شەرتلەر داۋاغا ئۇيغۇن بولغاي
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەككىزىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى بوسنىيەدە ئېچىشنى قارار قىلدى. 24-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان قۇرۇلتايدا سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يېڭىلىقلار يورۇقلۇققا چىقىدۇ، قۇرۇلتاي كۈچلىنىدۇ، خەلقىمىز ئۈمىتكە تولىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز.
خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقاندا ھەر قانداق سەۋەنلىك غايەت زور تالاپەتكە سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ سەۋەنلىككە سەۋەپ بولىدىغان ھەر قانداق يېتىشسىزلىكلەتنى تولۇقلاپ مېڭىشى، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، زامانغا ماسلىشالمىغان، تەرەققىي قىلدۇرالمىغان ھەر قانداق تەشكىلات ئاجىزلايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار زەيىپلەشسە داۋايىمىزغا دەز كېتىدۇ. زەيىپ تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا قالغان داۋايىمىز مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلەنگەن داۋا بولىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسلاھات قىلىشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمى تاملارنى چېقىپ قۇرۇلتاينى يېڭى كۈچلەر بىلەن تولۇقلاش. ئەمما نۆۋەتتە ۋەزىيەت يېڭىلىققا مايىل كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. سايلامنىڭ شەرتلىرى يېڭى نامزاتلارغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. قۇرۇلتاي يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ كېڭەش مۇنبىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سايلام شەرتلىرىنى قويغاندا بىرى يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن، يەنە بىرى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇ نۆۋەتلىك سايلام شەرتلىرى يا قۇرۇلتاينىڭ ئىجرايە كومېتىتى بىلەن، يا يەرلىك ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن ياكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىلەن كېڭەشمەستىن ئېلان قىلىندى. بۇ مۇۋاپىق ئەمەس.
ئەگەر بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيى قىلىمىز دېسەك كىشىلەرنى قۇرۇلتايغا كىرىشتىن توسايدىغان ھەر قانداق شەرتلەرنى قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەشكىلاتى بولساق، بىزگە قوشۇلماقچى بولغانلارنى چەكلەيدىغان ھەر قانداق توسۇقلارنى بىكار قىلىشىمىز كېرەك.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئادالەتلىك دۇنيانى، دېموكراتىك كۈچلەرنى قوزغاپ ئۇيغۇرنى قۇتقۇزىمىز دەيمىز، بىز دۇنيانى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقىي رەۋىشتە قوزغىتىمىز دېسەك ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. ئەمما بىز قويغان ۋەكىللىك ۋە رەھبەرلىك شەرتلىرى كونا، نامۇۋاپىق، زامانغا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرنى قوزغاپ بىر قوشۇن قىلىشقا ئاجىز.
بۈگۈن دۈشمىنىمىز بولغان خىتاي ئۇيغۇرنى قوينىغا چاقىرىپ ئۆزىگە تارتىپ ئاۋارە، بىز ئۇيغۇرنى ئىتتىرىپ، ئارىمىزغا قوشماي ئاۋارە بولساق بولمايدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ھەق بېرىلمەيدىغان بىر خىزمەتنى ئۈستۈمگە ئالاي، دەۋاغا قوشۇلاي، قۇرۇلتاينىڭ تەركىبىدە بىر ئەسكەر بولاي دەپ نامزات بولغان ئادەملەرنى ئىقتىدارى بولسا، پەزىلىتى يەتسە، پىداكارلىقى چۈشسە قوبۇل قىلساق بولىدۇ. نامزاتلارغا ئۇلارنىڭ نە خەلق ئارىسىدىكى نوپۇزى، سالاھىيىتى ياكى قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تۈرلۈك شەرتلەر قويۇش، ئاكتىپلارنى ۋاقتى ئۆتكەن تەلەپلەر بىلەن قۇرۇلتايدىن يىراقلاشتۇرۇش توغرا ئەمەس. 2024.08.15