كومپىيوتېر، دۇنيا ۋە ئەپلەرنى سىزلەمدۇق، سەنلەمدۇق
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
يېقىندا بىر تەرجىمە شىركىتىدىن ئىش تەكلىبى كەلدى. ئايلىق، ۋاقىت، تەلەپ دېگەنلەرنى دېيىشىپ بولغاندىن كېيىن، سىناق قىلىدىغان تەرجىمە ئېنگىلىزچە تېكىستنى ئەۋەتتى. تېكىست سىگنال دېگەن پاراڭلىشىدىغان ئەپنىڭ بۇيرۇقلىرى ھەققىدە ئىدى.
مەن بۇيرۇقلارنى ۋە بۇيرۇق تۈسىنى ئالغان مەزمۇنلارنى سەنلەپ تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپ بەردىم. مەسىلەن؛ كۆچۈر، يوللا، چاپلا، ئۆچۈر، ساقلا دېگەن شەكىلدە.
بىر ئىككى كۈن ئۆتۈپ شىركەتتىن ئېلخەت كەلدى. ئېلخەتتە دېرىكتور ناھايىتى ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىپتۇ. ئۇنىڭچە مەندەك بىر تىلشۇناس ئۇنچىلىك ئەقەللى خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىم كېرەكمىش.
خاتالىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېيىلمىگەچكە ئىچىم پۇشتى. شۇ تەمسىز، پۇراقسىز، پۇل تېپىشتىن باشقا پايدىسى يوق، ماڭا، مېنىڭ داۋايىمغا قىلچە مۇناسىۋەتسىز تېكىستنى ئېلىپلا ئىچىم پۇشقان ئىدى. شۇنداق ئادەمگە خۇشاللىق، نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغان پۇللۇق بۇيرۇتمىلارنى تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇر بوپ قالغانغا زەردە بولۇپ ئاران تۇرغاندا كەلگەن جاۋاپ سەۋرەمنى تاشۇردى.
تەرجىمەمنىڭ قانداق خاتا بولغانلىقىنى سوراپ تۇرۇۋالدىم. توختىماي خەت يېزىپ، زېرىكمەي سۈرۈشتە قىلىپ دېرىكتورنى بوش قويمىدىم. ئاخىرى نەچچە كۈن كىرىشىپ يۈرۈپ سەۋەپنى ئايدىڭ قىلدىم.
تەرجىمەمنىڭ خاتالىقى سىگنالنى سەنلەپ تاشلاپتىمەن. بۇيرۇقلارنى سىزلەپ تەرجىمە قىلارمىشمەن، مەسىلەن: توختىتىڭ، يېزىڭ، سىزىڭ..دېگەنگە ئوخشاش. قارىغاندا ئۇ تەرجىمە شىركەتنىڭ ئۇيغۇر تىلشۇناسى بار بولسا كېرەك، مېنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ ئېنگىلىزچە چۈشەنچە يېزىپتۇ. ماڭا ئەۋەتىلگەن تۈزەتمە خېلى بىر كۈنلەرگىچە قورساقنى ئەستى.
ئۇزۇن ئۇزۇن چۈشەنچە يازدىم. ئۇلار ياللىغان تىلشۇناس بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. نىيەتنىڭ پەقەت خاتالىقنى ئوڭشاش، ھەرگىزمۇ تەرجىمە ھەققىنى تەلەپ قىلىش ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاپ كەتتىم، ئەمما شىركەتنىڭ كارى بولمىدى.
بۈگۈن يەنە بىر تەشكىلاتىمىز بىر يۈرۈش شۇئارلارنى يوللاپتۇ، تەرجىمەنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ بېرەركەنمەن.
تەرجىمەلەرگە قارىسام ماڭا يوللانغان شۇئارلاردا كۆرۈنمەس ئىنسانلارغا قىلىنغان خىتاپنى سىزلەپ تەرجىمە قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىڭ…دېگەندەك. مەن ھەممىنى، توختات، ئاڭلات دەپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم، چۈنكى مەزمۇندىن، ياڭراق بۇيرۇق، جاراڭلىق چاقىرىق، تەلەپ چىقىپ تۇراتتى.
خۇددى سىگنالنى سەنلىگەندەك، ئۇ چاقىرىقلارنىمۇ سەنلەپ بولۇپ قورقۇپ قالدىم. يەنە قايسى سىلى ئۆزلەنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالار؟
ۋەتەندە دەسلەپكى يىللاردا كومپىيوتېرغا بېرىلگەن بۇيرۇقلار سىزلەنگەن ئىدى. ئەينى چاغدا بىز سەنلەش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولساقمۇ قوبۇل كۆرمىگەن ئىدى. شۇندىن بۇيان كومپىيوتېر، ئەپلەر ۋە تېلفونلاردىكى بۇيرۇقلارنى تەرجىمە قىلغاندىمۇ سىز دېيىلىپ، مۇستەھكەم ئادەت شەكىلگە كىردى، مېنىڭ تەرجىمەمنى خاتاغا چىقارغان تىلشۇناسمۇ مەنچە شۇ كونا، خاتا كەتكەن ئادەتكە ۋارىسلىق قىلغان بولسا كېرەك.
خوش، سىگنالنى سەنلىگەن تەرجىمەم بىر قېتىم ئۆتمىگەن تۇرسا، سىگنالنى سىزلەش ھەققىدە تۈزەتمە ئالغان تۇرسام، ئەمدى باشلىقلار ئاڭلايدىغان چاقىرىقلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختاتسىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتسىلىچۇ، خىتاينى جازالاپ بەرسىلىيا دېمەي، سەنلەپ چۈشسەم ئاقامدۇ؟ بىلمەي قالدىم.
چاخچاقنى قويۇپ ئاقىدىغان گەپنى قىلساق، يۇقاردا دېيىلگەنلەر بىز ئەستايىدىل ئويلاشمىساق بولمايدىغان مەسىلە. مۇھاجىرەتتە بېشىمىزغا كېلىۋاتقان ئورتاق چىگىش، شۇڭا ئۇنى يەشمەي بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى كومپىيوتېر دەۋرىدىن، ئۇچۇر دەۋرىدىن ئۆتۈپ سۈنئىي ئەقىل دەۋرىگە قەدەم قويدى. تىلىمىز ئادەم بىلەن ئادەم ئارا قوللىنىشتىن ئادەم بىلەن ماشىنا، ئادەم بىلەن مەۋھۇم رېياللىق، ماشىنا بىلەن ماشىنا، مەۋھۇم رېياللىق بىلەن ماشىنا ئارا قوللىنىش دەۋرىگە كىرىپ بولدى.
تىلىمىز ئادەم بىلەن ئۈسكۈنە ئارىسىدا قوللىنىلغاندا، تىلنى مەۋھۇم، مادىىي، مۇجىمەل ئوبېكىتقا ئىشلەتكەندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆز پىرىنسىپلىرىغا ۋە بارلىق تىللارغا ئورتاق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
مەنچە ئالدى بىلەن، ئىخچاملىق، ئادىىيلىققا ئەھمىيەت برىش كېرەك. مۇشۇ پىرىنسىپلارنى ئويلاشقاندا كومپىيوتېر، دۇنيا، ئىنسانىيەت ۋە كۆرۈنمەس، بىلىنمەس بارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارغا سەن دەپ خىتاپ قىلىش، سەننى ئىشلىتىش مۇۋاپىق.
سەننى ئىشلەتكەندى قوپال بولۇپ قالىدۇ دېيىشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا سەن قوپاللىقنىلا بىلدۈرمەيدۇ. يەنە بىرى ئۇ بۇيرۇق بىزگە يېقىن، يىراق، تۇغقان ياكى يات بولغان بىر ئىنسانغا بېرىلمەيدۇ، بەلكى كۆرۈنمەس قوللانغۇچى، بىر ئاڭلىغۇچى ياكى ئادەممۇ، سۈنىي ئەقىلمۇ بىلىنمەيدىغان بىرىگە بېرىلىدۇ، كۆڭۈل ئاياشنىڭ ھاجىتى يوق، قولىمىزدىكى تېلىفونلارنىڭ، كومپىيوتېرنىڭ، مەۋھۇم ئوبېكىتنىڭ كۆڭلى يوق.
يەنە بىرى چاقىرىق، تەلەپ، مۇراجەتنى مەزمۇن قىلغان قىسقا جۈملە، بىرىكمەلەردىمۇ ئۇيغۇرچە سەن ئىشلىتىلىدۇ، ھىچ ھاجەتسىز يەرگە سىلى ئۆزلىرى، سىز جاناپلىرى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاددىيلا قىلىپ سەنلەپ چۈشسەك تۈگەيدۇ. مەسىلەن؛
Stop Genocide!
دېگەن شۇئارنى قىرغىنچىلىقنى توختات دېسەك بولىدۇ.
Hold China accountable
دېگەن شۇ ئارنى خىتاي ھېساپ بەرسۇن! دېسەك بولىدۇ. يۇقارقىلارنى ئەكسىنچە قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭ، خىتاينى ھېساپ بەرگۈزۈڭ! دەپ يۈرۈش ھاجەتسىز.
ئادەتتە ئۇيغۇر تىلىدا كۆرۈنمەس خۇدانى سەن دەيمىز، كۆرۈنمەس مىللەتنىمۇ سەن دەيمىز، بىز تۇتۇپ باقمىغان دۇنيانى، قۇچاقلاپ باقمىغان ئىنسانىيەتنىمۇ سەن دەيمىز. مەسىلەن:
بىر قىلىچ بەرسەڭ خۇدا،
دېگەننى بىر قىلىچ بەرسىڭىز خۇدا دېمەيمىز.
ئويغان ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئۇيقۇڭ يېتەر،
دېگەن مىسرانى ھىچ قاچان ئويغىنىڭ ئەي پېقىر ئۇيغۇر دېمەيمىز.
يەنە مەسىلەن؛
پەخىرلەن دۇنياغا مەخمۇت ۋەتىنى،
دېگەن مىسرانىمۇ ھىچ قاچان پەخىرلىنىڭ دۇنياغا مەخمۇت ۋەتىنى، دېمەيمىز.
مەنچە سەنلەشكە كۆنەيلى، ئاددى بولسۇن، تۈز بولسۇن، سەمىمىي بولسۇن. تازا بىر سەنلەيلى قورقۇنچ، يېتىرقاش، يېتىمسىراشلار يوقالسۇن! قارىسام بىز خىتايدا ھەممىدىن قورقۇپ كۆنگەچكە كومپىيوتېرنىمۇ، شۇئارلارنىمۇ، ئەپلەرنىمۇ سىزلەپتىمىز. ۋەتەندە شۇئارلارنى ئاساسەن خىتاينى مەدھىيەلەشكە، خىتايدىن ئۆتۈنۈشكە، تىلىنىپ ئىلتىجا قىلىشقا ئىشلەتكەن بولغاچقا، مۇھاجىرەتتە جانلىق قىلىپ سەنلەپ ۋارقىراش سەل تەس كېلىۋاتقاندەكمۇ قىلىدۇ.
مەيلى نېمە بولسا بولسۇن بىر يۈرەكلىك سەنىمەيلىمۇ! تىلىمىزغا، ئۆزىمىزگە سادىق بولۇپ تازا بىر سەنلىۋىتەيلى، قاچانغىچە سەنلىمەيمىز؟ سەنلەپ باقايلى، دۇنيانى، ئەپلەرنى، خىتاينى، قورقماي بىر سەنلەيلى تىلىمىزغا جان كىرسۇن، دىلىمىزغا جەسۇرلۇق سىڭسۇن، ئاۋازىمىز جاراڭلىق چىقسۇن.
2024.03.19