يالقۇن «كىرىشىپ قالىدىغان» خاراكتېرى
يالقۇن روزىنىڭ رەسىمىگە ھەر قارىسام مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «كىرىشىپ قالىدىغان ئادەم» دېگەن باھاسى ئېسىمگە كېلىدۇ. يالقۇن روزىنىڭ شۇنداق كىرىشىپ قالىدىغان مىجەزى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوبزۇرچىلىقى، نەشرىياتچىلىقى ۋە مائارىپىدىكى تۆھپىسىگە تۈرۈتكە بولدى. ئۇنىڭ قاماقتا تارتىلغان رەسىمىدىكى قايتماس جاسارىتىمۇ مۇھاجىرەتتىكى چۈشكۈن روھلارنى ئويغاتتى، غەمكىن كۆڭۈللەرنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ قاماقتىكى جەسۇر سىماسى ئۇنى قاماقلاردا بىھۇدە ئازاپ چېكىۋاتقان ھۆرمەتلىك شەخسلەرنىڭ ئوبرازىغا ئايلاندۇردى.
1.كىرىشىپ قالىدىغان ئادەم
2000-يىللارنىڭ بېشىدا يالقۇن روزى چىقارغان «مەمتىلى ئەپەندى»، «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» دېگەن كىتاپلار قىزغىنلىق قوزغىۋەتتى. بۇ قىزغىنلىق مەكتەپلەر، سورۇنلار ۋە دەرسخانىلارغا قەدەر يېيىلدى. قىزىل بىنادىكى بىر قېتىملىق دەرستە يۇقۇرقى كىتاپلار تەنقىدىي يوسۇندا تىلغا ئېلىندى. بىر قانچەيلەن ئوبزۇر يېزىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. رەھمەتلىك ئابدۇكېرىم راخمان ئۇلارنى توسۇپ «يالقۇن روزىنىڭ كىتابىغا كىم ئوبزۇر يازسا شۇنىڭ بىلەن كىرىشىپ قالىدىكەن، شۇڭا يازماسلىق كېرەك» دېدى.
شۇندىن كېيىن يالقۇن روزىنىڭ تالاي قېتىم «كىرىشىپ» قالغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ بايراقدارى مەمتىلى تەۋپىق تېمىسىدا يالقۇن روزى ھەقىقەتەنمۇ كىرىشىپ قالدى. ئۇ ئارتۇچتا ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىغا ئۇل سالغان باھاۋۇدۇن مۇساباي ۋە ھۈسەيىن مۇسابايلارنىڭ ھەيكىلىنى ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتىپىگە تىكلەتتى. ئۇ يەنە مۇسابايلار جەمەتىنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىقتىسادىغا ئىلھام بەردى.
يالقۇن روزى ئالى مەكتەپتىكى ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەققىدىمۇ كىرىشىپ قالدى. ئۇ مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتاپلار ئارقىلىق ئۇستازنىڭ يىقىماس مەنەۋىي مەڭگۈ تېشىنى تىكلەپ چىقتى. ئۇ ئارتۇچتىكى مائارىپچىلار ھەققىدە مەخسۇس كىتاپ چىقاردى. مەمتىلى ئەپەندى تۇغۇلغان بۇيامەت يېزىسىغا مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ مۇزىيىنى ياساشقا تەشەببۇسكار بولدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى تېپىپ داڭلىق رەسسام ئابدۇشۈكۈر كۆك ئەپەندىگە سىزدۇردى. يالقۇن روزى ئۆزى يالغۇز ۋۇجۇتقا چىقارغان يۇقارقى ئىشلاردىن ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «كىرىشىپ قالىدىكەن» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ راستلىقى بىر قانچە قېتىم ئىسپاتلاندى.
2.ئۇ ئۆزىنى ئىنكار قىلالىغان
يالقۇن روزىنىڭ ئۆزى خاتا ئۆزلەشتۈرگەن قاراشلارنى ئىنكار قىلىشىدا بىر قەتئىيلىك بار ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپنىڭ تارىخى ھەققىدە خاتا مۇقىملاشقان چۈشەنچىلەرنى ئىنكار قىلىشىمۇ تەقدىرلەشكە سازاۋەر ئىدى. ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى 1885-يىلى ئارتۇچنىڭ ئىكساق يېزىسىدا قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن باشلانغان دېگەن قاراش 80-يىللاردىن باشلاپ تاكى 2000-يىللارغىچە نوپۇزلۇق بىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
يالقۇن روزى ئۆزىمۇ «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتابىدا شۇنداق يازغان. ئەمما ئۇ كېيىنكى ئىزدىنىشلەر جەريانىدا ئۆزى كىتابىدا مۇئەييەنلەشتۈرگەن قاراشنى ئىنكار قىلىپ ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1914-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئۆزى ياقىلاپ چىققان، كىشىلەر ئاساسەن قوبۇل قىلغان قاراشنىڭ خاتاسىنى ئۆزى ئىنكار قىلىش جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ خاتاسىنى ئۆزى بايقاپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ھاكىممۇتلەق تۈزۈم ئاستىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئىش ئىدى.
3.بىر شىئېر ئۈچۈن
يالقۇن روزى ئۇيغۇر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان چاغدا بىر پارچە شىئېرنى كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ قەتئىيلىكى رەھبەرلەرگە ياقمىغان ۋە ئىھتىياتچان كەسىپداشلار ئارىسىدا كەسكىن تالاش تارتىشقا سەۋەپ بولغان ئىكەن. شۇ ئەسەرنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ۋە كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە قاينىغان مۇنازىرە سەۋەپلىك دەرسلكنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئىشىمۇ كېچىكىپ كېتىپتۇ. مەزكۇر ئەسەر ھۇنگىرىيەلىك شائىر پىتوفىينىڭ:
ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت،
ۋەلىكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت. دېگەن شىئېرى ئىكەن.
يالقۇن روزى مەزكۇر شىئېرنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بىر قانچە ئاي يۇقۇرى تۆۋەن قاتراپتۇ. ئەركىنلىك ھەققىدە يېزىلغان ئۇ شىئېردىن ئەنسىرىگەنلەر ھەر خىل باھانىلەرنى پەيدا قىپتۇ. ھەتتا بىر ئەسەر دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن نەشىر قىلىنغان بولۇشىنى شەرت قىپتۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يالقۇن روزى پىتوفېينىڭ خىتايچە نەشىر قىلىنغان شىئېرلار توپلىمنى تېپىپ ئاۋۋال ئاخبارات ۋە نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن چىقىرىپتۇ. ئاندىن مەزكۇر شىئېرنى دەرسلىككە كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغانىكەن.
يالقۇن روزىنىڭ قەتئىيلىكى، قەيسەرلىكى، ئەقىدە قىلغان ئىشنى كىرىشىپ تۇرۇپ قىلىدىغان ئىزچىللىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆمۈلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان تەۋپىق روھىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىنگە بولغان ۋاپادارلىقى مەزكۇر كۆپ قىرلىق، مول ھوسۇللۇق ئالىمنىڭ سىماسىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالىدا نۇرلاندۇردى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ۋە مائارىپچىلارغا بولغان ئەقىدىسى تۈزگەن دەرسلىكلەر ۋە كىتاپلار بىلەن ئىسپاتلاندى.
2021-يىلى 7-سىنتەبىر