نورۇزدىكى ئۇيغۇرۇم
گۈلخان
شائىر گۈلنىسا ئىمىن، چىرا ناھىيەلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتىپنىڭ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ 2018-يىلى دېكابىردا تۇتۇلۇپ، 2019-يىلى 17 يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
نەۋرۇزۇمدىن گۈپۈلدەيدۇ ئۇيغۇرنىڭ ھىدى،
ئىزتىراپلىق تۇيغۇلارغا بېرىدۇ ئارام.
نەۋرۇزۇمدا چېچەك كەبى ئېچىلغاي كۆڭۈل،
نەۋرۇزۇمدا بەرگۈم كەلدى ئۇيغۇرچە سالام.
نەۋرۇزۇمدا سەن سېغىنغان ئۇيغۇر ھىدى بار.
بۆگۈن ھەممە ھىس قىلىدۇ ئۇيغۇر ئۆزىنى.
چېچەكلەر ئۇز ،سۇلار ئەركەك، بېدىلەر داۋا،
كۆكلەم نۇرى بەرگەچ ئاڭا ئۇيغۇر ھىدىنى.
سارغايدى ھەم ئىلەڭگۈچتە ئۇچار گۆدەكلەر،
ياڭرار بۇندا ئۇيغۇرۇمنىڭ مۇقام ناۋاسى.
نەۋرۇزۇمدا ئۇيغۇرۇمنىڭ ھارمايدۇ ئېتى،
تاپانلاردىن ئوت چىقىرار مەشرەپ ساماسى.
نەۋرۇزۇمدا ھەممە ياقتا ئۇيغۇرچە سىياق،
يەلپۈنىدۇ ئەتلەس گۈللەر شۇنچىلىك لېۋەن.
قىرلاپ كىيگەن تەلپەكلەردە ھەقىقى كىملىك،
ئۆرۈم – ئۆرۈم زۇلفىلاردا نازغىيدۇ چىمەن.
نەۋرۇزۇمدا ئۇيغۇرۇم بار شۇنچە سۆيۈملۈك،
سۆيۈنمەمسەن يان بېقىنىڭ ئۇيغۇرغا تولسا.
دېگۈم كەلدى ياز كەلمىسە، كۈز ھەتتاكى قىش،
بۆگۈنكىدەك نەۋرۇز بولسا، نەۋرۇزلا بولسا……
Gulnisa Imin is prominent Uyghur poet, well known female public figure in Uyghur homeland. She was a high school teacher in Chira county, she has two kids when she got arrested.
Gulnisa Imin got arrested in 2018. She got sentenced 20 years in 2020.
Her poetries are really popular among the Uyghurs, especially the young generation. Some of her poems were composed by Uyghur musicians.
The following is one of her popular poems, «you were my beautiful pain»
چىرايلىق ھەسرىتىمسەن
گۈلخان
چىرايلىق ھەسرىتىمسەن جېنىمدىكى،
چۆللەرگە كىرىپ كەتكەن تېنىمدىكى .
سېغىنىش ئەڭنى جۇل-جۇل باھار گويا،
سېنى دەپ تۇرۇپ قالغان يېنىمدىكى .
يۇلتۇزغا ئايلىنىسەن قولۇم يەتمەس ،
سېنىڭسىز ئاتمىقى تەس تېڭىمدىكى .
بىر قۇچاق پىراق بىلەن بىللە ياشاپ ،
يولۇڭدا ئويۇپ قالغان قېنىمدىكى .
بۇ كۈتۈش مەۋسۇمىدۇر شۇنچە ئۇزاق ،
بىر تال بىخ تىترەپ تۇرغان دېنىمدىكى ،
بەرىبىر سىرغىپ -سىرغىپ تۈگىشىمەن،
چىرايلىق ھەسرەت بولۇپ سېنىڭدىكى
ئاياللار تۇرمسى
كۈلۈمسىرەيدۇ قار ئىچىدىن
ئاياللار تۈرمىسى
يۈگۈرۈپ چىقار تاڭ ئىچىدىن.
يېرىلىپ قاناپ كەتكەن كىرلەش قوللار
جىجىلايدۇ ئاپئاق قار ئۈستىگە
ئاياللار تۈرمىسىنىڭ خەرىتىسىنى.
كۆزىدىكى ياشنى تۆككۈسى كەلمەيدۇ
كۆتۈرمەكچى بولىدۇ بېشىنى
قارىماقچى بولىدۇ قۇياشسىز ئاسمانغا.
سېغىنىشلىرىنى، ئەنسىرەشلىرىنى
قورقۇپ جۆيلۈشلىرىنى، كېچىدە ئويغۇنۇشلىرىنى
دەپ بەرمەكچى بولىدۇ ئەشۇ تەرەپتىكى بىر ئىنسانغا.
بىز ئۇ يەردىن كەلدۇق
گۈلخان
بىز ئۇ يەردىن كەلدۇق
يوشۇرۇن ھەسرەتلىرىمىز شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان
كۆڭلىمىزنىڭ پارچىللىرىنى قۇشلار تېرىپ يەيدىغان
سۆزلەر دېيىلمەسلىككە مەھكۇم
گۈللەر ئېچىلماسلىققا مەھكۇم
قۇشلار سۆزلىمەسلىككە مەھكۇم بولغان يەردىن .
يول بويىغا قويۇلغان سەدىقىلەر ئاچ پېتى قالدى
شاخلار داۋاملىق قۇرۇماقتا
تاش بوران داۋاملاشماقتا
نۇرغۇن ئىشىكلەر ئۆزىنى دالدىغا ئالماقتا
ئاي يۈزىدىكى داغ چوڭايماقتا
تاشلار تاش پېتى قاتتىقلىقىدا
ياشلار ياش پېتى تۇزلۇقلىقىدا
بىز ئۈلۈك تەنلەردە ياشاپ كەلدۇق
بىز قۇرۇق روھلاردا ياشاپ كەلدۇق
ئاندىن ئۆزىمىزنى كېپەنلىدۇق قارىيىپ كەتكەن ئارمانلاردا.
بارماقلار ئېسەدىگەن پېتى چىرىمەكتە
كۈندۈزلەر ئۆزىنى ئاستى
قۇملار كۆچۈپ تاغلار يىغلىدى
دەريالار ئۆزىنى ئاتىدى نەزىرگە
ئاندىن ھەممە بىزگە قاراشتى
بىز ئەشۇ يەردىن كەلدۇق.
قاقاسلىق ئاسمىنى بار
سۆيگۈ تېرىسا ئۈنمەيدىغان
كۆڭۈل ئەسلا كۆنمەيدىغان
شۇنچىلىك كەڭرى
لېكىن بىزلەرگە تار.
2016.2.14. ئۈرۈمچى
