رامىزاندا ئۇيغۇرلۇق

 
ئابدۇۋەلى ئايۇپ: رامىزاندا ئۇيغۇرلۇق
رامىزان ئۇيغۇرلۇقىنى، مەدەنيلىكنى بەرپا قىلىدىغان خاسىيەتلىك پۇرسەت. بىز ئۆزىمىزدە مەدەنىيلىكنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولغان ئۇيغارلىق، ئۇيغۇرلۇقنى ئويغىتىدىغان، كۈچلەندۈرىدىغان كۈنلەردە ياشاۋاتىمىز، بەزىلىرىمىز رامىزاننىڭ بەرىكەتلىك ئىپتارلىرىدا دوستلۇقنى، ھەمكارلىقنى، پىكىرداشلىقنى، ئىلىم ۋە پەزىلەتنى ئۆگىنىۋاتىمىز، تارقىتىۋاتىمىز، ئورتاقلىشىپ كۈچلەندۈرىۋاتىمىز. بەزىلىرىمىزنىڭ رامىزاندىن بۇرۇنقى كۆنگەن تاتلىقىمىز يەنى جاھالەتلىك قىتىغۇرلۇقىمىز، زەھەرخەندىلىكىمىز، ئادەۋەتخورلۇقىمىز، نەپرەتۋازلىقىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ.
رامىزان ئايلىرىدا شەيتان باغلىنىدۇ دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئەمما بىر تىللىق، بىر مۇسىبەتلىك قېرىنداش ئۇيغۇرغا شەيتاندىنمۇ قەبىھ دۈشمەنلىك قىلىدىغان، ئىبلىستىنمۇ بەكرەك زەھرىنى سانجىۋاتقانلارغا قاراپ خاراكتىرى خاراپلىشىپ پەزىلىتى پايخان بولغان، ئادىمىيلىكتىن نىسىۋىسى بۆشۈكىدىلا نىسى قالغان ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىشىنىڭ بېشىمىزدىكى ۋابا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن. ئۇيغارلىقتىن يىراقلاپ، ئىنسانلىقىنى تىرىكلىك ۋە تىرىكچىلىك دەپ چۈشىنىدىغان جان باقار، دىنساتارلارنىڭ ئۇيغارلىقنىڭ بەلگىسى بولغان مۇسۇلمان داۋاسىنى زورۇقۇپ تالىشىشلىرى، ئىمان مەيدانىدا سۈرەن سېلىشلىرى قۇلاقلىرىمىزنى ھەقنىڭ ساداسىدىن مەھرۇم قويۇۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلىق ئىنساندىن ھەقكە ئىمان ئېيتىپ، ئۆزىنى ھەقىقەت، ئادالەت، تەرەققىياتقا ماسلاشتۇرۇشنى، ئۆزىنى ھاياتقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى، مەدەنىي قائىدە، نىزام ۋە پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ ئۇيغارلىق، مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋىلاردىن تەۋەرۈك قالغان، مومىلاردىن مىراس قالغان مۇسۇلمانلىقى.
ئۆتمۈشتە بوۋىلارنىڭ ئوغۇزخانغا ئۇيۇشى ھۆر ياشاش، ھايات قېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىققا ئۇيغۇنلاشقىنى، ئۇيغۇر بولغىنى ئېدى. 40 نەپەر بەرنا قىز ۋە زەبەردەست يىگىتنىڭ مىڭ يىل ئىلگىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئۇيۇپ قۇلدارلىقنىڭ ھامىسى بولغان ئوغۇلچاق بۇغراخانغا قارشى ئاتلىنىشى ئازاتلىققا، ئادالەتكە، ھەققانىيەتكە ئۇيغۇنلاشقىنى ئۇيغۇر بولغىنى ئىدى.
ئاپپاق خوجا جاھالىتىگە قارشى ھەقىقەتەننى ياقىلاپ چىققان مەشرەپ ھەقىقىي مۇسۇلمان، چىن ئۇيغۇر ئىدى. چۈنكى ئۇ نوپۇزغا، كۈچكە، زەرگە، زەردارغا بويسۇنغان ئەمەس، قورالغا، قىلىچقا، ئەسكەر ۋە سەردارغا ئۇيغۇنلۇقنى تاللىغان ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياشاشنى، زالىمغا قارشى ئۇيغۇر بولۇشنى، ھەقنى جاكارلاشنى ئۇيغۇن كۆرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ يولى ئۇيغارلىق ئۇيغۇرلۇق يولى ئىدى.
بۈگۈن تەرەققىياتقا، ئادالەتكە، دېموكراتىيە، ھەققانىيەتكە ۋە ھۆرىيەتكە نەپرەتلىنىۋاتقان، قېرىنداشلىقنى، تەقدىرداشلىقنى، مىللىي مۇھەببەت ۋە مىللىي ئىستىقبالنى زىدىلەيدىغان زىددىيەتلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ھەر يەردە، ھەر سورۇندا، ھەر پۇرسەتتە تىكىپ، تېرىپ يۈرگەنلەر ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن بىلەن ئۇيغارلىقتىن ياتلاشقان ياتلاردۇر، تاتلاردۇر. ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەبىرىچە ئۇيغارلىقنىڭ تەتۈرىنى تاللىغانلار تاتلار دېيىلگەن. شۇڭا تاتلىقنى داۋام قىلىۋاتقان، تاتلىقنى مۇسۇلمانلىق دەيدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلىگۈچىلەرنى زامانغا، تەرەققىياتقا باشلاش مىللىي ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالنىڭ بولۇپمۇ ئۇلۇغ رامىزاننىڭ تەقەززاسى.
رامىزان بىزدىكى ئۇيغارلىقنىڭ تارازىسى، تارتقۇچى ئاللاھ، تۆھپىمىزگە، ساۋابىمىزغا شاھىت بولغۇچى ئەتراپىمىزدە ياشاۋاتقانلاردۇر. رامىزاندىكى ئىبادەتلىرىمىز، ئاچقان زوھۇر ۋە ئىپتارلار روھىمىزدا پىشمىغان، ھەرىكىتىمىزدە چالا قالغان،خۇلقىمىزغا سىڭمىگەن ئۇيغارلىقنىڭ بەرپاچىسىدۇر. ئەگەر بۇ مۇساپىرلىق، بۇ سەرسانلىق بۇ خارلىق ۋە ماتەملىك ھاياتىمىز بىزنى تاتلىقتىن، ياۋايىلىق، يالقاۋلىق، يامان خۇيلۇقتىن ئازات قىلالمىسا، ھەممىمىزنىڭ بېشىغا تېگىۋاتقان زۇلۇم تاشلىرى بىزنى بىر بىرىمىزگە ھەمكار، ھەمدەم، ھەمنەپەس قىلالمىسا نېمە قىلارمىز تاماق يىمەي، ئۇسسۇزلۇقنى باسالماي قىينىلىپ.
ئولۇغ رامىزان مۇسۇلمانلىق ھەققىدە ئويلىنىش، نادانلىقتىن، جاھىللىقتىن، خۇراپاتتىن، جاھالەتلىك ئادەتلەردىن سەسكىنىپ ئۇيغارلىقتا ئويغىنىشنىڭ، ئۇيغۇر بولۇشىنىڭ مۇقەددەس باشلانمىسى. ئۇيغارلىقنى بەلگە قىلغان ئۇيغۇرلۇق تارىختىن بېرى بىر مىللەتنىڭلا خاراكتېرى ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلۇق بىر مىللەتكە نىسبەتەن بىر مەنزىلنىڭ، بىر پەللىنىڭ، بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىسمى، بىر ئىنسانغا نىسبەتەن بارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ مۇجەسسىمىدۇر.
2024.05.24

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ