قۇتۇلغان ئىدرىس ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇش يولى

مۇھاجىرەتتە خەۋپلەر ئۇيغۇرلارنى ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بولۇپمۇ مۇستەبىت، يېرىم مۇستەبىت ۋە چالا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا پىشكەللىكلەر ئۇچراپلا تۇرىدۇ. ھازىر تايلاند، ھىندىستان، مالتا، سۈرىيە، تۈركىيە، كرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پاسپورتسىز، كىملىكسىز دەككە دۈككىدە ياشاۋاتقان، قاماققا ئېلىنغان، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنى قۇتقۇزۇش تامامەن مۇمكىن، ئەمما ئۇلاردا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش جاسارىتى، ھازىرلىقى، قابىلىيەتى بولۇشى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى.
بۇ يىل 14- فېۋرال ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن قويۇپ بېرىلدى. ئۇ 2021-يىلى 19-ئىيۇلدىن بۇيان غەرىبى ئافرىقادىكى ماراكەشتە خىتاينىڭ قايتتۇرۇپ كېتىش خەۋىپىدە، تۇتقۇندا ئىدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى بۇزەينۇر ئوبۇل ۋە ئۈچ پەرزەنتىگە بايرام بولدى. رىم ئىمپرىيەسى زامانىدا دىنى ئىتقادى سەۋەپلىك جازالانغانلارنى قوغداپ قالغان ۋەلېنتايىننى ئەسلەش ئۈچۈن پەيدا بولغان بۇ بايرام، خىتاي ناتسىس ئىمپىريەسى دەۋرىدە مىللى كىملىكى سەۋەپلىك خەلقئارا ساقچىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان بىر مۇساپىر ئۇيغۇرغا ياراشتى.
بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئىدرىس ھەسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغۇداش كۈرىشىگە خىتايدا ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ 2008-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىيەنجىندە مىللى كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا بولغان ۋەقەنى ئەركىن ئاسىياغا يەتكۈزگەن ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپتە قالغان، 2013-بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تۈرلۈك تەشكىلاتلاردا پىدايلىق بىلەن پائالىيەت قىلغان. ئۇنىڭ كۈرىشى خىتاينى بىئ‍ارام قىلىپ خەلقئ‍ارا ساقچى تىزىملىكىگە ئىلىنىپ قالغان. ئۇ 2021- يىلىغىچە تۈركىيەدە تۆت قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىلگىرى كېيىن ئۈچ يىللىق ھاياتىنى قاماقتا ئۆتكۈزگەچكە ئاخىرى جاننى ئالقانغا ئېلىپ ياۋرۇپاغا قېچىشنى قارار قىلغان ۋە شۇ يولدا تۇتۇلغان. ئۇنىڭ ماراكەشتە تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا، خەۋپتە تۇرۇپمۇ پىدايىلىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنى قايىل قىلدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدە ۋە ماراكەشتە تۇتۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان، خەلقارا ساقچى چىقارغان قىزىل خەتلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ھەققىدە 2020-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخاناسىغا يوللانغان ھۆججەت مەۋجۇت. 2021-يىلى ئىيۇلدا مەزكۇر ھۆججەتنى بىزگە تەمىنلىگەن ئىدرىسنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئادۋۇكاتىدىن ئېگىلىشىمىزچە يەنە ئابدۇقادىر ياپچان، ئەلى ئابلەت، ئابدۇخەۋەر جېلىل، نەسرۇللا مەمەت، ئابدۇرېيىم مەمەتېئىلى، مەمەتيۈسۈپ ئابدۇكېرىملەرنىڭمۇ ئىسمى خەتلەنگەن. شۇڭا ئىدرىسنى قۇتقۇزۇشتا بىرىنچى قەدەم خەلقئارا ساقچىغا ئىلتىماس قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن باشلاندى.
خىتاي 2003-يىلى ئۇيغۇرلارغا خەلقارا ساقچى ئارقىلىق بېسىم قىلىشنى باشلىغان. ئۇ چاغدا خىتاي ب د ت دا كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ تېرورلۇققا قارشى خەلقارالىق سېپىدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا دولقۇن ئەيسا، ئابلىمىت تۇرسۇن قاتارلىق 11 ئۇيغۇرنى تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، ھەمدە ئۇلارنى خەلقئارا ساقچىگە ئەنگە ئالدۇرۇۋالغان. ئىدرىس ھەسەن بولسا شۇندىن كېيىنكى نۆۋەتلەردە خەتلەنگەنلەردىن. ئۇنىڭغا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيادا ئوۋلاش ھەرىكەتىنىڭ داۋامى ئىدى. ئىدرىسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقى سەۋەپلىك خەلقئارا ساقچىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئۇچىرىغانلىقى ھۆججەتلىك ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ناھەق بۇيرۇق ئەمەلدىن قالدى.
2021-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا خىتاي ئىدرىس ھەققىدە ماراكەش ساقچى تەرەپكە يۈز بەتكە يېقىن ئەيىپلەش ھۆججىتى ئەۋەتىپ، تېرورلۇق جىنايىتى ئارتقان ۋە ئۇنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى. بۇنىڭ توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلىندى. ماراكەشنىڭ ب د ت قىيناشقا قارشى تۇرۇش خەلقارا ئەھدىنامەسىگە ئىمزا قويغانلىقى ئىشقا ياراپ ئىدرىسنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيناققا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەندى. نىھايەت، ب د ت، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، مېنا، قوغدۇغۇچىلارنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرياردەك تەشكىلاتلارنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ئىدرىس قۇتۇلدى.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارغا خەتەر كۆپرەك خىتاي سەۋەپلىك كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىرى خەلقئارا ساقچىغا تەشكىلاتىغا خەتلىنىپ قالىدۇ. تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئەرىز قىلىنىپ مەھكىمىلىك بولۇپ قالىدۇ. پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كىملىكسىز قالىدۇ. بىرەر دۆلەتكە قانۇنسىز كىرىپ سالاھىيەتسىز قالىدۇ. ھەتتا پاسپورتى، كىملىكى تۇيۇقسىز ئەپكەس قىلىنىپ ۋەتەنسىز قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. يۇقارقىلاردىن سىرت، ياشاۋاتقان يېرىدە سەۋەپسىز تۇتقۇنغا ئۇچرايدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
بۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىدرىس ھەسەن قۇتۇلغانغا ئوخشاش تۈرلۈك يوللىرى بار. ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، قوغدوغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، خەتەردە قالغان تەتقىقاتچىلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئورۇنلارغا ئىتىماس سۇنۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومېتىتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش، ھەر قايسى غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى دېپلوماتىك ئورگانلىرىغا ئىلتىجا قىلىش قاتارلىق ئاماللارمۇ كارغا كېلىدۇ.
تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق، ئورتا ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مۇتەخەسىسلەر، دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەنلەر خەتەردە قالغان تەتقىقاتچىلار تەشكىلاتىغا، تەتقىقاتچى ۋە سەنئەتكارلار فرانسىيە پائوز پروگرامماسىغا ئىلتىماس سۇنسا، بىخەتەرلىكى قوغدۇلۇپ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكادىكى ئالى مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەندىن باشقا بىر يىللىق، ياكى بىر قانچە يىللىق خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق تۈرلەرگە ئېرىشكەنلەر بار بولۇپ يېقى يىللاردا تۈركىيەدە تۇرغان ئىككى دوكتور يۇقارقى تۈر بويىچە پۇرسەتكە ئېرىشىپ خارۋارد ئۇنۋېرىستېتىدا تەتقىقتا بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ.
ئەگەر بىر ئۇيغۇر خىتاي ئالقىنىدىكى بىر ئەلدە ئاخبارات، سەنئەت، يېزىقچىلىق، تەتقىقات، داۋا، ئاممىۋىي خىزمەت، ئاياللار-بالىلار ھوقۇقى ۋە موھىت ئاسراش دېگەندەكلەرگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەپلىك ئاۋارىچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولسا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئايكورن دەيدىغان بىر پروگراممىسى بار. مۇشۇ پروگراممىغا ئىلتىماس سۇنسا، غەرپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ئىككى يىللىق ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، مۇئاشى، ھەقسىز تۇرالغۇسى بولىدۇ، ئىككى يىل توشقاندا خالىسا شۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قالسا بولىدۇ. ئايكورن پروگراممىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن پاسپورتى بولمىسا، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق كىملىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئايكورن پروگراممىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن ئىككى مۇزىكانت، ئۈچ قەلەمكەش، بىر تەتقىقاتچى ۋە بىر ئاخباراتچىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى نورۋېگىيە، ئەنگىلىيە ۋە پولشاغا ئورۇنلاشتۇردى. يەنە بىر ئۇيغۇر شائىر ياۋۇرپاغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئىدرىس ھەسەن قۇتۇلدى. ئۇ ھازىر ئامېرىكادا بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قۇتۇلۇشى ئىستانبۇلدا ياشىغان 8 يىلدا، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچ يىلىنى قاماقتا ئۆتكۈزىۋاتقاندىمۇ ئامالى يوقلارغا ئامال كۆرسىتىپ، گېزىت چىقىرىپ، توربەت ئېچىپ، كىتاپ يېزىپ، مۇساپىرلىقتا تىلدىن قىينالغانلارغا تىلى ۋە يېزىقچىلىقى بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنىڭ مۇكاتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن قىلغان تاماسىز پىدايلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەتتا ئۇ ماراكەشتە قاماقتا تۇرۇپمۇ بىر ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن دوستلاشقانلىقى، ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىنى سۆزلەپ بىلەن رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ئاخباراتلارغا چىقتى.
دېمەك، مۇھاجىرەتتە، خىتاينىڭ قولى يېتىدىغان خەتەرلىك قىتئەلەردە، خەۋپلىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قۇتۇلۇشنىڭ يولى تار ئەمەس. قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇقارقىدەك خەلقئارالىق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىدىن باشقا، ئىنسانىڭ ئىقتىدارى، پەزىلىتى ۋە شىجائىتىمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ