نىيەت ئاقىۋەتنى ئاقلىيالمايدۇ
ئەتىگەندە بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، بۇلغان ئىش تۆۋەندىكىچە:
6 ئۇيغۇر بالا پۇل بۇلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ تۈرمىگە تاشلاندى.
2024-يىلى 21-ئىيۇن زەيتىنبۇرنۇ سۇمېر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ھەسەن نۇر ئايالىنىڭ جىيەنى يىماران ي نىڭ ئۆيىگە باردى. ئۆيگە كىرگەندە 3 كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەسەن نۇر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ھامما ئاچىىسىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارنىڭ قىزىقارلىق ئىقرارى
گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەسەن نۇرنىڭ ئايالىنىڭ جىيەنى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى يىماران ي نى سوراق قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ھەسەن نۇر ئوتتۇرىسىدا ئۆتمۈشتە ئاداۋەت بارلىقىنى ئېيتتى.
ھەسەن نۇرنىڭ ئۇنى قۇرئان كۇرسىغا بېرىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، يىماران ي نىڭ ئانىسىنىڭ بۇ ئىش سەۋەبلىك خىتايدا تۇتقۇن قېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ۋە ئۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ساقچىلار بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەن بىلالجان ئا (17 ياش) ، ئابدۇسالام ك (17 ياش) ، مۇرات ك (25 ياش) ، ئۆمەر U (19 ياش) ۋە ئارافات ئا (24 ياش) نى قولغا ئالدى. ھەمدە گۇماندارلارنىڭ يېنىدىن 8 مىڭ 300 دوللار قولغا چۈشۈردى.
ئىلگىرى نۇرغۇن جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بار دەپ بېكىتىلگەن گۇماندارلار سوراق قىلىنغاندا يىماران ي نىڭ ھامما ئاچىسىنىڭ ئېرىنىڭ پۇلىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، گۇماندارلاردىن تېپىلغان پۇل ئۇلارنىڭ ھەسەن نۇردىن ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. رەسمىيەتلىرى قاتىللىق ئىدارىسى ئاممىۋى تەرتىپ شۆبىسى باشقارمىسىدا تاماملانغان گۇماندارلار سوت مەھكىمىسىگە يوللاندى. 6 جىنايەت گۇماندارى
قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولاندى. (DHA)
مېنىڭ تەھلىلىم مۇنداق:
بۇ ئىشلارنىڭ ئاخباراتقا چىققان قىسمى، مەن مۇشۇنداق بالىلارنىڭ بىرى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن. جىنايەتلەرنىڭ ئىچىمىزگە سىڭدۈرىۋەتكەن قىسمى خېلى بار. بۇلتۇر نۇيابىردا ئىستانبۇلدا، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۈچ جىنايەت گورۇھىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدىم. بۇ ھەقتە ھەرىكەت قىلىشقا ئىمكان بولمىدى، يول ئۇزاق، يانداشلار تېخىمۇ ئۇزاق.
مەسىلە ھۈنەرسىزلىك، كەسىپسىزلىك، پۇلسىزلىق، ئىنسان نامراتلىقتا جىنايەتكە ئەڭ يېقىن بولىدۇ. ئەمما ئىستانبۇلدىكى ئۈچ يۈزگە يېقىن يولدىن چىققان ياشلاردا دېپلۇم يوق، مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان. بۇ تېخى يولدىن چىققان ئوغۇللارنىڭ سانى، قىزلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
يېقىندا بىر قىز ساتىراچخانا ئاچماقچى بوپ مېنى ئىزدەپتۇ. لاياقەت كېنىشكە لازىم ئىكەن. كىنىشكە ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرا دېپلۇمى كېرەك ئىكەن. مېنى دېپلۇم ھەل قىلىپ بېرىڭ دەپ ئىزدەپتۇ. ئوقۇمىغان ئادەمگە دېپلۇم تېپىپ بەرسەك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مەن بۇندىن سەككىز يىل بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى مەلۇم مەدرىسەدىن بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتىش ياكى ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە كېلىشەلمەي چىقىپ كەتكەن. مەكتەپتە پەننى تەربىيە ئالمىسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن ئىنكاسىمغا قارىتا شۇ چاغدا ئا. ئۇستازنىڭ دېگەن بىر گېپى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
سىز پەننىدە شۇنچە ئوقۇپ نېمە قىلىپ كەتتىڭىز، بىزدە ئىشلەۋاتىسىزغۇ؟
بۇ جىنايەت ۋەقەسىنى ئوقۇپ شۇ مەدرىسىدە، مەكتەپتە ئوقۇماي مەخسۇس قۇران ئوقۇغان بالىلارنى ئويلاپ قالدىم. يا دېپلۇم يوق، يا باشقا ھۈنەر يوق. قۇرانغا قورساق تېخى تويمىغان ساتىراچ بولاي دېسىمۇ مەكتەپ دېپلۇمى تەلەپ قىلىۋاتقان.
مېنى ئىستانبۇلدا ئېتىپلا تاشلىمىغان يېرىڭلار قالغان، بالىلارنى مەكتەپكە بېرەيلى، دىننى دەرستىن سىرىت ئوقۇسۇن دېگىنىم ئۈچۈن. مانا نەتىجە! سىلەر جان باقتىڭلار، بالىلار خاراپ بولدى.
مەن مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلايلى، پۈتۈن كۈنلۈك قىلمايلى، ياتاقلىق قىلمايلى. نارەسىدە بالىلارنى ئاتا ئانىسىدىن ئايرىمايلى، ئاتا ئانىسى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ مەكتەپسىز قويمايلى دېدىم، ئەمما مېنى دىنغا قارشى، مەدرىسكە قارشى دېدىڭلار. بىلىمەن، مەقسىدىڭلار توغرا، نىيەت دىنغا خىزمەت قىلىش، ئەمما دىننى خەجلىگىلى بولمايدۇ، يىگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ! پۇل يوق، يول يوق، ئۈمىت يوق ئەھۋالدا ئىنسان جىنايەتچى بولماي ئالىم بولامدۇ ئەمىسە؟
خەۋەرنىڭ تۈركچە تەپسىلاتى: