭ سانى ھازىر يىگىرمىگە يېتىدۇ. بۇندىن باشقا شىپاخانا، شىركەت ئاچقان، جەمئىيەت قۇرغان، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىلىرى بار. ئۇيغۇرلار بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئاق ياقىلىقلار قاتلىمىغا كىرىپ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن ھەتتا پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات بولۇپ سايلامغا قاتناشقانلارمۇ چىقتى. دېمەك، يىگىرمە نەچچە يىللىق تۈركىيەدە ئوقۇش پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇيغۇر توپراقلىرىدىن ئۇزاقلاردا ئۆلىملارغا، كارىخانىچىلارغا، دوختۇرلارغا، تەشكىلاتچىلارغا ۋە پروفېسسورلارغا ئايلاندۇردى.

تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئوقىيالايدىغان ۋە مۇستەقىل ياشىيالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىدى. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تۈركىيەدىكى قولايلىق شارائىتلاردىن ئۇچۇرۇم بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ياۋرۇپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە ئاساسىنى پۇختىلىغاندىن كېيىن ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋۇسترالىيەلەرگە كېتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

تۈركىيەدە ئوقۇش ئېنىق پروگرامما، ئېنىق يىل چېكى، ئېنىق نىشان بويىچە بولىدۇ. تۈركىيەدە ھەر قايسى ساھەلەردە تەرەققىيات بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىمۇ تەرەققىي قىلغان ئەللەر بىلەن بىردەك بولغاچقا، تۈركىيەدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى كۆپ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر قايسى كەسىپلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرستى كۆپ. بەزى دەرسلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئېنگىلىزچە ماقالىلاردىن بىۋاستە پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ شۇنداق قىلشىنى بۇيرۇيدۇ. نەتىجىدە ئوقۇغۇچى چەتئەل تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە زورلىنىپ، كېيىنچە ياۋۇرپا ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇشقا تەبىئىيلا پۇرسەت ھازىرلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئەلنىڭ تىنچ، قوۋناق، ھوزۇرلۇق، دىموكراتىك مۇھىتىدا قانداق تەتقىقات قىلىشنى، قانداق تىجارەت قىلىشنى، قانداق تەشكىللىنىشنى ۋە ئىشلارنى قانداق تەشكىللەشنى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە يېتىشكەن ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچى كۈچىگە ئايلانماقتا.

تۈركىيەدىكى دىموكراتىك مۇھىت ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش، ئۇيۇشۇش، تەنقىدلەش ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا. تۈركىيەدە ئوقۇغان ۋە تۈركىيەگە توپلانغان زىيالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دىنىمىزغا ئائىت يۈزلىگەن كىتابلار نەشىرلەندى. بولۇپمۇ، ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرشۇناسلاردىن ئىبنى كەسىرنىڭ ئەمگىكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئىستىقلال تېلۋىزىيىسى، شەبنەم ئېلان گېزىتى، مەڭگۈتاش مائارىپ مەركىزى، ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، فارابى فۇندى جەمئىيىتى، قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى قاتارلىق ئورگانلار قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلماقتا ۋە ئاقارتىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. تۈركىيەدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب، ژورنال ۋە ئۈن – سىن نەشرىياتلىرى، تېلۋىزىيە ۋە ئېلان گېزىتلىرى بارلىققا كەلدى. دېمەك، بۈگۈنكى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار تىجارەتتە ۋە ئىلمىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ، تىجارەتچىلەرنىڭ، مۇساپىرلارنىڭ، پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتلىرى بار. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ھەر قاندىقىدا ئوقۇغانلارنىڭ سالمىقى كۈچلۈك. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ ئاۋامغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

ياشلىرىمىزدا ئوتتۇرىغا چىققان تۈركىيەدە ئوقۇش قىزغىلىقى مۇبارەكلەشكە ئەرزىيدىغان نۇرلۇق يۈزلىنىش. بۇ يۈزلىنىشتىن ئەتراپلىق پايدىلانساق ئۈنىمى يېنىمىزدا ئىسپاتلىنىپ كۆز ئادىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. رىياللىق بىزنى پەندە، تېخنىكىدا ۋە دىندا مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولۇپ، تەرەققىياتقا قاراپ كېتىۋاتقان تۈركىيەگە ئەستايىدىل، ئىلمىي ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

 

 

تۈركىيەدە ياكى مىسىردا

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئاتاۋۇللا فاكرۇللاھ

 

2015- يىلى چىقىپ كېتىشتىن تېخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىككى ئىنىمىز مىسىردا ئوقۇش ياكى تۈركىيەدە ئوقۇش توغرىلىق ئىككىلىنىپ ئېلخەت يېزىپتۇ. بىر ئىككى ئاي بۇرۇن يەمەندىن قايتىپ كەلگەن بىرەيلەنمۇ مەندىن مۇشۇ سۇئالنى سورىغانىدى. بۇ بەلكىم جەمئىيىتىمىزدە بالىلىرىنى دىندا ئوقۇتماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر يۈزلىنىۋاتقان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردىكى ئىستىقبال غۇۋالىقى، ئېتىقاد ۋەھىمىسى، مەۋجۇدلۇق تەشۋىشى پەرزەنتلەرنى يىراق قىرلارغا يوللىماقتا. بايقىشىمچە كۆپىنچە تىجارەتچىلەر، دېھقانلار، ئۆلىمالارنىڭ پەرزەنتلىرى يوللانغان مەنزىل تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋە مىسىر بولۇپ نەتىجىلىنىۋېتىپتۇ. ھازىر مىسىردا 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ دىن ئوقۇۋاتقانلىقى، تۈركىيەدە دىن ئوقۇۋاتقانلارنىڭ 700 گە ئۇلاشقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۈگۈنكى پەۋقۇلاددە ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بالىلارغا دىننى قەيەردە، قانداق ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تەخىرسىز سۇئاللار، تەسىرلىك ئارزۇلار ۋە تەشۋىشلىك كەچمىشلەرنى ئويلىنىشقا تېگىشلىك.

مەن تۈركىيەدە بىر مەزگىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ ئەلدە ئوقۇغان، ئىشلەۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقانلار بىلەن ئىزچىل دوستلۇقۇم داۋام قىلىپ كەلدى. شۇڭا تۈركىيەدە دىن ئوقۇش ھەققىدە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئۇچۇلاردىن خەۋەردارمەن. مىسىر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئەتراپىمدىكىلەردىن توپلۇدۇم. نەتىجىدە مىسىردا ئوقۇغان دوستلار ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بۇ دۆلەتتە ئوقۇش ھەققىدىمۇ بەزى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم. تەلەپلەرنى يەردە قويماسلىق، بىلگەنلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويۇش نىيىتىدە ئۇيغۇردىكى مىسىر-تۈركىيە ئىككىلىنىشىگە بەزى تەۋسىيەلەردە بولغۇم كەلدى. ئاۋۋال بۇ ئىككى دۆلەتكە كېلىپ دىن ئوقۇغانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.

مىسىردا ئۇيغۇرلار دىندا 1982-يىلدىن باشلاپ ئوقۇغان دېيىلىدۇ. ھازىرغىچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئېنىق سىتاتستىكىلاش مۇمكىن بولمىدى. 1997-يىلى ئۇستاز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى150ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بارلىقىنى دېگەندەك قىلغان. ھازىرقى ئوقۇغۇچى سانى 3000دىن ئاشقانلىقى سۆزلەنمەكتە. مىسىردا ئوقۇغانلاردىن 34 يىلدا دوكتۇرلۇققا ئېرىشكىنى ئۈچ ئىكەن. ئەمما مىسىردا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلاھىيەت كەسپىدە ئىشلەۋاتقانلىرى يوق، دۆلەتتە باشقا دىنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارمۇ يوق ئىكەن. تۈركىيەدە ئىلاھىيەت (دىنى بىلىملەر) فاكۇلتېتلىرىدا ئوقۇغانلار مىسىردا ئوقۇغانلارغا قارىغاندا سېلىشتۇرغۇسىز ئاز، ئەمما ئۇلاردىن دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەنلەر يەتتە، ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئۆلىمالاردىن بەش، دىنى ۋەزىپىدە مەمۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن. بۇ سېلىشتۇرمىدا ئوقۇشنىڭ قەيەردە شۇ شەخس ئۈچۈن بىۋاستە نەتىجىلىك بولغانلىقى ئېنىق تۇرۇپتۇ. دىن ئىلىملىرى بويىچە دوكتۇرلۇقنى تۈگەتكەنلەر ئىلاھىيەتتە ئىشلەۋاتقان بولسا ئىتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ. دىندا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇغانلارنىڭ شۇ ساھەدە ئىتىراپلىق ئورۇن تاپالماسلىقى بىر مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بەلكى بۇ دۆلەتتىكى تۈزۈم مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. دىموكراتىك تۈركىيە ھەر ئىنسانغا باراۋەر پۇرسەت بەرگەن، مۇستەبىت مىسىر دوكتۇرلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا ئەمەس مىللىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىپ، لاياقىتىگە مۇناسىپ پۇرسەتتىن مەھرۇم قويغان.

مىسىردا ئوقۇۋاتقانلاردىن توربەت قۇرغانلار بار دەپ بىلىمەن، ئەزھەرىلەر دېگەن نامدىكى دەرسلەرنى توردىن كۆردۈم، ئەمما نەشرىيات، جەمئىيەت، ئۇيۇشما قۇرغانلار يوق، گېزىت، ژورنال، تېلۋىزىيە قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغانلارمۇ يوق ئىكەن. يەرلىك مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى قۇرغان ۋە ئىشلەۋاتقانلار تېخىمۇ يوق. ئۇندىن باشقا مىسىردا ئوقۇپ شۇ يەردە شىركەت قۇرغانلار يوق، پەقەت تۈركلەر ئاچقان مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ئىككى قېرىندىشىمىز بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەدە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن سايلامغا قاتناشقانلار بار، ئەمما مىسىردا بۇنداق بولۇشىنى مۇشۇ كۈنگىچە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىدى. مىسىردا ئوقۇپ تۈركىيەگە ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەر ۋە ئىشلەۋاتقانلار بار، ئەمما تۈركىيەدە ئوقۇپ مىسىرغا ئىش ئىزدەپ كەتكەنلەر يوق. سەۋەبى مىسىردا ئىشسىزلىق ئېغىر ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن باراۋەر ئىشلىشى ئىمكانسىز ئىكەن. خوش، نە تىجارەت، ئىجتىمائىي، نە ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈش شارائىتى بولمىغان؛ نە تەشكىللىنىشكە ئىجازەت بولمىغان، نە ئاقارتىش قانۇننىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشمىگەن يەردە ئوقۇشنى ئويلاشقاندا دەڭسىمەك كېرەك.

مىسىردا ئوقۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىكەن. ماڭا مىسىر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن قوشىنىلىرىم ئەزھەردە يىگىرمە يىلدىن بېرى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ خېلى بارلىقىنى ئېيتىپ ئارىمىزدا ھەيرانلىق ياراتتى. دېمىسىمۇ، مەن 2005- يىلى تۈركىيەگە بارغىنىمدا مىسىرغا بارغان بىر ئىنىمىزغا بۇ يىل 11 يىل بوپتۇ، تېخى تۈگەتمىدى. تۈركىيەدە مۇنداق يىگىرمە يىل ئوقۇپمۇ ئوقۇش پۈتكۈزمىگەن ئوقۇغۇچى يوق. ئۇنداق ئۇزاق ئوقۇتىدىغان مەكتەپمۇ يوق. تۈركىيەدە تىرىشىپ ئوقۇسا بەش يىلدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ بولغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇنداق ئوقۇپ بولۇپ ئۇنۋېرىستىتتا ئىشلەۋاتقان بەش ئۆلىما بار. ئەگەر مىسىردىكى پەرزەنتلىرىمىز باشقا ئىش قىلماستىن ئوقۇپ يىگىرمە يىلدىمۇ تۈگىتەلمىگەن بولسا، بۇنى شۇ دۆلەتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن كۆرۈش كېرەك. ئادەتتە بۇنداق چېكى يوق ئوقۇشتا ئادەم بىلىمنىڭ خوجايىنىغا ئەمەس قۇلىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر بىر كىشى يۇرتۇمدىكى مۇسۇلمانلارغا خىزمەت قىلىمەن دەپ يىگىرمە يىللاپ ئوقۇغان بولسا، بۇ كىشى قايتقاندا ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلاردا ھەل قىلىنىدىغان ھالىقىلىق مەسىلىنى ئەمەس ئۆزى تۇغۇلغان كوچىنىمۇ تاپالمايدۇ.

مىسىرىدىكى ئوقۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشىنى، مەكتەپتىكىلەرنىڭ بۇنىڭىغا بىپەرۋالىق قىلىشىنى، ئەتراپتىكىلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمۇشىنى مىسىردىن كەلگەن قوشنىلىرىم ھورۇنلۇققا باغلاپ چۈشەندۈردى. مەنچە مىسىرلىقلار ھورۇن ئەمەس، مىسىرنىڭ مۇستەبىت تۈزىمى تەپەككۇرى ئۆتكۈر، ھەرىكىتى كەسكىن، ئېتىقادى ئويغاق كىشىلەرگە ماس شارائىتنى ئەمەس؛ قانائەتچان، بىغەم، راھەتپەرەس كىشىلەرگە ماس مۇھىتنى يارىتىدۇ. ئىنسان مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. ھورۇنخانىدا ياشىغان چاققانمۇ ھورۇنلۇققا كۆنۈپ كېتىدۇ. ئىنسانلارنى جاھاندىن، دۆلەتنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقىدىن، كەلگۈسى توغرىسىدىكى پىلان ۋە تەسەۋۋۇرلاردىن بىخەۋەر قويۇپ، ئۇلارنى تەبلىغاتتا مىننەتدارلىققا، بىپەرۋالىققا،ھورۇنلۇققا ئۈندەيدىغىنى مۇستەبىت تۈزۈمدۇر. بۇنداق تۈزۈمدە ياشىغانلار دۇنيانىڭ نەرىدە بولمىسۇن ھورۇنلۇق بىلەن ئەيىپلىنىدۇ.

مىسىردا ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىلمەيدۇ، پاناھلىق بېرىلمەيدۇ، قايتتۇرىۋېتىلىش خەۋپى ھەر قاچان مەۋجۇد. ئۇنىڭ ئۈستىگە قايتتۇرىۋېتىلگەنلەرمۇ بار ئىكەن. مىسىردا يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق تۇرغانلارنىڭمۇ پۇقرالىقى يوق دېگەنلىك ھامان كېتىش شەرت دېگەنلىكتۇر.قانچىلىك تۇرسىڭىز بەرىبىر مىسىر نوپۇسىغا ئۆتەلمەيسىز. تۈركىيەدە بەش يىل ئىش بىلەن مەشغۇل بولغاندىن كېيىن، سىزنىڭ پۇقرالىققا ئىلتىماس سۇنۇش ھوقۇقىڭىز بار. بىر كىشىنىڭ نە ۋەتەندىكى كەلگۈسى، نە ياشاۋاتقان توپراقتىكى بۈگۈنى تايىنسىز بولسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھورۇنلۇقنى ئەمەس ئىجتىھاتنى، غەيرەتنى، قىزغىنلىقنى كۈتۈش خام خيالدۇر، خالاس.

مىسىردا دىن ئوقۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىللىق يېڭىلانماس مودىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىكى سەۋەپلەر كۆپ. مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئەزھەرنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى تەلپۈنىدىغان بىر ئىلىم ئوچىقى بولغانلىقى ئىدى. مىسىردا تۇرۇپ كەلگەن ئىككى ئاتا-ئانا ۋە بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئېيتىشىچە مىسىردا دىن ئوقۇش ھەقسىز ئىكەن،  تەييارلىق سىنىپلىرىغا كىرىشتە ھېچ بىر نەتىجە شەرتى يوق بولۇپ، ھەتتا ئانا تىلدا ساۋاتسىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ كەڭرى كىرەلەيدىكەن. مىسىر ئەرزانچىلىق بولغاچقا ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋەتەندىن ئەۋەتكەن پۇلى بىلەن بالىلار ئوقۇشىنى نورمال داۋام قىلالايدىكەن. ئۇزاقتىن بېرى ئوقۇۋاتقانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاغزاكى تەشۋىقات كۈچلۈك، ئۇيغۇرلاردىن مىسىرغا جەلىپ بولىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇلئەزىز، ھەبىبۇللاھ توختى، ئابدۇراھماندەك ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان مۇنەۋۋەر يېتەكچىلەر بار ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىنلا چىقىپ كەتمىسە ئوقۇتىۋېرىدىكەن.

مەيلى ئۆلىما ياكى ئاۋام بولسۇن ھەممەيلەندە دېگۈدەك دىن چوقۇم ئەرەب ئەللىرىدە ئەرەبچە ئوقۇلىشى كېرەك دېگەن چۈشەنچە بار ئىكەن. شۇڭا مىسىر دىن ئوقۇشتىكى مەنزىلگە ئايلىنىپ قالغانىكەن. يەمەندىن دىن ئوقۇپ يېنىپ كەلگەن ئىنىمىزگە بىرسى مەسلىھەت بېرىپ، قۇرئان ئەرەبچە بولغاچقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بىلىشىمىز كېرەككى، ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئەرەب مۇساپىرلىرى بار. تۈركىيەدە نوپۇسىنىڭ كۆپى ئەرەبچە سۆزلەيدىغان بىر قانچە كىچىك شەھەر بار. ئىستانبۇلدا ئەرەب قاينايدۇ. ئەرەبچە پاراڭ كوچىلاردا قۇلاقلارغا كىرىپ تۇرىدۇ، ئەرەبچە ۋېۋىسكىلار ئىستانبۇلنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ. تەخمىنلەرچە، تۈركىيەدە ئۈچ مىليۇنغا يېقىن سۈرىيەلىك مۇساپىر ياشاۋېتىپتۇ. شۇڭا ئەرەبچە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېرىش شەرت ئەمەس. ئىگىلىشىمچە تۈركىيە ئۇنۋېرىستېتلىرىدىكى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتلىرىدا ئىراقلىق، سۈرىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈۋېتىپتۇ. ھەتتا تۈركىيەدىكى كىچىك قۇرئان كۇرۇسلىرىدىمۇ سۈرىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشلەشكە باشلىدى. ھازىر غەرپتىن ئەرەبچە ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلار تۈركىيەنى تاللاشقا باشلاپتۇ. ئەرەب ئەللىرىدىكى دىنى ساھەدە مەشھۇر بولغان بىر قىسىم ئېنىستىتۇتلارنىڭ تۈركىيەگە شۆبە ئېچىش تەشەببۇسلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. شۇڭا ئەرەبلەردىن دىن ئۆگىنەتتىم دەپ مىسىر، سەئۇدىنى تاللاشنىڭ ھازىر زۆرۈرىيىتى يوق.

بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ دىن ئوقۇتۇشتا تۈركىيەنى ئەمەس مىسىرنى تاللىشىدا «ھۆكۈمىتىمىز تۈركىيەنى يامان كۆرىدۇ، ئەۋەتسەك پېيىغا چۈشىدۇ» دېگەن چۈشەنچە بار ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك بالىلىرى تۈركىيەدە ئوقۇپ قالسا بالاغا قالارمىش. ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئوخشىشى يوق بىر ۋەزىيەتتە كۆزلەردىكى قورقۇنچ، خۇدۇكسىرەش ۋە گۇمان پەردىسى ئىنسانلىرىمىزغا دۇنيانى ۋە كىشىلەرنى شۈبھىلىك كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما، تۈركىيە بىلەن جوڭگۇ ئوتتۇرىسىدا ئېلىكترونلۇق ۋىزا تۈزىمى بار. مىسىر بىلەن جوڭگۇ ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ئىش يوق. ئەگەر جوڭگۇ تۈركىيەنى يامان كۆرسە، پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە مىنۇت ئىچىدە  ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئېلىپ چىقىپ كېتىشلىرىگە قاراپ تۇرامدۇ؟ ھەممە ئادەم تونۇيدىغان كۈلدۈرگە ئارتىسلىرى، يازغۇچىلار، پىنسىيەگە چىققان ئەمەلدارلار، ئىشلەۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ بالىلىرى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتسا كارى بولمىغان كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، سىزدەك نامى چىقمىغان كىشىنىڭ ھېچ كىم تونۇمايدىغان بالىسىنى پايلاپ بىكار قالمىغاندۇ؟ بالىڭىز قانداق مۇھىم شەخس ئىدى پېيىغا كىشى چۈشكىدەك؟ بالىڭىزدا قانچىلىك مۇھىم ئاخبارات بار ئىدى؟

بەزىلەر قاھىرەگە بېرىپلا ئورانغان ئاياللارنى، ئىستانبۇلغا چۈشۈپلا ياغلىقسىز قىزلارنى كۆرۈپ تۈركىيەنى ئېتىقادتا سۇسقا چىقىرىپ بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىدىكەن. تۈركىيە مۇستەبىت دۆلەت ئەمەس، قارا يۆگەمدۇ ئاقمۇ، ئۇزۇن كىيىنەمدۇ –قىسقىمۇ ھەممىسى شەخسنىڭ ئەركىنلىكى. ئەگەر ئورانغانلار ئارىسىدىلا ياشايمەن دېسىڭىز تۈركىيەدىكى ھەر قانداق شەھەردە شۇنداق مەھەللىلەر، كوچىلار بار، بەزى شەھەرلەردە ياغلىق ئارتمىغانلار ئاز ئۇچرايدۇ ھەتتا. تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنداق ياغلىقلىق مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىپ بولدى. ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا مىسىردىكىدەك مۇناسىۋەتسىز كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ كىيگىنىگە، يۈرگىنىگە، ماڭغان تۇرغىنىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئىشلار يوق. ياغلىق ئارتقانمۇ ئىچىدىن خالاپ ئارتىدۇ، ئارتمىغانمۇ ئىستىگەچ ئارتمايدۇ. تۈركىيەدە ياغلىق ئارتمىسا بولمايدىغان دىنىي تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بار. دىننى مۇكەممەل ئۆگىتىدىغان خۇسۇسى مەكتەپلەرمۇ بار، شۇنداقلا دىن ۋە پەننى تەڭ ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەرمۇ بار. ئىستانبۇلدەك دۇنياغا ئەڭ داڭلىق ساياھەت شەھرىگە كېلىپ، ئايرىدورۇمدىكى ياغلىقسىز ئاياللارغا قاراپ تۈركىيەنى دىنسىزغا چىقارسا ئادىللىق بولمايدۇ.

پەۋقۇلاددە ۋەزىيەتتە خەلقىمىزنىڭ دىنى ئىلىم تەشنالىقى كۈچىيىپ، دىن ئۆگىنىشنى ياكى پەرزەنتلىرىنى ئىككىلەنمەي دىنغا ئاتاشنى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، كىم ئەمەسلىكىنى جاكارلارشنىڭ ۋە زۇلمەتنىڭ قارشى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. يەنە بىرى بالىلارنى قارىقۇرئان قىلىشقا تىرىشىشنىڭ بىر قىزغىن ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، توسقۇنلۇقلارنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە قارشى ئوتتۇرىغا چىققان پۇرژىنسىمان ئىنكاستۇر. شۇڭا مۇشۇنداق نازۈك ۋەزىيەتتە جاھان مۇسۇلمانلىرىغا مەشھۇر بولغان ئەزھەر ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتماقتا. ئەمما بۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ دىن ئوقۇپ، كېيىنكى تۇرمۇشتا ئايەتتىن باشقا نېمىگە تايىنىپ كۈن ئالىدىغانلىقى ھەققىدە نە پەرزەنتلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدا، نە پەرزەنتىنى ئەۋەتكۈچىدە بىر رۇشەن تەسەۋۋۇر يوق. مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، تۈركىيەدە مەكتەپكىمۇ بارماي دىن ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈز ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ كەلگۈسىنى قانداق قىلىمىز؟ 1930-يىللاردا مەكتەپ قۇرغان موللا بوۋىلىرىمىز مەكتەپ قۇرۇپ دىننى بىر دەرس قىلىپلا ئۆتكەن ئىدى، ھازىر تۈركىيەدە، مىسىردا ئوقۇغۇچى يىغىپ دىننىلا ئۆتۈپ باشقا پەنلەرنى ئەمەس، ئانا تىل ۋە ئەدەبىياتىمىزنىمۇ ئۆگىتىشكە سەل قارىلىۋاتىدۇ. دىننى ئۆگىنەلمەسلىككە سەۋەب بولغان زۇلۇم بىزنى دىننىلا ئۆگىنىدىغان ئاشقۇنلۇققا گىرىپتار قىلمىسۇن. بىلىم ئۆگىنىشتە بويۇن قىسقان ئانا تىلىمىز دىن ئۆگىنىشتىمۇ يەكلەنمىسۇن. تەھقىقكى، خەلقىمىزنىڭ دىنغا ئىشتىياقى كۈچەيسە سۆيۈنىمىز، ئەمما بۇ ئىشتىياق ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قولىدا دىندا ۋە پەندە تەڭ يېتىشكەن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بىلەن ئەمەس دىننىلا ئوقۇتۇش بىلەن قاندۇرۇلسا، بىز ياراملىق مۇجتەھىد تەربىيەلەۋاتامدۇق ياكى يارامسىز مۇھتاجمۇ؟دېگەننى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مەن دىن ئوقۇشقا تۈركىيەنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇيغۇرلارغا دۇنيادا تۈركىيەدىن باشقا خاتىرجەم ھالدا يولدا كېتىۋاتسا پاسپورت سۈرۈشتە قىلىنماستىن، ئۆيىگە ساقچى بېسىپ كىرىشتىن ئەنسىرىمەستىن، ساقچىنى كۆرسە يۈرىكى دۈپۈلدىمەستىن ئارامىخۇدا ياشىيالايدىغان ئىككىنچى بىر دۆلەت يوق. ھەق-ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە شوئارىنى توۋلاۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ تۈركىيەدىكى ئارامچىلىقنى تاپالمايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىدە مەيلى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈڭ، مەيلى ئۆتمەڭ كەلگۈسىڭىزنى مۆلچەرلىيەلەيسىز. چۈنكى تۈركىيەدە ئالمىشىشچان ھۆكۈمەتلەر بولغان بىلەن مۇقۇم دىموكراتىك تۈزۈم بار. تۈركىيەدىكى مۇقىملىق دۆلەتنىڭ ئىنسانلارنى پىكىر، بىلىم ۋە ماھارەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ياشاشقا بەرگەن كاپالىتىدىن كەلگەن. ئەگەر سىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ تولۇق كۇرسنى تۈركىيەدە ئوقۇپ، ئاندىن ئۆز كەسپىڭىزدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزۈپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەتتا پىروفېسسور بولۇشنى ياكى شەخسى ۋە دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ تۇرمۇشىڭىزنى رەتكە سېلىشنى ئويلىسىڭىز، بۇنى پىلانلاپ نىشانىڭىزغا يېتىش ئىمكانىيىتىڭىز بار. ئەمما بۇ ئىمكانىيەت نە سەئۇدى ئەرەبىستاندا نە مىسىردا نە باشقا دۆلەتلەردە مەۋجۇت ئەمەس. باشقىنى ئويلىمىغاندىمۇ پورۇخ پۇراپلا تۇرغان، مىسىرلىقلارمۇ تۇرمايۋاتقان، تۇرالمايۋاتقان، خاتىرىجەم ياشىيالمايۋاتقان يەردە قارا كۆزلىرىمىز قورقۇنچ، زىددىيەت ۋە مالىمانچىلىق ئىچىدە قىينالمىسۇن. جان ساقلاشنىڭ پەرزلىكىنى ئەستىن چىقارمىغان بولساق، قۇرئاننى ۋە ئەرەبچىنى تۈركىيەدىمۇ ئۆگەنگىلى بولىدۇ. يەمەندىن، مىسىردىن، سۈرىيەدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئۇستازلار ھازىر تۈركىيەگە يىغىلدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى تېخى نەچچە يىل ئىلگىرى تۈركىيە ئۇنداق، مۇنداق، تۈركىيەگە بارغانلار كاپىر بولۇپ كېتىدۇ دەپ داۋراڭ سالغان كىشىلەر ئىدى. تۈركىيەدە 1923-يىلدىن بۈگۈنگىچە مەملىكەتنى قاپلىغان ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ باقمىدى. ھازىر كورد قوراللىقلىرى تېرورلۇققا مەشغۇل بولسىمۇ، كورد خەلقى بۇ سەۋەبلىك تەكشۈرۈش، چەكلەش ۋە يەكلەش ئوبىيكتى بولۇپ قالمىدى. كوردلار قۇرغان پارتىيە تۈركىيە پارلامېنتىدا تۆت چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولۇپ تۈركىيە سىياسىتىگە ئارىلىشىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئەتراپىدا ئوت كۆيۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ  كوچىلىرىدا نە برونىۋىكلىك ئەسكەر، نە تەكشۈرۈش پونكىتى، نە كىملىك ۋە تېلىفون ئاختۇرۇش يوق. پايتەخت ئەنقەرەدە يۈز نەچچە كىشى ئىسلام دۆلىتنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلسىمۇ، بۈيۈك شەھەر ئىستانبۇلدا گېرمان ساياھەتچىلەرگە قەست قىلىنسىمۇ، تۈركىيەدە تېررورچىلىققا چېتىلىپ قېلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىغا ياتاق بەرمەيدىغان، ئۆي ئىجارە بەرمەيدىغان، ياكى ئۇلارنى يۇرت ماكانلىرىغا قوغلىۋېتىدىغان، ۋەياكى كۈندە يىغىۋېلىپ زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن يوقلىما قىلىدىغان ئىشنى قىلمىدى. تۈركىيە ساقچلىرى بازارلاردا ئۇنىڭ – بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، مەسجىدلەردە تاپانچىسىنى ئېسىپ نامىزىنى ئوقۇپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا بالىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان تېلىفونىدىن بومبىلارنىڭ ۋە ساقچى ماشنىلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ئەنسىرەپ ياشىماسلىقنى ئويلاشقاندا، تۈركىيەدە ئوقۇش ھازىرقى تەقەززالىقتا ئەقىلگە مۇۋاپىق. لېكىن شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەككى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن موللامغىمۇ، زىيالىيغىمۇ، خېمىيەگەرگىمۇ، فىزىكچىغىمۇ، ئاسترونومغىمۇ، ئېنژېنىرغىمۇ ئېھتىياجىمىز بار. بۇ ئىلىملارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىگە زىت ئەمەس. بىزدىنمۇ تۈركىيەدىكىدەك دوختۇر موللا، ئەللامە ئېنژېنىرچىقسىمۇ، ئۆلىما ئادۋۇكات، پوروفېسسور قارى چىقسا تامامەن بولىدۇ. دىننى ھەر قانداق ياشتا، ھەر قانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ماتېماتىكا، خېمىيە، ئېنژېنىرلىق، مېدىتسىنا دېگەندەك ئىلىملەرنى كىچىلىدىن مۇكەممەل ئۆگىنىپ ماڭمىسا، ھەر قاچان ۋە ھەر زامان تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەيلى نېمە ئوقۇڭ، سىز ئۆگەنگىنىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇرمۇشىڭىزنى قامدىيالمىسىڭىز، قانچە شىرىن چۈشلەرنى كۆرگىنىڭىز بىلەن ئۇ چۈشىڭىز شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئېتىقادلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىرىمىز ئاۋۋال ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولالىسا ئۇنىڭ مىللەتكىمۇ پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا نەدە نېمە ئوقۇش توغرىسىدا ئوبدان ئويلىشىڭىز قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قەيەردە، قانداق ياشاش ۋە نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە پىلان تۈزۈشمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. بۇ ھەقتە ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئوبدان ئويلاپ قارار بېرىشى كېرەك. كىشىنى ھەر جەھەتتىن ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم بىزنىڭ ئېڭىمىزنى، ئىجتىمائىي ئورنىمىزنى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بىۋاستە پايدىسى بولمىسا، ئۆگىنىشنىڭ مەخسىدى ئەمەلگە ئاشمىغان بولىدۇ.

ئىلاۋە: بۇ يازمىنى يېزىشتا يىگىرمە يىلدىن بېرى ئىزچىل دىنىمىز ھەققىدە ئىزدىنىپ ۋە تەر تۆكۈپ كېلىۋاتقان دوستۇم، ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستېتى ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتۇرانتى ئاتاۋۇللا بىلەن مەسلىھەتلەشتىم، ئۇ دىن ۋە پەن ئۆگىنىشتىكى پەرقلەر، تۈركىيەنىڭ ئىلاھىيەتتىكى ئەۋزەللىكى، ئەرەپچە ئۆگىنىش شارائىتى ھەققىدىكى مەزمۇننى قوشتى، ئەمما باشتىن ئاخىرىغىچە بايانلارنى مېنىڭ تىلىمدا قوشقىنى ئۈچۈن مەنلا يازغاندەك تۇيۇلۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن بۇ ئىلاۋەنى يازدىم.

بۇ يازما سەۋەپلىك بەزىلەر ئاپتۇرغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت چاپلىغان، ھەتتا تەھدىت سالغانىدى، بىر جەمئىيەت مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى شۇ يەردە داۋاملىق ئوقۇش ھەققىدە پەتىۋا چىقارغان، ئەقىدە دېيىلىدىغان  توربەت ئاپتۇرغا ھۇجۇم تەشكىللىگەن، ئەمما رەھىمسىز ئەمەلىيەت مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيە ۋە ياۋرۇپاغا كېتىشكە مەجبۇر قىلىدى.

 

2015-يىلى 24–دېكابىر، تۈركىيە

 

 

تۈركىيەنىڭ كۈچى

 

ئۇيغۇرچىدا كۈچ كۆرسىتىش دېگەن نامايىشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەدە نامايىش شۇنداق ئومۇملاشقانكى، بىر ئاممىۋىي ئىنكاس، ئاممىۋىي بايانات ۋە ئاممىۋىي سەنئەت ھالىتىگە كەلگەن. بەزى كۈنلىرى بىر قارىسا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم مەيدانلارنى تولدۇرىۋەتكەن. ئاپلا، مۇشۇنداق كۈچنىڭ ئالدىدا تۈركىيەنىڭ ھالى نېمە بولار؟ دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسا، بىرەر سائەتتىن كېيىن ھېچكىم يوق. ھەممە ئادەم نورمال ئىشىغا بەنت. قارىغاندا خەلقتىكى ھاكىمىيەتكە قارشى ۋە ۋەزىيەتكە بېقىنمايدىغان بۇنداق كۈچ ۋە كۈچ كۆرسىتىشلەر دۆلەتنى قالايمىقان قىلىپ، مۇقىملىقنى بۇزماي، ئەكسىچە تۈركىيەنى تېخىمۇ ئەركىنلەشتۈرۈپ، تۈرك دۆلىتىنى يەنىمۇ يۈكلسەلدۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھالىتى، خەلقتىكى قورقماي تەقدىم قىلىدىغان ۋە مەيدانلاردا ئەندىشىسىز جاكارلىيالايدىغان كۈچ كۆرسىتىشلەردىن كەلگەنىدى.

بۇندىن ئون يىل بۇرۇن كەلگىنىمدە ياغلىق ئۈچۈن نامايىش تۈركىيەنى تەۋرىتىۋېتىدىغان ھالدا ئىدى. ياغلىق ئارتقانمۇ، ئارتمىغانمۇ ياغلىق ئەركىنلىكى ئۈچۈن شۇئار توۋلىشىپ كوچا-سوقاقلارنى تولدۇرىۋېتەتتى. پىرىزدېنتتىن تارتىپ ئادەتتىكى مەمۇرغىچە ھەر كۈن ياغلىق مۇنازىرىسىگە بەنت ئىدى. ئەمدى قارىسام ياغلىققا ئەركىنلىك. ھالبۇكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نە كوچىدا، نە بازاردا ياغلىق ئارتقانلارنىڭ بىراقلا جىقلاپ قالغىنىنى بايقىمىدىم، ئەكسىچە ئازلاپ قالغاندەك كۆرۈندى. پەقەت ياغلىق ئارتىۋالغان ساقچى، ئوقۇتقۇچى، مەمۇر قىزلار كۆزۈمگە بەكرەك چىرايلىق كۆرۈندى. ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تەلەپ قىلغىنى ياغلىقلا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ غەزەپلىنىۋاتقىنى ياغلىقنىڭ چەكلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ھەقسىزلىك، قىز-ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسزلىك بولۇشى مۇمكىن. ياغلىق نامايىشى تۈركىيەنى تىترەتكەندە بەزى تۈرك سىياسەتچىلىرى ياغلىققا رۇخسەت بېرىلسە، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەت تەلەپ قىلىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئىرانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقان ئىدى. ھەتتا بەزىلەر بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ ئاجىزلاپ ۋەيران بولۇش ئىھتىماللىقىدىن خەۋپسىرەشكەن ئىدى. دەل ئەكسىچە دۆلەت كىشىلەرنىڭ نېمە كىيىپ، نېمە كىيمەسلىكىنى نازارەت قىلماستىن، ھاكىمىيەتتىكىلەر خەلقنىڭ پېيىغا چۈشمەستىن، خەلقكە قانداق قىلسا ياخشىراق كىيىنەلەيدىغان شارائىتنى يارىتىپ بېرىۋىدى، ئەنسىرەلگەن ئاقىۋەتنىڭ بىرىمۇ كېلىپ چىقمىدى. ياغلىق تەشەببۇسچىلىرى تۈركىيەنى ئاجىزلاتماقتا يوق، كۈچلەندۈردى، شەرىئەت تەلەپ قىلىپ ئىرانغا ئايلاندۇرماقتا يوق، تېخىمۇ كۆپ دىموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

2015-يىلى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى، مىرسۇلتان ئوسمانۇپ ئاكىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى قۇتلۇقلاندى. بىرى تىلشۇناس، يەنە بىرى ئەدىپ بولغان بۇ ئىككى ئۇستازنى تۈرك ئالىملىرى زامانىمىزنىڭ يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىسىگە قىياسلاپ مۇبارەكلىدى. يىغىندا تۇققان تۈركلەر ئىدارىسىدىن كەلگەن بىر رەھبەر بۇ ئىككى ئالىمىمىزغا يۇقۇرى باھالارنى بەرگەندىن كېيىن، «بىز تۈركلەر پەرقلىق رايۇنلاردا ياشىساقمۇ، پەرقلىق تەلەپپۇزلاردا سۆزلەشسەكمۇ، پەرقلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلساقمۇ، بۇ پەرقلەر بىرلىكىمىزنى چېچىۋېتەلمىدى، يىلتىزىمىزنى يېرىۋېتەلمىدى، كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى. ئايرىملىقلار بىزنى پۈتۈنلۈكنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇردى، چەكلىك تىرەنلىكلەر جۇغلىنىپ، بىزنى چەكسىز كەڭلىكلەرگە ساھىپ قىلدى، پەرقلىق رەڭلەر مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتتى، پەرقلىق ئامىللار بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى. ھازىر تۈركلەرنىڭ كۆپى مۇسۇلمان، ئەمما بىزدە خىرىستىيانمۇ بار، يەھۇدىمۇ بار، بۇددىستمۇ بار، شامانىستمۇ بار. دۇنيادا ئەڭ چوڭ دىنلارنىڭ ھەمىسىدە بىز بار، ھېچ بىرى بىزگە يات ئەمەس، جاھاندىكى پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۆز تەركىپلىرىمىز بار. بىز تۈركلەر مۇشۇنداق پەرقلىقلەرگە ساھىپ بولغىنىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك، تۈركلەرنىڭ كېلەچىكى دۇنياغا مۇشۇنداق پەرقلىق كۆزنەكلەردىن باقالىغانلىقى ئۈچۈن پارلاق، تۈرك مەدەنىيىتى مۇشۇنداق پەرقلىق رەڭلىرى بىلەن جەلپكار» دېدى. يىغىن ئاياقلاشقىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ ئەكىس ساداسىدا ياشاۋاتىمەن. يېقىندا ۋاپات بولغان مەرھۇم بوكس چولپىنى مۇھەممەت ئەلىنىڭ ماتەم مۇراسىمىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىنسانلاردىكى پەرقنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە قوغدىلىشىنىڭ ئىنسانىيەتتىكى بىرلىكنىڭ كۈچلىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بەزىدە مۇشۇ بايانلاردىكى تۈركلەر ۋە ئىنسانلار دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار دېگەننى ئالماشتۇرۇپ باقساق…دەپ ئويلايمەن-يۇ چۆچۈپ كېتىمەن.

 

 

تۈزۈم ئەۋزەلمۇ مىللەتمۇ؟

 

بۇرۇن ھەرەمگە بارغانلاردىن تۈرك ھاجىلارنىڭ ئەڭ تەرتىپلىك تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆمرە ئىبادىتىگە مۇشەررەپ بولغىنىمىزدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن مۇڭدىشىش، ئۇلارنىڭ تاۋاپ جەريانىنى كۆزىتىش ۋە سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. دېيىلگەندەك، تۈركىيە، مالايسىيە ۋە ھىندونوزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تاۋاپنى ھەقىقەتەن قائىدە ئەھكاملىرى بويىچە تولىمۇ سۈپەتلىك تاماملاۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەلىك، ھىندونوزىيەلىك ۋە مالايسىيەلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا ئەل مۇسۇلمانلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاندىم ۋە باشقىلاردىن پىكىر ئالدىم.

كۆزىتىشىمچە تەرتىپلىك ھەج قىلىۋاتقان تۈركىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەلۇم بىر ساياھەت شىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىدىغانغا ئۇستاز، ئاغرىق-سىيلاقلارغا دوختۇر سەپلەنگەن ئىكەن. ھەممەيلەنگە بىردىن كارتا تارقىتىلىغان بولۇپ، ئۈستىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسمى، ئادرىسى، تېلىفون نومۇرى ۋە مەسئۇل شىركەتنىڭ ئالاقە ئادرىسى، ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرى تۈركچە ئەرەبچە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھەج قوللانمىسى بولدىكەن. ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىھانخانىلاردا تاۋاپتىن بۇرۇن دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. شىركەتلەر يېتەكچىلەرنى تاللىغاندا مۇشۇ ساھەدە ئىتىراپقا ئېرىشكەن، بەلگىلىك جامائىتى شەكىللىنىپ بولغان ئۆلىمالارنى تاللايدىكەن. ھەج قىلماقچى بولغان خېرىدار شىركەت كۆرسەتكەن ئۆلىملارنى تاللاپ، قايسى ئۆلىمانىڭ ۋەز تەبلىقلىرىنى ياقتۇرسا، شۇ كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى تاۋاپ ئۆمىكىگە قېتلىدىكەن. تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىكى مەخسۇس تۈرك ھاجىلار ئۈچۈن مەككە ۋە مەدىنىدە سەھىيە مەركەزلىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

مالايسىيە ۋە ھىندونۇزىيەنىڭمۇ ھەج تاۋاپ ئىشلىرى ئاللىقاچان شىركەتلىشىپ بولغان بولۇپ، ھەتتا ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ ھاجىلارغا تارقىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس كىيىملىرىمۇ پەرقلىق ئىكەن. كىيىملەر ئاق، ھال، كۆك، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق قارىدىن باشقا رەڭلەردە بەكمۇ چىرايلىق لاھىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىكى تەرتىپ، ئىتائەت ۋە بىرلىككە ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن مەستلىكى كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تۈركلەردەك سېخىلىق بىلەن سەدىقە تارقاتقانلىرىنى كۆرمىدىم، ئەمما ھۆرمىتىنىڭ ھەرەمدە تۈركلەردىن كەم ئەمەسلىكىگە شاھىد بولدۇم.

تاۋاپ جەريانىدا ۋە تاۋاپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە دوستلاردىن سوراپ باقتىم. بەزىلەر تۈركلەرنىڭ ئالتە يۈز يىللىق ئىمپىرىيە تارىخى بولغاچقا مەدەنىيلىكى، مەرتلىكى، مىھرىبانلىقى، سېخىلىقى سەۋەبلىك ئەرەبىستاندا ھۆرمەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بەزىلەر تۈركىيەدىكى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋازىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقى نەتىجىسىدە تۈرك خەلقنىڭ ئىززەتلەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يەنە بەزى دوستلار تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادتا گۈللىنىپ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ھالغا كەلگەنلىكىىنى سەۋەب قىلىشتى. مەنچە بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ پەرىزىمىز، بەزىلىرى ئارزۇيىمىز، يەنە بەزىلىرى بولسا نەتىجە، سەۋەب ئەمەس.

مەن مىللەت نوقتىسىدىن دېيىلىۋاتقان تۈركلەر مەدەنىيەتلىك بولغاچقا ھۆرمەتلىنىدۇ، ھىندونۇزىيە ۋە مالايسىيەلىكلەر تەرتىپلىك بولغاچقا دۆشكەللەنمەيدۇ…ۋاھاكازالارنى ئاڭلىغىنىمدا بۇ مىللەتلەرنى مۇشۇ بۇ باھالارغا سازاۋەر قىلغان سەۋەپلەرنى ئويلايمەن.بىز ئۇيغۇرلار مىللەت كۆپتۈرىلىۋاتقان ۋە چۆكتۈرىلىۋاتقان ئىككى ئاشقۇنلۇق ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز. مىللەت سۆزى ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ، مۇبارەك قۇرئانىمىزدا «يول، دىن» مەنىلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغانىكەن.بىر قىسىم بۇرادەرلەرنىڭ دۇنيادا مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا مىللەت بار دېگىنىدە ئەسلى ئىككى يول بار دېمەكچى.بىزدە مىللەتنى چۆكتۈرۈش، ئىنكارلاش يېقىندا باشلانغان بىلەن، بۇ قاراش جوڭگۇدا ئوتتۇز يىلغا يېقىن ھۆكۈمران بولغان. ئۇلارمۇ «دۇنيادا ئۇيغۇر، خەنسۇ دېگەن گەپ يوق، ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچى دەپ ئىككىلا سىنىپ بار» دېگەن سەپسەتىنى كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشقان. ھازىرقى مىللەت ئىنكارچىلىرى تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ، جوڭگۇدا جوڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بىرلا مىللەت بار دېگەننى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ۋە شۇ تىكەنلىك يولدا ئاڭقاۋلارچە كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئارىمىزدىكى مىللەت ئىنكارچىلىرى قەيەردە، كىمگە، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىشلىرى، ئەمەلىيەتتە كىملەرنىڭ سەنەمىگە دەسسەۋاتقانلىقلىرىنى ئاڭقىرىشى مۇھىم. مىللەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ تەتۈرى مىللەتنى كۆپتۈرۈشتۇر. «ھىندونۇزىيانلار، مالايلار، تۈركلەرنى ھەرەمدە پەزىلەتلىرى سەۋەبلىك تېگىشلىك ھۆرمەتلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلىرىمىزدە شۇ مىللەتلەرنى كۆپتۈرىۋاتقان بولىمىز. چۈنكى مىللەت دېگەندە ياخشى يامان ھەر خىل ئادەم بار. ئەمەلىيەتتە بىز مىللەت سۈپىتىدە كۆپتۈرىۋاتقان بۇ دۆلەتلەردە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەندىكىدەك بىرلا مىللەت يوق. سىزگە پاكىز كۆرۈنىۋاتقان مالاي مۇسۇلمانلىرى ئۆمىكىدە ئادەتتە پاكىستانلىقلار ئارىسىدا مەينەت كۆرۈنىدىغان ئوردۇ مۇسۇلمانلىرىمۇ، تۇگانلار ئارىسىدا تۇرسا ئاچكۆز بىلىنىدىغان خەن مۇسۇلمانلىرىمۇ بار. ئولتۇرۇپلا غىزالىنىپ ھەرەم مەيدانىنى مەينەت قىلغان ئىراقلىق كوردلارنىڭ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى تۈرك ھاجىلار ئۆمىكىدە سىزنى سۆيۈندۈرۈپ يۈرۈپتۇ. نېمىشقا بىر مىللەت ئىككى ئۆمەكتە، ئىككى دۆلەتتە پەرقلىق سۈپەتتە بولىدۇ؟ ئېسىل سۈپەت، ئەۋزەللىك مىللەتتىمۇ؟ ياق، مىللەتلەردىكى ئەۋزەللىك شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، ئۇلار ياشاۋاتقان تۈزۈمدە.

قارايدىغان بولساق پۇقرالىرى تەرتىپلىك ھەج قىلىپ، ھەر يەدە ھۆرمەتلىنىۋاتقان بۇ ئۈچ دۆلەت دىموكراتىك سىياسى تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردۇر. ئىراقلىق تۈركمەننى تۈركىيەلىك تۈركمەندىن ساپاسىز قويغان، سۈرىيەلىك كوردنى تۈركىيەلىك كوردتىن تەربىيەسىز قويغان، بېرمالىق مۇسۇلماننى مالايسىيەلىك مۇسۇلماندىن تەرتىپسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان نامۇۋاپىق تۈزۈمدۇر. شۇڭا مەن بىر مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ئۈستۈن ياكى مىللەت سۈپىتىدە تۆۋەن دېيىشكە قارشى. مۇۋاپىق تۈزۈم مىللەتنى ھەر يەردە ئۈستۈنلىككە، ساپاغا، پەزىلەتكە، ھۆرمەتكە يار قىلىدۇ؛ نامۇۋاپىق تۈزۈم مىللەت ئەزالىرىنى ئۆز ۋەتىنىدىمۇ ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە ۋە ئەھلى جاھانغا خار قىلىدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرەي:

مەدىنىدە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئاچقان بۈيۈك مارمارا دېگەن مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. كۈتىۋېلىش ئورنىدا ئولتۇرغان ئەرەب خادىم بىلەن پەقەت تىل ئۇقىشالمىدىم، ئەرەبچىدىن باشقا نە ئېنگىلىزچە، نە تۈركچە، نە فارىسچە بىلمەيدىكەن. ئاخىرى شۇ يەردە تازىلىق قىلىۋاتقان بىر بېنگاللىق كىشى بىزگە ئەرەبچە-تۈركچە تەرجىمانلىق قىلىپ ساۋاپ ئالدى. بىلىدىغانلاردىن بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئەرەبىستاندا چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچكە بىر نىسبەتتە يەرلىك ئەرەب خادىم ئىشلىتىشى شەرتكەن. شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرى قوبۇللىغان ئەرەب خادىملىرىنى ۋە شۇلار سەۋەبلىك باشقا مىللەت خادىملىرىنى باشقۇرۇپ بولالماي مۇئاشنى ئېلىشقا، ئەمما ئىشقا كەلمەسلىك شەرتىگە كۆندۈرگەنىكەن. كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەرەبنى ھورۇن قىلغىنى، ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قويغىنى مۇشۇنداق نامۇۋاپىق تۈزۈم. بۇنداق تۈزۈم بار يەردە ياشىغان ھەرقانداق مىللەت ھورۇن بولىدۇ. ئادەم ئىشتىن قوغلىنىشتىن قورقمىسا، ئىشلىمىسىمۇ مۇئاش كەلسە جاپا چېكىپ نېمە قىلىدۇ؟ خەققە ياخشى مۇلازىمەت قىلامدۇ؟ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا، ھىدايىتىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

بىر مىللەت قاچان مۇۋاپىق تۈزۈمدە ياشايدىكەن كۈچلۈك بولىدۇ، ساپالىق بولىدۇ، ئىززەتلىك بولىدۇ. نامۇۋاپىق تۈزۈم سەۋەبلىك ۋاقتىنچە ئاجىزلىققا چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىغا، دۇنيانىڭ نەپرىتىگە قالىدۇ. ھازىر كۆزىمىزگە ساپالىق كۆرۈنىۋاتقان بەزى مىللەتلەرنىڭ ناچار تۈزۈم سەۋەبىدىن بىر مەزگىل ئۆتكۈزگەن بەدبەشىرە خاتالىقلىرى بولغان. ئۇندىن باشقا بىر مىللەت تۇرۇپ مۇۋاپىق ۋە نامۇۋاپىق تۈزۈمدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن پەرقلىق كۈن كۆرۈۋاتقانلىرىمۇ بار. مەسىلەن: ھەممەيلەنگە مىللەت سۈپىتىدە گېرمانلار، ياپۇنلار، كورىيانلار ساپالىق تۇيۇلىدۇ. شۇ ساپالىق گېرمانلارنىڭ گېتلىر يولغا قويغان دۆلەت كاپىتالىزىمى تۈزىمىدە كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئالۋاستىغا ئايلىنىپ ئىنسانىيەتنى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى. ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئۇنۋېرىستېت ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇكاپات تارقىتىپ كېلىۋاتقان، جوڭگۇنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەڭ كۆپ يارىدەم بەرگەن ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ھەربى ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈم دەۋرىدە پۈتۈن شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى قىلغانلىقىغا نەزەر سالايلى. دىموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ ئىجادچانلىقى بىلەن ماشىنىسازلىق، گېرىمچىلىك، كىيىم –كېچەك ساھەسىدە مۆجىزە ياراتقان جەنۇبى كورىيەلىكلەرنى ماختىغاندا، شۇ مىللەتنىڭ شىمالدىكى قوشنا زېمىندا مۇستەبىت تۈزۈم سەۋەبلىك قورسىقىنىمۇ باقالماي، نادانلىق، شەخسكە چوقۇنۇش قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ پاتقىقىدا ئىڭراۋاتقان «بەدبەشىرە» ھالىتنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتمايلى.دېمەك، ئەۋزەل ياكى ناچار تۈزۈم ئوخشاش مىللەتنى ئوخشىمىغان يەردە ۋە ئوخشىمىغان زاماندا ئوخشىمىغان بەخت ۋە بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ.

ھەرەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تۈركىيە، مالايسىيە، ھىندونۇزىيە مۇسۇلمانلىرى دىموكراتىك تۈزۈمنىڭ شاراپىتىدە بىرى ئەركىن ئىقتىسادىي تۈزۈلمىگە ئىگە، يەنە بىرى باشقا مۇسۇلمانلاردا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇچرىمايدىغان سىياسى ساپالارغا ئىگە. تۈركىيە ۋە ھىندونۇزىيەلەردە تاۋاپنىڭ ئاللىقاچان شىركەتلىشىپ ئىزىغا چۈشۈپ بولغانلىقى بۇ ئەللەرنىڭ ئەركىن ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى يولغا قويۇپ، شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە مۇۋاپىق سەھنە ھازىرلارپ بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئەللەردىن كەلگەن تاۋاپچىلارنىڭ ساقچىدىن ھېچ قورقماستىن نارازىلىقلىرىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلىشلىرى دىموكراتىك تۈزۈمنىڭ كىشىلەرنىڭ سىياسى ئەركىنلىكىگە شارائىت ياراتقانلىقىغا باغلىق. بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرەي. دېيىلىشىچە ھەرەمدە بىر قېتىم تۈرك تاۋاپچىلارغا ئەرەب ساقچىلار قوپاللىق قىلىپ بىرەيلەننى ئۇرۇپتۇ.شۇنىڭ تاۋاپ ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ جىم ئولتۇرىۋاپتۇ.نەتىجىدە يوللار توسۇلۇپ تاۋاپ ئىمكانسىزلىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار باشلىقى كېلىپ تاياق يىگۈچىدىن كەچۈرۈم سوراپ، مۇشتمزور ساقچىنى جازالاپ ئىشنى ھەل قىپتۇ. تۈركىيە دىموكراتىك دۆلەت بولغاچقا كىشىلەر نارازىلىقلىرىنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە ئىمزالىق ۋە ئىمزاسىز شىكايەت خەتلىرىنى يوللاش، ئاخباراتقا جاكارلاش، نامايىش قىلىش، جىم ئولتۇرىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئىگە، ھەمدە نەچچە يىلنىڭزى شۇ پۇرسەتلەرنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن. شۇڭا تۈركلەر نارازىلىقلىرىنى كالتەككە تاياق قايتتۇرمايمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدۇ. تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئورنىدا مۇستەبىت ئەلدە ياشايدىغان بىر تۈرك قەۋمى بولغان بولسا غەزىپىنى يۇقىرىقىدەك تىنچ شەكىلدە ئەمەس، مۇشت-پەشۋا بىلەن قانلىق ئىپادىلىشى ۋە ئۆزىنى قاماقتا كۆرۈشى مۇمكىن.

ئۇيغۇردا دىموكراتىيەنىڭ خاتا چۈشىنىلىشى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەرگە باغلىق. تاشقى سەۋەپلەرگە قارىغىنىمىزدا ئۇيغۇر ئۆلىمالار كۆپرەك بىلىم ئالغان مىسىر، سۈرىيە، ئەرەبىستان ۋە يەمەن قاتارلىق ئەللەردىكى مۇستەبىتلەرگە بېقىنغان ئۆلىمالار دىموكراتىيەنى ئىسلامغا زىت دەپ قارايدۇ. دىموكراتىيەنى غەرپنىڭ قورالى دەپ قاراپ، خەلقتىكى دىموكراتىك تەلەپلەرنى غەرپنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى شەكلىدە شەرھىيلەيدۇ ۋە باستۇرۇشنى قوللايدۇ. مۇستەبىتلەر ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىرى خەلقنى تۈرلۈك ئەۋزەللىك بىلەن تەمىنلەپ شۈكرىگە ئۈندەيدۇ، ئاخباراتلارنى سېتىۋېلىپ مېڭىلەرنى ئۆزىگە پايدىلىق شەكىلدە يۇيۇپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، دىنىي ۋە بارلىق پىكرىي ئىلىملەرنى ھاكىمىيەتكە بويسۇندۇرۇپ ئۆزىگە مايىل قاراشنى مەسجىدتىكى تەبلىقلەردە، دەرسخانىلاردىكى لېكسىيەلەردە ۋە تېلۋىزوردىكى سۆھبەتلەردە كەڭرى تەشۋىق قىلىدۇ. نەتىجىدە بىزدىن بۇنداق ئەللەرگە ئىبادەت، تىجارەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چىققانلار قوبۇل قىلىپ تارقىتىشقا باشلايدۇ. 2005 –يىللىرىغۇ دەيمەن، غەرپ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە باھا بېرىپ «تۈركىيە ئىران بولارمۇ، مالايسىيەمۇ؟» دېگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە.بۇ ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىموكراتىيەنى يولغا قويۇشتىكى ئىككى ئۈلگە بولۇپ، بىرى شەكىلدە دىموكراتىك ئەمەلدە مۇستەبىت دۆلەت، يەنە بىرى مۇسۇلمانلار ئىچىدە دىموكراتىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يۈكسىلىۋاتقان دۆلەت. ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ مانا بۈگۈن تۈركىيە دىموكراتىيەگە بەكرەك ئۇيغۇنىلىشىۋېدى، خەلقنىڭ مۇسۇلمانلىق تەلىپىگە تېخىمۇ لايىقلاشتى.تۈرك خەلقىنىڭمۇ ھۆرمىتى ئۆسۈپ، مالايسىيەلىكلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ زوقىنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئىران جاھىللارچە مۇستەبىتلىكنىڭ دەردىدە ئىڭراۋاتىدۇ. ئۇرۇش ئاپىتىدىكى سۈرىيەلىكلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئىچىدە تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلالىشىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۈركىيەدە پاناھلىققا ئېرىشەلىشىمۇ دىموكراتىيەنىڭ كۈچى.چۈنكى رەھبەرلەرنى خەلق سايلايدۇ. تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا مىللىي ھەم دىنى قېرىنداش، سۈرىيەلىكلەرگە دىنى قېرىنداش. ئەگەر تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت بۇ قېرىنداشلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسا، پۇقرانىڭ قولىدىكى سايلاپ بېلىتىدىن قۇرۇق قالىدۇ.دېمەك، ئوردا ئالىملىرى قانداق شەرھىلىسۇن، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە ئاۋامنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشتا قانچىلىك ئۇتۇق قازانسۇن مۇستەبىتلىكنىڭ يىرىڭلىرىنى ئادالاپ بولالمايدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر يەردىكى خار، نامرات، تەرتىپسىز ھالىتى ۋە مەزھەپچىلىك، قەبىلىۋازلىق، ئاشقۇنلۇق پاتقاقلىرى ئىچىدىكى ئىچىنىشلىق ئەھۋالى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ نەتىجىسى.دىموكراتىيە گەرچە مۇكەممەل تۈزۈم بولمىسىمۇ ياۋۇرپادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ تۈركىيە، مالايسىيە ۋە ھىندونوزىيە قاتارلىق ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنى تىنچلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مىھرىۋانلىق ئىچىدىكى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر.دىموكراتىك تۈزۈم تۈرك، مالاي، ھىندونوزىيان قاتارلىق مىللەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئەۋزەلدۇر.كىم، كىم بىلەن نەدىن زاكات يەپ، مۇستەبىتلىكنى قانچىلىك ئاقلىسۇن ئۇيغۇرنى ئالدىيالمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭمۇ تۈركىيە، ھىندونوزىيە ۋە مالايسىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ ياشىغىمىز بار.مۇشۇ دىموكراتىك دۆلەتتىكىلەر ئېرىشكەن ئىززەتتە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار.

ئامېرىكىغىمۇ، تۈركىيەگىمۇ

 

ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دىيارىمىزدىكى تۈركىيە مەستانىلىقىدىن سۆيۈندۈم. چۈنكى مەنمۇ 2005-يىلى گېرمانىيەگە بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ تۈركىيەنى تاللىغان مەستانە. مېنىڭ ئەقلىم غەرپكە قايىل بولغان بىلەن يۈرۈگۈم ھاياتلا بولسام «تۈركىيەم» دەپ سوقىدۇ. ئۇيغۇردىكى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كەيپىيات مېنىڭ قىلدام تومۇرلىرىمغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھېسسىياتىم تۈركىيەدىكى پارتىيەلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە سىياسىيۇنلارنىڭ سىياسەت، نەيرەڭ ۋە تاكتىكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

ھېس قىلىشىمچە بىزدىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىنى ساياھەت قىزغىنلىقى، كىنو قىزغىنلىقى، كىيىمەك-يىمەك قىزغىنلىقى، كۆچمەنلىك قىزغىنلىقى، تىل قىزغىنلىقى، ئوقۇش قىزغىنلىقى دېگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشىنىشكە بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا تەخىرسىز سۇئاللارنى تاشلاپ مېڭەمنى قىزىتىۋاتقىنى تۈركىيەدە ئوقۇش قىزغىنلىقى. كۇرستا تۈركچە ۋە ئېنگىلىزچە ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ تىللارنىڭ قايسىسىنى تاللاشتىكى دىلىغولدىلىقلىرىمۇ مېنى ئويغا سالىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياكى ئامېرىكىدا ئوقۇشتا ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە مەسلىھەت سالىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تاللاش دوقمۇشلىرىدا تىنەپ، ئىككىلىنىش ئىكەكلىرىدە ئۇپىراپ يۈرۈشلىرى ماڭا بۇ ھەقتە يېزىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

دىللاردىكى ئىزتىراپلارغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى كەچۈرمىشلىرىمدىن بىر قانچە كۆرۈنىشنى بايان قىلىپ باقاي. مەن تۈركىيەگە كېلىپ قۇچاقلاشقان تۇنجى ئۇيغۇر مېنى ئۆيىدە مىھمان قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئامېرىكا ياكى كاناداغا كېتىشكە دەۋەت قىلغانىدى. ئۇ مېنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ تۈركىيەنى تاللىغىنىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالغانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 90-يىللاردا تۈركىيەگە كەلگەن بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلار گېرمانىيەگە كۆچۈپ كەتكەنىكەن. بىرەر ھەپتىدىن كېيىن بېيجىڭدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلاردىن دوستۇم ھەسەنجانغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر ئىنىمىز تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ياۋرۇپاغا قاڭقىدى. كېيىن بىلدىمكى بۇنداق مۇكاپاتنى، ئوقۇشنى تاشلايدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تۈركىيە بىر كۆۋرۈك بولسا كېرەك. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان چاغلىرىمدا ياپۇنىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگىنىنى ئاڭلىدىم. ئامېرىكا، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئەمما تۈركىيەدىن ئۇيغۇرنىڭ يۇقىرىقى ئەللەرگە ساياھەتكە بارغىنىنى ئاڭلىمىدىم. ھېچ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكىدىن ئوقۇشىنى تاشلاپ تۈركىيەگە سىغىنغاننى كۆرمىدىم، ئاڭلىمىدىم.

ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا تۈركلەر ئارىسىدىلا ياشىدىم. مەن ئەڭ ياقتۇردىغان دوستلىرىمدىن ئەركاننىڭ «ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولسامچۇ!» دېگىىنى ھېلىمۇ قۇلۇقىمدىن كەتمەيدۇ. تۈركىيەنى جاھانغا تەڭ قىلمايدىغان بۇ قېرىندىشىم ئاتايىن ئامېرىكىدا بالىلىق بولۇپ، پەرزەنتىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ۋەتىنىگە قايتىپ ئىشقا چۈشتى. تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىنىش پۇرستىلا بولسا بالىلىرىنى ئامېرىكىلىق قىلىشقا تىرىشىدىكەن. مەن بىلىدىغانلار ئىچىدىكى ۋەتىنىگە قايتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىش سەۋەبى يا ئۇلار دۆلەتنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا بارغاچ قايتىشقا مەجبۇرلىقى، ياكى ئۇلار ئامېرىكا دېپلومى بىلەن تۈركىيەدە بەكرەك ئىتىبارلىق خىزمەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ئىكەن. بۇ نوقتا بىزگە ئامېرىكىدا ئوقۇپ تۈركىيەدە ئىشلەشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تەتۈرىسىچە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

2016- يىلى تۈركىيەدىكى بىر قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش قاتناشتىم. ئاق پارتىيە تەرەپتارلىرى قۇرغان بىر ۋەخپە ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئۈچ ياش كۇرسانتنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ ئاتا ئانىسى پارلامېنت ئەزاسى ئىكەن. بىرىنىڭ دادىسى ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ ئۇمۇ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەن. نورمال تۈرك پۇقراسىدىن تارتىپ يۇقۇى قاتلامدىكى رەھبەرلەرگىچە ئامېرىكا ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىنى تەڭلا چاڭگاللاپ ئىككىلىنىشتە ياشاۋاتقان بىر ئەلدە  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇيمۇ تۈركىيەدىمۇ دەپ ئىككىلىنىشى تەئەججۈپ قوزغايدۇ.

چەتەللەردە ئوقۇش ئەگەر ۋەتەندىن كېلىدىغان ئىقتىساتقا باغلىنىپ قالسا ئۇزاق ۋە كاپالەتلىك داۋام قىلالمايدۇ. شۇڭا بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئىشلەش رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان تۈركىيە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتە ماس كەلمەيدۇ. قانۇنسىز ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ ئىش ھەققى بىلەن ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاسان ئەمەس. سىياسەت ۋە ئىقتىساتنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈركىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش چىقىمى ۋە كەلگۈسىگە ھەر زامان قارا سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا مال باھاسى دوللارغا باغلىنىپ قالغان بىر دۆلەتتە لىراغا ئىشلەپ ئوقۇشنى داۋام قىلىش كىشىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ھالسىرىتىدۇ. ئامېرىكىدا بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇپ ئۆزىنى ئەمەس ئائىلىسىنى باقالايدۇ، ھەتتا ساھاھەتكە چىقالايدۇ.

تۈركىيەدە ئوقۇش پىلان بويىچە بولمايدۇ، ئەكسىچە ئوقۇغۇچىنىڭ تەلىيى، ئوقۇتقۇچىنىڭ خاھىشى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتى بىلەن پىلانسىز داۋام قىلىدۇ. ئۇنۋېرىستىتنىڭ يېڭىدىن كۆپلەپ قۇرۇلۇپ سۈپەتنىڭ تۆۋەنلىشى، مەكتەپنىڭ ئىدولوگىيە كۈرەشلىرىنىڭ جەڭگاھىغا ئاينىلىپ قېلىشى، ھاكىمىيەتنى تەنقىت قىلغانلارنىڭ تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىشى، ئىلىم ئەھلىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى قاتارلىق ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى چەكلىمىسىز سوزۇپ ئوقۇغۇچىلاردا ئېنىق پىلان بولماسلىق، كۈن ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ قېلىشتەك ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكىدا دۆلەتنىڭ تۈزۈمى 200 يىل بۇرۇن مۇقىملىشىپ بولغان بولغاچقا مائارىپمۇ مۇنتىزىم ئەندىزىگە ئىگە. ئۇنۋېرىستىتلارمۇ كىمنىڭ قاچان كىرىپ قاچان پۈتكۈزىشىنى مەكتەپتىن ئاتلاپ بولغىچە مۇقىملاشتۇرۇپ بولىدۇ.

2012-يىلى بىر ئېنىقلاشتا بايقىلىشىچە تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتكۈزۈش نىسبىتى ئون پېرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ يەردە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك نۇرغۇن سەۋەپلەر بار. ئەمما بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتىدا تولۇق كۇرۇسنى پۈتكۈزۈپ ئەنقەرەدە مۇكاپاتلىق ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشى، يەنە شۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ كەلگەن بىر دوكتۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2009-يىلى ئوقۇشنى باشلاپ 2018-يىلغىچە پۈتكۈزۈپ بولالماسلىقى  بىزگە تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدا ھەقىقى سەۋەپنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى ئويلاندۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتىدىن كەلگەن بۇ ئىككى قىزنى ئوقۇش پۈتتۈرگۈزمىگەن مائارىپ ئامېرىكىدا مەۋجۇت ئەمەس.

تۈركىيە مەستانىلىقى، ھىسداشلىققا خۇشتارلىق، جىددىي ھاياتقا كۆنەلمەسلىك، پىلانسىز تۇرمۇشقا تەشنالىق قاتارلىق ئامىللار بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى تۈركىيەگە مايىل قىلماقتا، ياريېلىمدەك چاپلاپ تۇرماقتا. كۆزى ئوچۇق كىشىلەرگە مەلۇمكى ئامېرىكا پۇسەت، بايلىق ۋە تەرەققىيات دۆلىتى. ئامېرىكا مائارىپى ياشلارنىڭ دۇنياۋىي بەيگە مەيدانى. ياشلىرىمىز تۈركىيە جامائىتى ئىچىدىكى شىرىن سۆزلەرگە، سېخى سەدىقىلەرگە، مەزىلىك كاۋاپلارغا كۆنۈپ قېلىپ ئالتۇندەك ۋاقتىنى پۇرسەتتىن، تەرەققىياتتىن ۋە يۇقۇرى سۈپەتلىك ھاياتتىن خالى ئۆتكۈزىشى ۋە بەيگە مەيدانىنى تاشلاپ تار كوچىلاردا تەمتىرەپ يۈرىشى  ئىچىنارلىق ئەلۋەتتە.

مەيلى ئامېرىكىدا ئوقۇش ياكى تۈركىيەدە ئوقۇش بولسۇن مەكتەپ ياشلار ئۈچۈن ئۇچۇرما بولىدىغان ئۇۋا، تاۋلىنىدىغان مەيدان، كۆكلەيدىغان توپراق. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياشلىقى بىر ئۇرۇقتۇر. ھىچ بىر ئەلدە ئوقۇشنىڭ يۈزدە يۈز كاپالىتى يوق. قەيەردە ئوقۇشتا بىز سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرقنى تاپىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزنى تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتتىن ئىزدەيمىز. ئىنسان تاللاشلىرى سەۋەپلىك يا مول ھوسۇل يا چۆل ھوسۇل ئالىدۇ. تاللاشتىكى مۇۋاپىقلىق بىزنى ئۈنۈمدار، پايدىلىق ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشتۈرسە نامۇۋاپىق تاللاش بىزنى كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. مەكتەپنى توپراق دېگىنىمىزدە بۇ توپراق قارىغايلار ئۆسۈۋاتقان، سۈيى مول، مۇنبەت بولسۇنكى كۆكلەپ يىلتىز تارتىشقا مۇۋاپىق بولسۇن. ئەگەر تاللانغىنى تولا كەلكۈن باسىدىغان، ياۋا ئوت يالجىتمايدىغان، يىلتىزسىز قامغاقلار بىلەن تولغان توپراق بولسا مۇساپىرچىلىقتىكى بوران چاپقۇنلارغا بەردالشىق بېرىپ كۆكلىشىمىز ئاسان بولمايدۇ.

2015-يىلى سىنتەبىردە يېزىلىپ 2018-يىلى تومۇزدا تۈزىتىلدى. تۈركىيە

 

 

ئۇيغۇردا تۈركىيەگە كۆچمەنلىك

 

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدىن يىگىرمە بىرىنچى ئەسىردىكى بۈگۈنىمىزگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى مۇنداق تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. تۇنجى قېتىملىقى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىياردىن ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە مەككە، مەدىنىدە ئوقۇۋاتقانلار، ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇرۇشقا قاتناشقان تۆت يۈزدىن ئارتۇق كىشىدىن ساق قالغانلىرى ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن يۇرتلىرىغا قايتالماي تارسۇس، چۇقۇر ئۇۋا قاتارلىق جايلاردا يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش يىگىتلەر بولۇپ، تويلاشقاندىن كېيىن يەرلىك بولۇپ تۇرۇپ قالغان. تۈركىيەدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇر ۋە ئورتا ئاسىيا شىھېتلىرى ئۈچۈن بىر ئابىدە تىكلەنگەن بولۇپ، تارسۇستا كىشىلەرگە بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋەتەننى تاجاۋۇزچىلاردىن قوغداشتىكى پىداكارلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەۋرىدە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاساسەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوغۇز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ھېلىغىچە قەشقەردىكى بوۋىسىنىڭ ئىزلىرىنى قىدىرىپ يۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ كىشى 2008-يىلى قەشقەرگە بېرىپ، بىرەر ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ تۇققانلىرىنى تاپالمىغان. تارسۇس، چۇقۇرئۇۋا قاتارلىق يەرلەردىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ باشقا ئورتا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئادانادا قۇرغان جەمئىيىتىدە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىرى مەلۇم.

ئۇيغۇردىكى تۈركىيە كۆچمەنلىكىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى 1950-يىللاردا مەيدانغا چىققان. ئىستانبۇلدىكى پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلەشلىرىچە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن 11 مىڭ 500 كىشى كەشمىرگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ،400دىن ئارتۇق كىشى يولدا قازا قىلغان. كەشمىردە تۇرۇش جەريانىدا كۆپىنچەيلەننىڭ ھەجگە بېرىش باھانىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىپ، شۇ يەردە ماكانلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم. بۇ ئۇيغۇرلار تايىف شەھرىگە كۆپرەك ماكانلاشقانلىقى ئۈچۈن،1954-يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ تۇنجى دۇنياۋىي يىغىنى شۇ جايدا ئېچىلغان. 1952 – يىلى ئۇيغۇر قازاق كۆچمەنلىرىدىن 1820 كىشى تۈركىيەگە پارلامېنتىنىڭ بىر قارارى بىلەن كۆچمەنلىككە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆپى قەيسەرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن. ئەمما كېيىنچە كۆپى ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەتكەن. شۇندىن كېيىن بۇنداق كۆچمەنلىك ئاندا – مۇندا داۋام قىلغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە ھېلىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقانلار بار. ئۇلار ھازىرمۇ باشقا ئۇيغۇرلارنى چاقىرىپ، ئاتا – بوۋىسىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر كۆچمەنلىكىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى 1960- يىللاردا ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ،1965-يىلى تۈركىيەگە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن 105 ئائىلە،  234 كىشى كېلىپ قەيسەرىگە ئورۇنلاشقان. ئىگىلىشىمىزچە بۇ كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياركەنتتىن بولۇپ، ئارىسىدا غۇلجىدىن ئىككى ئائىلىلىك بولغان. بۇلار ئەسلى خېلى ساندىكى كىشىلەر بولۇپ، ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن بىر قىسمى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا، يەنە بىرقىسمى تۈركىيەگە ماكانلاشقان. بۇ ئۇيغۇرلاردىن دۆلەت 10 يىلغىچە باج ئالمىغان، ئۆيلەرنى سېلىپ تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەر ئەسلى بىر قومۇشلۇق بولۇپ، ھازىر شەھەرنىڭ ئاۋات يەرلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار جايلاشقان مەھەللە ھازىر ئەھمەت يەسەۋى مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەھمەت يەسەۋى (1093-1166) ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخس بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا ئىسلامنىڭ ئومۇملىشىشىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان زاتتۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ھۆكمەت (ھېكمەت)» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مەھەللىگە ئەھمەد يەسەۋىنىڭ نامىنىڭ بېرلىشىمۇ، شائىرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئارىسىدىكى تەسىرىدىن بولغان. ئۈچىنچى قېتىملىق كۆچمەنلەرنىڭ ئايرىم مەھەللىسى بولغاچقا ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خېلى مۇكەممەل ساقلىيالىغان.

تۆتىنچى قېتىملىق كۆچۈش 2009-يىلدىكى تومۇز ۋەقەسى بىلەن باشلانغان. شۇ يىلى تۈركىيەدە خېلى بۇرۇندىن نوپۇسسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئومۇمىيۈزلۈك پۇقرالىق بېرىلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى كۆچمەنلىك قىزغىنلىقىنى كۈچلۈك زەرەتلىگەن. ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە ئەرزىيەتلەر سەۋەبىدىن كىشىلەردىكى كۆچۈش قىزغىنلىقى 2014 – يىلى رامىزان ئېيىدىن باشلاپ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە 2015- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 7 – 8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەگە كەلگەن. بۇ يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ بىرقىسمى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسمى ھازىر قەيسەرىدە بولۇپ،1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىر قوروجاينىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.

تۆتىنچى قېتىملىق كۆچمەنلەرنىڭ پۇقرالىق ئېلىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمىغان بولۇپ، ئىقامەت ئېلىپ ھاياتىنى داۋام قىلماقتا. بۇ يېڭى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسلىسى ئىش ئىجازىتىنىڭ چىقماسلىقى بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئىشسىزلىق، ۋەتەندە ئالغان ھەر خىل كەسىپلەردىكى لاياقەتنامىلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىنماسلىقى ۋەجىدىن خىزمەتكە كىرەلمەسلىك، تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە – يوسۇن ۋە تەرتىپلىرىنى بىلەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك تەمتىرەش قاتارلىقلار ئىكەن. كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەنلەر ياۋرۇپاغا چىقىپ كېتىشنىڭ تەييارلىقىدا ئىكەن. قارىغاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپادەك پاراۋانلىق سىستېمىسىغا ئىگە ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

كۆچمەنلىك ھادىسىسى جاھاندىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى، مۇستەبىتلەرنىڭ بېسىمى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ مەجبۇرلىشى، ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىقى، چىرىك تۈزۈمنىڭ زۇلىمى، نامۇۋاپىق سىياسەتنىڭ تەقىپلىشى ۋە جازالىشى، ئىجتىمائىي ئادالەتىسزلىك، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش، سۇ مەنبەلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، نامراتلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئۆزىگە مەلۇم سەۋەبلەرنىڭ قىستىشى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە كېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلار 1949-يىلدىن كېيىنكى كۆچمەنلىكتە پاكىستان، تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋا ئىئوردانىيە قاتارلىق ئەللەرنى تاللىغان بولۇپ بۇ تاللاش بۈگۈنگىچە ئاساسلىق ئېقىن بولۇشنى داۋام قىلماقتا. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا دەسلەپكى يىللاردا بۇ ئەللەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردا بايلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگىنىگە قارىماي تەدىرىجى ھالدا بايلىقتىن مەھرۇملارنىڭ ئۇزاق ئۆتمەي كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىشى بولماقتا. ئۇيغۇر بايلارنىڭ بايلقىنى كۆپەيتمەكتە يوق پەقىرلىك كوچىسىدا تەمتىرەپ  يۈرۈشى ئۆتمۈشتىكىلا ئەمەس بۈگۈنكى تۈركىيەدىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقان ھادىسە.  مۇقىم كىرىمى بولماسلىق، مۇقىم مەھەللىسى بولماسلىق، مۇقىم تۇرالغۇسى بولماسلىق ئۆتمۈشتە ۋە ھېلىمۇ ئاچچىق بىر ئەمەلىيەت. گەرچە ئىتىقاتتىكى بىرلىك، مەدەنىيەتتىكى يېقىنلىق ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق مۇسۇلمان ئەللەرگە بولۇپمۇ تۈركىيەگە مايىل قىلىۋاتقان بولسىمۇ نامراتلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، زىياننىڭ ئومۇلىشىپ پايدىنىڭ قارىسى كۆرۈلمەسلىك، ئىقتىساتنىڭ سەۋەپسىز خوراپ كېتىشى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى سەمىمىيەتسىزلىك، ئالدامچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك سەپىرىدە يولنى ئىزچىل خاتا تاللاپ كېلىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمانلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولماقتا.

تۈرك چاغداش ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردا

 

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك چاغداش ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچرىشىشى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باشلانغان. بۇ ئۇچرىشىشقا شۇ دەۋىردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋىج ئالغان ئىككى ئېقىم سەۋەبچى بولغان. بىرى تاتارلاردىن باشلىنىپ ئۇيغۇرلاردا ئويغىنىشقا سەۋەپ بولغان جەدىتچىلىك ھەرىكىتى. يەنە بىرى ماركىسىزم بىلەن قوراللانغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچرىشىشىغا سەۋەبچى بولغان جەدىتچى شائىرلاردىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقىمىزگە تۈركلەردە مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىغا بايراقدار بولغان ئەدىپ نامىق كەمالنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇرلاردىن يېتىشكەن ماركىسىزمچى مىللەتچىلەر ئۆز ئىددىيەسىگە ماس ھالدا نازىم ھېكمەتنىڭ شېئىر ۋە دراممىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان. نازىم ھېكمەت كوممۇنىستىك پىكىر ئېقىمىدىكى كىشى بولۇپ، ئاشقۇن ھەرىكەتلەردە بولغىنى ئۈچۈن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ چاغداش تۈرك ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن كەڭرەك ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىنى ئۇيغۇر ئىلىدە 1980- يىللارنىڭ بېشىدا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇ يىللاردا تۇنجى بولۇپ رېشاد نۇرى گۈنتېكىننىڭ مەشھۇر رومانى «چالىقۇشى» نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىدە مىسلىسىز ھاياجان ئويغاتقان ئىدى. بۇ رومان تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم تەرىپىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەلبىنى گۈزەل سۆيگۈ ئۇپۇقلىرىغا ئىنتىلدۈرگەنلىكى بىلەن ھېلىمۇ مەشھۇر. مەغرۇر، شوخ، قەيسەر، جاھىل، ئوتلۇق قىز پەرىدەنىڭ ئوبرازى 1980- يىللاردىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ مەنەۋىي دۇنياسىدىكى ئارزۇلۇق سىيما بولۇپ قالغان. شۇ يىللاردا شېئىرىي خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بۇ جەلىپكار رومان ياشلارنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتابى ئىدى. ئۇلار بۇ روماندىكى پەرىدە بىلەن كامراننىڭ ئەگرى-توقاي مۇھەببەت ھېكايىسىدىن ئۆڭمەس ئۈلگە ۋە تۈگىمەس زوق ئالاتتى. مۇھەببىتىگە داغ چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قېيداپ قاچقان پەرىدەنىڭ تۈگمەس ئېزىلىش، ئىزتىراپ ۋە تۈرلۈك سىقىلىشلار بىلەن تولغان ھەسرەت-نادامەتلىك ھاياتى قىزلارغا قەيسەرلىكنى ئۆگەتكەن ئىدى. روماندىكى يوشۇرۇن سۆيگۈسىگە ساداقەت بىلەن ياشىغان قىزنىڭ چىدامچان، مىھرىبان، جاھىل خاراكتېرى قىزلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىغا قۇۋۋەت بەخش ئەتكەن ئىدى.

رىشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ «چالىقۇشى»دىن كېيىن، ساباھىدىن ئەلىنىڭ «يېتىم يۈسۈف» رومانى ۋە «جۇۋىلىق خانىم» ناملىق پوۋېستى، ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق» ناملىق رومانى، نەجاتى جۇمالىنىڭ «سۇسىز ياز» ناملىق پوۋېستى، كەرىمە نادىرنىڭ «ئۇيقۇسىز كېچىلەر»، «سامان يولى»، «ئۆكسۈش» ناملىق رومانلىرى، ئەزىز نەسىننىڭ ھەجۋىي ھېكايىلىرى، ئۆمەر سەيفەتتىننىڭ «ئاق لالە»، «بومبا» قاتارلىق نادىر ھېكايىلىرى ۋە «پىرمو تۈرك ئوغلى» ناملىق ئېسىل پوۋېستى ئارقا-ئارقىدىن ئانا تىلىمىزدا نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىكى روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتى ۋە جوڭگۇ ئىنقىلابى رېئالىزملىق ئەدەبىياتى تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىجادىيەت خاھىشىنى ئاز تولا بولسىمۇ يېڭىلىدى. ئەدىپلەرگە ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرلۈك سەنئەتلىك نوقتىسىدىن چىقىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانغا بىر ئەندىزە، بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىزدىنىش ئىستىكى كۈچلۈك ياش يازغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەر چۈشەنچىسى ۋە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئەسەرلەر ئۆزنۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چۈشەنچىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

1990-يىللاردا تۈرك ئەدەبىياتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرلۇشى يېتەرلىك بولمىدى، تەرجىمىدىمۇ بەزى مەسىلەلەر ساقلاندى. بۇ يىللاردا سۇئات دەرۋىش خانىمنىڭ «ئەنقەرە مەھبۇسى»، ئەزىز نەسىننىڭ «مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم»، «ھازىرقى بالىلار كارامەت»، رىشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ «لەۋدىن قەلبكە» نەشىر قىلىنغان بولدى. «لەۋدىن قەلبكە»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوپال، ئاددى ۋە تۈزلا چىقىپ قالغاچقا «چالىقۇشى» قوزغىغان ھاياجاننىڭ يېرىمىغىمۇ ئېرىشەلمىدى. بۇ يىللاردا «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا خىتايچىدىن تۈرك ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئاز ساندا ھېكايە، شېئىر ۋە نەسرلەر تەرجىمە قىلىندى. خۇشاللىنارلىقى، ئەزىز نەسىننىڭ ھېكايىلىرى ئىزچىل ئېلان قىلىنىپ تۇردى. تۇرسىناي ساقىم خانىم ئەزىز نەسىننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى تەرجىمە قىلدى. ئەمما ئەزىز نەسىن ھېكايىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچىغا تۈركچىدىن ئەمەس، خىتايچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى.

2000-يىللاردا «چالقۇشى» ناملىق رومان ئاساسىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ تەرجىمە فىلىم خېلى راۋان، گۈزەل تەرجىمە قىلىنغان ۋە سۈپەتلىك ئىشلەنگەچكە، ئۈن-سىن بازىرىدا ئاجايىپ ئالقىشلاندى. نەتىجىدە «چالىقۇشى» رومانىنىڭ قايتا نەشىر قىلىنىش زۆرۈرىيىتى توغۇلدى ۋە چىقىشى بىلەنلا بەس – بەستە سېتىلىپ تۈگىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، رىشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ «خازان پەسلى»، «لەۋدىن قەلبكە» دېگەن رومانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈرۈتكىسىدە ئۇيغۇر ئىلىدە بۇ رومانلار قايتا نەشىر قىلىنمىدى. رېشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ «تامغا»، «ئېچىنىش» ناملىق رومانلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، «چالىقۇشى»غا ئوخشاش زىلزىلە پەيدا قىلالمىدى.

2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا شەكىللەنگەن تۈركىيە قىزغىنلىقى تەسىرىدە تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ ئالقىشلىنىشقا باشلىدى. «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تارىم» قاتارلىق ژورناللاردا تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەلەرلىرى پات – پات ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئورخان پامۇقنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «يېڭى ھايات»، ئۆمەر سەيفەتتىننىڭ «ئۆمەر سەيفەتتىن ھېكايە پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، ئۆمەر زۈلفۇ لىۋانئەلىنىڭ «ئىستانبۇلنىڭ بەختى» قاتارلىق كىتابلار نەشىر قىلىندى.

چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ يازغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئەسەرلىرى كەڭرى تونۇشتۇرۇلغانلىرىغا قارىساق، سولچىلىق-كومۇنىستلىق تەرەپتارى دەپ قارىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن: نازىم ھېكمەت، ساباھەتتىن ئەلى، نەجاتى جۇمالى، سۇئات دەرۋىش، ئەزىز نەسىن…قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈركۈمدىكى يازغۇچىلاردۇر. تۈرك چاغداش ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغانلىرىدىن رىشات نۇرى گۈنتەكىن، ئۆمەر سەيفەتتىن ۋە ئەزىز نەسىننى كۆرسىتىش مۇمكىن. يەنە بىرى ئۇيغۇرلارغا ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە 20-ئەسىردە ياشاپ ۋاپات بولغانلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپرەك. ژانىر جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسەن نەسىرى ئەسەرلەر تەجىمە قىلىنغان بولۇپ، تۈركچىدىن بىرەرمۇ شېئىرلار ۋە درامملار توپلىمىنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى.

مىللەتلەشكەن تۈركلەر ۋە يېرىم يولدىكى ئۇيغۇرلار

 

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا «بۇ تۈركلەر ئادەتتە ئۇ پارتىيە بۇ پارتىيەگە بۆلۈنۈپ پېتىشمايدىكەن، ئەمما ۋەتەن دېگەندە بىر يۈرەك بولىدىكەن» دېگەن گەپلەر كۆپ تەكرارلىنىدۇ. ئون يىل بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۈرۈمچىگە توشۇپ بارغان ئىدىم. ئادەتتە خەقتە بار بىزدىمۇ بار نەرسە ئاسان كۆزگە چېلىقمايدۇ. بىزدە بولمىغان ئەمما بولۇشى كېرەك بولغان نەرسە خەقتە كۆرۈلگەن ھامان ئاسان كۆزگە چېلىدۇ. قارىغاندا بىزدە پەرقلىق قاراشلار قوبۇل قىلىنغان بىلەن ئەجەللىك پەيىتتە ئورتاق نىيەت ۋە ھەرىكەتتە بولماسلىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. نېمە ئۈچۈن تۈركلەر ئاپەت ئالدىدا ھەممە ئادەم پىتراپ جېنى بىلەن قالماي، بىر جان بىر تەن بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ؟ مەنچە تۈركلەر مىللەت بولۇشنى تاماملاپ بولغان.

ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈرلۈك قۇتۇلۇش يوللىرى مەيدانغا چىققان. دەسلەپ ئىسلامچىلىق، ئۈممەتچىلىك شۇئارى توۋلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پادىشاھ غازات چاقىرىقى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ بۈگۈنكى تۈركىيە توپراقلىرىدا جان بەرگەن. ئەمما بۇ چاقىرىق پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق ساداسىغا ئايلىنالمىغان. ئەرەپلەردە كۆتۈرۈلگەن مىللەتچىلىك يەمەندە خەلىپىلىك ئارمىيەسىنى ئەڭ زور تالاپەتكە دۇچار قىلغان. تۈركلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغان. تۈركلەر ئىچىدىكى بىر بۆلۈك سەرخىللار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، تاتار زىيالىلار قوزغىغان پانتۈركىزم ئىددىيەسىگە تېخىمۇ مايىل بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن پانتۈركىزىم بىلەن پانئىسلامىزم زىددىيىتى مەيدانغا چىققان. بۈگۈنكى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى پانئىسلامىزمغا بەكرەك يېپىشىپ خەلىپىلكنى يۆلەشتە چىڭ تۇرغان. پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا بۇ زىددىيەت نامايەن بولغان. مەسىلەن، خوتەندە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئىسلام ئەمىرلىكى دېيىلىپ، قەشقەردە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەت دېيىلىشىمۇ مىللەتچىلىك ۋە ئىسلامچىلىقنىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرىدىكى ساداسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئەينى دەۋىردە قەشقەر، تۇرپان ۋە غۇلجىغا مىللەتچى كۈچلەر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، خوتەنگە شۇ چاغدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىكىگە قارشى كۆرەشتە قورال بولغان ئىسلامچىلىق بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن.

مۇستاپا كامال بۇ زددىيەتلەر ئىچىدىن ئۈممەتنى مەقسەت قىلغان ئىسلامچىلىق ياكى پۈتكۈك تۈركلەرنى قۇتقۇزىدىغان پانتۈركىزىمنى ئەمەس، خەلىپىلكنىڭ خارابىلىرى ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بۈگۈنكى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىدىغان تۈرك مىللەتچىلىكىنى يول قىلغان. مۇستاپا كامالنىڭ قۇرغىنى مىللىي دۆلەت بولۇپ، خۇددى گېرمانىيە پۇقرالىرىغا گېرمان، فرانسىيەدە ياشايدىغان بارلىق كىشىگە فرانسوز دېيىلگەندەك تۈركىيە پۇقرالىرىغا تۈرك دېيىشنى بېكىتكەن. تۈركىيەنىڭ شۇ دەۋىردىكى ئاساسى قانۇنىغىمۇ تۈركىيە پۇقرالىرىغا تۈرك دېيىلىدۇ، دېيىلگەن. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇملاشقان تۈركىيەلىك دېگەن سۆز بىزگە نورمال تۇيۇلغان بىلەن تۈركلەرگە تۈرك تىلىدا دېيىلسە غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك مىللىي مۇراسىملار ئارقىلىق تۈركىيەدە ياشايدىغان كىشىلەرنى تەدىرىجى مىللەتلەشتۈرۈشكە باشلىغان. بۈگۈنگىچە بولغان 95 يىل ئىچىدە تۈركىيە خەلقى بىر بايراق، بىر دۆلەت، بىر مىللەت ۋە بىر ۋەتەن دېيەلەيدىغان ھالغا كەلگەن. 2016-يىلدىكى ھەربىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىىيغا ئارىلىشىش سۈيىقەستىدە، كىشىلەر يۇقىرىقى بىر مىللەت روھىنى نامايەن قىلىپ، بىر بايراقنى كۆتۈرۈپ ۋەتەن ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى.

ئۇيغۇرلار مىللەتلەشمەك يولىدا ماڭغانغا نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر بالىسى دەپ ئاتىغا 1910-يىللاردىن باشلىغاندا 100 يىلدىن ئاشتى. لېكىن بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقالمىغىنى ئۈچۈن مىللەت بولۇش جەريانى تاماملىنىپ بولمىدى. بۇنىڭ ۋەتەندىكى ئىسپاتى 1990-يىللار ۋە 2000-يىللاردا دولقۇن پەيدا قىلغان «بىز ئۇيغۇرمۇ-مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن مۇنازىرە ۋە ئايرىمچىلىقتۇر. ۋەتەن سىرتىدىكى ئىسپاتى قارا بايراقلىق ئۇيغۇرلار بىلەن كۆك بايراقلىق ئۇيغۇرلار پەيدا قىلغان جامائەتكە بەيئەت قىلىپ مىللەتنى رەت قىلىش قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ زىددىيەتلەر نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆك بايراق ۋە قىزىل بايراق كۆرىشى قارا-كۆك بايراقلىقلارنىڭ ئىچكى كۆرىشىگە ئۆزگىرەپ كەتتى. ئۇيغۇرلار تولۇق مىللەتلەشمەي تۇرۇپلا مىللىي داۋادىن يولغا چىقىپ ئۈممەت داۋاسىغا كىرىپ قالدى. تۈركلەرنىڭ مىللەتلەشكەن بۈگۈنكى غەلىبىسى، مۇستاپا كامالنىڭ ئۈممەتتتىن مىللەت يارىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ غەلىبىسى بولغان بولسا، ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتتىن ئۈممەتكە يۈزلىش خاھىشى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ 90-يىللاردا خىتايغا قارشى كۆرەشتە خەلقئارا جىھادىزمنى قورال قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

تۈركلەرنىڭ مىللەتلەشكەن بۈگۈنكى غەلىبىسىگە قارايدىغان بولساق تەرغىپ قىلىنىۋاتقان مىللەت، ۋەتەن، بايراق، دۆلەت دېگەن تۆت بىرلىكنىڭ ئىچىدە دىندا بىرلىك، ئىددىيەدە بىرلىك ۋە پارتىيەدە بىرلىك تىلغا ئېلىنمىغان. تۈركلەر تۈركىيەدە مەۋجۇت بولغان مۇسۇلمانلىق، خىرىستىيانلىق، مۇسەۋىيلىك قاتارلىق ئۈچ چوڭ ساماۋىي دىننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق قوبۇل قىلغان بولسا، كومېنىستلىق، ئاتىئىزم، سۇرىيانىلىق ۋە ئالەۋىيلىكنىمۇ شۇنداق قوينىغا ئالغان. تۈركلەر بۇلارنى تۈرك مەدەنىيىتىدە زىددىيەتنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بايلىقنىڭ، رەڭدارلىقنىڭ خۇرۇچلىرى دەپ قوبۇل قىلغان.

ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرگە ئوخشاش بىر بايراق، بىر ۋەتەن، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەت دېگەن ئامىللار ئاساسىدا مىللەتلەشمەكتىن باشقا چارە يوق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مۇسۇلمانلىق ياكى خرىستىيانلىق شەخسي كىملىك بولۇپ، مىللىي كىملىك ئەمەس. مۇسۇلمانلىق، كومېنستلىق، خرىستىيانلىق تاللىغىلى ۋە ۋاز كەچكىلى بولىدىغان خۇسۇسى تاللاش مەسىلىسى بولغاچقا، بۇ ئامىلنى شەخسنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇش بۈگۈنكى مىللەتلەشكەن ۋە غەلىبە قىلغان مىللەتلەرنىڭ يولىدۇر. ئەگەر ئۇيغۇر يۇقىرىقى تۆت ئامىل ئاساسىدا مىللەتلەشمىسە، شەخسىي تاللاشلار بولغان پۇقرالىق، مۇسۇلمانلىق قازىنىدا شەخس سۈپىتىدە ئېرىپ كەتمەكتىن باشقا چارەسى يوق.

بۈگۈنكى ئۇيغۇردا تۈركىيە

 

  1. 1. ئۇيغۇردا تۈركىيە چۈشەنچىسى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ توپراقلىرىغا سەپەر قىلغان قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى تارىختىن بېرى ئاساسەن ئەدەبىي يوللار بىلەن يېڭىلىنىپ تەرىقەتچىلەر، ھاجىلار ۋە سودا كارىۋانلىرىنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن بېيىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىكى «غېرىپ – سەنەم» داستانىدا دىيار باقىر شەھرىنىڭ زىكىر قىلىنىشى بۇنىڭغا بىر مىسال بولۇپ ياڭراپ تۇرۇپتۇ.

ياقۇپ بەگ زامانىدا دىيارىمىزدا ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخان نامىغا خۇتبە ئوقۇلغان. ئارخىپلاردا ئۇنى قەشقەر ئەمىرى، قەشقەر ھاكىمى، قەشقەر خانى دەپ يازغان. 1875-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ ۋەكىللىرى بەگقۇلى ۋە خانقۇلى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ھەققۇلى دەپ يېزىلىدۇ، ئەمما ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا بىر يەردە ھەققۇلى يەنە بىر يەردە خانقۇلى دەپ يېزىلىپتۇ) دېگەن ئوغۇللىرى ئىستانبۇلغا كەلگەن. مۆھتەرەم تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ غېرىپ خانىسىدە مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققان تارىخ كىتابىنى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەھكۇم ۋەتىنىدىن تولىمۇ ئۇزاقتىكى تۈرك خەلىپىسى ئابدۇلھەمىدخانغا ئارمىغان قىلغان ۋە «تارىخى ھەمىدى» دەپ ئاتىغان. ئەپسۇسكى بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە نەشىرى بۈگۈنگىچە يورۇق كۆرمەپتۇ. بۇ كىتاب ئەينى دەۋىردە ئابدۇلھەمىدخاننىڭ قولىغا يەتمىنى ئازدەك، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تۈرك نەۋرىلىرىنىڭمۇ قولىقىغا يەتمەپتۇ.

ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بارغانلىقى مەلۇم. ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ تەخت ۋارىسى بولغاندىن كېيىن، سۇلتان ئابدۇلھەمىتخانغا بەيئەت قىلغان ۋە سوۋغاتلارنى ئەۋەتكەن. بەگقۇلى بەگنىڭ ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرى ئىچىدە چايمۇ بولغان. (بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى خىتاي مەستانىلىرىمۇ چاي ئەكەلدۈرۈپ ئىچىدىكەن.) ئۇ ئىستانبۇلغان كېلىش ئارزۇسىدا پادىشاھقا مەكتۇپ يازغان، ئەمما تاشكەنتتە روسلارنىڭ قولىغا چۈشكەن. ياقۇپ بەگنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە ئوسمانلىدا تۇرۇشلۇق دېپلۇماتىيە خادىمى ياقۇپخان قاتارلىقلار قەشقەرىيە خان جەمەتى دېيىلىپ ئىستانبۇلدا ئىززەتلەنگەن.

1875-يىلى غۇلجىدا ياشايدىغان ھۈسەيىن مۇسابايوف پۇل ئىئانە قىلىپ، داروششافاقا دېگەن مەكتەپكە تېلىفون قاتارلىق زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ بەرگەن. ئىئانە مىقدارى قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى تارىخ ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ئارخىپلىرىغا يازغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتى تۈرلۈك يوللار بىلەن داۋام قىلغان. زامانىۋىي ئاخباراتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يېتىپ كەلگەن تۈركلەر ھەققىدىكى مەلۇمات 1883- يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان «تەرجىمان» ناملىق گېزىتكە تۇتىشىدۇ. جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ئىسمائىل غاسپىرالى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىت 35 يىل چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرى ھەققىدە ئەمەلىي مەلۇمات بەرگەن. مۇشۇ مەلۇماتلار تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلاردا زامانىۋىي مائارىپنىڭ ئۇلى سېلىنغان. جەدىتچە (يېڭىچە) ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قاناتلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش دائىرىسى كېڭەيگەن.

مۇشۇنداق ئاخباراتلار نەتىجىسدە تۈرك توپراقلىرىنى ئىشغالدىن ئازات قىلىش يولىدىكى قۇرتۇلۇش ئۇرۇشىغا ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىدىن كېلىپ جانلىرىنى ئاتىغان. بىزدىن ئۇرۇشقا 450 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ 150 ئەتراپىدا كىشى ھايات قالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئادانادا ھېلى ھەم ھايات. بۇ شىھىتلەرنىڭ تارسۇستا مەخسۇس بىر قەبرىستانلىقى بار. ئۇيغۇرلاردىن شۇ قېتىم قاتنىشالمىغانلىرى يىللارچە شېھىدلەرنى ياد ئېتىپ چاناق قەلئە زىيارىتىگە بېرىشنى پەرز ھەجىدىن كېيىنكى بىر بۇرچ بىلىپ داۋام قىلىپ كەلگەن.

«ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقى تۈركىستان» دېگەن كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج يولىدا ئىستانبۇلدا تۇرۇپ ئۆتۈش ئارزۇلىرى ئىپادىلەنگەن مەكتۇپلار ساقلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇمۇل، تۇرپان ۋە سايرام قازىلىرىنىڭ بار بولۇپ، قومۇل قازىسىنىڭ يېزىشىچە شۇ چاغدا (1906-يىلى) قومۇل شەھرىدە 80 مىڭ نوپۇس، 300 مەسچىت بار بولغان. تۇرپاندا بىر مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇس بارلىقى يېزىلغان.

1913-يىلى ئۇيغۇرلار ئوسمانلىنى قوغداش ئۈچۈن بالقان ئۇرۇشىغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئىئانە توپلاپ ياردەم قىلغان. بۇ ئىئانىلەر قەشقەر ۋە غۇلجىلاردا توپلىنىپ روسىيە بانكىلىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يەتكۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا دۇنيادا قوللىنىۋاتقان پۇل فرانك بولغاچ پۇل بىرلىكى شۇ پېتى ھېساپلانغان.

ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن باشقا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزغا زامانىۋىي مائارىپنى ئېلىپ كەلگەن ئەھمەد كامال ۋە دىيارىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغان زىيالىلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان. قەشقەردە مەكتەپ ئاچقان ئەخمەت كامالنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىستانبۇلدا ئوقۇپ مىللەتنى ئاقارتىش يولىدا جان بەرگەن مەمتىلى ئەپەندىمۇ پەننىي مائارىپنىڭ پەرۋىشكارى بولغانىدى.

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئەللىك يىلىدا ئۇيغۇلارنىڭ جاھان يېڭىلىقلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇرۇنقى دەۋىردىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تايىنىپ داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلارغا يېڭى دۇنيا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىككى مەنبەلىك بولۇپ بىرى جەدىتچىلىك تەشەببۇسچىلىرى چىقارغان «ۋاقىت»، «شۇرا» قاتارلىق گېزىتلەر ۋە قەشقەردىكى «ئاڭ»، ئۈرۈمچىدىكى «ئەرك» قاتارلىق زامانىۋىي مەنىدىكى مەتبۇئاتلاردۇر. يەنە بىرى ماركىسىزم تەرغىباتچىلىرىنىڭ شەرق ھەقىقىتى، قازاق ئېلى قاتارلىق نەشىر ئەپكارلىرى ۋە ۋەتەندىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، تۈرلۈك ناملاردا غۇلجىدا بېسىلغان گېزىتلەردۇر. جەدىتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر چۈشەنچە دۇنياسىدىكى تەسىرى دىيارىمىزدا كومۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن تىكلەنگەندىن كېيىن ئەمەلىي كۈچ سۈپىتىدە ئاياقلاشقان. روسچىلاشقان ماركىسىزم تەرغىباتىنىڭ تەسىرى بولسا تېخىمۇ ئومۇملاشقان. مەسىلەن: بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىدا ۋىنگىرىيە، گىرىتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ناملىرى رۇسچە تەلەپپۇزى بويىچە ئۆزلەشكەن بولۇپ، تۈركچىدىكى ماجارىستان، يۇنانىستان ۋە ھوللاندا دېگەن بويىچە قوبۇللانمىغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى چەتئەلدە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە سوۋېت مەنبەلىك بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە بىلەن روسىيە تەسىرىنىڭ تەڭلا مەۋجۇدلىقىنى دەلىللەيدۇ. تەبىئىكى، سوتسيالىستىك ئۆزگەرتىشتىن كېيىن تۈركىيە تەسىرى ئىمكانسىزلاشقان.

ئىككى مىڭىنچى يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى كومۇنىستىك مەتبۇئاتنىڭ تەشۋىقاتىدىن، مائارىپتىن ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئوزۇقلىنىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارغا ئەسەرلىرى ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كەلگەن نازىم ھېكمەت تۈركىيەدىكى شىددەتلىك كومۇنىستىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك پۇقرالىقتىن چىقىرىۋېتىلگەن كىشى ئىكەن. شۇڭا ئەزىز نەسىن، ساباھەتتىن ئەلى، نازىم ھېكمەت قاتارلىقلارنىڭ كومۇنىستىك پىكىردىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ئەلۋەتتە، تۈركىيە رېئاللىقىنىڭ ئەدەبىي يۈزى سىياسى مەۋقەلەردىن مۇستەسنا بىر شەكىلدە ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىگە سۇنۇلمايمۇ قالمىغان. مەسىلەن: كەرىمە نادىر، رەشات نۇرى گۈنتەكىن، ياشار كامال قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن سۆيۈلگەن مەرھۇم تۇرسۇناي ساقىم خانىم تۈركلۈك مۇھەببىتى چوڭقۇر قەدىردانلىرىمىزدىن ئىدى.

1993-يىللىرىغۇ دەيمەن. بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىر قېتىملىق تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئوقۇغۇچى بولۇشۇمغا قارىماي ياندىن قاتنىشىۋالغان ئىدىم. يىغىندا تۇرسۇناي ساقىم خانىم بىلەن ئۇستاز خەمىت تۆمۈر ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرچىمىزنىڭ ئورتاق تۇركچىنىڭ بىر پارچىسىمۇ ياكى مۇستەقىل تىلمۇ؟ دېگەن مەزمۇندا مۇنازىرە بولغانىدى. خەمىت تۆمۈرتۈركى تىللارنىڭ ئاللىقاچان مۇستەقىل تىللارغا ئايلانغانلىقىنى دەلىللىسە، تۇرسۇناي خانىم تۈركلەرنىڭ ئورتاق تىلغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورتاقلىقنى كۈچلەندۈرۈش ۋە داۋام قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى دەرسلىكىدە ئۆتۈلىدىغان ئوسمانلى خەلىپىلىكى، مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. جوڭگۇدا يىللاردىن بېرى كۈندە يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پروگراممىسىدىكى تۈركىيەگە ئائىت مەزمۇنلار ۋە باشقا گېزىت – ژورناللاردىكى ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ بېيىشىغا خۇرۇچ بولغان.

خۇلاسىلىگەندە، تاكى ئىككى مىڭىنچى يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچە دېگىنىمىزدە ئاساسەن زىيالىلار قاتلىمىدىكى چۈشەنچىنى كۆزدە تۇتىمىز. ئىككى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىنكى تۈركىيە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئاممىۋىي ھاياجان بولۇپ، تەسىرى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭ ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر ئېقىمدۇر.

«غەرپلەشكەن» تۈركىيە

 

ماڭا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى سەلبى تەسىراتى «تۈركلەرنىڭ غەرپلىشىپ كەتكەنلىكى»دىن ئىبارەت ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە ماڭا تۈركىيە بەزىدە بارغانچە شەرقلىشىشتىن قۇتۇلالمايۋاتقان دىلىغۇل بىر ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. شەخسكە چوقۇنۇش، قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرسىزلىك، قانۇننىڭ ئىجراسىزلىقى، شەخسنىڭ نوپۇزىنى قانۇندىن ئۈستۈن قويۇش، ھەر يەردىكى سەمىمىيەتسىزلىك، ئىشلارنىڭ پىرىنسىپ بويىچە ئەمەس، ھېسسىيات بويىچە بىجىرىلىشى قاتارلىق مۇستەبىت شەرقتە ئومۇملاشقان ھالەتلەر تۈركىيەدىمۇ مەۋجۇد. بۇ قېتىمقى داربىدىن شۇ مەلۇم بولدىكى، بۇ ئەلدە ئارمىيە دۆلەتنى، پۇقرانى قوغدىماي ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىدۇ ۋە پات – پات ھەربى ئۆزگىرىش قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال شەرقلەشكەن سۈرىيەدە، رۇسسىيەدە ۋە مىسىردا ئۇچرايدۇ. 15- تومۇزدىكى ئىشقا ئاشمىغان داربە-ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش، تۈركلەرنى ھۆرلۈكتىن ئايرىپ، شەرقلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

تۈركىيەدە شەرقلەشكەن ئەللەردىكىدەك ئىدىئولوگىيە مائارىپى مەۋجۇد. باشلانغۇچنىڭ دەرسلىكلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە دۆلەت بايرىقى، دۆلەت مارشى، ئاتاتۈركنىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دەرسلىك كىتاپلاردىن ئورۇن ئالغان بولىدۇ. ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى، تۈرك مىللىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى، تۈرك دۈشمەنلىرىنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى، تۈركىيەنىڭ رەقىپلەرنىڭ قورشاۋىدىن قانداق قەد كۆتۈرگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىدىئولوگىيەلەشتۈرۈپ تارىخ، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەرگە سىڭدۈرىدۇ. خۇددى ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەردە كىچىككىنە بالىلارغا كاتتا ئىدىئولوگىيە يۈكلەنگەندەك. بۇ مۇستەبىت شەرقتە ئەينەن داۋام قىلىۋاتقان ئەندىزە بولۇپ، مائارىپتا ئىنسانلىق، تەرەققىيات ۋە ئىلىمنىڭ ئەمەس، ئىدىئولوگىيەنىڭ تەكىتلىنىشى چېكىنگەنلىك، شەرقلەشكەنلىك دەپ قارىلىشى كېرەك.

تۈركىيەنى غەرپلەشكەندەك كۆرسىتىپ قويىدىغان يەنە بىر ئامىل يېزىق ئىكەن. چۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە يېزىق ئىسلاھاتى بولغان بولۇپ، قۇرئاننىڭ يېزىقى بولغان ئەرەبچىنىڭ ئورنىغا لاتىنچە يېزىق ئالماشقان. بۇ كىشىلەرگە غەرپلەشكەنلىكتەك تۇيۇلغان بولۇشى ئىھتىمال. يېزىق ئالماشتۇرماقچى بولغانلار ئەينى دەۋردە ساۋاد چىقارماق قىيىن، مائارىپتا تەرەققىي قىلماق زور، زامانىۋىيلىققا ماس كەلمەيدۇ… ئاقىلەي – كۆكىلەي دېگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە بۈگۈنلەردە دېيىلىۋاتقان سەۋەپلەرنى شۇ چاغلاردا داۋا قىلىشپتىكەن. ئەمما شۇ يېزىق ئالماشقان بۈگۈنكى تۈركىيەدىن يېزىق ئالماشتۇرمىغان ياپۇنىيە بەكرەك ئىلغار، تېخىمۇ غەرپلىشىگلىك. ئەگەر يېزىق ئالماشتۇرۇش غەرپلەشكەنلىك بولىدىغان بولسا، مەدەنىيەت ئېنقىلابىدا لاتىنچىغا ئوخشايدىغان خەنسۇچە پىنيىننى قوللىنىشقا زورلانغان ئۇيغۇرلار دەھشەت «غەرپلىشىپ» كەتكەن بولىدۇ. قىزىق يېرى، ھەقىقەتەن غەرپلىشىپ كەتكەن لىۋان، مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ ئەرەب خىرىستىيانلىرى قۇرئاننىڭ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.

تۈركىيەنى غەرپلىشىپ كېتىپتۇ دېگەنلەر يەكۈننى ئاياللارنىڭ ئۈستى – بېشىدىن ئالغاندەك قىلىدۇ، بولمىسا تۈرك ئاياللىرىنىڭ قولىدىكى تاماكا، ئۇچىسىدىكى ئۇزۇن-قىسقا كىيىم پاكىت قىلىنمىغان بولاتتى. مەن «غەرپلىشىش»نى ئاياللارغا دۆڭگەيدىغان، مىللەت ئەخلاقىنى ئۇلارنىڭ كىيىمى بىلەن ئۆلچەيدىغان كىشىلەرگە ھەيران. ئەمەلىيەتتە تۈزۈم، ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە بەكرەك غەرپلىشىپ كەتكەن، نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن ئارتۇقى خىرىستىيانلاشقان كورىيەگە قارىساق، ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشى كىنولاردىكى تۈرك خانىم قىزلىرىنىڭكىدىن يېپىقكەن. تاماكا ئىستىمالى غەرپلەشمىگەن ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە غەرپلەشكەن دېيىلىۋاتقان ياپۇنىيە، سىنگاپور، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. قىسقىسى، ئاياللارنىڭ كىيىنىشى ۋە تاماكىنىڭ «غەرپلىشىش» بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق.

«غەرپلەشمەك» دېگەن بۇ مەسىلە ئويلارغا سازاۋەردۇر. زادى غەرپلىشىش دېگەن نېمە، ئۇنىڭ ئىپادىلىرى قانداق، قانداق ئاقىۋەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ؟ دېگەنلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىش كېرەك. مەن كۆرگەن تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئەللەردە غەرپلىشىشتىن ئەنسىرەش كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئەھۋال جوڭگۇدىمۇ ئوخشاش. بۇ ئەللەر بۇرۇن غەرپنىڭ تاجاۋۇزىنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى مۇستەملىكەلىشىشكە قارشى كەيپىيات تىنچ مۇھىتتا غەرپكە ۋە غەرپلىشىشكە قارشى نەپرەت بولۇپ ئىپادىلىنىدىكەن. غەرپتىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ تەرەققىياتتا ئۇتۇق قازىنالمىغان ھۆكۈمرانلار سەۋەپنى غەرپكە ئارتىدىكەن، سارايغا مالاي زىيالىلار خەلقنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان ئاچچىق كەچمىشىنى خېمىرتۇرۇچ قىلىپ بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ يىلتىزىنى غەرپتىن ئىزدەپ، غەزەپنى غەرپكە بۇرايدىكەن. ساراي زىيالىلىرى ۋە ھاكىمىيەت سەرخىللىرى ئۇستىلىق بىلەن تارىختىكى مۇستەملىكىچى ۋە بۈگۈنكى كۈچلۈك غەرپ دۆلەتلىرىنى ئۆز ئېلىدىكى ۋە جاھاندىكى چىرىك، خۇنۇك،چۈشكۈن قىلمىشلارنىڭ مەنبەسى قىلىپ چۈشەندۈرىشىدىكەن. ئەڭ خەتەرلىك يېرى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئەۋج ئالغان بۇنداق چۈشەندۈرۈش دىننى سۈيىئىستمال قىلىپ ئىدىئولوگىيەلىشىدىكەن ۋە شەرقلەشكەن مۇسۇلمان ئەللەردە تۇرغانلار، ئوقۇغانلار ۋە ئۆلىمالار ئارقىلىق دىن دېيىلىپ ئۇيغۇرغا ئىمپورت قىلىنىدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان ۋەتەندىكى مەتبۇئاتلاردا «غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى، غەرپچە ئەركىنلەشتۈرۈش، غەرپچە كىشىلىك ھوقۇق، غەرپنىڭ بۆلىۋېتىش سۈيىقەستى» دېگەندەك كۆپتۈرمىلەر بىلەن ۋەتەن سىرتىدىن ئېقىپ كىرىۋاتقان «غەرپنىڭ ئويۇنى، خىرىستىيانلارنىڭ دۈشمەنلىكى، يەھۇدىلارنىڭ سۈيىقەستى» دېگەن مۇبالىغىلەر بىرلىشىپ، خەلقنىڭ ئېڭىدا بىر دۇنياۋىي غەرپ تەھدىتىنىڭ ساختا مەنزىرىسى شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە ياقمىغان تەرەپلىرىنى «غەرپلىشىپ كېتىپتۇ» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەگە كېلىپ «تۈركلەر غەرپلىشىپ كېتىپتۇ» دېگەن ۋە دەۋاتقان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قانداق سەۋەپلەر بىلەن بۇ ئەلدە شۇنچە بىغەم يۈرگەن ۋە يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر تۈركلەر «غەرپلىشىپ» ئەمەس، ئەركىنلىشىپ بۈگۈنكى كۈچلۈك ھالغا كەلمىگەن بولسا، دىموكراتىيەگە ماڭمىغان بولسا، ھازىرقى ھۆكۈمەت تۈركلەر قېرىندىشىمىز دەپ بىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا بۇنچە باغرىنى ئاچمايتتى. بۇ يەردە ھۆكۈمەتنى خەلق سايلايدىغان بولغاچقا خەق سۆيگەننى ھاكىمىيەت يۆلىمەي ئامالى يوق. ئەگەر تۈركىيەمۇ مىسىر، قازاقىستان، ئۆزبەكىستاندەك شەرقلەشكەن بولسا، ئۇيغۇرنىڭ تۇرار يېرى قاماق، بارار يېرى زىندان بولاتتى.

تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەگە كېتىۋاتقانلىقىنى «غەرپلەشكەنلىك» دەپ قاقشاشقا تېخى بالدۇر. چۈنكى بۇ ئەلدە شەخسكە چوقۇنۇش بار. تۈركىيەدە مۇرتلىرى نەچچە ئون مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭدىن ئارتۇق خوجىلار مەۋجۇد. ئۇلار چېقىلغىلى بولىدىغان كىشىلەر ئەمەس، ھەجىۋىي قىلىنسا، ناخشىغا قېتىلسا مۇرتلىرىدىن بالاغا قالىدىغان گەپ. بۇ قېتىمقى ھەربى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىمۇ شۇ خوجىلارغا باغلاندى. ئەمما ئىچىنارلىقى، شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن باغلانغان ھەربى ئىسياننى ئۇتۇقلۇق مەغلۇپ قىلغان ئەردوغانغا بولغان چوقۇنۇش ئەۋجىگە چىقتى.

بىز دۇنياغا «غەرپ-شەرق»، «دوست-دۈشمەن»، «خرىستىيان-مۇسۇلمان»دىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇردىن خالى نەزەر سالغىنىمىزدا، خىيالىمىزدا غەرپلەشمىگەن ئەرەبىستاندىن ھەج قىلىشىنى ساقلاپ ياتقان تۆرت يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھەجسىز ھەيدىۋېتىلگەنلىكى بىلەن، غەرپلەشكەن تۈركىيەدىكى بىر ئايرۇدۇرۇمىدا ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن تۈركىيە چېگرىسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، مەككىگە بارماقچى بولغان 98 ئۇيغۇرنىڭ ھېچ بىر جازاسىز يولغا سېلىپ قويۇلغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشىمىز كېرەك. يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئۇيغۇر مۆتىۋەرنىڭ تۇتۇلۇش ۋەقەسىمۇ غەرپلەشكەن تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسى سەۋەبلىك خەيىرلىك ئاياقلاشقان بولدى. ھۆكۈمەت قايتۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى چىقىرىپ تۇرسىمۇ، مەھكىمە قارار چىقىرىپ مەزكۇر ئۇيغۇرنى تۈركىيەدە ئېلىپ قالدى. تۈركىيە دىموكراتىك دۆلەت بولغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى قانۇندىن ئۈستۈن بولالمىدى. تۈركىيەدە ساقچى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ تۇتقان بىلەن تەپتىشنىڭ تەھقىقلىشى، سوتنىڭ ھۆكمى بولماي تۇرۇپ ھېچكىم قاماققا مەھكۇم بولمايدۇ. مانا بۇ كىشىلەر «غەرپلىشىپ كېتىپتۇ» دەپ سەلبى باھا بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ رېئاللىقى.

قەشقەردىن ئىستانبۇلغىچە نەسىھەت

 

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئولتۇرۇپ نەسىھەت قىلىپ كېتىشلىرى، دۇنيانى بىر بارداق چاي بىلەن ئايلىنىپ چىقىپ، ئىچىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى. جامەلەردىكى تەبلىغلەردە ياڭرايدىغان تۈركچىدە ئۇيغۇرچىدىكىگە ئوخشاش رىۋايەتلەر، چۈشلەر ۋە تەبىرلەر بار. خۇددى بۇ ئىككى قەۋم بىر چاغلاردا ئوخشاش رىۋايەتلەرنى يېپىنچاقلاپ بىر بىرىگە ئۇخلىشىپ بەرگەن ۋە ئوخشاش چۈشلەرنى كۆرگەندەك. بەزى تۈركلەردە بىر قىسىم دوستلىرىمدەك ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان ئاقسالىق، ھەممىگە يول كۆرسىتىدىغان ئاكا مىجەزلىك، ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا ئىش ئۆگىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان دېمىغى ئۈستۈنلۈك بار. ئەمما بىزدىكى پەرقلەرمۇ ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ گەۋدىلىك پەرق جۇشقۇن كۆزلەردە، خاتىرجەم يۈزلەردە ۋە شاش سۆزلەردە. قارىماققا ئۇيغۇرچىدا باردەك كۆرۈنىدىغان بىر سۆز تۈركىيە تۈركچەسىدە باشقا مەنىلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: خائىن دېگەن سۆز ئۇيغۇردا مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى كۆرسەتسە، تۈركىيەدە ۋەتەننى بۆلمەكچى بولغان، ئايرىلىپ دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىدە تۈركىيەدىن «يۈز ئۆرىگەن»لەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا خائىن ئۇيغۇرنى كۆرسەتسە، تۈركچىدە خائىن تۈرك بولمىغان مىللەتتىن بولغان بۆلۈنگۈچىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تۈركىيەدە سىياسى پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان «خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (HDP)»مۇ بەزەن خائىنلار قاتارىدا ئەيپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ پارتىيە كوردلارنىڭ ۋە «ئېزىلگۈچىلەر»نىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشنى نىشان قىلغان. تۈركىيەدىكى بىر قىسىملار بۇ پارتىيەنىڭ تېرورچى تەشكىلات كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قورالسىز تارمىقى دەپ تونۇيدۇ. بۇ پارتىيەنىڭ ياۋرۇپادىكى يىغىلىشلىرىدا تۈرك بايرىقىنى ئىشلەتمەي، ئۆز بايرىقىنىلا ئاسقانلىقى مېنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. مەزكۇر پارتىيەدىن داۋۇت ئوغلى ھۆكۈمىتىدە ئىككى مىنىستىر چىققان، ھازىر بۇ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتا 59 ئەزاسى بولۇپ، تۈركىيەدىكى تۆت چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى. كوردلارنىڭ تۈركىيەنىڭ سىياسىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر پارتىيەنى قۇرۇپ چىقالىغانلىقى مېنى تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسىدىن ئۈمىدلەندۈرىدۇ.

2015-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2016-يىلنىڭ بېشىدا تۈركىيەدە ئىسلام دۆلىتى تېرورچىلىرى ۋە كوردلارنىڭ تېرورچى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئادەمبومبا ھۇجۇملىرى ئورتىغا چىقتى. نەتىجىدە بىر بۆلۈك كىشىلەردىكى خائىنلارغا قارشى كەيپىيات يۇقۇرى چەككە يەتتى. شۇ ئەسنادا ئىستانبۇلدىكى بىر ئۇنۋېرىستېتتا ئىشلەيدىغان تۈرك دوستۇمغا تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى تېلىفوننى قىلىپ ھال سورىدۇم، چۈنكى ئەڭ دەھشەتلىك تېرورلۇق ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇللاردا يۈز بەرگەن ئىدى. دوستۇمنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە قالقىنما پارتىيەسى (قىسقارتىپ ئاق پارتىيە دەيدۇ) تەرەپتارى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتۇق، گەپ تۈركىيەدىن باشلىنىپ ئامېرىكىغا ئۇلاشتى، ئاخىرى تېما ئۇيغۇرغا كۆچكەندە ئۈنۈم پەسىيىپ كەتتى. دوستۇم تېزلا پاراڭنى ئائىلەمگە يۆتكەپ ئۇلارغا تۈركچە ئەڭ سۈلكەتلىك ئىبارىلەر بىلەن ئامان ئىسەنلىك تىلىگەندىن كېيىن «خائىنلارنىڭ پېشىدىن يۈرمەڭلار. مېنىڭ ئورتا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلىرىم بار. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاندىن كەلگەنلەر ھەمىشە روسلارنىڭ قىلغان ياردەملىرىنى تەرىپلەيدۇ. ئۇلارنىڭ روسلار بىلەن ياشىغان كۈنلىرى نەقەدەر راھەت ئىكەنمىش – ھە! شۇڭا سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تەكرارلىماڭلار. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئويۇنىغا ئالدانماڭلار، ئۇلارغا ئەگىشىپ خائىنلىقنى تاللىماڭلار، ئۇلار قۇرغان توزاققا بىزدىكى خائىنلاردەك دەسسمەڭلار…» دېگەندەك تەنبىھلىك جۈملىلەرنى ھىلى ئېمپىرىيالىزم سۈيىقەستى، ھىلى خىرىستىيان تەھدىتى بىلەن دەلىللەپ يۇغۇرۇپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. يۈرەكنى ئالغىدەك ۋەھىمىنى ئىشارە قىلىپ دېيىلگەن باشقا گەپلەر ئانچە ئېسىمدە يوق. پەقەت ئۇنىڭ تۈركچە «سىز شۇ خائىنلەرىن پەشىندەن كوشمايىن» دېگەن ئەڭ كۆپ تەكرارلارنغان نەسىھەتلىك جۈملىسى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى تېلىفونۇمدا كۆرۈنمەس بولدى، ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلدى. خۇددى شۇ جۈملىسى ئۇنىڭ ماڭا قىلغان خوشلىشىش سوۋغىسىدەك. ھەر قېتىم شۇ دوستۇم ئېسىمگە كېلىپ قالسا ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يادىمغا ئالىمەن-دە بىئارام بولىمەن. تۈركىيەدە ئۇزاق ياشىغان بىر ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ «غەرپلىك ئالىملار بىلەن كۆرۈشسەڭ ئەھۋالىڭنى تەپسىلى ئاڭلايدۇ ۋە تەدبىرىڭنى سورايدۇ، تۈرك ئالىم بىلەن كۆرۈشسەڭ ئەھۋالىڭنى سورىماستىن، تەدبىرىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ئەقىل ئۆگىتىدۇ» دېگىنى ئېسىمگە كېلىپ توغرا چۈشىنىمەن بەزىدە. ئەمما ھەر ئويلىسام كەسپى ئېنژېنىرلىق بولغان، مېنىڭدىن ئەڭ ئاز بولغاندا ئون ياشقا كىچىك بىرەيلەننىڭ ماڭا بۇنداق تەنبىھ بېرىپ كېتىشىنى ھېچ قوبۇل قىلالىغىنىم يوق. شۇ گەپلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ھەر ئويلىسام تۈركىيە كۆزۈمگە تارىيىپ كېتىۋاتقاندەك، ئانچە قاۋۇل سانالمايدىغان جۇغۇم تۈركلەرنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى بۇنداق نەسىھەتلەر قەشقەردىمۇ بازارلىق ئىدى.

2015-يىلى قىش كۈنى قەشقەردە بىرەيلەن بىلەن بىر سورۇندا ئۇچراشتۇرۇلدۇم. ئۆزىنى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسىنىڭ قازىسى سانايدىغان بۇ زات تۇنجى كۆرۈشۈپلا ماڭا نەسىھەت قىلدى. ئالدى بىلەن مېنى «ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ، شەخستە بولىدۇ» دېگەن قارىشىمدىن ياندۇرماقچى بولدى. ئېيتىشىچە بۇ قارىشىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلارمىش، مىللەتنى ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن مەھرۇم قويارمىش. ئاندىن يازمىلىرىمدىكى خەۋپلىك ئىددىيەلەرنىڭ تەھدىتلىك ئاقىۋەتلەرىدىن بىشارەت بەرگىلى تۇردى. يازمىلىرىمنى شۇ قەدەر ئەستايىدىل ئوقۇپتۇكى، نەچچە قېتىم ئېتىلىپ كېتىشىمگە يەتكۈدەك پاكىتقا ئېرىشىپتۇ. سورۇندىن قايتقاندىن كېيىن جىمىپ كەتكىنىمنى بايقىغان دوستلىرىم نەسىھەتنىڭ كۆيۈنىشتىن بولغانلىقىغا مېنى ئىشەندۈرۈشتى. قىش ئۆتۈپ تومۇزدا بېشىمغا كۈن چۈشكەن سورۇندا ئىككىنچى قېتىم ئۇچراتتىم ئۇ زاتنى. ئاق كۆڭۈل ئاكام ماڭا قىلىنغان ھايۋانلارچە مۇئامىلىنى سۆزلەشكە باشلىۋېدى، ئۇ ماڭا باشتا «كۆيۈنۈپ» نەسىھەت قىلغاندىكى تەمكىنلىكىدىن چۈشمەي، يەنە بىرەر قۇر نەسىھەت قىلىۋېتىپ، ئۆزىدىن چوڭ ئاكامنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتمەيلا ماشىنىسىنى قوزغاپ كېتىپ قالدى.

نەسىھەتخورلۇق ھەققىدە ئويلىنىپ دىققەت قىلسام، ئىچ ئاغرىتىش، نەسىھەت، تەنبىھ ۋە تەھدىت دېگەنلەر تەرتىپ بىلەن داۋام قىلىدىكەن.  مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشىغانلار بىلىپ – بىلمەي باشقىلارغا نەسىھەت قىلىدىغان، ماقۇل دەپ بەرسە تەنبىھ بېرىدىغان، ئاقتۇرالمىسا تەھدىتلىك جۈملىلەرنى قوللىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ھېلىقى ئىككى نەسىھەتچىىنى ئويلاپ قالىمەن. ئىككىلىسى ۋەتەنىدىن ئايرىلىپ باقمىغان، تۈركىيەدىكىسى قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان، قەشقەردىكىسىنىڭ ئوقۇغان كەسپىنى بىلمەيمەن. ھەر ئىككىسىلا مەندىن خېلى كىچىك. لېكىن بۇ ئىككىسى ئەمەلدار. ئىككىلىسىنىڭ تاۋىقى تۆمۈر، شۇڭا بىلىدىغىنى، مىنىدىغىنى ۋە ئىشىنىدىغىنى تۆمۈر. مەن قەيەردە بولماي باشقىلارنىڭ تەلەپتىن تاشقىرى ئەقىل ئۆگىتىشلىرىنى، ئىتىبار بېرىشلىرىنى، نەسىھەت قىلىشلىرىنى خۇددى ئىچ ئاغرىتىشىنى يامان كۆرگەندەكلا يامان كۆرۈپ كەلدىم. بۇنداقلار سېنىڭ نېمىگە مۇھتاج، نېمە سەۋەپتىن مۇھتاج ئىكەنلىكىڭگە قىزىقمايدۇ، بەلكى سېنىڭ ئىھتىياجىڭنى چۈشىنىشنىمۇ خالىماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ خالايدىغىنى ئۆزىنىڭ ئاكىلىقى، سەندىن كۈچلۈك ۋە ئۈستۈنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئىچ ئاغرىتىش بىلەن نەسىھەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سېنىڭ غۇرۇرۇڭنى، قۇربىتىڭنى، ئەقلىڭنى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قابىللىقىنى ئىسپاتلاش مەۋجۇد.

 

 

قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مائارىپ مەسىلىسى ۋە چارىلەر

 

قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمى 2014-يىلدىن كېيىن تۈرلۈك يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. دۆلەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قەيسەرىدىكى بىر قورۇغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە شۇندىن كېيىن ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى شۇ ئەتراپقا ئورۇنلاشتۇرۇش داۋام قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قالغان بىر قىسمى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي، سەلىمپاشا، بەيلىك دۈزۈ قاتارلىق بۆلەكلىرىگە ئورۇنلاشقان. قەيسەرىدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە قەيسەرىدە ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىر ياشايدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىدى، چۈنكى ئىش ئىمكانلىرى سەۋەبلىك يۆتكىلىش كۆپ بولغاچقا ھازىرچە بىزدە ئېنىق بىر سان يوق، ئەمما يەتتە مىڭدىن 10 مىڭغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانىي ئىقامەت، بەزىلىرى نورمال ساياھەت ئىقامىتى بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ. ئىقامىتى چىقمىغانلىقتىن ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلارمۇ خېلى بار. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مائارىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە كۈلتۈرەل مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىشنى كۈتمەكتە. بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەردىن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغىنىمىز بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسى.

1.مائارىپتا ساقلانغان مەسىلىلەر

ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مائارىپدا ساقلانغان بىرىنچى مەسلە بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارماسلىق مەسىلىسى. قەيسەرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بىزنىڭ تەكشۈرىشىمىزنى قوبۇل قىلغىنى 281، بۇنىڭ ئىچىدە قىز 122، ئوغۇل ئوقۇغۇچى 159. مەكتەپكە بارمايۋاتقانلار 75 بولۇپ، ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 26.7 پېرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ سىتاسىتىكىدىن مەلۇمكى ئوقۇشنى خالايدىغان، لېكىن تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئوقۇيالماي قورۇ ئىچىدىكى غەيرى رەسمىي يوللار بىلەن دىنىي مائارىپ ئېلىۋاتقان 75 ئوقۇغۇچى بىزنىڭ مەكتەپكە يوللىشىمىزنى كۈتمەكتە. بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى بىزگە تىزىملىتىشنى خالىمىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بولغاچقا ئومۇمى سان ئېنىق ئەمەس.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە مۇمكىن بولمىدى. نۇسقا ئېلىپ تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا سەفاكۆي مەھەللىسىدە تەكشۈرىشىمىزچە 100 دىن ئارتۇق مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە يېتىم بالىلارمۇ خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ.

بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىدىكى سەۋەپلەر ھەققىدە مۇساپىرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پەننى مائارىپتا دىنسىز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئەگەر تۈركىيەدىكى مائارىپنىڭ دىنسىزلەشتۈرىدىغان مائارىپ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەلىسەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئېلىش مۇمكىن. يەنە بىرى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا ئىقامەت بولمىغاچقا مەكتەپكە بېرىشقا ئامالسىز.  بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆلىمالار بالىلارنىڭ ئاۋۋال قارى بولۇپ، ئاندىن مەكتەپتە ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئارزۇدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆلىملارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشۋىقات داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بالىلار مەكتەپكە بارماي قەيسەرى ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق يەرلەردىكى رەسمىيەتسىز قۇرئان كۇرۇسلىرىدا ئوقۇماقتا. ئۈچىنچى بىر سەۋەپ، بىر قىسم بالىلار يېتىم بولغاچقا ھامىلار بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا سەل قاراۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار.

ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى قۇرئان كۇرۇسلىرىدىن تەكشۈرىشىمىزچە بۇنداق كۇرۇسلاردا تۈركىيەدە ئوقۇپ ئىلاھىيەت بويىچە دېپلۇم ئالغان ئوقۇتقۇچىلار يوق.

مەكتەپكە بارماسلىق مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ مائارىپىغا ئىشەنمەسلىك، بالىلارنىڭ دىنى تەربىيەسىدىن ئەنسىرەش، ئىقامىتى بولماسلىق ۋە مائارىپنىڭ موھىملىقىنى ھىس قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر مەۋجۇت.

مائارىپتىكى ئىككىنچى مەسىلە، يېتىملەرنىڭ تەربىيەسى مەسىلىسى. بىز قەيسەرىدە تەكشۈرگەن 281 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە 52 ئوقۇغۇچى يېتىم بولۇپ، ئومۇمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ18.5 پېرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، بۇ 52 ئوقۇغۇچى ئائىلە مۇھەببىتى، تەربىيەسى ۋە نازارىتىدىن مەھرۇم. بۇ بالىلارنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ، ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق. بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى ھامىلارنىڭ ئۆيىگە، يەنە بەزىلىرى ئايرىم ئۆيگە تەقسىملەنگەن. ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ تازىلىقى ناچار، يېتەكلەش ۋە مۇھەببەت كەمچىل بولغاچقا، بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىغان، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالغان. ھەتتا قورۇدا بۇنداق بالىلاردا ئوغۇرلۇق پات – پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھالغا يەتكەن.2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخباراتقا چىققان 3 بالىنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسىمۇ، يېتىملەرنىڭ تەربىيىسىدىكى بوشلۇقنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ ئۈچ قىز يېتىم بولۇپ، ھامىلارنىڭ ئازارلىشىغا ئۇچرىغان ۋە ئۆيدىن قاچقان. سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇنى تەكشۈرىشىمىزچە 200دىن ئارتۇق يېتىم بالا ھامىلارنىڭ قولىدا.

مائارىپتىكى ئۈچىنچى مەسىلە، ئاتا-ئانىلارنىڭ تىل بىلمەسلىكى، تۈركىيە مائارىپىنى چۈشەنمەسلىكى، تەرەققىياتنىڭ تەلىپىنى ھېس قىلماسلىقى ۋە يېتەرلىك مائارىپ كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە مەيۇس، ئۇتۇقسىز، داۋامسىز بولۇشى ۋە مەكتەپ ھاياتىغا ماسلىشالماسلىق مەسىلىسى. قەيسەرىدە بىز تەكشۈرگەن ئاتا-ئانىلار 188 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچ مەلۇماتى بولغانلار 150، تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتى بولغانلار 38. دېمەك، 80 پېرسەنتتىن ئارتۇق ئاتا – ئانىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن، مائارىپنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى يېتەرسىز. بۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دەرسلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم. تەكشۈرىشىمىزچە بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى تۈركچە ئوقۇش يېزىشنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئۆز ھاجىتىدىن چىققىدەك كوچا تۈركچەسى بىلىدۇ.

تۆتىنچى بالىلارنىڭ ئانا تىلىدىن مەھرۇم قېلىش مەسىلىسى. قەيسەرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ۋەتەنگە قايتىپ، ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، تۈركىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى يېتەكلىگىدەك ئىقتىدارلارغا ساھىپ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئانا تىللىرىنى ئۇنۇتماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇندىن باشقا تۈركىيەمىزنىڭ رەڭدارلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىل بەلگىلىگۈچى ئامىل.

  1. 2. ھەل قىلىش چارىلىرى

يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە مۇنداق چارىلەرنى تەۋسىيە قىلماقچىمىز. بىرىنچى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بالىلارنى مەجبۇرى تىزىمغا ئېلىش، ئىقامەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئوقۇمايۋاتقانلارنى مەكتەپلەرگە يوللاش. ئىككىنچى، تۈركچە بىلمەسلىك، مەكتەپتىكى ئۇتۇقسىزلىق، تۈركىيەگە كۆنەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلار كۆپرەك مەكتەپلەردە يېتەكچىلىك ئىمكانى ھازىرلاپ، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق بالىلارغا دەرس تەكرارلاش، تۈركچە ئۆگىتىش ۋە پىسخىك جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش. ئۈچىنچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپنىڭ «دىنسىزلەشتۈرىشى»دىن قورقۇش، تۈركىيە مائارىپىنى چۈشەنمەسلىك، مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، تۈركىيە دۆلىتىنى بىلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈركىيەدىكى ئوچۇق مائارىپتىن پايدىلىنىش ھەققىدە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈركچە ئىشتىن سىرىتقى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلۈك ھۈنەر مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىپ، تۈرك جەمئىيتىگە بۇرۇنراق ماسلىشىشى ئۈچۈن ھەيدەكچىلىك قىلىش. تۆتىنچى، يېتىملەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر يېتىملەرنى تىزىملاپ يېتىملەر مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەش. يېتىملەرنى خالىس ياردەم قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قەرەللىك ئەۋەتىپ ۋەتەن سېغىنىشلىرىغا دەرمان بولۇش، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتمىغان ئەھۋالدا تۈرك جەمئىيىتى بىلەن بۇرۇنراق پۈتۈن بولۇشى ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىش. بەشىنچى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەسىس قىلىنماقچى بولغان دەرس تەييارلىق مەركىزىدە ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشنى يولغا قويۇش، ئانا تىل كۈتۈپخانىسى تەسىس قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش، قەرەللىك ئۇيغۇرچە ئولۇمپىيات تەشكىللەپ، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىنى دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىدىغان بىر مەركەزگە ئايلاندۇرۇش.

خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇمىيۈرزلۈك تىزىملاپ مەكتەپكە ئېلىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك مەكتەپلەردە يېتەكچىلىك بۆلۈمى، ئاتا-ئانىلارنى يېتەكلەش بۆلۈمى قۇرۇش. يېتىملەرنى يېتىملەر مەركەزلىرىدە تەربىيەلەش ۋە ھېچقانداق قانۇنى رەسمىيەتلەرنى ئۆتىمەي، ئۇيغۇر يېتىملەر ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى يىغىپ، نامۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەربىيەلەۋاتقان قۇرئان كۇرۇسلىرىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتكەندە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.

 

2016-يىلى 12-ئۆكتەبىر

 

ئىلاۋە: بۇ پىلان 2016-يىلى يېزىلىپ تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە سۇنۇلغان، ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە خەۋەر بولمىغان. 2017-يىلى سېنتەبىردە بۇنداق تەكشۈرۈش يەنە قىلىندى ۋە تەۋسىيلىك پىلان يېزىلىپ مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە ئورگانلارغا تاپشۇرۇلدى. 2018-يىلى فېۋرالدا بۇ دوكىلات يەنە بىر قېتىم مۇناسىۋەتلىك كىشى ۋە ئورگانلارغا تۈركچە يېزىلىپ يوللاندى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۈركىيەدە

 

 

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تالانتلىق، كۆپ قىرلىق، ئۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە ئەل سۆيگەن شائىرلارنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، جامائەت ئەربابى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسىدۇر. ئۆتكۈرنىڭ 1946-يىلى 23 يېشىدا يېزىپ لەنجودا نەشىر قىلدۇرغان «يۈرەك مۇڭلىرى» ۋە 1948-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلدۇرغان «تارىم بويلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، ئۇنى ئەينى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۈكەر يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرغان. شائىرنىڭ ئۇ يىللاردا يازغان شېئىرلىرىدىن زاماننىڭ زۇلمى، ئاۋامنىڭ زارى، دەۋىرنىڭ دەرت – ھەسرەتلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئايالى خەلىچىخان ئانىمىزنىڭ يەتكۈزىشىچە ئۆتكۈر 1949-يىلى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھاكىمىيىتىدە كاتىپ بولغان. شۇ مەزگىلدە شاھىد بولغان زۇلۇم، تەڭسىزلىك، چىرىكلىك ۋە ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەن ئىكەن. شائىر ئەينى زاماندا زالىم ھاكىمىيەتنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ زۇلمىنى شېئىرلار ئارقىلىق جاھانغا پاش قىلغان. شۇ مەزگىلدىكى ھېسلىرىنى «خەجلە خائىنلار خەجلە» ماۋزۇلۇق شېئىرىدا مۇنداق ئىپادىلىگەن.

 

خەجلە، خائىنلارەي خەجلە. بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،

يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.

خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە،

تالان-تاراجدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.

دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،

سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلاپ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.

كۆلدە بېلىقى كۆپ دەپ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ،

قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېلە، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.

پالانى ئاقچىدۇر، كۆكچى. بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچىدەپ،

پارچىلاپ بۇ مىللەتنى، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

 

شائىر 1950-يىللاردىن كېيىن تەقىپ قىلىنىپ ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇ تا 1956 يىلغىچە بىر مەزگىل نازارەت ئاستىدا تەھرىرلىك ۋە تەرجىمانلىققا ئوخشاش خىزمەتلەرگە سېلىنغان. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشقان. مەسىلەن: شۇ مەزگىلدە ۋە كېيىن مودا قىلىنغان ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە «سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش» ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپ قوللىنىغان سۈنئى ھەمراھ سۆزىنى ئۆتكۈر ئەپەندىم ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئاتالغۇ دەل جايىدا ۋە ۋاقتىدا ياسالغانلىقى ئۈچۈن تېزىلا ئومۇمىيلىشىپ كەتكەن. مەرھۇمنىڭ خانىمىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ئۆتكۈر ئەپەندى 80-يىللارغىچە بولغان تۈرلۈك تۈمەن بېسىپ، زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى ئۈمىدلەندۈرۈپ تۇرغان ئىكەن. مەھرۇملۇق يىلسېرى زورايغان ۋە ئېغىر كۈلپەتلەر، تۆھمەتلەر، ھاقارەتلەرگە ئۇلىشىپ يۈرەكلەرنى زىدىلىگەن بولسىمۇ شائىر نىشاندىن ھېچ تايمىغان. شائىر بۇ يىللاردىكى ھەسرەتلىرىنى

 

قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى دىلىمنى،

شامال دارىپ كېكەچ قىلدى تىلىمنى.

قولۇم تۇتماس، پۇتۇم باسماس پالەچمەن،

نېمە بىرلە رازى قىلاي ئېلىمنى.

 

دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شائىر ئۆزىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى «باھار چىللايمەن» ماۋزۇلۇق شېئىرىدا باھار تىمسالى ئارقىلىق مۇنداق يازغان:

 

ئۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،

تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ،

كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،

ئىسسىق قانىمدىن باھار چىللايمەن.

 

شائىرنىڭ 1980-يىللاردىن يېزىپ نەشر قىلدۇرغان «قەشقەر كېچىسى»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» ناملىق يىرىك ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۆلمەس ئابىدىلەرگە ئايلاندى. كۈنىمىزدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى چەتئەللەردە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تەرجىمە قىلىنىپ ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى چاغداش تۈرك تىللىرى فاكۇلىتېتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى دەرسىدە ئۆتكۈر شېئىرلىرى ئۆتۈلمەكتە. تۆۋەندە بىز ئۆتكۈرنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئابدۇلكەرىم باقى ئىلتەبىردۇر. ئۇ 1991-يىلى يازغان «بۈگۈنكى ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرىدا ئازاتلىق تېمىسى» ناملىق ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىق كۆرەشلىرىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۈلزادە تانرىداغلى خانىم، 1996-يىلى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىغان «20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر رومانچىقى» ناملىق دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرىنى تەھلىل قىلغان. مەرھۇم شۈكۈر تۇران 1998-يىلى يازغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەدەبىياتى» ناملىق ئەسىرىدە ئۆتكۈر قاتارلىق كۆرەشچان شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختالغان. 2007- يىلى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئۆزگۈر ئاي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى توغرىسىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى يازدى. ئەنقەرە گازى (غازى) ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھۈليا قاسساپئوغلۇ چەنگەل خانىمنىڭ «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە رومانلىرىدىن ئارىيەلەر ئوقۇتماقتا، باكلاۋىرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىلىرى يازدۇرماقتا. بۇلاردىن باشقا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1947 – يىلى يېزىپ قالدۇرغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرى تۈرك ناخشا چولپانلىرى تەرىپىدىن سەھنىدە ئېيتىلىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى قازاقىستاندىكى خەلقئارالىق مۇنبەردە شائىرنىڭ «ئىز» سەرلەۋھىلىك شىئېرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۆتكۈر ئەسەرلىرىنىڭ تۈركىيەدە ۋە تۈركچەنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنيادا تونۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋە دۇنيادا تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان ۋە قوشۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتىدا ئەڭ ئاكتىپ ۋە ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىمدۇر. يەنە گۈلزادە تانرىداغلى، ئۆزگۈر ئاي قاتارلىق تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ سەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزىمەتلىرىدۇر. ھۈليا خانىم تەتقىقاتىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى تۈركىيە تۈركچەسىگە تەرجىمە قىلىغاندىن باشقا، مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن تەھلىل قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھۈليا خانىم ئۆتكۈر شىئېرلىرىدىكى كۆرەش، ھۆرلۈك، ۋەتەن ۋە سۆيگۈ تېمىلىرىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ مەخۇسۇس ماقالىلەرنى يازدى. ھۈليا خانىم تۈركىيەدە ئېچىلغان بىر قانچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۆتكۈر ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى سۇنغاندىن باشقا، شائىر ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللىدى. ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات قىلغان يەنە بىر ئىزدەنگۈچى دوكتۇر ئۆزگۈر ئايدۇر. ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» رومانىنى تېكىستشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان ۋە بۇ ھەقتە دوكتۇرلۇق ماقالىسى يازغان. ئۆزگۈر ئاي ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» رومانىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئۆ مەزكۇر ئەسەر ھەققىدىكى بىر ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى تۈركىيەنىڭ تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك ئەدىپ ئاھمەت مىتھاتقا تەققسالايدۇ. ئۆزگۈر ئاي ماقالەلىرىدە «ئىز» رومانىدا رومانچىلىق ھۈنەرلىرىنىڭ جايىدا قوللىنىلمىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. روماندا دېداكتىك ئامىللارنىڭ موللىقى، ئاپتۇرنىڭ چىنلقنى يېزىش تەرەپتارى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەدەبىيلىكنىڭ يېتەرسىز قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.

ھۈليا خانىم تەشكىللىگەن 2015-يىلى 18- دېكابىر كۈنىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ۋە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتۇر سەردار چام، ب د ت پەن – مەدەنىيەت مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇلى ئۆجال ئوغۇز، غازى ئۈنىۋېرسىتېتى مۇدىرى بەربەروغلۇ، داڭلىق تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، تونۇلغان تۈركولوگ ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئەپەندى، ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى، پروفېسسور ئابدۇررائۇف پولات ئەپەندى قاتناشتى. يىغىدا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەنقەرەدىكى ئۇنۋېرىستىتلەردە تەھسىلدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. گېرمانىيە گۆتۈڭگەن ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت، نەۋشەھىر ئۇنۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئادەم ئۆگەر، دوكتۇر ئاھمەت قارامان، دوكتۇر گۈلزادە تانرىداغلى، دوكتۇر ئايسىمە مىرسۇلتان، دوكتۇر رىدۋان ئۆزتۈرك، دوكتۇر ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرى، دوكتۇر كونۇر ئالپ ئەرجىلاسۇن، دوكتۇر دەريا ئەرسۆز قاتارلىق تۈركىيەدە ئۇيغۇرشاناسلىق بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان زىيالىلار ئىشتىراك قىلدى ۋە ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىن تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تۈرك جامائىتىگە كۆرەك قىلدى. ھۈليا خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئەڭ كۆپ تەتقىقاتچى يىغىلغان، ئەڭ قىزغىن داۋاملاشقان ۋە ئەڭ كەڭ ساھەدەكى ئالىم ۋە مۇتەخەسىسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان بىر يىغىن بولدى. يىغىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلار بىلەن قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىغا تېپىلماس بىر پۇرسەت ياراتتى.

يىغىننىڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھۈليا خانىمغا تون كىيدۈرىشى بىلەن يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى مۇھەممەدئىمىن ئوبۇلقاسىمۇۋ، دوكتۇر رۇسلان ئارزىيىۋ قاتارلىقلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سالامى ۋە ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرچە توننى ھۈليا خانىمغا كىيدۈرگەندە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن كەلگەن ئىشتىراكچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى ئەگىدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ھاجەتتە ئۇنۋېرىستىتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ھۈليا خانىمغا رومال ئارتتى. يىغىندا مۇھەممەدئىمىن ئوبۇلقاسىمۇۋ ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن يېزىشقان بارلىق مەكتۇپلىرىنى ھۈليا خانىمغا ھەدىيە قىلدى. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم دادىسىنىڭ مەنىۋىي مىراسلىرىنىڭ مىللەت قايغۇسى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ھۈليا خانىم سۆھبەتلىرىدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا قىياسلىدى. يىغىندا ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ زاماندىشى بولغان مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندىنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنماسلىقى بولدى. يىغىندا باشتىن ئاخىرى ئىززەتلەنگەن بۇ تەۋەرۈك بوۋاينىڭ ئۆتكۈر ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىيالمىغانلىقى يىغىن قاتناشچىلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قاتناشچىلارنىڭ قەلبىدە بىر ھەسرەت بولۇپ قالدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەتقىقاتى تۈركىيەدە ھازىر كەڭلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ يۈزلەندى. دەسلەپكە تەتقىقاتلاردا ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلار توپلاملىرى، رومانلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسا، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئايرىم نەزمىلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەسىلەن: رىدۋان ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» ماۋزۇلۇق شىئېرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى شۇنداق چوڭقۇرلاشلارنىڭ مىسالىدۇر. رىدۋان ئەپەندى تەتقىقاتىدا  19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرزۇرۇمدا ياشىغان، تۈركىيەدە ئەرزۇرۇملۇ ئەمراھ دېگەن ئات بىلەن مەشھۇر بولغان بىر شائىرنىڭ «ياق، ياق» ماۋزۇسىدىكى شېئىرى بىلەن ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن شېئىرىنى سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. بۇندىن باشقا دوكتۇر ئاھمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «قەشقەر كېچىسى» داستانى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىنچىكە ئىزدىنىشلەرنىڭ قانات يېيىۋاتقانلىقىغا مىسال بولىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مۇشۇنداق كۈچىيىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ شائىرنىڭ ئەسەرلىرى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ۋە چاغداش تۈرك ئەدىپلىرى

 

تۈرك چاغداش ئەدىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا بولغان ئومۇمىيۈزلۈك ۋە چوڭقۇر تەسىرى «چالىقۇشى»دىن باشلىنىدۇ. رىشات نۇرى گۈنتەكىننىڭ مەزكۇر رومانى 1980 -يىللاردا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە، بولۇپمۇ ياشلاردا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نىكاھ، مۇھەببەت، ئائىلە قاراشلىرى ۋە پوزىتسىيەلىرىگە قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا بولغان ئۈلگىلىك رولى چوڭ بولغان. تىلىدىن تارتىپ ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىشلىرىغىچە پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولغان بۇ ئەسەر، يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنىش ئوبېكتىغا ئايلانغان. ھەتتا 80- يىللاردا ئۇيغۇر ياش يېزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرىدىن بۇ روماننى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ چىققانلار بولغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا باش كۆتۈرگەن ياش يازغۇچىلار ئىچىدە، بولۇپمۇ ئايال ئەدىپلەر ئىچىدە «چالىقۇشى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار خېلى كۆپ. مىسال ئالساق: خالىدە ئىسرائىل، غەلىبە مۇھەممەد، رىزۋانگۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. شۇڭىمىكىن رىشات نۇرى گۈنتەكىن تۈرك يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان يازغۇچى بولۇپ قالغان.

تۈرك چاغداش رومانلىرىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە سازاۋەر بولغان يەنە بىر رومان «مەمەت ئاۋاق»تۇر. ياشار كامالنىڭ يىگىرمە نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ دۇنياۋىي مەشھۇر رومانى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىمۇ قايىل قىلغان. ئۇيغۇر ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلىرىدىن ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» دېگەن ئەدەبىي خاتىرىسىدە بۇ قايىللىقنى تىلغا ئالغان. ياش يازغۇچىلاردىن ئابدۇرېھىم ئابلەتخان «مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭ» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر روماندىن ئالغان ئىلھاملىرىنى مۇستەقىل بىر ئەدەبىي ئەسەر شەكلىدە يېزىپ چىققان. بۇ روماننىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا بۇ قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىشىدە ئاتاقلىق تەرجىمان تۇرسۇناي ساقىم خانىمنىڭمۇ  تۆھپىسى بار، ئەلۋەتتە. ئەپسۇسلىنارلىقى ياشار كامالنىڭ باشقا مەشھۇر ئەسەرلىرى، ماقالەلىرى ۋە سۆھبەتلىرى تېخىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمىدى.

ئەزىز نەسىن ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھېكايىچىلىكتە كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ «مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم»، «غىدىق»، «ئىستانبۇل ساياھەتنامەسى»، «ھازىرقى بالىلار كارامەت» قاتارلىق كىتابلىرى تەرجىمە قىلىندى. بۇندىن باشقا تور ۋە ئۈندىدارلاردا مەزكۇر ئەدىپنىڭ شېئىر ۋە ھېكايىلىرى توختىماي تەرجىمە قىلىنماقتا. ئەزىز نەسىننىڭ ھېكايە ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇر، تۇرسۇن مەخمۇت ۋە ئابلىمىت غوجابدۇلنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بولۇپمۇ مەمتىمىن ھوشۇر ھەجىۋىي تىل، ئەركىن بايان ۋە جانلىق قۇرۇلما ئارقىلىق ئەزىز نەسىن تۈركىيەدە قازانغان ئۇتۇقنى ئۇيغۇر دىيارىدا قازانغان بولدى. ئەمما بۇ ئىككى ئەدىپنىڭ ھەجىۋىي ھېكايىچىلىقتا پەرقلىق جايلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئىددىيەدىكى قاراتمىلىق ۋە ھەجىمدىكى ئۇزۇن قىسقىلىقتا كۆرۈلىدۇ. ئەزىز نەسىن ھېكايىلىرى ئارقىلىق تۈركىيە جەمئىيىتىنى، بولۇپمۇ يۇقۇرى قاتلام سىياسىيۇنلىرىنى بىۋاستە ھەجىۋىي قىلىدۇ، ئەسەرلىرىنىڭ ھەجىمى قىسقا. مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدە دارىتمىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھۆكۈمران دائىرىلەرنى بىۋاستە مەسخىرە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ تىلىدا شېئىرىي ئامىل كۈچلۈك بولۇپ، ھەجىمى ئەزىز نەسىننىڭكىگە قارىغاندا سەل ئۇزۇنراق.

بۇندىن باشقا ئۆمەر سەيفەتتىننىڭمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى كۈچلۈك، ئەمما بۇ تەسىر ئەدەبىياتتىكى ئۇسلۇپ، تىل ۋە ماھارەت جەھەتتە بولماستىن، بەلكى مىللىي مەۋجۇدلۇق ھەققىدىكى كىرزىسلىق تەپەككۇر جەھەتتە بەكرەك كۆرۈلىدۇ. كەرىمە نادىرنىڭ ئۈچ پارچە رومانى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەك زور غۇلغۇلا قوزغىيالمىدى. باشقا تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆلەم جەھەتتە يۇقىرىقى بەش يازغۇچىغا يەتمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا زادى قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ھازىرچە بالدۇر.

چاغداش تۈرك ئەدىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئومۇملاشتۇرساق تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىغا يىغىلىشى مۇمكىن. بىرىنجى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تۈرك ئەدەبىياتىدىن نېمىنى يېزىش جەھەتتە ئۈلگە ئالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە «تارىخنى خەلق يارىتىدۇ» دېگەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، شەخسلەرنىڭمۇ تارىخ يارىتالىغۇدەك تۆھپىلەرنى قوشالايدىغانلىقى ئىنكار قىلىناتتى. شۇڭا دەۋرنى مەدھىيەلەش، خەلقنىڭ قەھرىمان يارىتىدىغانلىقى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئادەتكە ئايلانغانىدى. تۈرك ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئىنساننى ئۇلۇقلاش، شەخسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كىشىلىك قەدىر – قىممەتنى كۈيلەش قاتارلىق تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىشنى باشلىدى. يازغۇچىلار دائىم ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەرنى ۋە شەخسلەرنى يېزىش ئەمەس، شۇنداق ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر يۈز بەرگەن شارائىتتىكى ئاددى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى يېزىشنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى. شۇڭا زوردۇن سابىر ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە يازغان ئانا يۇرت رومانىغا يا غېنى باتۇر، يا ئەخمەتجان قاسىمىغا ئوخشاش تارىخىي شەخسنى باش پىرسۇناج قىلىپ تاللىماي، ئىلى يېزىلىرىدىكى بىر دېھقان بالىسىنى تاللىدى. ئىككىنچىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قانداق يېزىش جەھەتتىمۇ تۈرك ئەدىپلىرىدىن ئىلھام ئالدى. مەسىلەن: باشتىن ئاياق پىرسۇناجلار سەلبى-ئىجابىلىققا ئايرىلمىغان «چالىقۇشى» رومانى تەرجىمە قىلىنغان 80-يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىدە سەلبى ۋە ئىجابى پىرسۇناجلارنىڭ كۆرىشىنى يېزىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، ئوقۇرمەنلەرمۇ شۇنداق مەزمۇنلارنى ئوقۇشقا كۆندۈرۈلگەن ئىدى. مەزكۇر رومان ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئەسەرلىرىدە پىرسۇناجلارنى سەلبى ۋە ئىجابى دەپ قەستەن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشتى. ئوقۇرمەنلەرمۇ ئەسەرلەردىن ئىجابى ۋە سەلبى پىرسۇناج ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىقنى ئادەت قىلىشقا باشلىدى.

ئويۇنلار ۋادىسى تۈركىيە

 

مەن 2005-يىلى تۈركىيەگە بارغىنىمدا ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان بەزى دوستلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ياندىشالمىدىم. بولۇپمۇ كوردلاردىكى ھەمكارلاشماسلىق، نامايىش ۋە تېرورچىلىق ھەققىدىكى قارىمۇ قارشى باھالىرىمىز كۆڭۈلسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. بىر نەچچەيلەن بۇنى كوردلارنىڭ مىللىي ئىرادىسى، ئاچچىق كەچۈرمىشىنىڭ پەرقلىق رېئال ئىنكاسى ئەمەس، «غەرپنىڭ ئويۇنى» دەپ چىڭ تۇرغان بولدى.

ۋەتەنگە قايتىپ بىر قانچە يىل كېيىن تۈركىيەدىن دوستلار تەتىل قىلىپ كەلدى. گەپ ھىندىستاننىڭ بومبايدا تېرورلۇق يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە بولۇۋېدى تۈركىيەدىن كەلگەن بىر دوستۇم ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىغا باغلىدى. مەن تۈركىيەدە غەرپنىڭ ئويۇنى، جاھانگىلارنىڭ توزىقى، يەھۇدىلارنىڭ قىلتىقى، خىرىستىيانلارنىڭ سۈيىقەستى، كۇپرىلارنىڭ دۈشمەنلىكى دېگەندەك پەرەزلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرغىنىم ئۈچۈن تالاش – تارتىش قىلماي توغرا چۈشەندىم، كۆڭۈلسىزلىك بولمىدى.

تۈركىيەدىكى چاغلىرىمدا يەرلىك بۇرادەرلەردىن دائىم «تۈركىيە نېمىشقا ئاتوم بومبىسىدا ۋەيران قىلىنغان ياپۇنىيەدەك يۈكسىلىپ دىموكراتىك، تەرەققىياتلىق، پاراۋان بولالمايدۇ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا خاراپ بولغان گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيەلەر ۋەيرانچىلىقتىن دەس تۇرۇپ پاراغەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلالىدى – يۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشتا زىيان تارتماستىن پايدا ئالغان تۈركىيە تېخىچە بېلىنى رۇسلاپ بولالمايدۇ؟ تىلى، مەدەنىيەتى ۋە تارىخى شۇنچە پەرقلىق بولغان ياۋرۇپا ئەللىرى كېلىشىپ بىرلىك قۇرالىدى – يۇ، ئامۇ دەرياسىدىن ئانا دولۇ ۋادىسىغىچە تىل، مەدەنىيەت ۋە كەچمىشتە قېرىنداش بولغان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان تۈركىيە شۇنداق بىر گەۋدىنى قۇرالمىدى؟ تۈركىيەدە نېمىشقا تولا ھەربى ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورايتتىم.

تۈركىيە ھەققىدە كاللامغا كەلگەن ئون يىللىق نىچۈنلەرنىڭ جاۋابى ئاساسەن ئىزچىل «غەرپنىڭ ئويۇنى، كۇفرىنىڭ دۈشمەنلىكى، كوردلار ۋە قوشنا ئەرەپلەرنىڭ خائىنلىقى» دېگەندەك قېلىپلاشقان ئىبارىلەر بوپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ تۈرك سىياسىيۇنلىرىدىن ھېچ بىر سەۋەنلىك ئۆتمەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم، يەنە بەزىدە بۇ جاۋاپلارنى توغرا دەيتتىم – يۇ،  ھاكىمىيەتتە ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىك، جەمئىيەتتىكى يالغانچىلىق، ئورگانلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، مەكتەپلەردىكى ئۈنۈمسىزلىك، گورۇھۋازلىق ۋە تەبىقىچىلىككە قاراپ ئويلىنىپ قالاتتىم، ئەجەبا بۇمۇ غەرپنىڭ ئويۇنىمىدۇ! قىزىق يېرى بەزىلەر ھەتتا بۇنىمۇ ئىمپېرىيالىستلارنىڭ قاپقان قۇرغانلىقىدىن كۆرىشەتتى. ئۇلارچە تۈركىيەنى كىملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش پۈتۈنلەي يەھۇدىلارنىڭ قۇماندانلىقى ۋە ئاق ساراينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولارمىش.

2006-يىلى تۈركىيەدىكى چاغلىرىمدا تىمۇر ئىسىملىك بىرەيلەن بىلەن يېقىن ئۆتتۈم. ئۇ ئامېرىكىدا ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن بولۇپ، ماڭا پەقەتلا تۈركچە گەپ قىلمايتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا «يەنى شافاق» (يېڭى شەپەق) دېگەن گېزىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى يەتكۈزدى. بىرلىكتە گېزىتكە باردۇق، بىزنى ساقلاپ تۇرغان بىر مۇخپىرمۇ ماڭا ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. ئىككى سائەتتەك ئېنگىلىزچە سۆھبەتلەشتۇق، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلىدىغان ماقالىنىڭ گېپى بولۇنمىدى. بۇ ئىش بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلدى. بىر كۈنى ماقالىنى قاچان يازىدىغانلىقىمنى ۋە قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سورىدىم. تىمۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئاۋۋال ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىقتىدارىمنى ئىسپاتلايمىشمەن، يازالايدىغىنىمغا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يازدۇرارمىش.

بىر كۈنى تاسادىپى ھېلىقى مۇخپىر بىلەن تاسادىپى كوچىدا ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ كانادانىڭ ۋىزىسىنى ئاپتۇ. بۇندىن كېيىن مەن گېزىتخانىغا بارمىساممۇ بولارمىش مېنىڭ ئېنگىلىزچە ئۆگىتىشىمگە، مەن بىلەن ئېنگىلىزچە سۆزلىشىشنى مەشىق قىلىشقا ئەمدى ئىھتىياجى يوقمىش.

كۈتۈلمىگەن بۇ ئىشتىن ھەيران قالدىم. بىر بىرلەپ ئويلىنىپ دەلىللەپ باقسام بەش ئايغا يېقىن ئالدىنىپتىمەن. ئۇ بىر تەرجىمە ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا خەنسۇچە ئۆگەنمەكچى بولغان تۈركلەرگە جوڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇپتىمەن. جوڭگۇدا مال ئىشلەتمەكچى بولغان شىركەتلەرگە يارىدەملىشىپ خەنسۇلارغا تېلىپۇن قىپتىمەن. خەنسۇچە–ئېنگىلىزچە-تۈركچە ئۇنى – بۇنى ئۆرۈپ بېرىپتىمەن.

تىمۇر ئىشلەيدىغان شىركەت ئەسلىدە ھەرخىل تىللاردىكى مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە مەسلىھەت بېرىپ نەپ ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ماڭا «تۈرك سىتۇدېنتلار چىن زۇلمىنى، ئىشكەنجىسىنى چۈشەنمەكچى، تۈرك شىركەتلىرى ئۇيغۇر خادىم قوبۇل قىلماقچى، تۈرك تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقچى» دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى مېنى ھەقسىز تەرجىمانلىققا ئىشلىتىش ئۈچۈن توقۇلغان ئويۇن ئىكەن.

بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن ئەردوغان بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باغچەلىگە تەنقىد ياغدۇردى. چۈنكى باغچەلى ئەردوغاننى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن سۆككەن ئىكەن. ئەردوغاننىڭ شۇ چاغدىكى«ھۆرمەتلىك باغچەلى، سەن 2001-يىلى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان ئىدىڭ. شۇ چاغدا قولۇڭدىن نېمە كەلگەن…» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەسلى تۈركچەسىنى ھازىرمۇ ئەينەن دوراپ بېرەلەيمەن. 2015-يىلى بىر قېتىم ئەردوغاننىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ دەۋلەت باغچەلىگە قارىتىپ «مەن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى باش مىنىستىر بولىمەن، سەن ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتىڭدا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشقا بىر بېرىپمۇ باقتىڭمۇ؟» دېگىنىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. بۇ ئۇنۇتقاقلىقمۇ؟ ئەجەبا تۈركچىدە سىياسىيۇن دېگەن يالغانچى دېگەنلىك بولامدىغاندۇ؟ ئەجەبا بۇمۇ غەرپنىڭ ئويۇنىمۇ؟

تۈركچىدە «پارماقلارىندا ئويناتماق» دەيدىغان بىر ئىبارە بار. بەزى كىشىلەر مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ غەرپلىكلەرنى قانداق ئاماللار بىلەن بارماقلىرىدا ئوينىتىپ، تۈركىيەنى ساقلاپ قالغانلىقلىرىنى سۆزلىشىپ ماختىنىشىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق يامانلىقلارنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋە ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق تەشكىلاتى موسادنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىگە چىنپۈتىدىغان گاھى كىشىلەر، تۈرك سىياسەتچىلىرىنى غەرپنىڭ قانداق ئوينىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىپ ئۇھسىنىشىدۇ. مېنىڭ چۈشىنەلمەيدىغان يېرىم غەرپ يېڭىدىن گۈللەنگەن سىنگاپور، كورىيەنى، تەيۋەننىغۇ دىنسىز بولغاچقا ئويناتمىسۇن، ئۇنداقتا مۇسۇلمان ئەللىرى بولغان قاتار، ئىمرات ۋە مالايسىيەنى نېمىشقا ئويناتمىغان، باپلىمىغان، قەستلىمىگەن؟ غەرپ پەقەت تۈركىيەنىڭلا كويىدا قالغانمىدۇ؟ بۇلارنى ئويلاشقاندا كىشىگە بەزى تۈركلەرنىڭ پىشانىسىگە ئويناش ھەۋىسى، ئوينىلىش قورقۇنچى پۈتۈلگەندەك تۇيۇلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ كۆزى بولغان سۇلتان ئەھمەد جامەسىدە زىيارەتكە بارساملا ھويلىغا تىزىلغان ھەدىسلەر ئىچىدە رەسۇلىمىزنىڭ «دىن سەمىمىيەتتۇر» دېگەن ھەدىسى قەلبىمنى چېكىدۇ. شۇ نامدا مەخسۇس بىر توربەتنىڭ ئېچىلغانلىقىمۇ ئاستىغا يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىمەن. قارىغاندا قەيەردە نېمە كەم بولسا شۇ كۈيلەنسە كېرەك.

تۈركلەرنى ئىشلىتىپ باققان ۋە تۈركلەر بىلەن ئىشلەپ باققان دوستلىرىم ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى قەتئىي بوينىغا ئالمايدىغان، دۆڭگەيدىغان، باھانە كۆرسىتىپ تېنىۋالىدىغان خۇيىدىن خۇرسىنىشىدۇ. تۈركىيەدە قاتناش ھادىسىلىرى بىرىنچى قاتىل دېيىلىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا جاۋاپكار بوينىغا ئالماي «بۇ بىر قازادۇر، ئاللاھتىن، بىزدىن ئەمەس» دەپ تۇرىۋالىدىكەن. 2014-يىلى قاماقتىكى چاغلىرىمدا تۈركىيەدە كان ۋەقەسى چىقىپ،300دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. دىققەت قىلسام باش مىنىستىر ئەمەس، بىرەر مۇئاۋىن مىنىستىرمۇ ئىستىپا بەرمىدى. شۇ يىلى كورىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ 302 ئادەم ۋاپات بولدى. كورىيەنىڭ باش مىنىستىرى يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى ۋە ئىستىپا بەردى. ئەجەبا 300 كورىيەلىكنىڭ جېنى جان، 300 تۈركنىڭ جېنى غازاڭمىكەن؟ تۈركىيەدە سەمىمىيەتسىزلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، خاتالىقنى ئىتىراپ قىلماسلىق، تۆۋە قىلماسلىق يۇقۇرىسى رەھبەردىن پۇقراغىچە ئومۇملاشقان ئەنئەنىمۇ؟ ئۇنداقتا بەزى تۈركلەرنىڭ بارلىق قابىلىيەتىسزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك، سەممىيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى، مەغلۇبىيەت، زىددىيەت ۋە مالامانچىلىقنى غەرپكە، غەرپ باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئويۇنغا، ئىسرائىلىيەگە دۆڭگەپ قويۇشلىرى دۆڭگەكلىك، تانغاقلىق، باھانەخورلۇق ئەمەسمىدۇ!

 

2016-يىلى مارت.

مەن شاھىت بولغان ھىجرەت، جىھات تەشۋىقاتى

 

مەن تۇنجى قېتىم ھجرەت تەشۋىقاتىنى 2004-يىلى مالايسىيادا تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇردىن ئاڭلىغان. ئۇمالايسىيادىن مېنىڭ مەسلىھەتىم بۇيىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن بىرەيلەن ھەققىدە ماڭا  نارازىلىق بىلدۈرۈپ،«ھىجرەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى، بۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشىلىق بولىدۇ» دېگەن ئېلخەتنى يازغان. شۇ چاغدا مالايسىياغا يىغىلغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. مالايسىيامۇ ئۇيغۇرلارغا بەك ئاسان ۋىزا بېرەتتى.

ئىككىنچى قېتىم ھىجرەتچىلىكنى ئۇچراتقىنىم بىر دولقۇن سۈپىتىدە بولدى. ۋەتەن سىرتىدىن ھىجرەتكە تەرغىپ قىلىنغان تەبلىغلەر كېلىشكە باشلىدى. «ھىجرەت تەسىراتلىرى» دېگەن بىر كىتاپنى ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدا ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ كەچۈرمىشىلىرى يېزىلغان ئىدى. مەن بۇنىڭغا قارشى «مىراس نادامەت ۋە مىراس قىسمەتلەر» دېگەن يازمىنى يازدىم. شۇ چاغلاردا ھىجرەتچىلىككە بولغان قاراشلىرىمنى بىۋاستە يازماي ۋاستىلىق پۇراتقىنىم خاتا بولغان ئىكەن. بۇمۇ كار قىلمىغاندىن كېيىن «چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق تەشۋىشى» دېگەن يازمىدا يەنە بىر قېتىم ھىجرەتچىلىك ھەققىدە مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. دەرھال تورلاردا ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۇچرىدىم ۋە بىر ئۆلىما دوستۇمنىڭ ئاتايىن كېلىپ ئاگاھلاندۇرىشىغا دۇچ كەلدىم.

2013-يىلى 19-ئاۋغۇست مەن قامالغاندىن كېيىن بايقىدىمكى ھىجرەتچىلىك ئۇيغۇردا تەشۋىقاتتىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ بولغان ئىكەن. مەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق كۆرگەنلەر ئىچىدە بۇ ھەرىكەتكە باغلىنىپ تۇتۇلغان بالىلار خوتەندىن ئەڭ كۆپ، قەشقەرنىڭ يەركەنت، مارالبېشى، قارغىلىق، پوسكام، يېڭىسار، يوپۇرغا، قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ، ئاقسۇنىڭ باي، ئاۋات، ئۇچتۇرپان، ئونسۇ، كۇچا، كورلانىڭ شەھەر ئىچى، قاراشەھەر، قومۇلنىڭ قارا دۆۋە، غۇلجىنىڭ جىليۈزى، تۇرپاننىڭ پىچان قاتارلىق جايلاردىن كۆپرەك ئىدى. خوتەننىڭ لوپ ۋە قاراقاش بىلەن قەشقەرنىڭ ياركەنت ۋە پوسكامدىن بۇ سەپەرگە ئاتلانغانلارنى ئەڭ كۆپ كۆردۈم.

قاماققا ئېلىنغان ھىجرەتچىلەرنىڭ ھېچ بىرى چىگرادا تۇتۇلغان، چەتئەلدىن قايتۇرۇلغان ۋە يېرىم يولدا قولغا چۈشكەنلەر ئەمەس، كۆپىنچىسى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ئىدى. خوتەن شەھىرىدىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە بېرىپ تۇتۇلغان بىر ئۇيغۇر بالا كىملىكى ساختا بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان. ھىجرەت دولقۇنىغا قېتىلغانلارنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىز مەلۇماتلىقلار، چەتئەل ئەمەس ئۈرۈمچىگىمۇ كۆپ چىقىپ باقمىغان ھەر خىل ياشتىكى تەقۋادار كىشىلەر ئىدى. يۇرت بۇيىچە قارىغاندا ئارتۇچتىن يوق دېيەرلىك بولۇپ، مەن ھىجرەت بىلەن تۇتۇلغان بىرمۇ مەھبۇس كۆرۈپ باقمىدىم.

2014-يىلى ئالتىنچى ئايلاردا بىر ئۇيغۇر مەھبۇس كىرىپ كەلدى. ئۇ قاراقاشتا ئىشلەيدىغان بولۇپ ئۈرۈمچىگە دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇ ماڭا بۇ خىزمەت بىلەن ئالاقىدار كۆپ ئۇچۇرلارنى دەپ بەردى. ماۋزۇ بىلەن ئالاقىدار بولمىغىنى ئۈچۈن قالغاننى دەپ يۈرمەيمەن، ئەمما ئۇ شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا 17-18 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. مەن بۇ گەپكە شۇ چاغدىلا ئەمەس تۈركىيەگە كېلىپ، شۇ كىشىلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگۈچە ئىشەنمىدىم. ئۇ بۇلارنىڭ شۇ يەردە تەشكىللىك ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. ئۇ ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى شۇلارنىڭ شۇ جايدىن ھۇجۇم قىلىشى دېگەن ئىدى. مەن بۇ كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەققىدە سورىغىنىمدا تۆت بەش ئادەمنىڭ ئىسمىنى دەپ بەردى، لېكىن مەن ھېچ بىرىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ھېچ بىرى سىياسىي سەھنىدە كۆرۈنۈۋاتقان كىشىلەر ئەمەس. ھەتتا مەن ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىق بۇرۇن قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالساممۇ ئىنكار قىلغان ئىدى.

قاماقتىن چىققاندىن كېيىن، قارىسام ھىجرەتكە قارشى تەشۋىقات داۋام قىلغىلى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاماقتا يېزىشنى پىلان قىلغان «ئۇيغۇردا ھىجرەتچىلىك دولقۇنى» دېگەن يازمامنى يازماسلىق قارارىغا كەلدىم. سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىدى. بۇ ھەقتە بىر قانچە دوستۇمغا مەسلىھەت سالدىم، بىر ئادۋۇكات دوستۇم «بۇ يېزىلىشى بەك زۆۈر بولغان تېما ئىكەن، دەرھال يېزىڭ» دەپ تەۋسىيە قىلدى. مەن جاھىللارچە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلمايمەن دەپ يازمىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ئادۋۇكات توغرا ئېيىتقان ئىكەن. تۈركىيەگە كېلىپ بايقىدىمكى خىتاي ھىجرەتكە قارشى تەشۋىقاتقا ئۆتكەندە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھىجرەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكى ھەققىدە تەرغىباتنى كۈچلەندۈرگەن ئىكەن.

2015-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي قەيسەرىگە باردىم. ئۇ يەردە خوتەندىن چىققان بىر بوۋاي ۋە كورلادىن چىققان ئوتتۇرا ياش بىر كىشى بىلەن پاراڭلاشتىم. بوۋاي ماڭا بۇ قورودىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى توغرا يولدا دېدى. ئۇنىڭ توغرا يول دېگىنى دائىش دېيىلىۋاتقان خەلىپىگە بەيئەت قىلغان جامائەت ئىكەن. ئەرلەر ئومۇمىيۈزلۈك ساقال قويغان، ئاياللار باشتىن ئاياققىچە تولۇق قارىغا ئورانغان بۇ قورۇدا بىر كۈن تۇرۇپ، كەچمىش ئاڭلاپ ئېغىر خىياللار بىلەن قايتىپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قورۇدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۈرىيەگە جىھاتقا كىرىشنى ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ئىكەن.

2016-يىلى ئىستانبۇلدا بىر مەزگىل تۇرۇپ «ئۇيغۇردا دۇنياۋىي جىھات» دېگەن تېما ھەققىدە قايتا ئىزدىنىشنى قارار قىلدىم. ياشلار تۈركۈم – تۈركۈملەپ سۈرىيەگە جىھاتقا كەتتى. پاسپورت قويىۋېتىلگەندىن كېيىن يېڭى كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىممۇ سۈرىيەگە كەتتى، بەزىلەر بېرىش ياكى بارماسلىق ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ يېنىمغا كەلدى. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، قاماقتا ئويلىغان ھىجرەت، جىھات تېمىسىنى قايتا يېزىش قارارىغا كەلدىم، ئەمما يېقىن دوستلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدىم. ئۇلار بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى ئاگاھلاندۇردى.

شۇ يىلى ئۆكتەبىردە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى قاراداغى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلارغا جاۋابەن، مەزكۇر بىرلىكنىڭ پەتىۋاسى بۇيىچە سۈرىيەلىك بولمىغانلارنىڭ جىھات ئۈچۈن سۈرىيەگە بېرىشى جايىز ئەمەس دېگەننى جاكارلىدى. ئەمما بۇ ھەقتە 13- دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەۋەرلەردە بۇ پەتىۋا تىلغا ئېلىنمىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا يۈكسەلگەن سۈرىيە قىزغىنلىقىغا چارە قىلالمىغاندىن كېيىن، بۇ ھىجرەت ۋە جىھات دولقۇنىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدىيە ھەققىدە ئىزدەندىم. «ئۇيغۇردا قۇتۇپچە ئىسلام»، «ئاشقۇنلۇققا ئولجا بالىلار»، «بىر نەپرەت قوللانمىسى» دېگەن ئۈچ پارچە يازمام مۇشۇ ئىزدىنىشلىرىمنىڭ نەتىجىسى. بۇ ئۈچ پارچە ماقالەم بىلەن «دىنىمىزغا ئارىلاشتى» دېگەن دوستلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدىم. يازمامغا رەددىيە بېرىلگەن بىرەر پارچە ماقالە يېزىلمىدى. ئەمما سەيىد قۇتۇپنى مەدھىيەلەيدىغان قىسقا پارچىلار، قۇتۇپنىڭ سۆزلىرى كۈچەپ تارقىتىلدى.

ھىجرەت، جىھات تەشۋىقاتى بۇندىن كېيىنمۇ توختىماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن. مەن بۇ ئېقىمغا قارشى چىققان چاغلاردا بىر يېقىن ئۆلىما دوستۇم ماڭا: «ئۇيغۇرلار ھازىر فىرئەۋىندەك خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. مىللەت بەنى ئىسرائىلدەك مەنىۋىيى ئىللەتلەر بىلەن تولۇپ پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەينى دەۋردە بىزدەك قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان خەلقىنى باشلاپ مىسىردىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ قەۋمى بىلەن سىناي چۆلىدە قىرىق يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى نىجاتلىققا ئېرىشكەن. چۈنكى 40 يىلدا بىر نەسىل يېڭىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ھىجرەت قىلىپ نەسلىنى يېڭىلىمىسا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. تاسادىپى ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ھەقىقىي نىجاتلىق بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن دوستلارنىڭ پاراڭلىرىغا دىققەت قىلسام ھەتتا ساياھەت قىلىشقا تۈركىيەگە كېلىپ، كېتەلمەي قالغانلارمۇ ئۆزىنى ھىجرەت قىلدىم دېگىلى تۇرۇپتۇ. ھەر نۆۋەت شۇلار بىلەن پاراڭلاشسام ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي كىتاپلارنى ھەر ۋاراقلىسام بۇ خەلقئارالىق ھىجرەت ۋە جىھات دولقۇنىغا تەييار تۇرغان بىر توپ كىشىلەر كۆز ئالدىمدا تەييار تۇرغاندەك ھېسىياتقا كېلىمەن.

غايىبانە ناماز ۋە نەق غۇلغۇلا

 

مۇھەممەت سالىھ داموللامغا ئوقۇلغان غايىبانە مىيىت نامىزىنى 3-فېۋرال ئەنقەرەدە ئوقۇدۇق.خاتىپنى مەرھۇم داموللام ھەققىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دات – پەرياتلىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختىلارمۇ دېگەن ئۈمىدىممۇ يوققا چىقتى. ئاخبارات ئېلان قىلىنغاندا ئەڭ كۆپ توۋلانغان «ئاللاھۇ ئەكبەر»لەر يۈرەكلەرنى تىترەتكەن بىلەن تۈرك خەلقىگە بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز، دىنىي داۋايىمىزدىن باشقا مەنانى چۈشەندۈرەلمىدى، ئۇيغۇرلۇق ئازابىمىزنى بىلدۈرەلمىدى، ئېنىق مەلۇمات يەتكۈزەلمىدى.

جۈمەگە كەلگەن جامائەتكە يىللاردىن بېرى كۆتۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەن بايراقلىرىمىز بىزنىڭ مۇستەقىلچى ئىكەنلىكىمىزدىن باشقا يېڭىلىقنى ھېس قىلدۇرالمىدى. «ئاللاھۇ ئەكبەر»دە راستچىل بولغان بولساق يىگانە ئەكبەر، بىردىنبىر ئۇلۇغ زات بولغان ئاللاھتىن قورققان بولساق يا زۇلۇمنى سۆزلەپ شاھىت بولغان، يا زۇلۇمغا قارشى شېھىت بولغان بولاتتۇق. مىڭ ئەپسۇسكى، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۇرۇپ، ئاللاھ ھۆر ياراتقان تىلىنى قورقۇنچانلىققا قۇل قىلىۋېتىپ ھەقنى سۆزلەشتىن ئاياپ قالساق، بايراقلار لەپىلدىگەن بىلەن لەۋلىرىمىز مىدىرلىمىسا دەردىمىزنى كىم بىلىدۇ؟ بايراق بىلەن تەڭ زۇلۇمغا قارشى مەيدانىمىز، شاھىتلىقىمىز لەپىلدىمىسە ئۇ بايراقنى كىم كۆتۈرسە بولىدىغۇ؟

مىيىت نامىزى ئوقۇلىۋاتقان پۇرسەتتە ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا كۆيۈۋاتقان كۈلپەتنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلغىلى بولمىدى. نامازدىن بۇرۇن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە ھەققىدىكى ئون شۇئارنى مەيدانغا تىزالمىدۇق. بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بىر غايىبانە مىيىت نامىزى بولۇشى بېكىتىلىپتۇ. كەيپىياتىم ئايەمدە ھېچكىم ھېيىتلىق بەرمىگەن يېتىم بالىدەك سۇلغۇن ئىدى. ھەر قېتىم بارسام ئۇيغۇرلارغا پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان دۇئالار قاتارىدىن ئورۇن بېرىدىغان ئىمامنىڭ بۇنچىلىك كەمسۆز بولۇپ كېتىشى، داموللامنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرگەن لوزۇنكىنى ئېسىش جەريانىدىكى قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەر ماڭا نۇرغۇن دېيىلمىگەن گەپلەرنى سۆزلەپ بەردى.

مىيىت نامىزى تۈگەپ بىر چاغدا قارىسام ھاجى بايرام ۋەلى جامىسىنىڭ ئالدىدا يالغۇز قاپتىمەن. ھەممە ئۆز غېمىدە، ئۆز ئىشى بىلەن، ھەممە تىجارەت ئۆز يولىدا. ھاجى بايرام ۋەلىدىن قالغان پۇچۇق تامغا قارىدىم، ئەگەر شۇ تامدىكى خىشلارنىڭ ئاغزى بولغان بولسا «ئەي ھاكىملار كەينىڭلاردا، يېنىڭلاردا، سۆھبىتىڭلاردا زالىم بار، سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەقنى ئەمەس نەپنى سۆزلەۋاتىسىلەر، ئادالەتنى ئەمەس، تىجارەتنى كۆزلەۋاتىسلەر» دەپ يىغلاپ يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، بۇرسا، قەيسەرى شەھەرلىرىدە بولغان مىيىت نامازلىرىغىمۇ ئۈمىت بىلەن بىرمۇ بىر قاراپ چىقتىم.مەزمۇن ۋە شەكىل ئوخشاش، پەقەت قاتناشقان شەخىسلەر پەرقلىق. «ئاللاھۇ ئەكبەر»، «يا ئاللاھ، بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن سادالار ئورتاق ياڭراپتۇ.«كاپىرلار بىر، كۇپىر بىر، بىز كاپىر ۋە كۇپرىغا قارشى كۆرەش قىلىمىز» دېگەن يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان شۇئارلاردىن كۆزلەر ياشلاندى.ئەمما ياشنى سۈرتۈپ ئويلاپ باقسام شۇ كۆرەشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم. كاپىرلار كۆپ، بەكمۇ كۆپ ئىدى. كۇپرى يېيىلمىغان يەر، ئارىلاشمىغان ئىش، چېتىلىمىغان جەمئىيەت ئاز ئىدى. قايسى بىرىنى يوقىتىپ بولارمىز؟ بەلكىم قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن مەنلا ئەمەس. كۇپرىغا قارشى بۇ سادا، بۇ كاپىرلىققا قارشى كۆرەش چاقىرىقلىرى پەرقلىق ياش، پەرقلىق سەۋىيە ۋە پەرقلىق ھېسىياتتىكى كىشىلەرنى يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ۋەتەندىن ئايرىپ يات تاغ، دالىلاردا سەرسان قىلدى.

كاپىرلارنى يوقىتىش، كۇپىرنى گۇمران قىلىش چاقىرىقى ئېسىمگە شۇ چاقىرىق كۈچەيگەن يىللار ۋە قاماق ھاياتىمنى ئېلىپ كىردى. سولاقتا دۇنيادىكى كاپىرلىقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ھىجرەتكە ئاتلانغان ياشلارنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇراتتىم.

2008-يىلى ئۈرۈمچىگە دىن ئوقۇغىلى چىققان ئەمرۇللا ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ تاماققا ماڭغان يولدا بىر رېستۇراندىن ياڭراۋاتقان مۇزىكىنى ئاڭلاپلا قولاقلىرىنى ئەتكەن ئىدى. «ئابدۇۋەلى دادا، مۇشۇ يەرنى پارتىلىتىۋەتسەك بولمامدۇ؟!» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ھاياجانغا چۈمگىنىم راست. ئويلاپ باقسام ئەسەبىيلەشكەن چاغلىرىم ئىكەن. قاماقتا ياتقان چاغلىرىمدا ياغلىق ئارتمىغان تەپتىشلەرگە، ھاراق ئىچىپ كىرىپ قالغان مەھبۇسلارغا «كاپىر» دەپ گەپ قىلمايدىغان بالىلارنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم. مەن كۇپرىغا قارشى تۇرۇشتا نېمە قىلىشنى، كىمدىن باشلاشنى بىلمىگەن بىلەن ھەرىكەتنى يېنىدىكى ياغلىق ئارتمىغان ئايالدىن، مەھەللىسىدىكى رېستۇراندىن باشلايدىغانلار بار ئىكەن. قارىغاندا نامايىشقا چىققان چاغدا توۋلايدىغان كاپىرلارغا قارشى كۆرەش، كۇپرىغا قارشى جىھات شۇئارلىرى ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ، قۇربىمىزگە ۋە بىچارە ھالىمىزغا قاراپ ئۆزگەرسە بىز باسقان زالىمغا، دۈشمەنگە، قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى توۋلانسا تېخىمۇ ئەۋزەل دەپ ئويلىدىم.

ئۆلۈمگە بارساق ئېسمىزگە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ۋە ئۆلۈملۈك بولغانلىقىمىز كېلىپ ھەممىمىز يىغلايمىز، بۇ ئىنسان تەبىئىتى. بۈگۈن ئۇيغۇر ھازىدار بولغاچقا ئۆلۈملا بولسا، يىغلىغاننى كۆرسەكلا يىغلايدىغان ھالغا يەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك داموللامنىڭ ئۆلۈمىدە بىر دەرت تۆككىمىز بارئىدى. بىز غايىبانە مىيىت نامىزىغا تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئاغزىدىن كۈچلۈك خىتاينىڭ ئەمەس، ھەقلىق ئۇيغۇرنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا شاھىتلىق ئىزدەپ بارغان ئىدۇق. ھەمىمىز مەھبۇس ئانىمىز، تۇتقۇن دادىمىز، زۇلمەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە باشلىقى، گۇندىپايلار پارتىيەسىنىڭ ئاتامانىغا: ئەي شى قاسساپ، بىزمۇ سەندەك ئىنسان، قېنىمىز سېنىڭكىدەك قان، جېنىمىز سېنىڭكدەكلا تاتلىق جان، بىزنى قانخورلۇققا، جاندىن كېچىشكە بۇنچە زورلىما، زۇلۇمنى توختات! دېمەكچى ئىدۇق. مۇشۇلارنى دېيەلمىگەچ غەزەپلىنىۋاتىمىز، غۇتۇلداۋاتىمىز، غۇلغۇلا قىلىۋاتىمىز.

 

2018-يىلى 2-ئاينىڭ 3–كۈنى، ئەنقەرە

ئۇيغۇردا يوق ئۈچ غەلەت

 

مىسىر، ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ ئۇيغۇرنىڭ بۇ ئۈچ ئەلدىكى مۇسۇلمانلاردىن قايسى جەھەتلەردە پەرق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. پاكىزلىكتە ئۇيغۇرلار يامغۇرلۇق تۈركىيەگە يەتمىگەن بىلەن، نىلغا چۈمۈلۈپ ياشايدىغان مىسىرلىقلار ۋە نېفىتتىن كەلگەن كىرىم ئۈستىگە تۇغۇلغان ئەرەبىستانلىقلاردىن ئۈستۈن ئىكەنمىز، بۇ جەھەتتە ئۇلار قولىمىزغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىكەن. مۇلايىملىق، تەقۋالىق، سەمىمىيەت ۋە ساداقەتتە بۇ ئۈچ ئەلدىكى خەلقتە كەم پەزىلەتلەرنى ئۇيغۇردا مول كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق يېرىنى تاپالمىدىم. بۇ ئۈچ ئەلدە يامرىغان، ئەمما بىزدە يوق ئۈچ غەلەت بەكرەك دىققىتىمنى تارتتى.

بۇ ئۈچ ئەلدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزىدىكى بۇ غەلەتلەرنى ئىسلامدىن بۇرۇنقى چاغلاردىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىمانغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىنمۇ ۋەز كەچمىگەن. ھەتتا بەزىلەر بۇ جاھالەتنى ئىسلامغا ئۇيغۇن دەپ قارايدىكەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۈچ يىرگىنچلىك جاھالەتتىن يىراق بولۇپ كەلگەنلىكى، قەبىلە ھاياتىدىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەندىن كېيىن، ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھالەتتىن كەسكىن ۋاز كېچىپ مەدەنىيەتكە يۈكسەلگەنلىكى بىزگە ئەجداتلاردىن مىراس پەزىلەت. بۇ پەزىلەتنى تېخىمۇ تولۇق ھېس قىلىش ۋە داۋام قىلىش ئۈچۈن باشقىلار مۇسۇلمان بولۇپمۇ ۋاز كەچمىگەن غەلەتلەرنى بىلىپ باقايلى.

مىسىردا ئەۋج ئالغان ئەڭ گەۋدىلىك بىر غەلەت قىزلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىش ئىكەن. بۇ ئادەتكە گەرچە 2006-يىلى ۋە 2008-يىلى پەتىۋا ئېلان قىلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، تېخىچە مىسىردا كەڭرى مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭغا كۆپچىلىك ئۆلىمالار قەتئىي قارشى بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىملار ئىسلامغا زىت دەپ قارىماي ئىزچىل قوللاپ كەلگىنى ئۈچۈن، بۈگۈنگىچە مىليۇن – مىليۇن قىزنىڭ نالە-پەريادىغا ۋە ئۆمۈرلۈك ئازاپلىرىغا زامىن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئىكەن. بۇ ئادەت مىسىردىلا ئەمەس، شىمالى ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى مىللەتلەردىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى بولمىغان قەبىلىۋىي ئادەت ئىكەن. 2016-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 200 مىليۇندىن ئارتۇق خەتنىلىك قىزلار بار ئىكەن. بۇ ئادەتنىڭ دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتتە داۋام  قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان، ھىندىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەردە ئەۋج ئالغان بىر غەلەت «نومۇسىنى يۇيۇش» ئادىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئەگەر بىر ئائىلىدىكى قىز – ئاياللار باشقىلار بىلەن نىكاھتىن سىرت ئالاقىدە بولغان، ئاتا-ئانىسى بېكىتكەن نىكاھنى قوبۇل قىلمىغان، ئېرىگە بويسۇنمىغان بولسا شۇ ئائىلىدىكى ئەرلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى قوغداش، نومۇسىنى يۇيۇش ئۈچۈن قەتلى قىلىدۇ. قاتىل ئۆزىنى «قەھرىمان» ساناپ تۈرمىلەرگە مەغرۇر كىرىپ كېلىدۇ. بۇ ئادەت سەۋەپلىك 2000-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە يىلىغا ئۆلتۈرۈلگەن قىز – ئاياللار بەش مىڭدىن تۆۋەنلىمەي كەلمەكتە. تېخىمۇ ئىچىنارلىق يېرى بەزى ئەللەردە قاتىللار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ، ئاۋام نەپرەت ياغدۇرمايدۇ. بۇ ئادەتنى كۆپىنچە دۆلەتلەر دىن ۋە قانۇن يولى بىلەن چەكلەپمۇ تۈگىتەلمىگەن. سالىھ ئۆلىما ۋە ئالىملار بۇ جاھالەتكە قارشى تەبلىغ ۋە خۇتبىلەر بىلەن نەسىھەت قىلىپمۇ يوقىتالمىغان.

تۈركىيە، مىسىر ۋە ئەرەبىستاندا كۈچلۈك ئۈچىنچى غەلەت قىساسخورلۇق. بۇ ئادەتمۇ ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقى ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە كۆپرەك مەۋجۇت بولۇپ، قاتىللىقنىڭ يەنە بىر مەنبەسى دەپ قارىلىدىكەن. بۇ ئادەت دىن بىلەن ئالاقىسىز بولۇپ مۇسۇلمان، دىنسىز ۋە خرىستىيانلاردا ئوخشاش مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما شىمالى ئافرىقا، جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرى بۇنى ئىسلام دىنىغا باغلاپ چۈشىنىدىكەن. قىساسخورلۇقنىڭ ھىندىستاندىكى ۋە خىتايدىكى يۇقىرىقى دىنلارنىڭ ھېچ بىرىگە ئىشەنمەيدىغان مىللەتلەردىمۇ كۈچلۈك بولۇشى، بۇ ئادەتنىڭ دىن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋە مىسىردا قىساسخورلۇق ئائىلىنىڭ شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىساس ئالماسلىق ئۇلارنى جامائەتنىڭ بېسىمىغا دۇچار قىلىدىكەن. قىساس بىر بولسا جامائەتكە ئاشكارە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىم ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىشى ياكى چوقۇم ئېلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىر ئەۋلات ئىچىدە قىساس ئېلىنمىسا، ئىككىنچى ئەۋلاتقا مىراس قالىدىكەن. قىساس ئالماسلىق شۇ ئائىلىنىڭ جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋەت ۋە ھۆرمىتىگە داغ يەتكۈزىدىكەن.

غەلىتە يېرى بۇ ئۈچ غەلەت يۇقىرىقى ئەل-مىللەتلەردە ئىسلام ۋە خىرىسىتىيانلىق تارقىلىشتىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، بەزى خرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلار دىنغا باغلاپ ئاقلايدىكەن. ئۇلار دىنى دەستۇرلاردىن ئاساسلارنى تېپىپ چىقىپ ئۆزلىرى مۇسۇلمان ۋە خرىستىيان بولۇشتىن بۇرۇنلا ئادەت قىلغان بۇ قىلىقلارنى ھەقلىق قىلىشقا تىرىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەتلەرنىڭ يىلتىزىدا قەدىمكى قەبىلىۋازلىق، جەمەتچىلىك ۋە ئەرلىك ھوقۇققا چوقۇنۇش خاھىشى ۋە ئەنئەنىسى ياتىدىكەن.

ئۇيغۇرلاردا ئىنسانلىققا خىلاپ يۇقىرىقى غەلەتلەرنىڭ بولماسلىقى، بەلكىم بىزنىڭ نەسەپكە باغلانغان قەبىلە ھاياتىنى مىڭ يىللار بۇرۇن ئاياقلاشتۇرۇپ، ھەر خىل نەسەپتىكىلەر بىرلىكتە ياشايدىغان جامائەت بەرپا قىلغانلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇنلا كۆچمەن ھاياتتىن مۇقىم ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە دېھقانچىلىق ھاياتىغا كۆچكەنلىكى، دىيارىمىزنىڭ بىرەر قەبىلە بىلەن باشقۇرۇلماي شەھەر، يېزا، قىشلاق دېگەن ئېنىق مەمۇرى بىرلىكلەر بىلەن باشقۇرۇلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما بەرپا قىلىنغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بىزگە قوشنا، دىنداش ۋە قېرىنداش بولغان مىللەتلەردە بولغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراۋاتقان يۇقىرىقى رەھىمسىز ئادەتلەرنىڭ بىزدە بولماسلىقى ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەدەنىيلىكى، زامانغا ئۇيغۇنلۇقى ۋە تەرەققىياتچانلىقى دېيىشكە بولىدۇ.

يۈدۈپ يۈرگەن تەپەككۇر يۈكى

 

خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر، دۈشمەن ئىزدەش كەيپىياتى سىڭگەن، ھەرقانداق ھادىسىلەرنىڭ كەينىدە بىر چوڭ سۈيىقەستنىڭ بارلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەپەككۇر يۈكى تۈركىيەدە ئېغىرلاشقا باشلايدۇ. ئۇلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن خەلققە غەرپتىن توختىماي دۈشمەن تېپىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر ئىددىيەۋىي مۇھىتقا كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالىدۇ. چۈنكى تۈركىيەدىمۇ تەشۋىقات توختماي دۈشمەن يارىتىدۇ، تۈركىيەدىمۇ غەرپ خىتايدىكىگە ئوخشاش كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن. بۇ يەردىكى دىندارلار ئۈچۈن غەرپ دىن دۈشمىنى، كومۇنىستلار ئۈچۈن ئېكىسپالاتاتسىيە قىلغۇچى جاھانگىر، مىللىيەتچىلەر ئۈچۈن مۇستەملىكىچى، سوتسىيالىزىمچىلار ئۈچۈن كاپىتالىزىمنىڭ بوۋىسىدۇر. بۇنداق مۇھىتتا ئەسلىدىنلا بىر سۈنئىي دۈشمەننى يۈدۈپ كەلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئىددىيە يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

تۈركىيەدە بەكرەك دىندار كىشىلەر غەرپنى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىلار گورۇھى سۈپىتىدە چۈشىنىپ تەھدىت ھېس قىلسا، كومۇنىستلار غەرپنى ئەزگۈچى ئىمپىرىيالىست ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ خەۋپسىرەيتتى، مىللەتچىلەر بولسا غەرپنىڭ تارىختا تۈركىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن گۇمانسىرايتتى. شۇڭا تۈركىيەدە بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا ئاۋامدىن رەھبەرلەرگىچە ساقچىلارنىڭ رازۋېتكىسىنى، تەپتىشلەرنىڭ تەھقىقلىشىنى ۋە سوتنىڭ كېسىمىنى كۈتمەيلا، بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئۆزى دۈشمەن دەپ بىلىدىغان غەرپ بىلەن ئالاقىدار بىرەرىنى ھېلىقى تەييار ھېكايىگە سېلىپلا جاھانغا جاكارلاش، ئاۋامنى غەرپ رىژىسورلۇق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈش بىر خىل تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. بۇنداق تەپەككۇر ئۇيغۇرلارغا ئاللىقاچان سىڭدۈرۈلۈپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارمۇ ئاسانلا تۈركىيەدە بولغان ۋەقەنىڭ باش – ئاخىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، پاكىتلارنى تەھلىل قىلىپ، نۇتۇقلارنى دەلىللەپ جاپا تارتمايلا دۈشمەننىڭ كىملىكىگە ئىشىنىپ بولۇشىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە تېرىغان، مەسىلىلەرنى قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپلۇق ئويلاش ئۇسۇلى، ئىككىنچى ۋەتەن بولغان تۈركىيەدە يېتەرلىك سەمرىيدۇ. يۇقىرىقى تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئىنسان چوقۇم ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىدىكەن. بىر كىشى «يا ئۇيان بول، يا بۇيان»، ياكى يا دوست يا دۈشمەن، يا ئوڭچىيا سولچى، يا ماتېرىيالىزىمچى يا ئىدىيالىزىمچى بولۇشى كېرەك ئىكەن. پىكىر ئوخشىمىسا دۈشمەنگە چىقىرىش، تەرەققىيات، يېڭىلىق ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلسا غەرپپەرەسكە، كاپىر، پاسىققا چىقىرىش، ئىچكى زىددىيەتنى سىرىتقا دۆڭگەش، نورمال رىقابەتنى تەھدىتلەشتۈرۈش ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر ئادىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

كۆزىتىشىمچە بىر قىسىملىرىمىز خىتايدىن يۈدۈپ كەلگەن تەپەككۇر يۈكىنى تۈركىيەدە ئېغىرلاشتۇرىۋالساق، يەنە بەزىمىز مىسىر، ئەرەبىستانلاردا كۆپەيتىۋالىدىكەنمىز. تۈركىيەدە ئىنسانلارنىڭ دولىسىدا ئېغىرلاشقان تەپەككۇر يۈكى، ئۇيغۇرلار دىن ۋە ئىلاھىيەت بىلىملىرىنى ئوقۇشتا ئەڭ كۆپ تاللايدىغان مىسىر ۋە ئەرەبىستاندىمۇ كىشىلەرنى مۆرىسىدىن بېسىپ مۈكچەيتىپ تۇرىدىكەن. ئەرەبىستاندا بولغان كۈنلىرىمدە 2015-يىلى ھەرەمدە يۈز بەرگەن دەسسىلىش پاجىئەسىنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن «بۇ ئىرانلىق شىئەلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك قىلغان دۈشمەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دەيدىغانلارنى كۆردۈم ۋە شۇنداق سۆزلەنمىلەرنى ئاڭلىدىم. مەككىدىكى ساقچىلارنىڭ قوپاللىقى ھەققىدە گەپ بولغان بىر سورۇندا بىر دوستۇم «ئۇنداق ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىئە» دېگەندە ئويلىنىپ قالدىم. ئەرەبىستان خەلقىگە ئىراننى دۈشمەن تىكلەپ بەرگەن، ئۇلاردا شىئەلەرگە قارشى نەپرەت ئويغاتقان نەرسە، دۆلەتنىڭ ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكنى سىرىتقى دۈشمەنگە دۆڭگەپ قويغان ھېلىگەرلىكى. ئوتتۇرا شەرقتە زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان ئەرەبىستانغا رىقابەتچى دۆلەت ئىران بولغاچقا، مۇستەبىتلەر خەلقىنىڭ دىنى ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتلەر ئارا زىددىيەتنى دىنىي ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە بۇرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش بولسا ئىرانغا ۋە شىئەلەرگە ئارتىپ قويۇش ئەرەبىستان خەلقىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان.

تۈركىيەدە بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشمۇ ئادەتلەنگە تەپەككۇر بويىچە ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىندى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك بىر ئەرەب ئاپتۇر ماقالە يېزىپ بۇ پەرەزگە جان كىرگۈزدى. ماقالە ئۇيغۇرچىغىمۇ دەرھال تەرجىمە قىلىنىپ «ئامېرىكا سۈيىقەستى»گە «ئاساس» تېپىلدى.

خۇددى خىتاي ئۆز خەلقىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى غەرپنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەت دائىم خەلقئارالىق كۈچلەرگە ئارتقان ۋە ھەمىشە ئىچىدىكى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى سىرىتتىن ئىزدىگەندەك مىسىر، ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدىمۇ ئوخشاشلا ئۆز دۆلىتىگە قارشى كۈچلەرنى سىرتقى دۈشمەننىڭ يۆلەيدىغانلىقىغا ئاۋامنى ئىشەندۈرىدىغان ئەندىشىلىك تەشۋىقات مەۋجۇت ئىكەن. مەزكۇر ئەللەردىكى بۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلى تەبلىغلەر، دىنىي رىسالىلەر ۋە دەرسلەر ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۇيغۇرلاردا ئاممىۋىي ئاساسقا ئېرىشىپ بولدى. چۈنكى مىسىر، ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسا ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ. مىسىر ئەزھەر جايلاشقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى بويىچە ئىلىمنىڭ مەككىسى. تۈركىيەمۇ ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرىغا ئىزچىل خېمىرتۇرۇچ بولۇشنى داۋام قىلىۋاتقان ئەل. شۇڭا يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ئالقىشلىق تەپەككۇر ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋە مىسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى، ئىسلام دۆلىتى تېرورلۇق تەشكىلاتىنى غەرپنىڭ پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خېلى بار. ئەپسۇسكى، تۈركلەر ۋە ئەرەپلەر ھېچقاچان خىتاينىڭمۇ مۇشۇنداق بىر رەزىل ئويۇننى ئويناپ چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئىسلام دۆلىتى تېرورچىلىرى ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ ئاساسلىقى خىتايدىن كېلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشىدۇ. تەلىم شۇلاردىن بولغاچقا، بەزى ئۇيغۇلار تالىبان بېيجىڭنى يۆلەنچۈك قىلىپ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ تۇرسىمۇ، تالىبان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ.

مۇستەبىت ئەللەردە تەشۋىقاتنىڭ قېلىپىدا قۇيۇلغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئەركىن پىكىردىن، تەنقىتتىن، پەرقلىق خۇي، خۇلۇق ۋە ھەرىكەتتىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ. شۇڭا ئۇنداق مۇھىتتا ھاكىمىيەتنى تەنقىتلەش خۇددى دىننى، دىيانەتنى تەنقىت قىلغاندەك خەتەرلىك بولغاننىڭ ئۈستىگە قارغىشقا لايىقتۇر. ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى تەنقىتتىن توسۇۋاتقان ئۆلىمالارنىڭ قوغداۋاتقىنى دىن ياكى دىيانەت ئەمەس،بەلكى ھاكىمىيەت ۋە تاپاۋەت ئىكەنلىكى سىر ئەمەس.

ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇر ئومۇملىشىپ قارشى پىكىرنى ھۇجۇمغا چىقىرىش مودىغا ئايلانغان، ئىددىيە پەرقىنى دوست-دۈشمەنلىك پەرقىگە باغلايدىغان، تەنقىت قىلىشنى ھۇجۇم قىلىشقا تارتىپ شەرھىيلەيدىغان مۇھىتتا، پىكىردىكى زىددىيەت ئاسانلا ئىمان-كۇپۇر مەسلىسىگە بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نورمال بىر پىكىر ئىختىلاپى، كۆز قاراشتىكى ئوخشىماسلىق ۋە تۈزىتىش تەكلىپلىرى سۈكۈتكە يەم بولىدۇ. ئەمما يوقىماي ھەممە يەرنى غۇدۇراشقا تولدۇرىۋېتىدۇ.

خىتاي، ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش ئەللەردە غەرپكە قارشى ھېكايىنىڭ، ئوخشاش تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن قايتا – قايتا توقۇلۇپ تۇرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇلار بۇرۇن غەرپنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. شۇڭا بۇ ئۈچ ئەلدە خەلقئارالىق ئىمپىرىيالىزىمچى، مۇستەملىكىچى، ئەھلىسەلىپ كۈچلىرىنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك، ئىزچىل  دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەرنى ئاجىزلىتىشقا، بۆلۈشكە ۋە بويسۇندۇرۇشتا ئىتتىپاق ئىكەنلىكى ھەققىدە توقۇلغان بىر تەييار ھېكايە قېلىپى كىشىلەرنىڭ مىڭىسىگە ئورۇنالاشتۇرۇلغان. بۇ ئەللەردىكى سىياسىي،دىنىي كۈچلەر ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تاراتقۇلار ۋە خۇتبىلەر ئارقىلىق يۇقىرىقى تەييار ھېكايە قېلىپىغا ئىزچىل يېڭى مەزمۇن، يېڭى دەلىل ۋە يېڭى پىرسۇناج ئىزدەشكە مەشغۇل. ئەمما بىزنىڭ ئۇلاردىكى غەرپنىڭ تاجاۋۇزىغا، مەدەنىيەت ئىستىلاسىغا قارشى كەيپىياتىنى دىنغا باغلاپ ئۆگنىۋېلىشىمىز بىھاجەت.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى يۈرەككە تېڭىپ، يۈكلەرنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان كارۋانغا ئوخشايدۇ. بۇ كارۋان نەگە بارسا شۇ يەردىن ئازراقتىن يۈك قوشۇپ، مەنزىلگە بارغىچە سانىدىن يۈكى ئاۋۇپ كەتسە ھالسىزلىق ۋايساشقا، ۋايساشلار ئىتىپاقسىزلىققا، ئىتىپاقسىزلىق ئۈمىتسىزلىككە سەۋەپ بولىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك يېرى بۇ يۈكلەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئارتىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بىزدەك تارىخىمىزدا غەرپنىڭ تاجاۋۇزىغا، زۇلمىغا ئۇچراش كەچمىشى يوق، ئۆز دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتقان مىللەتنىڭ نەگىلا بارساق شۇ يەردىكى خەقلنىڭ دەردى ئۈچۈن ياقا يىرتىشىمىز بىھاجەت. بىزنى غەرپمۇ، يەھۇدىمۇ، خىرىستىيانمۇ ۋە ھەتتا ھىندىلارمۇ ھېچنېمە قىلمىغان. شۇڭا ئۇيغۇرنى غەرپكە، كاپىتالىزمغا، خىرىسىتىيانلىققا، يەھۇدىلىققا قارشى كۆرەشتە قالقان قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئىددىيەۋىي ئېقىم، دىنى كىتاپ ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرگە كىرىشىپ، كارۋانىمىزنى يولدىن قويۇش خەيىرلىك ئەمەس، ئەكسىچە بوراندا قالغان مىللەتنىڭ كۆزىگە قۇم چاچقاندەك بىر ئىشتۇر.

مەنزىل يىراق، يول كاتاڭ، يۈكى ئېغىر بۇ مىللەت تەپەككۇرىغا يۈكلەنگەن خىتايچە كونا ئامىللارنى سەپەردە تاشلاپ يېڭىنى يۈكلىمەي، يېنىك كاللا، چەبدەس قەدەم بىلەن ماڭمىسا، دىققىتى چېچىلىپ قوشۇنىمۇ چۇۋۇلۇپ كېتىدۇ.

ھاكىمىيەت مىللەتنىڭمۇ، خۇدانىڭمۇ

 

2016-يىلى تومۇزدا تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان بىر ھەربىي سىياسى ئۆزگىرىش بولدى. شۇ قورقۇنچلۇق كېچىدە دۇنيا تۈرك خەلقىنىڭ دىموكراتىيىنى قانداق قوغداپ قالغانلىقىغا شاھىت بولدى. تۈركىيەدە مىللەت بىلەت بىلەن تەختكە چىقارغان ھۆكۈمەتنى، ئەسكەرلەر قۇرال بىلەن ئاغدۇرغان ئىش بەش قېتىم ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بۇ نۆۋەت ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ بولدى. مۇستاپا كامال ۋاپاتىدىن كېيىن ھەمىشە دۆلەت ئىچىدە پاراللىل دۆلەت قۇرۇپ سىياسىيۇنلارنى كۆكسىگە قۇرال تەڭلەپ، دارغا ئېسىپ ئۆزى ھاكىمىيەتكە چىقىۋالىدىغان ئەسكەرلەر تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەتنىڭ قۇرالغا، كۈچكە ئەمەس مىللەتكە، مىللەتنىڭ قولىدىكى بىلەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئۆگەندى.

مەغلۇپ بولغان بۇ سۈيقەستتىن كېيىن، «ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر» دېگەن شۇئار خەلقنىڭ ھەرىكىتىدە ئىسپاتلاندى، يىغىلىش سورۇنلىرىغا ئېسىلدى، نۇتۇق ۋە خۇتبىلەردە سۆزلەندى. تۈركىيەدە بەزى خىلۋەت رايۇنلارغا ئېسىلغان «ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭدۇر» دېگەن شۇئارمۇ ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ «ئەگەمەنلىك قەيىتسىز ۋە شەرتسىز مىللەتنىڭدۇر» دېگەن سۆزى ئېسىلدى. ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭ دەۋاتقان ۋە مۇرىتلارغا شۇنى دېگۈزىۋاتقان كىشىلەر تۈركىيەدىكى بىر قىسىم جامائەتلەر بولۇپ ئۇلار ئۆزىنىڭ سايلانمايدىغان، ھېساپ بەرمەيدىغان، مىللەتتىن قارار كۈتمەيدىغان بىر ئىمپىرىيەنىڭ ئاتامانلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭ دېگىنى ئۆزى ئىگە بولغان ئىمتىيازنى كىشىلەرگە «سىلەر بەرگەن ئەمەس،ئاللاھ ئاتا قىلغان» دەپ ئىشەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئالماشماس ئورنىنى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى دەپ مۇقەددەسلەشتۈرۈش، ئۆز ھوقۇقىغا قارشى چىققان كىشىنى ئاللاھقا قارشى چىققان دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ مۇرىتلارنىڭ روھىنى قۇل قىلىش ئىدى.

سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئارىلاشقان ئەسكەرلەرنىڭ دىندار ئاتالغان بىر جامائەتكە باغلىنىشى تۈرك خەلقىنى «ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭدۇر» دەۋاتقانلارنىڭ ئەسلى كىملىكى ۋە خۇپىيانە قەستلىرىدىن خەۋەردار قىلدى.

«ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭدۇر» دەۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئارىلاشقانلىقى سەۋەپلىك تۇتقۇن قىلىندى. بەزىلىرى بېسىقىغا چۈشۈپ بۇرۇنقىدەك ئاشقۇن ئىبارىلەرنى قوللانمايدىغان بولدى. جامائەتپەرەسلەر ئىشتىراك قىلغان بۇ سۈيىقەست تۈرك خەلقىگە ھاكىمىيەتنىڭ دىنى بولمايدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەتكە كۆز تىككەن يالغان دىندارلارنىڭ شۇملىقىنى ئاشكارە قىلدى.

بىر جۈمە كۈنى خاتىپ ھاكىمىيەت مىللەتنىڭمۇ –ئاللاھنىڭمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە توختالدى. خوتبىدىن كېيىن خاتىپ تەييارلىغان تەبلىغنى سوراپ ئالدىم: «توغرا، ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭ. ئەمما بىز خەلىپە قىلىپ يارىتىلغان. بۇ دېگەنلىك بىز ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ۋەكىلى دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ بىزگە زېمىننىڭ خەلىپىلىكىنى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. تاغلارنى مەدەنلەر بىلەن بېزەپ، دېڭىز ۋە قۇملۇقلارنىڭ ئاستىنى نېفىت، تەبىئى گازلار بىلەن لىقلىدى. ھالبۇكى، ھەممەيلەن ئاللاھ ئاتا قىلغان بايلىقلارنى قېزىشقا، ئاللاھ ۋەتەن قىلىپ بەرگەن زېمىنىمىزنى باشقۇرۇشقا قادىر ئەمەس. رەسۇلىمىز ئىشنى ئەھلىگە تاپشۇرۇڭلار دېگەن. شۇڭا بۇ ئىشلارغا ئارىمىزدىن لاياقەتلىكلەرنى تاللاش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ئاللاھنىڭ ئەمەس. بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ھەممىمىز بىۋاستە زېمىننى باشقۇرۇشقا ئىمكانسىز بولغىنىمىز ئۈچۈن، ئارىمىزدىن لاياقەتلىك ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقتۇق. ئۇلار بىر ۋاكالەتخانا قۇرۇپ بىزگە ۋاكالىتەن بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداۋاتىدۇ، تاجاۋۇزدىن ساقلاۋاتىدۇ، قوشنىلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىزگە ۋاكالىتەن زېمىنىغا ۋە زېمىندار خەلقكە مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن باج ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىۋاتىمىز. مانا بۇ دىمۇكراتىك تۈزۈم، مانا بۇ خەلىپە قىلىپ يارىتىلغان ئىنساننىڭ خەلىپىلىككە ئىگە بولغىنى. دىمۇكراتىيە بىلەن ئاللاھنىڭ قانۇنى يوقاپ كەتمىدى، ئىنكار قىلىنمدى، پەقەت ئاللاھ خەلىپە قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار تاللاپ چىققان كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ تېلىفوندا رەسىمگە تارتىۋالدىم.

ماڭا بۇرۇن ھاكىمىيەت ئاللاھنىڭدۇر دېگەن گەپ توغرا تۇيۇلۇپ، ھاكىمىيەت مىللەتنىڭدۇر دېگەن سۆزنى خۇدانى ئىنكار قىلىدىغان، ئىنساننىڭ ھوقۇقىنى خۇدانىڭ ھاكىمىيىتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئەمەس، ئىنساننىڭ مايىللىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان دىمۇكراتچىلارنىڭ ۋاستىسى دەپ بىلگەن ئىكەنمەن. ئەسلى ھاكىمىيەت مىللەتكە مەنسۇپمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ دېگەن ئىبارە بىر بىرىگە قارشى ئەمەس ئىكەن.

 

 

ھۆكۈمچىلەر ۋە ھۇجۇمچىلار

 

2012-يىلى يېزىلغان «ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار» دېگەن يازمامدا ھۆكۈمچىلىك ۋىرۇسى ھەققىدە توختالغان ئىدىم. يازغىنىم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان مەسىلىنىڭ نېمىلىكى، قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە تۈزۈك ئىزدەنمىگەن، مەسىلىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىخەۋەر ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئېرىشمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممە ساھەگە بىر ئىككى نوقتىدىن چات كىرىپ، پەتىۋا بېرىپ، يول كۆرسىتىشلىرى سەۋەپلىك يامراۋاتقان كېسەل ھەققىدە ئىدى. مۇھاجىرەتكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن بۇ كېسەلنىڭ ۋەتەندىكىدىنمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمچىلىك ۋىروسى ئاللىقاچان ھۇجۇمچىلىق كەيپىياتىغا سەۋەپ بولۇپ ئۇيغۇرنىڭ زېھنىنى، قەلبىنى، ئۆزلۈكىنى ۋە ئۆملۈكىنى خوراتقىلى باشلاپتۇ.

ئۆتكەن ئايدا «ئۇيغۇر ۋەتەندىن ئايرىلمىدى بەلكى» دېگەن يازمامدا بىر بىرىمىزگە چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە سۆيگۈ بىلەن قاراشنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە يازدىم. ئەمما ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا يېزىلىۋاتقان ماقالىلەر ۋە بولۇۋاتقان مۇنازىرەلەرگە قارىسام يەنە شۇ ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىش كەڭرى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بىر ھادىسە، كىشى ياكى مەسىلە ھەققىدە گەپ بولسا بىرەيلەن ياكى بىر قانچەيلەن دىن ياكى مىللىي ئاڭ نوقتىسىدىن ئالدىراپلا قالپاق كەيدۈرىدىكەن، تون پىچىدىكەن، ھۆكۈم چىقىرىدىكەن. ھۆكۈمدىن كېيىن ئىش يوغىناپ ھۆكۈم قىلىنغۇچىغا دىنىي، مىللىي تۇيغۇ بويىچە ھۇجۇم قىلىش باشلىنىدىكەن. ئاللاھقا شۈكۈركى، تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلى مۇنداق ھۇجۇملارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاۋازلىق، خەتلىك ھاقارەت قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش بىلەن تۈگەيدۇ. ئەمما، ھۆكۈمچىنىڭ قارشى تەرەپنى بەربات قىلىش تەشنالىقى ھۇجۇمچىلار قولىدا پۇرسەت كەلسىلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئېنىق.

بىز بىر مەركەزنى يادىرو قىلىش، بىر ئىددىيەگە ئەگىشىش، بىر ئادەمنى تەنقىتسىز يېتەكچى دەپ قوبۇل قىلىش ئومۇملاشقان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغىنىمىز ئۈچۈن پەرقلىق سادالارغا قارشى ھۆكۈمچىلىك، ھۇجۇمچىلىق ئىستىكى ھەممىمىزدە بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر پەقەت قىلىمىز دېسەك پەقەت قارشى پىكىرنى ۋە شۇ پىكىرنىڭ ئىگىسىنى ۋەيران قىلىش ئىستىكىمىزنىڭ كۈچلۈك، ئاجىز؛ تەخىرسىز ياكى تەمكىن؛ ۋەھشىي ياكى نورمال بولۇشى جەھەتتە پەرقلىنىمىز. تۆۋەندە تۈركىيەدە مارت ئايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاراپ ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمچى ياكى ئەمەسلىكىمىز، قانچىلىك دەرىجىدىكى ھۆكۈمچى ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى.

مارت ئېيىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چىگراسىدىكى خاتاي ۋىلايىتىدە قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. پائالىيەت جەريانىدا بىر ئۇيغۇر تۈرك ئەسكىرىنىڭ قورالىنى تۇتۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سالدى. مەزكۇر سىن نەقمەيداندىلا دۇنياغا تارقالدى. ماڭا سىن كۆرسىتىلدى ۋە شۇ چاغدا ئاسماندا ئاي يۇلتۇزنىڭ كۆرۈنگەنلىكى ئىما قىلىندى. سىننى بىر توپ كىشىنىڭ ھاياجان بىلەن تارقىتىشلىرىغا قاراپ ياخشى- يامان ياكى توغرا-خاتا دېمىدىم. ئەمما بۇ سىننىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوبرازىغا، داۋاسىغا ۋە رايۇندىكى باشقا كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبى تەسىر بېرىپ قويۇش ئىھتىماللىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.

قوراللىق ئۇيغۇر چىقارغان سىنغا تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى تۆگەتكەن، بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولغان بىر ئۇيغۇر سىنلىق ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ تۈركىيەدىكى ئۆرپ-ئادەت، قانۇن ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت نوقتىسىدىن چىقىپ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىندا سۆزلەر توغرا تاللانمىغانلىقى ئۈچۈن خاتا چۈشىنىلدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىگە قانۇن ۋە ئىلىمي نوقتىسىدىن ئەمەس، دىن ۋە مىللەت نوقتىسىدىن چىقىپ ئۇنى ھاقارەت قىلدى.

نەتىجە ئىتىبارىدىن قارىغاندا خىتايغا قوراللىق تەھدىت قىلىنغان سىن بىزگە تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كەلدى. سىن تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى كومۇنىستىك پىكىر ئېقىمىدىكىلەر، سولچى سەپتىكىلەر، كوردىستانچىلار، شۇنداقلا سۈرىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربى ھەرىكىتىگە قارشى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىزغىن بەس مۇنازىرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ياۋۇزلۇق، ئەسەبىيلىك، فاشىستلىق، تېرورچىلىق بىلەن ئەيىپلەندى. كوردىستانچى كۈچلەر تۈۋىتتىر ئارقىلىق سۈرىيەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى تارقاتتى. شۇئان كۆز ئالدىمغا بۇلتۇر كورد قوراللىقلىرى تەرپىدىن ئەسىر ئېلىنغان ئۇيغۇر قوراللىقلار، بالىلار ۋە ئاياللار كەلدى. بۇ سىننىڭ قانداق پايدىلىق نەتىجىسى بولدى؟ شۇ كۈنى قورالنى تۇتۇپ ۋارقىرىغان بىلەن خىتاي قورقۇپ بايانات ئېلان قىلدىمۇ؟ تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرى ساراسىمىگە چۈشۈپ تۈركىيەدىن ئايرىلىپ زىيان تارتتىمۇ؟ خىتاينىڭ چەتئەلدىكى شىركەتلىرىنىڭ قورقۇپ قاچتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ پاي بازىرىدا كۇرسى چۈشتىمۇ؟ خىتاي تۈركىيەگە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى ئازايتتىمۇ؟ خىتاينىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىشى، بۇ ئەلنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىشى ئاستىلاپ قالدىمۇ؟ سىننىڭ پايدا زىيىنىغا ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇلارنى تەھلىل قىلىش كېرەك. ھەر قانداق ئىش گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە مۆلچەرلەرش كېرەك.

ئەگەر سىز بۇ مەسىلىدە سىن تارقاتقان كىشىنى توغرا قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز، ھۆكۈمنى سۆزدە ۋە ھەرىكەتتە تەرغىپ قىلغان بولسىڭىز ھۆكۈمچى ئىكەنسىز. ئەگەر بۇ سىنغا قارشى پىكىرىدىكىلەرگە تېلىفون قىلىپ، ئۇچۇر قىلىپ تەھدىت سالغان بولسىڭىز ھۇجۇمچى ئىكەنسىز. ھۆكۈم قىلىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتمىگەن بولسىڭىز، يەنىلا سىزگە قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ تەھلىل ۋە يەكۈنلىرىنى ئويلىنىپ بېقىش پۇرستىڭىز بولغان بولىدۇ. ھۆكۈمچى بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىڭىزدىكى ماكاننى، زاماننى ۋە مەسىلىنى تەھلىل قىلىشىڭىز كېرەك.

سىز تۈركىيەدىكى قىلىنغان ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن مەسىلىگە مۇنداق نوقتىلاردىن قارىسىڭىز بولىدۇ. بىرىنچى ماكان نوقتىسى. سىز تۈركىيەدە ياشاۋاتىسىز، تۈرك خەلقىنىڭ نەزىرىدە سىز جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى. سىز قوشۇلۇڭ قوشۇلماڭ بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-يوسۇنلىرى بار. مەسىلەن، تۈركىيەدە بالىلار سۈننەت تويىدىن باشقا كۈنلەردە ھەربىيچە كىيىم كىيمەيدۇ، دېسەك بۇ ئۆرپ-ئادەت. سىز سۈننەت يېشىدىن ئېشىپ كەتكەن تۇرۇپ ھەممە كىشى ئەمەل قىلىدىغان بۇ قائىدىنى بۇزسىڭىز، غەلىتە كۆرۈنىسىز، چەتكە قېقىلىسىز. تۈركىيە قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تۇتۇشلىرى، ئەسكەرچە ياسىنىشى قانۇنغا خىلاپ. دېمەك، قىلىنىۋاتقان ئىش نە ماكاننىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە نە قانۇنىغا ئۇيغۇن بولمىسا نېمە ئۈچۈن توغرا بولىدۇ؟

ئىككىنچى زامان ئامىلى. سىز سىننى تارقاتقان زامان تۈركىيە غەرپ بىلەن ئارىسى بۇزۇلۇپ، ئەرەپ دۇنياسى بىلەن يىرىكلىشىپ، كۈرتلەرنىڭ ھەربى ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن ۋاقىت. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى، ئافغانىستانغا توپلانغانلىقى، جىھات روھىدا تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ چېگردىن كىرگەنلىكى قاتارلىقلارنى داۋا قىلىپ ئۇيغۇرلارغا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇم-سىتەمنى ئەڭ ۋەھشى دەرىجىگە كۆتۈرگەن ۋاقىت. ئەگەر سىز بۇنداق زاماندا قوراللىق تەھدىت سېلىنغان سىننى تارقاتسىڭىز، خەلقئارغا تۈركىيە سۈرىيەدىكى چەتئەل قوراللىق كۈچلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپتارلىرىنى قوللاۋاتىدۇ دېگەنگە ئاساس تېپىپ بېرىسىز. ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلشقا تەييار زوراۋانلار دېگەن پەرەزلەرنى ئىسپاتلايسىز.

ئۈچىنچى مەسىلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، قىلىنغىنى نېمە ھەرىكەت؟ سەۋەبى، خاراكتىرى، تەسىرى نېمە؟ بۇ ھەرىكەتتىن مەقسەت نېمە؟ ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك پايدىسى بار؟ پايدىسى پەرەز قىلىغانمۇ ياكى ئىسپاتلانغانمۇ؟ بۇلارنىڭ تەھلىل قىلماي، تەتقىق قىلماي تۇرۇپ دەرھاللا ھۆكۈم چىقىرىپ قوللاش ياكى قارشى تۇرۇشنى تاللىسىڭىز نەتىجە گۈزەل بولمايدۇ.

بۇ ۋەقە ھەققىدە تۈركىيەدە چىققان ئۈچىنچى ھۆكۈم بۇنى ئۇيغۇر ياشلارغا قۇرۇلغان بىر توزاق دېيىشتۇر. بۇ ھۆكۈمدە ماكان ئامىلى ۋە ھادىسە ھەققىدە خاتا پەرەز قىلىش مەۋجۇت. خاتايدىكى ئۇ چېگرا قاراۋۇللۇق پونكىتى شۇ كۈنى ئەسكەرلەرنى يوقلاپ كەلگەن تۈرك پۇقرالىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ئەسكەرلەر بىلەن ھەر خىل شەكىلدە رەسىمگە چۈشۈش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. ئۇ خەلقنىڭ ئارمىيەسىگە بولغان سۆيگۈسى نامايەن قىلىنىدىغان بىر سورۇن. شۇڭا ئەسكەرلەر رەسىمگە چۈشۈش تەلەپلىرىگە ئىھتىرام بىلەن ماسلىشىۋاتقان ئىدى. سىندا «بولدى قىل» دېگەن تۈركچە ئاۋازلارنىڭ بولىشىلا ئىشنىڭ بىر تاسادىپىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋەقە شۇنداق بىر تاسادىپىلىق بىلەن يۈز بەرگەنكى، باشلامچىلار ئەمەس قاتناشچىلارمۇ بىلمەي قالغان. شۇڭا مۇشۇنداق بىر ھادىسىنىڭ قەيەردە، قانداق شارائىتتا، نېمە سەۋەپتىن، قانداق بولغانلىقىنى تەكشۈرمەستىن توزاق دېيىش خاتالىققا مەھكۇم.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك ھادىسىلەر، مەسىلىلەر شەخسلەر ھەققىدىكى ھۆكۈملەر ھۇجۇمغا سەۋەپ بولماي بىر قاراش سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنسا تامامەن نورمال. ئەمما بەلگىلىك زامان ۋە ماكاندا، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇنداق بولماي قالىدۇ. بەزى ھۆكۈملەر شەخىسنىڭ شەخسكە ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بەزى ھۆكۈملەر بىر توپنىڭ بىر شەخىسكە قارشى نەپرىتىنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا بىر ھۆكۈمنى قوللىغان ۋە رەت قىلغان ئىككى تەرەپتە زوراۋانلىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەرباپ ھۆكۈمگە ئېغىز كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن زامان، ماكان ۋە مەسلىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان ئاڭقىرىشى زۆرۈر.

ھۆكۈمچىلىك ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغانلار زىيالىلارمىز. بەزىمىز بۆكلۈك، بەزىمىز ھىجاپلىق ياكى باشتاق ھالەتتە قالپاق كەيدۈرۈش، تون پىچىش ۋە پەتىۋا بېرىش ئارقىلىق ھۆكۈمچىلىك بىلەن مەشغۇل بولىمىز. بىز تارقاتقان ۋىرۇس ئاۋامدا ھۇجۇمچىلىق كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بەلكىم ھۆكۈمچىلىك ۋە ھۇجۇمچىلىق ھەممىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىر بىرىمىزگە چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە سۆيگۈ كۆزىدە باقالىساق زېھنىمىزنى چېچىشتىن، نىزادىن ۋە قەلبلەرنى بىھۇدە زىدىلەشتىن ساقلىنىشىمىز مۇمكىن. ئۇندىن باشقا ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈملەرگە ئەگىشىپ ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن ئىنساپ قىلىشمۇ بىلىشكە تېگىشلىك بىر نوقتا.

 

2018-يىلى 28-مارت ئەنقەرە

 

 

ئەركىنلىك يولىدىكى رودىپاي

 

مومامدىن ئاڭلىشىمچە مەككىنىڭ يولىدا مۇساپىرلارغا ماڭالماي يېتىپ قالغان بىر قېرى ئۇچرارمىشكەن. ئۇنىڭ ئىسمىنى رودىپاي دېيىشىدىكەن. ئۇنىڭغا كىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ يۈدۈگەن ھامان چاپلىشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن سەپەرمۇ، ھەجمۇ دىشۋارلىققا ئايلىنىپ قالىدىكەن. شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم رودىپاي دېگەن گەپنى ئاڭلىسام مومامنىڭ شۇ گېپى ئېسىمگە كېىلىدۇ. نەگىلا بارسا شىللىگە مىنگەن پېتى كىشىنى يالجىتمايدىغان رودىپاي ھەققىدە ئويلاپ قالىمەن. بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ ھېكايەتلىرىگە بىر ۋەسىيەت، نەسىھەت ۋە ھېكمەت سىڭگەن بولىدۇ. ئەجەبا بۇ رودىپاي نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ رودىپاي ئەگەر بىر كېسەلنىڭ ئىسمى بولغان بولسا يا ساقىيىدۇ، يا جاننى ئالىدۇ. ئەگەر كىيىم بولسا يىرتىلىدۇ، تۈگەيدۇ. يا جاننى ئالمايدىغان، يا ئەسكىپ تۈگىمەيدىغان، بىر چاپلاشقانچە بىر ئۆمۈر مالال قىلىدىغان رودىپاي بەلكى ۋىرۇسلانغان تەپەككۇر، مالايچە خۇي ياكى كۆندۈرۈلگەن ھايات بولۇشى مۇمكىن.

ئىنچىكە تەھلىل قىلساق، كۆرۈۋاتقىنىمىز دۇنيانىڭ ھەقىقى يۈزى ئەمەس، بەلكى قەلب كۆزنىكىمىزدىن كۆرۈنگەن يۈزى. بىر بىرىمىزگە يەتكۈزگىنىمىز رىياللىقنىڭ ئەسلى ئەمەس، ئېڭىمىزنىڭ تاسقاشلىرىدىن ئۆتۈپ مېڭىمىزدە  پىششىقلانغان رېئاللىق. بىز دۇنياغا قانداق قاراشنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، مارىشىمىز كېرەك بولغان كۆزنەكلەر ئېچىلىپ بولغان، بىز پەقەت شۇ تەييار كۆزنەكلەردە كۆرۈنگەننى كۆرىمىز. بۇ كۆزنەك كىچىك چاغلىرىمىزدىن ئاڭلاپ كەلگەن رادىئو، تېلىۋىزور ۋە يىغىندىكى تەشۋىقات ئارقىلىق ئېچىلغان. خىتاي قوراللىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تەشۋىقاتى بىلەنمۇ قەلبىمىزنى بېسىۋالغان، روھى دۇنيايىمىزنى ئىستىلا قىلغان، ئېڭىمىزغا تاجاۋۇز قىلغان. بىزگە مەككىنىڭ يولىدا چاپلاشقاندەك بىلىنگەن نەرسە ۋىروسلانغان تەپەككۇر ئادىتى بولۇپ، بۇنداق تەپەككۇر خىتاي تەشۋىقاتى، تۈزۈمى ۋە شۇ ھاكىيەتنىڭ تاجاۋۇزىدا شەكىللەنگەن. دىققەت قىلمىغان بىلەن مەھەللىلەرگە ئېسىلغان كارنايلار كۈندە كاركىراپ، ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭمۇمۇ شۇنداق كارنايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزنى تۇيمىغانلا يېرىمىز بار.

ئاشكارە پەننى ياكى يوشۇرۇن دىنىي مائارىپتا ئوقۇغاندەك قىلغىنىمىز بىلەن خۇيىمىز ۋە خۇلقىمىزدىكى ئوخشاشلىقلاردا تەشۋىقات باسقان تامغىلار بار. 1998-يىلى قەشقەر يېزىلىرىدا تەكشۈرۈش جەريانىدا كەنت سېكىرتارىنىڭ يىغىندا، موللىلارنىڭ مەسچىتتە ئاڭسىز داۋام قىلىدىغان ۋارقىراش، تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇش ئورتاقلىقىغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم. بۇ ئىككى تەبىقە بىلەن دائىم يېزىلىق ھۆكۈمەتتە يىغىندا ئۇچرىشىپ قالاتتىم، ئاۋازلار بۇ چاغدا سىلىقلىشاتتى. سىلىق-سىپايە دېسىمۇ بولىدىغان، ھاياجانسىز تەمكىن چۈشەندۈرسىمۇ، قورقۇتماي شەرھىلىسىمۇ ئاڭلاتقىلى بولىدىغان گەپنى بۇ ئىككى نوپۇزلۇق تەبىقە چىڭقىلىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. دېھقانغا سېكىرتار ھۆكۈمدارلىق سالاھىيىتى بىلەن، موللا ئىلىمدارلىق سۈپىتى بىلەن ۋارقىرايتتى. مانا بۇ بېيجىڭدىن ۋارقىراۋاتقان كارناينىڭ ئۇيغۇردىكى ئىككى كۈچلۈك تەبىقىنى ھوقۇقسىز تەبىقىگە ۋارقىراشقا كۆندۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

تەشۋىقاتنىڭ تىلىمىزغا ۋە دىلىمىزغا قانداق تاجاۋۇز قىلىپ قانچىلىك تەسىر قىلغىنى سىر ئەمەس. بۇ سىر بالىلارغا قويۇلغان ئىسىملارغا قارىساقلا رۇشەنلىشىدۇ. بىزدە ئارافات دېگەن ئىسىم شۇ قەدەر مۇدا بولغان. سەۋەبى نېمە؟ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللىغاندا خىتاي پەلەستىننىڭ يېنىدا بولغان. بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشىدا ياسىر ئارافاتنىڭ ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە سىڭگەن. سادامنىڭ ئىسمى دىيارىمىزدا مودا بولغان يىللاردىمۇ ئامېرىكا خىتاي قوللاۋاتقان ئىراق ئارمىيەسىگە قارشى ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرغان. تالىباننى خىتاي ئىزچىل قوللاپ كەلگەن، شۇڭا بىن لادىن ھەققىدە 1996-يىلىلا ئۇيغۇرچە ماقالىلەر تەرجىمە قىلىنغان. بالىلارغا ئۆزبېك تىلدىكى تەشۋىقات بىلەن شۆھرەت تاپقان مۇھەممەت تاھىر ۋە لادىن دەپ ئىسىم قويۇلغان. 2001-يىلدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشىدىمۇ مۇجاھىتلار ھەققىدە ئەڭ تەپسىلى خەۋەرلەر ئۇيغۇرچە بېرىلگەن. 2014-يىلى تۈرمىدىكى چېغىمدا ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىنىڭ غەلىبىسىگە دائىر خەۋەرلەر تۈرمىگە قەدەر كىرىپ كەلگەن ئىدى. دېمەك، خەلقىمىزدىكى ئافغانىستان ۋە سۈرىيە سۆيگۈسىنىڭ ئارقىسىدىمۇ خىتاي تەشۋىقاتنىڭ گۇپپاڭچىلىقى بار.

خىتاي تەشۋىقاتتا ئىسلام دۆلىتىگە دائىر خەۋەرلەرنى كۈچەپ تارقاتقان، سىياسەتتە تۈركىيە ساياھىتىنى ۋە چىگرىدىن قېچىشنى قولايلاشتۇرغان. ئۆزىگە يېقىن تۈرك مەدەنىيىتىگە تەشنا بولغان خەلقىمىزدە تۈركىيەگە ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ،2014-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە قوغۇنلۇقنىڭ يولى بولغان ئىكەن. بۇ تۈركىيە ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىگە ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق كۆرەشكە ئاتلانغانلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. ئىسلام دۆلىتىنىڭ غەلىبىسىدىن تارقالغان «خۇشخەۋەر» چايخانىلاردا قاينىغان. شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتى يولغا قويغان شەرىئەت ھەققىدە ئاشكارە سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاپ تىڭىرقاپ قالغان ئىدىم. خۇددى ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بىن لادىن، مۇھەممەت تاھىر، سادام قاتارلىق «تېرورچىلار»نىڭ ئىسمىدا چاقىرىلىشى، ماڭا شۇ چاغدا بىر قەھرىمانلىقنىڭ تۇغۇلۇشىدەك تۇيۇلغانغا ئوخشاش، بۇ ھاياجانلىق خەۋەرلەرمۇ ماڭا بىر ئۈمىتنىڭ بىشارىتىدەك تۇيۇلمىغان دېسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ. تۈركىيە قىزغىنلىقىنىڭ ئاخىرى ئىسلام دۆلىتى قىزغىنلىقىغا قانداق بۇرۇلۇپ كەتتى؟ مانا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى، تەشىۋىقاتنىڭ كارامىتى.

ھاكىمىيەت تەشۋىقات ئارقىلىق سىزغان سىزىق، لايىھەلىگەن خەرىتە، ئاچقان يوللار رۇشەن بولمايدىكەن. بىز يول، يولۇچى ۋە يولباشچىلارنى مېڭىمىزگە خىتاي ئاچقان كۆزنەكتىن كۆرۈپ، مەھەللىمىزگە خىتاي ئاسقان كارنايدىن، ئۆيىمىزگە قەدەر كىرىپ كەلگەن تەشۋىقاتلاردىن ھېس قىلىپ ھەق دەپ تاشلايدىكەنمىز. بىز بىلىپ – بىلمەي خىتاي دۈشمەن دېگۈزگەن غەرپنى دىنى ھېسىياتىمىز بويىچە خىرىستىيان، ئىسلام دۈشمىنى، جوھۇتنىڭ ھىمايىچىسى دەپ بېيىتىپ تېخىمۇ سەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىكەنمىز. تەشۋىقاتتا غەرپ تاجاۋۇزچى، سۈىقەستچى، بۇزۇق دەپ تەرغىپ قىلىنپ، مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى قىلىنىدىكەن. خىتاي تەشۋىقاتىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنى توختىماي كۈشكۈرتىدىغانمۇ، بالاغا قويىدىغانمۇ، بۆلگۈنچىلەرنى يۆلەپ سورۇن ھازىرلاپ بېرىدىغانمۇ شۇ «نەپرەتلىك» غەرپ بولىدىكەن.

تەپەككۇرىمىزغا چاپلاشقان رودىپاي مۇستەبىتلىكنىڭ ئاسارىتى ئىكەن. مەككە يولىدىكى رودىپاي تولىمۇ مەنىلىك بىر ھېكايەت. ئۇ بىزگە مۇساپىرەتتە يۈدۈپ يۈرگەن يۈكلىرىمىزنىڭ قاتارىدا نېمىلەرنى تاللاپ، نېمىلەرنى شاللىشىمىز كېرەكلىكىنى دائىم ئەسكەرتىدۇ، بىلىمگەننى ئۆگىتىدۇ.

 

 

ئەركىنلىكتە مەھبۇس بىز

 

ئۇيغۇر تىلىدا چەتئەللەردە يېزىلغان ماقالىلەر ئىچىدە ئوقۇلىشى ئەڭ كۆپ بولغىنى جاسۇسلار ھەققىدە يېزىلغانلار ئىكەن. خەۋەرلەر ئىچىدە جاسۇسلۇققا دائىر يېزىلغانلار ئەڭ دىققەت تارتىدىكەن. يېقىندا «ئەي زىيو» دېگەن بىرىنىڭ بايانى ماڭا يېتىپ كەلدى. قارىسام بۇرۇن يىزىلغان خەۋەر ئىكەن. ئىچىدىكى مەزمۇنلار بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئائىت بۆلەك ماڭا خۇددى بىرى ھېكايە ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، تۈركىيەدىكى ئىچكى ئىشلاردىن خەۋەردار كىشىلەردىن سورۇدۇم. ئۇلار بىر گۇمانلىق ئايالغا ئائىت گەپلەردىن باشقا تەپسىلاتلارنى ئىنكار قىلدى. ياۋرۇپادا جاسۇس دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. بۈگۈنگىچە ئەيزىيونىڭ كىملىكى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى ئاپتوردىن باشقىغا سىر ئىكەن.

2006-يىلدىن باشلاپ چەتئەلگە چىقتىم ۋە ئۇيغۇر بار دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە، ئۇيغۇر بار سورۇننىڭ ھەر بىرىدە جاسۇسلارنىڭ كۆپلۈكىگە دائىر سۆز – چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ كەلدىم. ھالبۇكى، ھازىر قارىسام ماڭا ئون يىل بۇرۇن شۇنداق دېگەن كىشىلەر تېخىچە ھېچ بىر پاكىتقا ئېرىشەلمەپتۇ. شۇنداق گۇمانغا ئۇچرىغانلار بىلەنمۇ نورمال ئالاقىنى ساقلاپ كەپتۇ. بۇ ئىھتىياتلار، «جاسۇسلارنىڭ كۆپلۈكى» ھەققىدىكى گۇمانسىراشلارغا ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىمەن.  بەزىلىرىگە پەرۋا قىلمايمەن، بەزىدە جاسۇس دېيىلگەن كىشىلەر بىلەن ئەمەس، باشقىلارنى دائىم جاسۇسقا چىقارغان ئادەم بىلەن ئارىلىق ساقلايمەن، چۈنكى بۇلار ئارىسىدا يا بۇرۇن بىر زىددىيەت، توقۇنۇش ياكى زىيانكەشلىكلەر بولۇپ ئۆتكەن. مەن بۇنداق ئۆزىگە، پىكرىگە ياكى مەنپەئەتىگە قارشى كىشىنى مىللەتكە، ئىسلامغا دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىپ جاسۇس دەيدىغان كىشىلەرگە پەرۋا قىلىشنى بىھاجەت دەپ بىلىمەن.

2014-يىلى نۇيابىرنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، تۇنجى ئاڭلىغان گېپىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بىرىنى چېقىش ئۈچۈن ساقچىخانىلاردا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كېتىدىغانلىقى، ھەر بىر ئىستىخپاراتقا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 50 سوم بېرىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر بولدى. بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ نەزەرباغ، ئوپال ۋە بۇلاقسۇ قاتارلىق يېزىلىرىغا باردىم. ھېچ بىر يېزىدا بۇنداق بىر ئۆچىرەت كۆرۈنمىدى. باشقا يەرلەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ خوتەنگە، كىرىيەگە ۋە قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر، يېڭىسارغىچە باردىم ھېچ بىر ئۇنداق ئىشقا دۇچ كەلمىدىم. تونۇشلاردىن سۈرۈشتە قىلىپمۇ ئۇنداق بىر ئاشكارە ئۆچۈرەتلىك ئىستىخپارات توپلاشنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە جاۋاپقا ئېرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ئاڭلىغان بىر چاخچاق ئېسىمگە كېلىپ بولدى قىلدىم.

رىۋايەت قىلىنىشىچە قەشقەردە ھەر ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى جاسۇس بولغاچقا كومپاتىيە قەشقەردىكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى تاقىۋەتكەن ئىمىش. بۇ گەپنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىل ئاڭغا سىڭگەن جاسۇس سەۋداسىدىن باشقا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچۈرەتتە تۇرغۇن بىچارەلەرنى جاسۇس دەپ ھېس قىلدۇرغان گۇمانخورلۇق بولۇشى مۇمكىن.

2016-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئەلچىخانىلىرى پاسپورت يېڭىلاش، تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى بېجىرىش، تويخېتى ئېلىش، دېپلۇملارنى ئاپوستىل (گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش ) قىلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنى بەكرەك قىيناۋاتىدۇ. ئىشنىڭ سۈرئىتى ئاستا، رەسمىيەتچىلىك ئېغىر بولغاچ خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا ئادەم كۆپلەپ قالغان بولۇشى تەبىئى. ئەمما يېقىندا ئىجتىمائى ئالاقە توپلىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئىستىخپارات بەرگەنلەرگە رەسمىيەت بېجىرىپ بەرگىلى تۇرۇپتۇ، دېگەن گەپلەر ئېقىپ يۈرۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغان ئۇيغۇرلار بىر بىرىگە سالاممۇ قىلالمايدىغان، قارا كۆزەينەك تاقاپ بارىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۆچۈرۈرەتتە تۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى جەمئىيەتتە جاسۇسلارنىڭ كۆپلۈكىگە دەلىل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى كوچىلارغىمۇ چىقىشتىن قورقىدىغان، چىقسىمۇ كۆزەينەك تاقاپ ياكى قارىغا پۈركىنىپ چىقىدىغان، ھەتتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىلەردىن كۆچۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقى قۇلاقلارغا كەلمەكتە.

مەن يېقىندا جاسۇستىن ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ياۋرۇپادا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشمايلا قالماي تېلىفون، فېيىسبۇك دېگەنلەرنى ئىشلەتمەي ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئاڭلاپ جاسۇستىن قورقۇش، جاسۇسلۇققا ئۇچراشتىن ئەنسىرەش، خىتايغا بىلىنىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ بىر ئىنساننى قايسى كۈنگە مۇپتىلا قىلغانلىقىغا تاڭ قالدىم. سۈرۈشتە قىلسام ساۋاقدىشىم چىقىپ قالدى. ئۈرۈمچىدە بىللە ئوقۇغان بۇ ساۋاقداشقا تېلىفون قىلىپمۇ ئالالمىدىم، ھەتتا شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقانلارغا تېلىفون قىلدۇرۇپمۇ كۆرۈشەلمىدىم. باشقىلاردىن سوراپ، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ياۋرۇپادا مۇشۇنداق ھېچ بىر ئۇيغۇرغا ئارىلاشماي، سەۋەبىنى ئۇيغۇردا جاسۇسنىڭ كۆپلىكىگە ئارتىپ ياشايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىدىم. بۇ ۋەقە ماڭا جاسۇستىن ئەنسىرەشنىڭ بىر ساراڭلىق-سەۋدالىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىگە ئىشەندۈردى.

ئۇيغۇردا «يىلاندىن قورققان ئارغامچىدىنمۇ قورقۇپتۇ» دېگەن ماقال بار. ئۇيغۇردىكى جاسۇسلاردىن بۇ قەدەر ئەنسىرەش يۇقىرىدا دېيىلگەن خاتا چۈشىنىشتىن باشقا، ۋەتەندە يىگەن تاياق، ئىشتكەن تىل ۋە سېلىنغان تەھدىتلەرنىڭ مۇساپىرلىقتىكى تەسىرى يالغۇزلۇقتا توختىماي ئەسلىنىپ، ئەسلىگەنچە ئېغىر كېلىپ، پىسخىك بېسىم پەيدا قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى ۋەتەندىن كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق خەۋەرلەر سىرىتتىكىلەرگە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بىلىنىپ تەشۋىشكە سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆزى ئازاپقا قېلىشتىن باشقىلارنىڭ ئازابىغا زامىن بولۇشنىڭ روھى ئازابىنى ئېغىر دەپ بىلىمەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئەڭ مۇھىم سەۋەپ دېپلۇملۇق نادانلىق ۋە دېپلۇمسىز بىلمەسلىكنىڭ زىندانى كىشىلەرنى ئۆزلىگىدىن خىتاينىڭ مەھبۇسلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

چۈشىنىپ كىتاپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ دېپلۇمدىن باشقا بىلىمگىمۇ ئېرىشكەن كىشىلەرگە مەلۇمكى، بىر دۆلەتنىڭ ئىستىخپارات ئورگانلىرى ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر بىر كىشى ياكى بىر توپ كىشى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ ئاۋارە بولمايدۇ. ھېچ بىر دۆلەت ھەر بىر ئىنسانغا مۇئاش تارقىتىپ جاسۇسلۇققا سالغىدەك ئەخمەق ئەمەس. ھېچ بىر مىللەتتە ھەممە ئادەم بىر بىرىگە جاسۇسلۇق قىلغىدەك ئىقتىدارغا، پۇرسەتكە ئىگە ئەمەس. ھەمدە ھېچ بىر ئەلدە بىر مىللەت مىللەت بويىچە بىر بىرىگە جاسۇسلۇق قىلغىدەك ئۇ قەدەر پەسلىشىپ كەتمەيدۇ. ھېچ بىر دۆلەت نەگىلا بارسا قورساق بېقىشتىن بۆلەك ئىشنى ئويلىمايدىغان مىڭلىغان جانباقتىلارنىڭ ئارقىسىغا پايلاقچى سالمايدۇ. خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرغا ئىشەنمىگەن خىتاي چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنگەن بولسا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ ئۆزىگە ئىشلەشكە مەجبۇر قىلمىغان بولار ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا باش ئەگكەن بولسا شۇ جاسۇسلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىمىغان بولاتتى.

مەنچە خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئەنسىرەش، خىتايدىن ھەممە يەردە قورقۇپ ياشاش، قېرىنداشلىرىدىن جاسۇسلۇقتا شۈبىھىلىنىش، خىتاينىڭ روھى ئىسكەنجىسىدىن ئەركىن ئەللەردىمۇ قۇتۇلالماسلىق مەھبۇسلۇق روھى ھالىتىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئىختىيارى مەھبۇسلۇقنىڭ زەنجىرى پۇت – قولدا ئەمەس قەلپتە، ئۇنى چاقىدىغان بازغان بولسا نادانلىقنى كۆيدۈرگۈچى بىلىم ۋە ھۆرلۈكنىڭ يىلتىزى بولغان تەۋھىت ئەقىسىدۇر. بۇنداق خىتايغا مەھبۇسلۇق ۋە قۇللۇق بىر ئاللاھتىن قورقۇش، بىر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش، بىر ئاللاھنى رازى قىلىش، بىر ئاللاھتىن شاپائەت تىلەش، بىر ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ نامازدىن كېيىنكى دۇئاغا ۋە تىلەككە ئايلىنىپ يۈرەككە بارماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئوقۇ دېگەن بۇيرۇقىنى يادىلىۋېلىپ جاھاننى، تەبىئەتنى، جەمئىيەتنى چۈشەنگىدەك ئوقۇماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن ئېغىرلىشىدۇ.

ئەڭ خەتەرلىك يېرى، بۇنداق مەھبۇسلۇق روھىي ھالىتى ۋە قورقۇشنىڭ ئىپادىسى بولغان «نەگىلا بارسا خىتاي جاسۇسى بار، نېمە ئىش قىلسا خىتاي ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن قاراش مۇشۇ پېتى كۈچىيىپ ئومۇملىشىپ ماڭسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىشەنگەن «ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئەقىدىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش خەۋىپى مەۋجۇت. ئۇيغۇر ئىشەنگەن مىڭ يىللىق ھەقنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان پىلانلىق روھىي ۋە جىسمانى زىيانكەشلىكلىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن «خىتاي ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن باتىلنىڭ سىڭىپ قېلىشى كىشىنى ئىككلا دۇنيادا خار ۋە خاراپ قىلىدۇ.

باش ئامان بولسا

 

مېنى مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ۋە مەۋجۇت رېئاللىقتا خاتا چۈشىنىشكە، چۈشەندۈرۈشكە ھەتتا جازالاشقا تىرىشىۋاتقانلار ئىزچىل كەم بولمىدى. بۇلار ئىچىدە سۆيۈملۈكلىرى دىندارلىق ۋە دىنىي سالاھىيەت ھىمايىچىلىرى بولسا، نەپرەتلىكلىرى ھاكىمىيەت ۋە نەپسانىيەت ئاشىنالىرىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى مۇرەككەپ، كىملىكى خۇددى ئىكراننىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئۆزىدەكلا مۇجىمەل. نەپرەتلىكلەر مېنى قاماپ پاقىسىغا قاندى. سۆيۈملۈكلەر تېخىچە ھەرىكەتتە.

دىندار ۋە دىنىي سالاھىيەت ھىمايىچىسى سۈپىتىدە ماڭا ھۇجۇمغا تەييار تۇرىدىغانلار كۆپىنچە قەلبى ساپ، تەرەپباز تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن. ماڭىلا ئەمەس، دائىملا مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسى، ئۇلار كۆرگەن تەربىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە كەچمىشى ھەققىدە ئىزدىنەي دەيمەن. ئەگەر شۇلار ھەقىقەتەن بىر توپ كىشى بولسا مۇڭدىشىپ، سىردىشىپ باقسام بولىدۇ، بىر كىشى بولسا سالاۋات.

تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇم مېنى 2000-يىللاردا باسقان ئىدى. ئۇ چاغدا مەن ئىشلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ جايلاشقان شەھەردە ئۇيغۇر قىزلار ياغلىق چىگىشكە يۈزلەندى. مەن ئۇلارغا ھەر يەكشەنبە ئېنگىلىز تىلى ئۆگەتتىم. ئەمما ياغلىققا ئەگىشىپ نىكاھلارمۇ چىگىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىكى پەتىۋا «سىتۇدېنت قىزلار مەھرەمسىز يۈرسە بولمايدۇ، شۇڭا نىكاھلىق بولۇشى كېرەك، ۋەلىسىز نىكاھ ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ، كومۇنىست ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەلىلىكى قوبۇل بولمايدۇ» دېيىلگەن بولدى. مەنمۇ دېيىلگەننى دىن دەپ قوبۇل كۆرۈپتىمەن، ھەتتا مۇشۇنداق نىكاھقا شاھىتمۇ بولۇپتىمەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي چەتئەل تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان تۇرپانلىق بىر قىزىمىزنى نىكاھىغا ئالغان بىر تالىپ بالا، قىزنى تۇغۇتلۇق ھالەتتە دوختۇرخانىدا تاشلاپ قاچتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلاپ چۆچۈپ كەتتىم ۋە توردا يېزىپ تۇنجى قېتىم «تاياق» يىدىم. ماڭا قارشى دىنىمىزنى قوغدايمىز دېگەنلەر توردا مېنى قورشاۋغا ئالغاندا مەن مەكتەپتە شۇ سەبى، تەجرىبىسىز، ئىمانلىق قىزلارنىڭ ياشلانغان كۆزلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەريات نالە-زارلىرىنىڭ قورشاۋىدا ئىدىم.

2012-يىلى جىھات، ھىجرەت چاقىرىقلىرى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە يامراشقا باشلىدى. ئەقىلفونلار ئومۇملىشىپ چەتئەللەردە ئىشلەنگەن ئون يىل بۇرۇنقى «جىھات» سىنلىرى تېلىفونلاردا تارقالدى. ئۇستازلار توردا دەرسخانا قۇرۇپ جىھات، ھىجرەت تەشۋىقاتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە بايراملارنى ئىنكار قىلىدىغان، بىدئەتچىلىككە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. بۇ چاغدا مەن يەنە بىر قېتىم جىم تۇرالماي بىر قاتار يازما يېزىپ ھۇجۇمغا ئۇچۇردۇم. «چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق تەشۋىشى» دېگەن يازمامدىكى ھىجرەت تەرغىباتىغا قارشى مەزمۇن سەۋەپلىك «دىنى تېمىلارغا ئارىلاشقان، پەتىۋاغا چات كىرگەن، ئۆلىمالاردىن ئىش تالاشقان» دېگەن تۆھمەتكە قالدىم. شۇ چاغدا بۇ تەشۋىقاتلارنى تارقىتىۋاتقانلار ئازادە چەتئەلدە، مەن ئۇيغۇرنىڭ پۇچىلانغان باغرىدا ئىدىم.

2016-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنلىرى ۋەتەندىن چەتئەللەرگە چىقىپ دىندا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھاۋالەسى بىلەن تۈركىيەدىكى ۋە مىسىردىكى تالىپلار، ئۆلىمالار بىلەن پىكىرلەشتىم، نەتىجىدە «مىسىرغىمۇ ياكى تۈركىيەگىمۇ؟» دېگەن ئىنشانى دوكتۇرانت ئاتاۋۇللاھ فاكىرۇللاھ بىلەن قەلەمگە ئالدىم. ئەمما كۈچلۈك ئاممىۋىي ھۇجۇمغا دۇچ كەلدىم. يازمامنى پۇرسەت بىلىپ بەزىلەرنىڭ دىنىمىزنى چۈشۈرگەنلىكى سەۋەپلىك كەچۈرۈم سورىدىم، ماڭا كەلگەن تەھدىتلەر تۈپەيلىدىن ئەمەس.

ھەر قانچە سۆز چۆچەككە قالساممۇ تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلىپ، مىسىردىكى تالىپلارنى مۇستەبىت دۆلەتتىن ئەركىن دۆلەت تۈركىيەگە كېتىشكە قىلغان تەشەببۇسۇمدا چىڭ تۇردۇم. 2016-يىلى مايدا مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن مىسىرغا بېرىپ، خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە بارغاندەك چۆچۈپ كەتتىم. ئىقتىساتنىڭ جان تومۇرى خىتاينىڭ ئاغزىدا، ھاكىمىيەت خىتايپەرەس، تەرەققىيات مۈگدىگەن بىر ئەلدە ئوقۇشنىڭ خەتىرى ھەققىدە يازما يېزىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ بالاغا قالدىم. ئۇلار ئۇلۇغ مىسىرنى، ئەزھەنى قوغدىدى. مەن قوغداقسىز، ئاجىز ئۇيغۇرغا يول كۆرسىتىشكە، پۇلسىزلارغا بىلەت ئېلىشقا، ياردەمگە ھازىرلاندىم.

2017-يىلى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قەيسەرى، سەفاكۆي ۋە سەلىمپاشالار مېنىڭ دائىملىق مەنزىلىم بولدى. ئوقۇغۇچىلار، تۇللار ۋە يېتىملار مەسلىسى ھەققىدە ئىزدەندىم. يازدىم، تەكشۈردۈم، نەتىجىدە كۆپ ئۇيغۇرلاردىن ياردەم كەلدى. ياردەم بەدىلىگە تۇللاردىن بالىلارنى ئوقۇتۇشقا، ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇشقا، يېتىملەردىن مەكتەپكە ۋەدە ئالدۇق. ئەمما ئوقۇماسلىق، ئوقۇتماسلىق داۋام قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى قىزلارنى 9 ياشتىن كېيىن ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ ئوقۇسا نامەھرەم بولارمىش. «ئوقۇماسلىق گۇناھ»، «توققۇز ياشلىق ئەرلەر ۋە ئاياللار» دېگەن يازمىلار مۇشۇ تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا يېزىلغان. ئەپسۇس، بۇلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

يېتىملار ۋە تۇللارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بالىلارنى مەكتەپكە ئەمەس مەدىرىسكە تەۋسىيە قىلىش، تۇللارغا ئىقتىسادىي ياردەمدىن كۆپرەك دىنىي دەۋەت قىلىش…دېگەندەك ئەمەلىيەتكە دۇچ كەلدىم. بۇلارنى يازدىم ۋە دىن خوجايىنلىرىدىن تىل – ھاقارەتكە قالدىم، ئۇلار ئىكران ئالدىدا كۈچلۈك، مەن يېتىم بالىلار، مۇھتاج ئوقۇغۇچىلار، پۇلسىز تالىپلار ۋە ئىلاجسىز تۇللارنىڭ ئارىسىدا ناتىۋان ئىدىم.

مەن لەنجۇدا نىكاھلىنىپ ۋەيران بولغان ستۇدېنتلارنى يازغاندا نىكاھ توغرىلىق پەتىۋانىڭ توغرا خاتالىقىنى ئەمەس، شۇ پەتىۋا بويىچە نىكاھلىنىپ بەخىتىسىز بولغانلارنى كۆزدە تۇتقان. مەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقىرىشقا قارشى ماقالە يازغاندا بىدئەت توغرىسىدا كېسىلگەن شەرئىي ھۆكۈمگە ئەمەس، شۇ ھۆكۈم بىلەن بىر بىرىنىڭ ئىستىقبالىنى كەسكەن ياشلارغا ئېچىنغان. مەن ھىجرەت، جىھاتنى ئىنكار قىلمىغان، شۇ باھانە بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى ۋەتەندىن خەلقئارا جىھات سەھنىسىگە چىقىرىپ تارمار قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. مەن نامەھرەمنى مەھرەم دېمىگەن، مۇھاجىرلىق ۋە مۇجاھىتلىقنى خاتا ياكى توغرا دېمىگەن…پەقەت مۇشۇ تەرغىباتلارنىڭ ئاياللارنى تۇل، بالىلارنى يېتىم، ئانىلارنى يۆلەكسىز، بالىلارنى ئوقۇشسىز قويۇشىدىن غەم يىگەن.

مەن نېمە ئۈچۈن ئىلىم ۋە ئىلمىيلىكنى، پەننىڭ ئومۇملاشقان بولۇشىنى، ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىمەن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پىكرىمگە قارشى چىقىش دىننى قوغدىغانلىق بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنچە تەنقىت ۋە تاياق قېپى بولۇپ كېتىشىمگە سەۋەپ قىلىپ شۇنى دېگۈم بار. بۈگۈن ئۇيغۇر ئۈزۈلۈپ كەتتى، بوغۇچلىنىپ كەتتى، قايمۇقۇپ كەتتى. شۇڭا بىزگە پەن –تېخنىكا لازىم، پۇل لازىم، يول لازىم، ئىستىقبال ئۈچۈن دەسمى، ئاساس ۋە ئۇل لازىم. ئىستىبالىمىز پەن – تېخنىكا ۋە دۇنياۋىي تىللارنى ئىگىلەش بىلەن ئېچىلىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى سەبى ئوغۇللار، كىچىككىنە قىزلارنى ئۆيدىن چىقارماي، باشمالتاقتەك يېتىملارنى مەكتەپكە بەرمەي، تۇل ئاياللارنى قوغداپ كۆكرەك كېرەلمەي، ئوقۇ دېگەن ئايەتنى يادىلاپ قەستەن چۈشەنمەي، مۇشۇلارنى دىن، دىنىمىز تەلەپ قىلغان دەپ بالىلارغا ئەلگە سىڭدۈردەك بولامدۇ؟ ماڭا بولمايدۇ، ئەمما قارشى تۇرغۇچىلار ھەقلىق، چۈنكى ھەر كىشى ئۆز تاۋىقىنىڭ غېمىدە.

مەن ئۇيغۇر بېشىغا مەيلى سەللە ئورىسۇن، شىلەپە كەيسۇن، ياغلىق ئارتسۇن ياكى نىقاپقا يۆگەنسۇن، ئۆزى تىرىك بولسۇن، بېشى تىك بولسۇن دەيمەن. باش ئامان، يۈز يورۇق بولسا دوپپا تېپىلار، ياغلىق يېپىلار. باش غەمسىز بولسا سەجىدىگە بارار، ئويلاشقا يارار. باش ساغلام بولسا تاجمۇ يارىشار، تاجدارمۇ بولار. مەن باشنىڭ دەردىدە قېرىندىشىم، بېشىڭ ساق بولسا، ئەقلى ھۇشۇڭ ساغلام  بولسا نېمە ئويلا ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، ئەمما، مىللەت ئۈچۈن تىرىكلىك، مەۋجۇتلۇق ئەۋزەل. ئاۋۋال سەندە خەقتىن قورقۇقماي تىك تۇتقىدەك ساق ۋە مەردانە باش بولسۇن. ئەقلىڭ دىنىڭغا ئاش بولسۇن، دىلىڭ تىلىڭدا پاش بولسۇن، جاسارىتىڭ تاش بولسۇن.

كەسىپنىڭ كۆز يېشى

 

پات-پات غايىلىك، تىرىشچان، ئىستىقباللىق ئىنى-سىڭىللارنىڭ خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالىمەن. ئۇلار كۆپىنچە نەدە ئوقۇش ۋە نېمە ئوقۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارغا يارىغىدەك مەسىلىھەت بېرەلىسەم، ئۇتۇق قازانغاندەك ھېس قىلىپ ھاياجانلىنىمەن. تۈنۈگۈن تۈركىيەدىكى بىر ئىنىمىز ياردەم سوراپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا: «ھازىر تورلاردا، خۇتبىلەردە ۋە سۆھبەتلەردە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر ھەققىدە ھەمىشە بىر بىرىنى ئەيىپلەشلەر، شۇئارلار، باھانىلەر كۆپ، لېكىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە بىرەر تىرىشچانلىق، ھەرىكەت ياكى ئەمەلىي پىلان يوق. مەن ئالدىنقى سەپتىمۇ، خەتەرلىك سەپەردىمۇ بولۇپ باقتىم. ئەمما ئەقىدىگە لايىق بىر ئەمەلگە، نەتىجىلىك ئېلىنغان بىر قەدەمگە شاھىت بولالمىدىم. مۇھاجىرلىرىمىز ئېتىقاتلىق بولغان بىلەن بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز بولغاچ ئىقتىساتتا خەقنىڭ قولىغا قاراشلىقكەن. ئۇلار بەرىكەتسىز ئىستانبۇلدا پۇلسىز ئاچ – توق يۈرىۋاتىدۇ. ھازىر مەن قانداق قىلىپ ئۈممەتنى قۇتقۇزارمەن، قانداق قىلىپ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئالارمەن دەپ كاللام قاتتى، بىرەر پىلان تۈزۈپ بېرەرسىزمۇ؟»، دەپتۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان بىر سىڭلىمىزمۇ «ئۆگەنگەن ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ، باشقىلارنى يېتەكلەپلا قالماي، باشقىلارنىڭ قولىغا قارايدىغان «تاماخور موللا» بولماسلىق» ئۈچۈن نېمىلەرنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە مەندىن مەسلىھەت سوراپتۇ.

مەسىلىھەت بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنىڭ يېشىنى، ھۆنىرىنى، تەجرىبىسىنى سورۇدۇم. يا كەسپى، يا ھۆنىرى يوق، بىرەر ئورۇندا ئىشلىگەن تەجرىبىسىمۇ تېخىمۇ يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا ياشلىقنىڭ بايلىق، ئەۋزەللىك، پۇرسەت ئىكەنلىكىنى دەپ ئۈمىتلەندۈردۈم. پىلانى ئەرەپ تىلى ئۆگىنىش ئىكەن. سەۋەبى ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولغانلىقى بوپتۇ.

ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئەللەردە دىندا ئوقۇش ھەقسىز. مەسىلەن: مەسىلىھەت سوراپ ماڭا خەت يازغان ئەرەبىستاندىكى سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز. مىسىردىكى ئوقۇشقىمۇ ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئاڭلىشىمچە مىسىردا دىن ۋە ئەرەبچە ئۆگەنسە ھەق ئېلىنماي، باشقا كەسىپ ئۆگەنسە ھەق ئېلىنىدىكەن. قاھىرەدە بۇ ھەقتە بىر ئىنىمىز «ئاكا، بىز ئەرەبچە ۋە دىن ئۆگەتسەك ھەق ئالمايمىز، نېمىشقا ئېنگىلىزچە، كومپىيۇتىر ئۆگەتكەنلەر ھەق ئالىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ سەمىمىي كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم. نېمە دەيمەن؟ «سەن ئۆگەتكەن ئەرەپچە دىن ئۈچۈن كېرەك، دىن روھ ئۈچۈن يۆلەك. ئەمما ياشاشقا پۇل كېتىدۇ ئۇكا، ئېتىقاتتىن بۆلەك. پۇل تاپىقىلى بولمايدىغان ئىلىمنى خەق پۇل بېرىپ ئۆگەنمەيدۇ!» دەيمەنمۇ؟

تۈركىيەدىكى ئىنىمىزنى دىندا ئوقۇش بىلەن بىر كەسىپنىمۇ قوشۇپ ئوقۇشقا قايىل قىلالماي،-سىزنىڭ زاكات يەيدىغان مۇسۇلمان بولغىڭىز بارمۇ ياكى زاكات بېرىدىغانمۇ؟ -دەپ سورىدىم. ئەلۋەتتە، زاكات بېرىدىغان مۇسۇلمان بولغۇسى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر مەزگىل ئەتىگەن – ئاخشاملىرى نەدە بولمىسۇن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بىرەر كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەرەبچىنى بولسا ئاۋۋال توكچىلىق، تۇربىچىلىق، سۇچىلىق،  سىرچىلىق، رېمنۇتچىلىق دېگەندەك ھۈنەردىن بىرنى ئۆگىنىپ ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋېلىپ، تۇرمۇشنى خاتىرىجەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆگىنىش تەكلىپىنى بەردىم.

ئەلۋەتتە، قاھىرەدە ئىلاھىيەتتە  ئوقۇۋاتقان بىر ئىنىمىزگە، ئۈرۈمچىدە شېئىرىيەتنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر سىڭلىمىزغا، مەنىۋىي بىلىمدىن سىرىت بىر ئەمەلىي ھۈنەر ئۆگىنىش مەسلىھەتى تازا يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، مەدىرىسلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىۋاتقان پەيتتىكى تۇيغۇ بىلەن تەر تۆكۈپ، مايغا بۇلىنىپ ھۈنەر ئۆگەنگەندىكى ھېسىيات ئوخشىمايدۇ. خالىسا ئولتۇرۇپ، خالىسا قىڭغىيىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان، ساۋاق يادىلاۋاتقاندىكى كەيپىيات بىلەن ئۇستامنىڭ تەلەتىگە قاراپ، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، مەشخۇلات قىلىۋاتقان چاغدىكى روھىي ھالەت ئاسمان – زېمىن پەرقلىنىدۇ. بۇ تۇيغۇلار ئوقۇۋاتقان بالا، ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئۇستاز ئۈچۈنمۇ ئورتاق. ئەمما بۇ تۇيغۇلارنىڭ سېلىشتۇرغىنىمىزدا سوغۇققانلىق بىلەن يۈرەكنى تىڭشاپ، ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىشىمىز، قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىمۇ ياكى خىيالى تۇيغۇمۇ؟ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىرەر كەسپ ئۆگىنىشنى تۆۋەن كۆرۈپ، بىرەر مۇنبەرگە چىقىشنى چوڭ بىلىۋاتقان بولساق، قوغلىشىۋاتقىنىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجە ئەمەس، خىيالى تۇيغۇ ۋە ئىناۋەت ئىكەنلىكى سىر ئەمەس. ئەگەر بىز ئۆمۈرلۈك پائالىيەت بولغان ئىلىم ئۆگىنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىھتىياجى بولغان كەسىپ ئىگىلەشتىن ئۈستۈن قويۇۋالغان، ياكى ئىككىسىنى زىتلەشتۈرىۋالغان بولساق خاتالىشىۋاتقان بولىمىز. چۈنكى بۇنداق پىكىرگە تەسىر قىلىۋاتقان ئامىل بىزنىڭ ئىلىم ۋە كەسىپكە بولغان نامۇۋاپىق پوزىتسىيەمىزدۇر.

ئارىمىزدىكى كەسىپ ۋە ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان بۇنداق نامۇۋاپىق تونۇش ۋە پوزىتسىيەنى بىز چەتئەللەردە تەجرىبە قىلىپ يەكۈنلىمىگەن، كىتاپتىن ئۆگىنىۋالمىغان ياكى ئەجدادىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان، بۇ بىزگە ياشىغان جەمئىيەتتىن، شۇ جەمئىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرغان تۈزۈمدىن يۇققان. رىياللىقتا كادىرنى ئەزىز، دىھقاننى خار قىلغان، ئىشچىنى تۆۋەن، باشلىقنى ئۈستۈن كۆرىۋاتقان، كاسىپنى يوقسۇل، مەمۇرنى باي قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان تۈزۈم بىزنى شۇ تونۇشقا كەلتۈرگەن. نەتىجىدە تۈزۈم بىزنى ئىلىم ئىگىلەشنى كەسىپ ئىگىلەشتىن، ئۆلىمالىقنى كاسىپلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ياكى بىر بىرىگە زىت دەپ چۈشىنىدىغان قىلىپ قويغان.

ئەزھەردىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا ئىلاھى ئىلىم ئىگىلەشنى نىشان قىلىش بىلەنلا قالماي، كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ ياشاش ۋە جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىر كەسىپ ئۆگىنىش ھەققىدە لېكسىيە قىلدىم. بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبەم بويىچە مۇساپىرەتتىكى ھاياتتا مەندەك ئەدەبىيات، تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق بىلىدىغان بىر ئادەمگە قارىغاندا تامچىلىق، بېزەكچىلىك، كومپىيوتىرچىلىق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ بەكرەك ياخشى كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ئوقۇش ھاياتىمدىن پۇشمان قىلىشقا توغرا كەلسە، بىر كەسىپنى قوشۇپ ئۆگىنىپ قويمىغىنىمغا پۇشمان قىلىدىغانلىقىمنى دېدىم. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بۇ گېپىمگە رەددىيە بېرىپ، دىن ئوقۇشىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، مىسىرغا جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان كەسىپ ئۆگىنىشكە كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەشتى. ۋەتەندە جۇغراپىيە ئوقۇغان بىر ماگىستىرنىڭ ئەزھەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇرۇنراق دىن ئوقۇماي كەسىپ ئوقۇغىنىدىن پۇشمان قىلغانلىقىنى، ئىلاھىي ئىلىم ئالدىدا باشقا ئىلىمنىڭ ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ ماڭا رەددىيە بەردى. تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىشنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقاپ ئەپسۇسلاندىم، بەلكىم، مەن دېمەكچى بولغانلىرىمنى ياخشى چۈشەندۈرەلمىگەندىمەن. شۇنداق قىلىپ لېكسىيەمنى ئىسلام تارىخىدا نېمە ئۈچۈن ساراي شائىرىلىرى ۋە ساراي ئۆلىمالىرى دېگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىش بىلەن ئاياقلاشتۇراي دېدىم ۋە «بازادا ئاققىدەك ھۈنىرى يوق شائىر ھۆكۈمدارنى ماختاپ شېئىر ساتىدۇ، ئۆزىنى باققىدەك كەسپى يوق ئۆلىما ھۆكۈمەتنى ئاقلاپ پەتىۋا ساتىدۇ. ھۈنەر ساتسا ھۈنەرۋەن دەيمىز، ياساپ ساتسا كاسىپ ئاتايمىز، ئەمما پەتىۋا ۋە شېئىر ساتسا ساتقۇن بولۇپ تونۇلىدىغان گەپ» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ، بىراز ئىچىنغانچە خوشلاشتىم.

يۇقىرىقىدەك مەسۇم ئوقۇغۇچىلارنى تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە تۈزۈمدىن يۇقۇملىنىش ھەممىمىزدە بار. چۈنكى بىز دېھقان، ئىشچى، كادىر، باي، باشلىق دېگەندەك ئېنىق سىنىپلارغا ئايرىلغان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇرمىز. بۇ سىنىپلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنى ئاسمان – زېمىن پەرقلىنىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق كىشى يۇقىرىقى سىنىپلارنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ ۋە جەمئىيەتتە شۇنىڭغا لايىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. بىز ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىلەرگە بەزىدە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇقىرىقى سىنىپ ئايرىمىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. شۇڭا جەمئىيەتتە كەسىپ ئىگىلەش دېگەنلىك تۆۋەن تەبىقىدىكى ئىشچىنىڭ ئىشىدەك تۇيۇلۇپ ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ياشلىرىمىز مەھەللىلەردە كالتەك كۆتۈرۈپ جىسەكچىلىك قىلىشنى، قالقان تۇتۇپ قاراۋۇللۇق قىلىشنى بىرەر ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشتىن ئەۋزەل بىلىدۇ. ھەممىمىز تەبىقىچىلىك ھۆكۈمران بولغان جەمئىيەتنىڭ  قېلىپىدا قۇيۇلغىنىمىز، يۇقۇملانغىنىمىز ئۈچۈن بىر قىسىم ياشلار چەتئەللەردىمۇ ئاۋۋال بىرەر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتماي، ئەرەپچە ۋە قۇرئان ئۆگىتىدىغان ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇشنى تاللاۋاتىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆلىمالار ئەتراپىدىكىلەرنى، ھەتتا بالىلارنىمۇ شۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ «ئىنسانغا 72 خىل ھۆنەر ئاز»، «ھۆنەرلىك ئىنسان خار بولماس» دېگەنگە ئوخشاش ۋەسىيەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سودىگەر، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆمۈرچى، زەكەرىيا ئەلەيھىسالامنىڭ ياغاچچى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دوختۇر بولغانلىقىدەك سۈننەتلەرنى تاشلاپ قويغانغا باراۋەر.

مەسلىھەت سورىغان ۋە سورىمىغان ئىنى – سىڭىللارغا شۇنى دېگۈم بار؛ بۈگۈن بىز يەرشارى تورلىشىپ بىر كەنتكە ئايلانغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. رىسقىمىزنىڭ نەگە چېچىلغانلىقىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز. باشقىلارغا مۇھتاج بولماي، بىرەر سىياسىي گورۇھ، ئىدىئولوگىيە ۋە ئورگانغا بېقىنىپ قالماي، زاكات تىلىمەي زاكات بېرىپ ياشىماقچى بولساق، ئۆزىمىزدە دۇنيانىڭ نەرىگە بارساق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر كەسىپ، ھەممە يەردە قوللىنىلىدىغان بىر تىل ۋە سەمىمىيەتنى ئۆلچەم قىلغان بىر ئەخلاق يېتىلدۈرگىنىمىز ئەۋززەل. ئىلاھىيەتكە بولغان سۆيگۈ، شېئىرىيەتكە بولغان ھەۋەس، تارىخقا بولغان مۇھەببەت، غايىپقا بولغان تەپەككۇر، جەمئىيەتكە بولغان قىزىقسىنىشلار پەقەت بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك غايىمىز بولۇپ، مەنىۋىي ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ. ئەمما ئىقتىسادنى ماتور قىلىپ ئايلىنىۋاتقان دۇنيادا بىزنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدىغان بىرەر كەسىپ تۇرمۇش ۋاستىمىز بولمىسا، ئۇلۇغۋار غايىلەر پۈچەك تۇرمۇش ۋاستىسىگە ئايلىنىپ، غايىنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە بىزنىڭ ئىنسانى قىممىتىمىز يەرگە ئۇرىلىشى مۇمكىن.

ھەقىقى زىندان

 

ھەقىقى زىندان باشتا بولىدۇ

-يۈسۈپ خاس ھاجىپ

 

2017-يىلى نۇيابىرنىڭ 8-كۈنى يېتىم بالىلارنى يوقلاش ئۈچۈن قەيسەرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ 3-قېتىملىق سەپەر بولۇپ، ھەر قېتىمدا پەرقلىق ئەھۋاللارغا شاھىت بولاتتۇق. ئەپسۇسكى، ھەر قېتىم پەرقلەنمەيدىغان بىرلا ئەھۋال نامراتلىق، نادانلىق ۋە ئوقۇتماسلىق ئىدى. 2015-يىلى كۈزدە قەيسەرىگە تۇنجى بارغىنىمىدا بىرەيلەن مېنى مىللەتچى دەپ ئويلىغاچقا قوللىرىنى ماڭا چىنەپ تۇرۇپ «ئۇ دۇنيادا ئاللاھ مىللىتىڭگە نېمە قىلىپ بەردىڭ؟ دەپ سورىمايدۇ، ئاللاھنىڭ دىنىنى زېمىندا ئۈستۈن قىلدىڭمۇ دەپ سورايدۇ!» دەپ سۆزلەپ كەتكىنى ھازىرقىدەك ئېسىمدە. شۇ چاغدا سۆز نۆۋىتى ماڭا كېلىپ مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدىم. ئۇنىڭچە بالىغا ئاۋۋال قۇرئان يادىلىتىپ دىننى پۇختا ئۆگەتمەي تۇرۇپ مەكتەپكە بەرسە، خىتايدىكى قىزىل بايراقىتىن قۇتقۇزۇپ، تۈركىيەدىكى قىزىل بايراققا تۇتۇپ بەرگەنلىك بولىدىكەن.

يول بويى ئالدىنقى قېتىم كەلگىنىمىزدە « مەن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن، قۇرئان ئوقۇيمەن» دېگەن بالىنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. «ئوقۇماسلىق گۇناھ» دېگەن يازمامدا شۇ سەبىنى يازغان ئىدىم. قورۇغا كىرىپلا ئۇنى ئىزدىدىم. چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئېچىپ تاشلاپ توپ ئويناۋاتقان بالا مېنى كۆرۈپلا تونىدى. چاقىرىپ باشلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىغان سۇئالىمغا ئۇ ھېچ پەرۋاسىز «قورۇدىكى مەدىرىستە ئوقۇيمەن، مەكتەپكە بارمايمەن» دەپ نېرى كەتتى. سۈرۈشتە قىلسام ئۆيدە 10 جان، دادا تايلاندتا تۈرمىدە، بالىلار ئوقۇشسىز.

ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن بارغىنىمىزدا يېتىم بالىلاردىن سەككىزى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. بۇ قېتىم 11 دېيىلدى، ئوقۇۋاتقانلارغا كۆپرەك مۇكاپات تارقاتتۇق. 9 ياشلىق ئىككى قىزدىن سەككىز كەرە ئىككىنىڭ جاۋابىنى ئالالمىدۇق. ئالدىنقى قېتىم مودېل ياساپ بىزنى تاڭ قالدۇرغان بىلال يوق. يېتىملەرگە قاراۋاتقان بىر كىشى 10 ياشلىق بالىسنى بىرىنچى سىنىپتا دەيدۇ، بۇ تۈركىيەدە مۇمكىن ئەمەس. 7 ياشلىق بىر يېتىم قىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىپ مۇكاپات ئالدى.

مۇكاپات ۋە ياردەملەرنى تارقىتىپ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ بىر ئاز دىققەت تارتتۇق بولغاي، قورۇدىكى بالىلار قىزىقسىنىپ قاراشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاقىتلىق بېرىلگەن بۇ قورۇدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىيىن ئەھۋالدا بولغىنى ئۈچۈن، كۆزلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يەرگە قارىۋالدۇق، بولۇپمۇ تۇل ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تەلمۈرگەن چىرايىغا قاراشقا پېتىنالمىدۇق. ھەر قېتىم يېتىمللارنى يوقلىغىنىمىز بىلەن كىچىككىنە تۇرۇپ ئاتا-ئانىسى بىلەن تەڭ قىينىلىۋاتقان شۇ سەبىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئامالىمىز يوق ئىدى، پەقەت ئېلىپ بارغان كىيىملەرنى بېرەتتۇق،  ئوقۇمىغانلارغا ئازراق يارىدەم تارقىتىپ ئوقۇغانلارنى مۇكاپاتلايتتۇق.

يېتىملەرنى ئومۇمىيۈزلۈك تىزىملاپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ، جىددىي ياردەم كېرەكلەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا باردۇق. بايقىدۇقكى، بىز يېتىم دېگەن بالىلارنىڭ بىر قىسمى تىرىك يېتىم ئىكەن. ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى تۈركىيەگە دىن ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، پات پات يوقلاپ تۇرغان، پاسپورت يىغىلغانلىقى سەۋەپلىك كېلەلمەي بالىلار تىرىك يېتىمگە ئايلانغان. بۇنداق بالىلاردىن بىرى ئىستانبۇلدىكى مەدىرىستە ئوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئىش بۇرۇن خوتەندە بولغان ئىدى، ئىستانبۇلدا تەكرارلىنىپتۇ.

بۇندىن بەش يىل بۇرۇن بالىلىرىنى مەكتەپتىن قاچۇرۇپ مەدىرىسكە بەرگەن دوستۇم قاۋۇلغا دېگەنلىرىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا «ئالتە ياشلىق بالاڭنى قارغىلىقتىن قايتۇرۇپ كەل، ھېچكىم خەقنىڭ بالىسىغا ئۆز بالىسىدەك قارىمايدۇ. ئادەمنى ئادەم قىلىدىغىنى نېمىنى يادىلىۋالغىنى ئەمەس، نېمىدىن تەسىرلەنگىنى ۋە نېمىگە ئەمەل قىلغانلىقى. 16 ياشقا تولمىغان بالىلارنى ئاتا-ئانىدىن ئايرىش خەلقئارا ئەھدىنامىگە خىلاپ جىنايەت. ئاتا-ئانا مىھرىگە قانمىغان بالا بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانسى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى يېتىمدەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا جىنايەتچىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپى يېتىملەر، مۇھەببەتتىن مەھرۇملار، ئوخشىمىغان ياشتا يېتىلىدىغان تۇيغۇلارغا قانمىغانلار، كىچىك تۇرۇپ ئوپچە تۇرمۇشقا زورلانغانلار» دېگەن ئىدىم.

ئىستانبۇلدا مەكتەپتە ئوقۇمايۋاتقان 80 دىن ئارتۇق بالىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بىر مەكتەپنى زىيارەت قىلدۇق. قىيىنچىلىق ھەققىدە سورالغاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ قىز – ئوغۇللارنى ئايرىش تەلىپى سەۋەپلىك سىنىپ ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك تىلغا ئېلىندى. توققۇز ياشلىق ئوغۇللار سىنىپلارغا ئايال كىشىلەر بولغانلىقى سەۋەپلىك كىرىشنى رەت قىلسا، توققۇز ياشتىن ئاشقان قىزلار نامەھرەم بولىدىغانلىقى ۋەجىدىن ئوقۇشنى رەت قىلغان.

بۇنى ئاڭلاپ ئېسىمگە قەيسەرىدە مۇشۇ قېتىم ئۇچرىغان بىر ئىش كەلدى. يېتىم بالىلارنى يوقلاپ بىر ئىشىكنى چەكسەك، سەككىز توققۇز ياشلاردىكى بىر قىز چىقتى–يۇ، بىزنى كۆرۈپلا ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكتى. سەۋەبىنى سورىساق، «مەن ئەركىشىلەرگە گەپ قىلمايمەن، نامەھرەم بولىدۇ،» دەيدۇ. تىزىمىزغا كەلمەيدىغان بىر قىزنىڭ بىزنى ئەر ئۆزىنى ئايال دەپ ئويلىشى بىزنى ھەيرانلىق، خۇرسىنىش ۋە ئېچىنىشتەك مۇرەككەپ تۇيغۇلارغا غەرق قىلغان ئىدى.

ئىنسان ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىچىدە ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزئارا تونۇشۇش، چۈشۈنۈش ئۈچۈن تىلنى ئايەت سۈپتىدە ياراتقان. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن نۇرمال ئىجتىمائىي ئالاقە ئىنسان فىترىتىنىڭ (تەبىئىتىنىڭ) تەقەززاسىدۇر. بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئاشقۇنلۇق بولۇپ، فىترەتكە زىت كېلىدۇ. مۇبارەك كىتاۋىمىز قۇرئانى كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن شۇئەيىپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ قۇدۇق بېشىدىكى سۆھبەتلىرى، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە سەبە پادىشاھى بىلقىس ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر، يات ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى نۇرمال ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ۋازكېچىلمەسلىكى، ھالال ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئايال ساھابىنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان مۇنازىرىسى  ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلار ئارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە « جىنسىي » تەرەپنىڭ ئورنىغا « ئىنسانىي » قەدىر – قىممەت، ئەخلاقى پەزىلەتنى ئاساس قىلىشقا بۇيرىيدۇ.

ئاللاھ، يات جىنىسنى كۆرگەن ھامان خىيالى تامبالنىڭ ئىچىگە كېتىدىغان، ئەقلى  يوپكا ۋە كوپتاغا چاپلاشقانلارنىڭ چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدۇ. قارشى تەرەپتە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىغان شەكىلدە سۆز قىلىشنى چەكلەيدۇ. بۈگۈن ئۆزىنىڭ قەۋم – قېرىنداشلىرىغا نامەھرەم دەپ سالامنى ئايىغۇچىلارنىڭ بازاردا ۋەياكى باشقا يەرلەردە يات نامەھرەملەر بىلەن نۇرمال ئالاقە قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئىنسان فىترىتىگە يات غەلىتە دىندارلىقنىڭ ئۇيغۇرغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر. خانىم – قىزلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدىغان، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ يېرىمى سۈپتىدە قوبۇل قىلمايدىغان بۇ ئاشقۇنلۇق خانىم – قىزلىرىمىزنى دىنسىزلىق قوينىغا ئىتتىرىدۇ. ئاشقۇنلۇقنىڭ ئاچا-سىڭىللارنى فىترەت دىنى بولغان ئىسلامدىن، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكى بىلەن رەڭلەنگەن ئۇيغۇرلۇقتىن قانداق يىراقلاشتۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىشمىز كېرەك.

بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇمىغانلار، ئۆزى توقۇپ چىققان يالغان ھاراملار ئارقىلىق خانىم – قىزلىرىمىزنى جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن ئايرىغانلار دوختۇرخانىلاردا ئايال دوختۇر تاپالماي ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ ئۆلۈمىگە، بوۋاقلارنىڭ ھالاك بولۇشغا سەۋەپچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نادانلىقى بىر جان خەۋپتە قالغاندا، ھايات-ماماتلىق پەيتتە جاھىللىق قىلىشنى دىندارلىق دېيىشتە ئىپادىلىنىدۇ. بەزىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش، ئاياللارغا ئىشەنمەسلىك، خانىم-قىزلارنى بۇزۇقچىلىق مەنبەسى دەپ قاراشقا ئوخشاش مەرىپەتسىزلىكنى دىندارلىق دەپ تەرغىپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن «ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسىدۇر، ئاياللار ئوڭشالسا مىللەت ئوڭشىلىدۇ» دەپ ۋەز ئېيتىشى قىپ – قىزىل ئالدامچىلىقتۇر.

ئاللاھ، ئوقۇشنى ئەرلەرگە ياكى ئاياللارغا ئەمەس، ھەر مۇئمىنگە پەرز قىلغان. يارىتىلغان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ ئايىتىدۇر. ئۇنى ئۈگەنمەي ئاللاھ بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نېمەتلەردىن پايدىلىنىش، دۈشمەنلەردىن ئۈستۈن بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى رەقىپلىرىگە قارشى ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، غەلىبىنىڭ مانا مۇشۇنداق تەييارلىقلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن(ئەنفال،60-ئايەت). ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ھەر ئىشنى قائىدىگە لايىق، ئىلىمگە ئۇيغۇن ئادا قىلغانىدى. ھەتتا 10 مۇئمىننىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇشنى بەدىردە چۈشكەن ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشنىڭ شەرتى قىلغان. بىز ئوقۇشنى پەرز قىلغان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئىلىمگە دەۋەت قىلغان رەسۇلنىڭ ئۈممىتى تۇرۇپ، ئوقۇماي ۋە ئوقۇتماي خارلىقتىن باش كۆتۈرەلمىدۇق. ئاللاھ ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىگىچە ھالىمىزنى ئۆزگەرتمەيدۇ (رەئىد، 11 – ئايەت).

قەشقەردىكى چاغلىرىمدا بىرەيلەن يەسلىمىزدە قىز – ئوغۇللار بىر سىنىپتا ئۇخلايدىغانلىقى سەۋەپلىك ئوقۇتۇشنى رەت قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى شۇنداق ئاتا – ئانىلار ئاللاھقا ئۆيىدە بولسىمۇ ئىبادەت قىلىشتىن مەھرۇم، بالىلار بولسا ئانا تىلىدا قورقماي سۆزلەشتىن، ئىللىق ئۆيىدە، مىھىرلىك قۇچاقلاردا ئۇخلاشتىنمۇ جۇدا. قۇرئاندا ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ دېيىلگەنلىكى (نەجم، 39 – ئايەت)، بىزگە بۈگۈن كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزنىڭ بىر نەتىجە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

قىزلارنى ئوقۇتماسلىق، نارىسىدەلەرنى تۇماق بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغىدەك بولسىلا ئەرگە بېرىش، ئاياللارنى يەكلەش، ئاچا-سىڭىللارنى تىجارەتتىن، جەمئىيەتتىن، ئىجادىيەتتىن ۋە تۈرلۈك مەنىۋىي ۋە ماددىي جەھەتلەردىن چەكلەپ، ئۇلارنى مۇھتاج ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشتەك ئۇيغۇرنى ئىنساندەك ياشاتقۇزمايۋاتقان، نە دىنغا، نە ئۆرپ-ئادەتكە، نە ئىلىمگە ئۇيغۇن ئەمەس ياۋا ھۆكۈملەر ۋە جاھىل چۈشەنچىلەر ئەقلىمىزنى بەنت قىلغان ھەقىقى زىنداندۇر.

 

2017-يىلى نۇيابىر، ئەنقەرە

سەدىقەگە سىغمىغان پىكىرلەر

 

قاماقتىكى قارا كۈن ۋە زۇلمەتلىك تۈنلەردە دائىم تىلەيدىغىنىم ئانامنى ساق كۆرۈش ئىدى. ئانامنىڭ تۈمەنلىگەن ئانىلاردەك يىغلاپ يىقىلغانلىقىنى ئاڭلاشنى خالىمايتتىم. ئاللاھ دۇئالىرىمنى، توغرىسى دۇئالىرىمىزنى قوبۇل كۆرۈپ ئانامنىڭ باغرىغا قايىتتىم. ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ رەسۇلىمىز ھەقنى يەتكۈزگەن مۇقەددەس توپراقلاردا بولسام دەيتتىم. شۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشكىنىمدە ھاياجانلاندىم، ئەتراپىمدىكى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئەڭ دەرتلىك، غەملىك ۋە ياشلىق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلەن قوشۇلۇپ يىغلىدىم، شۇنچە يىغلاپمۇ يۈرەكنى باسقان تاشنى ئېرىتەلمىدىم. روھىمنى قارماللىغان رېئاللىقتىن قۇتۇلالمىدىم. چۈنكى مەن يىغلاپ توختىغان بىلەن ئالدىمدا ئانام يىغلايتتى. داۋالىنىشقا نە دوختۇر، نە دوختۇرخانا يوق، ئاغرىق ياتقان پېتى ۋاپات بولغان ئانىسى ئۈچۈن «ئوڭچى»، «مىللەتچى» ئاتىلىپ يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق نەزەربەنتتە ياشاپ ئۆتكەن، بىر داستىخانغا خاتىرجەم جەم بولالماي، ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىمۇ دەرقەمتە تۇرالماي ۋاپات بولغان ئاكىلىرى ئۈچۈن، ھەرەمگە كېلەلمەيدىغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن ۋە يۈرەك پارىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەي كۈن ساناۋاتقان ئانىلار ئۈچۈن يىغلايتتى. ئانام قورقۇيتتى، باشقا ئۇيغۇرلاردەك كىملەرنىڭدۇر كۆرۈپ قېلىشىدىن، مەھەللىسىدە بىلىنىپ قېلىشىدىن، نازارەتكە قېلىىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. دىندىمۇ، پەندىمۇ يېتىشكەن، ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ ئاكىسىنىڭ يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق نەزەربەنتلىك كۈنلىرىنى دەقىقىلەرگىچە ساناپ توشقۇزغان، ئوغلىنىڭ خەۋەرسىز يوقاپ كېتىشىگە يۈرەكلىرى قان پېتى شاھىد بولغان ئانام تەشۋىشلىنەتتى. مەككىدە باشلانغان ۋە مەدىنىگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ ياشلىق، تەشۋىشلىك، دەرتلىك ھال دىققەت تارتتى، ئىچ ئاغرىتىشلارغا سەۋەپ بولدى.

بىر كۈنى مەدىنىدە تۈرك ھاجىلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر يەردە تىڭشاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇق. ئۆمەك ئەتراپىمىزغا ئولىشىپ يۈرتىمىز ۋە ھالىمىزنى سورىدى. ئۆلىمالار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشۇمغا بىر خانىم قېشىمىزغا كېلىپ بىزگە ياردەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بىر تۇتام پۇلنى ئانامغا تەڭلىدى. مەن بىزنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىمىز بولغاچقا كەلگىنىمىزنى، بۇنىڭغا ئىھتىياجىمىز يوقلىقىنى تەكىتلەپ چىرايلىق رەت قىلدىم. ئەمما بىزنىڭ دۇئادا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ ۋە ئۇزۇن يىغلايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرەلمىدىم. ئىككى ھەرەمدە خەجلەيدىغانغا پۇلىمىز، تۇرىدىغانغا ياتىقىمىز، ئىزدىشىدىغانغا دوستلىرىمىز بار. ۋەتەندە تاپقان-تەرگىنىمىز بار، ھالال تەر تۆكۈپ يارىدەمگە مۇھتاج بولماي ياشاپ كەپتىكەنمىز بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ. مەن چىققاندىن كېيىن كىرىپ قالغانلارمۇ يوق. ئۇنداقتا نېمە تۈگىمىگەن دەرت، تۈرۈلگەن يۈز، قىزارغان كۆزلەر بۇ؟

ئىنسانلار قىزىق بولدىكەن. دائىم باشقىلارنىڭ دەردىنى ئۆز دەردىگە ئوخشتىپ چۈشىنىدىكەن، بارلىق ئەلەملەرنى ئۆزىنىڭكىگە ياماق بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىشىدىكەن ۋە شۇنداق بايان قىلىشىدىكەن. تۈرك ئۆلىما تېخى بەش – ئالتە يىللار بۇرۇن تۈركىيەدىمۇ ياغلىق ئارتقان ھالدا ھەممە يەردە يۈرگىلى بولغان بىلەن، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دەرسخانىلەرگە كىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەللىكىنچى يىللارغا قەدەر ئىستىگەن يەردە قۇرئان ئوقۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان قۇرئاننى ئوقۇشقا زورلانغانلىقىنى، تەرىقەت-سۈلۈكلەرنىڭ چەكلىنىپ، خاناقا ۋە تەككەلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «تۈركىيەدە قۇرئان ئوقۇشنى بىلىدىغان ئادەم قالماي سىپروس (قىبرىس)تىن قارى ئېلىپ كېلىنگەن» دېگەن سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بۇ گەپلەرنى مەن تۈركىيەگە ئون يىل بۇرۇن تۇنجى كەلگىنىمدىن باشلاپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا ئاڭلاپلا قويدۇم. ياغلىقنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا چەكلەنگەندىن باشقىلىرىدا كۆپتۈرمە بار ئىدى. ئەمما بۇلارغا بۇنىڭ كۆپتۈرمىچىلىك، ئۇنداق دېمىگەندىمۇ تارىخقا ئايلانغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. تارىختىن سۆز ئاچساڭ «كامالچىلارنىڭ يازغانلىرى» دەپ ئىشەنمەيتتى. خۇددى ئۇلار ئۆز دەردى ۋە تىركىشىشلىرىنىڭ ھېچ بىر خەلقتە كۆرۈلگەنلىكىگە قەتئى ئىشەنمىگەندەك، بۇنىڭدىن دەھشەت ئازاپلارنىڭ باشلىنىپ ھازىرغىچە تارىخقا ئايلانمايۋاتقانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتتى. قارىغاندا ھەممە مىللەتكە ئۆز دەردى ئېغىر بىلىنسە كېرەك.

مەدىنىدە تۈرك مىھمانخانىلىرى ۋە دوختۇرخانلىرى بار ئىكەن. مەدىنە كوچىلىرىدا تۈركلەرنى بىر قاراپلا پاكىز، رەتلىك ۋە جۇشقۇنلىقىدىن پەقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. ئەمما ئازراقلا پاراڭلاشقاندا كۆزلىرىدىن ئۇچقۇنلايدىغان ئىچ ئاغرىتىش، سۆزلىرىدىن تامچىغان ھېسداشلىق ئادەمنى بىئارام قىلىدىكەن. تازىلىقچىلار، مۇھتاجلار تۈركلەرگە بەكرەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن. چۈنكى سەدىقە كەم قىلىنمايدىكەن. ئاڭلىشىمچە دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار مەككە ۋە مەدىنەدىكى مۇشۇنداق سەدىقىلەرگە كۆنىۋېلىپ كەتكىلى ئۇنىمايدىغان، ياكى ھەر كەلگەنلىرىدە يانچۇقلىرىنى توملاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپتۇ.

ۋەتەندىمۇ تىلەمچىلىك بىلەن مەسجىد ۋە مۇسۇلمانلىق ئارىسىدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بىر باغلىنىش بار ئىدى. نەدە ئەڭ كاتتا مەسجىد بولسا شۇ يەردە ئەڭ ئىچىنىشلىق تىلەمچىلەر بار. قايسى يۇرتتا مەسجىد كۆپ بولسا شۇ يۇرتتا تىلەمچى كۆپ. شۇڭا ئاز بىرقىسىم شىمال ئۇيغۇرلىرىنىڭ «قەشقەرلىك ئالا خورجۇن» دېيىشكەنلىرىنىڭمۇ سەۋەبىمۇ شۇ. ئەڭ كاتتا جامە قەشقەردە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغاچقا ئەڭ كۆپ مەسجىدمۇ قەشقەردە، شۇڭا تىلەمچىلەرنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىن كۆپ چىقىشىمۇ چۈشىنىشلىك. نەدە ئۇيغۇرنىڭ قولىغا ئازراق پۇل كىرسە شۇ يەردە تىلەمچى ئاۋۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر بايلار ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ تېخىمۇ يۈكسىلىۋېدى، تىلەمچىلەرمۇ ئاۋۇغىلى تۇردى. ئۈرۈمچىدە تىلەمچى سانى ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىغا سۇندۇرغاندا خېلىلا كۆپ، چۈنكى ئۇيغۇر بېيىسا ساخاۋەتكىمۇ باي بولىدىكەن. ھەتتا ئىچكىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپرەك بارىدىغان مەسجىدلەرنىڭ ئالدىغا خەنسۇ تىلەمچىلەر يىغىلىپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر كۆپ يەردە ساخاۋەت كۆپ.

تۈركلەردىكى ساخاۋەت ۋە سېخىيلىق ئۇيغۇرنىڭ كەڭقوللىقىغا تومۇرداش. ئەمما تۈركىيەدە ساخاۋەتچىلىك ئاللىقچان قېلىپلىشىپ بولغان. تۈركىيەدە ناھايىتى مۇكەممەل ۋەخپە-فوندى جەمئىيەت سېستىمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەتتا ۋەخپە بانكىسى دەپ ئاتىلىدىغان پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىمۇ بارلىققا كەلگەن. كىشىلەرنىڭ خەيرى – ساخاۋىتى ۋەخپىلەرگە توپىلىنىپ مۇھتاج ئورۇن، شەخس ۋە مەملىكەتلەرگىچە يەتكۈزىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ساخاۋەتچىلىكمۇ 30-يىللاردا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر ھالغا كەلگەن بولۇپ، شۇ دەۋىرلەردە جۇش ئۇرغان يېڭى مائارىپچلىق ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ئىقتىسادىي يۆلەك بولغان. ئەينى دەۋىردە بارلىق ۋەخپەلەرنى ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزىۋېلىپ مائارىپقا ئىشلەتكەن. كىشىلەرنىڭ ئۆشرە، زاكات، پىترە ۋە سەدىقىلىرى ھەرقايسى يەرلىك ئۇيۇشمىلارغا توپلىنپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا، دارىلئاجىز (مىيىپلەر مەكتىپى) ۋە دارىليەتىم (يېتىملەر مەكتىپى) گە سەرپ قىلىنغان. ئىلىمنىڭ ئورنى، مائارىپنىڭ ھۆرمىتى، مۇئەللىملەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدىكى يۈكسەكلىك، جەمئىيەتتە ئىلىم – مەرىپەت قىزغىلىقىغا كۈچلۈك تۈرۈتكە بولغان. دېمەك، ئۇيغۇرنىڭ ساخاۋەتسۆيەرلىكى ئەينى دەۋىردە پۈتكۈل ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەتكەنكى، بۈگۈنكىدەك تىلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولمىغان.

ئۇيغۇرلار سەدىقىلىك بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتىدۇ. تېلۋىزورلاردا سەدىقىلەردىن يۈكسەلگەنلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئىكرانلاردا سەدىقىلەرگە مىننەتدارلىق ئوقۇلىدۇ، سەھنىلەردە سەدىقىلەرنىڭ كارامەت نەتىجىلىرى كۆرەك قىلىنىدۇ. سەدىقىگە ئەمەس، بىلىمىگە، پەزىلىتىگە ۋە غۇرۇرىغا تايانماقچى بولغانلار ئۇنچە كۆرىنەرلىك پايدا ئالالمايدۇ، بەلكى زىيان تارتىدۇ. شۇڭا بۇ سەدىقەخۇمارلىق كۆپكەن بىر زامان. بەزى زىيالىرىلىرىمىز يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس دەپ، يامانلارنىڭ تەلىملەردىن ئىلھاملىنىپ ئوڭشىلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ۋە تەشۋىقاتقا چىش – تىرنىغىغىچە كىرىشىپ باشقىغا سەل قارايدۇ. ئەلۋەتتە، يامانلاردىن ھىدايەت تېپىپ تۈزىلىدىغانلىرى چىقىدۇ، لېكىن يامانلىق داۋام قىلىدۇ. يامانلىقنىڭ تۈزلىشى ئۈچۈن يامانلار دائىم زىيان تارتىپ ياخشىلار چوقۇم پايدا ئالدىغان، ياخشىلىقىمىز سەۋەبلىك ئىنسانلىقىمىز ئىززەتلىنىدىغان ۋە يامانلىقىمىز سەۋەبلىك ئىشلىرىمىز ھەر يەردە زىيان، تۇساق ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بىر تۈزۈم بەرپا قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ زاماننىڭ تۈزلىش مەسىلىسى. بىزدە «ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بولىدۇ» دېيىلىدۇ، بۇ دەل يامانلىق ئەۋج ئالغان جەمئىيەتنىڭ؛ تىلىنىش، ساختىلىق ئەيپلەنمەيدىغان زاماننىڭ كىشىنى يامان قىلىدىغانلىقىغا ئىسپات. ئۇيغۇردا تىلەمچىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشىنى مەن مۇشۇ نوقتىدىن چۈشىنىشكىمۇ بولامدىكىن دەپ قارايمەن.

بىزگە دىنىي قېرىنداش بولغان جاھان مۇسۇلمانلىرىنىڭ، قان ۋە دىن قېرىنداشىلىرىمىز بولغان تۈركلەرنىڭ كۈلپەتتىن پۈكۈلگەن بويۇنلارنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن يۆلەك بولغۇسى بار. مەلۇمكى، سەدىقە ۋە خەير – ئېھسان ھەر بىر كىشىنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان ئەڭ بىۋاستە يارىدەم. جوڭگۇدا چىگرالار ئېچىلىپ ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە پاسپورتلار قۇمۇلدىن قەشقەرگىچە ۋە خوتەندىن ئالتايغىچە ئاسانلىشىپ سىرلىق نىقاپلىرىدىن قىسمەن ۋاز كەچتى. نەتىجىدە ھالالدىن رىزىقلىنىپ ئىشلەپ ئۆتكەنلەرمۇ، ساختىلىقتىن نەپلىنىپ، سەدىقە يالاپ ئادەتلەنگەنلەرمۇ جاھانغا يېيىلغۇسى. تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە بۇرجەكلىرىدىكى ئۇيغۇرغا ئاتالغان ۋە ئاتىلىدىغان ساخاۋەتنىڭ سەدىقىگە كۆندۈرۈلگەن يامانلار ۋە يارىماسلارنى سەمرىتمەسلىكىنى، مەزلۇملارنىڭ تەكلىماكانغا سىىڭىپ كېتىۋاتقان ئۈنسىز ياشلارى بەدىلىگە ئۇلارنىڭ راھەت سۈرمەسلىكىنى قادىر ئاللاھتىن تىلەيمەن.

شانلىق يول ۋە خارلىق يولى

 

«مىسىردىمۇ تۈركىيەدىمۇ؟» دېگەن يازمام تورغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر رەددىيە يېزىلدى ۋە ۋاستىلىك تەھدىت ۋە تەۋسىيەلىك خەتلەرنى تاپشۇرىۋالدىم. ھەتتا مىسىردىكى قىسمەنلەرنىڭ بىرلىكتە ھۇجۇمغا ھازىرلانغانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپتىم. يازمىغا ھەمپىكىر بولغان دوستۇمغىمۇ باتناش، دوق قىلىش، قىيداش مەزمۇنىدىكى خەتلەر كەپتۇ. خەتلەرنىڭ مەزمۇنى مېنى دىنى ئوقۇشقا چات كىرىۋالدى، بىلمەيدىغان ساھەلەردە سەمىمىيەتىسز جۆيلىدى…دېگەندەك جاۋاپ بېرىشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان ھاقارەتلەر ئىكەن. يېزىلغان ئىككى رەددىيەنىڭ بىرىدە مېنىڭ ھۆرمەتلىك دوستۇم ھەبىبۇللاھ توختىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىمنى تۈزۈتۈپ بېرىپتۇ ۋە ئەزھەرنى ئاقلاشقا تىرىشىپتۇ. مەن بۇ قىزغىن قېرىندىشىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمما پاكىتسىزلىقلارغا رەددىيە بېرىشنى خالىمايمەن. يەنە بىر رەددىيەدە لوگىكا ئويۇنى ئويناپتۇ، رېتورىك خىتاب ۋە قايناق سۇئاللار بىلەن مېنى يېڭىپتۇ. نېمىلا يازسۇن، ئۆز مەكتىپىنى قوغداپ ئويلارنى ئۇيغۇرچە بايان قىلغىدەك روھقا ئىگە بۇنداق بالىلارنى كۆرۈپ ئىچىمدە بارىكاللا ئېيتتىم.

مەن مىسىردىكى بالىلارنىڭ تۇشمۇ – تۇشتىن ئەزھەرنىڭ ئىلاھىيەت مائارىپىنى كۆپتۈرۈپ، تۈركىيەنى چۈشۈرۈپ قايناپ كېتىشلىرىگە تۈركىيەدە ئىلاھىيەتتە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سالقىن قاراپ قويۇشىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم. مىسىردىكىلەر، مىسىردا ئوقۇغانلار ۋە  ئوقۇماقچى بولغانلار مىسىرنى دىنىي ئىلىمنىڭ قىبلىسىگە ئايلاندۇرۇپ تۈركىيەنى چۈشۈرسىمۇ، مىسىردا ئوقۇشنى خارۋاردتا ئوقۇشقا تۈركىيەدە ئوقۇشنى بېيجىڭدا ئوقۇشقا تەققاسلاپ كەمسىتسىمۇ، تۈركىيەدە قىسقا ئوقۇشنى بىلىمنىڭ چولتىلىقىغا، مىسىردا ئۇزۇن ئوقۇشنى ئىلمىي قۇۋۋەتنىڭ كامالىتىگە تەڭ قىلىپ ناتىقلىق قىلسىمۇ، تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار ۋە ئوقۇغۇچىلارسەس-سادا چىقارمىدى. خۇددى تۈركىيەدە پەن ئوقۇۋاتقانلار مېنىڭ «تۈركىيەگىمۇ–ئامېرىكىغىمۇ؟» دېگەن يازمامغا جىددىيلىشىپ، تۇشمۇ – تۇشتىن ھۇجۇم قىلىپ كەتمىگەندەك، تۈركىيەدە ئىلاھىيەت ئوقۇپ غەلىبە قىلغان ياكى غەلىبە ئىستىكىدە تىرىشىۋاتقانلارمۇ مىسىرنىڭ غايىۋىيلەشتۈرىلىشىگە سوغۇق قان بولدى. مەنچە بۇ بىر مائارىپ ئۇقۇغۇچىدا يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم ساپالارنىڭ بىرى. بۇ ئۇلارغا ئىلىمنىڭ سىڭگەنلىكى، سالماق، كەسكىن، ئەستايىدىل لوگىكىلىق تەپەككۇرغا ئاللىقاچان كۆنگەنلىكىدۇر.

يازمام ئېلان بولغاندىن كېيىن، ھەر يەرلەردىكى ئۆلىما دوستلىرىم يەنە بىرقىسىم يىرگىنىچلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ھەقتە ھېساپ بېرىپ كەلدىم ۋە ئىككىلا دۇنيادا ھېساپ بېرەلەيمەن. مەن ھەتتا ئەرەبىستاندىكى ئەردەم ئىسىملىك ئۆلىما تورداش تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەبىستان ھەققىدىكى يازمىلىرىمدا قايسى ئۇچۇرنى كىمدىن ئالغانلىقىمنى، قايسى قۇرنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىمنى بىر بىرلەپ يېزىپ ئەۋەتىپ بەردىم. مىسىر ھەققىدىمۇ شۇ يەردە ئوقۇغان، ياشىغان، بالىلىرىنى ئوقۇتقانلاردىن بىر بىرلەپ مەلۇمات ئالدىم ۋە يازغانلىرىمنى كۆرسىتىپ پىكىر ئالدىم. يازمىنى باشتىن ئاخىر بىر ئۆلىما بىلەن مەسلەھەتلىشىپ بىرلىكتە قەلەم تەۋرەتتىم. شۇڭا رەددىيەلەرگە يەنە پاكىت كۆرسەتكۈم يوق. سېسىقنى كولىسا جاھان پۇرايدىغانلىقى ئەقىللەرگە خىرە ئەمەس. بۇ پۇرسەتتە بىلىنگەن تىرىشچان، قابىلىيەتلىك، ھىممەتلىك بۇ رەددىيەچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇنىڭدىن باشقا بىر دىنبىر ئاشكارە ئىسىملىك رەددىيەنىڭ ئاپتۇرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۆلىما مۇھەممەت يۈسۈپ ئاكىمىز بولۇپ، كىتابلىرى بىر قەدەر كۆپ ۋە ئەمگەكلىرى بىلەن مېنىڭ ئىزچىل ھۆرمىتىمگە ئېرىشكەن، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بىر مۆھتىرەمدۇر. ئۇستازنىڭ بۇ رەددىيەسىدىن سۆيۈندۈم. ھېچ بولمىسا شۇ ئەللامىنىڭ، ئەزھەردە ئوقۇغان بىر ئىلىم ئىگسىنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغۇدەك بىر نەرسە يېزىپتىمەن. مەيلى تەنە قىلسۇن مۇشۇنداق ئاشكارە ئىسىمدا يازغانلارغا دائىم ئالقىش ياڭرىتىمەن، بۇ ئالىمىمىزغىمۇ ئاپىرىن ئېيتتىم. مەن ئۆلىمالارنىڭ ئۇيغۇرچە يازغانلىقىنى ۋە يېزىلغانلارنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىساملا شاتلىنىمەن. ئەللامىلىرىمىز نېمە يازسا ئوقۇيمەن، ئوقۇمىغىنىم مۇتلەق يوق. شۇڭا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇستازنىڭ ماڭا قويۇلغان ئالدىراش سۇئاللارىغا جاۋاپ بېرەي دېدىم.

ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز يازمىسىدا ماڭا «دىنى ئوقۇش دېگەننى بىلمەيدۇ، دىن ئىشىغا قارىتا سەۋىيەسى نۆل» دەپ ھۆكۈم قىپتۇ. ئۇستازىمىز ھېچ بىر ئىسپات كەلتۈرمەي چىقارغان بۇ ھۆكۈمنى مەن دەلىل سورۇمايلا قوبۇل قىلدىم. چۈنكى ئىسپاتسىز ھۆكۈمگە دەلىل سوراش بىھاجەت. مەن بىلمەيدىغىنىمنى بىلگۈچى ھەم ئۆگەنگۈچى. ئالىمىمىزنىڭ باشقا سۇئاللىرى ئاساسەن «دىنىي ئوقۇشنى ئاسان چاغلاپ قاپسىز، كوچىدىن ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىتتا پۈتكۈزسە چولتا بولىدۇ، ئاسان پۈتكۈزگىلى بولمايدۇ…» دېگەننىڭ تەكرارلىنىپ سورىلىشى ئىكەن. مەن يازغان يازمىدا دىندا، يەنى ئىلاھىيەتتە مىسىردا ئەمەس تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ مۇۋاپىقلىقى ھەققىدە بىرمۇ بىر سانلىق مەلۇمات، تەھلىل ۋە سېلىشتۇرما بار. مەزكۇر ئۇستازدىن شۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىت ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە، مەن يەنىلا ئۆلىما قېرىنداشلىرىمدىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە ئىلاھىيەتتە تۈركىيەدە ئوقۇغان مۇۋاپىق دەپ تۇراي. ئەمما يەنىلا مىليۇنلىغان ئىخلاسمەن ئۇيغۇردەك ئېتىقادقا دائىر مەسىلەلەردە ئۆلىملارنىڭ ئاغزىغا قارايدىغانلىقىم ئېنىق. تەلىم سوراپ شۇ ئالىملارنىڭ ئالدىغا بارغىنىممۇ سىر ئەمەس.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىمالارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى، رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى ۋە چاقىرىق كۈچىنى بېسىپ چۈشكىدەك باشقا بىر قاتلامنىڭ بارلىقىغا بۇرۇنمۇ ئىشەنمەيتتىم، ھازىرمۇ ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ ئىككى دۇنيادا ئىتىبارلىق بولىدىغانلىقىغا زوقلىنىمەن. شۇڭا ئۇلارغا بەكرەك مۇھەببىتىم سەۋەبلىك ئۈمىد باغلاپ، ئىستىقبالنى شۇلاردىن ئىزدىگىنىم ئۈچۈن تەلەپلىرىم، تەشۋىشلىرىم كۈچلۈكرەك ئىكەن. مەنچە ھەممىمىز شۇنداق.

مۇھەممەت يۈسۈپ ئۇستازنىڭ تەنقىدى توغرا، ئەمما تولۇق ئۇقۇمىدىمۇ قانداق چۈشىنىشى سەل غەلەت كېتىپتۇ. مەن يازمىنى يېزىشتا ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن دەپ تۈركىيەدە ئىلاھىيەتتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان، دىنىي ئىلىملەر بويىچە ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ، يىگىرمە يىلدىن بېرى مۇسۇلمان ئۇيغۇرغا خىزمەت قىلىۋاتقان، تۈركىيەدە دىنى ئىقتىدارىغا مۇناسىپ ئورۇندا ئىشلەۋاتقان دوكتۇرانت ئاتاۋۇللا ئەپەندىنى بىللە يېزىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇستازىمىز تىلغا ئالغان ۋە چالا چۈشىنىپ قالغان قۇرلار شۇ دوستىمىزنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. قايتا ئوقۇپ باقسام دوستىمىز ئەسلى يازمىدا «دىنىي ئوقۇشنى كوچىدا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ…» دېگەنلەرنى دىمەپتۇ. دېيىلگىنى « دىننى ھەرقانداق ياشتا، ھەرقانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما ماتېتماتىكا، خېمىيە، ئېنژېنىرلىق، مېدىتسىنا دېگەندەك ئىلىملەرنى كىچىلىدىن مۇكەممەل ئۆگىنىپ ماڭمىسا، ھەر قاچان ۋە ھەر زامان تولۇقلاپ كەتكىلى بولمايدۇ.» ئىكەن.

دىننى ئۆگىنىش بىلەن دىندا كەسپىي سەۋىيەدە، يەنى ئۇستاز دەۋاتقان زەرگەرلىك سەۋىيەسىدە ئوقۇش بىر گەپ ئەمەس. ئەسلى بايانلاردا مەقسەد، دىننى، يەنى مۇسۇلمانلىقتا زۆرۈر بولغان دىنىي بىلىملەرنى ھەرقانداق ياشتا، ھەرقانداق يەردە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئادەم مۇسۇلمانلىقنى ھەرقانداق ياشتا، ھەرقانداق يەردە ئۆگىنىۋالالايدۇ، دېگەنلىك. بۇنى ئاتاۋۇللا ئۇستاز دېگەچكە مەن جىق ئىزاھات كەلتۈرەلمەيمەن، پەقەت تۆت خەلىپىنىڭ كىچىكىدىن ئىلاھىيەتتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، قارىقۇرئان بولمىسىمۇ، دىنىي ئىلىملەردە دوكتۇر بولمسىمۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن. مەن ئەرەپ دۇنياسىنى 22 دۆلەتكە پارچىلىۋەتكەن، تۆگە سورتىنى ياخشىلايدىغان بىئولوگ، تۈگمە زاۋۇتى قۇرغىدەك رەھبەر يېتىشتۈرەلمىگەن ئەرەپچە مائارىپنىڭ، ئىشىك ئالدىنى سۈپۈرگىدەك مۇسۇلمان مىللەت يېتىشتۈرەلمىگەن مىسىرلىق ئەللامەلەر ۋە مائارىپچىلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا ھېچ ئىشىنىپ بولالمىدىم.

يازمىنىڭ ئاساسلىق دېمەكچى بولغىنى ئادەتتە ماۋزۇدا دېيىلىدۇ، قوشۇمچە ئىپادىلىنىدىغىنى مەزمۇنلاردا قىستۇرۇلۇپ ماڭىدۇ. ماۋزۇ بويىچە چۈشەنسەك يازمىدا دىنىي ئىلىملەرنى، يەنى ئىلاھىيەتنى تۈركىيەدە ئوقۇش زامان، شارائىت ۋە نەتىجە ئىتىبارى بىلەن مۇۋاپىق دېگەن مەنە چىقىدۇ. قوشۇمچە مەزمۇن، «بالىلىرىمىزغا دىن ئۆگىتەيلى، ئەمما ھەممىنى تاشلاپ دىننىلا ئۆگەتمەيلى، ھاياتتا كېرەكلىك بولغان، ئاللاھ ھارام قىلمىغان بارلىق ئىلىملەرنى مەكتەپلەردە سىستېمىلىق ئۆگىتەيلى. تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە دىن دەرسى بار، دىن ئىلىملىرىنى پەن بىلەن قوشۇپ كىچىكىدىن ئوقۇتىدىغان ئىمام خاتىپ مەكتەپلىرى بار، دىنىي روھ بىلەن ئوقۇتىدىغان داڭلىق خۇسۇسى مەكتەپلەر بار…مۇشۇنچىلىك كەڭرى شارائىتتا بالىلار ئوقۇشسىز قالمىسۇن، ۋەتەندە خەنسۇچە مائارىپتا ساۋاتسىز قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنى تۈركىيە ۋە مىسىردىكى ئەرەبچە مائارىپتا يەنە ساۋادسىز قويمايلى» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ مېنىڭ پىكرىم، ئۆلىمانىڭ پەتىۋاسى ئەمەس. ئاۋامنىڭ ئەگىشىدىغىنى پەتىۋا. مەن پەقەت كۈزەتكۈچى، ئويلانغۇچى ۋە ئويلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن يازغۇچى. مەن خاتالاشقۇچى ۋە خاتالىقلاردىن ئۆگىنىشكە جۈرئەت قىلغۇچى.

مەن خەلقىمىزنىڭ دىن ئۆگىنىشىدىن سۆيۈنىمەن، ئەمما دىنى ھېسسىياتىنىڭ قۇربان قىلىنىشىنى، سۈيئىستىمال قىلىنىشىنى ۋە خاتا يېتەكلىنىشىنى خالىمايمەن. مېنىڭ ئىلاھىيەت ئوقۇشقا قانچە قېتىم تەمشەلگىنىمنى، تەلىم سوراپ قەيەرلەرگە بارغىنىمنى، ھازىرمۇ بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچمىگىنىمنى دىننى پەقەتلا روھى ئوزۇق قىلىپ ياشاۋاتقان ئۆلىما دوستلىرىم ئوبدان بىلىدۇ. مەن دىن دەرسى ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن، ئەمما دىن ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام تەشەببۇس قىلغان جەدىتچىلىك يولى بىلەن، مەمتىلى ئەپەندى ئەمەلگە ئاشۇرغان مائارىپتا پەن بىلەن قوشۇپ ئانا تىلدا ئوقۇتۇلىشى كېرەك. چۈنكى باشقا يوللاردا داۋام قىلىۋاتقان، مەقسىدى ئۇيغۇرغا مەخپىي بولغان مائارىپنىڭ قانلىق بەدىلىنى خەلقىمىز كۆندە تۆلەۋاتىدۇ. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى شۇ خاتا مائارىپنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە نائىلاج قاراپ تۇرماقتا. قاماقتىكى چاغلىرىمدا ساۋۇت داموللام ۋە ئابدۇقادىر داموللامنى بىلمەيدىغان، ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىم ۋە مەمتىمىن بۇغرالارنى ئىتىراپ قىلمايدىغان تالىپ ئىنىلەردىن قانچىلىك مەيۈسلەنگەن بولسام، تۈركىيەدىكى قارىخانىدا مەمتىلى تەۋپىقنى تونىمايدىغان ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغان تالىبەلەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىدى. سەيىد قۇتۇپنىڭ ھاياتىنى سائەتلەپ سۆزلىيەلەيدىغانلارنىڭ ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇمنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. قاماقتا پەندىن بىخەۋەر قېلىپ، ئۇچ تۇرپاندىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئامېرىكىغا قارشى جىھاد قىلماقچى بولغانلارنىڭ يارىسىنى تاڭدىم. ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلۇقنى ئىتىراپ قىلمايدىغان شۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ تىلىنى ئۆرۈپ ھاجىتىنى راۋا قىدىم. تۈركىيەدە رامىزاندا تۈرك جەمئىيەتلىرى ئورانغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىپتارغا چاقىرسا، ساھىپخاننى بېشى ئوچۇق كاپىرغا چىقارغاننى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدا يۇسۇپ خاس ھاجىپ قىرغىز دەپ قۇتلانسا، كارى بولمىغىنىدىن ۋاقىپلاندىم. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خاتېرلەنگەندە زالنى تولدۇرغان تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇردىن تولۇق بىر قاتارنىمۇ كۆرەلمەي ئېزىلدىم.

مۇشۇ پاكىتلار ئۇيغۇرلۇقتىن غۇرۇرلانمايدىغان، ئۇيغۇرلۇق ئاڭدىن بىخەۋەر، ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىدىن، مەنپەئەتىدىن چەتنەپ، ئۇيغۇرلۇق مۇساپىسىدىن تانغان دىنى مائارىپنىڭ ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمغا يېتىدۇ. بۇ زۇلمەت يولى- ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرۈپ، ياڭزىڭشىننى ياشناتقان يولدۇر. بۇ ئەۋلادلىرىمىزنى كىشىلىك تەرەققىياتتىن، دۇنياۋىي پۇرسەتتىن، قەدىردان ئەجداتلىرىنىڭ شانۇ شەۋكىتى ۋە دەرد – ھەسرەتلىرىدىن بىخەۋەر قويۇپ، قەلبىگە يولسىزلىق، تۇغسىزلىق، ۋەتەنسىزلىك، تەرەققىياتسىزلىق ۋە مەرىپەتسىزلىك ئۇرۇقلىرىنى ئۈندۈرىدىغان خاراپلىق يولىدۇر.

خەلقىمىز دىنىغا تەشنا، پەرزەنتلىرىمىز ئىمانغا ئىنتىزار. ئەمما ھېچ كىم ئاسايىشلىق ھاياتقا، زامانىۋىي تۇرمۇشقا، ئىززەتلىك مۇسۇلمانلىققا، پەنگە قارشى ئەمەس. ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردىن ئايرىلغان، تەرەپتار، مەزھەبپەرەس، ئاشقۇن دىنىي مائارىپنىڭ ئاقىۋىتىنى سەئۇدى، يەمەن، پاكىستان، ئافغانىستان، ئىراق ۋە سۈرىيەلەردە كۆرۈۋاتىمىز. مۇكەممەل پەننىي مائارىپ كۆرمىگەن مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ خەلقنى قانچىلىك يېتەكلەپ، قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى نامرات، كۈچسىز، خار ھالىتى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

مەن ئىلاھىيەتتە ئوقۇمىغان، بىلمەيدىغىنىم راست. لېكىن تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولغىدەك مەرتلىكتە، ياردەمسۆيەرلىكتە، ساپادا، ھۆرمەتتە تاۋاپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ غەلبىلىك دىن تارقىتىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدۇم. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياپۇنىيەلىك، كورىيەلىكلەرنى مۇسۇلمان قىلىش، ئاسىيا- ئافرىقىدىكى مائارىپتىن مەھرۇم مۇسۇلمانلارغا پەننىي مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مەرھەمىتىدىن سۆيۈندۈم.

تۈركىيەدىكى پەندىن ئوزۇقلانغان دىنىي مائارىپتا يېتىشكەن تۈرك مۇسۇلمانلار بىلەن پەندىن بىخەۋەر مەدرىسە مائارىپىدىن چىققان ئەرەپ، ئوردۇ ۋە ئافغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزى كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان ئەللەردە كۆرۈۋاتقان كۈنىلا بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. مىسالەن: ئەنگىلىيەدىكى پاكىستانلىق ۋە فرانسىيەدىكى شىمالى ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىدىن، ئوت قويۇشلىرىدىن پەرقلىق ھالدا گېرمانىيەدىكى ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ۋە باشقا ياۋۇرپا ئەللىرىدىكى مىليۇندىن ئارتۇق تۈرك مۇسۇلمانلىرى ھوقۇقلاردىن باراۋەر بەھىرلىنىپ تىنچ، باياشات ياشاۋاتقانلىقى ئوچۇق كۆزلەرگە كۈندەك رۇشەن پاكىت. مەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنيادا لەنىتى تېرورىزىمدا ئەيىپلىنىپ ئەمەس، شەرەپلىك دەۋەتچىلىكتە ئالقىشلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىمەن.

مانا بۇ تۈركىيەدىكى دىنىي مائارىپنىڭ نەتىجىسى، مانا بۇ تۈركلەردىكى مۇسۇلمانلىقنىڭ غالىپ سىماسى. كۆزىمزنى يۇمۇۋالمىساقلا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەككىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى مەدەنىي، ئىلمىي ۋە مۆتىدىل يولىنى كۆرىمىز، بۇ يول ئەگىشىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

مەن تۈركىيە ئۇنۋېرىستېتلىرىنىڭ ئىلاھىيەت كەسپىنى چۈشەنمەيمەن. ئەمما تۈركىيە ئىمامخاتىم مائارىپىنىڭ نۇرغۇن ئۆلىما يېتىشتۈرگەندىن باشقا، نۇرغۇن پەننى ئالىملارنى، داھىلار ۋە رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلىمەن. مەسىلەن: ئەردوغان… قاتارلىق كىشىلەر پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. مەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ سەۋىيەسىنى بىلمەيمەن، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىلاھىيەت دوكتۇرلىرىنىڭ تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى ۋە تۈرك جامائېتىنى ئاغزىغا قارىتىپ، تۈرك ئۆلىمالار بىلەن رىقابەتتە ئۈزۈپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن كۆرگىنىمنى، سوراپ بىلگىنىمنى دېدىم ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى مەن كۆرگەن تۈركلەر ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئۇتۇقلۇق ھاياتى بولسۇن دەپ يازدىم. قوشۇلمايدىغانلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، قوشۇلمايدىغانلارنىڭ قارىشىنى ۋە ئۆزىنى ھىمايە قىلىمەن. ئەمما قوشۇلماسلىقتىكى سەۋەپلەرنىڭ پاكىتلىق، سەمىمىيلىك، ئىلمىيلىك ۋە تەرەپسىزلىك بىلەن ئەستايىدىل يېزىلسا دەيمەن.

2016-يىلى مارت. ئىستانبۇل

 

كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن

 

قاماقتا ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بىر دۈشمەن ئىكەنلىكىمنى بىلگەنتىم. غەرپتە ئوقۇغانلىقىم، شىركەت قۇرغانلىقىم ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە ئۆتكىنىم توقۇپ تەييار قىلىنغان بىر ھېكايىنىڭ، تىكىپ ھازىرلانغان بىر قالپاقنىڭ پىرسۇناجى بولۇشۇمغا يېتەتتى. مىسىردىكى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە يېزىپ تۆھمەتكە ئۇچرىغاندىمۇ، ئۇلارغا كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن تېپىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بايقىشىمچە ئۇلار خىتايلار توقۇغان « ئابدۇۋەلى غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەرگە تايانغان، پىلانلىق، تەشكىللىك رەۋىشتىكى ئەكسىل ئىنقىلابى ھەرىكەتنىڭ قوزغىغۇچىسى» دېگەن بۇ كونا قېلىپنى «جوڭگۇ ئىستىخباراتى مەبلەغ چىقىرىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىستىخبارات توپلاشقا كەلگەن…» دېگەن يېڭى مەزمۇن بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. بۇ قىسمەن ئەزھەرىلەر توقىغان تۆھمەتلىك چۆچەك بىر قىسىم «ئۆلىما»دىن تارقالغاچقا بەكرەك مەيۈسلەندىم. بۇ ھېكايىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋارىيانتى 2006 –يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ۋەتەندە ئىشلەشكە قايتقان چېغىمدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يۇقىرىقىدەك مەن ياشىغان، ساياھەت قىلغان ۋە تۇرۇۋاتقان ئەللەردە ئوخشاش ھېكايىنىڭ توقۇلۇپ تۇرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۈچ ئەلدە خۇراپات، ساۋاتسىزلىق ۋە مۇستەبىتلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئىزچىل ھەل بولماي كەلگەن.

نادانلىقتا قالغان كىشىلەرگە ھاكىمىيەت تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك، ئىزچىل قىلىۋاتقان دۈشمەنلىك خەۋپى بارلىقىنى سىڭدۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، قارشى چىقسا دۈشمەنگە ياردەم بېرىش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ ئەللەردىكى ھۆكۈمرانلار كىشىلەرنىڭ ۋەتەنگە، ئۆزىگە تەۋە ماكانغا بولغان مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇ دۆلەتلەرنى ئاجىزلىتىشقا، بۆلۈشكە ۋە بويسۇندۇرۇشتا ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى خۇتبە ۋە نۇتۇقلار ئارقىلىق توختىماي تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىدىكى چىرىكلىك، ئىقتىدارسزىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر سەۋەپلىك چىققان مەغلۇبىيەتنى ياتلارغا دۆڭگەپ يوشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەللەردە ياشىغان كىشىلەرمۇ خاتالىقلارنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىدىن، تەدبىرىدىن ۋە پەرەزلىرىدىن كۆرمەي سىرىتتىن دۈشمەن ئىزدەپ دۆڭگەشكە كۆنۈك.

تۈركىيەدىمۇ غەرپ كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن. غەرپ دىنچىلار ئۈچۈن دىن دۈشمىنى، كومۇنىستلار ئۈچۈن جاھانگىرلىك، مىللىيەتچىلەر ئۈچۈن مۇستەملىكىچى، سوتسىيالىستلار ئۈچۈن كاپىتالىزىمنىڭ بوۋىسىدۇر. تۈركىيەدە بەكرەك دىنچى كىشىلەر غەرپنى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىلار گورۇھى سۈپىتىدە چۈشىنىپ تەھدىت ھېس قىلسا، كومۇنىستلار ئەزگۈچى ئىمپىرىيالىست ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ خەۋپسىرەيتتى، مىللەتچىلەر بولسا ئۇلارنىڭ تارىختا تۈركىيەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن گۇمانسىرايتتى. شۇڭا تۈركىيەدە بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا ئاۋامدىن رەھبەرلەرگىچە ساقچىلارنىڭ رازۋېتكىسىنى، تەپتىشلەرنىڭ تەھقىقلىشىنى ۋە سوتنىڭ كېسىمىنى كۈتمەيلا، بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئۆزى دۈشمەن دەپ بىلىدىغان غەرپ بىلەن ئالاقىدار بىرەرىنى ھېلىقى تەييار ھېكايىگە سېلىپلا جاھانغا جاكارلاش، ئاۋامنى غەرپ رىژىسورلۇق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر ئويۇننىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈش بىر تەپەككۇر ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار رەھبىرىنىڭ ئامېرىكىدا بولۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيتىدىن دەستەك ئېلىشىمۇ تۈركىيەدىكى قىسمەن دىنچى، مىللىيەتچى ۋە سوتسىيالىستلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا گۇمان بىلەن قارىشىغا سەۋەپكار.

تۈركىيەدىكى بەزى جامائەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەدىن ئىستىگەنلىرىگە ئېرىشەلمىگەن ھامان، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىغا خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى دەسستىۋالغان دېموكراتچىلار دەپ تەبلىغ قىلىشقا باشلايدىكەن. ھەتتا بىر جامائەت «قۇرئان»دا «جۇمھۇرىيەت» دېگەن سۆز يوق، شۇڭا دىندا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنى يوق دېيىشىپتۇ. ئۆلىما دوستلىرىمدىن ئۆگىنىشىمچە قۇرئاندا «مۇستەملىكە» دېگەن سۆزمۇ يوق ئىكەن. ئەگەر بىر سۆزنىڭ بولماسلىقى شۇ ھادىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە ئىدى، «قۇرئان»دا «مۇستەملىكە» دېگەن سۆز بولمىغاندىكىن مۇستەملىكىچىلىك مەۋجۇد بولمىسا بولاتتى. ئەلۋەتتە، بىز بۇلاردىن «قۇرئان» ئىنسانلارنى مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرمىغان، دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىن توسقان دېيەلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەدە جامائەتلەرنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقىنى ئۆزى قوللاۋاتقان پارتىيەنى ھاكىمىيەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر دۈشمەن ئىزدەش. شۈبھىسىزلىكى، تۈركىيەدە دىنىغا ئىشتىياق باغلىغان بىر مۇسۇلمانغا جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى دۈشمەن كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى «جۇمھۇرىيەت» سۆزىنى «قۇرئان» دا يوق دېيىش. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنى سەتلەشتۈرگىلى، ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئاق پارتىيەگە زەربە بەرگىلى بولىدۇ.

دۈشمەن ئىزدەش، دۆڭگەش، مۇبالىغەلەشتۈرۈش مۇستەبىتلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە ئەللەردە ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە ئىكەن. ئەرەبىستاندا بۇلتۇر يۈز بەرگەن دەسسىلىش پاجىئەسىنىمۇ «بۇ ئىرانلىق شىئەلەرنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك قىلغان دۈشمەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دەيدىغانلارنى كۆردۈم ۋە شۇنداق سۆزلەنمىلەرنى ئاڭلىدىم. مەككىدىكى ساقچىلارنىڭ قوپاللىقى ھەققىدە گەپ بولغان بىر سورۇندا بىر دوستۇم «ئۇنداق ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىئە» دېگەندە ئويلىنىپ قالدىم. مەدىنە ئۇنۋېرىستېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئىنىمىزمۇ ماڭا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ شىئەلەردىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قانچە سائەت تەبلىغ قىلغان ئىدى. ئوتتۇرا شەرقتە زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان ئەرەبىستانغا رىقابەتچى دۆلەت ئىران بولغاچقا، مۇستەبىتلەر خەلقىنىڭ دىنى ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى دىنىي ئۆچمەنلىككە بۇرىۋەتكەن ئىدى. تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بۇرۇن تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلارلا غەرپكە دۆڭگىسە، تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۋېلىشى بىلەن ئەرەپ زىيالىلارمۇ ھازىر بۇ سەپكە قوشۇلدى. بۇنداق ماقالىلەر دەرھال ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ماقالىگە قانات چىقىرىلدى. ھەتتا تۈركىيەدىكى خېلى بىر قىسىم تۈرك زىيالىلار 2009-يىلدىكى تومۇز پاجىئەسىنى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى دەپ ماقالە يازدى.

خۇددى جوڭگۇدا غەرپنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىلگەندەك تۈركىيەدىمۇ ئوخشاش ئەندىشە مەۋجۇد. ھەر ئىككىلا يەردە ئامېرىكىغا باغلاپ دۈشمەنگە چىقىرىش مودىغا ئايلانغان. ئەكسىچە ئامېرىكىدا مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە مەن مەيلى تۈركىيە ۋە ياكى جوڭگۇغا قارىتىلىغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى بۇ ئىككى ئەل مەتبۇئاتىدا كۆرگەندەك جىق كۆرمىدىم. سېلىشتۇرغاندا تۈركىيەدىكى ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك كەيپىياتى دىنغا باغلىنىپ، خرىستىيان-مۇسۇلمان زىددىيىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەچكە، تۈرك خەلقىدە ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات خىتايدىكى ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتتىن بەكرەك كۈچلۈك ۋە ئالقىشلىق بولۇشى مۇمكىن.

مائارىپ ئومۇملاشمىغان، مۇستەبىتلىك داۋاملاشقان، دىموكراتىيە تولۇق يەرلەشمىگەن بىر ئەلدە كىشىلەرنىڭ كاللىسى خوجىلار، پارتىيەلەر ۋە ھەرخىل كۈچلەر توقۇغان ھېكايە، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىنىپ جەمئىيەتتە دىندارلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت سۆيگۈسىگە ئوخشاش قەدرىيەتلەر پۈچەكلەشتۈرۈلۈپ، كۈچ ئىگىلىرىنىڭ قولىدىكى ۋاستىگە ئايلىنىپ كېتىدىكەن. تۈركىيەدىكى بىر جامائەتنىڭ كىتابىدا «قۇرئان»دىكى كەۋسەر سۈرىسىدىكى مەنانى ئەبجەد ھېسابى بويىچە يېشىلىپ، مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنىگە، ھەتتا پەرزەنتسىز كۆز يۇمغانلىقىغا ئىشارە قىلغان. بۇ جامائەت مۇستاپا كامالغا بولغان قارشىلىقىنى قۇرئان ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ، تۈركلەرنىڭ دىنى ھېسىياتىنى مۇستاپا كامالغا قارشى دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا بۇرىۋەتكەن. بۇ دۈشمەنلىك كەيپىياتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى.

تۈركىيەدىلا ئەمەس، ھەر قانداق مۇسۇلمان مىللەت ۋە مۇسۇلمان دۆلەتتە «قۇرئان»نى ۋاستە قىلىپ، دىننى سۈيىئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە پەيدا قىلىنغان دۈشمەنلىك كەيپىياتى كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

مۇستەبىت ئەللەردىكى دۈشمەن ئىزدەش، پەيدا قىلىش ۋە كۆپتۈرۈش تەشۋىقاتى شۇ ئەلدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىمۇ دۈشمەنلىك كەيپىياتى بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. مېنىڭ مىسىر ھەققىدە يازغان ئاخىرقى يازمام «كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە ‹ئۇلۇغ› بېقىندىلىق» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەزھەرىلەر ئاچقان ئەقىدە دېگەن مۇنبەردە 38 بەتلىك ئىنكاس چۈشۈپ «تەنقىت» قىلىندى. بۇ تەنقىتلەرگە بىرەيلەن ئىلمىي، چىرايلىق مۇنازىدە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولدى. بۇنىڭغا قارشى ئىنكاستا مەن ئەبۇ جەھىلگە ئوخشتۇلدۇم. ئۇلارچە «قۇرئان»دا ئەبۇ جەھىلگە (پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى، ئىزچىل ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغان كىشى) ئائىت قارغاشلارنىڭ بولۇشى توغرا بولغاندەك ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ توغرا ئىكەن. مانا بۇ بىر مۇستەبىت ئەلدە يېتىلىپ، يەنە بىر مۇستەبىت ئەلدە ئىسلامنى ئۆگەنگەن كىشىلەردىكى يۇقۇملانغان پىسخىكا. ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىزچىل دۈشمەن ياساش بىلەن مەشغۇل ئەلدە يېتىلگەن كىشىلەر، ئۆزىنىڭ مۇتلەق نوپۇز ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۆزىگە پىكرى ئوخشىمايدىغان كىشىلەردىن دۈشمەن ئىزدەيدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك دۈشمەن تاپالمىسا، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت چۈشەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 

2016-يىلى يانۋار. تۈركىيە

مەزلۇمنىڭ مۇشتى

 

ئۇلۇغ رامىزان باشلىنىشقا بىر قانچە كۈن قالغاندا خۇنۇكلۇققا ئوت ئاچقان بىر مەشئەل ئۆچتى. زۇلۇمنى ئۇرۇپ يېقىتقان، زالىملىقنى قان يىغلاتقان بىر زەبەردەست مۇشت كۆرەشتىن توختىدى. ئۈچىنچى ئىيۇن ئېتىقاد ساماسىدىن بىر يۇلتۇز ساقىپ كەتتى. ئامېرىكىلىق بوكسىيور چولپىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىنچلىق ئەلچىسى، مەزلۇملارنىڭ مۇرەسسسىز ھىمايىچىسى،  ھوقۇقسىزلارنىڭ مۇداپىئەچىسى مۇھەممەد ئەلى ۋاپات بولدى. بۇ تۇيۇقسىز خەۋەردىن دۇنيا تەۋرەپ كەتتى. تۈركىيە پىرىزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازا نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەردوغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۇرۇشقا، زوراۋانلىققا، ئايرىمچىلىققا، كەمسىتىشكە، باراۋەرسىزلىككە قارشى پىداكار جەڭچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈچىنچى ئىيۇندىن باشلاپ دۇنيا تاراتقۇلىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ ھاياتىنى، ئېتىقادىنى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ئۈچۈن قىلغان كۆرەشلىرىنى بەس – بەستە مەدھىيەلەشكە باشلىدى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك دۇنيا بىر كىشى رەت قىلغان قۇللۇق ۋە ئېرىشكەن ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنىڭ يالغۇز شەخس ئۈچۈن ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن قانچىلىك بەخىتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. چۈنكى مۇھەممەد ئەلى ئۇتۇقلۇق ھاياتى ئارقىلىق ئۈمىدسىزلىك، تەرتىپسىزلىك ۋە نارازىلىق ئىچىدە بىر بىرىنى مۇشلاۋاتقان تۈمەنلىگەن قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنى چىنىقىش زاللىرىغا باشلاپ كىردى. ئۇتۇقلۇق تاپقان پۇللىرى بىلەن چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە جىنايەت پاتقاقلىرىغا مىلەنگەن ياشلارنى چىقىش يولىغا يېتەكلىدى، ئۇرۇش ئوتى بىلەن خارابىگە ئايلىنىۋاتقان باغدات، كابۇللاردا ساخاۋەت گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى. مەزلۇملارغا غۇرۇر ئاتا قىلدى، زالىملارغا قورقۇنچ سالدى.

مۇھەممەد ئەلىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ناھايىتى ھەيۋەت، قىزغىن ۋە ھاياجانلىق بولدى. مېنى قىزىقتۇرغىنى مۇراسىمغا قايسى پىرىزدېنت، پارلامېنت ئەزاسى ۋە مەنىۋىي داھىلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئەمەس، بەلكى شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى قۇللۇققا، مۇستەملىكىچىلىككە، زۇلۇمغا قەتئى قارشى كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغىنى بولدى. خەۋەر قىلىنىشىچە بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدېنتلىرى زالىم بولغانلىقى، مۇستەبىتكە شىرىك بولغانلىقى ۋە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سۆزگە تەكلىپ قىلىنماپتۇ. مەرھۇمنىڭ ۋەسىىيىتى بويىچە مۇراسىمغا خىرىستىيانلارنىڭ پوپى، يەھۇدىلارنىڭ راببىسى، بۇدىسىتلارنىڭ راھىبى، ئىندىيانلارنىڭ ۋەكىلى تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئەنە شۇلار ئىزچىل سەھنىدە ئىززەتلىك مىھمان قاتارىدا ئىھتىرامغا ئېرىشتى ۋە تەزىيە سۆزى قىلدى. سۆز پۇرسىتى ئاۋۋال ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئالىملىرىغا بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى، ئاخىرىدا ئوبامانىڭ ۋەكىلى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىغا بېرىلدى. ئەڭ ئاخىرقى سۆز قىلىش پۇرستى ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاق تەنلىك سابىق پىرىزدېنت بىل كېلىنتونغا بېرىلگەندە ئاپىرىن ئېيتتىم. مۇھەممەد ئەلى تەربىيەلىگەن پەرزەنتلەرگە قايىللىقىم كۈچىيىپ، شۇنداق تەربىيەگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن دىموكراتىك تۈزۈمگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتىم.

مۇراسىمدا ئامېرىكا يەھۇدىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، تىكون ژورنىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، دىنلار ئارا دىئالوگنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئىسرائىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ كەسكىن دۈشمىنى مايكول لېرنېر ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، قاتناشچىلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ نۇتىقىنى بىر قىسىم ئاشقۇنلارنىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلىقنى چەكلەش، يەكلەش، توسۇش ۋە بوغۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ پۈتۈن ئامېرىكا يەھۇدىلىرىغا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋە بارلىق زالىم ھاكىمىيەتلەردىن خەلقلەرنىڭ ئاللاھ بەرگەن ياشاش، سۆزلەش ۋە ئىشىنىش ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالماسلىققا چاقىردى. نىتانىياخۇنى پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمدىن ۋاز كېچىشكە، پەلەستىن تۇپراقلىرىدا يەھۇدى مەھەللىلىرىنى قۇرۇشنى توختىشقا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا توسالغا ئەمەس يۆلەك بولۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە ئادالەتىسز دۇنيادىن كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى، تىلى، چىرايى سەۋەبلىك زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقىنى، پەرزەنتلەرنى ئۆز دىنى ۋە تىلى بويىچە تەربىيەلەش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

مۇراسىم جەريانىدا بىر بىرلەپ سۆزگە چىققانلارنىڭ سۆزلىرىدىن مۇھەممەد ئەلىنىڭ 18 يېىشدا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، قۇللۇقنىڭ بەلگىسى بولغان كاسسىيۇس كېلەي دېگەن ئىسمىنى ھۆرلۈكنىڭ نىشانى بولغان مۇھەممەد ئەلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولغان ئىسلام ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى، مالكوم ئەكىس ۋە مارتىن لۇتېركىڭلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، مۇسۇلمان قارا تەنلىكلەر بىلەن خىرىستىيان قارا تەنلىكلەرنىڭ بىرلىكتە كۆرەش قىلىشغا تەشەببۇسكار بولغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن نامايىش قىلغانلىقىنى، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مۇھەممەد ئەلى ھاياتىدا نەدە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە بولغان، نەدە خورلۇق بولسا مەيدانغا چىققان، نەدە مەزلۇم بولسا يېنىدا قوغداشقا تەييار تۇرغان. ئۇنىڭ بىر يىغىلىشتا  «بىز بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى، بىزنى ھېچكىم ئەمەس دېگەنلەر، قۇل قىلىمىز، قۇللۇقتا داۋاملىق ئۇخلىتىمىز دېگەنلەر ئۇيقۇسىنى ئېچىۋەتسۇن. بىزنىڭ سادايىمىز ئۇلارنى ئىسسىق يوتقانلىرىدا بىئارام قىلىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ نەپرىتىمىز ئۇلارنىڭ تويماس نەپسىگە ئوت ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئەقلىنى تاپسۇن. ئۇلار تىنچىلىق تەلەپ قىلىدۇ، بىزنى تىنجىتىماقچى بولىدۇ. بەلكىم بىزنى يەنە ئالدىماقچى بولۇشقاندۇر، ئەمما شۇنى ئۇنۇتمىسۇنكى، بىز ئەمدى سېتىلغان قۇل ئەمەس، بىز ئەمدى تىلەنگەن مۇھتاج ئەمەس، بىز ئاللىقاچان بۇ يەرنىڭ خوجايىنى. بىز ھېچ يەرگە كەتمەيمىز. بوۋىلىرىمىز ئۇرۇق سالغان ئېتىزدىن، ئەجداتلىرىمىز ئات چاپتۇرغان يايلاقتىن، ئانىلىرىمىز سۇ ئۇسۇغان بۇلاقتىن ئەسلا ۋاز كېچىپ كەتمەيمىز. ئاق تەنلىكلەر ئېرىشكەن ھوقۇقتا، بايلىقتا، ھۆرمەتتە بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار، ياشىساق ئاللاھ بەرگەن ھوقۇقنى بەندىگە تاپشۇرماي، زالىمغا تارتقۇزماي ھۆر ياشايمىز، ئۆلسەك ھەققىمىزنى ئۈچۈن ۋارقىراپ ھۆر ئۆلىمىز!» دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاقلىرىمدا جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ.

2016-يىلى ئىيۇن. ئىستانبۇل

 

 

مەككارلىق كېسلى

 

بۇندىن بەش يىل بۇرۇن مىسىردىكى بىر ئوقۇرمەن ئىنىمىز «بۇ يەردە ئابدۇۋەلى ئاكامنى ئىشپىيۇن دەيدىكەن» دەپتۇ بىرەيلەنگە. بۇنداق گەپلەرنى تۈركىيەدىمۇ ئاڭلىغاچقا ھەيران قالمىدىم. بۇ قېتم مىسىر ھەققىدە باراماي تۇرۇپ ۋە بېرىپ يېزىپمۇ خەقلەرنىڭ پۇلىنى قويۇۋالغان، يەسلى قۇرۇش نامىدا بايلارنى ئالدىغان، ھۆكۈمەت چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويغان…دېگەندەك تۆھمەتلەرگە دۇچ كەلدىم. بۇ ۋەتەندىكى ۋە چەتئەلدىكى بىر قسىم كىشىلەرگە ئورتاق مەككارلىق كېسىلىنىڭ بىرىنچى ئالامىتى بولغان ئىشپىيۇن پۇراش ئىدى.

بۇ كېسەل چەتئەللەردە مۇساپىرلىق ۋاقتى ئۇزارغانچە ئەدەپ كېتىدۇ. ئىشپىيۇن پۇراش كېسىلىگە گېرىپتار بۇ كىشىلەرنىڭ «دەلىل»لىرى ئىقتىسادى، ئېتىقادى ۋە مەلۇماتىنىڭ يۇقۇرى – تۆۋەنلىكىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەن ھەققىدىكى دەلىللىرىنى مىسال قىلسام، جان بېقىشتا قىينالغانلىرى «ئەلچىخانىدىن مۇئاش ئالىدىكەن، ئەلچىخانىدا يېتىپ قوپۇپتىكەن» دەيدۇ. مىللەتتىن تاماسى بار، لېكىن تۆھپىسى يوقلىرى «ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم بولمىسا نېمىشقا شۇنچە يازسىمۇ تۇتمايدۇ، نېمىشقا چەتئەلگە يولغا سېلىپ قويىدۇ؟» دەپ سېسىتىدۇ. ئۆزىنى ئېتىقادلىق چاغلايدىغانلىرى «مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە تېرىماقچى، دىندارلىرىمىزنى يۈزىنى تۆكمەكچى، تالىپلارنى قوزغاپ نامەلۇم يوللارغا باشلىماقچى» دەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىرى ۋەتەنگە كىرىپ – چىققانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ۋەتەندە ئىشلەپ چىققانلارغا ئىشەنمەيدۇ، ۋەتەندىن ئەۋەتىلگەنلەرنى« ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلەر» دەپ  يامان كۆرىدۇ. ئۇلار جوڭگۇدا ئىمتىھان دەيدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىدىن، رىقابەت دەيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىدىن خۇپسەن بولىۋالىدۇ. چاتاق يېرى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىلىملىك، پائالىيەتچان، ناتىق كىشىلەر بار. ئەڭ خەتەرلىكى، بۇلار دىن ۋە مىللەت ماسكىسىنى تاقىۋالغان.

مەككارلىق كېسىلىنىڭ ئىككىنچى ئىپادىسى ھەرقانداق كىشى، ئىش، پىكىر ۋە ھەرىكەتنىڭ كەينىدە بىر قارا قول بار دەپ قارايدۇ. ئۇلار توزاق نەزەرىيەسىگە ئىشىنىدۇ. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردە بىر ئويۇن بار دەپ قارايدۇ. ئادەتتە قارا قوللار قاتارىغا ئەڭ ئالدى بىلەن تىزىدىغىنى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىلار تىزگنىدىكى ئامېرىكا، ئامېرىكىنىڭ ئىتىپاقدىشى ياۋرۇپا. ئۇلار بەزىدە مۇسۇلمانلىق ئەسقاتىدىغان سورۇنلاردا ئىسرائىيە، ئامېرىكا ئىبارىسى ئورنىغا ئەھلى سەلىپ، ماسۇن كەبى ئاتالغۇلارنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن قۇرئاندىن ئايەتلەرنىڭ باش – ئاخىرىنى ئويلاشماي ئۈزىۋېلىپلا دەلىل قىلىدۇ. بەزىدە جوڭگۇدا چىققان كىتابلاردىن كۆرۈۋالغانلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە بەزىدە تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئاڭلىۋالغان يالغان – ياۋىداقلارنى شىپى كەلتۈرىدۇ. ئۇلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەرنىڭ بۆلىنىشلىرىگىچە، مۇستاپا كامالنىڭ دۆلەت قۇرۇشىدىن تارتىپ ئەردوغاننىڭ تەختكە چىقىشىغىچە ھەممە ئىشتا بىر ئالدىن پىلانلانغان سۈيىقەست بار. ھەتتا ئۇلار بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭمۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان ئويۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نادان بولغاچقا شۇ ئويۇننىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ نەپرىتىم تۇتقانىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەھرىمانلار كۆپىنچە خەقنىڭ ئويۇنىغا ئالدانغان، ئىنقىلابلارنىڭ كۆپىنچىسى قارا قوللار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيانى كونترول قىلىۋاتقان غايەت زور بىر يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر چىقسىمۇ، مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا قادىر ئەمەس، چۈنكى ھەممە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇنغان. دۇنيادا شۇ قەدەر زور بىر كۈچ بولۇپ شۇلار ئىنسانىيەتنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ كونتروللاردىن شىكايەت قىلىشى ۋە قۇتۇلۇشقا تىرىشىشى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق، ھەتتا ئۆزىنى چاغلىمايدىغان نادانلىق. قىزىق يېرى سوراق جەريانىدا شۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىدىم.

مەككارلىق كېسىلىنىڭ ئۈچىنچى ئالامىتى ئىشەنچسىزلىكتۇر. بۇ بىمارلار ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. بىرسى بىر نەرسە يازسا، سۆزلىسە، ياكى بىرەر پائالىيەت قىلسا چوقۇم بىر شۇملۇقنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم ۋە ھادىسە ھەققىدە يامان گۇمان قىلىدۇ. ئاخباراتتا ئىشلىگەنلەردىن «كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى توپلاپ ئاشكارىلىۋەتتى. ئۇيغۇرلارنى خەۋەرچىلىك ئۈچۈن پايدىلاندى» دەپ گۇمان قىلىدۇ. كىملەرگىدۇر ئىستىخپارات توپلاپ بەردى، دەيدۇ. سودا قىلغانلاردىن پۇستانە دۆلەتنىڭ مېلىنى ساتتى، بىكارغا سېلىپ بېرىدىغان خوجىسى بار، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يېزىلغان نەرسىگە بىرىنچى ئىنكاسى نېمە يازدى ئەمەس، «نېمە مەقسەدتە يازدى؟» دېگەندىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئۇچراتقان بىر ئىشقا بىۋاستە ئىپادىسى، «قانداق دۈشمەنلىك بار؟» جۈملىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  مۇنداق بىر مەشھۇر مىسال بار. بىرەيلەن يىللاپ كىتاب تەرجىمە ئىشى بىلەن مەشغۇلكەن. مەزكۇر كىتاب نەشىر قىلىنغاندا مەلۇم بىر مەزمۇن ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار كىملەرنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، بۇنى دۈشمەن كۈچلەر بىرلىشىپ، پىلانلىق تەشكىللىك ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خائىنلىق دەپ چۈشىنىپتۇ ۋە ئەيىپلەپتۇ. مەنچە بۇنداق مەككارلىق كېسىلى بار ئادەم ھامان باشقىلارغا ئىشەنمىگەندىكىن، ئەقىلگە ۋە تەدبىرگە ئىشىنىپ ئىشنىڭ جەريانغا باشتىن – ئاياققىچە نازارەت قىلىشى كېرەك. خاتالىق چىقسا قوللانغان تەدبىرىنىڭ ئۈنىمىنى، ئىشلەتكەن ئەقلىنىڭ رولىنى تەھلىل قىلىش كېرەك. ھېچبىر تەدبىر قىلماي تۇرۇپ بىر ئادەمگە ھەممىنى تاپشۇرۇپ، كەينىدىن چاتاق چىققاندا ئۆزىنىڭ تەدبىرسىزلىگىدىن ئەمەس، باشقىلاردىن ئاغرىنىش، ھەتتا خائىنلىقتا ئەيىپلەش پەقەت شۇ كىشىنىڭ رەزىللىك تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.

ئادەتتە مەككارلار ھەممىنى ئالدىن «بىلىدۇ»، ئالدىن «پەرەز» قىلالايدۇ، ئالدىن «ھۆكۈم» چىقىرالايدۇ. ئۇلار بىرسىگە مۇسىبەت كەلگەننى ئاڭلىغاندا «مەن بىلەتتىم شۇنداق مۇسىبەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا مەن ئارىلاشمىغان» دەيدۇ. بىرسى بىرەر پائالىيەتنى تەشكىللەپ بەدىلىنى ئۆتىسە «مەن بىلەتتىم بەدەل ئۆتەيدىغانلىقىنى، بۇنداق بەدەل ئۆتەپ باققانلار بىلەن يېقىنتىم…تونۇيتتىم، زادى تەشكىللىمەيدىغان ئىشتى» دەيدۇ. ئۆزى بىرەر تايىنى يوق نەرىسلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئاقتۇرالمىسا «بىزنىڭ خەلقنىڭ نادانلىقىنى بىلىمەن، بىز خەق ئەسكى خەق، قىلغاننى بىلمەيمىز. بىزنىڭ خەلق قەھرىمانلىرىنى ئۆزى خاراپ قىلىدۇ، شۇڭا كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇ» دەيدۇ. مۇنداقلار ئىچىدىكى قولىدا قەلەم تۇرىدىغانلار ۋەتەندە پۇرسەت ۋە شارائىت يوقلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ. ۋەتەن سىرتىدا بولسا نەشىر قىلدۇرىدىغان ۋە ئوقۇيدىغان ئادەم يوق دەپ باھانە كۆرستىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىلىق ئىش قىلماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ يارىماسلىقىنى بىلىۋالغانلىقىدىن بولغان، ھېچقانداق پائالىيەتكە يۇقۇشماسلىقىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەھمىيەتسىز، مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغان تايىنى يوق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىگىنىدىن بولغان. ئۇلاردا بىر دوستۇمنىڭ ئىبارىسى بويىچە « ئىشنى چوڭ چاغلىماسلىق، ئۆزىنى بوش چاغلىماسلىق» خاھىشى بار.

مەككارلارنىڭ ئىشەنچى ئاجىز، قورقۇنچاق كېلىدۇ. بىرەر ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يۈز ئالدىن قورققاچ تۇرىدۇ، ھەم باشقىلارغىمۇ بۇ ھەقتە قورقۇنچلۇق ئۇچۇر تارقىتىدۇ، دائىم ئۆزى باشتىن كەچۈرمىگەن قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلەردىن گەپ باشلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قورقۇش ئارقىلىق نەقەدەر زور مۈشكۈللەردىن ئامان قالغانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزىنى تاكتىكا بىلەن ئىش قىلغۇچىلار، ھېسىياتتىن خالىي ئاجايىپ ئاقىللار دەپ بىلىدۇ. ئۇلار جۇرئەتلىكلەرنى ۋە باشقىلارغا جاسارەتنى تەشەببۇس قىلغانلارنى «ھاياجانلار ئىشقا سالغۇچىلار، مىللەتنى ھاياجانلاندۇرۇپ يەمچۈك قىلغۇچىلار، داھىلىق تاماسى بارلار، كىشىلەرنى كۇشكۇرتۇپ پايدا ئالغۇچىلار، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتقۇچىلار…» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قورقۇنچاقلىقى بىرەر پىلان ۋە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويالماسلىقتىلا ئەمەس، دائىم تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ خىرىس قىلىشلىرى بىلەن، مەخپىي ھۇجۇم تەشكىللەشلىرى بىلەن، تۆھمەت قىلىشلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار نە ئۆز ئىسمى بىلەن ئوتتۇرغا چىقمايدۇ، نە ئۆز جىسمى بىلەن جامائەتكە ئاشكارە بولمايدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئاقتۇرالماپسىلەر، دېيىلسە «ئېقىپ كەتسە دائىرىلەرنىڭ دىققىتى قوزغىلىپ قالىدۇ» دەپ قورقىدۇ. پىلانىڭ يوقكەن، دېيىلسە پىلان تۈزسەم دائىرىلەر بىلىپ قالىدۇ دەپ قورقىدۇ، ئادىمىڭ ئاز ئىكەن دېسە، جىقلاپ كەتسە ھۆكۈمەتنىڭ دېققەتىنى تارتىمەن دەپ قورقىدۇ. ئۇلار ھەتتا ھېچ ئىش قىلمىغان ۋە قىلمايدىغانلىقى يىللاپ ئىسپاتلانغان تۇرۇپمۇ قورقىدۇ. ئۆزىنى ۋە ئۆز ئىشىنى ئالامەت مۇقەددەسلەشتۈرۈپ قورقۇنچاقلىقىنى مىللەت ئۈچۈن ياشاپ بېرىش، ساق تۇرۇپ بېرىش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ھالبۇكى،قورقۇنچاقلىقىنىڭ چانماسلىقى ئۈچۈن ئۆز ساھەسىگە ھېچكىمنىڭ پىكىر بېرىشىنى، باھا يېزىشىنى، ئارىلىشپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.

 

2016-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈركىيەدە

 

  1. 1. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈرك ئىلىم مۇنبەرلىرىدە

تۈركىيە ئىلم ساھەسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دېگەن ئاتالغۇ ئىككى خىل مەنىدە كېلىدۇ. بىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەدەبىيات، يەنە بىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدۇر. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇن تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى، ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى(744-840) ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (840-1335) ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىدە كۆزدە تۇتقىنى قەدىمكى (ئەسكى) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپ، كۆپىنچە ئومۇمىي تۈرك ئەدەبىياتنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ ھېساپلىناتتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئادەتتە قەدىمكى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر باسقۇچى ئىبارىسى بىلەن قەلەمگە ئېلىناتتى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە بىلىم ئادەملىرى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىمۇ كۆرسىتىدىغان بولدى. چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا تۈركىيەدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللا، مەمتىلى تەۋپىق، قۇتلۇق شەۋقى، زۇنۇن قادىر، لوتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇم ئەزىزى، ئىبراھىم تۇردى، تۇرغۇن ئالماس، زىيا سەمەدى، ئەھمەت زىيائىي، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىجتاھاتلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى سانىلىدىغان يۇسۇپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرى، ئەھمەد يۈكنەكى، نەسرىددىن رابغۇزى، ئەلشىر نەۋايى قاتارلىق شەخسلەر تۈركىيەدە ئورتاق تۈرك ئەدەبىياتى دائىرىسىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ھازىر تۈركىيەدە يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىلا قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەپ ئاتاپ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىرىنى پەرقلىق ھالدا يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال كۆپرەك كۆزگە چېلىقماقتا.

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۈچىيىشكە باشلىدى. سەۋەبى ئورتا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۇنۋېرىستېتلاردا چاغداش تۈرك تىل ۋە ئەدەبىيات فاكۇلىتېتى قۇرۇلدى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئەدەبىياتىمۇ بىر كەسىپ قىلىپ تەسىس قىلىندى. نەتىجىدە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېمىسى بويىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەلىرى تەييارلىنىپ ياقىلانماقتا. مەسىلەن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىم ۋە ئۆزگۈر ئاي ئەپەندى، لوتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدە ئاخمەت قارامان، زۇنۇن قادىر ھەققىدە لەۋەنت دوغان دوكتۇرلۇق ماقالىسى يازغان، نىمشېھىت ھەققىدە نەۋشەھىر ئۇنۋېرىستىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نەشە ھاربالىئوغلى خانىم مەخسۇس تەتقىقات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. تۈركىيەدە چىقىدىغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلار داۋاملىق ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدەنگەن كىشىلەردىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سۇلتان مەھمۇت قەشقەرى، گۈلزادە تەڭرىتاغلى ۋە ئەركىن ئەمەتلەرنى ساناش مۇمكىن. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، تۈركىيەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى تەتقىقات كەڭرىلىكتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ شۇڭغىماقتا. مەسىلەن: ئۆتكۈرنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىم دوكتۇرلۇق ماقالىسى يازغان ۋە ئىككى قىسىملىق «ئابدۇررەھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان بولسا، ئۆزگۈر ئاي ئىسىملىك يەنە بىر دوكتۇرمۇ شائىرىمىزنىڭ «ئىز» رومانى ھەققىدە مەخۇسۇس تەتقىقات قىلىپ، دوكتۇرلۇق ماقالىسى يازغان. كۈنىمىزدە ئۆتكۈرنىڭ «قەشقەر كېچىسى» ناملىق داستانى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە ئايرىم تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىلماقتا.

تۈركىيەدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلاردا يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ئەدىپلەر ئوبىيكىت قىلىنغان بولسا، ھازىر 80-يىللاردىن كېيىن نەتىجە قازانغانلارمۇ دىققەت تارتىشقا باشلىدى. مەسىلەن: ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «تەكە» ئىلمىي ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر شائىرى بوغدا ئابدۇللا» تېمىلىق بىر ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى ئافيون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە جىددىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئەخمەت قارامان ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى تەييارلاپ ياقىلىغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تەتقىق قىلماقتا. ئۇنىڭ بۇغدا ئابدۇللا ھەققىدىكى تەتقىقاتى خېلىلا چوڭقۇرلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنى بىرلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىكىنى يەكۈنلەپ، شائىرنى تۈرك شائىرى ياھيا كەمال بەياتلىغا سېلىشتۇرىدۇ. چۈنكى ياھيا كەمالمۇ بۇغدا ئابدۇللا «سالغا تېشى» ناملىق لېرىك داستانىدا يازغاندەك، «بىز ئۆتمۈشكە يىلتىزلىغان كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز» دېگەنىكەن. بۇندىن باشقا دوكتۇر ئەھمەت قارامان يەنە مەمەتجان راشىدىن ھەققىدىمۇ ئىزەدەنگەن. ھازىر ۋاھىتجان ئوسمان ئۈستىدە تەتقىقات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، بولۇپمۇ شائىرنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ۋە «قىرىق يۈرەك» ناملىق ئىككى شېئىرلار توپلىمى تەتقىقاتچىمىزنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتقان. ئۇندىن باشقا ئەنقەرە ئۇنۋېرىستېتى چاغداش تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەتنىڭ «چاقچاقچى ھىسام قۇربان» ناملىق ئەمگىكىمۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا مەنسۇپ نەتىجە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەر تۈرك مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ۋە ئۇ باشلىغان لەتىپىچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرك دۇنياسىغا ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر.

تۈركىيەدە بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتنىڭ كۈچىيىشىگە ئۇنۋېرىستېتلاردا چاغداش تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ شۇ فاكۇلتېتلاردا دەرسلىك قىلىنىشى بىۋاستە، ئاساسلىق سەۋەب بولغان. بۇندىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ سەھىپىلىرىدىن چۈشمەي كېلىۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىدە ئۇيغۇر تېمىسىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما  ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ كۆزى ئۇيغۇرلارغا تىكىلگەن مۇشۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا لايىق بىر سەۋىيەگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. مىسال قىلىپ ئېيتساق، تۈركىيەدە بۈگۈنگىچە بىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى نەشىر قىلىنمىدى. تەتقىقات ھازىرغىچە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەدىپلىرى يازغان ئەسەرلەرگە بەكرەك مەركەزلىشىپ قالدى. ئىزدىنىشلەردە ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش، تەرجىمە قىلىش ۋە ئوقۇلغۇسىنى بېرىپ ئىزاھلاش ئاساس قىلىنىپ، تەپسىلى تەتقىقاتتا ئىلگىرلەش ئاستا بولماقتا. 80-يىللاردىن كېيىن چاقنىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرگە ئېلىنمىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يارقىن ۋەكىللىرى بولغان زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرمۇھەممەت توختى، خالىدە ئىسرائىل، مەھەممەت باغراش، ئوسمانجان ساۋۇت، ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى قاتارلىق ئەدىپلەرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ھېچ بىر تەتقىقات يۈرگۈزۈلمىدى. باشقىسىنى قويۇپ ئۆزىمىزگە قوشنا بولغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ تۈركىيەدىكى تەتقىقاتىغا سېلىشتۇرغاندىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋە ئەدىپلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئەنئەنىدىكى ئەۋزەللىك

 

تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ياشلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋەتەندىن كېلىپ، پات- پات يانلىرىدا بولۇشلىرىدىن نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى پەرزەنتلىرىنىڭ تەجرىبىلىك مومىلارنىڭ ۋە كۆيۈمچان بوۋىلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە پەرۋىشلىنىشى، يېتەكلىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشى بولدى. ئۇزاقتىن بېرى تۇغۇتتا قانداق قىلىشتىن ئەنسىرەپ بالىلىق بولالمايۋاتقان، ئائىلىدە پەرزەنتلىرىگە قارايدىغان بىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقان ياشلار تەشۋىشتىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا پەرزەنتلىك بولۇش ئويلىرى تۇغۇلۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە بوۋاقلار كەينى – كەينىدىن تۇغۇلدى. كېلىنلەر ھوزۇرلۇق كۈتۈندى ۋە  ئاسانراق ئۆزىگە كېلىشتى. كۈيئوغۇللارمۇ ئائىلە غەملىرىدىن ئازات بولۇپ خاتىرجەم ئىشلىرىغا مەشغۇل بولۇشتى. ئەمما ئارىدا يېقىمسىز قىستۇرما كۈيلەرمۇ ئاڭلانماي قالمىدى. بۇ بوۋاقلارنىڭ ئانىنى ياكى «كالىنى» ئىمىشى، ئايرىم ھوجرىسى بولۇش- بولماسلىقى، ئانىسى بىلەن ئۇخلىشى ياكى يالغۇز ئۇخلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى زىددىيەت ئىدى.

شەھەرلەردىكى تۈركلەر ئارىسىدا بالىلارنى تۇغۇلغان بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ ئايرىم ئۆيدە ۋە ئايرىم كارىۋاتتا ئۇخلىتىش ئادەتكە ئايلانغان. ئانىلار ھامىلىدار بولغان كۈندىن باشلاپ بوۋاق ھوجرىسىنى بېزەشكە باشلايدۇ. مەخسۇس بوۋاق ھوجرىسىنى بېزەيدىغان شىركەتلەر، مەھسۇلاتلار ۋە ئۇستىلار بولۇپ، ئۇلار بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ خېرىدارلىق قىلىشلىرىنى كۈتىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا كۆنگەن ۋە بۇنداق كۆنۈشنى تەبىئىيلىك، زامانىيلىق ۋە مەدەنىيىلىك دەپ قوبۇل قىلىشقان. ۋەتەندىن چىققان ئاتا-ئانىلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارغا مەخسۇس ھوجرا ھازىرلاش، سەرەمجان ۋە بېزەكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئارتۇقچە ئىسراپچىلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەۋلات بوشلۇقى ۋە تۈرلۈك پەرىقلىق قاراشلار سەۋەبىدىن زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

تۈركىيەدە بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋەتەندىن كەلگەن چوڭلار ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان ياشلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئاتا-ئانىلار «بىزمۇ سىلەرنى پوكىنىمىزغا بېسىپ، بىر ئورۇندا يېتىپ چوڭ قىلغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلاتقان نەدە بار» دەپ قەتئى قارشىلىق قىلىدۇ. ياشلار «سىلەرنىڭ دەۋرىڭلەردە ۋەتەندە ئۆيلەر كىچىك، شارائىت يوق ئىدى. بۇ دېگەن تۈركىيە شۇڭا مۇشۇنداق قىلىمىز» دەپ ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئاغزىغا كەلگەنچە بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلىتىشنىڭ ئىلمىيلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا بەزىدە باتنامچى ياشلار ئۆزىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئاجىزلىقىنى، زىيادە ئىھتىياتچانلىقنى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كىچىكىدىن ئايرىپ ياتقۇزمىغانلىقىغا دۆڭگەپ،«بۇ كەمتۈكلۈكنى بالامغا مىراس قىلمايمەن» دەپ باقىدۇ.

تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ ئانا-بالىنى بىرگە ياكى ئايرىپ ئۇخلىتىش ھەققىدىكى باشقا قاراشلىرىغا باھا بەرمىگەندىمۇ، بۇنىڭ ئىلىمگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئانا-بالىنىڭ ئايرىم ئۇخلىشى ئەڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئامېرىكىدا بۇ ئادەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە تېخى ئاران 200 يىللار بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ مۇستەقىللىقنى، خاسلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ ئىلىمىيلىك بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق ئىكەن. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناسلاردىن ۋېلىيام ھاۋىلەند ۋە ھارولد پرىنسلار تۈزگەن «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» دېگەن كىتاپتا يېزىلىشىچە، بۇ ئەنئەنىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئامېرىكىلىقلاردىكى مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىنى قاپلىغان ئىستىمالچىلىق دولقۇنى تۈرۈتكە بولغان ئىكەن. دەسلەپتە مۇستەقىللىققا تەشنا ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىدا باشقىلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالايدىغان ئادەتنى بوۋاقلىقىدىن يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم ئۆي، كارىۋات، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا مۇھتاج بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىھتىياج بايقىلىپ كەسىپ بولۇپ تەرەققىي قىلغان ۋە قاندۇرۇلغان، ئىقتىساتنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئىھتىياجنى يېتەكلىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا يېيىلغان.

يېقىنقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى ئايرىلىپ ئوخلىغىنىدىن ئەزەل ئىكەن. بىللە ئۇخلاش بوۋاقنىڭ يىغىسىنى كۆرىنەرلىك ئازلىتىدىكەن. ئانىنىڭ بوۋاق بىلەن ئۇخلىشى نەتىجسىدە بالىنىڭ كۆپرەك ئىمىشىگە شارائىت يارىتىلىدىكەن. ئانىلار بوۋاقلادىن ئايرىم ئۇخلىغاندا سۈت تالقىنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا ئالىمىشىدىكەندە بالىلار شورىمىسىمۇ چىقىدىغان سوسكىغا كۆنىۋېلىپ ئانىسىنى ئەممەس بولۇپ قالىدىكەن. ئايرىپ ئۇخلىتىلغاندا بالا ئانا پۇرىقىنى ئالالماي ئەنسىزلىكتە ئۇيۇپ ئۇخلىمايدىكەن، ھەتتا تاسادىپى ئۆلۈپ كېتىش كېسىلى بولىدىكەن. ئانا-بالا بىللە ئۇخلىغاندا ئىمىتىلىش سانى كۆپىيىپ، بالىنىڭ مېڭىسىدە قوبۇل قىلىنىدىغان غىدىقلىنىش ئارتىدىغان بولۇپ، بۇ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەن. ئامېرىكىدا بوۋاقلارنىڭ «تۆشىكىدە تۈگەپ قېلىش» كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىكەن. SIDS، بۇ ئامېرىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ،4-6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا، سائەت نۆلدىن توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ تاسادىپى ئۆلۈپ كېتىش ئۇنۋېرىسال ۋەقەلىكى، بوۋاقنىڭ يېنىدا بىللە ئۇخلايدىغان كىشى بولمىغان شارائىتتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. ئادەتتە بوۋاق ئۇخلاۋېتىپ نەپەس ئېلىشى تۇيۇقسىز قىيىنىلىشىشتىن ئۆلۈم كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ كېسەل تەرەققىي قىلغان ئەللەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدا 2011-يىلى بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان 3-خەتەرلىك كېسەل بولۇپ قالغان. بوۋاقلارنى ئايرىپ ئۇخلاتقاندا بەزىلەر ئويغىنىپ كەتمسۇن ئۈچۈن يۆگەككە چىڭ تېڭىپ قويىدۇ. بۇمۇ «تۆشەكتە تۈگەپ قېلىش»نىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى «تۆشەكتە تۈگەپ قېلىش»نى ئازلاتقاندىن باشقا، ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى زىيادە بۇرۇن تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى توسىدىكەن، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىق ۋە كۈتىنىش مەزگىلىدە يىغىۋالغان ئاتۇقچە «يۈك»لىرىنى يەڭگىتىدىكەن. بەزى ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ئۇيقۇسىزلىقمۇ بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. بوۋىقى بىلەن بىللە ئۇخلىمىغان ئانىلار ئەنسىزلىكتە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيقىغا كىرىشەلمەيدىكەن. بوۋاقلار مەلۇم مەزگىلگىچە تولا ئويغىنىدىغان بولغاچقا، ئانىدىكى ئەنسىزلىك ئۇزاققا داۋاملاشسا ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ئوخشاش كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىكى يۇقىرىقى زىددىيەتنىڭ مەنبەسىدە زامانىۋىي يۈزلىنىش بىلەن ئەئەنىۋىي چۈشەنچىلەرنىڭ توقۇنىشى ياتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش ياكى ئانا قوينىدا ياتقۇزۇش مەسىلىسىدە مۇۋاپىق بولغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەنچىسى بولۇپ چىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگەنلىك بالىلارغا زادى ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا «تۆشەكتە تۈگەپ كېتىش» خەتىرى بوۋاق بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاساسەن يۈز بەرمەيدىكەن. شۇڭا بۇنداق خەتەرلىك مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا، ئۆز كىيىملىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا، ئۆز ۋاقتىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا كۆندۈرۈش شەكسىز بىر زۆرۈرىيەتتۇر.

يۇقىرىقى زىددىيەت ۋە يېشىم بىزگە پۈتۈنلەي زامانىۋىي تۇرمۇشقا ياندىشىپ، ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەردىن گۇمانسىراشنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. مەلۇمكى، زامانىۋىيلىق كىشىلەرگە تۈرلۈك قولايلىقلارنى ئاتا قىلغاندىن باشقا، بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنىمۇ مودا، ئىلغارلىق، تەرەققىيات سۈپىتىدە تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرىۋەتتى. ھادىسىلەر، پىكىرلەر ۋە ئۇچۇرلار تېزلىكتە يامراۋاتقان، ئىقتىساتتىن تارتىپ مەدەنىيەتكىچە شىددەتلىك يەرشارىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىر قىسىم تەركىپلەر زامانىۋىيلىقنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ قالدى. بۇ ھالدا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت قورغانلىرىنى قانداق ساقلاپ قىلىش تەپەككۇر، تەدبىر ۋە ئاقىللىق تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

 

 

 

 

ئۇيغۇردا چەتئەللەر ۋە ئۆز ئەل

 

يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە تەسىرى ۋە روسسىيە تەسىرى تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن. روسسىيە تەسىرى تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە ئىزچىل يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ شىڭ شىسەي(1897-1970) دىيارىمىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا (1933-1944) روسسىيە تەسىرى مۇتلەق ئورۇنغا ئۆتكەن. يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېيىن تۈركىيە تەسىرى تازىلىنىپ روسسىيە تەسىرى مۇقىملاشقان. تۈركىيە تەسىرىدىكىلەر ئىجتىمائىي ھاياتتىن مەھرۇم قىلىنىپ، روسسىيە مەپتۇنلىرى سىياسىي ھاياتقا قەدەم قويغان. روسسىيەدە ئوقۇغان زىيالىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە باشلامچى ئورۇنغا ئۆتكەن. سوۋېتپەرەسلىكنىڭ قوللىشىدا دىيارىمىزدىن سوۋېتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىلغان. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مىجىت ناسىر، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى بولغان قېيۇم باۋۇدۇنلار كومۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىن، روس-سوۋېت توپراقلىرىدا ئوقۇغان زىيالىلاردىن ئىدى. دىيارىمىز مەكتەپلىرىدە چەتئەل تىلى ئۈچۈن روسچە ئۆتۈلگەن، دەرسلىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا بېسىلغان، ئۆرلەش ئىمتىھان سۇئاللىرى شۇ يەرلەردە چىقىرىلىپ ئايرۇپىلاندا توشۇلغان، ھەتتا روس ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۇيغۇر يېزىقى ئېلان قىلىنىپ، ئىككى يىل سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. مائارىپ، سەھىيە ۋە ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسى روسچە ئەندىزىگە چۈشۈرۈلۈپ، كۇلۇپلارنى سوۋېت كىنولىرى، سەھنىلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا كونسىرىت-تىياتىرلىرى، ژورناللارنى سوۋېت مەدھىيەسى قاپلىغان، ھەتتا بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پائالىيەت قىلىنسا، روسچە مۇزىكىلارغا كەلتۈرۈلۈپ تانسا ئۆگىتىلگەنىكەن. روس تەسىرى بىزنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىمىزگە بولۇپمۇ، شىمالدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇ قەدەر سىڭگەنكى، روس ئۇسلۇبىدا زاكۇسكا(روسچە) تەييارلاپ رۇمكا(رۇسچە) سوقۇشتۇرۇش، گارمۇن چېلىپ قىز كۆچۈرۈش، ۋېچىركا (روسچە) قىلىش قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ تەسىر جوڭگۇ-سوۋېت مۇناسىۋېتىنىڭ بۇزۇلىشى (1960) بىلەن ئاجىزلىشىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى(1966-1976) دەۋرىدە تازىلانغان.

شۇندىن كېيىنكى يىگىرمە يىلدا ئۇيغۇرلار جاھاندىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىخەۋەر قالدۇرۇلغان. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ روسسىيە تەسىرى سەۋەبلىك دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىشى ئىجابى ئەھۋال ئىدى. ھېچ بولمىغاندا دۇنيانىڭ سەھىيە، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھىرلىنىپ تۇراتتى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار جاھان يېڭىلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان يىللار تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چىركىن سەھىپىلىرى بولۇپ قالدى.

جوڭگۇ دەرۋازىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە ئېچىلىشى (1980)، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ چەتئەلگە تولۇق ئىچىلالماسلىقى، دىيارىمىزدا بىرەر دۆلەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئىمكان بەرمىگەن. پەقەت كېيىنرەك ھەج، تىجارەت، ئوقۇش يوللىرىنىڭ راۋانلىشىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان ئارقىلىق ئەرەب، مۇسۇلمان ئەللىرىگگە بىر قىسىم ياشلار دىن ئوقۇشقا چىققان. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلاردا پاكىستان، ئەرەبىستان، يەمەن، سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى جوڭگۇدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە ئارقىدا تۇرىدىغان ئەللەردە بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر دىنىي زىيالىرى يېتىشىپ چىققان. بولۇپمۇ 80-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئەرەبىستاندا تەربىيەلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالار ھەج جەريانىدا قوبۇللىغان ۋاھابىزىملىق تەسىرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئويىدا، تۇرۇقىدا ۋە ئادەتلىرىدە كۆرىنەرلىك ئەرەبىستان تەسىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى،1980-يىللاردىن كېيىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، يىلىغا ئۇيغۇردىن يۈزلىگەن كىشىنىڭ تاۋاپقا بېرىشى ۋە بۇ مۇقەددەس سەپەرنىڭ مەزھەپپەرەس، قالايمىقان، ۋەيرانە ۋە راۋاج تاپماس پاكىستان ئارقىلىق مەنزىلگە يېتىشى، كىشىلىرىمىزگە زامانىۋىيلىقنىڭ ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتى بەرمىگەن. بەيتۇللاھقا يىغىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ نامرات، بىقوۋۇل، تەرتىپسىز، مەرىپەتسىز ھالى خەلقىمىزنى كۈچلۈك بىر سېلىشتۇرما تۇيغۇغا كەلتۈرەلمىگەن ۋە ئۆزىنى تونۇشقا ئەينەك بولالمىغان. مەككە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مۇستەبىت، چىرىك، قالاق تۈزۈمىدە شەكىللەنگەن ئەرەبىستانلىقلاردىكى ھورۇنلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، قوپاللىق، تەبىقىۋازلىق مۇسۇلمان قەۋمىمىزگە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئەسلى ئۈلگىلىرىنى تەقدىم قىلالمىغان. مىھىرلىك تۇپراق مەككىنى باشقۇرۇشتىكى ئىلمىيسىزلىك، بىپەرۋالىق، قاتماللىق سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان بىھۇدە پاجىئەلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تېگىشلىك ئىززەتلەنمەسلىكى، ئىنسانلىق قىممىتى ئىتىراپسىز قېلىۋاتقان خەلقىمىزنى «ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆرت ئىكەن» دېگەنگە ئىشەندۈرمەي قالمىدى.

دېمەك، ھەج تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزىنى جاھاندا بەكلا ئارقىدا، بەكلا ئىززەتسىز، بەكلا ھوقۇقسىز، يېتىم ۋە بەكمۇ نادان قالغاندەك تۇيغۇلارغا تولۇق كېلىپ بولالمىدى. چۈنكى يەمەنلىك بىر ئەرەب بىلەن خوتەنلىك بىر ئۇيغۇرنىڭ تىلى ۋە چىرايىدىن باشقا يەرلىرى كۆپ پەرقلەنمەيتتى. پەقەت خوتەن يەمەندىن پاكىزرەك، خوتەنلىك يەمەنلىكتىن ئىشچانراق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار جاھاندىن بىخەۋەر قالدۇرۇلغانلىقى ۋەجىدىن تىلدا قىينىلىپ، نە ياۋرۇپا، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بىلەن؛ نە تۈركىيە، مالايسىيە ۋە ھىندونۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۆئمىنلەر بىلەن سىردىشالمىدى. نەتىجىدە ئەرەبىستان تەسىرى ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرىدا قاتتىق سىلكىنىش ۋە چوڭقۇر بىر يېڭىلىنىش پەيدا قىلالمىدى. ئەگەر ھەج تەسىرى ئۇيغۇردا ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولدى دېيىلسە، مىللەتنىڭ تەپەككۇرىغا ئەمەس ئاللىقاچان مۇسۇلمانچىلىشىپ بولغان ئادەت ۋە قىياپەتلىرىگە باشقىچە تۈس ئېلىپ كىرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. مەسىلەن: مىللىي ئادەتلەرنىڭ بىدئەتكە چىقىرىلىشى، قىز – ئاياللارنىڭ قارىغا ئورۇنىشى، ئەرلەرنىڭ ئىشتاننى قىسقارتىشى ۋە شەكلەن ئىبادەتلەردىكى زىددىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىقلارنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن. ئەرەبىستان تەسىرى چوڭقۇرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاۋام ئۇيغۇرلار بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېگى – تەكتىنى چۈشىنىش، مۇۋاپىق تەرەپلىرىنى تاللاش ۋە تېگىشلىك ئىنكاس قايتتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيلا ئۇيغۇر دىيارىدا ھاۋا ئۆزگەردى. ۋاھابىلىق بىلەن رەڭلەنگەن ياغلىق ۋە ساقالغا يۆگىشىپ ئېتىقاد ۋە غۇرۇر ئۆرتەندى، ئۇيغۇر پالاكەتكە پاتتى.

ئۇيغۇردىكى چەتئەل تەسىرى ھەققىدە توختالغاندا دىنىمىز ئىسلامنى قورال، ئىخلاسمەن ئۇيغۇرنى قۇربان قىلغان تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ دىيارىمىزدىكى ئەكىس سادالىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇلاردىن بىراز تونۇشلۇق بولغانلىرى ۋاھابىلىق (سەلەفىلىك)، تەبلىغ جامائەت، ئىخۋانۇل مۇسلىمىن (مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى)، ھىزىبۇتتەھرىر (ئازاتلىق پارتىيىسى)، جامائەتتەكفىر (كاپىرغا چىقىرىش جامائىتى)، دەۋلەتى ئىسلامىيە (ئىسلام دۆلىتى، ئەرەبچە قىسقارتىلمىسى دائىش) قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇلارنىڭ خەلقىمىزگە زادى قانچىلىك تەسىر قىلغانلىقى، ۋاستىسى ۋە نەتىجىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەزكۇر يازمىنىڭ مەقسىدى بولمىغاچقا تەپسىلى توختالمايمىز. پەقەت كۆزەتكەندە بۇ ئېقىملارنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ ماھىيىتى ئاۋام ئۇيغۇرغا تولۇق ئايدىڭ ئەمەسلىكى بىلىنىدۇ. بۇلارنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭمۇ پىكىرلىرىنى تۈرلۈك تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارە جاكارلاش پۇرسىتى يوق. بۇلاردىن ۋاھابىلىقتىن باشقىسى ئاساسەن مەخپىي تەشكىللىنىپ، يوشۇرۇن ھەرىكەتلىنىپ، پاجىئەلىك ئاقىۋىتى سازايە قىلىنىش بىلەن ئاياقلاشقاندەك قىلىدۇ. مەنچە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىشىدىن ۋە خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىش –قىلماسلىق ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشىدىن ئۆتمىگەن ھەر قانداق ئىسلامىي ئاتالغان ئىددىيە دىيارىمىزدا مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن بېرى مەدەنىيەتلەشكەن ئىسلامنى زەيىپلەشتۈرىدۇ. نەتىجىدە ئېتىقادىمىز، جېنىمىز ۋە مېلىمىز خەلقئارادىكى تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ غەنىمەتلىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ قان تەرىنى، ئەقلىنى، ھەتتا ئەزىز جانلىرىنى خۇپىيانە غەرەزلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشى مۇمكىن. مۇسۇلمانلىق داۋايىمىزدا، ئۇيغۇرلۇق يارالمىشىمىزدا سەمىمى بولساق، بۇ ھەقتە تىڭىرقىماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.

ئۇيغۇردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەتئەل تەسىرلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. روسسىيە تەسىرىنىڭ مائارىپ، سەھىيە، پەن تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھلەردىكى كۆرىنەرلىك ئىجابىي تەسىرىدىن باشقا، بىر قىسىم سەلبى كۆرۈنگەن تەرەپلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىقادىغا ئۇيغۇنسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان رايۇنلادا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانىدى. ئەرەبىستان تەسىرى ۋە خەلقئارا ئىسلام ئېقىملىرى بىر مەنىدە ئىبادىتىمىزنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، يەنە بىر مەنىدە مىللەتنى زىددىيەت قاينىمىغا سۆرىدى ۋە بىھۇدە قۇربانلىقلارغا تۇتقا بولدى. بەزى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قارىشىچە بەزى ۋاھابىچە (سەلەفىچە) ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئىبادەتنىڭ ئۆلچەملىرى قويۇلغاچقا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تەپرىقچىلىق ئېلىپ كەلگەن. تۈركىيە قىزغىنلىقىنىڭ بۇلاردىن پەرقى شۇكى، بۈگۈنگىچە بىر ئاممىۋى ئېقىم سۈپىتىدە خەلق ئارىسىغا ھەر خىل شەكىللەردە ئۈنسىز يېيىلدى. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ يېغىرىنى ئىچىشتۈرىغىدەك ھالغا كەلمىدى، دائىرىلەرنى ساراسىمغا سالغىدەك ھەرىكەتكە ئايلانمىدى. پەقەتلا تۈركىيەنىڭ سىياسى ئوبرازى بولغان بايراق، گىرىبلەرنىڭ سۆيۈلىشى سەزگۈر تارماقلارنىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىدى. شۇڭلاشقا مەيلى قايسى جەھەتتىن ئېيتمايلى، تۈركىيە قىزغىنلىقىنى يۇقۇرىدا دېيىلگەن تەسىرلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئومۇمىيۈزلۈك ئەۋج ئالغان تۈركىيە قىزغىنلىقىنى 2000 – يىللاردا باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. 2009-يىلدىن كېيىن مەزكۇر قىزغىنلىق ئەڭ ھاياجانلىق پەللىگە ئۇلاشتى. تۈركىيە قىزغىنلىقىغا ئاممىۋى پىلتە بولغان تاراتقۇ ئامىلى ئاساسلىقى ئىنتىرنېت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيە فىلىملىرى ئاممىۋى قاتلامدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ تۈرلۈك چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدى. مىسالەن ئېيتساق، تورلارغا يوللانغان تۈرك فىلىملىرى 2009-يىلدىن كېيىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، توردا كۆرگەن كۆرۈرۈمەنلەرلا نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. تۈركىيەنىڭ 2000 – يىللاردىن كېيىن خەلقئاردا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئالقىشلىق سىياسى تەسىرگە ساھىپ بولۇشى، تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەزلۇملارنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە دىققەتنى تارتىشى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ياۋرۇپادىكى كىرزىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن ئىزچىل تەرەققىياتنى ساقلىشى، ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىغا تۈرۈتكە بولغان ئوبىيكتىپ سەۋەبلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كۆزىتىشىم ۋە پەرەز قىلىشىمچە ۋەتەندە دولقۇنلىغان تۈركىيە قىزغىنلىقىنى ناخشا-مۇزىكا قىزغىنلىقى، ساياھەت قىزغىنلىقى، كىنو قىزغىنلىقى، كىيىم-كېچەك قىزغىنلىقى، يىمەك – ئىچمەك قىزغىنلىقى، كۆچمەنلىك قىزغىنلىقى، تىل قىزغىنلىقى، ئوقۇش قىزغىنلىقى دېگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشىنىشكە بولىدىكەن. بۇ قىزغىنلىقلار 2009-يىلدىن كېيىن ئومۇمىيۈزلۈك كۆتۈرلىپتۇ.

تۈركىيە قىزغىنلىقىغا ئۆزۈمنى مىسال قىلىپ ئېيتسام، 2011- يىلى ئىيۇنلاردا ئامېرىكىدىن قايتىپ، دىيارىمىزدىكى تۈركىيە مەستانىلىقىدىن ھەيران قالدىم ۋە سۆيۈندۈم. چۈنكى شەخسەن مەنمۇ 2005-يىلى گېرمانىيەگە بېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ تۈركىيەنى تاللىغان مەستانە ئىدىم. ئەقلىم گېرمانلارنىڭ پەندىكى غەلىبەسىگە قايىل بولغان بىلەن دىلىم تۈرك مەدەنىيتىگە مايىل ئىدى. ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن، ئەمما ھېلىمۇ ئۇيغۇردىكى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق خەۋەر، ۋەقە ۋە كەيپىيات مېنىڭ قىلدام تومۇرلىرىمغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھېسسىياتىم تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى، خەلقئارادىكى ئورنى، ئۇيغۇرغا مەنپەئەتى، دۇنياغا تۆھپىسى، رەڭگارەڭ پارتىيەلەر، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ھۆكۈمەتلەر ۋە قىسىمەن سىياسىيۇنلارنىڭ سىياسەت، نەيرەڭ ھەم  تاكتىكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

مەنچە ئۇيغۇرغا تۈركىيە ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئەلدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ دىلى، تىلى ۋە مىجەزى ئۆز بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك. ئۇيغۇرغا ئىستانبۇل ئۈرۈمچىدەكلا يېقىملىق، كونيا قەشقەردەكلا سۆيۈملۈك، بۇرسا تۇرپاندەكلا تېتىملىق، ئىزمىر غۇلجىدەكلا جەلىپكار، ماراش كۇچادەكلا مەدەتكار، ئادانا خوتەندەكلا قەدىردان، ترابزون كورلىدەكلا مىھرىبان، قەيسەرى قومۇلدەكلا پاسىبان. مەنچە كۆپىنچە ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە قىزىقىشىدا ئاساسلىقى ئورتاق غەزەپلىنىپ بىرلىكتە شادلىنالايدىغان، ئوخشاش مەزمۇندىكى ھېكايە ۋە ئوخشاش كۈي – ئاھاڭلاردىن ھوزۇرلىنالايدىغان، ئوخشاش تەمدىكى يىمەك ۋە ئوخشاش رەڭدىكى كىيىمنى ياقتۇرىدىغان، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ياتلارغا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ئامىللار تۈرۈتكە بولماقتا. تۈركىيە سۆيگۈسىنىڭ سەۋەبى پەقەت بۇلا ئەمەس، بىزنىڭ ئورتاق ئەجداتتىن يارالغىنىمىز، ئوخشاش توپراققا تارالغىنىمىز، ئورتاق تارىخقا باغلانغىنىمز ھەقتۇر؛ ئورتاق مەدەنىيەتتە يايراپ، ئەينەن يوسۇنلارغا يۇغۇرۇلۇپ، بىر ئاللاھقا ئۇيىغىنىمىز بەرھەقتۇر.

ئىستانبۇلدىكى قەشقەر دەرگاھى

 

ئەييۇپ سۇلتان جامەسى جايلاشقان تۆپىلىكتە سۆيۈملۈك قەشقەر بىلەن باغلانغان بىر يەر بار. ئۇ ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ سۈرلۈك يېرى، چۈنكى ئۇ بىر ئۆلۈكلەر گۆرۈستانى؛ ئەڭ سېھىرلىك يەر، چۈنكى ئۇ ئاشىقلار گۈلىستانى؛ ئۇيغۇر ئۈچۈن تېخىمۇ قەدىرلىك بىر يەر، چۈنكى ئۇ يەر قەشقەر دەرگاھىدۇر. بۇندىن 250 يىللار بۇرۇن ئىستانبۇلدا خالىي ئىستىقامەت قىلىشنى تاللىغان شائىر ئابدۇللا قەشقەرى شۇ يەرنى ئىلىم تارقىتىش بىلەن ئاۋات قىلغان، ئەدەبىي سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرغان، مەسجىت ۋە خانىقا سالدۇرۇپ، نەقشىبەندى تەرىقىتىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ مەنەۋىي يېتەكچىسىگە ئايلانغان. قەشقەر دەرگاھىدا بۈگۈن نە قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇرت، نە ئىستانبۇللۇق تۈرك تالىپ يوق بولۇپ، مۇزىيدەك پىنھان. ئەمما ئاسىيانىڭ ئەڭ قۇرغاق مەنزىلىدىكى قەشقەر بىلەن ئىككى قىتئەنى لەۋلەشتۈرگەن دىيار ئىستانبۇلغا ئوخشاش ئاي يۇلتۇزلۇق قۇببە ۋە گۈمبەزلەر بىلەن تارتىملىق. بۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى ئاللاھنىڭ شەپقىتىگە ئىشەنگەچ پۈتۈن، ئېتىقادنىڭ قۇدرىتىنى چۈشەنگەچ ئۈمىتۋار.

نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى تۈركىيەدىكى تەرىقەتچىلەر بىلەن ياخشى – يامان كۈنلەرنى ھېلىمۇ بىللە كۆرمەكتە. گۈلەن جامائىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 25تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېيتىلماقتا. نۇرچىلار تەرىقىتى تۈركىيەدە ئەركىن پائالىيەتلەرگە مەشغۇل، ئەمما ۋەتەندە توزۇپ، قۇرۇپ كەتكىنى مەلۇم. تۈركىيەدىكى باشقا جامائەتلەردىمۇ ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلەر بار ئىكەن. تەرىقەت مىڭ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرغا تونۇش بىر ئۇقۇم. تىلىمىزدىكى «شەرىئەت ئىستىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىستىسەڭ ئاغرىتما جاننى» دېگەن ماقال ئۇيغۇرنىڭ تەرىقەت چۈشەنچەلىرىنى يىغىنچاقلايدۇ. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن ئۇيغۇرنى باغرىغا ئالىدىغان تۈرك جامائەتلىرىدىكى ياردەمسۆيەرلىك ۋە پىداكارلىق ھەقىقەتەن كىشىنىڭ قەلبىنى ئېرىتىدۇ. يىلدىن يىلغا كۈچىيىۋاتقان مۇساپىرەت بورانلىرىدا تىنەپ، تەمتىرەپ، ئېزىپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزغا بۇنداق كۆيۈم تېخىمۇ ئۆز ۋە قەدىناس تۇيۇلىدۇ. شۇڭىمىكىن، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا تۈركلەرنىڭ تەرىقەتچى جامائەتلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، ھەتتا ئىچەكىشىپ قالىدىغان ئىشلار كۆپ.

تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمدە تەرىقەتكە تەۋە ياتاق بىنالىرىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئورۇن ئۇقۇشۇپ، مۇساپىر ئىلىم تالىپلىرىغا ئىزچىل ياردەملىشىۋاتقان، ئون يىللاردىن بېرى تاشلاشماي كېلىۋاتقان بىر دوستۇم بىلەن تۈركىيەدىكى جامائەتلەر ھەققىدە مۇڭدىشىپ قالدۇق. ئۇ مەنزىل ئىسىملىك بىر جامائەتنىڭ مەخسۇس يولدىن چىققان، زەھەر چېكىدىغان، تاماكىغا خۇمار كىشىلەرنى ئىسلامغا يېتەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەردى. بۇ ئىخلاسمەن، راستچىل بۇرادېرىمگە بەكمۇ ئىشىنىدىغان بولغاچقا، تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا بىر يازمامدا بۇ گەپنى دەپ تاشلاپتىمەن. كېيىن ئايرىم بۇ مەسلىنى تىلغا ئېلىپ تۈزەتكەنمۇ بولدۇم، ئەمما يېقىندا خوتەندىن چىققان بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ مەن تىلغا ئالغان شۇ جامائەتنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى تۈزەتمەمنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دېمەك، مۇساپىرەتتە شۇلارمۇ بىر جامائەتكە قېتىلاي دەپ توغرىسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.

تەرىقەت جامائەتلىرى ھەققىدە يازما يازماقچى بولۇپ باشلىيالماي يۈرسەم، ياپۇنىيەدە جامائەتكە قېتىلغان بىر دوستىمىز ئائىلىسىنى ئېلىپ ساياھەتكە كەلدى. ياپۇنىيەدىكى جامەدە تونۇشقان تۈرك جامائىتى ئۇنى پىر ئۇستازى بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولۇپ دەۋەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەنقەرەگە يېقىن بىر جايغا ئورۇنلاشقان تەرىقەت پىرىنىڭ باشقۇرىشىدىكى باغ، خانىقا ۋە جامە شاھانە ئىكەن. ئۇندىن باشقا شىركەت، گازلىق (گاز قاچىلاش پونكىتى)، بېنزىنلىك (ماي قاچىلاش پونكىتى)، تاللا بازىرى، فىرما قاتارلىقلارمۇ پىرنىڭ ئىلكىدە ئىكەن. تۈرلۈك مۇرەككەپ رەسمىيەتلەردىن كېيىن، دوستىمىز پىرنىڭ ھاسىسىنى تۇتۇپ گۇناھىنى تىلەپتۇ. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغان تەسبىھ ئېيتىپتۇ. «قەلبىمدە پىرىمىز غەۋسىل ئەزەم بار» دەپ ئويلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلىپتۇ. ئاخىرى بۇنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىپ ئاللاھتىن بۇ خاتالىققا بىشارەت تىلەپ نىدا قىپتۇ. رەسمىيەتلەر تۈگەپ ئىشىككە كەلسە ئايىقى يوقمىش. دوستىمىز بۇنى بىشارەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى بىلىپ، باشقا مۇرتلىق مەرتىۋىلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ تىكىۋېتىپتۇ.

تۈركىيەدىكى تەرىقەت خوجىلىرى ئىچىدە مەھدىلىك داۋاسى بىلەن يېڭىلىشقان ئەدنان ئوكتار ئىسىملىك بىر پىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەسەرلىرىگە ھارۇن يەھيا ئىسمىنى قوللىنىدىغان بۇ كىشىنىڭ كىتاپلىرى بەكمۇ كۆپ، چېتىلىش دائىرىسى بەكمۇ كەڭ ئىدى. كىتاپلىرى ئىچىدە مېنىڭ ۋاراقلاپ باققانلىرىم ئاساسەن دارۋېنىزم ۋە ئاتىزمغا قارشى مەزمۇندا ئىدى. ئۇنىڭ كوممۇنىزم بىلەن فاشىزمنى دارۋېنىزىمدىن مەنبەلەنگەن دېگەن پىكرى ۋە بۇ ئىددىيەنى چۆرىدەپ يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىلىرى ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىدى. بىزگە ئائىت كىتابى بەلكىم ئەسلى تۈركچە بولۇشى مۇمكىن، مەن ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم. كىتاپتا ماۋزۇلار جەلىپكار، پىكىرلەر قاراتىملىق، تەشەببۇسلار ئاتەشلىك ئىدى. يېزىلىشىچە كوممۇنىزم ۋە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» زىيانكەشلىكىدە ئۇيغۇرلاردىن 35 مىليۇن كىشى ھاياتىدىن مەھرۇم قالغان ئىكەن. ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە زېرىكىپ ئاران تۇرغىنىم بىلىنىپ كەتكەنىدى. مەن خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۇنچە كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كىتاپلارنى شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا يېزىپ بولۇشىغا ئىشىنەلمىگەندەك، بۇ قەدەر كۆپ يالغاننى بىر ئادەمنىڭ قاندان توقۇپ چىقالايدىغانلىقىغىمۇ ھەيران ئىدىم. ئىچىنارلىقى بۇ زات توقۇغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھېلىقى ئۆسەك، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ھېلىمۇ چاچراپ يۈرمەكتە. يېزىقچىلىقتىن تارتىپ ھەر بىر قىلغان ئەتكەنلىرىدە نورماللىق ئاز ئۇچرايدىغان بۇ خوجا، ھازىر بىر توپ غەلىتە چولپانلارنى مۇرت قىلىۋاپتۇ.

تۈركىيەدىكى تەرىقەتلەردىن كۈچلىنىپ گۈلەن جامائىتىدەك ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزىغا چىققانلىرىمۇ بار. مەسىلەن: سۇلايمانچىلار، مەھمۇدچىلار، نۇرچىلار قاتارلىق. ئۇلارنىڭ كۈچى ھەقىقەتەنمۇ زور بولۇپ، بەزىلىرىنى رادىئو، تېلۋىزىيە، نەشرىيات، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق تەسىسلىرى بولغان بىر ئېمپىرىيەگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆزىتىشىمچە جامائەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئىبادەت، ساخاۋەت، تىجارەت ۋە سىياسەت پاسلىشىپ كىرىشىپ كەتكەن بولىدىكەن. جامائەتلەرنىڭ چوڭراقلىرى ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسەتكىدەك بىر قۇدرەتكە نائىل بولۇشنى تىلىغا يېقىن يولاتمىغان بىلەن، دىلىغا پۈككەن بولىدىكەن.

بوۋىلىرىمىز ئىستانبۇلدا تارقىتىپ كەلگەن نەقشىبەندىچىلىك تەرىقىتىگە مەنسۇپ قەشقەر دەرگاھى 1925-يىلى تاقىلىپ كەتكەن ئىكەن. سەۋەبى شۇ يىللاردا ھاكىمىيەت تەرىقەتنى چەكلەپ قويۇپتۇ. بۈگۈنگە مىراس بولۇپ قالغىنى دەرگاھنىڭ ساغلام تۇرىقى، مەسچىتنىڭ مەزمۇت ھالىتى ۋە ئابدۇللا قەشقەرىنىڭ شېئىرلىرى. قەشقەر دەرگاھىغا ئەمدى كېلىدىغان ئادەم، زىيارەت قىلىدىغان تالىپ، تاۋاپ قىلىدىغان مۇرت يوق. بۇندىن بەش يۈز يىللار بۇرۇن ئىراندىن دىيارىمىزغا ۋە ئىستانبۇلغا يېيىلغان نەقشىبەندىچىلىك تەرىقىتى تارىختىكى سۈلكىتىدىن مەھرۇم. تارىختىكى تەرىقەتچى بوۋىلاردىن قالغان قەشقەر دەرگاھى پىنھان بولغان بىلەن، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايۇنىدىكى مەسچىتى ئاۋات، ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرى قىزىماقتا. بوۋىلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى تەرىقەت تارقاتقان ئىزلىرىدا بۈگۈنكى ئەۋلات ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقاتماقتا.

«قۇتادغۇبىلىك»تە ئەقلىيەتچى ئۆگدۈلمىش بىلەن تەرىقەتچى ئۇدغۇرمىشنىڭ مۇنازىرىسى ئەڭ تەپسىلى بايان قىلىنغان. ئۆگدۈلىش باشتىن ئاياققىچە دىننى ھايات دەستۇردى، رېئاللىق رىتسىپى دەپ قاراپ پەقەت ئاخىرەت ئۈچۈن، شەخسىيەت ئۈچۈن ئىبادەتكە مەشغۇللۇقنى قوللىمىغان. ئۆگدۈلمىش ئۇدغۇرمىشقا ئەلنىڭ خىزمىتىگە، قەۋمنىڭ كىرزىسىغا، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىغا باش قاتۇرۇشنىڭمۇ قۇرئان ئۆگەتكەن ئىبادەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇنى ھاياتقا، زىددىيەتكە، كۈلپەتكە شاھىت بولۇشقا ئۈندەپ، تاغقا كېتىپ زاھىت بولۇشتىن توسقان. ۋەتەندىن ئۇزاپ زاھىت بولغان ئابدۇللا قەشقەرى بىلەن ۋەتەنگە ئۇچۇپ شېھىت بولغان مەمتىلى ئەپەندىنى سېلىشتۇرساق تەرىقەتچىلىك- زاھىتلىق يولى بىلەن ئەقلىيەتچىلىك- شاھىتلىق يولىنىڭ ئۇيغۇرغا نېمىلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن.

قوغلانغان ئۇيغۇر كومېنىست

 

2005-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ تۈركىيەگە كەلگنىمدە بىر ئۇيغۇر كومېنىستنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم. بۇ ئىش ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن دېيىلگەن ئىدى. ئېيتىلىشىچە ياتاق بىناسىغا مەسئۇل تۈرك كىشى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە ياتاقتىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن. بىر قانچە يەردە ۋە بىر قانچە كىشىدىن بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئىشەنمىدىم. سۈرۈشتە قىلسام بۇ ئىش ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى قىزىلئاي مەيدانىغا يېقىن بىر يەردە يۈز بېرىپتۇ. سورىغان باغداتنى تېپىپتۇ دېگەندەك ئاخىرى شۇ كىشى قوغلانغان ياتاق بىناسىنىمۇ تاپتىم.

ياتاقتىن قوغلانغان كومېنىست باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ پولات ئىكەن. ئۇ 1997-يىلى ئەللىك ياشتىن ئاشقاندا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى قۇتۇلۇش باغچىسىغا يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان ياتاق بىناسىدا يېتىپ ئوقۇشىنى داۋام قىلغان. شۇ ئارىدا ئۆزىنى دىندار ۋە مىللەتچى كۆرسەتكەن بىر كىشنىڭ شىكايەت قىلىشى بىلەن ياتاقتىن قوغلانغان ئىكەن. ياتاق باشقۇرغۇچى شۇ چاغلارنى ئەسلەپ: «مەن ھاياتىمدا سېنىڭ ئۇستازىڭدەك تىرىشچان بىر ئادەمنى كۆرۈپ باقمىدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەيداندا يۈگۈرەيتتى. ياقىسىغا كىر قوندورمايتتى. ساقىلى ئۆسۈپ قالغان، كىيىملىرى پۇرلىشىپ قالغان بىر كۈنىمۇ يوق ئىدى. ئۇ بۇ يەردە تۇرغان چاغلىرىدا سېتىۋېلىپ ئوقۇغان كىتاپلىرىنى يىغسا بىر كىچىكرەك قىرائەتخانا بولىدۇ. سېنىڭ ئۇ ئۇستازىڭ بىلەن ياتاقداش بولغان بالىلار كېيىنچە باشقىلار قايىل بولغىدەك نەتىجە قازىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزدى. ئۇئۇستاز ھەقىقەتەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولغان ئىدى. بىزدىن سالام ئېيتقىن. ئارىمىزدا بولغان كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتسۇن…»، دېگەنلەرنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ياتاق بىناسىدىن شۇئەيىپ ئاكا ئېيىتقان يۇقىرىقى سۆزلەرنى خىيال قىلىپ، ئۇستاز مىڭلاپ قېتىم ماڭغان كوچىلارنى ئايلاندىم. «ئۇستازىڭ ئۇنتۇپ كەتسۇن» دېگەن كۆڭۈلسىز ئىشلار خىياللىرىمنى قوچۇپ بىئارام قىلاتتى. شۇئەيىپ ئاكا ئېيىتقاندەك ئۇستاز ياتاقتىن قوغلىنىپ ئېغىر چامادانىنى سۆرەپ، كىتاپلىرىنى قولتۇقلاپ مۇشۇ تار كوچىلاردىن ئۆتۈپ قۇتۇلۇش باغچىسىغا كەتكەن. مۇشۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر ئارام ئالىدىغان، چېنىقىدىغان بۇ باغچا ھېلىمۇ ئازادە ئىدى. بەلكىم ئۇستاز مانا مۇشۇ بوش ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇرغاندۇ. يىگەن چىرايىغا چىقمايدىغان، كىيگەن دىلنى خوش قىلمايدىغان مۇساپىرچىلىق، ئاران كۈندىلىك ئىھتىياجغا يېتىدىغان كىرىم بىلەن ياشاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ پالاكەتكە تاقابىل تۇرۇشى ئاسان ئەمەس ئىدى.ئۇستازغا خىتايدا بىر ئادەمنىڭ كومېنىست بولماي ئالىي مەكتەپتە ئىشلىيەلمەيدىغانلىقى، كومېنىست بولماي مىللەتكە خىزمەت قىلغىدەك سالاھىيەت ۋە ئورۇنغا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرەيلەننىڭ بۇنى بىلمەيدىغان تۈرككە چاققىنى ئېغىر كەلگەن، ئەلۋەتتە.

شۇئەيىپ ئاكانىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قوغلاشنى پۈتكۈزۈپ يېشى ئەللىكتىن ئاشقان بىر ئادەمنى تۇيۇقسىز ھەيدەشنى نامۇۋاپىقتەك ھېس قىلغان، ئاندىن باشقا بالىلاردىن ئۇستازنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. ھالبۇكى، ھېچكىم ئۇستازنىڭ تۈركىيەدىكى كومېنىستلاردەك خۇدانى ئىنكار قىلىدىغان، دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان بىرەر سۆز ۋە ھەرىكەتنى قىلغىنىغا شاھىت بولمىغان. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىلاھىيەت كەسپىدە ئوقۇيدىغان بالىلارغا ئەرەپچە ئۆگەتكەنلىكىگە، بىرمۇ كىشىنىڭ دىلىنى رەنجىتمىگىنىگە، بىر يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئوغلىدەك بالىلارنىڭ قىلغان بارلىق شوخلۇقلىرىنى قاقشىماي كۆتۈرۈپ كەتكىنىگە شاھىت بولغان.

سۈرۈشتە قىلىشلاردىن كېيىن شۇئەيىپ ئاكا تەرەپ تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇستازنى ئىزدەتكەن بولسىمۇ تاپالمىغان. شۇئەيىپ ئاكا ئۇستاز دائىم بارىدىغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسېتىتى كۈتۈپخانىسىغا بېرىپمۇ خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئۇ پىيادە قايتاشىدا ئۇستازنى قۇتۇلۇش باغچىسىدىكى بىر ئورۇندۇقتا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە تاپقان.

شۇئەيىپ ئاكا ئاز ئۇچرايدىغان، ئۆزىگە تەۋبىنى ھەمراھ قىلغان ئېسىل كىشى ئىكەن. ئۇ تۈركىيەدىكى كومېنىستلىق بىلەن خىتايدىكى كومېنىستلىقنىڭ پەرقىنى چۈشەنمىگەچ خاتا قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى. ئۇنىڭ: «بۇ ئىش ماڭا دەرس بولدى. سىلەردە كومېنىست دېگەن گەپ بىزدىكى مەمۇر دېگەن بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بىزدە كومېنىست دىنغا قارشى، مىللەتنى ئىنكار قىلىدىغان، ۋەتەننى رەت قىلىدىغان كىشىلەر. بۇرۇن بىزدىكى كومېنىستلار تۈركىيەدە ياشاشنى ئەمەس،كۆمۈلۈشنىمۇ رەت قىلىپ سوۋېتلەرگە قاچقان. ئۇلار مۇسۇلمانچە توي ۋە دەپنە ئادەتلىرىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار تۈركىيەدە ئۆلگەن تەقدىردىمۇ يا جەسەتلىرىنى ھويلىسىغا قويۇۋالىدۇ، يا ئۆز مەسلەكداشلىرىنىڭ كۆمۈشىنى ۋەسىيەت قىلىدۇ. ئۇلارچە دۇنيادا ۋەتەن دېگەن نەرسە يوق، تۈرك يوق، ئۇيغۇر يوق، گېرمان يوق، پەقەت ئەزگۈچى بىلەن ئېزىلگۈچى دەپ ئىككى خىل توپلۇم ۋە ئىككى سىنىپ بار. ئۇلارچە دۇنيادا كومېنىزىملىق بىرلا دۆلەت، بىرلا بايراق بولۇشى كېرەك. كومېنىزىم جەمئىيىتى دەپ بىرلا جەمئىيەت بولۇشى كېرەك. كومېنىزىم بولمىغان جەمئىيەت ئەزگۈچىلەرنىڭ قالاق، ئىنسان قۇل بولىدىغان، شەخسىيەتچىلىك، مىللەتچىلىك، دۆلەتچىلىك پىكىرلىرى ھۆكۈمران بولغان ئەكسىيەتچى جەمئىيەت بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى ئازات قىلىپ بىرلا كومېنىستىك دۆلەت قۇرۇپ، كومېنىستىك بايراققاتوپلىنىپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەنلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

شۇ ۋەقەدىن كېيىن چېقىمچىلىق ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان ئىدىم. كېيىن ئامېرىكىدا ئوقۇش پۇرستىم بولدى. ئۇ يەردە بۇنداق ۋەقەگە شاھىت بولۇش تۈگۈل ئاڭلاپمۇ باقمىدىم. ئۇ يەردە ئىنسان ئىنسانغا جىسمانى زۇلۇم، مەنىۋىي تەھدىت ۋە پىسخىك بېسىم پەيدا قىلمىسىلا جازاغا لايىق كۆرۈلمەيدىكەن. چېقىمچىلىقمۇ خېرىدارى بار يەردە بازارغا چىقسا كېرەك.

ئەنقەرەدە مەنمۇ قۇتۇلۇش باغچىسىدا كىتاپ ئوقۇغانغا ئامراق ئىدىم. ئىچىم پۇشقان، ئىشلار يۈرۈشمەي تېرىككەن، ئىچىمىزدىكى بىسەرەمجانلىق، سىياسەتۋازلىق ۋە سۈركىلىشلەرگە قاراپ سىقىلغان، كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەپ بولىدىغان خەۋەر ۋە ۋەقەلەردىن زېرىككەن چاغلىرىمدا خىلۋەتتە بىر ئورۇندۇقنى تېپىپ كىتاپ ئوقۇيتىم. جاھان غەۋغالىرىدىن خالى شۇ يەرگە بېرىپ، ئۇستازنى تۆھمەتتىن قۇتقۇزغان ئىشقا مەشغۇل بولۇش ماڭا تەسەللى بولاتتى. بەزىدە باغچىدىكى مەيداندا ھارغىدەك يۈگۈرۈپ تەرىمنى قۇرۇتقاچ ئاچچىق بىر بارداق ( ئىستاكان ) تۈرك چېيى بۇيرۇتۇپ قويۇپ، كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇش ماڭا ھەممە غەشلىكلەرنى ئۇنتۇلدۇراتتى.

 

 

قۇتۇپلۇق رېئاللىق ۋە قۇتۇپلۇق تەپەككۇر

 

ۋايساپ، قاقشاپ، ئاچچىقلاپ يۈرۈپ كۆز ئالدىمىزدىكى تۇيۇقسىز بولغان ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇق. دىيارىمىزدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىنساني مۇھىتمۇ تۈپتىن ئۆزگەردى. بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزىمىزدىكى ۋە بالىلىرىمىزدىكى ئىپادىسىنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك ئەلۋەتتە. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بالىلاردا ئورتاق ئىپادىسى ئىككى قۇتۇپلىشىش. جەمئىيەتتە كىملىكتىن مەنبەلەنگەن جىددىيلىك ۋە بۇ جىددىيىلىككە قارشى ئېلىنىۋاتقان شىددەتلىك تەدبىر كىملىكلەرنى تېخىمۇ رۇشەنلەشتۈرمەكتە. مەھەللىلىرىمىزدە بالىلارنىڭ خەنسۇچە كالدىرلىشىپ ئويناشلىرى قۇلاقلارنى كۆندۈردى. يات تىلنىڭ خىجىلچىلىقىنى، جاپاسىنى تارتقان بەزىلىرىمىز بالىلىرىمىزنىڭ راۋان چىققان خەنسۇچە تىلىدىن سۆيۈنگەنمۇ بولدۇق. ھەتتا بەزىلىرىمىز شۇلاردىن ئۆگەندۇق تەلەپپۇزلۇق سۆزلەشنى. ئۆزگەرگىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلىلا بولمىدى، ئۆيىمىزدىكى تېلۋىزور قاناللىرى، كىتاب ئىشكاپلىرى، كىيىم ئىشكاپلىرى،  ھەتتا بالىلىرىمىزنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشلىرىغىچە خەنسۇچىغا ئالماشتى. بىزگە ئىنتايىن تايىنى يوق كۆرۈنىدىغان تېلۋېزورر پروگرامملىرىغا بالىلىرىمىز سائەتلەرچە مەستخۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى. مۇقاۋىسىدىن جىن – شاياتۇنلار ھەققىدىكى قۇرۇق گەپلەردەك تۇيۇلىدىغان كىتابلارنى بالىلىرىمىز يوتقانلىرىغا يوشۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئىچكىرىدىكى ناخشا چولپانلىرىنىڭ كىيىنىشى، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئارزۇ – تەلەپلىرى بالىلىرىمىزنىڭ دوراش ئوبىكتىغا ئايلاندى. بۇ ئىشلار جۇغلاشقانچە بالىلار بىلەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن «ھازىرقى بالىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ھەممە قىلىقى غەلىتە، بارغانچە خەقكە ئوخشاپ بىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتىدۇ»، دەپ يەكۈن چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىزنى خەق ئەمەس، ئەكسىچە بىز قىلىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە ئويلاندۇق.

ئېسىمىزگە ئالدى بىلەن دىن، ئاندىن توي ۋە ئۆلۈم كەلدى. بالىلار بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇلارنىڭ قانداق ئەقىدىگە ئوخشىدىغانلىقى، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ۋە جامائەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ كىملەر بىلەن بولىدىغانلىقى دىققەت تارتتى. نەتىجىدە بەزىلىرىمىز بالىلىرىمىزنىڭ قارشى تۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۇيغۇرچە قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەرگە يۆتكىدۇق، بەزىلىرىمىز ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە ئوينىسىمۇ ھېساپ دەپ، ئۇيغۇرلار ئاچقان كۇرۇسلارغا يولغا سالدۇق، بەزىلىرىمىز مىسىر، ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە ئەۋەتتۇق، يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ قارىلارغا تۇتۇپ بەرگىمىز كەلدى.  ھەتتا بۇ سەۋەپتىن كۈدە – كۆپىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ چېگرا ئاتلىغانلارمۇ كۆپ بولدى. ئېغىزدىن چىقىرالمىغان بىر ئەنسىرەش بار ئىچىمىزدە، ئۇ بولسىمۇ «مەن خەقتەك بولۇپ قالماي، بالام خەقكە ئوخشىمىسۇن».

ئۇنداقتا بىز كىم؟ كىملىكىمىز ئېنىق، بىلمەيدىغانلار بولسا ئاتسۇن ئۆزىنى چاڭجىياڭغا، نىلغا، فراتقا. يورۇڭقاشقا ئوخشىمايدىغان چاڭجىياڭ، تارىمغا قوشۇلمايدىغان نىل، تەكلىماكانغا قۇيۇلمايدىغان فرات دەريالىرى سۆزلەپ بېرىدۇ بىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى. ئۇيغۇرلۇقىمىزغا سىرىتتىن باققىنىمىزدا زامان ئامىلى ۋە يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەر بىر قىسىملىرىمىزنى تەپەككۇردا شۇنداق بىر تەلەيگە ۋە تەلەيسىزلىككە گىرىپتار قىلىپتۇ. تەلەيگە دېگىنىم، تەپەككۇرىمىزدىكى بىز-خەق چېگرىسىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى ئاسمىلاتسىيەدىن ساقلايدىغان پاسىلغا ئېرىشىپتۇق. تەلەيسىزلىك دېگىنىم، مەسىلىلەرنى دائىم ئىككى قارشى قۇتۇپقا ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىدىكەنمىز. ئويلىرىمىز كۆپىنچە مۇتلەق چىقىشالمايدىغان ئىككى قۇتۇپنى چۆرگىلەيدىكەن. كاللىمىزدا ھەممە يېڭى نەرسە ياكى ھادىسىگە «قوبۇل ياكى رەت»تىن ئىبارەت ئىككىلا جاۋاپ ئورناپ ئويلىنىش، مەسلىھەت، مۇزاكىرىگە ئورۇن قالمايدىكەن، . .. جاھاندىكى ئىشلارغىمۇ «بىز ياكى خەق» نوقتىسىدىن باھا بېرىكەنمىز، دېمەك قەلبىمىزگە بىر دوست-دۈشمەن لاگىرى ھۆكۈمرانكەن . بىر ۋەقە چىقسا ئېسىمىزگە «ئۇيغۇرمۇ-خەنسۇمۇ» دېگەن سۇئال كېلىدىكەن. بۇندىن باشقا بىر يەردە ئۇرۇش بولسا ئۆلگىنى مۇسۇلمانلارمۇ – كۇپپارلارمۇ دەپ سورۇلىدىكەن. يېقىندا بۇ تېخمۇ كېڭىيىپ «سۈننەتمۇ–بىدئەتمۇ؟»، «ھىجرەتمۇ–ئەمەسمۇ؟»، «سۇننىيمۇ–شىئەمۇ؟» دېگەندەكلەرمۇ پەيدا بولدى. بۇنداق مۇنازىرىلەر بىر قىسىم ئەسلىدىنلا تەپەككۇرسىز تۇرسا بەكرەك ساۋاپقا يېقىن بولىدىغان كىشىلىرىمىزگە گۇناھقا پېتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ.

بەزىلىرىمىزنىڭ مېڭىسى مۇشۇنداق قارىمۇ قارشى قۇتۇپلار بىلەن شۇ قەدەر تەلۋىلەشتىكى، ھېچ بىر لوگىكىغا چۈشمەيدىغان «بىز ئۇيغۇرمۇ –مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن مۇنازىرە قوزغالدى. ئىنتايىن ئاز ساندىكى مەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇر دېگەنلەرمۇ بولدىيۇ ھارامغا ئاغىز سۈرمىدى، مەن ئۇيغۇر ئەمەس مۇسۇلمان دېگۈچىلەرمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىپ ھارغاندا ئۇيغۇر ئانىسى ئەتكەن ئۇيغۇر لەغمىنىنى يەپ ئارام تاپتى. ۋاقتى كەلگەندە شۇنى دېيىش كېرەك. تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئومۇمى ئىسىم بولغان مۇسۇلمان دېگەن سۆز بىلەن خاس ئىسىم بولغان ئۇيغۇر سۆزىنى قارىمۇ قارشى قويۇپ مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئادەم ئومۇمى ئىسىم، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەر، ئايال، بالا…دېگەنلەر خاس ئىسىملار ئىپادىلىگەن مەنىلەرنى قاپسايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشمۇسۇلمان ئومۇمى ئىسىم ئۇيغۇر، ئەرەپ، پارىس دېگەنلەر خاس ئىسىم. خۇددى بىر ئادەمدىن سەن ئەرمۇ ياكى ئادەممۇ؟ دەپ سوراش قانچىلىك ماڭقۇرتلۇق بولسا، بىر ئۇيغۇردىن سەن ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ؟ دەپ سوراش شۇنداق ئاڭقاۋلىقتۇر. ئەمدى ئارىمىزدىن بۇنى تەكرارلاريدىغانلار چىقماس، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئېيتقاندەك مۇسۇلمان بىر قېتىم تىقىلغان تۆشۈككە قايتا پۇتىنى تىقمايدۇ، يەنى بىر قېتىم ئالدانغان ئىشتا قايتا ئالدانمايدۇ.

كىشىلەر كىملىكلەر بويىچە ئېنىق قۇتۇپلارغا ئايرىلغان جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان، ھەممە نەرسىگە ئىككى قۇتۇپلۇق نەزەردىن قارايدىغان ئائىلىلەردە يېتىشىۋاتقان بالىلىرىمىزمۇ قۇتۇپلۇق تەپەككۇر قىلىدىغان بۇ تەلەي ۋە تەلەيسىزلىككە گىرىپتار. دېمەك، بىز قۇتۇپلاشقان جەمئىيەتتىن يۇقتۇرىۋالغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدىن بالىلارمۇ نىسىۋىسىنى ئالدى. ئۇلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يېنىمىزدىكى چاغدا ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ، يېىنىمىزدىن ئايرىلغاندا، بولۇپمۇ ئىچكىرىگە بارغانلاردا ئۇلارنىڭ كىملىكىگە بولغان ئىھتىياجى ۋە كىملىكىنى ئىپادىلەش ئارزۇسى ئەڭ گەۋدىلىنىدۇ. ھازىرقى بالىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى خەنسۇچە ياكى ئۇيغۇرچە دەرسلىكمۇ قوشۇپ ئۆتۈلىدىغان خەنسۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئەمما ئۆتۈلىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسنىڭ سالمىقى تۆۋەن. ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات ئۆتۈلسىمۇ تەرجىمە قىلىنغىنى كۆپ، تارىخمىزغا تۇتىشىدىغان كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسمى، رىياللىقىمىزنى تەھلىل قىلىدىغان ئۇيغۇرغا خاس قىسمى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مائارىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇيغۇرلۇق بوشلۇقىنى تولدۇرالمايدۇ، كىملىكىنى تولۇق مەزمۇنلاندۇرالمايدۇ . ئۇلار ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىپ، قەلبىدە مۇجەسسەملەپ بولالمىغاچقا ئىچكىرىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كىملىكى يات موھىتتا دائىم سورىلىدۇ، ئەسكەرتىلىدۇ. ئۇلاردا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچە تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئەقىسىگە بولغان چۈشەنچە، ئۆز تارىخىغا بولغان ئىپتىخار، ئەدەبىياتىغا بولغان مۇھەببەت، مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچ شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كىملىك كىرزىسىغا پاتىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يادىروسى ۋە خەلقئارالىق ئېلېمېنتى بولغان ئىسلام ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى تاللىشىغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلۇق داۋاسىدىن ۋاز كېچىپ خەلقئارالىق مۇسۇلمانغا ئايلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، ئىسلام ھەر خىل كۈچ، ئېقىم ۋە گورۇھلار تەرىپىدىن ھەر خىل ئىزاھلىنىدۇ. ئۈمىدسىزلىك، ئىشسىزلىق، جىددىيلىك، تەشۋىش قاپلىغان موھىتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن قانچە قاتتىق، قانچە ئاشقۇن چۈشەندۈرىۋاتقان ئىسلام شۇنچە توغرىدەك، دىندىكى بىردىنبىر يولدەك بىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى ئەللەرگە ئاتلىنىدۇ. ئافغانىستانغا كەلگەن ۋە سۈرىيەگە كېلىۋاتقانلار ئىچىدە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى مۇشۇ سەۋەپتىن. خەنسۇچە ئوقۇغانلار ئىچىدە خىرىستىيانلىقىنى تاللىغانلارنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلاردىن كۆپرەك بولۇشىمۇ يۇقىرىقى كىملىك كىرزىسى ۋە ئىھتىياجىدىن بولغان. ئۇيغۇر بولاي دېسە قەلبىدە ئۇيغۇرلۇق ئامىللىرى يېتەرلىك ئەمەس. خەنسۇ بولاي دېسە بولالمايدۇ ۋە بولغۇسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلۇق-خەنسۇلۇق قۇتۇبىغا تەۋە بولمىغان ئۈچىنجى قۇتۇپ خىرىستىيانلىقنى تاللايدۇ.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمىشە ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇردا ياشىماسلىقىنى، بۇنداق خاراپلىق پاتقىقىغا يەنە پاتقۇزۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەردوغاننىڭ بىر قېتىم «مەن شىئەمۇ ئەمەس، سۇننىيمۇ ئەمەس، پەقەتلا مۇسۇلمان» دېگىنى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق تەپەككۇرنىڭ دامىغا چۈشمىگەن ساغلام ئىددىيىسىنى ئەكىس ئەتكۈزدى. ئىنساننى دائىم ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلاش فاشىستلىق، زالىملىقتۇر. چۈنكى بىزنىڭ ئۇمۇ بولماي، بۇمۇ بولماي ئۈچىنچى بىرى بولۇش ئەركىنلىكىمىزمۇ بولۇشى كېرەك. ھەمدە بىزنىڭ ئۇمۇ ۋە بۇمۇ بولۇشتىن ئىبارەت ئىككىسىنى تەڭلا تاللاش ھوقۇقىمىزمۇ كاپالەتلىك بولۇشى كېرەك. بىزمۇ ئاڭلىق ھالدا «سەن سوپى مەن ۋاھابى، سەن ھىجرەتچى مەن سۈكۈناتچى، سەن سۈننەتچى مەن بىدئەتچى، سەن تاغچى مەن باغچى، سەن زىيالى مەن موللا» دېگەندەك سۈنئىي قارشىلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملاردىن قۇتۇلۇپ، «مەن ھەم ۋاھابى ھەم سوپى دېيەلىشىمىز ياكى مەن ھېچ قايسىسى ئەمەس، پەقەت ئەلھەمدۇلىللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمان» دېيەلىشىمىز كېرەك. مەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئىككى قۇتۇپلۇق رېئاللىق ۋە شۇ سەۋەپتىن شەكىللەنگەن بۇخىل كېسەل تەپەككۇردىن ئازاپلىنىمەن. بۇ مىللەتنى ئۇيغۇر ياكى پۇستانى بولۇشنى تاللاشقا زورلىغانلار ئاڭقاۋ نائەھلىلەردۇر.

 

2016-يىلى قۇتادغۇبىلىك ئۈندىدار سالۇنىدا ۋە باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان.

 

 

«قۇرئان»دا ۋە ئۇيغۇرچىدا پەرقلىق ئۇقۇملار

 

ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا قوللۇنىلىۋاتقان تىل مەخسۇسلاشقان ئۇقۇملاردىن خالىي تىل بولۇپ، بىرەر سۆزنىڭ ئورنىغا يەنە بىر سۆزنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى ئالاقىدىكى چۈشىنىشمەسلىككە ۋە زىددىيەتكە سەۋەب بولمايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ سۆھبىتىمىز ئادەتتىكى تۇرمۇش پاراڭلىرىدىن ھالقىپ دۆلەت، مىللەت، ھاكىمىيەت قاتارلىق مەخسۇس ساھەلەرگە چېتىلغان چاغدا چۈشىنىشمەسلىك دائىم يۈز بېرىپلا تۇرىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدە تەتقىقات ۋە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان چېغىمدا دوستلار ۋە تونۇشلارغا بەزىدە تۈركىيە ھەققىدىكى سەلبىي باھالىرىمنى ئىپادىلەپ تۇراتتىم. بىر كۈنى شۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە بىر زىيالى كىشى ماڭا مۇنداق تەنبىھ بەردى. «سۆزۈڭگە قارىسام تۈركىيە ئۇنداق، تۈركىيە بۇنداق دېدىڭ. سۆزۈڭنى خاتا چۈشەنمىگەن بولسام سەن نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىۋېتىپسەن. نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت ھەققىدە قانداق تەنقىدىڭ، باھالىرىڭ بولسا دېسەڭ بولىدۇ. ئەمما نەچچە يۈز مىڭ شېھىدنىڭ قانلىرى بەدىلىگە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسىدىن دەس تۇرۇپ مۇستەقىللىقىگە قوۋۇشقان تۈركىيەنى، تۈرك دۆلىتىنى تەنقىد قىلىشىڭغا بولمايدۇ» دېدى.

«ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئايرىم ئۇقۇم» دېگەن گەپ دەسلەپ ماڭا سەل مۈجىمەل بىلىندى. ئايرىم قالغاندا ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دېگىنى توغرا ئىكەن. مەن ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئايرىلمايدىغان، دۆلەتنىڭ مۈلكى ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكى ھېساپلىنىدىغان، دۆلەتنى بىر ھۆكۈمەت ئالمىشىپمۇ باقماي سورايدىغان ئەلدە تەربىيىلىنىپ، ياشاپ كەلگەن بولغاچقا دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى بىر دەپ تونۇيدىكەنمەن. تۈركىيەدە قايسى پارتىيە سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا يېڭىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغان بولغاچقا، كىشىلەر دۆلەت دېگەن ئۇقۇم بىلەن ھۆكۈمەت دېگەن ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدىكەن. دۆلەت ئالماشمايدىغان، بىرەر پارتىيىگە تەۋە بولمايدىغان، بىرەر مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ ئۇندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغان گەۋدە ئىكەن. تۈركىيەدە كىشىلەر ۋەتەننى سۆيىدىكەن، ۋەتەنگە سادىق بولىدىكەن، ئەمما پارتىيەنى ھىمايە قىلغانلىقنى ۋەتەننى ھىمايە قىلغانلىق دەپ چۈشەنمەيدىكەن. شۇ قېتىمقى ئۇقۇمنى خاتا قوللۇنۇپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغانلىقىم ماڭا ياخشى بىر دەرس بولدى. مەن شۇندىن كېيىن باشقىلار بىلەن سۆھبەتتە بولسام شۇ كىشىلەر قوللۇنىۋاتقان ئۇقۇمنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇقۇملارنى قانداق مەنىدە، قايسى مەقسەتتە قوللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

ئىنتېرنىت ئۇيغۇر ھاياتىغا كىرگەندىن كېيىن كىشىلىرىمىز پىكىر، ھېسسىيات ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشتا ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. قەشقەرنىڭ چەت تاغلىق يېزىسىدىكى ئۇيغۇر بىلەن بوستۇننىڭ ئاۋات كوچىسىدىكى ئۇيغۇر ئازادە پاراڭلىشالايدىغان بولدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەبىئەت، جەمئىيەت، ھاكىمىيەت ۋە ئىلاھىيەت ھەققىدە چۈشەنچە، قاراش ۋە باھالارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان كىشىلەر مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئويلىغانلىرىنى ئاۋامغا يەتكۈزەلەيدىغان بولدى. يازىدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىسىمۇ ئادەتتە يازمايدىغان كىشىلەر ئۆز قاراشلىرىنى يازىدىغانلارنىڭ ئەسەرلىرىگە يانداپ بايان قىلىش، يازىدىغانلارنىڭكىنى تۈزىتىش ۋە تېخىمۇ بېيىتىش مەقسىدىگە يەتتى. ئىنتتېرنىتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇر جەمئيىتىدىكى يازمايدىغان بىلىملىك ئوقۇرمەنلەرنى سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزدى. تەپەككۇرغا باي كىشىلەرگە بىر بىرىنى، ۋەزىيەتنى، دۆلەتنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى يارتىپ بەردى.

تور مۇھىتىنىڭ ئۇيغۇرغا سۇنغان ئەۋزەللىكلىرىنى سۆزلىگەندە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇكى، توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان شارائىتى، تەربىيەلەنگەن مۇھىتى، كىشىلىك كەچۈرمىشى جەھەتتە رىئاللىقتا ياشاۋاتقان ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرلاردىن زور مۇرەككەپلىككە ئىگە بولغاچقا، بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىلمىي ئاتالغۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە ۋە يېشىشكە مۇھتاج مەسىلىلەر بولغاچقا، چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا قىيىنچىلىق، سىقىنچىلىق ۋە زىددىيەتلەر تۇغۇلدى. مەسىلەن: تەسەۋۋۇپ ھەققىدە گەپ ئېچىلسا ۋەتەندىكى ئۆلىمالار بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار قاتتىق تىركىشىپ قالىدۇ. تۈركىيەدە تەسەۋۋۇپ (سوپىزىم) ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىدەك سەلبىلەشتۈرۈلگەن، لەنەتلەنگەن ۋە قارىلانغان ئەمەس. شۇڭا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە تەڭپۇڭ، ئىلمىي ۋە ئادىل چۈشەنچىگە ئىگە. ئەمما بىزدىكى سوپىزىم چۈشەنچىسى ماركىسنىڭ «دىن ئەپىيۇندۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ قامچىسى ئاستىدا تىتىلىپ، بۇزۇلۇپ يۈز – كۆزىنى پەرق قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنى قايتا تونۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. تەسەۋۋۇپقا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىنتايىن ئىلمىي چۈشىنىشكە بولىدىغان ئۇقۇملار ھەققىدىكى پەرقلىق چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيە بىزنى پاراڭلىشالماس قىلىپ قويىۋاتىدۇ.

مەن «ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدىكى ئويلار» دېگەن يازمامدا ئۇيغۇرلاردىكى ئۆلۈم مۇراسىمىنىڭ ئىسمى بولغان ئۈچ نەزىر، يەتتە نەزىر، قىرىق نەزىر ۋە يىل نەزىر قاتارلىقلارنىڭ «قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنغان نەزىر ئۇقۇمى بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم. شۇ نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى، بىر مىللەتتە مەۋجۇد قائىدە – يوسۇن ۋە تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ ئىسمى دائىم شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا ماتاڭچىلىق بىر ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرى، ئەمما بۇنىڭ ئىسمى خەنسۇچە. بىز ماتاڭچىلىقنى بۇنىڭغا قاراپلا خەنسۇلاردىن كەلگەن دېسەك بولمايدۇ. خەنسۇلارنىڭ ماتاڭچىلىق قائىدىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماتاڭلىرىنى يوققا چىقارساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىدە نورۇز ئەنەئەنىسى بار. بىز نورۇز دېگەن سۆزنىڭ پارىسچە بولغانلىقىغا، بۇ بايرامنى ئىراندىكى مەجۇسىلارنىڭ ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراپلا بۇ بايرامنى مەجۇسىلارنىڭ بايرىمى دېيىشكە بولمايدۇ. ئىسىم شەيئىنىڭ تەۋەلىكىنى بەلگىلەيدىغان بولسا ئىرانلىق مەجۇسى- ئاتەشپەرەسلەر بىز نان دەۋاتقان يىمەكلىكىنى نان دەيدۇ. ئۇنداقتا ناننىمۇ مەجۇسىلاردىن پەرقلىنىش ئۈچۈن يېمەستىن ئەرەپلەرنى دوراپ پوشكال يەيمىزمۇ؟ دېمەك، ئىسىمدىكى ئوخشاشلىق مەنا ۋە ئۆرپ-ئادەتتىكى ئوخشاشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

«قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنغان ئۇقۇملار بىلەن بۇ ئۇقۇملارنىڭ ئۇيغۇر ئىستىمالىدا ئىلىتىلىشى بىرمۇ بىر ماسلىققا ئىگە ئەمەس. تىلىمىزدىكى نۇرغۇن دىنى ئۇقۇملار قۇرئاندىن ئېلىنغان ۋە ئۇيغۇر تىلىدا شۇ پېتى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، مەنا جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ. مەسىلەن: دىنى ئاتالغۇ سۈپىتىدىكى نەزىر بىلەن ئۇيغۇر ئۆرپ –  ئادەتلىرىدىكى ئۆلۈم مۇراسىمى بولغان نەزىر ئىككى ئۇقۇم. «قۇرئان»دىكى «ھېيىت» بىلەن ئۇيغۇردىكى بايرام قىلىنىدىغان «نورۇز» ئىككى ئۇقۇم. مىللەتشۇناسلىقتىكى مىللەت بىلەن «قۇرئان»دىكى مىللەت پەرقلىق ئۇقۇم. بۇ ئۇقۇملارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلغاندا مۇنازىرىمىزدىن قورۇق ۋاراڭ – چۇرۇڭ سالغاندىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ، ھېچقايسى تەرەپ ھېچ نېمە ئۆگىنەلمەيدۇ.

بىلىشىمچە توقسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلماننى ئايرىش تەشەببۇسى قىزىپ كەتتى. ھەتتا ئۆلۈم، توي ۋە تۈرلۈك مۇراسىملاردا «ئۇيغۇرلار كېلىپ بولدى، مۇسۇلمانلارنى ساقلاۋاتىمىز» دېگەن گەپلەرنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. «ئىسلام مىللەتنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئىسلامدا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەت بار. ئاللاھ ئۇ دۇنيادا مىللىتىڭ نېمە دېسە ئۇيغۇر دېمەيمىز. ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتىدىنمەن دەيمىز. شۇڭا ئۇيغۇرلۇقنى كۆپ تەكىتلەش، ئۇيغۇرغا خىتاپ قىلىش مۇسۇلمانلىققا يات» دېگەن گەپ – سۆز ۋە چۈشەنچىلەر ھازىر ئەڭ يامرىغان ھالىتىگە كەلدى. ئىنتېرنىت بۇ ئىددىيەلەرنىڭ تارىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. مەن بۇرۇن بۇ مەسىلىگە «ئاللاھ شەخسنى مىللەت قوينىغا ياراتقان. ئۇيغۇرنىڭ قوينىغا يارىلىش بىزنىڭ تەقدىرىمىز بولغانىكەن، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئەيلەشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. شۇڭا ئۇيغۇرنى سۆيگەنلىك ئاللاھنىڭ ئىنئامىدىن سۆيۈنگەنلىك. ئاللاھ ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىغا يارىتىپ ئۇيغۇر بولۇشىمىزغا سەۋەپ بولغانىكەن، بۇنىڭدا ئاللاھ بىزگە مۇشۇ مىللەتكە بىر مەسئۇلىيەت ئارتقان بولىدۇ. بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ۋە بۇنى ئىنكار قىلىش تەقدىرنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننى مۇسۇلمان يارىتىدۇ، ئەگەر ئاللاھ بىزنى مۇسۇلمان مىللەت ئۇيغۇرنىڭ باغرىغا ئەمەس، ھەرقانداق بىر كاپىر مىللەتنىڭ ئارىسىغا ياراتقان بولسا شۇ كاپىر خەلق بىزنى كاپىر قىلىپ تەربىيەلىگەن بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇر بولغىنىمىزدىن پەخىرلىنىش، ئاللاھ شۈكۈر قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم. بۇ جاۋابىمنى يەشسەم يەنە شۇ «قۇرئان» دا تىلغا ئېلىنغان مىللەت ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللەت سۆزىنىڭ خاتا چۈشىنىلگەنلىكىگە تۇتىشىدۇ.

كۆزىمىزنى يۇمۇۋالساقمۇ يىقىنقى يىللار مابەينىدە مەيلى تور دۇنياسىدا بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە بولسۇن «بىز ئۇيغۇرمۇ؟ ياكى مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغان، دوسىلارنى يىغلىتىپ دۇشمەننى كۈلدۈرىدىغان، قەۋىمنى ئىككىگە بۆلىدىغان، قېرىنداشلار ئارا ئارازلىق پەيدا قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئەسلىدىنلا بەخىتىسىزلىكتە ياشاۋاتقان قەۋمىمىزگە يېڭىچە بالا-قازا ئېلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش، ھەم ئۇنى ھەل قىلىش ھەر بىر ئىسلامسۆيەر، مىللەتسۆيەر كىشلەرنىڭ ۋەزىپىسى ھەم بۇرچى.

شۇنىڭ ئۇچۇن ئاۋال بىز چوقۇم «مىللەت» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى چۈشنىشىمىز كېرەك. ئادەتتە ھەرقانداق بىر دىندار مۇسۇلماندىن مىللىتىڭ نېمە؟ – دەپ سوئال سورالسا، ئۇ چوقۇمكى «مەن ئىبراھىم مىللىتىدۇرمەن» – دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق جاۋاب بېرىدۇ؟ چۇنكى ئۇ شۇنداق تەربىيىنى قوبۇل قىلغان ياكى باشقىلاردىن شۇنداق ئاڭلىغان، كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دەپ كېلىۋاتقان بىرسى بىلەن ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ تۇگىمەس دە-تالاش باشلىندۇ، نەتىجىدە بىرسى ئۇيغۇرلىقىدىن تېنىپ، بىرسى مۇسۇلمانلىقىدىن تېنىپ دوستلار دۇشمەنگە ئايلنىپ ياتلىشىدۇ.

قېرىنداشلارغا بۇ توغرىدا توغرىنى يەتكۇزۇش ئۇچۇن يەنىلا قۇرئانغا مۇراجەت قىلىمىز ئاللاھ تەئالا: «قۇرئان ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»( سۈرە يۇسۇف،111-ئايەت ). «بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»( سۇرە، نەھىل 89-ئايەت )دېگەن.

ئۇنداقتا مىللەت دېگەن بۇ كەلىمە قۇرئاندا قانداق چۈشەندۈرۈلگەن؟

قۇرئان كەرىمدە 6 يەردە «ئىبراھىمنىڭ مىللىتى» دەپ كەلگەن. بۇ 6 يەردىكى «مىللەت»نىڭ مەنىسى «يول» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەرجىملىرى مۇنداق:

1- «ئىبراھىمنىڭ يولىدىن، ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەقىلسىزلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى بۇ دۇنيادا تاللىدۇق. بىلىڭلاركى، ئىبراھىم ئۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ»- بەقەرە سۈرىسى 130- ئايەت.

2- «ئۇلار: < يەھۇدىي بولۇڭلار ياكى نەسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر> دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى:< ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدىدۇرمىز. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.»- بەقەرە سۈرىسى 135- ئايەت.

3- «ئېيتقىنكى: <ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى>.»- ئال ئىمرا سۈرىسى 95- ئايەت.

4- «كىم دىن جەھەتتە، ئۆزىنى سەمىمىي ھالدا ئاللاھغا تاپشۇرغان ۋە توغرا يول ئۈستىدە بولغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىدىن ياخشى؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى.»- نىسا سۈرىسى 125- ئايەت.

5- «ئېيتقىنكى: <ھەقىقەتەن رەببىم مېنى توغرا يولغا، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس دىنغا، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا باشلىدى>.»- ئەنئام سۈرىسى 161- ئايەت.

6- «ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: < ھەق دىنغا بۇرالغان ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن> دەپ ۋەھىي قىلدۇق.»- نەھل سۈرىسى 123- ئايەت.

مانا بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مىللەت» دېگەن كەلمىدۇر.

ئۇيغۇرچىدىكى «مىللەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: «ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان روھىي ئورتاقلىققا ئىگە كىشىلەر توپى» دېگەن بولىدۇ. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى».

مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن (ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بىلەن) چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز ئۇيغۇرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدىن ئەمەس.

ئەرەبچىدىكى مىللەت «دىنى ئەقىدە، دىنى يول» دېگەن بولىدۇ. مىللەت سۆزىنى بۇ مەنا بىلەن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىز مۇسۇلمانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىدە، يەنى ئۇنىڭ يولىدىدۇرمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى بىر پۈتۈندۇر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئىسلامدۇر ۋە ئۇلارنىڭ يولى بىردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇن قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ‹دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار›. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا سۈرىسى 13- ئايەت.

دېمەك، مەسىلە شۇ قەدەر ئاددى بولۇپ، بۇنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىپ چۇشەندۇرۇپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، بىر قەۋىمنى ئىككىگە ئايرىش نادانلىق ھەم ئىلىمسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇسا ئەلەيھىسالاممۇ ئۆز قەۋمىنىڭ نادانلىقنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۋاتقانلىقىنى، توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە ۋاز كەچمىگەن، ئەيىپلىمىگەن بەلكى سۆيگۈ بىلەن : < ئى … ، قەۋمىم ….> ( سۇرە بەقەرە ) دەپ خىتاپ قىلغان. ئۇلارنى باشقا نامدا ئاتىمىغان. ئۆز قەۋمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاشلاپ قاچقان يۇنۇس ئەلەيھىسالامنى ئاللاھ بىلىقنىڭ قارنىغا تاشلىغان.

شۇڭا مەنمۇ ھەر ۋاقىت «ئى … ئۇيغۇرۇم…» دەيمەن ۋە ئاللاھ ئۆگەتكەندەك:

«مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر» ( سۈرە ئەنئام 155-ئايەت )

دەپ خىتاپ قىلىمەن.

يۇقىرىقى باياندا «قۇرئان»دىكى مىللەت ئۇقىمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئومۇملاشقان مىللەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدىكى چەك – چېگرا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېمەك، «قۇرئان»دا مىللەت دېگەنلىك «يول» دېگەنلىك بولۇپ، كىشىلىرىمىزنىڭ «مەن ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتىدىنمەن» دېگىنى «مەن ئەرەپ» دېگەنلىكى ئەمەس، بەلكى «مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھ ئەۋەنكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ يولدىمەن» دېگەنلىك بولىدۇ. (بۇ چۈشەنچە كەڭساي مۇنبىرىدىكى نامسىزمەن دېگەن دوستىمىزنىڭ ئەمگىكى ئاللاھ ئۇنىڭغا ساۋاب ۋە ئەجىرلەر بەرگەي).

خۇلاسە قىلغاندا پىكىر، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پۇرستىمىزنىڭ بولغىنى بىزنىڭ بەختىمىز. بۇ جەرياندا مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆگىنىش، تولۇقلاش ۋە ئورتاقلىقلارغا ئېرىشىش بىزنىڭ نىشانىمىز. ئەمما قوللۇنىۋاتقان ئۇقۇملىرىمىزنىڭ پەرقىگە، قەيەردىن كەلگەنلىكىگە، قانداق قوللۇنىۋاتقانلىقىمىزغا ۋە بىزنىڭ ئوخشىمىغان بۇ ئۇقۇملارغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقىنىمىزغا دىققەت قىلىش بىزنى نىشانىمىزغا تېخمۇ ئاسان يېقىنلاشتۇرىدۇ. خۇددى يازمىمىزدا مۇلاھىزە قىلغاندەك بىز «قۇئان»دا تىلغا ئېلىنغان «نەزىر» ئۇقىمى، «ھېيىت» ئۇقىمى ۋە «مىللەت» ئۇقىمى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدىكى، ئىنسانشۇناسلىق- مىللەتشۇناسلىقتىكى مەنىداش ئۇقۇملارنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا ئارىلاشتۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن توردىكى مۇنازىرە ۋە رېئاللىقتىكى تارتىشمىلاردا پات – پات نىشانىمىزدىن يىراقلاپ ۋە بەزىدە ئادىشىپ كېتىۋاتىمىز.

 

2011-يىلى سىنتەبىر قەشقەر

«قۇرئان»دا ۋە ئۇيغۇردا پىتنە ئۇقۇمى

 

«پىتنە» ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز. تىلىمىزدا بۇ سۆزگە پارىسچە «خور» قوشۇمچىسى قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەپچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر باشقا تىلللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردىن كۆپ. بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى دىنى ئىلىملەر، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن بولسا بەزىلىرى مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تىجارەتتىكى تەسىر جەريانىدا پارىس تىلى ئارقىلىق يەرلەشكەن. شۇڭا ئۇيغۇرچىغا كىرگەن بەزى ئەرەپچە سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئەسلى تەلەپپۇزغا ئەمەس پارىسچە تەلەپپۇزىغا يېقىن.

ئۇيغۇرلاردا سەئىدىيە خانلىقى ئاجىزلىغاندىن كېيىن مەدىرىس مائارىپىدا پارىس تىلى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتۈپ، دىنىي ئىلىم پارىس تىلىدا ئوقۇتۇلغان. بۇ ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى خالاپ يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق مائارىپ» بولۇپ تاكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ئومۇملاشقان يىللارغا قەدەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. ئابدۇقادىر داموللام دىننى ئانا تىلدا ئوقۇتۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ، بەزى جايلاردا پارىسچە دىنى مائارىپ1990-يىللارغا قەدەر داۋام قىلغان.

ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆزلەردە پارىسچىنىڭ تەسىرى ساقلانغاندىن باشقا ئىستىمالدا ئۆزگىرىپ پۈتۈنلەي «يەرلىكلەشكەن». سۆزلەر قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن بىر مەنلىك سۆزلەر كۆپ مەنىلىك بولۇپ كېتىدىغان ياكى ئەكسىچە كۆپ مەنىلىك سۆزلەر بىر مەنىلىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەرەپ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن «ھايۋان»، «مىللەت»، «پىتنە»، «زەربە» سۆزلىرى كۆپ مەنىلىك سۆزلەر بولۇپ ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن بىر مەنىلىك سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالغان. ئەگەر بۇ سۆزلەر دىنىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسدە ئەسلى ئەرەپچە مەنىسى بويىچە قوللىنىلسا، ياكى بىر مەنىسىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىنسا خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ قۇرئاننى توغرا چۈشىنىشكە دەخلى يېتىدۇ.

ئىسلامغا ئائىت ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا يۇقىرىقى ئامىل نەزەرگە ئېلىنمىغاچقا تەرجىمىدە خاتالىقلار كۆرۈلگەن. بىز قالغان ئەسەلەرنى قويۇپ قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىگە قارىساق بەزى مەسىلىلەرنى بايقايمىز. مەسىلەن، «ئىسلام نېمە؟» دېگەن كىتاپقا ئاساسلانغاندا ئەرەپ تىلىدىكى «زەربە» سۆزى «زەربە بېرىش، ئۇرۇش» دېگەندىن باشقا «ئايرىۋېتىش» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدىكەن. بۇنى ئويلاشمىغاندا «ئاياللارنى ئايرىۋېتىڭلار» دېگەن مەنىدە كېلىۋاتقان ئايەتتىكى «زەربە» سۆزىنى ئاياللارنى ئۇرۇڭلار دەپ تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ. «ھايۋان» سۆزىمۇ سۆز ئەسلى ئەرەپ تىلىدا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ «ھاياتلىق، جانلىق، ھايۋان» دېگەن مەنلىرى بار. قۇرئاننىڭ تۈركىيەدە چىققان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنفال سۈرىسى 22-ئايىتىدە بۇ سۆز ئەرەپچە مەنىسى بويىچە ئىشلىتىلگەچ ئۇيغۇرچە تەرجىمە مەنتىقىسىز بولۇپ قالغان. مەسىلەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى گاس بولۇۋالغان، گاچا بولىۋالغان، ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر». بەلكىم ئەرەپچە بىلىدىغان كىشىلەرگە بۇ يەردىكى ھايۋان سۆزى توغرا بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئوقۇۋاتقان كىشى قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ماقالىمىزدە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان «پىتنە» دېگەن سۆزدىمۇ يۇقىرىقى ھادىسە مەۋجۇت. بۇ سۆز جەمئىيىتىمىزدە ئاياللارغا، تەنقىتچىلەرگە ۋە باشقىچە پىكىر قىلغۇچىلارغا كەمستىش، مەسخىرە قىلىش ۋە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك قوللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسىدىن يولغا چىقىپ بۇ كېسەل روھىي ھالەتنى تەھلىل قىلىش مۇھىم بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇر تىلىدا «پىتنە» تۆھمەت، يالغان، ئۆسەك دېگەنگە مەنىداش بولۇپ «ئىغۋا»، «پاسات» سۆزلىرى بىللە كېلىدۇ. ئادەتتە پىتنە «يامان سۆز، ئاساسى يوق گەپ، قۇتراتقۇ ئىبارە» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆزنىڭ سەلبى مەنىسى بۇندىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا مۇقىملاشقان بولۇپ، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» دېگەن كىتاپتىمۇ «پىتنەگەر» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. مەنىسى پىتنە پەيدا قىلغۇچى دېمەكتۇر.

«پىتنە» سۆزى ئەرەپچە لوغەتتە «سىناش، ئىمتىھان قىلىش، زارلىنىش، بىر نەرسىنى ياقتۇرۇش، پىكىر ئوخشاشماسلىقى، قالايمىقانچىلىق، ساراڭلىق، زالالەت، ئازغۇنلۇق، ئالداش، زوراۋانلىق، قېيىن–قىستاق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بالا – قازا، مۇسىبەت، يامانلىق، مىننەت، بېسىم قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ سۆز تۈركچىدە «ئازدۇرۇش، يولدىن چىقىرىۋېتىش، پاسات، ئارىسىنى بۇزۇش، ئىختىلاپ، ئاپەت، مۇسىبەت، قېيىنچىلىق، بالا– قازا، جازا، ساراڭلىق، دىنسىزلىق، ۋەھشىيلىك، قالايمىقانچىلىق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ كەلىمە قۇرئاندا 30 ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كۆپ مەنىلىك ئۇقۇملاردىن بىرى. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئىمتىھان ( سىناق ) ( بەقەرە، 102 )؛ بالا ( مۇسىبەت ) ( ھەج، 11 )؛ ئازدۇرۇش ( مائىدە، 41 )؛ ئالداش ( ساففات، 162 )؛ قايمۇقتۇرۇش، ئېزىقتۇرۇش ( ئەئراف، 27 )؛ ساراڭ ( قەلەم، 6 )؛ ئازاپ ( ئوتقا تاشلىنىش ) ( ئەنفال، 25؛ زارىيات، 13 – 14 )؛ سەۋەپ ۋە چارە ( ئەنئام، 23 )؛ گۇناھ ( تەۋبە، 40 )؛ ئۇرۇش قىلىش ( ئۆلتۈرۈش ) ( نىسا، 91؛ ئەزاپ، 14 )؛ قالايمىقانچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ( ئالئىمران، 7؛ تەۋبە، 47- 48 ) ۋە بېسىم ( زۇلۇم، ئەزىيەت، يامانلىق ) ( بەقەرە، 191،193، 217؛ نىسا، 101؛ ئەنفال، 39 ) قاتارلىق مەنىلەردە كەلگەن.

«پىتنە» سۆزى قۇرئاندا ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش بىر مەنىلىك ۋە پۈتۈنلەي سەلبى مەنلىك سۆز سۈپىتىدە ئىشلىتىلمىگەن. مىسالغا ئالساق، مال – مۈلۈك ۋە بالىلارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن بىر «پىتنە»، يەنى ئىمتىھان ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنغان ( ئەنفال، 28 ). ئىنسانلارغا «پىتنە» (يەنى زۇلۇم، بېسىم، قېيىن – قىستاق، ئەزىيەت ۋە يامانلىق) قىلىشنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ ۋە ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىمۇ ( بەقەرە، 191، 217 ) بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان پىتنە ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلەنگەن. قۇرئاندا ئېتىقاتقا قارىتىلغان پىتنە (بېسىم) تۈگىتىلگىچە كۆرەش قىلىشقا بۇيرۇلغان.

«پىتنە» سۆزىنىڭ ئەرەپ تىلىدا كۆپ مەنىلىك بولغانلىقى، تۈس جەھەتتىن پۈتۈنلەي سەلبى بولمىغان بىر سۆز ئىكەنلىكى يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم. ئەمما قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسدە بۇ سۆز ئەرەپچە مەنىسى بويىچە يېزىپ قويۇلغان. مەسىلەن، ئەنفال سۈرىسى 39-ئايەت «پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار…». قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىنى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇرمەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ئەرەپچە لوغەت مەنىسىنى ئويلاشمايدۇ. تەبىئىيلار بۇ سۆزنى پىتنە-پاسات، پىتنە ئىغۋا دەپ چۈشىنىدۇ. سۈرە مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ يەردىكى «پىتنە» زۇلۇم دېگەن مەنىدە. ئۇندىن باشقا بەقەرە سۈرىسى 217-ئايەتتە «…پىتنە ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر…» دېيىلگەن. ئۇيغۇرچە ئوقۇپ ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئوقۇرمەن بۇ ئايەتنى ئوقۇغاندا «پىتنە» سۆزىنىڭ ئەرەپ تىلىدا «زىيانكەشلىك قىلىش، زۇلۇم قىلىش، ئازاپلاش، قىيناش» دېگەن مەنىلەرنى ئېسىگە ئالالمايدۇ. بۇنى «پىتنە پاسات قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يامان» دېگەن مەنىدە چۈشىنىپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «پىتنە» سۆزى كۆپرەك ئاياللارغا بېسىم قىلىش، ئۇلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كەمستىش ۋە مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. پىتنە-پاساتنى پەقەت ئاياللار بىلەنلا باغلاپ قويۇش كۈچكە، بايلىققا، ھوقۇققا چوقۇنىدىغان مۇستەبىت جەمئىيەتتە يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ بىنورمال تەپەككۇر ئادىتى. بۇنداق جەمئىيەتتە ئاياللار بارلىق يامانلىق، بۇزۇقچىلىق ۋە ناشايان ئىشلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. ياۋرۇپادا مىڭ يىلغا سوزۇلغان قاراڭغۇ ئەسىرلەردە «ئاياللارنى ئىنسان دېيىش كېرەكمۇ – يوق؟» دېگەن مۇنازىرە بولغان. خىتايدا ئاياللارنىڭ پۇتى بوغۇلغان بولسا، شىمالى ئافرىقىدا ئاياللارنىڭ خەتنىسى قىلىنغان. بەزىلەر ئاياللارنى پىتنە مەنبەسى دەپ قۇرئاندا ۋە ھەدىستە ئەسلى باشقا مەنىدە كېلىۋاتقان پىتنە سۆزىنى ئۇيغۇرچە پىتنە – پاسات دېگەن سۆزىگە باغلاپ قەستەن ئاياللارنى بېسىش، كەمسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ خۇددى خوتۇن دۇمبالاشنى ئەركەكلىك بەلگىسى دەپ چۈشىنىدىغانلارنىڭ قۇرئاندىكى «ئەر- ئاياللارنى ئايرىۋېتىڭلار، ئايرىلىپ تۇرۇغۇزۇڭلار» دېگەن مەنىدىكى «زەربە» سۆزىنى «ئۇرۇش» مەنىسىدىكى «زەربە» دەپ چۈشىنىپ ئايالىنى دۇمبالىغاندەك بىر ئىش. ئاياللارنى كەمستىش ۋە مەسخىرە قىلىش مەدەنىيەتسىزلىك بولۇپ دىنىمىزدا چەكلەنگەن. پەقەت بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەن ئاجىزلارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى كەمسىتىدىغان ئۆزىدىكى ياۋايىلىقنى دىنىي تون بىلەن جابدۇپ بۇرمىلاش ئارقىلىق ھەقلىق كۆرسىتىپ، جاھالەتتە كۆنگەن خۇيىنى بىخەتەر داۋام قىلماقچى، خالاس.

قارشى پىكىردىكىلەرنى پىتىخور دېيىشمۇ كومۇنىستىك، پادىشاھلىق تۈزۈملەردە ياشىغان كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدىغان بىر پىسخىك بىنورماللىقنىڭ ئالامىتى. ئۇلار قارشى پىكىر قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەشتە پىتنە سۆزىنىڭ ئورنىغا تۆھمەت، ئۆسەك دېگەن سۆزلەرنى قوللانسا تامامەن بولىدۇ. ئەمما قۇرئاندا پىتنە كۆپ مەنىلىك، كۆپ ئورۇندا ئۇچرايدىغان سۆز بولغاچقا ۋە پىتنە قىلىش ئەڭ كەسكىن ئايەتلەر بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىتتىن قورقىدىغان مۇستەبىت كىشىلەر، ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلغان كىشىلەرگە «پىتنە قىلدى» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ گۇناھكار قىلىدۇ.

تەنقىت ۋە تەۋسىيەدە بولغۇچىلارنى «پىتنە قىلدى» دېگۈچىلەر ئادەتتە شۇنى دەپ قويۇپلا بولدى قىلمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا ئۇلاپلا قۇرئاندىن پىتنە سۆزى تىلغا ئېلىنغان ۋە پىتنە قىلماسلىق قاتتىق تەكىتلەنگەن ئايەتلەرنى مىسال كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرقلىق پىكىر قىلغان، تەنقىتتە بولۇۋاتقان ياكى خىزمەتلەردىن نارازى بولغان كىشى ئۆزىنى پىتنە قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ گۇناھ تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ ۋە تەنقىتتىن ۋاز كېچىدۇ.

خۇلاسە كالام، قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پىتنە سۆزىنىڭ بىز بۈگۈن چۈشىنىۋاتقان پىتىخورلۇق بىلەن ۋە ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. پىتنىنىڭ يامانلىق، ئازۇدۇرۇش، ئاسارەت ۋە ئەرزىيەت دېگەن مەنىسىگە ئائىت ئىشلارنى قىلىشقا ئەرلەر ئاياللاردىن بەكرەك قابىل بولۇشى مۇمكىن. ئۆسەك سۆزلەر ئەر – ئاياللارغا ئورتاق بولۇپ، بۇلاردىن  ساقلىنىش ساۋاپتۇر. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئەرلەر پىتنە پاساتقا ئاياللاردىن بەكرەك مايىل ۋە ماھىر ئىكەن.

پىتنىنى ئاللاھنىڭ قۇرئاندا ئۆگەتكىنى بويىچە چۈشەنسەك، ئۇ سىناقتۇركى، بىزگە كەلگەن ھەر مۇسىبەت، يامانلىق ۋە خىرىسلارنىڭ پىتنەسىدىن (ئىمتىھانىدىن) لاياقەتلىك ئۆتسەك ساۋاپقا، غەلىبىگە ئېرىشىمىز. پىتنە زۇلۇمدۇركى، بىزنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت دىلىمىز، تىلىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. پىتنە سەۋەپتۇركى، جاھاندا ھەرقانداق چىگىك ۋە ھەر بىر توقۇناق بىر سەۋەپ يىپىغا باغلانغان بولىدۇ. ھېچقانداق بىر نەتىجە سەۋەپ قىلىنماي قولغا كەلمەيدۇ. دىنىمىزدا پىكىر قىلىش، ئەقىل ئىشلىتىش ھەر زامان تەكىتلەنگەن بولۇپ قۇرئاندا پىكىر، تەنقىت ۋە ئۆكتىچىلىك قىلغانلار پىنىخور دېيىلمىگەن، چەكلەنگەنمىگەن، بەلكى پىكىر قىلغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قەبىھ گۇناھ سانالغاندۇر.

لالما ئىتتەك يېنىمدا ئۆلۈم

 

ياپۇنىيەدىن جىيەنىم كېلىمەن، دەپ خوش قىلىۋەتتى. مۇساپىرلىق ھايات مۇشۇنداق، قېرىنداشلاردىن كەلگەن بىر تېلىفون، بىر رەسىم ۋە بىر خەۋەر بىلەن مىڭلارچە ھاياجان ۋە مەنالار تۇغىلاتتى. تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدىن تېلىفون كەلدى. ئەنسىرىگەنلىرى بۇرۇن ئېلخەتتە سورالغانلار سۇئالنىڭ ئەينەن ئۆزى ئىدى. بىرىنچى قېتىم سىياسىي، ئىجتىمائىي نوقتىلاردىن چىقىش قىلىپ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى چۈشەندۈردۈم. ئەتىسى يەنە تېلىفون كەپتۇ. سۇئال يەنە شۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىدى. مىساللار، پاكىتلار بىلەن يەنە سۆزلەندى. ئۈچىنچى قېتىم سورالغاندا:«بىر ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەن ئەمەس، تۈركىيە دۆلىتىمۇ ئەمەس، پەقەت ئاللاھ كېپىل!» دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم. جىيەنىم «ئاكا بۇ گېپىڭنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ بەرسەم يېتەكچىم چۈشەنمەيدۇ. ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس، سەن ئۆزۈڭنىڭ مەن تۈركىيەگە بارغاندا ھاياتىمغا قاچانغىچە قاندان كېپىل بولىدىغانلىقىڭنى ئېنىق ئېيىتمىساڭ، مۇئەللىم رۇخسەت بەرمەيدۇ» دېدى.

ئۆپكەمنى بېسىۋېلىپ ئەستايىدىل ياپۇنلۇقلاردەك بىخەتەرلىك پىلانى تۈزۈپ جىيەنىمگە يوللاپ بەردىم. تېلىفوندا ياپۇنلۇق ئوقۇتقۇچىغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى قانداق قوغداش ئىقتىدارىمنىڭ بارلىقىنى ئېنگىلىزچە چۈشەندۈردۈم. ئۇ چاغلاردا سۇلتان ئەھمەت جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا پارتىلاش بولۇپ 11 گېرمانىيەلىك ساياھەتچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ خەۋەرنىڭ ياپۇنىيەگە نەقەدەر چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەنسىز سۇئاللىرىدىن مەلۇم بولدى. جىيەنىم تۈركىيەگە يولغا چىققاندا ساۋاقداشلىرى ئۇنى خۇددى بىرىنى جەڭ مەيدانىغا ئۇزاتقاندەك تۈستە، ناھايىتى ئېغىر كەيپىياتتا ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ.

ساياھەت جەريانىدا دەسلەپتە ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ ماڭا سەل ساراسىمىدە قالغاندەك تۇيۇلدى. تاكسىدا، مىنۇبۇستا ئاڭلىنىۋاتقان ئۆلۈم خەۋەرلىرىگە ئۇ كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ قۇلاق سالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ دائىم سورايدىغىنى «ئۇ يەر بىزدىن قانچە كېلومېتىر يىراق؟» دېيىش بولاتتى. مەن ناشتىدا رادىئو ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتىم. جىيەنىم ئۆيىمىزدە بولغان كۈنلەردە بۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالدىم. چۈنكى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئۆلۈملەر ھەققىدە ئۇنىڭ سۇئاللىرى كۆپىيىپ چىرايى تۇتۇلۇپ ئالدىغا تىزىلغان مەزەلەرنىمۇ يىيەلمەي قالاتتى. جىيەنىمنىڭ ئۆلۈم خەۋەرلىرىدىن چۆچۈشلىرى ۋە بىزنىڭ بىپەرۋالىقىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ئايالىم بىلەن مەنىلىك قارىشىپ قالاتتۇق.

جىيەنىم يوق يەردە ئايالىم ئىككىمىز تۈركىيەدە تولا بولغان ئۆلۈم-يېتىمنىڭ بىزنى نەقەدەر كۆندۈرىۋەتكەنلىنى دېيىشىپ خۇرسىناتتۇق. بىز ئەگەر ئۇنىڭغا بۇ مەھەللىدە بەزىدە ئېتىشىپ كېتىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، بىز دائىم بارىدىغان قىزىلئايدا 150 دەك كىشىنىڭ پارتىلاشتا قازا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەك، ئۇ ئەنقەرەدە كوچىغا چىقىشتىنمۇ ۋاز كېچىدىغان ئەلپازدا ئىدى.

سۇلتان ئەھمەت جامەسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جىيەنىم: «ئاكا، ھېلىقى 11 گېرمانىيەلىك پارتىلاشتا قازا قىلغان يەر مۇشۇمۇ؟» دەپ سورىدى. بۇرۇن ئۇنىڭغا دېگەن ئىدىم. ماڭا ئۇنىڭ ئىشىنەلمەي قايتا سورىشى غەلىتە تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا بولسا تېخى بىر قانچە ئاي بۇرۇن پاجىئە بولغان مەيداندا ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېلىفون ئويناپ، بىخەستە پاراڭ سېلىشلىرى غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ. ئۇنىڭچە قانغان بويالغان بۇ يەردە ساقچىلار ھېچ بولمىغاندا بىزدەك ھاڭۋېقىپ قاراپ يۈرگەن، يوغان سومكا يۈدىۋالغان كىشىلەرگە دىققەت قىلىشى، ھەر قانداق كىشىدىكى گۇمانلىق بىشارەتلەردىن پەخەس بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇ بىخەستەلىككە شاھىت مەنزىرىنى ۋە باشلىق بۇيرۇق بەرگەندەك تېلىفون ئويناپ ئولتۇرغان ساقچىلارنى رەسىمگە تارتىۋالدى. ياپۇنىيەدە ساقچىلار تېلىفون ئويناش تۈگۈل بىر جايىدا ئۇزاقراق تۇرۇپمۇ قالمايدىكەن.

تۈركىيەدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇ: «ئاكا، مېنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنىم تۈركىيەدە ئۆلۈمنىڭ خەۋپى، قورقۇنچى، دەھشىتى ئۇنتۇلۇپتۇ. ھەممە ئادەم ئۆلۈم خەۋەرلىرىگە ھاۋارايىدىن مەلۇمات ئاڭلاۋاتقاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەن. نەچچە ئون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان مەيدانلار، نەچچە يۈز كىشى قەتلى قىلىغان جايلار بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاۋاتلىشىپ كېتىدىكەن. ئۆلۈم كىشىلەرگە خۇددى تۈركىيە كوچىلىرىنى كېزىپ يۈرىدىغان لالما ئىتلاردەك كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدىم. ئۆلۈم قىممىتىنى يوقاتقان يەردە تىرىك جاننىڭ قانچىلىك ھۆرمىتى بولماقچى دەيسەن؟ بۇنداق ئۆلۈمگە كۆندۈرۈلگەن مىللەتتە ھاياتلارنىڭ قەدرى بولارمۇ سەنچە؟» دەپ ئۇھسىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقان غەمكىن چىرايى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

يۈز يىلدىن بۇيانقى شىۋىتلار ۋە ئۇيغۇرلار

 

2016-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە ئىگە بولغانلىق خەۋىرى تارقالدى. ۋەتەندە روھلار بارغانچە سىقىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە دىيارىمىزدىن يىراق ماكاندا بولسىمۇ، بىر توپ مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ئىمانى بىلەن ياشىغىنىدىن سۆيۈندۈم. يۈز يىللار بۇرۇن دىيارىمىزدا تۇنجى چىركاۋ سالغان مىللەتنىڭ قېشىغا يۈز يىلدىن كېيىن بىز بېرىپ مەسچىت سالغان ئىدۇق. خىيالىم شىۋىتسىيەلىك دەۋەتچىلەرنىڭ بۇندىن يۈزيىل بۇرۇن دىيارىمىزدا دىن تارقاتقانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرگە كەتتى. يۈز يىل بۇرۇن بىزگە كەلگەن شىۋىتلاردىكى غالىپ، كۈچلۈك ۋە بىلىملىك ھالەت ۋە يۈز يىل كېيىن بىزنىڭ يەنە شۇ غېرىپ، يوقسۇل، ئاجىز قىياپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغىنىمىز بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. شىۋىتلار بۇ ئۆزگەرمەس ھالىتىمىزگە قاراپ نېمە ئويلىغاندۇ؟

بىزگە كېلىپ دىيارىمىزدىكى تۇنجى چىركاۋنى سالغان شىۋىتلارنىڭ دۆلىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت بەرپا قىلغانلىقى ئەھمىيەتلىك. ئۇلار بىزگە يۈز يىللار بۇرۇن دىن بىلەن كەلگەن بولسا بىزمۇ ئۇلارغا يۈز يىل كېيىن دىن بىلەن باردۇق.

شىۋىتسىيەدىكى خرىستىيان جەمئىيىتى 120 نەچچە يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزگە ئۆمەك ئەۋەتىپ تۇنجى چىركاۋنى سالغاندا، ئۇيغۇرلار دۇنيادا شىۋىت دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. شىۋىتلار شۇچاغدا دىيارىمىزنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بولغان. ئۇلار قەشقەر،يېڭىشەھەر، يېڭىسار ۋە ياركەنتتە دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە دارىلئېتاملارنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقاتماقچى بولغىنى دىن بولغان بىلەن، شۇ باھانىدە باسما ماشىنىسى، زامانىۋىي تىبابەت ۋە يېڭىچە مائارىپمۇ بىللە كەلگەن.

ئۇيغۇرلار شىۋىتسىيەدە مەسچىت بەرپا قىلغان شۇ كۈندىن 110 يىل بۇرۇن شىۋىتلار 1896-يىلى ئۇلار قەشقەردە تۇنجى مەكتەپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ بەلكىم ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى پەننى مەكتەپ بولۇشى مۇمكىن. دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك » دېگەن كىتابىغا مىسيونىرلار ئاچقان بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار سىزغان دۇنيا خەرىتىسى بېرىلگەن. 1926-يىلى ئۇلار ياركەنتتە بىر تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى بولۇشى مۇمكىن. مەكتەپتە «ئىنجىل» ۋە خرىستىيان دىنى بىلىملىرى، ئۇيغۇر تىلى، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، مېتودولوگىيە، پېداگوگىكا، رەسىم، مۇزىكا… ھەتتا ياغاچچىلىققا ئوخشاش ھۈنەرمۇ ئۆگېتىلگەن.

شىۋىتلار يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە دىنىي مەقسەت بىلەن قۇرغان مەكتەپتە دىن پەقەت بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلگەن. بىز يۈز يىل كېيىن ۋەتەندە مەخپىي قۇرغان ۋە مۇھاجىرەتتە ئاشكارە بەرپا قىلىۋاتقان دىنىي مائارىپتا بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىۋاتىمىز. مانا بۇ شىۋىتلار بۇندىن يۈز يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرغا ئېلىپ كىرگەن دىنىي مائارىپ بىلەن، يۈز يىل كېيىنمۇ بىز شۇغۇللىنىۋاتقان دىنىي مائارىپنىڭ پەرقى. گەرچە بۇلارنىڭ مەقسىدى دىن تارقىتىش بولسىمۇ، مەكتەپتە تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا، پېداگوگىكا دەرسلىرى بولغان، ھەتتا ئۇلار ئېنجىلنى باھانە قىلىپ بولسىمۇ، بالىلارغا شىۋىتچە ئۆگىتىشنى ئويلاشمىغان. بىز يۈز يىل كېيىن بالىلارنى مەكتەپتىن ئايرىپ ئاچقان مەدرىسىمىزدە ئۇلار يۈز يىل بۇرۇن قىلغاندەك قىلالمىدۇق. ھۆنەر ئۆگېتىشنى ئويلىشىپ باقتۇقمۇ دەپ سوراپ بېقىش كېرەك. مەدرىسلىرىمىزدە دائىم ئەرەپ تىلىنى بىلمىسە دىننى ئۆگەنگىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. مۇدەررىسلەر مەدرىسە بىلەن مەكتەپنى بىر بىرىگە قارشى قويۇپ، مەكتەپتىن مەدرىسنىڭ موھىملىقى ھەققىدە سىنلىق دەرىسلەردە ئۇزۇن ئۇزۇن دەلىل بىلەن سۆزلەۋاتىدۇ.

شىۋىتلار يۈز يىل بۇرۇن يۇرتىمىزغا ئۆزىنىڭ زامانىۋىي ئاڭ، تىبابەت ۋە مائارىپتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن كەلگەن. بىز يۈز يىل كېيىن بۇ جەھەتلەردىكى ئاجىزلىقىمىزدىن قۇتۇلالمىغان پېتى پاناھلىق تىلەپ باردۇق. بۇندىن يۈز يىل بۇرۇن شىۋىتلار ئۇيغۇر يېتىملارنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا ئۇيغۇلار كەسكىن قارشى چىققان، بۈگۈن بىز ئۆز بالىلىرىمىزنى خالاپ، پۇل تۆلەپ شۇ شىۋىتلارنىڭ تەرەققىي قىلغان، باي، پاراۋان دۆلىتىگە ئەۋەتىشكە خۇشتار. يۈز يىل بۇرۇن شىۋىتلار يۇرتىمىزغا ۋېلسىپىت ئېلىپ كەلگەن. 1918-يىلى شىۋىتلار ۋولۋو ۋە سائاپ دېگەن ماركىدا ماشىنا ئىشلەپ دۇنياغا سۇنغان. بىزنىڭ يۈز يىلدىن كېيىن شىۋىتلارغا ئېلىپ بارغىنىمىز نېمە؟ دۇنياغا سۇنغىنىمىزچۇ؟

شىۋىتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جىسمانىيەتتە، روھىيەتتە ھېچ بىر ئارتۇق ياكى كەم يېرىمىز يوق. ئەمما يۈز يىل بۇرۇنقى غالىپ شىۋىتلار نېمە ئۈچۈن يەنىلا غالىپ، يەنىلا كۈچلۈك، يەنىلا باي؟ نېمە ئۈچۈن يۈز يىل بۇرۇن بىزدەكلا تەرەققىياتسىز مىللەتلەر ھېساپلانغان كورىيانلار، ياپۇنلار، تەيۋەنلىكلەر بۈگۈن يۈكسىلىپ ھازىر شىۋىتلار بىلەن تەڭ بولدى. بىز نېمىشقا يېتىشەلمىدۇق؟ بىزغۇ سىياسىي تەلەيسىزلىكتىن يېتىشەلمىدۇق، ئۇيغۇر بولغاچ يېتىشەلمىدۇق دەيلى. قوشىنا بولغان پاكىستانچۇ؟ قېرىنداش بولغان تۈركىيەچۇ؟ دىنداش بولغان مىسىر ۋە ئەرەبىستانچۇ؟ ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئەڭ كۆپ بارغان، بىزنى ئەڭ كۆپ مىھمان قىلغان، بەزىدە سەرسان، بەزىدە پەرىشان قىلغان، ئۆلىمالارغا تەلىم، غېرىپلارغا تائام بەرگەن بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىل تۇرۇپ، ئەركىن تۇرۇپ مۇسۇلمان تۇرۇپ نېمىشقا شىۋىتلارغىغۇ يېتىشەلمىسۇن، ياپۇنلار بىلەنمۇ تەڭ ماڭالمىدى؟ مىسىر، تۈركىيە ۋە ئەرەبىستاننىڭ تەرەققىيات يولىدا پۇتلىشىپ يۈرۈشلىرى، كالامپايلىقى، تومپايلىقى بىزگە يۇقتىمۇ؟ ئۇلار باشلىغان داغدام يولىدا ئۇزاپ كەتتۇقمۇ، توزۇپ كەتتۇقمۇ؟

بۇلارنى ئويلىغانچە ئولتۇرۇپ كېتىمەن. ئەلۋەتتە بۇنداق ئويلىغانلار، تەپەككۇر قىلغانلار، بۇ ھالدىن ئاغرىنىپ پىكىرگە، ھەرىكەتكە يەڭ شىمايلىغانلار كەم ئەمەس. يۈز يىللىق ئۆزگەرمەس تۇرمۇش، تۈزۈم ۋە تۈرمە بويۇنتۇرۇقلىرىدىن زېرىككەن پىكىرچان ۋە ھەرىكەتچان كىشىلەر بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كەلدى. پاجىئەلىك يېرى تەرەققىيات ئۈچۈن ئويلانغان ۋە ھەرىكەتكە ئۆتكەن كىشىلەرنى دۈشمەنگە، غەرپنىڭ غالچىسىغا چىقارغانلارنىڭ پۇلى غەرپنىڭ بانكىسىغا جۇغلانماقتا، يانچۇق ۋە قورساقلىرى تومپايماقتا ئىدى.

 

 

ئىنقىلاپ دەمدۇق جىھادىمۇ؟

 

يېقىندىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرچە يازمىلاردا ئىنقىلاپلار «جىھات، جىھادىي ئەمەلىيەت» دېيىلىپ، تەشكىللىنىشلەر «جىھادىي جامائەت» دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىسالەن: «بارىن ئىنقىلابى»غا ئوخشاش ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھاجىرەتتە «جىھات» دەپ بايان قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. بۈگۈنكى قارشىلىقنى «جىھات» دېگەندىن باشقا، ئۇنداق ئاتالمىغان تارىختىكى قارشىلىقلارنىمۇ قايتا قۇراشتۇرۇپ جىھاتلاشتۇرۇش مېنى ئويلاندۇردى. بۇرۇنقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىھات دەمدۇق؟ دېسەك نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ بۈگۈن بولۇۋاتقان قارشىلىقلارنىچۇ؟

مەنچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىھات دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇردىكى نوپۇزلۇق كىتاپلاردا قارشىلىق ئۈچۈن ئۇنداق ئاتالغۇ قوللىنىلمىغان. مەسىلەن، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتل ھەقايىق»، «بابۇرنامە»، «تەزكىرەئىي ئەزىزان»، «تارىخى رەشىدى»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق كىتاپلىرىمىزدا جىھات سۆزى يوق. سابىت داموللامنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «شىرىن كالام» دېگەن كىتابىدىمۇ رەسۇلىمىزنى «جىھات قىلدى» دەپ تەكىتلىگەن ئەمەس.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، مەمتىمىن بۇغرانىڭ «شەرقى تۈركىستان تارىخى»، موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى»، مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» دېگەن كىتابىدا «جىھات» دېگەن سۆز ئۇچرىمايدۇ. ھەقىقى مەنىدە جىھات قىلغان بۇ زاتلار كىتاپلىرىدا جىھات سۆزىنى تىلغا ئالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ جىھاتنىڭ قانداق مەنىلەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئەرەپچىدىكى نۇرغۇن دىنى كەلىمىلەرنى ئەسەرلىرىدە شۇ پېتى ئىشلەتكەن بۇ كىشىلەرگە ھېچكىم «جىھات» سۆزىنى چەكلىگەن ئەمەس.

يېقىنقى يۈز يىلدا ۋەتىنىمىزدە كومۇنىست ۋە گومىنداڭچى خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەڭلەردىن ئەسلىمە قالدۇرغان مۆتىۋەر كىشىلىرىمىزدىن ئىمىن ۋاھىدى، نىزامىدىن ھۈسەيىن، بارات ھاجى، مۇھەممەت ئىمىن ئىسلامى ۋە ئابدۇشۈكۈر ھاجى كېرىملەر ئۆزىلىرى شاھىت بولغان ئۇرۇشلارنى ھېچقاچان جىھات دېمىگەن. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى سەبداشلارنىڭ باتۇرانە كۆرەشلىرىنى بىزگە «جىھات قىلدى» دەپ يېزىپ قالدۇرمىغان.

ئەلگە تارىخچى، سىياسەتچى ۋە ئەدىپ بولۇپ تونۇلغان يۇقىرىقى زاتلار، ئورتا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتچىلىرى مۇھىم مەنبە دەپ قارايدىغان يۇقىرىقى كىتاپلار تىلغا ئالمىغان جىھات سۆزىنى ئۆزىمىزچە كەڭرى قوللىنىپ تارىخنى قايتا جابدۇپ جىھاتلاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى سۆز نۇتۇقلىرىمىزدا ۋە تور دۇنياسىدا تارقىتىپ يۈرىشىمىز نامۇۋاپىق. چۈنكى «تارىخى رەشىدى»نىڭ مۇئەللىپى بەدەخشاننى فەتىھ قىلىپ 30 يىل سورىغان مىرزا ھەيدەر كوراگان ئالىم ئىدى. ئىنقىلاپلاردا ئالدىنقى سەپتە تۇرغان موللا مۇسا، مەمتىمىن بۇغرالار دىنىي ئۆلىما، مۇدەررىس ئىدى. ئۇلار ئۆزى قىلىۋاتقان ئىنقىلاپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىدەك، جىھات ياكى ئەمەس ئىكەنلىكىنى دېيەلمىگىدەك ئادەم ئەمەس ئىدى. شۇڭا تارىخ تارىخچىمىزنىڭ تەسۋىرلىگىنى بويىچە بولغىنى ياخشى. ئۇيغۇر تارىخىدا قوزغىلاڭ دېيىلگىنى قوزغىلاڭ بولسۇن، ئىنقىلاپ دېيىلگىنى ئىنقىلاپ بولسۇن. تارىخنى ياراتقان بوۋىلارنىڭ، ئىنقىلاپقا قاتناشقان ۋە رەھبەر بولغان پىشىۋالىرىمىزنىڭ روھى قورۇنماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار نېمە دېگەن بولسا، بىزگە قانداق يېزىپ قالدۇرغان بولسا شۇنداق ئۆگىنىپ تارىخنى ئۇلاپ ماڭغىنىمىز ئاقىللىق.

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىھات دېيىشمۇ شەپكىگە سەللە يۆگىگەندەك بىر ئىش. 1990-يىلى 5-ئاپىرىل كۈنى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ئىككى پارچە ئەسلىمە چىقىپتۇ. كىتاپ ھەققىدىكى گەپ ئىككى، ئەمما مەزمۇن بىر بولۇپ ئىككىلىسىدە «بارىن ئىنقىلابى» دېيىلىپ «جىھات» دېيىلمىگەن ئىكەن.

تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىدا ئىنقىلابنى جىھات دېيىش ھەسەن مەخسۇم ئافغانىستانغا چىققان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قوراللىق ھەرىكەتلەر باشلانغان يىللارغا توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات ماتېرىياللارىدا جىھات سۆزىنى رەسمىي قوللانغان. بۇ تەشۋىقات خەلقئارا جىھاتچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تۇتۇشۇپ، ئۇيغۇرنىڭ يەرلىك مىللىي داۋاسى دۇنياۋىي دىنىي داۋاغا قاراپ كېڭەيگەن. ئۇيغۇر رەھبەرلەر جىھاتنى تەرغىپ قىلىپ، قوراللىق ئىنقىلاپتا دىننى قوزغاتقۇچ كۈچ، تەشۋىقات قورالى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ قورال ئۇ چاغلاردا ئاللىقاچان خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، شۇئار ياتتىن ۋارقىراش بىزدىن، پىلان ياتتىن ئىجرا بىزدىن بولىدىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن. ھالبۇكى، شۇ چاغلاردىمۇ بارىندىكى ئىنقىلاپنى جىھات دېيىش ئومۇملاشقان ئەمەس.

بارىن ئىنقىلابىنى بارىن جىھادى دېيىش سۈرىيەگە چاقىرىق قىلىنغان جىھات، ھىجرەت تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ تىللارغا چىققان. رەسمىي ئۇيغۇر مەتبۇئاتلاردا 2017-يىللىرىمۇ شۇنداق دېيىلىپتۇ. 2018-يىلغا كەلگەندە نۇتۇق ۋە تورلاردا شۇنداق دېيىلىش رەسمىيلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ باشلىغان ئىنقىلاپ ئەينى دەۋىردە جىھات دېيىلمىگەن. بۇنى ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئەمەس، شۇنداق دېسە پايدا ئالىدىغان ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ دېمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن ئىنقىلابىنى ئىسيان دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان بۈگۈنكى دېيىلىۋاتقان جىھاتنىڭ مەنىسىگە يېقىن غازات سۆز بىلەنمۇ تەسۋىرلىمىگەن. بۇ ئىنىقىلاپ ئەينى دەۋىردە دىندىن مۇستەسنا ھالدا، ھۆكۈمەتكە قارشى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دېيىلگەن.

زەيدىن يۈسۈپتەك ئۆزىنى مۇجاھىت، ھەرىكىتىنى جىھات دېمەيۋاتقان كىشىنىڭ ئاغزىدىن «قۇرئان مازارلىقتا ئوقۇيدىغان كىتاپ ئەمەس، جىھات قىلىش مىزانىدۇر» دېگەن سۆزنىڭ چىقىشى پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. ئورامىدىن قارىغاندا بۇ گەپ 1997-يىللىرى قەبرە بېشىدا قۇرئاندىن بىر قانچە سۈرە ئوقۇپ دۇئا قىلىشنى بىدئەت دەپ چەكلىگەن، ۋاھابىلىق دىن دېيىلىپ يېيىلغان دەۋىردە چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ كۈنگىچە بۇ گەپنى «زەيدىن يۈسۈپ دېگەن» دەپ يازغانلار كىمدىن ئاڭلىغان، نەدە ئاڭلىغان، قاچان ئاڭلىغان، قانداق سورۇندا ئاڭلىغان دېگەن سۇئاللارنى جاۋاپسىز قالدۇردى.

مەن 2014-يىلى 5-ئايلاردا قاماقتا ياتقان چاغلاردا قاتىللىق بىلەن مۇددەتسىز كېسىلگەن بىر تۇڭگان بىلەن بىللە ياتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بارىندا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى جامال مۇھەممەت بىلەن بىللە ياتقان ئىكەن.

جامال مۇھەممەت ھەققىدە بۇرۇن ئاڭلىغان. «بارىن ئىنقىلابى» ھەققىدە ئىزدىنىپ، قاماققا كىرىشتىن بۇرۇن بارىنغا بىر قانچە قېتىم بارغان. ھەتتا مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئىنقىلاپ يۈز بەرگەن ئورۇن، ئېتىشقان يەر، مۆكۈنگەن جايلارغىچە تەكشۈرگەن ئىدىم. قاماقتا جامال مۇھەممەتتەك مۇھىم بىر كىشىنىڭ ھايات قالغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، قاماقتىن چىققاندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلدىم. ھەقىقەتەن بىز مۇئاۋىن باش قۇماندان دەۋاتقان جامال مۇھەممەت شۇ تۇڭگان دېگەن تۈرمىگە قامالغان ئىكەن. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋاڭ دېگەن بىر خىتايمۇ (تۈرمە خاتىرىلىرىمدىكى «دوزاققا كىرمىسۇن دېدىم» دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ) ماڭا بارىن ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى مىنىستىرلار بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى دېگەن ئىدى. تەكشۈرۈپ بىلىشىمچە، بارىندىكى ئىنقىلاپتا قوراللىق كۆرەش ئارقىلىق بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇش پىكرى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان.

بۈگۈن بىز مۇھاجىرەتتە ۋەتەندە قورال بىلەن قارىشىلىق قىلىۋاتقانلار، زۇلۇمغا سۆز بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقانلار، سۈكۈت بىلەن نەپرەتلىنىۋاتقانلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز، پائالىيەتلەرنى تەشكىل قىلىۋاتىمىز. ئاۋۋال قىلىدىغىمىز شۇ قەھرىمانلارنىڭ سۆز، پىكىر ۋە ئاتاشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشتۇر. ئۇلار قارشىلىقلارنى قانداق ئاتىغان بولسا، زالىمغا قارشى نېمە دېگەن بولسا، ئۇلار بىزگە نېمە قالدۇرغان بولسا، نېمىنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا شۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى، لەۋزىنى، سۆزىنى چۆكۈرمەسلىك، كۆپتۈرمەسلىك، ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۈگۈنكى كىشىلەرنى  ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر نۇتۇق، بىر پائالىيەت ئۈچۈن قەھرىمانلارنىڭ ھەرىكەت، نۇتۇق ۋە ھىممەتلىرىنى بۇرمىلاش، قايتا قۇراشتۇرۇش ياكى تۈرلۈك ئويدۇرمىلارنى قوشۇپ بېزەپ جابدۇش سەمىمىيەتسىزلىك، ساداقەتسىزلىك، ئېغىرراق دېسە تۇزكورلۇق بولىدۇ.

ئىلگىرىكىلەرنىڭ ياراتقىنى تارىخ، بۈگۈنكىلەرنىڭ يارىتىدىغىنىمۇ شۇ. تارىخ بىر ئىلىم بولۇپ ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىشى. تارىخنى پاكىتلار بىلەن خۇلاسە قىلمىغاندا، تارىخ ھەققىدە سۆزلىگەندە پاكىتقا، ئىلىمگە ۋە كىتاپلارغا مۇراجەت قىلمىغاندا مۇشۇنداق  ئاغزىغا كەلگەننى دەيدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بەزىلەرنىڭ داۋايىمىزنى دىنىي داۋا دېيىشتىن توختاپ مىللىي داۋا دەپ ئىتىراپ قىلغىنى قۇتلۇقلاشقا ئەرزىگۈدەك بىر ئىش. ئەمما ئاغزىمىزدا مىللىي دەۋا دەپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادا دىن نامىدا قىلىنىۋاتقان، بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ئالقىنىدا ئويۇنچۇققا ئايلانغان، خەلقئارالىق مالامانچىلىقنىڭ ئورتاق ئىسمىغا ئايلىنىپ سەلبى مەنە ئېلىپ قالغان جىھات سۆزى بىلەن، تارىخمىزنى ۋە ھازىرقى ئىنقىلابىمىزنى خاتىرىلىسەك ئىلىمگە ئۇيغۇن، ئەجداتقا مۇناسىپ ئىش قىلىنغان بولمايدۇ. تارىختىكى ئىنقىلاپلارنى مىللىي ئىنقىلاپ دەپ خاتىرلەپ تۇرۇپ، نىيەتلەرنىڭ ئەكسىچە بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى جىھاتلاشتۇرۇپ چىقساق داۋايىمىزغا، ئىلىمىگە، ئەجداتقا، ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئىشنى قىلغان بولىمىز.

جىم تۇرىۋېلىش تاكتىكىسى

 

2015-يىلى داڭلىق يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن، تور ياغۇچىسى تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال، يازغۇچى تۇنىياز ئوسمان، تور ساھىبى ئادىل رىشىت، ئەكبەر ئەسەت، ئوبزۇرچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار قولغا ئېلىندى. بۇلاردىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە تۈرسۇنجان مۇھەممەت مارشال ھەققىدە ئايرىم خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، قالغانلارغا ئائىت تەپسىلى ئۇچۇرلار ھېلىمۇ مەتبۇئاتتىن مەخپىي تۇتۇلماقتا. ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەرنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە چاقىرىقلامۇ ئېقىپ يۈرمەكتە. ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن بىللە تۇتۇلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا «كىملىكى ئېنىقلانمىدى» دېيىلگەن، بوزقىر تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى ئادىل رىشىت بولۇپ مائارىپ نازارىتىدە ئىشلەيتتى. بوزقىر تورى، قاماقتىن چىققىنىمنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان، يازمىلىرىمنى توختىماي ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەن يۇقىرىقى زىيالىلارنىڭ رەسىملىرىنى، ئەسەرلىرىنى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى، نەگە قامالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئەمما ماڭا يەتكۈزگۈچىلەر جاھانغا يەتكۈزۈشۈمگە رۇخسەت قىلىشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرنىڭ پىچاق بىلەن قىلىۋاتقان قارشىلىقى ئالەمگە ئايان بولۇپ، قەلەم بىلەن قىلىۋاتقان كۆرىشى ئەركىن ئاخباراتتىن مەھرۇم، يىراق بوزقىرلارغا كۆمۈلگەن پېتى قالدى.

ماڭا خەۋەر يەتكۈزگۈچىگە ھەر قانچە چۈشەندۈرۈپمۇ مەھبۇسلار ھەققىدە دۇنياغا جاكارلانغا ئۇچۇرلارنىڭ خەۋپلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەلمىدىم. بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىنىمدا، ئاشكارىلىماي جىم بولۇۋېلىشنىڭ ئاقىللىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. نەتىجىدە ۋەتەندە بىرەر كىشى تۇتۇلۇپ، بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي تەكرارلىنىدىغان «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەن سۆزنىڭ چەتئەللەردىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كىشىلەر ۋەتەن سىرتىدا پەقەت، ۋەتەندىكىدەك «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەننى تېشىغا چىقىرالمايدىكەن. ئەمما ۋەتەندە كىشىلەرنىڭ جىم يۈرمىگىنىدىن ئاغرىنىپ كۆنگەن كىشىلەر سىرىتقا چىققاندا جىم يۈرمەيدىغان ئورگان ۋە كىشىلەرنى « ئۇيغۇرلارنى بالاغا قويۇۋاتىدۇ»، «دوللار ئۈچۈن كىشىلەرنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىپلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زۇلۇمنىڭ سىرىتقا ئاڭلىنىشى زۇلۇمنى تېخىمۇ ۋەھشىلەشتۈرۈپ ئۇلغايتارمىش.

يېقىندا ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى. تۈركىيەدىكى بىر سورۇندا بۇ ھەقتە گەپ بولۇپ كىتابنىڭ چىقىشى تەنقىتلەندى. تەنقىتچىلەرچە بۇ ئىلھام توختىنى «تۈركىيەدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار» قىلىپ كۆرسىتىش بولۇپ، خەۋپلىك ئىكەن. ھەتتا ئۇلارچە كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى كۆك، خەتلەرنىڭ ئاق بولۇشىمۇ خەۋىپنىڭ زورىيىشىغا باھانە بولارمىش. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئىلھام توختى ھەققىدە دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ھالىنى تېخىمۇ خاراپ قىلارمىش. مېنىڭ بۇ يەردە چۈشەنمىگىنىم، ئاللىقاچان تۈرمىگە قامالغان بىر كىشى يەنە قانداق خاراپ بولار، يەنە قانداق خەۋپكە قالار؟

مەنچە كىشىلەرنىڭ يۇقارقىدەك ئويلاشلىرىغا سەۋەپ بولىدىغان بىر قانچە قاراش بار. بىرى خىتاينى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قاراش. بۇ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلەن، 2016-يىلى تۈركىيەدىكى بىر تەشكىلات تەرىپىدىن ئەرەبچە تارقىتىلغان بىر تەشۋىقاتتا مېنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىم بايان قىلىنىپتۇ. ھەتتا بۇندىن ئۈچ يىللار بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشاتنىڭ رەسىمىمۇ مەھبۇسلار تىزىملىكىدە تۇرۇپتۇ. ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغان بولسا، يىلدا نەچچە قېتىم ئۆتكۈزىدىغان نامايىشلىرىغا، دۇنياغا تارقىتىدىغان تەشۋىقاتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ئىدى، يۇقىرىقىلارنى ئالدامچىلىقنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە جاھانغا يېيىپ تەشكىلاتلىرىمىزنى مات قىلغان بولاتتى. شۇڭا خىتاينى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانسا خەۋپلىك دېگەن قاراشتا كۆپتۈرمىچىلىك ئېغىر.

ئىككىنچى خىل قاراش، چەتئەلدىكى سادا ۋەتەندىكى جازانى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، دەپ قاراش بولۇپ. مەنچە ئۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر سىرىتتىكى سادا ئىچىدىكى جازانى ئېغىرلاشتۇرسا ئىدى، دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، «ياۋا كەپتەر»نىڭ يازغۇچىسى، رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى، ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە يالقۇن روزى، تۇنىياز ئوسمان، ئادىل رىشىت، ئەكبەر ئەسەت قاتارلىق قەلەمكەش زىيالىلارنىڭ تۇتۇلىشى ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى تازىلاشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلارنى جازالاش كومپارتىيەنىڭ يەرلىك سىياسىي -قانۇن كومېتىتىتىنىڭ يوليورۇقى بىلەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانچىلىك جازالىنىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغا قاراپ بېكىتىلمەيدۇ. شۇڭا جىم تۇرىۋېلىش جازانى يېنىكلىتەلمەيدۇ.

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئېتىقات ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى پاكىت. نۆۋەتتە بۇنداق زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس ئۇيغۇرلاردا ئاساسلىقى پىچاق ۋە قەلەم بىلەن ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پىچاق بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئېلىپ، قەلەم بىلەن، سۆز بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس مەخپىي تۇتۇلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى چەتئەلدىكى بىر قىسىملارنىڭ جىم تۇرىۋېلىش تاكتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنى بىلىش كېرەككى، قاماققا مەھكۇملار زالىملىققا سۈكۈتنى، ئادالەتسىزلىككە بىپەرۋالىقنى، زوراۋانلىققا جىم تۇرۇشنى تاللىغان ئەمەس. ئەگەر شۇلار بىزدەك جىم تۇرۇشنى تاللىغان بولسا ئىدى، قاماققا مەھكۇم قىلىنمىغان بولاتتى. شۇڭا چەتئەللەردە جىم تۇرۇش تاكتىكىسىنى ياقىلاپ، پىكىر بايان قىلىۋاتقانلاردىكى كەيپىيات ۋەتەندىكى «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەن زەيپانە قاقشاشنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇلار قاماقتىكى مەھبۇس ئەزىمەتلىرىمىزدىن ئەمەس، ئەركىنلىكتىكى ئۆزىدىن بەكرەك ئەنسىرەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

 

 

دۇنيا سۈكۈتنى چۈشەنمەيدۇ

 

ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تۈرمىگە ئايلانغانلىقى دۇنيانىڭ ئاغزىغا چىقتى. ئەمما مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە كۆمۈلگەن. ئەتراپىمدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەم بولغاندا بىر قېرىندىشى قاماقلىق. مەن تونۇمايدىغان، ئەمما مېنى ئۆز كۆرۈپ دەردىنى تۆكۈپ بېرىدىغانلارنىڭ ئائىلە بويىچە سولاققا مەھكۇم بولغانلىقى دەرت ئۈستىگە دەرت بولۇۋاتىدۇ. ھەر كۈنى تېلىفوننى ئاچسام بىر تۇتۇلغاننىڭ خەۋىرى، تورنى ئاچسام بىر دەرتمەننىڭ ماڭا قالدۇرغان ئاھۇ زارى. ئەمما قالدۇرغان سۆزنىڭ كەينىگە «ئۆتۈنۈپ قالسام ھېچكىم بىلمىسە، سىزگە ئىشىنىپ دېدىم» دېگەن جۈملىلەر ئەسكەرتىلىدۇ.

مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىدىن خوش بولساممۇ تۇتۇلغان قېرىنداش، تۇققان ۋە دوستلارنىڭ ئازابىنى تارتىپ بولالماي ئاران تۇرغاندا بۇ گەپلەر يارامغا تۇز چاچقاندەك بىلىنىدۇ. مەن بۇ باغىرلاردىن «قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دەپ سورايمەن. خەت يازغان، سۆز قالدۇرغان، دەرت تۆككەنلەرگە بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە پىكىر توپلايمەن. ئەمما ئېنىق بىر جاۋاپ، ھەرىكەت، چۇقان يوق. ھەتتا ئىككى سائەت دەرت تۆكۈپ بولۇپ كىملىكىنى سورىمىساممۇ «كىملىكىمنى، دېگەنلىرىمنى بىرسى بىلمىسە» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئەنقەرەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر مۇساپىرلار كومىسارلىقى ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ كىشىلەرگە بۇ ھەقتە ياردەمدە، مەسلەھەتتە بولدۇم. ئەمما ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلار كېلىپ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى سۆزلەيدىكەن. بىر خادىم پاراڭدا «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمدىن خەۋەردار، ئەمما بىزنىڭ خەۋەرسىز قالغىنىمىز شۇ زۇلۇمنىڭ زادى كىملەرنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكى» دەيدۇ. پاناھلىق تىلەپ بارغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەننى، ئىسىم، ۋەقە، ۋاقىت، ئورۇن، سەۋەپ قاتارلىقلار بىلەن ئىسپاتلىيالمايدىكەن. سەۋەبى تۇققانلىرىنىڭ ۋەتەندە زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقى، ئۆزىنى خىتاينىڭ بىلىپ قالماسلىقى، پەرزەنتلىرىنى خىتاينىڭ تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىكەن. ب د ت خادىمىنىڭ «ئۇلار بىزگە ئىشەنمىسە، بىزنى قانداق ئىشەندۈرىدۇ؟» دېگىنىنى ئاڭلاپ ماڭا تۆكۈلگەن ئىگىسىز دەرتلەر ئېسىمگە كېلىدۇ.

مەن قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغانلارغا «خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ دەڭ،» دەيمەن. «پاسپورتۇمنى بىكار قىلىدۇ» دەيدۇ. «نامايىشقا چىقىپ دەڭ!» دېسەم «سىياسىغا چېتىلىپ قالىمەن!» دەيدۇ. «ئۆزىڭىزگە پۇقرالىق بەرگەن دۆلەتكە دەڭ!» دەيمەن، «خىتايغا دەپ قويسا خىتاي تېخىمۇ زۇلۇم قىلىدۇ!» دەيدۇ. ب د ت ئورگىنىغا خەت يېزىڭ دېسەم «كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا ئىسمىم بىلەن ئوتتۇرغا قويسا، خىتاي تۇققانلىرىمغا بېسىمنى تېخمۇ كۈچەيتىدۇ!» دەيدۇ. پاراڭ نەتىجىسىز، كۆڭۈلسىز ئاياقلىشىپ سىرلارنىڭ يەنە پېچتى بۇزۇلمايدۇ.

ئاڭلىشىمچە خىتايدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، دەپ كۈتۈپ يۈرۈپتىمىز. خىتاينى قۇرۇلتايدىن كېيىن بوشارمىش، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» تۈگىگەندەك چىدىسا ئۆتۈپ كېتەرمىش. ئەمما تارىخ ۋە رېئاللىق بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. يىراقنى دېمەي تۇرايلى، مۇشۇ ئوتتۇز يىلدىن بېرى خىتتايدا زۇلۇم بوشىدىمۇ؟ مۇشۇ 30 يىلدىن بېرى زۇلۇم بىز سۈكۈت قىلغانچە ئازلاپ قالدىمۇ؟ خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز، يوۋاشلىقىنى تەقدىرلىدىمۇ؟ قايسىمىزنىڭ سۈكۈتىگە خىتاي مۇكاپات ۋەدە قىلدى؟

سۈكۈتچان دەرتمەن، ئۈنسىز يىغلاڭغۇ، ھەرىكەتسىز تەمكىن قېرىنداشلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ. بىز ھېچ يەرگە غىڭ قىلماي تۇرۇپ بەرسەك، ھېچكىمگە ئاۋاز چىقارماي ياشاپ بەرسەك خىتاي زۇلۇمنى توختىتارمۇ؟ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى قويۇپ بېرەرمۇ؟ كەڭچىلىك قىلارمۇ؟ بىر يىل توختىماي خەلقئارا سوتقا ئەرىز سۇنساق، بىر يىل توختىماي خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نۆۋەت تۇتساق، بىر يىل توختىماي كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە خەت يازساق، بىر يىل توختىماي خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويساقچۇ؟ ھەممىز ئوخشاش كۈن، ئوخشاش ۋاقىتتا قاماقتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋاسىنى قىلساق نېمىشقا بولمايدىكەن؟ قېرىنداشلار قاماقتا تارتقان ئازاپ ئۈچۈن مىللەت بويىچە ئاچلىق ئېلان قىلساق بۇنىڭ نەرى بولمايدىكەن.

توغرا، بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىرىمىز تۇرمىدىن چىقمايدۇ، ئەمما خىتاينىڭ جېنى چىقىدۇ، بىزنىڭ دەردىمىز چىقىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە، ئوخشاش بىر شەكىلدە ھەرىكەت قىلساق بىزنىڭ قېنىمىز ئاقمايدۇ، ئەمما بىز بىر مىللەت، ھەممىمىز ئۇيغۇر دېگەن داۋايىمىز ئاقىدۇ. ئەمما ھەممەيلەن مۇشۇ پېتى سۈكۈتنى تاللىساق، قېرىنداشلار قەپەزدە يىغلايدۇ، بىز قەپەزگە قاراپ يىغلايمىز.

 

 

قۇربانلىققا يارالغانمىدىڭ، ئاچا!

 

ئاچا، بۈگۈن خىتاي ئۇيغۇرلارنى يىغىۋالغان جازا لاگىرلىرى ھەققىدە يېزىپ ئولتۇرۇپ شۇنداق ئېزىلدىم. خۇددى سەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندەك، بىرىگە يىلىنىۋاتقاندەك، يالۋۇرىۋاتقاندەك، يىغلاۋاتقاندەك. بىلىمەن، بۇ ھەقتە بىر ئەمەس مىڭ پارچە دوكىلات يازساممۇ سېنىڭ بىر كۈنلۈك ئازابىڭغا، بىر تامچە كۆز يېشىڭغا دال بولالمايدۇ. بۇنداق يارىماس باماقلىرىم بىلەن مىليۇن خەت باسساممۇ ھېچكىم سېنىڭ ۋاقىتسىز ئاقارغان، يۇيۇقسىز پاخپايغان چېچىڭنى تارىيالمايدۇ.

ئۈچ كۈن بولدى، دوكىلات يازىمەن دەپ توپلىغان سان – سىپىر ۋە پاكىتلارغا قارىساملا سېنى كۆرىمەن. زۇلۇم تەسۋىرلەنگەن ھەر تاۋۇشتىن، ھەر بىر ھەرىپتىن سېنىڭ مەسۇم چىرايىڭ، كۆزەينەكنىڭ كەينىدىكى ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلىرىڭنى كۆرىمەن ئاچا. يېزىشىم كېرەك ئىدى، قانچە بۇرۇن پۈتكۈزسەم، ساڭا يۈز كەلگىدەك بىر ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيتتىم، ئەمما ئاران تەستە توپلىغان، بىر يىل بۇرۇنقى پاكىتلارغا قاراپ بۈگۈنكى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ۋەزىيەتتە خاراپ ھالىڭ، كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان كېسەللىرىڭ ئېسىمگە كېلىپ داۋام قىلالمايۋاتىمەن.

ئويلاپ باقسام ئۆمرۈڭ قۇربانلىق ئىچىدە ئۆتۈپتۇ. باشلانغۇچنى مېنى باقىمەن دەپ سىنىپتا ئەمەس، سىنىپنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە، بىر قولۇڭدا مېنى بىر قولۇڭدا كىتاپنى تۇتۇپ ئوقۇپ ئۆتكۈزۈپسەن. ئەقلىڭنى بىلىپ يىگەنلىرىڭ مەن ۋە سىڭلىم يەپ بولالمىغان، يىگىلى ئۇنىمىغان يىمەكلەر، كىيگەنلىرىڭ ئىككى ئاكامدىن ئاشقان كىيملەر بوپتۇ. سەن «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان بىر يىلى مۇكاپات سەھنىسىگە ئاكامنىڭ چوڭ كېلىپ قالغان چاپىنىنى كېيىپ چىققان ئىدىڭ. رىياسەتچى ئىسمىڭنى ئۈچ قېتىم چاقىرغاندا بېشىڭنىمۇ كۆتۈرمەي ئاران سەھنىگە چىقىپ، چاپاننىڭ ئۇزۇن كېلىپ قالغان يەڭلىرىنى تولا تۈرۈپ مۇكاپات ئالغاندەك ئەمەس، سازايى قىلىنغاندەك كەيپىياتتا سەھنىدىن چۈشكەن ئىدىڭ.

قىزلارنىڭ بويى ئۆسۈپ بولغىچە سۆز-چۆچەكلەر باراقسان كۆكلەپ بولىدىغان مەھەللىمىزدە ئاكىلىرىم ساڭا بەك ئىگە بولاتتى. مەكتەپكە قاچان مېڭىپ قاچان قايتىشىڭ ئىككى ئاكامنىڭ نازارىتىدە ئىدى. قىزلار 15 ياشقىچە كىرىپ بولغىچە ئايال ئاتىلىپ بولىدىغان ئۇ يۇرتتا سەندەك بويى لوڭڭىدە ئۆسۈپ، رەڭ تۈزگەن قىزلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. ئاكىلىرىمنىڭ گەپكە قېلىشتىن قورقۇپ ساڭا ھەر زامان قاراۋۇللۇق قىلىشلىرى سېنى باشقا قىزلاردىن ئايرىپ، دوستسىز يالغۇز قويدى، قىزلار دۇنياسنىڭ رەڭدارلىقىدىن مەھرۇم قالدۇردى. قىز چاغلىىرىڭ، گۈل پەسلىڭ تۆت ئوغۇلنىڭ كىرىنى يۇيۇپ، تامىقىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كەتتى.

ئاتا-ئانامنىڭ قۇراشتۇرىشى بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولدۇڭ، چاڭگا تىزغاندەك ئاۋايلاپ ياسىغان ئۇۋاڭ ئەمدى ئىسسىغاندا يولدىشىڭ قازاغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۆلۈپ كەتمىدى، ناھىيىلىك پاتىكومنىڭ ماشىنىسىدا يەنچىپ ئۆلتۈرۈلدى. رەھمەتلىك دادام ئۈرۈمچىگە 13 قېتىم چىقىپمۇ ئەرىزنى ئاقتۇرالمدى. فۇ چېڭگاڭ ئىسىملىك قاتىل خىتاي ھېلىمۇ شۇ يۇرتىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. شۇ قاتىلنى قوغدىغان پارتىكوم ھازىرمۇ سەندەك مىڭلىغان بىگۇناھ مەسۇملارنىڭ يۈرىگىنى مۇجۇپ غۇرۇرىنى يەنچىۋاتىدۇ.

يولدۇشىڭ تۈگەپ كەتكەندە ئىككى بالاڭ بىلەن قالدىڭ، كىچىكى تۆت ئايلىق، چوڭى ئالتە ياشتا ئىدى. سەن ئوتتۇزغىمۇ كىرمىگەن جۇۋان ئىدىڭ، بالام دېگەندە تىلىڭدىن تامغان مىھىرنى، ئانام-دادام دېگەندە قەلبىڭدە يانغان مۇھەببەتنى باغرىڭغا بېسىپ يىگىرمە يىلنى تۇل ئۆتكۈزدۈڭ. ئاخىرى ئانامنىڭ ئارزۇسىنى دەپ مەندەك بارسا كەلمەس يولنى تاللىغان ۋاپاسىز ئىنىڭنى كۆرمەك ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدىڭ. تەلەيلىك ئانام بۇ ئېغىر كۈنلەر كېلىپ بولغىچە ئاللاھنىڭ رەخمىتىگە كەتتى، ئەمما ماڭا قۇربانلىق بولۇپ بارچە بالاغا سەن قالدىڭ. مېنىڭ ئاچام بولغان گۇناھىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ قانخور تىرناقلىرى، يىرىڭ ئالقانلىرىغا مەھكۇم بولدۇڭ.

كىچىكىمدە قوي باققىلى چىقساق ساڭا قويلارنى قويۇپ قاچاتتىم. ئوت ئالغىلى چىقساق سېۋىتىڭدىكى چۆپلەرنى تارتىۋېلىپ ئويۇنغا قاچاتتىم. تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتساڭ چېچىڭغا سەرەڭگە يېقىپ تۇتۇق بەرمەيتتىم. بۇ ئۆمرۈمدە سەندىن قېچىپتىمەن، بالا –  قازانى تېرىپ ساڭا تاشلاپ قېچىپلا يۈرۈپتىمەن. ياشانغان ئاتا-ئانامنى ساڭا تاشلاپ ئوقۇشقا قېچىپتىمەن. ئىككى بالىنىڭ غېمىگە سېنى يالغۇز قويۇپ چەتئەلگە قېچىپتىمەن. ئۆزۈم كۆتۈرەلمەيدىغان مەسئۇلىيەتكە، قەلبىم تەلپۈنگەن خىيالغا، بوۋىلىرىمىزنىڭ كۆزى تېشىلگەن مەنزىلگە يېتىمەن دەپ سېنى يالماۋۇزغا تاشلاپ قېچىپتىمەن.

قولۇمدىكى دوكىلاتنى يېزىپ بولسام نېمە بولىدۇ؟ ماڭا زۇلۇمغا قارشى داۋا بولىدۇ، بەلكىم ساڭا تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم بولىدۇ. يازمىسامچۇ؟ يازمىساممۇ سېنى قويۇپ بەرمەيدۇ، ئەمما مۇشۇنچىلىك بىر ئىشنىمۇ قىلمىسام مەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىڭغا ئۇۋال بولىدۇ، كۆرىدىغان كۈنلەر تېخىمۇ قارا، تېخىمۇ زاۋال بولىدۇ.

ئۇلار خىتاينىڭ ئادىمىمۇ؟

 

تورلاردا مېنى تۈركىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فەتھۇللاھ گۈلەنگە چېتىش، قارىلاش ئېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر دوستۇم ئىزدەپ كېلىپ كېتىدىغاندا ناھايىتى ئېغىر كەيپىياتتا: «ئاداش كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن، ھېلىقى فەرىدۇن ئاكىمىز سىلىنى گۈلەنگە ئوخشىتىپ قارىلىغانلارنى سوراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى شۇم نىيەت ئادەملەرگە ئۇنداق يول قويغىلى بولمايدۇ دەيدۇ!» دېدى. ئەسلى شۇ بەتنىيەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىپ غەلىبە قىلغان ئىدىم. يەنە تىلغا ئېلىنغىنى سەل بىئارام قىلدى.

دوستۇمغا «رەھمەت، بولدى قىلىڭلار، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن، ئەمما ئۇلار نەپرىتىمگە ئەرزىمەيدۇ» دەپ ئىشىمغا تۇتۇش قىلدىم-يۇ كىرىشەلمىدىم. ماڭا كۆيۈنگەنلەرنىڭ بەزىلىرى «بۇلار خىتاينىڭ ئادىمى» دېسە، يەنە بەزىلەر «ئۇلار مۇجاھىتلارنىڭ ئادىمى» دەيتتى، بەزىلىرى مۇشۇنى باھانە قىلىپ موللىلارنى تىللىسا، بەزىلىرى ئۇلارنى ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەن ئەمەت مەزىنگە ئوخشىتاتتى. ئارىمىزدا نېمە دېيىلسە مەيلى. ماڭا تەسىر قىلغىنى ئىچىمىزدىكى بۇ رەزىلىككنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ياقىلايدىغان تۈرك دوستلارغىمۇ ئاڭلىنىشى.

مېنى تۈركىيەدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە خىرىس قىلغان گۈلەنگە ئوخشاتقان ئۇ كىشىلەرنى تونۇيمەن. ئۇلار خىتاينىڭ ئادىمى ئەمەس، مۇجاھىت دېگەن ئىسىم ئۇلارغا قويۇلسا مۇجاھىتلارغا ھاقارەت بولىدۇ. ئۇلار مەن ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتا پەندىيات دەۋەتكەن بىر ئەلدە ۋە تۈركىيەدە ئىدى. ھازىر كۆپىنچىسى يەنە تۈركىيەدە، بىر قىسمى ياۋرۇپادا، ئاز بىر قىسمى باشقا ئەرەپ ئەللىرىدە. ئەسلى بۇ ھۇجۇم تۈركىيەدىكى ۋىسال ۋە شىمالى ئافرىقىدا قۇرۇلغان ئەقىدە دېگەن مۇنبەردە 2016-يىلى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن باشلانغان.

بۇ دۈشمەنلىك ماجراسى مەن 2016-يىلنىڭ بېشىدا يازغان «مىسىرغىمۇ تۈركىيەگىمۇ» دېگەن يازما بىلەن باشلانغان. يازمامدا مىسىردىلا ئەمەس تۈركىيەدىمۇ ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئوگىنىشكە بولىدىغانلىقىنى يازغان. مىسىر بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلامى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشتىكى ئەھۋاللىرىنى سېلىشتۇرغان. بەزىلەر مىسىرغا كەلمەي تۇرۇپ، ئاڭلىغانلىرىغا قاراپ پاكىتسىز بىر نەرسىلەرنى يازدى دېگىنى ئۈچۈن يېرىم يىلدىن مىسىرغا تەكشۈرۈشكە باردىم. «ئەزھەرنىڭ ئۇيغۇر ئىخلاسمەنلىرى»، «كۆڭۈللەردە ۋە ئەمەللەردە بىز»، «كەمسىتىلگەن كەسىپ ۋە ئۇلۇغ بېقىندىلىق» دېگەن يازمىلار بۇ زىيارەتتىن كېيىن يېزىلغان.

يۇقىرىقى يازمىلار سەۋەبىدىن 2017-يىلنىڭ بېشىدا يەنە شۇ «ئەقىدە» دېگەن مۇنبەردە ھۇجۇم باشلاندى. ھۇجۇمچىلار تۆھمەت ۋە ھاقارەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن قۇرئاندىكى ئەبۇ جەھىلگە ئائىت ئايەتلەرنى نەقىل قىلغان بولدى. مېنى رەسۇلىمىزنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئەبۇ جەھىلگە چىقىرىپ پەتىۋا چىقىرىشقان. 2017-يىلى ئاپىرىلدىن كېيىن ئەزھەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي يەرلىك دائىرىلىنىڭ چاقىرىپ قايتۇرۇپ كېتىش دولقۇنى باشلاندى. مەن ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتىشكە دەۋەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ئۇيغۇريار فوندىدىكى دوستلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە ساق سالامەت كەلدى.

2017-يىلى 4-ئىيۇل قاھىرەدە ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش باشلاندى. كېچىلەپ بېلەت ئالدۇق. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇلار ئۇلارغا بېلەت ئېلىپ بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. پەيشەنبە كېچىسى بىز بېلەت ئالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بولغان 20 كىشى ئىسكەندەرىيە ئايرۇپورتىدا تۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ ئىجازىتى بىلەن خەۋەرنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ مۇخبىرلارغا سۇندۇق. نەتىجىدە بۇ ۋەقە دۇنياغا يېيىلدى. بىز توختىماي يېڭى ئۇچۇر توپلاپ، بۇ خەۋەرنى بىر ئايدىن ئارتۇق خەلقئارا ئاخباراتتا تۇتۇپ تۇردۇق.

2017-يىلىدىن ئىيۇلدىن كېيىن بەزىلەر توختىماي تورلاردا مېنى قەستەن گۈلەن دېيىشكلە باشلىدى. «گۈلەننىڭ يەنە تۇرمىدە ياتقۇسى بارمۇ ئەجەبا» دېگەن تەھدىتلەرمۇ دوستلار ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزۈلگەن ئىدى. دېمەك، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە چىقىرىپ ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بۇ دىننىڭ خوجايىنلىرى، تۈركىيەدە مېنى ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنىگە چىقىرىپ باقتى. ئەپسۇس، مەن ئەمەس، ئۇلار سۈرۈشتە قىلىنىپتۇ.

ئۇ تۆھمەتچى قانداشلىرىمنى خىتاينىڭ ئادىمى ئەمەس دېدىم. ھەر قانداق كىشى ۋە ئورگانغا بۇ گۇۋاھلىقنى بېرىمەن. چۈنكى ئۇلارنى تونۇيمەن. قاھىرەگە بارمىغان چېغىمدا ئاڭلىغان، بېرىپ سورىمىساممۇ كىملىكى دېيىلدى، ئۇلارغا ئۇۋال قىلسام بولمايدۇ. ئۇنداقلار خىتايغا ئىشلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئادىمى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار گىرىپتار بولغان مۇستەبىتلىك، مەككارلىق، مەدداھلىق، كاززاپلىق ۋە مۇناپىقلىق كېسىلى ئۇلارنى ئاللىقچان زالىملار بىلەن بىر سەپكە تىزىپ بولغان.

بىزگە دۈشمەن بولۇش ئۈچۈن خىتاي بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارنى خىتايغا چىقىرىشىمىز تېخىمۇ بىھۇدە. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى زالىملىق، مۇستەبىتلىك، قانخورلۇق، قالاقلىق، پەزىلەتسىزلىك ئاللىقچان ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇپ بولغان. پەقەت ئۇلارغا جېنىمغا زامىن بولۇشقا پۇرسەت كەلمەي قالدى. ئۇلار خىتايغا ئوخشاش ئىمانىمغا، ۋاقتىمغا، زېھنىمگە، شەرىپىمگە تاجاۋۇز قىلدى، ئەمما خىتايدەك بۇ تاجاۋۇزچىلىقنى مىڭلىغان ئۇيغۇرغا تەدبىقلىيالماي ئاۋارە.

ئەڭ غەزەپىم كەلگىنى تۆھمەتچىلەرنىڭ «مۇجاھىتلارنىڭ ئادىمى» دېيىلگىنى بولدى. چۈنكى مۇجاھىتلارنىڭ يۇندىسىنى ئىچكەن ئىتمۇ ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، مانا مەن ئىت دەپ تالايدۇ. ھەرگىزمۇ ئىكراننىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ خىرقىرىمايدۇ، مەخپى ئىسىم بىلەن خىرىس قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ مېنى كاپىرغا چىقىرىشى ماڭا ئۆلۈم پەتىۋاسىنى بەرگەنگە باراۋەر. چۈنكى مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىش، مۇرتەت دېگەنلىك بولۇپ، شەرىئەتتە مۇرتەتنىڭ جازاسى ئۆلۈم ئىدى. ئەگەر ئۇلار مۇجاھىت بولغان بولسا بۇ شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمىنى چىقىرىپ قويۇپ غەيۋەتكە نان چىلاپ يىمەيتتى، ئىجرا قىلاتتى. مىسىردا چىققان ھۆكۈم بولغاندىكىن مەن مىسىرغا بارغاندا ئىجرا قىلاتتى. ئۇلار ئەسلى خۇددى مېنى گۈلەنگە ئوخشتىپ تۈركىيەنىڭ قولىدا جازالىماقچى بولغاندەك، كاپىرغا چىقىرىپ ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن قەتلى قىلماقچى ئىدى.

مەن مەيدانغا چىققان ئادەمنى ھۆرمەت قىلىمەن. مەيلى جەڭ مەيدانىغا چىقسۇن، ياكى ھەق مەيدانىغا. مۇجاھىتلار مەيدانلارغا چىقتى، جانلىرىنى، قانلىرىنى پىدا قىلدى. ئۇنداق كۇسۇككا چۈشكەنلەرنى مۇجاھىتلارنىڭ ئادىمىگە ئەمەس، ئىتىغا ئوخشتىشمۇ ئىتقا قىلىنغان ئاھانەتتۇر. ئۇلار خىتاينىڭ ئادىمى ئەمەس، خىتايدىن نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يىراقتا تۇرۇپ ئۆزلىگىدىن خىتايلىشىپ بولغان، خىتايدەك زالىملىشىپ، مۇستەبىتلىشىپ، قانخۇرلىشىپ، ھېلىگەرلىشىپ كەتكەن، خىتاي قورقۇنچىدا ئەرەبچە ئىسىم ئىشلىتىپ ئاتا-ئانىسى قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىمىنىمۇ دېيەلمەس بولۇپ كەتكەن مەخلۇقاتلاردۇر.

مۇقەددەسلىك ۋە سۈيىئىستىمال

 

بىر جەمئىيەتتە مۇقەددەسلىك قانچە ئاممىۋىي بولسا سۈيئىستىمالمۇ شۇنچىلىك ئاسانلىشىدۇ. تۈركلەر ئۈچۈن مۇقەددەسلىك مىڭ يىللىق ئىسلام ئېتىقادى. تۈركىيەدىكى بەزى جامائەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاك پارتىيە (ئادالەت ۋە كالكىنما (تەرەققىيات) پارتىيەسى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى) دىن ئىستىگەنلىرىگە ئېرىشەلمىگەن ھامان، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىغا خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى دەسستىۋالغان دېموكراتچىلار دەپ تەبلىغ قىلىشقا باشلايدىكەن. تۈركىيەدە دىننى سۈيىئىستىمال قىلىش ئاسان بولۇپ، دىن سىياسىيۇنلارئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ غايىۋىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك سۈيىئىستىمال ۋاستىسىدۇر. بۇ ۋاستىگە تايىنىپ تۈركىيەدە ئاك پارتىيەنى ئەمەس ھەتتا دۆلەت تۈزۈمىنىمۇ باتىلغا چىقىرىش مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى جامائەتلەر «قۇرئان»دا «جۇمھۇرىيەت» دېگەن سۆز يوق، شۇڭا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ دىندا ئورنى يوق دېيىشىدۇ.

ئۆلىما دوستلىرىمدىن ئۆگىنىشىمچە قۇرئاندا «مۇستەملىكە» دېگەن سۆزمۇ يوقكەن. ئەگەر بىر سۆزنىڭ بولماسلىقى شۇ ھادىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە ئىدى، «قۇرئان»دا مۇستەملىكە دېگەن سۆز بولمىغاندىكىن، مۇستەملىكىچىلىك مەۋجۇد بولمىسا بولاتتى. شۇنىڭغا قاراپ «قۇرئان» ئىنسانلارنى مۇستەملىكە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرمىغان، دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىن توسقان دېيەلەمدۇق؟ جامائەتلەرنىڭ بۇ يەردە قىلىۋاتقىنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر دۈشمەن ئىزدەش ۋە دۈشمەنلىكنى مۇقەددەس دىنغا باغلاپ ئاممىۋىيلاشتۇرۇشتۇر. ئېنىقكى، دىنىغا ئىشتىياق باغلىغان بىر مۇسۇلمانغا جۇمھۇرىيەت تۈزىمىنى دۈشمەن كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى «قۇرئان»نى ۋاستە قىلىشتۇر.

تۈركىيەدە سولچىلىق بىلەن ئوڭچىلىق باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىق. بۇ ئىككى دۈشمەن ئېقىمنىڭ بىرى دىننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالغان. سىياسىي ئېقىملارنىڭ بىر بىرىگە دۈشمەنلىك كەيپىياتى دىنغا باغلىنىپ كەتكەچكە ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ۋە دىندارلىق كۈچەيگەنچە قارشى تەرەپكە قارىتىلغان دىنىي ھۇجۇم تېخىمۇ ئالقىشلىق بولۇپ كېتىدۇ. تۈركىيەدەك ساۋاتسىزلىق ھېلىمۇ مەۋجۇت بولغان، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئومۇملاشمىغان، دىموكراتىيە تولۇق يەرلەشمىگەن بىر ئەلدە كىشىلەرنىڭ كاللىسى خوجىلار، پارتىيەلەر ۋە ھەرخىل كۈچلەر توقۇغان ھېكايە، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەر بىلەن ئاسانلا مەشغۇل قىلىنىپ جەمئىيەتتە دىندارلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت سۆيگۈسىگە ئوخشاش مۇقەددەس تۇيغۇلار پۈچەكلىشىپ ۋاستىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

تۈركىيەدىكى بىر جامائەتنىڭ دائىم نامازدىن كېيىن ئوقۇش تەلەپ قىلىنىدىغان كىتابىدا «قۇرئان»دىكى كەۋسەر سۈرىسى ئەبجەد ھېسابى بويىچە يېشىلىپ، مۇستاپا كامالنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنىگە، ھەتتا پەرزەنتسىز كۆز يۇمغانلىقىغا ئىشارە قىلىنغانلىقىغا شاھىت بولغان ئىدىم. قارىماققا بۇ بىر كىشىگە بولغان دۈشمەنلىكتەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىسىدىن دەست تۇرغان بىر مىللىي دۆلەتكە بولغان ئىنكاردۇر. ھوقۇق تەشنالىقى سەۋەپتىن بولغان دۈشمەنلىك ئەگەر مۇشۇنداق ئىلاھىي دەستۇر بىلەن باغلانسا مۇقەددەسلىشىپ كېتىدۇ، مۇنازىرە قىلىشقا ئورۇن قالمايدۇ، بۇ دۈشمەنلىكنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك تەرىپى.

بەزى ۋائىزلار تۈركىيەدە بەكرەك ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۆزى ئىشەنگەن سۈيىقەست نەزەرىيەسىگە «قۇرئان»نى ۋاستە قىلىپ ئەگەشكۈچى توپلايدۇ. ئۇلار ماسون، ئىلۇمىناتى دېگەندەك يوشۇرۇن كۈچلەر ھەققىدە قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى توقۇپلا قالماي، بۇلارنىڭ ئىسپاتىغا قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى سۈيىئىستمال قىلىشىدۇ. بىر مۇسۇلمان دۆلەتتە «قۇرئان»نى ۋاستە قىلىپ پەيدا قىلىنغان بۇنداق خوراپات تارقاتقۇچىغا چەندىكىدەك نەتىجە بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

يۇقىرىقىدەك دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بېرىپ تاقىشىدىغان  مەسىلىنى ئەمەلىيەت، پاكىت ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەس، قۇرئان ئارقىلىق دەلىللەپ تۇرىۋالسا، بۇ ھەقتىكى تالاش – تارتىشلاردا قوللىغۇچى دىن ھىمايىچىسىدەك، گۇمانلانغۇچى دىنغا قارشى تۇرىۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. مۇنازىرە ئادەتتىكى پىكرىي مۇنازىرىدىن ئېتىقاتنى ھىمايە قىلىشقا بۇرىلىپ كېتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىپ، روھى يۆلەك بولۇۋاتقان دىننى سۈيىئىستىمال قىلىش، خوراپاتنىڭ پىلانلىغۇچىسىنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.

جەمئىيەتنى قەستەن ئىككى قۇتۇپلاشتۇرىدىغان دۈشمەنلىك تەرەپتارلىرى دائىم پەننى، ئىلىمىيلىكنى، ھۆججەتنى ۋە تەجرىبىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى مۇقەددەسلىكنىڭ مۇداپىئەچىلىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار مۇقەددەسلىكنى سۈيىئىستىمال قىلىشقا قارشى چىققان كىشىلەرنى روھىي ھادىسىلەرنى ماددىيلاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە ئىنكارچىلىق بىلەن ئەيىپلەيدۇ. نەتىجىدە كىشىلەر مەسىلىلەرگە ئىلمىي پوزىتسىيەدىن تۇتسا، مۇقەددەس پىكىر ۋە تۇيغۇلارنى ئىنكار قىلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

ئادەتتە يېپىق، مۇستەبىت، مونۇپۇللۇق جەمئىيەتلەردە ھاكىمىيەت مۇقەددەسلىكنى ئۇستاتلىق بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. چۈنكى پىكىر مونۇپۇللۇقى، ئىقتىسادىي مونۇپۇللۇق ۋە ھوقۇق مونۇپۇللۇقى بىر گورۇھقا مەركەزلەشكەندە ئۇ گورۇھ بۇنى مۇقەددەس دىن، دىنى ئورگان ۋە خادىملارنىڭ كۈچى ئارقىلىق مۇقىملىققا ئېرىشتۈرىدۇ. بىر جەمئىيەتتە مۇقەددەسلىك قانچە ئاممىۋىيلاشسا ئىنسانىي خاسلىق، تۇيغۇ، خۇسۇسىي ھايات ۋە ئىلمىي روھ شۇنچە بويۇن قىسىدۇ. مۇقەددەسلىك مۇنازىرىگە، تەنقىتكە ۋە تەتقىقاتقا يېپىق بولغانلىقى ئۈچۈن، پۇرسەت پىشقانلا ھامان ھەر دائىم  سۈيىئىستىمالغا ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ.

دىن سىياسىيلاشتۇرۇلغان ئەلدە دۈشمەنلىك، زىددىيەت، قاباھەت ئۇرۇقلىرى تېرىلىپ بولغان بولىدۇ. مەنچە مۇقەددەس تۇيغۇلارنى سۈيىئىستىمالدىن، ۋاستە بولۇشتىن خالىي قىلىمىز دېسەك، ئۇنى سىياسىيدىن، ئىقتىسادىي نەپتىن يىراق تۇتۇپ، ئاممىۋىي ھەرىكەتلەردە قورالغا ئايلاندۇرماي پىنھان قەلبلەردە مەلھەم، مەخپىيەت پېتى ساقلىغىنىمىز ئەۋزەل.

نوپۇسىمىز ۋە نوپۇزىمىز

 

2017-يىلى مۇھاجىرەتتىكى داۋادا ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار يىغىلغان بىر مەجلىستە دىيارىمىزنىڭ نوپۇسى ئۈچ خىل دېيىلدى. شۇ نەق مەيداندا بىرەيلەن چىقىپ بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرگەن بولدى. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ نوپۇسىمىز ھەققىدە سەھنىلەر، ئىكرانلار ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئادەتتە نوپۇسىمىزنى 20 مىليۇندىن ئارتۇق دەپ سۆزلەيدىكەن ۋە شۇنداق يازىدىكەن. تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 40 مىليۇن دەيدۇ. قەيسەرى شەھرىگە جايلاشقان شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 35 مىليۇن دەپ جاكارلاپ كەلدى ۋە تەشكىلاتنىڭ ھويلىسىغا ئورنىتىلغا خەرىتىگە شۇنداق يېزىقلىق تۇرغانغا ئون يىللار بولدى.

يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ باياناتىغا دىققەت قىلساق، بۇ يەردىكى نوپۇس ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس. بۇ نوپۇس بەزىدە ئومۇمىي نوپۇس، بەزىدە مىللەت نوپۇسى بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە دۇنيادىكى ئۇيغۇر نوپۇسى دېيىلمەيمۇ قالمايدۇ.

نوپۇسىمىز توغرىلىق ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردىن باشقا ئەرەپ ۋە تۈركچە مەتبۇئاتلاردا بىز تەمىنلىگەن ھەر خىل مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. ئەرەبچە مەتبۇئاتلاردىن قاتاردىكى ئەلجەزىرە ئىزچىل خىتاينىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. غەرپ مەتبۇئاتى خۇددى مەسلىھەتكە كەلگەندەك خىتاينىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. مەن بۇ ھەقتە غەرپلىك مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىدە رەسمىي سىتاتىستىكا ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.

ئەمەلىيەتتە بۇنداق پەرقلىق نوپۇس جاكارلارش ھەر خىل سەۋەپتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سانلارنى دەۋاتقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بار، قارىماققا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىلگە ئۇيغۇن، ئەمما ئەقىلگە ئۇيغۇن بولغاننىڭ ھەمىسى پاكىت بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى سىتاستىكا قىلىدىغان نوپۇزلۇق ئورگانغا ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا نوپۇسنى پەقەت پەرەز ياكى لوگىكا بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنى پاكىتنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە نوپۇس دېگەن جاكارلىنىۋاتقاندەك دەل 35 مىليۇن، 40 مىليۇن ياكى 20 مىليۇن بولمايدۇ. كۆزىتىشلەرگە قارىغاندا ھەر قايسى تەشكىلات نوپۇس ھەققىدىكى جاكارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە قانچە قېتىملاپ بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى مەلۇم.

مەنچە نوپۇس مەسىلىسىدە يۇقىرىقى پەرقلىق جاكارلارنىڭ بىرىگە توختاش بىزنى دۇنياغا سەمىمىي يۈزلەنگۈچىلەردىن قىلىدۇ. ئادەتتە بىز دېگەن نوپۇس ختاينىڭ جاكارىدىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىپ كەتمىسىلا كىشىگە رىۋايەتتەك بىلىنمەيدۇ. بىز مەيلى نېمە دەيلى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار ھامان خىتاي سىتاتىستىكا ئىدارسىنىڭ سانىنى ئاساس قىلىدۇ. پەقەت نوپۇسىمزىنى ھەر يىل بىر ئىزىدا ساناپ قالمىساقلا بولدى.

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى باش قاتۇرىدىغان مەسىلە دەپ قارىماسلىق تەرەپتارى. بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدا نوپۇسنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوق. بىر مىللەتنى دۇنيادا كۈچلۈك، نوپۇزلۇق قىلىدىغان ئامىل ئۇنىڭ سانى ئەمەس. نوپۇسى بىلەن كۈچلۈك سانىلىدىغان بىلەككە تايىنىش دەۋرى كەلمەسكە كەتتى. دەۋرىمىزدە مىللەتلەر بىلىمگە تايىنىپ قۇدرەت تاپماقتا. دۇنيادا ئۇيغۇردەك نوپۇسى يوق مىللەت ۋە دۆلەتلەر كۆپ بولۇپ ھېچ بىرى نوپۇسنىڭ ئازلىقى سەۋەپلىك رىقابەتتە يېڭىلگەن يوق. ئەگەر يېڭىلگەن بولسا ئىجاتچان مىللەت، ئۈنۈمدار ئىقتىسات ۋە دىموكراتىك تۈزۈم بولمىغانلىقتىن دەپ قاراش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. نوپۇسى ئالتە مىليۇندىن ئاشىدىغان يەھۇدىلار 22 دۆلەتكە بۆلۈنگەن 400 مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەپكە يالغۇز تاقابىل تۇرۇپ تۆت رەت غەلىبە قىلغانلىقى ۋە بۈگۈن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار سانى ئەڭ كۆپ مىللەت سانىلىدىغانلىقى، بىزگە نوپۇس بىلەن ساپانىڭ قايىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپتۇ.

ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى تەبىئىي كۆپىيىشتە چېكىنىش كۆرۈلىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا قاراپ مۇھاجىرەتتە نوپۇسنى ئاشۇرۇش شۇئارلىرى ياڭراۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى ۋەتەندە بولايلى ياكى مۇھاجىرەتتە بولايلى بىز كۆپلەپ ئاۋۋۇپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايمىز. بىز ھېچ بىر زامان نوپۇسىمىزنىڭ سانى بىلەن كۈچلۈك بولالمايمىز. خىتاينىڭ نوپۇسلۇق مىللەت بولۇشى ئۇنىڭ ساپالىق مىللەت بولۇشىغا تۈرۈتكە بولالمىغاندەك، بىزنىڭ نوپۇسىمىزمۇ ساپايىمىزنى بەلگىلىمەيدۇ. بىزگە بىر دوللار ئۈچۈن ئون سائەت ئىشلەپمۇ چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان ساۋاتسىز مىڭلىغان نوپۇستىن ئون دوللار ئۈچۈن بىرەر سائەت ئىشلەيدىغان، قالغان ۋاقىتلىرىنى پەن، ئەدەبىيات، ئىلاھىيەت، سەنئەت، ساياھەت، تىجارەت ۋە تەنھەرىكەت بىلەن ھەپىلىشىدىغان ساپالىق يۈزلىگەن كىشى بولسا يېتەرلىك.

نوپۇس تاق مەنىلىك سۆز بولۇپ، پەقەت بىر ئائىلە ياكى مىللەتنىڭ سانىنى بىلدۈرىدۇ. نوپۇز بولسا كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ كۈچ، قۇدرەت، تەسىر، ئىناۋەت دېگەن مەنىدە. دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئافرىقا، ئاسىيا قىتئەلىرى ھازىر ئۇرۇش ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان، نامراتلىق ئەڭ ئېغىر، ساۋاتسىزلىق يامرىغان، خوراپاتلىق بازار تاپقان يەرلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئىنسانلارنى كۆپى پەقەت سان ياكى ھەرىپ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىڭلاپ ئۆلۈشى، تۈمەنلەپ مۇساپىر بولۇشى، مىليۇنلاپ كېسەللىنىشى دىققەتكە نائىل بولمايدۇ. ياۋرۇپا، ئوكيانىيە، شىمالى ئامېرىكا قىتئەلىرىدە نوپۇس دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئون پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمىغان بىلەن دۇنيا بايلىقىنىڭ 80 پېرسەنتى شۇلارنىڭ قولىدا. بۇ قىتئەلەردە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش پارتىلىغان يوق، چىرىكلىك، يۇقۇملۇق كېسەل، نادانلىقلاردىن ئۇلار ئاللىقچان خوشلاشقان. مۇشۇ مەنىدە نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى ھازىر نامراتلىق، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش ئاپەتلىرىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ نوپۇسلۇق بولۇشى ئۇنىڭ نوپۇزلۇق بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ساپاسىز نوپۇسنىڭ كۆپ بولۇشى ھەر قانداق بىر مىللەتنى ئىچكى ئۇرۇش، نامراتلىق، خوراپات، مۇستەبىتلىك، ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىجتىمائى چۈشكۈنلۈككە موپتىلا قىلىدۇ. شۇڭا نوپۇسىمىز ھەققىدە ئىزدىنىشلەرگە سەرىپ قىلغان ۋاقىتنى، نوپۇس ھەققىدە تارتىشىشقا كەتكەن ئېنىرگىيەنى، نوپۇسنى كۆپەيتىشكە كەتكەن ئىقتىساتنى ساپانى ئۆستۈرۈشكە خىراجەت قىلىش تېخىمۇ ئەۋزەل بولۇشى مۇمكىن.

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ