مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىم: سىموۋۇللارغا يوشۇرۇنغان ئىسيان ۋە قەھرىمانلار
ئۇيغۇردا ئەدەبىيات سىموۋۇلغا باي. ئەركىن مۇھەببەتلەشمەك چەكلەنگەن، مەدەنىيەت قويۇق ئىسلامىي تۈس ئالغان، ئاياللارنىڭ چېچى تابۇغا ئايلانغان ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردا ئوتتۇرا ئەسىردە يار دېگەن بىر مەنىنى بىلدۈرىدىغان سىموۋۇللۇق سۆزلەر 18 گە يەتكەن، شائىرلار ئاياللارنىڭ چېچىنى كۈيلەپ تەمەنلەپ سىموۋۇللۇق غەزەللەرنى يازغان. 1949-يىلدىن كېيىن كومۇنىستىك تۈزۈمنىڭ بۇيۇقتۇرۇقلىرىغا مەھكۇم بولغان ئۇيغۇرلاردىكى ئەدەبىيات تېخىمۇ كۆپ سىموۋۇللۇق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى قوغداپ، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ يىللاردا ھۆرلۈك دېگەن سۆزنى ئىپادىلەيدىغان سىموۋۇللار ئەڭ كۆپەيگەن بولدى. بەزىدە ھۆرلۈك بوۋاققا تىمسال قىلىنسا، بەزىدە تاڭغا ئوخشىتىلدى، بەزىدە باھارغا تەققاسلانسا، يەنە بەزىدە يورۇقلۇققا ئىما قىلىندى. ئەپسۇس 2016-يىلى كۈزدە باشلانغان ئومۇمىي تۇتقۇن توختىماي سىموۋۇللارنى ئىجات قىلىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنى سىموۋۇللۇق ئەدەبىياتتىن، بۇ سىموۋۇللۇق تىلىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىدىغان ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن مەھرۇم قويدى. ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزگۈچىلەردىن ئالىمجان مەمتىمىن، ئابدۇرازاق سايىم ۋە تاھىر ناسىر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، ساتتار ساۋۇت ئىككى يىل كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا، يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى قاتارلىق ئەڭ ئاز يۈزدىن ئارتۇق يازغۇچى، شائىر، تەھرىر ۋە رەسساملار ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ھازىر چىقىرىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتاپ، گېزىت ۋە ژورناللارغا قارايدىغان بولساق ئەدەبىيات پەقەتلا كومپارتىيەنى كۈيلەيدىغان قىپيالىڭاچ سىياسى تەشۋىقاتقا ئايلاندى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى بۇندىن مىڭ بەش يۈز يىللار بۇرۇن باشلىنىدۇ. دەسلەپكى ئەسەرلەر تاشقا، تارشا پۈتۈكلەرگە ۋە تېرىگە يېزىلغان. ئۇيغۇر ئاغزاكى ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تېخىمۇ ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئىچىدە يارىتىلغان دەۋرى ئېنىق بولمىغان، ئەمما قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى بەلگىلىك بىر ئىپوس بار. ئۇنىڭدا ئاي قاغاننىڭ ئوغلى ئوغۇزنىڭ پەۋقۇلاددە كۆرۈنىشتە تۇغۇلۇپ، ئەلنى ئامان قىلىپ، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ئاجىزلىقتىن قۇدرەتكە قانداق باشلىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇپ قىرىق كۈندە يىگىت بولىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە قورقۇنچ سالغان تاق مۈڭگۈزلۈك ھايۋان قىياتنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن سەپەر قىلىدۇ. سەپەردە ئۇ چاچلىرى دەريادەك، كۆزلىرى يۇلتۇزدەك بىر قىزنى ئۇچرىتىپ توي قىلىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنى يولدا ئېزىپ قالغاندا بىر ئەركەك كۆك بۆرە يول باشلايدۇ. ئۇ سەپەردە ئۆزىگە يار بولغان، ياردەملەشكەن ۋە قوشۇلغانلارنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇر نامىنىڭ مەنبەسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتېىم ئىتىقادىنى، ئۇيغۇرلار ياشاپ ئۆتكەن موڭغۇل يايلاقلىرى، تەڭرىتاغ بويلىرى ۋە ئورتا ئاسىيا بوز قىرلىرىنى ئۆزىگە ئارقا كۆرىنىش قىلغان بۇ ئىپوس 1912-يىللاردا فرانسىيەلىك ئارخولوگ فون لېكوك تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنجى چوڭقۇر يېرى بولغان تۇرپاندىن بايقالغان. يېزىق ۋە تىل ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا 12-ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ ئىپوس توختىماي ئوخشاش قۇرۇلما ئەمما پەرقلىق مەزمۇندا ئاريىم زامان ۋە ماكاندا ياشىغان ئۇيغۇر ئەدىپلەر تەرپىدىن تىنىمىسىز يېزىلدى. پەقەتلا يالغۇز مۈڭگۈزلۈك قىياتنىڭ ئورنىغا ئەجدارھا ئالماشتى. باتۇر چوڭ بولۇپ ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوقۇم ئەجدەرھانى ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئەجدىھا دائىم يۇرتقا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ، ئەلنى تىنچ قويمايدۇ. تاسادىپى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ قانداق ئەجدەرھا خىتاي خانلىقلىرىدا ھاكىمىيەتنىڭ سىموۋۇلى، پادىشاھنىڭ ئەجدادى ئىدى. ئۇيغۇرچە رىۋايەتتە بىر قەھرىماننىڭ جاسارىتى ئەجدىھا ئۆلتۈرۈش بىلەن ئىسپاتلانسا، خىتاي تارىخىدا بىر خىتاي ھۆكۈمراننىڭ دەۋران سۈرۈشى ئەجدارھا سۈرەتلىك توننى كېيىپ ئەجدەرھا باشلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى، ئەجدىھاغا ئايلىنىش بىلەن ئىسپاتلىناتتى.
ئوغۇز ئىپوسى ئۇيغۇرلار چاغداشلىققا قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ توختاۋسىز ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇردى. ئوغۇزغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ ھېكايەسى ئوخشىمىغان شەكىللەردە يېزىلدى. ئوغۇزغا ئوخشاش قەھرىمانلار چىقىپ تۇردى ۋە قەلەملەردە يارىتىلىپ تۇردى. 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى كومۇنىست ئىستىلاسىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن شىئېرلار كۆپ يېزىلدى. ئۆگەي ئانا ۋە مىھمان سىموۋۇلى كۆپ ئىشلىتىلدى. ئۆگەي ئانا كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى كۆرسەتسە مىھمان تاجاۋۇزچى قوشۇننى، ۋە قوشۇنغا ئەگىشىپ كەلگەن مۇستەملىكىچى كۆچمەنلەرنى كۆرسىتەتتى. قىزىل ھاكىمىيەتتىن كېيىنكى ئىككى قېتىملىق ئومۇمىي تۇتقۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى تۈرمەدىكى زاۋۇت ۋە دىھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ياراملىق ئىشچى ۋە پىشقان دىھقانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاي 1980-يىللاردىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەردى. خىتاي دەرۋازىسى دۇنياغا ئېچىلغان، قىسمەن ئەركىنلىككە رۇخسەت قىلىنغاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخى رومان قىزغىنلىقى شەكىللەندى. سىموۋۇللۇق شىئېرلار ھەر قايسى ئەدەبىي ژورناللارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ قالدى.
خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە 1949-يىلى ئۆكتەبىردە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى تارىخى خاتالىقلارنى تۈزىتىش دولقۇنىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان 1957-يىلدىكى ئومۇمىي تۇتقۇن ۋە 1966-يىلدىكى ئومۇمى تۇتقۇندا قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئەدىپلەر يېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. تۇنجى نەشىر قىلىنغان رومانلاردا قەھرىمانلار ئوغۇزغا ئوخشاش ئاۋۋال ئەلگە قەھرىمانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئاندىن مۇھەببەتلىشىدۇ، ئاخىرىدامىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ. يېزىلغان رومانلارغا قارىساق قەدىمكىلەردىن تارتىپ 17-ئىسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر قەھرىمانلاردىن غەلىبە قىلغانلار، ئەلنى قۇتقۇزۇپ دۆلەت قۇرغانلار كۆپ بولىدۇ، ئەمما شۇندىن كېيىنكى 300 يىلدا قەھرىمانلارنىڭ كۆپى ئۆلىدۇ، سەپەردىن يانىدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ قوشۇنى ھەمىشە مەغلۇبىيەت بىلەن سەپەرنى تاماملايدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخقا ئاتالغان، تارىخى قەھرىمانلار يېزىلغان رومانلارنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقىنى تەھقىقلەش مۇمكىن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخى رومانلارنىڭ كۆپ يېزىلىشى، شىئېرىيەتنىڭ باشتىن ئاخىر ئاساسى ئېقىم بولۇشىدا، بولۇپمۇ رومان ۋە شىئېرلاردا سىموۋۇللارنىڭ كۆپ قوللۇنۇلىشىدا بەزى نازۇك سەۋەپلەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلاردا رىياللىقنى يازالماسلىق، ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنەلمەسلىك، پەقەتلا ئۆتمۈشنى يېزىش ئارقىلىق بۈگۈننى سىموۋۇللۇق ئىپادىلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئەركىنلىك بوغۇلغان، ئىنسان ھوقۇقى چەكلەنگەن، دېموكراتىك ھەقلەر ئاياق ئاستى قىلىنغان كومۇنىستىك خىتايدا رېياللىقتىكى بارلىق زىددىيەتلەرنى تارىخقا دارىتمىلاپ ئىپادىلەش، ئەمەلىي مەسىلە، پاجىئە ۋە باستۇرۇشلارنى سىموۋۇللارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش بىخەتەر ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن ئىدى. سېلىشتۇرغاندا خىتاي ئەدەبىياتىدا 1980-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھاتتىن كېيىن تارىخى رومان قىزغىنلىقى مەيدانغا چىققان ئەمەس. بۇ كۆمپارتىيە يۈرگۈزگەن تەقىپنىڭ خىتايدىكى كۆپ سانلىق بولغان خىتايلارغا بوش، ئۇيغۇرغا قاتتىق، پىكىر ئەركىنلىكىگە بېرىلگەن ئىجازەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ۋە خىتايلارغا پەرقلىق يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك.
2015-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردىن ئوپۇل توپۇل ئايرىلىدىغان چاغدا، دوستلار ۋە تۇغقانلار بىلەن خوشلاشمىدىم، پەقەتلا بىر ئۇيغۇر مويسىپىت بىلەن ئالاھىدە خوشلاشقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىسمى ھاجى مىرزاھىد كەرىمى ئىدى. ئىككىمىز تارىخى موسكۇۋادىن 800 يۈز يىل ئۇزۇن بولغان، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدىن بەش مىڭ كېلومتىر يىراق بولغان بىلەن، ئىستانبۇلغا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىن بولغان قەشقەرنىڭ يۈرىكى بولغان ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇ چاغدا ئۇ 80 گە يېقىنلاپ قالغان بوۋاي ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە جەمەتى قەشقەردىكى ئەڭ داڭلىق ھۆكۈمرانلاردىن مىرزا ئابابەكرىگە تۇتاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر تارىخىدا زالىملىقى بىلەن تونۇلغان بۇ شەخس ھەققىدە يازغان رومانى پۈتۈپ نەشىردىن چىقىپ بوپتۇ. ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئۆزىنىڭ زالىم ئەجدادى ھەققىدە رومان يېزىشقا تۇتۇنغانلىقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ «تارىخقا سەمىمىيەت بىلەن يۈزلىنەلمىگەن ئادەم رېيالىققىمۇ شۇنداق يۈزلىنەلمەيدۇ. تارىخىمىزدا مەن رومان قىلىپ يازغان سۇلتان سەئىدخان، سۇلتان ئابدۇرەشىتخانغا ئوخشاش ئادىل خانلارلا ئۆتكەن ئەمەس، مېنىڭ ئەجدادىم مىرزا ئابابەكرىگە ئوخشاش زالىم ھۆكۈمرانلارمۇ ئۆتكەن. مەن چىنلىقنى يازدىم، خۇددى ئىسمىمدىن تانالمىغاندەك ئەجدادىمدىن، چىنلىقتىنمۇ تانالمايمەن» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى مىرسۆزى ئۇنىڭ ئەجدادى مىرزا ئابابەكرىدىن قالغان ئىكەن.
2017-يىلى ھاجى مىرازاھىد كېرىمى ئىيۇلدا، ئامېرىكانىڭ ۋاشىڭتون شەھرىدىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بايانات بېرىپ ساقچىلارنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى. بۇ قەشقەردە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن پەۋقۇلاددە جاسارەت ئىدى. چۈنكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بايانات بېرىش ئەمەس، ئۇنى ئاڭلاشمۇ بىر ئۇيغۇرنى ئەڭ ئاز ئون يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلاتتى. ئۇ بايانىدا تارىخى رومانلىرىنىڭ قوليازمىلىرى، ئېلان قىلىنمىغان ئەسەلەر ۋە بەزى تارىخى كىتاپلارنىڭ مۇسادىر قىلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ سوراق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ 1957-يىلى يازغان «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» دېگەن 22 كوپلېتلىق بىر شىئېرى ئۈچۈن 1959-يىلى 20 ياش ۋاقتىدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ 22 يىل ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قويۇلغانلىقىنى، ھەرخىل قىيىن قىستاقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ھەرگىز بويۇن ئەگمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتايدىكى ئىسلاھاتتىن كېيىن ئاقلىنىپ 1981-يىلى خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇندىن كېيىن يەتتە پارچە رومانى، ئۈچ پارچە شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. شۇندىن كېيىن ئەركىن ئاسىيادا ئۇنىڭ 2017-يىلى نۇيابىردا تۇتقۇن قىلىنىپ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئاخىرقى خەۋەر ئۇنىڭ 2021-يىلى 9-يانۋار جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقاندا جان ئۈزگەنلىكى بولدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى تېمىلارنىڭ كۆپ يېزىلىشى، سىموۋۇللارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ئويلىغان چېغىمدا مەرھۇم ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنى ئېسىمگە ئالىمەن. ئۇ سۆھبىتىمىزدە ئۆزىنى 22 يىل ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قويغان «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» نى بولغان ۋەقە دېگەن. بۇ ۋەقە ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە ياشىغان كىشىلەرگە ئايدىڭ بىر پاكىت ئىكەن. ئەمما 1957-يىلدىن كېيىن باشلانغان ئۇيغۇر مىللەتچىلەرگە قارشى ھەرىكەتتە مەزكۇر ئەسەر سىمىوۋۇل دەپ قارالغان. 1959-يىلى بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن، نامەلۇم قاتىللار تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ساندۇققا سېلىنىپ، ئېرىققا تاشلاپ قويۇلغان بوۋاق 1949-يىلى 12-ئۆكتەبىردە خىتاي كومپارتىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشخال قىلىپ، غۇلجانى پايتەخەت قىلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى «ئۆلتۈرگەن»لىكىگە سېمۇۋۇل قىلىنغان دەپ قارىلىپ، ئاپتۇر شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىسى دەپ ئەيىپلەنگەن ۋە 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دېمەك، بىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى يازماقچى بولغان تۇيغۇلارنى سىموۋۇللۇق يېزىشقا مەجبۇر، يەنە بىرى يازغۇچىلار رېياللىقنى يازغان تەقدىردىمۇ كومۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىسيانچىلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇنداق گۇماندا بولىدۇ، ئۇلار نى سىموۋۇللاشتۇردۇڭ دەپ قاراپ جازاغا تارتىدۇ.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ بىرىنجى قېتىم قامىلىشى رېياللىقنى يېزىشى سەۋەپلىك بولغان بولسا، ئىككىنجى قېتىم قامىلىشى تارىخنى يازغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ پاكىت بىزگە ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قولى 2017-يىلدىن كېيىن تولۇق باغلانغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سىموۋۇللۇق ئىسيان ۋە قەھرىمانلارنى يېزىش ئېقىمى تولۇق بوغۇلدى دېگەن سۆز.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشنىڭ ۋاستىسى ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىدى. ئۇيغۇر مائارىپى 2001-يىللاردىن كېيىن خىتايچىلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بەزى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى بار ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىك قىلىنىپ ئۆتۈلەتتى. ھالبۇكى 2015-يىلى سىنتەبىردە ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۆتۈشتىن توختالدى. 2016-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ دەرسلىكلەرنى تۈزگەن ۋە تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان يازغۇچى يالقۇن روزى، مائارىپ نازارىتى نازىرى ساتتار ساۋۇت، مۇئاۋىن نازىر تاھىر ناسىر، ئالىمجان مەمتىمىن، مەزكۇر كىتاپلارنى نەشىر قىلغان مائارىپ نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىندى. 2017-يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ دەرسلىكلەر يىغىلىپ كۆيدۈرۈلدى. مەزكۇر دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر، دەرسلىككە ئەسەرلىرى تاللانغان يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلار، رەسىم سىزغان رەسساملار تۇتقۇن قىلىندى. 2018-يىلى ئۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلىندى.
2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئومىيۈزلۈك تۇتقۇن قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى خىتاينىڭ رەقەملىك تۈرمىسىگە ئايلاندى، ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر قاماققا ئېلىندى. بۇ ھالدا، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن قالدۇرۇلغان، 2018-يىلدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي مىھمانلارنىڭ نازارىتى سەۋەپلىك ئۇيغۇرچە ئۆيلەردىمۇ قوللىنىلمايۋاتقان ئەھۋالدا ئەدەبىياتى قەيەردە مەۋجۇت بولىدۇ؟
مېنىڭچە چەتئەللەردە، ئۇيغۇرلار توپلاشقان ئەللەردە، مۇھاجىرەتتە يەنە ئۇيغۇر يازارلار ئىجادىيەتلىرىنى داۋام قىلىدۇ. بىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتوندا ئەركىن ئاسىياغا ئوخشاش ئۇيغۇر تىلىدا ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان راديو ئىستانىسىسى بار. بۇ رادىيو ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. قازاقىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا كىتاپ نەشىر قىلىدىغان مىر ئىسىملىك بىر نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى بار، ئۇيغۇرچە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بار. قازاقىستاندا يەنە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇۋاتقان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇھاجىرەتتە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قانداق شەكىلدە داۋام قىلىدۇ؟ تارىختىن شەكىللەنگەن سىموۋۇللارغا يوشۇرۇنغان ئىسيانىنى داۋام قىلامدۇ؟ مەنچە داۋام قىلىدۇ. مەنچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سىموۋۇللار يەنە كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، تېخىمۇ يېڭى تۈس ئالىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتىگە يېپىشماقتا، بۇ ئىسلامنىڭ كۈچىيىشىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ، نەتىجىدە بولۇپمۇ مۇھەببەت، جىنسىيەتكە ئوخشاش چەكلەنگەن تېمالار يەنىلا سىموۋۇللار بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيا تېخى دېموكراتىيەلەشمىدى. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان قازاقىستان تېخى دېموراتىك دۆلەت ئەمەس، شۇڭا رېياللىقنى سىموۋۇللار بىلەن ئىپادىلەش خېلى بىر مەزگىلگىچە يەنە زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ تەقەززاسى بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. قەھرىمانلار ھەققىدىكى تارىخى رومانلارمۇ يېزىلىۋاتىدۇ، 2021-يىلى گېرمانىيەدە بىر تارىخى رومان يېزىلدى. تارىخى رومانلار ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ قازاقىستاندا يەنە يېزىلىشى مۇمكىن.
