«ئۆلۈش كېرەك»مۇ

 
«ئۆلۈش كېرەك»مۇ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
يېقىندىن بۇيان «ئۇيغۇر خەلقىگە ئىتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن ئۆلۈش كېرەك» دېگەن بۇ سۆز تاراتقۇلاردا تاراپ يۈردى. كارىم بولماي دېسەم يېقىن دوستلار ئاتايىن ئەۋەتىپ قويغاچقا كۆرۈپ، ئوقۇپ، ئويلاپ كەتتىم. مەن بۇ گەپكە قوشۇلمايمەن. ئەڭ موھىمى بۇ گەپنىڭ كەينىگە يوشۇرنىۋالغان مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى زىدىلەيدىغان، غۇرۇرىنى سۇندۇرىدىغان تارقىلىشچان ۋىرۇستىن ئەنسىرەيمەن .
ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرگە ئوخشاش باغرىغا ھەر خىل كىشىلەرنى باسقان بىر مىللەت. ئۇيغۇرنىڭ ئېسىللىقى شەكسىز، ئەمما ھەممە ئۇيغۇرچە ئىسىملىكنىڭ ئېسىللىقتىن نىسىۋىسى يوق. ئېسىللىقتىن مەھرۇملارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە، دىنى ئۇيغۇرچە ۋە نەسەبى ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى بارلىق ئۇيغۇرنىڭ خۇيى دەپ قالپاقچىلىق قىلىش نورمالسىز.
ئۇيغۇردا ئۆلمەي تۇرۇپ ئىتىراپ قىلىنغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرلار بولغان، ئۆلگەندىن كېيىن بەكرەك تونۇلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىنلەرمۇ ياشىغان، ئۆلمەي تۇرۇپمۇ بارغانچە تونۇلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، خالىدە ئىسراھىل، راھىلە داۋۇتتەك كىشىلەر ھېىلىمۇ بىز تونۇتقانسىرى تونۇلىۋاتىدۇ، دۇنيادا ئىتىراپ قىلىنغانچە بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. قاماقتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە خىاينىڭ تەقىپى ئاستىدا تۇرۇپمۇ داۋاملىق ئىتىراپ قىلىنىپ كېلىۋاتقانلارمۇ نەچچە مىڭ.
ئۇيغۇردا دۇنياغا تونۇلغان، ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغىدەك، ھەر يەردە ئىتىراپ قىلىنىۋاتقان پەزىلەتلىك ياخشىلار بار، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. ئۇلار قىلىنىۋاتقان خەيىرلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش، يارىتىلىۋاتقان تۆھپىلەر بىلەن مەشغۇل بولغاچقا ئىتىراپ قىلىنىشقا تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولماي تىرمىشىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇردا بىر بىرىگە تونۇلغان، يېقىنلارنىڭ ئىتىراپىغا سازاۋەر بولۇپ ئۈنسىز ياشاۋاتقان تۈمەنلىگەن سۈكۈتتىكى ياخشىلار بار، ئۇلار ئائىلەسىگە، ئەتراپىغا، يىراقتىكى تۇغقانلارغا قىلىنىۋاتقان ياخشىلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىدىن ئېشىنىپ بولالمايۋاتقان نورمال ياخشىلارمۇ نۇرغۇن، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ غېمىدە. يامانلار بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇلارمۇ يامانلىق كويىدا ئەمما ساناپ ئالغۇدەك ئاز.
ھالبۇكى بىزدە ئۆزىنىڭ سەپسەتە، رىۋايەتلىرىدىن باشقا ھىچ بىر ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۇتۇقلىرىنى ئىتىراپ قىلمايدىغانلارمۇ بار. مۇھاجىرەتتە، ھىچ بىر ياخشىلىقتىن قەلبى ئېرىمەيدىغان، ھەر قانداق ساۋاپلىق، سەدىقە، يۆلەش، پىدايىلىق ۋە خەيىر ئىھساندىنمۇ مىننەتدار بولمايدىغان، ياردەملەرنى مەجبۇرىيەت، سەۋىرچانلىقنى ئاجىزلىق، كەڭقورساقلىقنى زەيىپلىك دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەر بار.
مۇھاجىرەتتە خىتاينىڭ خۇيىنى ياكى تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ چىققان، رەزىللىك قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىر بولغانلارمۇ بار. ئۇلار ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا ئىتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماقۇلجان، ماقۇلنىسالىرىغا، مالايلىرىغا ئايلىنىش كېرەك.
مۇھاجىرەتتە يەنە ئىپلاسلىق بازىلىرىمۇ بار. ئۇلار باشقىلارغا ئورا كولايدىغان، بىرەر كىشى يىقىلغانچە ئەسەبىيلىشىدىغانلاردۇر. ئۇلار ئەسلى مەغلۇپلاردۇر، ئاشقۇن پاخشىلاردۇر. مۇھاجىرەتتە مۇنداق پاخشىلار زىيادە ھەرىكەتچان، زۇۋانداز، ئۇلار پاخشىلار سېپىدە تىمسىقلاپ يۈرمەكتە.
پاخشىلار، رەزىللىك مەركەزلىرى، نەپرەت قاتلاملىرى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ قىسمەن تەرىپىگە، ئازچىللىق گورۇھىغا، ئىتىبارسىز بۆلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇيغۇردەك مۇكەممەل، مۇرەككەپ، مۇستەقىل مىللەتنىڭ ھەر خىل ئەزالىرى بولۇشى پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمما قىسمەن كىشىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسىگە، قەلبىگە، مىڭىسىگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مەنتىقەگە، پاكىتقا، ئىلىمگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەن كىشىنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويۇشى ھەرگىزمۇ ئۆلگەننىلا ئىتىراپ قىلىش، ئۆلگەندىن كېيىنلا ئىتىراپ قىلغانلىق ئەمەس. ئۆلۈكنىڭ ئەيىپىنى ئاچماسلىق پەقەتلا سېسىقنى كولىماسلىققا قارىتىلغان. ئۆلۈم بولغان يەردە رەھمەتلىكنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى پەقەتلا ئۆرۈپ ئادەت، مۇراسىم ئەخلاقى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئىتىراپ ئەمەس..
ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىنى، خىسلىتىنى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ زىنىقىنى مەرەز كۆرستىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىدىكى مەڭنى ئۆسمىدەك مۇبالىغە قىلىدىغان ئادەت، بىلىپ بىلمەي خىتايغا خىزمەت قىلغانلىقتۇر، دۈشمەننىڭ دېپىنى چالغانلىقتۇر، رەقىپكە ھەمتاۋاق بولغانلىقتۇر.
شۇڭلاشقا بۇ «ئۇيغۇرغا ئىتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن ئۆلۈش كېرەك» دېگەن ھۆكۈم خاتادۇر. بۇ خاتا يەردىن ئۈزۈپ ئېلىنغان، ئەسلى تېكىستىدىن، سۆزنىڭ ئەسلى ئورامىدىن چىقىرىۋېتىلگەن خاتا ھۆكۈمنىڭ ئەڭ نەپرەتلىك تەرىپى.
2024.05.30
No photo description available.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ