يېزىق ماجراسى

يېزىق ماجراسى

ساۋادىم چىققان چاغلاردا ئۆيدىكى كىتاپلارنى تولۇق ئوقۇيالماي ئىچىم پۇشقىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. كىچىكىمدە ئۆيىمىزدە يېڭى يېزىقچە، سىلاۋيانچە، كونا يېزىقچە كىتاپلار كۆپ ئىدى. مەن ئوقۇيالايدىغان كىتاپلارنى «قىزىل كىتاپلار» دەيتتۇق. ماڭا ناتونۇش يېزىقتىكى كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسى «سېرىق كىتاپلار» بولغاچقا ساندۇقلارغا بەنت ئىدى. قىزىل كىتاپلارنى خالىغانچە ئوقۇشقا بولاتتى، ئۇلار ئۆينىڭ كۆرىنەرلىك يېرىگە تىزىلاتتى.

ئانام تەكچىلەرگە ئاشكارە تىزىپ قويغان قىزىل كىتاپلارنى ئىنقىلابى كىتاپلار دەپمۇ ئاتايتتى. سېرىق كىتاپلارنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئەكسىل ئىنقىلابى كىتاپلار ئىدى. قىزىل كىتاپلار قىزىل تاشلىق «ماۋجۇشى تاللانما ئەسەرلىرى»، «زامانىمىز قەھرىمانلىرى»، «قىزىلتاغ باتۇرلىرى»، «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» دېگەندەكلەر ئىدى.

مېنىڭ ساۋادىم ئاشۇ «قىزىل كىتاپلار»دىكى يېزىقتا چىققان ئىدى. ئۇ چاغدا دەرسلىك كىتاپلارنىڭ تېشىدا يېڭى يېزىقچە «يۇۋېن»، «سۈئەنشۇ» دېگەن خەتلەر بار ئىدى. ئۇ يېزىقنى بىز خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلىغاندا يەنە ئۆگەندۇق. ئەسلى ئۇ يېزىق خىتايچە پىنيىن ئىكەندۇق. كىتاپتىكى ئۇ ئىككى خەتمۇ خىتايچە ئىكەن. ئۇ چاغدا خىتايچە «ئەدەبىيات» ۋە «ماتېماتىكا» دېگەن سۆزلەرمۇ تەرجىمەسىز شۇ پېتى خىتايچە قوللىنىلغان ئىكەن.

مەندىن چوڭ ئۈچ ئاكام ۋە ئاچاممۇ شۇ يېڭى يېزىق ئۆگەنگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېڭى يېزىقتىكى كىتاپلىرى ئۆيدە قالايمىقان تاشلىنىپ تۇراتتى. دادام بىلەن ئانام يېڭى يېزىقچە يېزىلغان كىتاپلارنى ياقتۇرمايتتى. بوۋام ۋە مومام ئەسلا ئوقۇيالمايتتى. يېڭى يېزىقچە كىتاپلاردىن ئېسىمدە قالغىنى دادام بىزگە ئوقۇپ بەرگەن  تىيىپجان ئېلىيۇپنىڭ «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار» دېگەن شىئېرلار توپلىمى بولسا كېرەك. قالغانلارنى دادام ۋە ئانام بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئەمەس.

ئۆيىمىزدە يەنە دادام سلاۋيانچە دەيدىغان، ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تاشكەنتتە بېسىلغان كىتاپلارمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلارنى دادامدىن باشقا ھىچكىم ئوقۇيالمايتتى. دادام بىزگە روسچىغا ئوخشايدىغان شۇ يېزىقتا يېزىلغان «زويا ۋە شورا»، «ئانا»، «كىشىلەر ئىشىكىدە»، «ئاباي يولى» دېگەن كىتاپلارنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. كېيىنچە بىلسەم ئۇ كىرىل ھەرپلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيادا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتاپلار ئىكەندۇق.

ئۆيىمىزدە دادام بىلەن ئانام ئورتاق ئوقۇيالايدىغان كىتاپ ئەرەپ ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپلار ئىدى. ئۇنى يېڭى يېزىقتىن پەرقلەندۈرۈپ كونا يېزىق دېگەن بولسا كېرەك. ئېسىمدە قېلىشىچە «ماغدۇر كەتكەندە»، «لوتپۇللا مۇتەللىپ شىئېرلىرى»، «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» دېگەن كىتاپلارنى دادام مۇشۇ يېزىقتا ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ يېزىقنى بوۋام ۋە موماممۇ ھەجىلەپ ئوقۇيالايتتى.

مەن باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى سىنىپىغا چىققان يىلى يېزىق ئالماشتى. ھەممەيلەن كونا يېزىق دەپ ئاتىلىدىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان يېزىققا كۆچتۇق. ئاللىقاچان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چوڭ ئاكامدىن تارتىپ ھەممەيلەن ساۋادىنى قايتا چىقىرىشقا باشلىدى. ئۆيدىكى يېڭى  يېزىقتا يېزىلغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسى ئوچاققا تۇتۇرۇق بولدى. مومام ئۇ كىتاپلاردا ئۆز قولى بىلەن ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى. پەقەت چوڭ ئاكاملا يېڭى يېزىقچە لۇشۇننىڭ كىتاپلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەن مومامغا بىر قانچە كۈن باتناپ يۈردى. ئۇ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مومامنىڭ قولىدىن «چىلتەنلىك ئەدەبىيات» دېگەن كىتابىنىلا قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.

سىرلىق ساندۇقلارغا بەنت قىلىنغان «سېرىق كىتاپلار»نى بوۋام ۋە مومامدىن باشقىلار ئوقۇيالمايتتى. بوۋام بەزەن كىتاپلاردىن بىرىنى «سەپەليا»، يەنە بىرىنى «ناۋايى» دەپ، ئاۋايلاپ ۋاراقلاپ ئوقۇپ بېرەتتى، ئەمما مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتىم. ئۇ كىتاپلارنىڭ خېتىنى مەن ئالى مەكتەپكە چىقىپ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەن دەرسنى ئوقۇغاندا ئاندىن ئوقۇشنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭ ئوقۇپ بەرگىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىتاپلار ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇ يېزىقنى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ تاكى 1953-يىلغىغىچە قوللانغان ئىكەن. بوۋامنىڭ «سەپەليا»، «ناۋايى» دېگەنلىرى كىتاپنىڭ ئىسمى ئەمەس، شائىرلارنىڭ ئىسمى ئىكەن. سوپى ئاللايارنىڭ ۋە ئەلشىر نەۋايىنىڭ كىتاپلىرى شۇ يېزىقتا ئىكەن.

80-يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك يېزىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى چىقىپ قالدى. ئوپالدا تەتقىقاتچىلار سېرىق كىتاپلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيىمىزدە ئەزەلدىن قورقۇنچنىڭ مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقان، تىقىپ ساقلاپ مەخپىي ئوقۇلىۋاتقان «سېرىق كىتاپلار» تۇيۇقسىز ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۆيىمىز تەتقىقاتچىلار بىلەن ئاۋات بولۇپ كەتتى. داداممۇ ئۇ كىتاپلارنى يۈرەكلىك ئېلىپ ۋاراقلايدىغان بولدى. يىللاپ ساندۇققا بەنت قىلىنغان سېرىق كىتاپلار ئاخىرى يورۇق كۆردى.

ئانام تەكچىلەرگە تىزىلغان «قىزىل كىتاپلار»نى سۈپۈرۈپ يەرگە ئاتتى. ئۇلارنى كۆمۈرخاناغا، ئوتۇن كۆمۈرلەر قاتارىغا تاشلاپ قويدى. ئاندىن تەكچىنى قايتا سۈرتۈپ كەشتىلىك رەخت سالدى، كەشتىنىڭ ئۈستىگە كۆن تاشلىق سېرىق كىتاپلارنى بىر بىرلەپ پۈۋلەپ سۈرتۈپ تىزدى. ئانامنىڭ كىتاپ تىزىۋاتقاندا قوللىرىنىڭ تىترەشلىرى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

كىتاپلار تىزىلدى، ئەمما سىرلىق ساندۇقتا يىللارنى ئۆتكۈزگەن كۆن تاشلىق گۆھەرلەر ئوقۇشسىز قالدى. ئۇلارنى يىلدا بىرەر قېتىم ۋاراقلايدىغان بوۋامدىن باشقا ئوقۇيدىغان ئادەم چىقمىدى. كىتاپلارنى تولا سۈرتۈپ ھارغان ئانام «توپا بېسىپ قالسا ئاتا بوۋامنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ» دەپ مەھمۇد كاشغەرى  مەقبەرىسى ئىچىگە تەسىس قىلىنغان مۇزىيغا ھەدىيە قىلدى. كىتاپلارنىڭ ئىچىدىن چىققان پارچە پۇرات ۋاراقلار بىر قانچە كۈن ئۆيدە ئۇچۇپ يۈردى.

پىجغىرىم تومۇزنىڭ بىر كۈنى بوۋام ئالدىراش كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھېلىقى سېرىق كىتاپلار قاچىلانغان سىرلىق ساندۇقنى ئاختۇرۇپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھۆكۈمەت قەشقەر شەھرىدە بۇرۇن مۇسادىرە قىلىنغان مۆھۈرخەتلىك ئۆي، باغ ۋە دۇككانلارنى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانمىش. بوۋامنىڭ دادىسىدىن قالغان قەشقەر شەھرىدىكى ھويلالىق ئۆينى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئاشۇ «موخەت» لازىم بولۇپ قاپتۇ. ھازىرقى مەلۇماتىم بويىچە يەشسەم ئۇنىڭ موخەت دېگىنى مۆھۈر خەت، تامغا بېسىلغان خەت دېگەن سۆز ئىكەندۇق. خەت تېپىلمىدى. داداممۇ، ئاناممۇ، بىز بالىلارمۇ ھىچ بىرىمىز ئۇ خەتلەرنى تۈرۈزك ئوقۇيالمىغاچقا تاشىلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

سېرىق كىتاپلار ھەققىدە بېشىمدىن ئۆتكەننى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان ئىكەنمەن. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرە ئالدىغا تىكلەنگەن ھەيكىلىنىڭ چېقىلغانلىق خەۋىرى مېنى چۆچۈتتى. ھەيكەل 2019-يىلى نۇيابىردا جايىدىن غايىپ بولغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەس يادىم ئانام مۇزىياغا ھەدىيە قىلغان «سېرىق كىتاپلار»دا قالدى. سۈرۈشتە قىلىپ بىلدىمكى ئۇ كىتاپلار 2017-يىلنىڭ بېشىدىلا كونىشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارەسى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى تەرىپىدىن پىچەتلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. سېرىق كىتاپلار بۇ قېتىم ئ‍ۆيدىكى ساندۇقققا ئەمەس، رەسمى چىقالماس قاماققا بەنت قىلىنغان ئىدى.

يېقىندا بىرەيلەن ماڭا ۋەتەندىكىلەرنىڭ بىر ھاۋالەسىنى يەتكۈزدى. ھاۋالەدە مېنىڭ مۇھاجىرەتتە بالىلارغا ئاتالغان يۈرۈشلۈك تارىخى ھېكايە كىتابىمنىڭ خىتايچە نۇسخاسىنى تەييارلىشىم تەلەپ قىلىنىپتۇ. يا ماقۇل، ياق ياق دېيىشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. ياق دەي دېسەم، مېنىڭ ۋەتەندە قالغان ئوقۇش يېشىدىكى جىيەنلىرىمنىڭ، خىتايچە ئوقۇۋاتقان بارلىق سەبىلەرنىڭ يازغانلىرىمنى ئوقۇيالمايدىغانلىقى كۈندەك رۇشەن ئىدى. تېخى بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى خىتايچە ياتاقلىق مەكتەپتە ئىككى يىل تۇرۇپ ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىككى بالىنى تۈركىيەدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەنىدىم.

ماقۇل دەي دېسەم، ئۆتمۈشتە تولا تەكرارلانغان يېزىق پاجىئەسىدىن تىل پاجىئەسىگە ئايلانغان رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش تەس كېلىۋاتاتتى. ماڭا خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بۇندىن ئوتتۇز نەچچە يىل بۇرۇن باشتىن كەچۈرگەن يېزىق ماجراسى كۆز ئالدىمدا تېخىمۇ دەھشەتلىك شەكىلدە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلاتتى. ئائىلىمىزنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق قوللانغان يېزىقنى ئوقۇيالماي تارتقان زىيانلىرىمىز، كەچۈرگەن كۈلپەتلىرىمىز، شورلۇق قىسمىتىمىز بۇ مەرتەم تىلدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇش بىلەن قايتىلانسا يەنە قانداق زىيانلارنى تارتارمىز بىلمەيمەن.

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ