چېقىلماس سارايلار
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئارتۇچتىكى خاتىرە سارىيى چېقىلىپتۇ. چېقىشنىڭ قايسى كۈنى يۈز بەرگىنى، بۇ ياۋايىلىققا كىملەرنىڭ بىۋاستە قول تىققانلىقى، نەقمەيداندا بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىققا قانداق ئىنكاستا بولغانلىقى نامەلۇم. خەۋەرنىڭ يېقىنغا قەدەر سىرىتقا چىقمىغىنىغا قارىغاندا قورقۇنچلۇق ئاگاھلاندۇرۇش، تەقىپ ۋە تەھدىتلەرنىڭ تىللارنى باغلىغانلىقى ئېنىق.
چېقىلغان سارايدىكى تارىخى رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا تىزىلمىلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تېخىچە قاراڭغۇ. بۇ چاققۇننىڭ خاتىرە ساراي سېلىنغانغا 20 يىل بولغاندا يۈز بەرگەنلىكى مۆلچەرلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيى 2018-يىلى چېقىلغان بولىدۇ. خەۋەر يەتكۈزگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ بۆشۈكى ھېساپلىنىدىغان ئارتۇچ ئىكساققا جايلاشقان قەدىناس «ھۈسەينىيە مەكتىپى» ھويلىسىغا تىكلەنگەن ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇۋلارنىڭ ھەيكىلىمۇ چېقىپ تاشلانغان.
مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنى سېلىش 1997-يىلىدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ بۇ ئىشقا ھازىرقى تۇتقۇن زىيالىلاردىن يالقۇن روزى تەشەببۇسكار بولغان ئىكەن. ئارتۇچ شەھرىدىكى زىيالىلار، كارخانىچىلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق ئازاق يېزا، بۇيامەت كەنت رەھبەرلىكى مەزكۇر تەشەببۇسنى قوللاپ قۈۋەتلىگەن. ئىككى يىلغا يېقىن تەييارلىق خىزمەتلەردىن كېيىن ئۇشبۇ خاتىرە ساراي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بۇيامەت كەنتىدە قەد كۆتۈرگەن.
خاتىرە ساراي بىر باغچا شەكىللىك ھويلىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ ئىشىك بېشىغا ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئېنگىلىزچە «مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) خاتىرە سارىيى» دەپ يېزىلغان ئىدى. بوسۇغىدىن ئاتلاشقا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى كۆزگە تاشلىناتتى. قەبرە جايلاشقان دەلىز گۈمبەزلىك بولۇپ ئىچىگە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ فوتو سۈرىتى، سىزىلغان پورتىرىتى، بېغىشلانغان ئەسەرلەر ۋە مەرھۇمنىڭ يازغان شىئېرلىرى چىرايلىق جايلاشتۇرۇلغان ئىدى.
خاتىرە ساراينىڭ قەبرە جايلاشقان دەلىزىدىن ئۆتكەندە كەڭرى ۋە ئازادە بىر كۆرگەزمە زالى بار ئىدى. بۇ زال مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلار قوشۇنىدىكى ئەزالار، مائارىپچىلار ۋە شۇلارنىڭ تەسىرىدە يېتىشىپ چىققان داڭلىق شەخسلەرگە بېغىشلانغان ئىدى.
خاتىرە سارايدا مەمتىلى ئەپەندى ئارتۇچنىڭ شۇ چاغدىكى 24 كەنتىدە قۇرۇپ چىققان مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى سىخمىسى بار ئىدى. شۇ دەۋردە قۇرۇلغان يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتۇش پروگرامماسى، دەرسلىك سەتكىسى، دەرسلىكلىرى ھەققىدە ئەسلى ۋە كوپىيە قىلىنغان ھۆججەتلەر بار ئىدى.
خاتىرە ساراينى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققان كىشى ئۇيغۇر تارىخىدىكى يېڭىچە مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ زامانىۋىي مائارىپقا قانداق كىرىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر زامانىۋىي ئەدەبىياتىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ئۇيغۇر ئىنقىلاپ تارىخىنىڭ قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چۈشىنىپ ئالالايتتى.
ساراي بىر تارىخى ھۆججەتلەرخەزىنىسىگە ئوخشايتتى. مەمتىلى ئەپەندى ياققان مەرىپەت مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىددىيە، مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە ئىنقىلاپ تارىخىنى قانداق يورۇتقانلىقى سارايغا تىزىلغان ئەسەرلەر، رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە شەخسلەردىن قالغان خاتىرە، قوليازما ۋە ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى.
مەزكۇر خاتىرە ساراينى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى، ئىنقىلاپ تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مۇزىيى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇنىڭدا ئەدىپ، تەتقىقاتچى، مۇزىكانت ۋە مائارىپچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەكلەر بار ئىدى. مەسىلەن، مىرەخمەت سىيىت، قۇربان ئىبراھىم، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇراخمان شائىر، سەيپىدىن ئەزىزى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلارنىڭ ھاياتىغا دائىر رەسىملەر، ھۆججەتلەر ۋە باشقا تىزىلمىلار بار ئىدى.
خاتىرە سارايدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىترلىرى ئىچىدە شەرقى تۈركىستان ئىككىنجى جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان قاسىمجان قەمبىرى، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنۇف، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇكېرىم مەخمۇتۇف، ئەزىزۇپ قاسىمغا ئوخشاش پىشۋالارنىڭ ھاياتىغا دائىر رەسىملەر، ئۇلارنىڭ تەرجىمھالى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.
مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيىنىڭ چېقىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ئېنىقلاشلاردا غۇلجا شەھرىگە ئېچىلغان «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى»نىڭمۇ تاقالغانلىقى ئېنىقلاندى. خاتىرە ساراينى قۇرۇشقا تەشەببۇسكار بولغان شۆھرەت نىغمەتنىڭ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خاتىرە ساريىى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان مەرھۇم شائىرنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭمۇ 2017-يىلى ئىيۇلدا تۇرپاندا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نامىغا ئاتالغان خاتىرە ساراينىڭ چېقىلىشى ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ يىلتىزىنى يوقىتىش، ئۇنى تارىختىن ئۆچۈرۈش ئۇرۇنىشىدۇر. بۇ يېقىنقى يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنىنى قۇرۇپ چىققان بىناكارلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈشتۇر. بۇ ئالدىنقى ئەسىردە ئۇيغۇرنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ كۈلكىسىنى كۈلگەن بىر ئەۋلات باشلامچىلارنىڭ كۈرەشچان ھاياتىنى ئاۋامنىڭ ئېڭىدىن ئۆچۈرۈشكە تەمشەلگەن بۇزۇغۇنچىلىقتۇر. بۇ چاققۇن ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادىغا بولغان مىھرىنى، تارىخىغا بولغان مۇھەببىتىنى، قەھرىمانلىق ئۆتمۈشىگە بولغان سېغىنىشىنى سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى بولغان ياۋۇزلۇقتۇر.
بۇيامەتكە ياسالغان مەمتىلى ئەپەندى خاتىرە سارىيى چېقىلدى، ئەمما يالقۇن روزى مەرھۇمغا تىكلىگەن مەنەۋىي ئابىدە «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتاپ مۇھاجىرەتتە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. غۇلجا شەھرىدىكى زوردۇن سابىر خاتىر سارىيى تاقالدى، ئەمما مەرھۇمدىن قالغان توم توم كىتاپلار جاھالەت، نەپرەت ۋە نادانلىق بىلەن قۇلۇپلانغان قەبلەرنى مۇھەببەت، مەرىپەت ۋە مەرھەمەت بىلەن ئېچىشقا ھەر زامان قادىر. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خاتىرە سارىيى خىيالغا ئايلاندى، ئەمما ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى يازغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» دېگەن رومان مەرھۇمنىڭ ئارزۇ ئارمانىنى رېئالىققا ئايلاندۇرىدىغان ئەۋلاتلارنىڭ قولىدا ئەنگۈشتەرگە ئايلانغۇسىدۇر. كېسەكلەر بىلەن پۈتكەن سارايلار چېقىلغان بىلەن سۆزلەردىن پۈتكەن سارايلار گىرىمسەن ئۇيغۇر دۇنياسنى يورۇتۇپ، مەنەۋىي ھاياتنىڭ مەركىزىدىن تارتىپ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ئايدىڭلىتىپ تۇرماقتا.