ھالاكەتلىك چاقىرىق

ھالاكەتلىك چاقىرىق

دۇنيادا ھەر قېتىم ئىسلام نامىدا ئاتالغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلسا ئۇيغۇردا بىر چاقىرىق ياڭرايدۇ، بىر ھاياجان كۆتۈرۈلۈپ قانلارنى قىزىپ تۇرىدۇ. 15-ئاۋغۇستتىن بۇيان تالىباننىڭ كابۇلنى كونترول قىلىشى مۇھاجىرەتتە يېڭى بىر ھاياجانغا پىلتە بولۇۋاتىدۇ. تالىبانغا ئالقىشلار، ئافغانىستانغا چاقىرىقلار تەبلىغچى تىللاردا داستان بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق بىر جامائەت ئەربابى بۇنى تالىباننىڭ ئافغانىستاننى فەتىھ قىلغانلىقى دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. يەنە بىر ئۆلىما بۇنى «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى»نى تەبرىكلىدى. دىققەتكە سازاۋەركى، تۈركىيەدە دىندار ئاق پارتىيە ئاتامانلىرى ئۇيغۇر ئەرباپلاردەك تالىباننى تەبرىكلىمىدى. ھەتتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ تالىباننى تالىباننى نە تەبىرىكلىمىدى، نە تەستىقلىمىدى.

تالىباننىڭ كابۇلنى كونترول قىلىشى خىتاينى ھاياجانغا سالدى. خىتاي بۇنى تالىباننىڭ ئامېرىكا ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. خىتاي بۇ ئىسلام ئەمىرلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا ھازىرلىنىپلا قالماي دۇنيانى بۇ «رېئاللىقنى ئىتىراپ قىلىشقا» چاقىردى. پاكىستانلىق سىياسىي ۋە دىنى سەرخىللارنىڭ كۆپى كۈتۈلگەندەك خىتاينىڭ مەيدانىنى تەكرارلىدى، ئەمما تۈمەنلىگەن ئافغان كۆچمەننى چىگرادا توسۇۋالدى. تۈركىيەدە تالىباننىڭ غەلىبىسىدىن ئەڭ ھاياجانلانغىنى داڭلىق تۈرك ئۆلىمالار ئەمەس بەلكى دىنسىز كومۇنىستلار بولدى. ھاياتى ئىسلام، ئۇيغۇر دۈشمەنلىكى بىلەن ئۆتكەن خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچەك تالىباننى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى يەڭگەن قۇتقازغۇچى قەھرىمانغا چىقاردى. ئۇ تالىبان ھەرىكىتىنى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتتى.

تالىبان 1996-يىلى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرغاندا ئۇيغۇردا كۈچلۈك ھاياجان مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم ياشلار تالىبانغا قېتىلغان. تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىمۇ ھەسەن مەخسۇمنىڭ باشچىلىقىدا بۇ ئەلدە بازا قۇرغان. بۇ ئەمىرلىك ئۇيغۇرنى يېنىغا تارتىپ، مەشىققە سالغان بىلەن 1997-يىلى « 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچلىقى» ھەققىدە ھىچ بىر بايانات ئېلان قىلمىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھاياجانلىق ئافغانىستان قەدىمى غۇلجا باغلىىرىدىن ئافغان تاغلىرىغا يەتكەن. 2001-يىلدىكى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى»دە ئافغانىستاندىن قاچقان ئۇيغۇر ياشلار پاكىستاندا تالىبانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىندى. بۇ ئۇيغۇرنى خەلقئارا تېرورلۇق بىلەن باغلايدىغانغا باھانە بولغان. ئەپسۇس، تالىبان 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقى» دا خىتايغا ھىچ بىر نارازىلىق،ئۇيغۇرغا ھىچ بىر  ھېسداشلىق بىلدۈرمىگەن بىلەن ئۇلار يەنىلا جىھاتچان ئۇيغۇر ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلدى.

2014-يىلى ئىيۇندا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ بىر قىسمىدا ئىسلام خەلىپىلىكى ئېلان قىلىندى. بۇ خىتاينىڭ كۈنلۈكى يېرىم سائەتلىك «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پروگراممىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك تارقىتىلدى. بولۇپمۇ بۇ خەلىپىلىك كونترول قىلغان رايۇنلارنىڭ يېشىل رەڭدە كۆرسىتىلىشى مەنىدار ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا قوللاۋاتقان ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە كوردىستاننىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى خىتاينى ئاجايىپ مەمنۇن قىلغاندەك تۇراتتى. بۇ خەلىپىلىك قازانغان زەپەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە بىر ھاياجانغا تۇتۇرۇق بولغانلىقىنى كامېرلارنى تولدۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانىدىن بىلگەن بولدۇم. سىياسىي جىنايەت بىلەن كېسىلىپ كەتكەن قاھار ئىسىملىك تىك قۇدۇقلۇق بىر ياشنىڭ قاماقتا ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە شۇ چاغدا  17 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتىگە «ھىجرەت» سەپىرىگە ئاتلانغان ئىكەن. قاماقتىن چىقىپ بايقىسام «ھىجرەت، جىھات، ئىسلام دۆلىتى» دېگەن سۆزلەر ياڭراپ، كىشىلەر ئائىلە بويىچە ھىجرەتكە سەپەر قىپتۇ. تورلاردا دەرسلەر سۆزلىنىپ دەرسخانىلار قۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. خىتاي سۈرىيەدىن قايتۇرۇپ كەلگەن جىھاتچى ئەر ئاياللارنى تۆۋە قىلدۇرۇپ دۇنياغا سازايى قىپتۇ.مانا شۇ باھانە بىلەن خىتاي نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگىرلارغا قامىدى.

2011-يىلى باشلانغان سۈرىيە ئۇرۇشىغا ئۇيغۇرلار ئافغانىستاندىن كېلىپ قاتناشقاندىن باشقا كۆپىنچە تۈركىيەدىن بېرىپ ئىشتىراك قىلغان. بۇ قوراللىق كۈچكە قېتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ ئەمما شېھىت بولغانلارنىڭ سانىنى قەيسەرىدىكى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بەش مىڭدىن ئارتۇق دەپ مۆلچەر قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئالتاي شەھرىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بارى چىقىم بولغانغا باراۋەر. ئافغانىستانغا ھىجرەت باشلانغاندىن بۇيان بۈگۈنگە قەدەر شىھىت بولغان ئۇيغۇرنىڭ ئومۇمى سانى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەقتە بىر تەتقىقاتمۇ يوق. پەقەت ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغانلار ھەققىدە ئىگىسىز رىۋايەتلەر بار.

2014-يىلى سۈرىيەگە بارغان ئۇيغۇرلار تۈركىيە ۋە ئافغانىستاندىنلا ئەمەس، ئۇ تەرىپى كانادادىن بۇ تەرىپى ياۋرۇپاغىچە بولغان تەرەققىياتلىق ئەللەردىنمۇ بار ئىكەن. بىلگىيەدىن ھىجرەت قىلىپ يوقاپ كەتكەن غۇلجالىق ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەن. بۇلارنىڭ بىرى مۇخپۇل ماخمۇت. بىلگىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ سۈرىيەدە چىقىم بولغانلىقىنى دەلىللىدى. مۇخپۇل ئاۋۋال تۈركىيەگە ئائىلە بويىچە ساياھەتكە كەتكەن. ئۇ يەردە ۋەتەندىن چىققان ئاتا ئانىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇنىڭ ئىككى سەبى بالىسى قوشۇلغان بىر جەمەت ھىجرەتكە ئاتلىنىپ سۈرىيەدە پۈتۈنلەي شېھىت بولغان. مۇخپۇل ماخمۇتنىڭ رەسىمى ھېلىمۇ فېيىسبۇكتا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ چېنىققان، جۇشقۇن، مەغرۇر تۇرىقى، ئورتاقلاشقان قىزغىن مەزمۇنلىرى كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىىنى پۈتكۈزگەنلىكى، يەرلىك تىلدىن باشقا ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى ئۇنداق يەرلەرگە كېتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلار مەنچە ئاز چىقىشى كېرەك. ئەمما ئۇ كەتتى، تېخى ئۆزىلا ئەمەس بىر جەمەتنى باشلاپ كەتتى.

بەلكىم مۇخپۇل مەخمۇتنىڭ ھاياتىدا بىر خىتاي قاتىلنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگۈسى بار بولغىيدى، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بىر پالاق تۇخۇم ئېتىپ پۇخادىن چىققۇسى بار بولغىيدى. 2017-يىلدىن كېيىنكى ئومۇمىي تۇتقۇنغا قارشى مەيدانغا چىقىپ شاھىت بولغۇسى بار بولغىيدى. ئىكراندا خىتاي زالىمغا قادىلىپ تۇرۇپ «ھەي قىرغىنچى خىتاي مانا مەن ئۇيغۇر، مىللىتىمنى تۇتتۇڭ، مېنى تۇتالمايسەن، خەلقىمنى قامىدىڭ، ئاۋازىمنى بوغالمايسەن، زېمىنىمنى بېسىۋالغان بىلەن ۋىجدانىمنى بويسۇندۇرالمايسەن!» دېگۈسى بار بولغىيدى. ئۇنىڭ شۇنداق بىر مەردانە قامەتنى، شۇنداق غەييۇرانە سىياقنى، شۇنداق بىر گۈزەل خاتىرىنى ئىكرانلاردا مەڭگۈلۈك قالدۇرۇش ئارزۇسى بار بولغىيدى. ئەمما ئۇنىڭ بالام دەيدىغان ئاتا-ئانىسىمۇ، دادام دەيدىغان بالىسىمۇ، ئېرىم دەيدىغان ئايالىمۇ يوق! ئۇنىڭ ئۆزى سۆيگەن تۇپراقتا قەبرىسى يوق.

1996-يىلى باشلانغان ئىسلامى ھاكىمىيەتلەرگە بەيئەت قىلىش، سەپەر قىلىش، شۇلارنىڭ قوينىدا ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىغا 25 يىل بوپتۇ. بۇ قىزغىنلىقنىڭ ئىسمى ھېلى ئىسلام ئەمىرلىكى، ھېلى ئىسلام دۆلىتى بولۇپ ئۆزگىرەپ تۇردى. بۇ نۆۋەت تالىباننىڭ ئافغانىستانغا ھاكىم بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندىن كېلىدىغان، سۈرىيەگە كېتىدىغان كۆچمەنلەرگە ئىشىكنى پۈتۈنلەي تاقىماسلىقى كىرىپ چىقىشلارنى نىسبەتەن قولايلاشتۇرغانلىقى مەلۇم. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەۋج ئالغان ئافغانىستان قىزغىنلىقىنىڭ سىرىنى يەشمەكتە. ئەگەر بۇ قىزغىنلىققا ئوت كەتسە پۈتۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆيىدۇ. يا نورمال ئىقامەت ئالالماي، پاسپورتىنى يېڭىلىيالماي، يا خىتايغا كېتەلمەي، ئۇنى ئاز دەپ تىرىكچىلىكنىڭ ئاچچىقىدا يا بىرنى ئىككى ئېتەلمەي تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بۇ يالقۇننىڭ پەرۋانىلىرىگە ئايلانماي قالمايدۇ. خىتاي بۇ ئوتنى تېخىمۇ پۈۋلەپ ۋەتەندە قامالغان 3 مىليۇن ئۇيغۇرنى كۆيۈشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان شاپائەتچىگە ئايلىنىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە دەۋەت قىلىدىغان 25 يىللىق چاقىرىق ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم تارتىلىدىغان بىر كۆرۈنمەس تۇگمەنگە ئوخشاپتۇ. ئۇيغۇر چەتئەللەردە چۆرگىلەۋاتقان ئۆلۈم تۈگمىنىگە ئۈگۈت بولغىلى 25 يىل بوپتۇ. بۇ يىللاردا تۈگمەننىڭ ئورنى ۋە ئىسمى ئۆزگەردى، ئەمما ئۇيغۇرنى دەم تارتىدىغان نورى، ئېزىپ ئۇن قىلىدىغان تاشلىرى ھىچ ئۆزگەرمىدى. تۈگمەنگە ئۈگۈت كەملىگەن ھامان بىرى تۈگمەننىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ بۇرغا چالىدۇ. بۇرغا ئاۋازى ياڭرىغان ھامان ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن ياڭراق، چىقىراق ۋە خىرىلداق ئاۋازلاردا تەڭكەش قىلىدىغانلار چىقىدۇ. شۇئان ئۆلۈمنى مۇقەددەسلەشتۈرگەن، ئۆلۈمنىڭ ھەممىنى ھەل قىلىدىغان سىھرى، قۇدرىتى ۋە كارامەتلىرى تەشەببۇس قىلىنغان، ئادەمنى ئېلىۋاتقان ھەر بىر نەپەستىن نومۇس قىلىپ يېرىلىپ كەتكىدەك ھالغا كۈلتۈرۈپ قويىدىغان ئايەتلەر نەقىل قىلىنىپ تەبلىغلەر سۆزلىنىدۇ. ئۆلۈم بازىرى ئاۋات بولىدۇ، ئەمما تەبلىغچىلەر ئۆلمەيدۇ، جان بەرگەن شىھىتلەرنىڭ سانىمۇ ئېلىنمايدۇ، ئىسمىمۇ خاتىرلەنمەيدۇ. ۋەتەن ئۈچۈن، دىن ئۈچۈن جان بەرگەن شۇنچە كۆپ شىھىت ئىنسان ئەمەس سانمۇ بولالمايدۇ. يەنە زادى قانچە ئۇيغۇر ئۆلسە بۇ مىللەتنى ئەزگەن زۇلۇمنىڭ، ھالاكەتلىك چاقىرىقنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ھىچكىم تەبلىغ قىلمايدۇ.

بىر ھەرىكەت ئۈچۈن 25 يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس. بۇ جەرياندا ئايىقى ئۇزۈلمىگەن مەغلۇبىيەتلىك، ھالاكەتلىك چاقىرىقتىن ئىبرەت ئېلىنىشى كېرەك. قەدىمكى ئىسلام ئالىمى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان» دەيدۇ. ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە جىھاتچىلىق ئەمەلىيىتى ۋە مائارىپى بىلەن بىلەن شۇغۇللانغان بۇ 25 يىل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇپ خىتاينى تىزگىنلىگەنگە كەتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. 13 خىتاي زىيالى يۈز يىل بۇرۇن گېرمانىيەدە پەيدا بولغان ناتونۇش بىر ئىددىيەنى، مىللىتىگە پۈتۈنلەي يات بىر ئىتىقادنى قورال قىلىپ 25 يىلدا غەلىبە قىلغان. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز خەلقى جېنىنى بېرىدىغان بىر ھەق دىن بىلەن قوراللانغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر 25 يىلدىن بۇيان ئوخشاش چاقىرىققا ئەگىشىپ سەرسان. ئۇلار كۈرەشنى تېخى باشلاپ بولالماي توختاۋسىز تەييارلىق قىلىپ ئوق يەپ شېھىت بولۇش ۋە شېھىتلىقنى تەرغىپ قىلىشتىن باشقا خىتاينىڭ چىگراسىغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئېتىپ باقمىغان بولسا بۇنىڭدىكى ئىبرەتنى، دەرسنى، ساۋاقنى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك. مەغلۇبىيەتلىك چاقىرىقتىن ساۋاق ئالماي مەغلۇبىيەتلىك يولنى، مۇققەسلەشكەن ئۆلۈمنى سەۋدايىلارچە تەرغىپ قىلىشنىڭ خىتاينىڭ تۈكىنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىزچىل پايدىسىغا ئۇيغۇرنىڭ ئىزچىل زىيىنىغا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كېرەك. بۇنداق چاقىرىقلارنى توختىماي يېڭىلاپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ پەريادىغا گاس بولغان بىلەن خىتايغا ھەمتاۋاقلىقى كور بولمىغان ئەقىللەرگە ئايدىڭ بولۇشى كېرەك.

 

 

 

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ