بىر ئۇيغۇر لاگىردىن قاچتى، ئەمما

بىر ئۇيغۇر لاگىردىن قاچتى، ئەمما
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
شۇنداق خاتا ئاڭلمىدىڭىز، لاگىردا ئوقۇتقۇچى بولغان ياركەنتلىك ئابدۇقادىر ساتتار 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا قاچقان. ماڭا بۇ خەۋەرنى بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇلدىكى ساۋاقدىشى ئەۋەتتى. دەرھال چەتئەلگە قېچىشى كېرەك ئىكەن، مەندىن ياردەم ئىستەيدىكەن. مەن بېيجىڭدىكى بىر مۇخپىر بىلەن ئالاقە قىلىپ سابىق ئوقۇتقۇچى ئابدۇقادىر بىلەن كۆرۈشتۈردۈم. ئۇ تېلىفوندا ماڭا «مېنىڭ ئىسىمىم ئابدۇرەھىم، 2011-يىلى پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتى ئەدەبىيات فاكۇلىتىتىنى پۈتكۈزدۈم، 2015-يىلدىن بۇيان يەكەندە بىر لاگىردا ئوقۇتقۇچى بولدۇم، بولۇۋاتقان زۇلۇمنى كۆرۈپ چىدىيالمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ زۇلۇمنى مېنىڭمۇ كۆرۈشۈم مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئەھۋال بەك چاتاق، مەن ماشىنا تىجارىتى قىلىمەن دەپ رۇخسەت سوراپ بېيجىڭغا كەلدىم. ئىدارەمدىن مېنى قايتىپ كېلىشكە زورلاۋاتىدۇ، ئەگەر دۈشەنبە كۈنى قايتىپ كەتمىسم، مېنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىدۇ!» دېدى.
بۇ ئىش بولغان كۈنى مەن ۋە مۇخپىر تۈرلۈك قاناللار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئاخىرى 18- دېكابىر ئۇنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى تاپقان بولدۇق. غەرپتىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما ئابدۇقادىر بىر كۈن ئاۋال ئۆزىنىڭ بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىستانبۇلدىكى ساۋاقدىشىغا دېگەندىن كېيىن غايىپ بولدى، بىزدە بار تېلىفون نومۇرىمۇ تاقالدى. ئۇ «مەن ئەتە شۈنيىچۈگە چىقىپ باقاي، ئۆلۈپلا قۇتۇلارمەن» دېگەن مەنىدە بىر ئۇچۇرنى ساۋاقدىشىغا ئەۋەتكەن ۋە رەسىملىرىنى ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۈچ ياشلىق بىر قىزى بار ئىكەن.
شۇندىن كېيىن ئابدۇقادىرنىڭ گەپلىرى قۇلاقلىرىمدىن كەتمىدى، ساۋاقدىشىدىن سورىغان بولساممۇ جاۋاپ يوق. «مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ، مېنى ئېلىپ كەتسە بەك قىينىلىپ كېتىمەن، تەربىيىلىنىۋاتقانلار كۆرگەن ئۇ كۈنگە قاراپ چىدىيالمىدىم، بېشىمغا ئۇ كۈن كەلسە مەنمۇ چىدىماي باشقىلارنى پاش قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قامىلىشىغا سەۋەپچى بولۇشۇم مۇمكىن» دېگەن ئىدى.
تېلىفوندا سۆزلەشكەندە ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇشنىڭ غېمىدە تەپسىلى مەلۇمات سورىماپتىمەن. پەقەت ئۇنىڭ «ياركەنت شەھەر ئىچىدە 180 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كامپىدا» دېگىنى ئېسىمدە. ئىستانبۇلدىكى ساۋاقدېشىدا رەسىمى بار ئىكەن، بەلكىم باشقا ئۇچۇرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. رەسىمدە ماشرەڭ فورما كىيىۋاپتۇ دېگەندەك قىلغان، لېكىن ھەر قانچە چۈشەندۈرۈپمۇ لاگىردا چۈشكەن ئۇ رەسىمنى، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى دېگۈزەلمىدىم. ساۋاقدىشىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا مەلۇماتلارنى بېرىشنى رەت قىلغان بۇ قىزغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپمۇ، دوق قىلىپ، تەنبىھ بېرىپمۇ ھىچ بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم.
ئىزاھات: مەن بۇ يازمىنى 2019-يىلنىڭ بېشىدا يازغان، بۇ قېتىم قايتا ئېلان قىلدىم، سەۋەبى خەۋەرنىڭ ئاچقۇچى بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدا. دۇنياغا داڭلىق بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخپىرى دەيك كاڭ ئابدۇقاردىر دېگەن بۇ كىشى بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن، رەسىمدىكى ھېلىقى دېگىنى ئاشۇ مۇخپىر. مۇخپىر پاكىتلارنى ئاۋازغا ئالغان ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر يازغان، ئەمما ئۇنىڭ رەسىمى ۋە باشقا كىشىلىك ئۇچۇرلىرى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ساۋاقدېشىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنماي قالدى. مەردان غاپپارنىڭ خەۋىرى چىققاندىن كېيىن دېيىك ماڭا تېلىفون قىلىپ ياركەنتلىك ئۇ قىزنىڭ ئابدۇقادىرنىڭ رەسىمىنى بەرمىگەنلىكى سەۋەپلىك خەۋەرنىڭ تېخىچە ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى، ئۇ خەۋەر ئېلان قىلىنسا دۇنيادا يەنە بىر داغدۇغا قوزغىلىپ، ئېچىلمىغان ئاجايىپ پاجئىلەرنىڭ ئاشكارە بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. دېيىك ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشكىلى تۈركىيەگە كەلدى، ئەمما شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپمۇ ئۇ قىز رەسىمنى بېرىشكە قوشۇلمدى. سىڭلىم، ئابدۇقادىرنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە دەپ بەردىم، بۇ يەردە باشقا گەپلەرنى دېمەي، ئاشۇ رەسىمنى بەرگەن بولسىڭىز، مەن سىزگە ناماقۇل بولاي، ئۆتۈنەي، رەسىمنى بەرمىسىڭىز ئىستانبۇلدا سەل قاتتىق تېگىپ قاپتىكەنمەن، مېنى كەچۈرۈڭ، شۇ رەسىمنى بەرگەن بولسىڭىز، مەردان غاپپارنىڭ رەسىىمى ئەمەس، ۋىديوسىمۇ چىقتى، مۇشۇ پۇرسەتتە ئابدۇقاردىر ئاشكارىلىغان سىرمۇ سىزدە تۇرۇپ قالمىسۇن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىر خەۋەر كۆلى، ھەمم ئاخبارات ئۇنىڭدىن سۇ ئىچىدۇ، بۇ خەۋەر چىقىپ كەتسە دۇنيانى قاپلايدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ ئىنساننى قوزغىيالايتتۇق. مەن بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمىسىڭىز دەيككە بەرسىڭىز بولىدۇ، شۇ رەسىمنى بەرسىڭىز. (مەن ئابدۇقادىر ساتتارنىڭ ئۈندىداردا ھېلىقى قىزغا دېگەنلىرىنى چىقىرىپ قوياي).
2020.08.06

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ