تىكەنلىك يول
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
تىكەنلىك يول بۇ،
دېگەنتى دادام،
سۆزلەپ سالسام،
نەچچە رەت توسقان،
سىڭگەن ناننى يىگۈزمەك بولغان،
ئىبرەت سۆزلەپ، تەنبىھلەپ ھارغان.
تەنبىھلەردىن ھېكايە قالغان.
بۇ يوللاردا بوۋام ماڭغانكەن،
بىر قەۋىمدىن بولغان قانداشتىن،
تۆھمەت ئىشتىپ،
تاياققا قالغان،
ئاچچىق يۇتۇپ ئازاپ تارتقانكەن.
1933 لەردە
قادىر شەمسىدىن،
ھىندىستاندىن قورال ئېپ كەپتۇ،
ئوغلى غوپۇرغا
چېپەرقۇتتىن فورما تىككۈزۈپ،
بىر توپ ياشنى ئاتقا مىنگۈزۈپ،
ھاجى ئاتا، خوجانىيازغا
قوشۇن باشلاپ قوشۇپ قويۇپتۇ.
غوپۇر قادىر،
ئۇ زاماندا غوپۇر تەنجاڭكەن،
ئۇرۇشقانكەن يېڭىساردا،
خىتاي بازاردا،
ئەسىر ئاپتۇ خىتاي ئەسكەرنى،
يېتىم بالا، بىر توپ تەتەينى،
يېرىم كېچە
سوۋادانلار مۈگدەپ قالغاندا
ئەسكەر قېچىپتۇ
تەتەيلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىپ،
تەتەيلەرمۇ تاشلاپ ھەممىنى
جاننى ئېلىپ
پىتراپ كېتىپتۇ.
بوۋامغا قاپتۇ
تىنەپ تەمتىلەپ
مېڭىپ يۈرگەن بىر يېتىم بالا،
يىغلاپ تىلغاپ دىللارنى يارا،
بېقىۋالاي دەپتۇ ئاياللار،
بوۋام سوراپتۇ
بالا رايىنى،
ئەمما بالا يالۋۇرۇپتۇ،
ئەگىشىپتۇ پېشىدىن تۇتۇپ
ئايرىلماپتۇ ئالدىنى توسۇپ.
شۇ باققانچە،
تاماق ئېتىپ ئانا بولۇپتۇ،
ياماق ياماپ پانا بولۇپتۇ.
بالا ئوندىن ئاشقان،
خىتايلار يېڭى شەھەرگە جايلاشقان،
ئەسكەرلەر قەشقەرگە ئولاشقان چاغدا،
بالا تۈندە غايىپ بولۇپتۇ.
بوۋام ئىزدەپ،
سوراپ،
كوچا كوينى كېزىپ ھېرىپتۇ،
تاپالماستىن تەن ئاپتۇ ئاخىر،
ئىچ ئاغرىقىنى ئۇزاق تارتىپتۇ.
زامان چارقى تەتۈر چۆرگىلەپ،
باسقۇنچىلار يۇرتقا تولۇپتۇ،
يالماۋۇزنىڭ يۈزى كۈلۈپتۇ،
مەھمۇت موھىتى،
غوپۇرلارنى باشلىغان داھى،
بىر كېچىدە غايىپ بولۇپتۇ،
ئەخمەتجانمۇ قايتا كەلمەپتۇ،
ئىنقىلاپلار تۈگەپتۇ تۈتەپ،
خىتاي كەپتۇ، مىڭلاپ تۈمەنلەپ،
قارا خەيلىك، قىزىل بايراقلىق،
ھاكىم بوپتۇ، ئۆيلۈك يايلاقلىق.
بايلارنى بۇلاپ،
مىللەتچى،
ئەكسىيەتچى،
ئوڭچى ئۇنسۇر دەپ پەرداز توغۇرلاپ،
مەدەنىيەتنى بۇزۇپ
بوغۇزلاپ،
مەدەنىيەت ئاتالغان ئىنقىلاپ قىپتۇ.
جاھاننى ئاپتۇ،
ئاكتىپلارنىڭ غەليانى،
ئىبلىسلارنىڭ ئىسيانى،
ئىنقىلاپنىڭ بېشى پەللىسى،
كەنتىمىزدىكى كەمبەغەللەر رەئىسى
كۈرەش قىپتۇ مىللەتچى بوۋامنى،
مەيدانلارغا
تارتىپ چىقىپتۇ.
سۆزلە! دەپتۇ،
ئىقرار قىل! دەپ دېۋەيلەپتۇ،
قانچە خەنسۇنى ئۆلتۈرگىنىڭنى،
ئەرلەرى يوق تەتەي ئايالغا،
خەنسۇلاردىن قالغان بالىغا،
نېمە قىلدىڭ،
قەتلى قىلىپ قەيەرگە كۆمدۈڭ!
ئىقرار قىلساڭ كەڭچىللىك دەپتۇ،
بىر بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ،
بىر ئېرىققا چۈمۈلۈپ ئۆسكەن،
نامرات دېھقانلار،
ئۈستۈن سىنىپ،
ئىنقىلابىي ئاتالغان جانلار،
تۆھمەتلەرنى يۈكلەپتۇ راسا،
ئېسىپ قويۇپ بېرىپتۇ جازا.
بوۋام شۇ ئون يىلدا،
ئۆزى يالغۇز ھاشار چاپاركەن،
قازان مايسىز،
قولى پۇل كۆرمەي،
كۆزى ئاشقا تويۇپ قارالماي،
كەمبەغەللەر نازارىتىدە،
يەر ئاغدۇرۇپ، تاش چوقۇپ،
دامبا سوقۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
جاھانگىرلار قالدۇقى،
جاھىل ئۇنسۇر
خىتاي ئۆلتۈرگەن،
ئەكسىيەتچى،
مىللەتچى ئاتتىن،
قۇتۇلالماي ئانا يۇرتىدا،
يېقىن يورۇق ئەلنىڭ قېشىدا،
ئەلسىز،
ھالسىز يىللار كېتىپتۇ،
ئۆزى خالاپ،
جاننى ئاتاپ،
ئاتلارنى توقۇپ،
تالقاننى يەپ
ئازاتلىقنى دەپ باشلىغان سەپەر،
تىكەنلىك يول
جانغا پېتىپتۇ.