مۇھاجىرەتتە كىتاپلىق 74 يىل

 
مۇھاجىرەتتە كىتاپلىق 74 يىل
ئۇنىڭ كىتاپقا ئىشتىياقى بار. ئۇ مۇساپىرلىقتا شۇنچە ئۇزۇن، بەلكى ھەممەيلەندىن ئۇزۇن ياشاپ ئۆگىنىشنى تاشلىمىغان، ۋەتەن سېغىنىشىنى، مىللەت ھەسرىتىنى بېسىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى توپلاپ كۈتۈپخانا قۇرۇپ چىققان.
ئۇ كىشى كىم؟ ئۇ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پىشقەدەم مۇھاجىر، پىداكار داۋاگەر غولامىدىن پاختا ئاكا بولىدۇ. رەسىمدە كۆرۈنگىنى ئاكىمقز ئوقۇپ چىققان كىتاپلاردىن ئىككى بەت.
بۇ كىتاپ دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ بىرى، ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى دېگەن كىتاپ، تېپىش ئاسان، ئوقۇش راھەت بىر كىتاپ.
ئۇيغۇريار بۇ كىتاپلارنى 2020-يىلى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
ئەمما تارقىلىپ بولالمىدى. مەنچە كىتاپتىن بىخەۋەر قالغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، قانچىلىك قىممەتلىك ئىلمىي ئەمگەك ئىكەنلىكى بەزى كىشىلەرگە يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
مۇھاجىرەتتە كىتاپنى مودا قىلالمىدۇق. كىتاپ ساتىدىغان، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىدىغان تىجارەتمۇ يوق. كىتاپ ئوقۇمامدۇ، تاپالمامدۇ، ياخشى كىتاپ يوقمۇ، يازالمىدۇقمۇ بىلمىدۇق.
بەزىلەردە ئوقۇماسلىق ۋەتەندىكىدىنمۇ ئېغىر، مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكىلەردىن بەكرەك كىتاپسىز كىتاپلارغا مېھىرسىز، ئۆگىنىشكە، يېڭىلىنىشقا قېرىق بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى بىرى ئۆزى ياشاۋاتقان ئەلنىڭ تىلىنى كىتاپ ئوقۇپ ھوزۇرلانغۇدەك بىلمەسلىك، ئۆز تىلىدىكى كىتاپنى تاپالماسلىق، مۇھاجىرەتتە كىتاپلارنىڭ مودا بولماسلىقى، يېڭى بىلىم، پىكىر، ئېقىملارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىستىمالىغا كىرەلمەسلىكى، تەرەققىياتتىن قورقۇش، يېڭىلىقلارنى بىلىپ قالسا چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ خەتەرلىك تەرىپى ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پەرقىنى چوڭايتىشى، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆتمۈشىگە، بۈگۈنىگە، كەلگۈسىگە بولغان تونۇشىنى غۇۋالاشتۇرىشى، پەرزەنتلەرنى كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرىشى مۇمكىن.
ئانا تىلنى كىتاپسىز قوغداپ بولالمايمىز، كىتاپ يېزىلمىغان تىلنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى يېزىشقا، يازغۇزۇشقا، كىتاپلارنى قوللاشقا دەۋەت قىلىمىز، كىتاپ يازسىڭىز بىز چوقۇم چىقىرىپ بېرىمىز، تەرجىمە قىلسىڭىز باستۇرۇپ بېرىمىز، كىتاپ يازغۇزماقچى بولسىڭىز يازغۇچى تېپىپ بېرىمىز.
ئەمما كىتاپ ئوقۇيدىغان كىشى بولسۇن، كىتاپ ئوقۇش ھەممەيلەننىڭ ئىشى بولسۇن، شۇندىلا كىتاپلار داۋاملىق يېزىلىپ تۇرىدۇ.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ