نورۋېگىيەدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى بىر كۈنۈم
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى بىلەن تولغان كومپىيوتېرىم ئاپتۇبۇستا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان زاۋۇتلىرىغا مەبلەغ سالغان نورۋېگىيە شىركەتلىرى تىزىملىكىنىڭ ئاخىرقى نۇسخسى تېخى پۈتمىگەن ئىدى. جىددىيلىشىپ باش بېكەتكە بارماقچى بولدۇم. ئەرەپ شوپۇر يولدا مېنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلۇقۇم ھەققىدىكى بايانلىرىمنى ئاڭلاپ بولۇپ «بۇ غەرپنىڭ ئويۇنىمۇ يا راستمۇ؟» دەپ گاڭگىراپ قالدى.
باش بېكەتتىن كومپىيوتېرىمنى تاپتىم. ئەمما قايتاشىمدا سومالىلىق شوپۇرنىڭ «ئەنسىرىمە بۇ خىتاي ئىشلىگەن ئاپتۇبۇس، ھەممە يېرىدە كامېرا بار، ھىچ نەرسە يىتمەيدۇ» دېگىنىگە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇنىڭ مېنى نورۋېگىيەنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى قاپلىغان مۇشۇ ئاپتوبۇسنى ئىشلىگەن يۈتۈڭ شىركىتىنىڭ خادىمى دەپ قالغىنى تېخىمۇ ئوغامنى قايناتتى. كامېرالارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى «ھەي ئاشۇ ھىچ نەرسە يۇقىمايدۇ، دېگەن خىتاي كامېرالىرىنىڭ نازارىتىدە مېنىڭ خەلقىم ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئىدى، ئەمدى جىسمىنىمۇ يوقۇتۇپ قويۇۋاتىدۇ!» دېدىم.
ئۆيگە قايتىپ ماسكامنى چىقىرىپ بولۇپ ماركىسىغا قارىسام خىتايدا ئىشلەنگەن ئىكەن. بېشىمغا كىيىۋالغان ماركىلىق پوسمامغا قارىسام ئۇنىڭدىمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن دەپ تۇرىدۇ. قىزىمنىڭ stormberg ماركىلىق يامغۇرلۇقىنى ئېسىپ قوياي دەپ قارىسام ئۇمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ يامغۇرلۇقۇمغا قارىسام cubus as دېگەن ماركىلىق ئىكەن، تەكشۈرۈپ باقسام ئۇمۇ خىتايدا ئىشلىنىپتۇ. dressmann دېگەن پەلتۇيۇمغا قاراپ باقتىم، ۋاي تۆۋە! ئۇمۇ خىتاينىڭ…ياستۇق، يوتقان ۋە كىرلىكلەر خىتاينىڭ چىقىپ قالسا يالىڭاچ ياتارمەنمۇ دەپ خىيالغا چۆكتۈم. مەن نېمە قىلىۋاتىمەن، بازاردا نېمە ئېقىۋاتىدۇ؟
مەن نورۋېگىيەدە نېمە ئۈچۈن سىياسىيۇنلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى يېتەرلىك سادا چىقامىغانلىقىنىڭ سىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. يۇقارقى ماركىلار خىتايدا ئىشلىنىپ نورۋېگىيەدە سېتىلىدۇ. خىتايدا ئىشلەنگەن تېسلا گېرمانىيەدە ئىشلەنگەندىن ئەرزان، شۇڭا ئالقىشلىنىۋاتىدۇ، ئۇمۇ نورۋېگىيەدە سېتىلىشقا باشلىدى. بەزىلەرنىڭ خىتاي ئىشلىگەن «قىزىل بايراق» ماركىلىق ماشىنىنى زاكاز قىلىشىمۇ رېئاللىق. خىتايغا بېلىق سېتىپ پۇل تاپىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ خىتايدىن نېمە ئەرزان بولسا شۇنى ئېلىپ، خىتايغا نېمىنى تۆۋەن باھادا ياساتقىلى بولسا شۇنى ياستىپ يۈرۈشى سەۋەپلىك خىتايغا ئۇيغۇرغا پەرۋا قىلماسلىقىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس. مانا بۇ نورۋېگىيە، مانا بۇ بازار، بازاردا ئاققىنى دەرت ھەسرىتىڭ ئەمەس، ئەرزان تاۋار.
yutong ئەتە يەنە خىتاي ئىشلىگەن غا چىقىپ ئىشخانامغا بارىمەن. پايپىقىمنى ۋە ئايىغىمنى كىيىشتىن بۇرۇن قاراپ سالسام، خىتايدا ئىشلەنگەن چىقىپ قالسا، كىيىشنى رەت قىلىپ يالاڭئاياق چىقسام، خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇشنى رەت قىلىپ پىيادە بارارسام قانداق بولار؟
مانا بۇ نورۋېگىيەنىڭ رېئاللىقى، مانا بۇ گالدىن خىتايغا باغلىنىپ قېلىشنىڭ ئېغىزنى قانداق يۇمدۇرۇپ، تىلنى قانداق قىسقا قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. نورۋېگىيەنى بۇنداق پۇتىنىڭ ئۇچىدىن گېلىغىچە بوغقان خىتاي سىرتمىقى ئۇنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىغا قانداق ئىمكان بېرىدۇ؟ نورۋېگىيە بۇ سىرىتماقتىن قاچان ۋە قانداق قۇتۇلىدۇ؟ ئۇنى بىلمەيمەن. بەلكىم نورۋېگىيەمۇ خىتاينىڭ ئەرزان مېلىسىز يالاڭئاياق قېلىشتىن، پىيادە قېلىشتىن ۋە يامغۇرلۇق كېچىلىرى يوتقان كۆرپىسىز يالىڭاچ قېلىشىدىن قورقىدۇ. بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەتنى ئويلىغانچە بۇ غېرىپ باشنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ يەنە قاتتى، ئەمما بۇ ئويلارنى نورۋېكچە يېزىپ بېقىشنى قارار قىلدىم. قولۇمدىن كېلىدىغىنىمۇ شۇ.