1.بىر ئادەمنىڭ بىناسى
2021.01.04
قۇربان مامۇت تۇتقۇن قىلىنغانغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش 400 دىن ئارتۇق سەرخىلنىڭ قاماقلارغا مەھكۇم قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە دۇنيا جامائىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر زىيالىلار 2017-يىلدىكى بۇ ئاممىۋىي تۇتقۇنغا ئۇچراشتىن كېيىن بىر كۈچ سۈپىتىدە دۇنياغا نامەلۇم ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئۆزىدىن چىققان تۇتقۇن مۇھەرىرلەر، ئاخباراتچىلار، يازغۇچىلار، شائىرلار، تەتقىقاتچىلار، ئۆلىمالار، كارىخانىچىلار بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. تۇتقۇن زىيالىلار ۋەتەندە خەلقىگە دۇنيانى، جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى، ئەڭ موھىمى ئۆزلۈكنى تونۇتقان بولسا چەت ئەللەردە ئۇلارنىڭ تۇتقۇنلۇق قىسمىتىمۇ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا يارىدى.
قۇربان مامۇت خىتايدا قىزىل تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن كېيىن يېتىشىپ چىققان، ئەمما قىزىل ھاكىمىيەت ياراتقان شارائىت بىلەن ئۇيغۇرنى يۈكسەلدۈرگەن زىيالىلارنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي يول قويغان پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئەڭ مۇكەممەل پايدىلانغان زىيالى، خىتاي تەسىس قىلغان تەشۋىقات قورالىنى ئۇيغۇرنىڭ قولىغا پايدىلىنىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە مەرىپەتلىنىش ۋاستىسى قىلىپ تەقدىم قىلالىغان قەيسەر ئىدى. ئۇنىڭ بەرپا قىلغىنى بىر ژورنالنىڭ نوپۇزى ئەمەس، بىر تەپەككۇر بىناسىنىڭ نوپۇزى، بىر ئىجادىيەت بېغىنىڭ ھوسۇلدارلىقى، ئۇيغۇر يۈكسىلىش ھەرىكىتىنىڭ جۇشقۇن مەنزىرىسى ئىدى.
مەن 2005-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ مۇھاجىرەتكە 50-يىللار، 60-يىللار ۋە 80-يىللاردا قەدەم قويغانلار بىلەن مۇڭدىشىپ باققان. ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايقىغىنىم، ئۇلاردىكى ئۇقۇشماسلىق خىتايدا كۆرۈلگەن ئۇيغۇرغا مەنپەئەتلىك بولۇۋاتقان ھەر قانداق ھادىسىدىن گۇمانسىراش، ئۇلارنى خىتاي سۈيقەستى، ئالدامچىلىقى دەپ قاراپ خىتاينىڭ پايدىسىغا ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىدى. ئۇلار خىتايدا پارلىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ پارلاتقانلىقىغا ئىشىنىشەتتى. مېنىڭ شۇ چاغدا بىر سورۇندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» مۇھەرىرى قۇربان مامۇتنىڭ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە نەشرىيات قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، خالمۇرات غوپۇرنىڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىگە قوشۇپ، بىر ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتوتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىم مەسخىرىگە سەۋەپ بولغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەممىنى خىتاينىڭ قۇدرىتىگە، سۈيقەستىگە ۋە يېڭىلمەس تەسىرىگە باغلاپ چۈشىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى پاراسىتىنى، كۈچىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم.
قۇربان مامۇت ئۇيغۇرلاردا بىر ئەۋلات ئويغاتقۇچى زىيالىلارغا، بىر تۈركۈم يېڭى قەلەمكەشلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن، ئۇيغۇرلاردا تەپەككۇر يېڭىلىقى يارىلىشىغا پۇرسەت ياراتقان تەشكىلاتچى ئىدى. ئۇ باش مۇھەرىرلىكىنى قىلغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 80-يىللاردا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» دېگەن يۈرۈشلۈك ئەسەرنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خوراپاتلىق، شەخسكە چوقۇنۇش، تارىخى نائىنىق پىر-ئۇستازلارنى ئۇلۇغلاشلارغا قارشى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئۇ يەنە مەمتىلى زۇنۇننىڭ «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن پوۋېستىنى ئۇلاپ ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قارا داغلارغا ئەينەك تۇتقان. ھەتتا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىدە شۇ چاغدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنىڭ قىزى كېلىپ دادىسىنى ئاقلاپ ئەسەر يېزىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ئەگەر يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى قەشقەردە كىتاپتىن خالى ياشايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ شاۋقۇن-سۈرەن چىقارمىغان بولسا، ئۇنداق بىر تەلەپ مەيدانغا چىقمىغان بولاتتى.
قۇربان مامۇت 90-يىللاردىن كېيىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ياشلارغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن، ئۇلارنى يېتەكلىگەن ئىدى. ژورنالدا تەسىس قىلغان «تەپەككۇر تەرمەچلىرى» سەھىپىسى يېڭىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، ئۆزى يازالمىسىمۇ يېزىلغانلاردىن قاندان بەھىرلىنىشنى بىلىدىغان ياشلارغا پۇرسەت ياراتقان ئىدى. ئۇ ياشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە، خىزمىتىگە، تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، توققۇزاق ناھىيە، ئوپال يېزىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى قىزنىڭ ئەۋەتكەن ھىكايىسى قۇربان مامۇتقا ياراپ كېتىپ ئېلان قىلىنغان. قۇربان مامۇت ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ قىزنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىگە تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. بۇ قىز شۇ ئورۇندا ياخشى ئىشلەپ، ئۆزلىگىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتلىقىغا ئوقۇشقا ماڭغان ئىدى.
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ ھەر سانىدا ئىلمىي ماقالىلەرگە ئورۇن بەرگەن، ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ ئەدەبىي ژورناللاردىن، خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىشىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژورناللار ئاساسەن ئالى مەكتەپلەردىن چىقىدىغان بولغاچقا كىتاپخانىلاردا سېتىلمايتتى. بۇنداق ژورناللاردىكى بىلىملەردىن شۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىلەر بىخەۋەر قالاتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» تارىخ، پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، قانۇن قاتارلىق پەنلەردە يېتىشكەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ماقالە ۋە تەھلىللىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرىقى پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنىڭ ئومۇملىشىشى، چوڭقۇرلىشىشىغا ھەسسە قوشقان.
قۇربان مامۇت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاممىباپ ماقالە (پۇبلىستىك ماقالە دېيىلگەن) ژانېرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەدەبىي ژانىرلاردا يازمايدىغان، ھېكايەسىز يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ماھىللىقىدىكى كىشىلەرگە بىر تاللاشنى تەقدىم قىلدى. بۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرىغا ماسلاشمايدىغان، ئەدەبىي ژورناللار قوبۇل قىلمايدىغان بىر تۈركۈم ئەسەلەرگە چىقىش يولى ياراتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە يېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە بىر ئاممىباپ ماقالىنىڭ سۈپىتىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئېلان قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيدىغان يۈزلىنىش شەكىللەندى.
قۇربان مامۇتنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ۋۇجۇتقا چىقارغان مۇۋەپپەقىيىتى ئۇيغۇرچە ژورناللاردا مەزمۇن يېڭىلىنىشقا، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدا بىر ئەندىزە ياراتتى. نەتىجىدە «تۇرپان»، «بوستان»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «مىراس» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژورناللار بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزە بويىچە يول تۇتۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
قۇربان مامۇت ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئۇلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە ژورنال ۋەتىنىمزىدە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نەشىر ئەپكارىغا ئايلاندى. نەتىجىدە مەخسۇس «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە ماقالە يازىدىغان قازاق ۋە قىرغىز يازغۇچىلار بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى ئۇيغۇرچە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنى 30 يىلغا يېقىن چىقاردى. دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە 30 يىل بىر كەسىپ ئۆگىنىشكە ، ئائىلە قۇرۇشقا، ياكى بىرەر شىركەت قۇرۇشقا يېتىشى مۇمكىن. ئەمما قۇربان مامۇتقا بۇ ئوتتۇز يىل بىر مىللەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى يېڭىلاشقا، سەنئەت روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، پەننى تەپەككۇرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە، ئىلمىي قۇۋۋىتىنى قاناتلاندۇرۇشقا يەتتى. قۇربان مامۇتنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئۇنى ئارامغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تەپەككۇر ئەھلىنىڭ تەشكىلاتچىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇردى. قۇربان مامۇتنىڭ بۇ يىقىلماس نوپۇزى خىتاينىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ ئۇنى زۇلۇم ئوقىغا نىشان قىلدى.
قۇربان مامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقىغان. 1976-يىلدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
- ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى
2021-يىلى 28-ئىيۇل
پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇردا مۇنازىرىلىك يازغۇچى ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە نوپۇزغا «خوشياقماس» پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىر شەخس، ھاكىمىيەتنىڭ نەزەرىدە باش ئەگمەس ئۆكتىچى زىيالى ئىدى. ئۇنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەپتىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغانلىقىدىن باشقا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان پىكرىنىڭ داڭقىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا كۆپىنچە چۈشىنىلمەي، ئېلان قىلىنماي نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇپ قالاتتىكەن.
مەن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇ قەدەر دۈشمەنلىك بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپكە بىر قانچە قېتىم شاھىت بولغان ئىدىم. بولۇپمۇ «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتاپ چىققاندا پەرھاتنىڭ پىكرى سەۋەپلىك پەيدا بولغان بىئاراملىق، بىزارلىق ۋە نارازىلىقنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. ئۇ كىتاپتا ئەۋلىيا دېيىلگەن كىشى قۇربانجان تۇرەك بولۇپ شۇ يىللاردا مەشھۇر بولغان، دىندار كۆرۈنىدىغان بىر قابىل سىھرىگەر ئىدى. قۇربانجان تۇرەك ئادىل ھوشۇرنىڭ سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىئانە يىغىش، رەئىسلەرنىڭ سورۇنىدا كارامەت كۆرسىتىش، كېسەللەرنى «داۋالاش» قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تونۇلغان، مەرھۇم يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ تەرىپىگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تازا ئالقىشلىنىۋاتقان بىر شەخس ئىدى. پەرھات تۇرسۇن دەل مۇشۇ كىشىنى ئۆزى ئاچقان كىتاپخانىدا تارىختىكى «ئەۋلىيا» ئاپاق خوجاغا ئوخشاتتى. بولۇپمۇ قۇربانجاننىڭ ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بېشىنى ئۇۋلاپ داۋالاپ تۇرغان كۆرۈنىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلدى.
پەرھات تۇرسۇن ئەتراپقا يىغىلغان كىشىلەرگە تارىختىكى ئەۋلىيالىقنى يېشىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەۋلىيا دېگەن ئۇقۇمغا چۈشەنچە بەردى. ئاندىن ئاپاق خوجانىڭ قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈرش ئۈچۈن گەپنى ئۇنىڭ خىيانەتلىك ھاياتىنى قەلەمگە ئالغان مۇھەممەت سادىق قەشقەرىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان»دىن باشلىدى. ئاپاق خوجا ۋەتەنگە باشلاپ كەلگەن، ئۇيغۇرنىڭ مۇنقەرىزلىك قىسمىتىگە تۇنجى سەۋەپكار بولغان غالدان قونتەيجى بىلەن 1949-يىلدىن كېيىنكى تاجاۋۇزچى كاتىۋاش، ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە، ۋەيران قىلىشقا زورۇققان، ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەرنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان ۋاڭ ئىنماۋنى سېلىشتۇرما قىلدى. ئاخىرىدا مەيلى تارىختىكى ئەۋلىيالار بولسۇن، ياكى رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا بولسۇن ئۇيغۇرغا ۋاپا قىلمىغانلىقىنى، ئەۋليا دېگەن ئۇقۇمغا ئىشىنىپ ھاياتىنى دوغا تىككەن كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنى ئەۋلىيا ساناپ سەللە ئورۇۋالغان سىھىرىگەرلەرگە ئەگەشكەن مىللەتنىڭ خەيىرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. بۇ چۈشەنچىلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان بىرەيلەن پوسۇققىدا «سىزنىڭ قۇربانجان تۈرەكتە بىرەر ئۆچىڭىز بارمىدى؟» دەپ سوراپ قالدى. پەرھات تۇرسۇن شۇئان ماڭا «قاراڭ بۇ نادانلىقنى» دېگەندەك لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ نېرى كېتىپ بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردى.
كىتاپخانىغا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» نى كۆتۈرۈپ كىرگەن كىشىمۇ، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەرمۇ بىرەر قۇر قىزىرىپ تاتىرىپ تالىشىپ باقتى، ئەمما ئۇنىڭ پاكىتلىق سۆزلىرى ئالدىدا يا قۇربانجاننىڭ ئەۋلىيا ئەمەسلىكىنى تەن ئالالماي، يا ئاللىقاچان تىكلەپ بولغان ئەۋلىياسىنى تېخىمۇ پۈۋلەپ پارقىرىتىپ بولالماي، ياكى ئەۋلىيا دېگەن ساختا ئۇقۇمدىن ۋاز كېچەلمەي رەللە بولۇشتى. مەن ئارىغا كىرىپ سالا قىلغان بولدۇم، ئەمما ھېچكىم ھېچكىمدىن رازى بولمىدى. ئاخېرى خېرىدارلار «سەندەك دەھرىينىڭ كىتاپخانىسىغا كىرگەن بىز ئەخمەق» دېيىشىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.
«قارا ئوت» پەرھات تۇرسۇننىڭ كىتاپخانىسى بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر ئەڭ قاينايدىغان يېرى بولغان شامالباغ مەھەللىسىدە ئىدى. خىتايچە يەنئەنلۇ دېيىلىدىغان بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوپېرا ئۆمىكى جايلاشقان بولۇپ ئۇ ئەتراپ زىيالىلار، ئۆلىمالار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى ئىدى. شۇ ئەتراپتا ئۈن-سىن دۇككانلىرى، كىتاپخانىلار ۋە نەشرىياتلار كۆپرەك ئىدى. پەرھات تۇرسۇن كىتاپخانىسىنى «ئۇيغۇر لىبراللارنىڭ فرونتى» دەپ ئاتايتتى. بۇ فرونت مەندەك كونسىرىۋاتىپ ياش زىيالىنى پات پات ئوچۇقداپ ئويغىتيىپ تۇرغان ئىدى.
پەرھات تۇرسۇن شۇ كىتاپخانىدا بولغان بىر يىغىلىشتا مېنىڭ «ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەلەردە مەدەنىيەت چىنلىقى» دېگەن ماقالەمنى كونسېرىۋاتىپلىق نوقتىسىدىن تەنقىت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە قەدىمدىن قالغان ھەممە مەدەنىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىھاجەت ئىكەن، بىر مىللەت كىشىلىرى ئەنئەنە، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت دەپ قاراپ كەلگەن مىراسلارنىڭ ھەممىسى تەرغىپ قىلىنىشقا ئەرزىمەيدىكەن. ئۇ ماڭا شۇ كۈنى پالچىلىق، جىنكەشلىك، داخانلىق دېگەن ئادەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ساداقەت بىلەن ساقلاپ كەلگەن ئەڭ قەدىمقى ئەنئەنە بولۇشىغا قارىماي كىشىلەرنىڭ مېلىغا، جېنىغا ۋە روھىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىدى. شۇ كۈنى قايىل بولغان بولمىغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئەمما بەلكىم ئوخشىمىغان نوقتىدىن قىلىنغان پىكىر بولغاچقا ۋە ياكى بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا يۈز خاتىرە قىلماي «ماقالىڭىز يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان كونا قۇرۇق گەپ ئىكەن» دەپ، ماقالەمدىكى رەڭ بېرىلگەن پاخپاق پىكىرلەرنى چۇۋۇپ تاشلىغان بولغاچقىمۇ ئۇنتۇپ قالماپتىمەن. ئەمما ئۇنىڭ تەنقىدى مېنى ئۆزۈمنىڭ پىكرىگە ئىقتىدا قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى پىكرىمگە ئىقتىدا قىلدۇرۇشقا ھەۋەسلىنىدىغان ئەۋليالىق تاماسىدىن تازىلىغان ئىدى.
بىلىشىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرھات تۇرسۇننىڭ تالانتىغا، پەزىلىتىگە، بىلىمىگە بېرىلگەن ئىتىراپتىن، ئۇنىڭ شاكراپتەك ئاچچىق تەنقىتچان پىكىرلىرىگە، يۈز خاتىرە قىلمايدىغان مىجەزىگە ۋە مۇرەسسەسىز ئەقلىيەتچى تەرسالىقىغا قارىتىلغان ئىتىراز كەڭرەك ئىدى. پەرھات تۇرسۇننىڭ تەرسالىقى شۇ دەرىجىگە بارغان ئىدىكى، ئۇ كىتاپخانىسىدا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتاپنى سېتىشنى رەت قىلغان ئىدى. مەزكۇر كىتاپ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ بازارلىق مەنىۋىي تاۋار ئىدى. شەھەردىكى ئىجارىسى ئەڭ قىممەت يەرگە دۇككان ئېچىپ ئىددىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەڭ خېرىدارلىق بىر كىتاپنى ساتماسلىق نورماللىق دەپ قارالمىغان بولۇشى چوقۇم. ئاۋام ئۇيغۇر ئەۋلىيا دەپ تونۇۇۋاتقان، غوللۇق زىيالىلار تەرىپلەپ ماقالە يېزىۋاتقان، ئابلەت ئابدۇرىشىتتەك رەئىسلەر تۆرگە ئېلىۋاتقان بىر شەخسنى «ئۇيغۇرلارنى خۇراپاتقا مايىل قىلىدۇ، شەخسكە چوقۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئوتتۇرا ئەسىرگە سۆرەيدۇ» دېگەن ئادەم ئىتىرازغا قېلىشى، ھەتتا نەپرەتلىك ئاتاققا قېلىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق ئەمەس، ئەلۋەتتە.
تارىختا ئەۋلىيالارنىڭ كاتتا پىرى ئاپاق خوجانى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا نېمە دەرت ئەلەم چۈشكىنى بىزگە قاراڭغۇ، ئەمما «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا»نى ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە، ئىستىقبالىغا ئەۋلىيالىق قىلماقچى بولغان ھاكىمىيەتنى تەنقىت قىلغان پەرھات تۇرسۇن جازاسىنى تارتتى. ئەپسۇس، ئەۋلىيالىق ماقامىدا ئالدامچىلىق قىلغان زات ئۇيغۇرنىڭ ئېىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ سالغان زىيىنى، قىلغان زىيانكەشلىكىمۇ ئەسلەردىن ئۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئەۋلىيا ئاتىلىپ بولغان، ھاكىمىيەت يېنىغا تارتقان كىشىنىڭ تەرىپلىك يېرى ئاشكارە يېزىلغان بىلەن تەنقىتلىك تەرىپى قەلەمگە ئېلىنماي قالىدىغان گەپ ئىكەن. بەلكىم يازىدىغانلارمۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ قىسمىتىدىن ئىبرەت ئالغاندۇ.
ئەھمىيەتلىك يېرى بۈگۈنكى دۇنيادا تارىختىكى ئەۋلىيانىڭ قىلمىشىنى تەنقىت قىلغان ئۇيغۇر بىلەن رېئاللىقتا ئەۋلىيا ئاتالغان كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىنى سۆككەن ئۇيغۇر ئوخشاشلا ئىتىراپقا ئېرىشتى. ئاپاق خوجانىڭ مۇناپىقانە سىماسىنى سىزىپ چىققان مۇھەممەت سادىق قەشقەرى يازغان «تەزكىرەئىي ئەزىزان» بىلەن رېئاللىقتىكى ئەۋليانى تەنقىد قىلالىغان پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» دېگەن كىتابى ئوخشاشلا كولۇمبىيە ئۇنۋېرىستېتى نەشرىياتىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى. مۇھەممەت سادىق قەشقەرى يازغان، ئەۋلىيالار چەكلىگەن، كىشىلەر قورقۇپ قازناقلارغا تىققان كىتاپ 300 يىلدىن كېيىن ئېنگىلىزچە نەشىر قىلىندى. پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۈرۈمچىدە ئەۋلىيالارغا يارىمىغان رومانى ئامېرىكادا نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ رومانى غەرپتە بىر ئۇيغۇر يازغان ۋە نوپۇزلۇق نەشرىياتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان بولۇپ قالدى.
- ھاياتىڭ تۆھپە، تۇتقۇنلۇقۇڭ ھەم
2021-يىلى 28-ئاۋغۇست
ئابدۇقادىر جالالىدىن كەلگەندە مەن يوق ئىدىم. ئۇ 2017-يىلى فېۋرالدا ئەنقەرەدە بولغان ئىكەن. دوستلار داستىخان ساپتۇ. شىرىن سۆھبەتلەر بوپتۇ. ئۇستاز يەنە ئۆزىنىڭ ئىلھامبەخش سۆزلىرى بىلەن يارىلارنى ئەملەپتۇ. پەرزەنتى بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىرداشلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئايرىلىپتۇ.
مېنىڭ شۇ چاغدا ئۇستاز بىلەن كۆرۈشەلمىگىنىم ئىزچىل ئىچىمنى تاتىلاپ كەلدى. ئايالى بىلەن كەلگەن ئىكەن. ئىككى بالىسى تۈركىيەدە ئىدى. تۇتۇپ قالغىلى بولاتتى، دېگەن ئوي ئىچىمنى ئويۇپ يەيدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن زامانغا زىت ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەسەرلىرىدە، زۆرۈر، قىممىتى بار پىكىرلەرنى يازغان، شۇڭا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
ئۇستاز ھەر ساھە بىلەن سىرداش ئىدى. ئۇ ھاياتىدا مىللەتكە مەسئۇلىيەتچان بولغان زىيالى ئىدى. ئىلىم سەھنىسىدە ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كىتاب ۋە يازمىلىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن يازغۇچى ئىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن تىرىشچانلىقى، تۆھپىسى ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن ھەسەتلىنىش، ھەۋەسلىنىش ۋە ھاقارەتلەرگە بەك كۆپ ئۇچرىغان كىشى ئىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىمكانىيىتى يار بەرگەنچە تىرىشتى. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرچە ئاڭنى كۆكلىتىش، جاھالەتلىك كۆڭۈللەرنى ئاقارتىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندى. ئاڭنى يېڭىلاشتا ئاۋۋال ئۇرۇق ئۈنگىدەك زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن كەتمەن چاپتى. شۇ زۆرۈرىيەت بىلەن غەرپ پەلىسەپەسىنى ئۆگەندى. غەربنىڭ ئەقىل پاراسىتى دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلدى. گېرمان پەيلاسوپلاردىن نېتشىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن غەرب پەلىسەپەسىنىڭ مەنبەسى بولغان گىرىتسىيەلىك پەيلاسوپلار ھەققىدە كۆپ ئىزدەندى. ئەپلاتوننىڭ غايىۋى دۆلەت دېگەن ئەسەرىنى تەتقىق قىلىپ تەرجىمىسىنى ئىشلىدى. ئەپلاتۇن پاراڭلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. غايىۋى دۆلەت دېگەن بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى ئىسمى جۇمھۇرىيەت بولۇپ بۈگۈنكى دېموكراتىك تۈزۈم، خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت چۈشەنچىسىنى شۇ كىتاپ بىلەن باشلانغان دېيىلىدۇ.
ئۇستاز ئۆزى قاماقتا بولسىمۇ ئۇنىڭ شىئېرى دەۋاغا جان قوشتى. ئۇنىڭ شىئېرى پىداكار ئۇيغۇرنىڭ قولىدا مۇھاجىرەتكە ئۇلاشتى. بۇ شىئېر ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قىسمىتىگە دۇنيانى شاھىت قىلدى. قىزىق يېرى، مۇشۇ شىئېرنىڭ چىقىشىنىمۇ خىتاينىڭ سۈيىقەستىگە باغلاپ ئۇستازغا مۇھاجىرەتتە تۆھمەت قىلغانلار بولدى. بۇنى قوبۇل قىلالماي تۇرساق شۇ تۆھمەتكىمۇ خېرىدارلار چىقتى، مىڭلاپ تارقىتىلدى.
دېمەكچى، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك بىر يازغۇچى، تۆھپىكار بىر ئادەم قامىلىپمۇ ئاقلىنالمىدى، قامالدى، خارلاندى، زالىم خىتاينىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندىيۇ، مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ شەرتسىز دوستى بولالمىدى، ئۇستازنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر تىللىق دۈشمەنلىرى ئۆچمەنلىكىنى داۋام قىلدى.
تۆھپە بىلەن سۆيۈلگەن ئىدى ئابدۇقادىر جالالىدىن. ئۇنىڭ ھاياتى تۆھپە بىلەن سۆيۈلگەن ھايات ئىدى. ئۇنىڭ قاماقتا يازغان شىئېرىمۇ يەنە بىر تۆھپە بولدى. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تۆھپە بولدى. ئۇ تۇتقۇنلۇقى بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنى قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقى مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ قۇتۇلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، خۇدايىم بويرىسا.
- دوكتۇر ئاتالغان داموللا
2021-يىلى 24-سېنتەبىر
دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنى بۈگۈننىڭ داموللىسى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئەزھەردە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۈچ شەخسنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى ماي ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئۇنىڭ كېسىلگەن مۇددىتى ھەققىدە 10 يىل دېگەنلەرمۇ يىگىرمە يىل دېگەنلەرمۇ بار. دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كىملىكى ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ شائىرلىقى، تەتقىقاتچىلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىكەنلىكى كۆزلەرگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھوسۇللۇق ھاياتى يۇقىرىقى ساھەلەردە دىققەت تارتىدۇ.
- 1. شائىر تالىپ
ھەبىبۇللا توختى ئۆزىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تۇنجى قېتىم شائىر سۈپىتىدە تونۇتقانىدى. ئۇ چاغلار ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقان تالىپ مەزگىلى ئىدى. ئۇنىڭ 2000-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى» دېگەن باللاداسى ئەدەبىيات شەيدالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانىدى.
مەزكۇر باللادا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەشھۇر ئەدىب، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت توختى ئەسەرگە تەقرىز يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. ئاپتور ئەسەردە تەكلىماكان دەشتىنى كەربالا دەشتىگە ئوخشىتىپ ساتۇق بۇغراخان قەبرىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن قەبرىسىدەك كىشىلەرنىڭ روھىدا ئەبەدىيلەشمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنگەنىدى.
شائىرھەبىبۇللا توختى تەكلىماكاننى سىنا چۆلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۈرەتلەيدۇ. ئۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ پىرئەۋىن ئوردىسىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ ئۆز قوۋمىنىڭ ھىماتچىسى بولغانلىقىغا قايىللىق بىلدۈرىدۇ. ئۆز خەلقىنى مىسىردىكى زالىم ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىغا تەكلىماكاننىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق ئىما قىلغانىدى.
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ،
مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا،
باقماپتىكەن مۇسا كەبى شوخ،
جەسۇر، زېرەك، بىرەر مەرد بالا.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئۆزىنى تونۇتقان شائىر ھەبىبۇللا توختى باشقا ئەدەبىي ژۇرناللاردا نادىر شىئېرلارنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا دائىم «تالىپ» دېگەن چېلىقارلىق سۆز قوشۇپ قويۇلاتتى.
- 2. تەتقىقاتچى ھەبىبۇللا
ھەبىبۇللا توختى 2002-يىلى ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم دەرگاھى ئەزھەر ئۇنىۋېرىستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن نەزىرىنى پەلسەپە، سېلىشتۇرما مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە تارىخى ساھەلىرىگە قاراتتى. شۇندىن باشلاپ ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىسلام ئۆلىماسى سۈپىتىدە كۆرۈنگەندىن باشقا يەنە بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مەدەنىيەتنىڭ گېن خەرىتىسى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تەپەككۇر مۇساپىسىنى مېغىزلىق خۇلاسىلەپ چىقتى. شۇندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئاساس قىلىنىدىغان شېئىر ئىجادىيىتىدىن لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىدىغان تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قويدى.
تەتقىقاتقا قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئاساسلىق ئىسلام تارىخى، قانۇنشۇناشلىقى يەنى فىقىھ ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئازلىقىنى بايقاپ تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلار ياراتقان مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتتىن خەۋەر بەرگۈچى داڭلىق ئەسەر «ئىسلام مەدەنىيىتى» نىڭ تەرجىمىسىگە ئىشتىراك ئەتتى ۋە بىر قانچە تومىنى مۇستەقىل تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئۇ يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى داڭلىق ھەدىسشۇناس مۇسلىمنىڭ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلدى.
ھەبىبۇللا توختى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئون نەچچە يىل ئىزدىنىپ 2015-يىلى سېنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ «ئەقىدە-ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىن مەنبەلەنگەن ئىختىلاپي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەدبىقات» دېگەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى باھالاش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا نائىل بولدى.
- 3. تەپەككۇر تەۋەككۈلچىسى
ھەبىبۇللا توختىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قىلغىنى ئۇنىڭ يېپيېڭى بىر ئۇسلۇب بىلەن «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇرچىغا تەپسىرىلىك تەرجىمە قىلماقچى بولغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ «قۇرئاننى ئەرەب تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە تاشلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئاللانىڭ سۆزى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا قۇرئاننىڭ تەپسىرىدە كەلتۈرۈلگەن مىساللار چوقۇم قۇرئان چۈشكەن دەۋرلەردىن ۋە ئەرەب تارىخىدىن ئېلىنىشى شەرت ئەمەس، مەن قۇرئاننى ئۇيغۇر تارىخىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن مىسال ئېلىپ تەپسىر قىلىمەن» دېگەن ئىدى. كىشىلەرگە مەزكۇر جۈملە ئالامەت چۆچۈتەرلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، مۇشۇ كۈنگىچە ھەبىبۇللا ھەققىدە سۆز بولسا بۇ گەپ چىقىپ قالىدۇ.
دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەدەبىيات، ئىلاھىيەت ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالقىشلانغانىدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆلىمالارمۇ يۇقىرى باھار بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتوتىمۇ ئونى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغانىدى.
مەرھۇم مۇھەممەت سالىھ داموللام ھەبىبۇللاغا قايىللارنىڭ بىرى ئىدى. داموللام ھەبىبۇللا توختىنىڭ تويىغا باش بولۇپ قاتنىشىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر قەسىدە يازغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى يىللارغىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەنىدى.
ھەبىبۇللا توختى 1979-يىلى قەشقەر يېڭىساردا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى ئىسلام ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2004-يىلى مەزكۇر ئىنستىتۇتتىن باكلاۋېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان، 2009-يىلى 8-ئايدا «ئىمام بەزدەۋىينىڭ ئۇسۇلفىقھى كىتابىنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەھقىقات» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى دوكتۇرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. 2015-يىلى سېنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلىدىن باشلاپ ھەبىبۇللا توختىنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ھەرقايسى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر تېمىلاردا لېكسىيەلەرنى بەرگەن..
- بەلكىم مۇھەببەت شۇنداق يازغۇزغاندۇ
2021.10.04
پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يازغان، ئون نەچچە پارچىدىن ئارتۇق كىتابقا قەلەم تەۋرەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەتى، ئىقتىسادى، يەر ناملىرى، ھۈنەرۋەنچىلىكى، كانچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى «ئاياللارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولى» غا بېغىشلانغان بولسا، ئاخىرقى ماقالىسى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ھەققىدە ئىدى. ئۇنىڭ قەلىمى ئاپرىنچور تېكىندەك مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىلا ئەمەس، يېنىدىكى ئۇستازى ۋە ساۋاقدىشى توغرىلىقمۇ يورغىلىغان ئىدى.
مېنىڭ ساۋاقداش ئوقۇتقۇچۇم
غەيرەتجان ئوسمان دەسلەپتە ماڭا ھەم ئوقۇتقۇچى ھەمدە ساۋاقداش بولغان ئىدى. بۇ مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقنى باشلىغان 1998-يىلىدىكى ۋاقىت ئىدى. بىز ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئاچقان پارسچە كۇرستا بىللە ئوقۇغان ئىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ «پارسچە ئەسەر يازغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى» دېگەن بىر ماقالە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىر پارچە ماقالە ئۈچۈن يات بىر تىلنى ئۆگىنىش دېمەك ئاسان بولغان بىلەن قىلماققا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. كېيىنچە بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەت تىللاردا ئەسەر يېزىپ ئالقىشلانغان تارىخىنى يورۇتماقچى بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى. راست دېگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۇنىڭ پارسچە كىتاپ يازغان، خىتايچە ئەسەر يازغان ۋە ئەرەبچە يازغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ھەققىدە ماقالە يازغانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇم.
ۋاپادارلىقنىڭ تەبىرى
غەيرەتجان ئوسمان ماڭا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن دەرستىن لېكسىيە بەرگەن ئىدى. ئۇ دەرستە ئۇيغۇر كىلاسسىكلارنىڭ ۋاپا، ۋاپادارلىق، بىۋاپالىق ھەققىدە كۆپ يازغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېرەتتى. بەزىدە ئۇ ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرىشىت ئىسلام «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان بىرتەتقىقاتچىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر ئۆلىما ئىكەن. مەرھۇم ئۇستاز ئەينى چاغدا تېخنىكوم مەلۇماتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ تىگىشلىك ئۇنۋانغا ئېرىشەلمىگەن، مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەمىناتلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمىغان ئىكەن. ئۇ شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ شۇ ئادالەتسىزلىك ئالدىدا ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلالمىغانلىقىنى پۇشايمان بىلەن ئەسلەپ بەرگەن ئىدى.
غەيرەتجان ئوسماننىڭ ساۋاقدىشى يارمۇھەممەت تۇغلۇق، ئۇستازى ئابدۇرىشىت ئىسلام، تەتقىقاتچى، ئىنقىلابچى ئۇيغۇر سايرامى توغرىلىق يازغان ماقالە ۋە ئەسلىمىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت، ئىھتىرام ۋە سېغىنىشنىڭ سىڭگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. قارىغاندا، ئۇ دەرستە سۆزلىگەن ۋاپا ئوقۇمىنى قانچە ئۇزاق تەپەككۇر قىلغان بولسا، شۇنچە چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنچە ئۇ ئۇيغۇر ئەدىبلەرنىڭ ۋاپا ۋە ۋاپادارلىق تېمىسدىكى ئەسەرلىرىدىن سۆيۈنگەنلا ئەمەس شۇ ئۇقۇملارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ماڭغان ئىكەن.
تەۋەرۈكلەرنى تەرگەنىكەن
غەيرەتجان ئوسمان يازغان تېمىلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە ئۇنى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مەسئۇلىيەتچان پۈتۈكچىسى، تەۋەرۈكلەرنىڭ تەرگۈچىسى دېگۈمىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن كەنت ۋە يېزىلار ھەققىدە يازغان «قازىئېرىقنىڭ تۇماقچىلىقى ۋە تۇماقچىلار»، «ئوپالنىڭ 40-يىللاردىكى سەنئەت ئىشلىرى»، «يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بىنا قىلىنىشى» دېگەن ماقالىلىرى ئەجداتلاردىن قالغان مىراسلارغا بولغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئىپادىسى. بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرچە كەنت مەھەللىلەر چېقىلىۋاتقان، ئەجدات ئىزلىرى ئۆچۈرۈلىۋاتقان كۈنلەردە يۇقىرىقى ئەمگەكلەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ بىلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى يىڭنە بىلەن قازغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنى پۈۋلەپ ئېنىقلىغان، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، دەردىگە دەرتلەنگەن بۇ ئۇستاز، بېشىغا بىرەر خەۋپ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندەك تىنىمسىز تەر تۆككەن ئىكەن. ئۇ مىراسلارنى ئۆزى ساقلاپ قالالمايدىغانغا كۆزى يەتكەچكە، يېزىقچە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئاشۇنداق بارلىق تېمىلاردا قەلەم سۈرگەن ئىكەن.
غەيرەتجان ئوسماننىڭ 40 يىللىق ھاياتى دەرس مۇنبەرلىرىدە، يېزىق ئۈستەللىرىدە ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يازغان ماقالە، ئوبزۇر ۋە كىتابلىرى ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر بارلىق گېزىت-ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي تەشىۋىقات تۈسىنى ئالمىغان بارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بېسىلغان ئىدى.
غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئەجرى ئۇنى ياپونىيە، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردە لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالەسى تېمىسىنىڭ ھەر خىللىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ يېزىپ چىققان 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب، 20 پارچىدىن ئارتۇق يېزىلىشغا ئىشتىراك قىلغان يىرىك ئەسەرلەر مەنچە بىر مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى ئىدى. بەلكىم بۇ مۇھەببەت ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغاندۇ.
غەيرەتجان ئوسماننىڭ «قەدىمكى تارىم مەدەنىيەتى»، «ئۇيغۇرلار غەربتە ۋە شەرقتە»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيەتىگە دائىر مۇلاھىزىلەر» دېگەن كىتابلىرى ۋەتەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ مۇھاجىرەتتە بېسىپ تارقىتىلىشى ئاپتورنىڭ ئەجرىگە بولغان بىر ئېتىراپنىڭ بىشارىتى، ئەلۋەتتە.
- مازارلاردىن بايقالغان مەنا
2020.08.21
خەلقئارالىق تاراتقۇلار ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى بېرىۋاتقاندا خىيالىم «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابنى يازغان ئۇستاز راھىلە داۋۇتقا كەتتى. راھىلە خانىم كىتابىدا 263 مازارنى خاتىرىلەپ ئۇلارنىڭ تارىخى، جايلاشقان ئورنى، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە ئۇ يەرلەردە بولىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەتقىقات قىلغان ئىدى. يېقىنقى ئايلاردا چىققان خەۋەرلەردە 100 دىن ئارتۇق مازار چېقىپ تاشلانغان. دېمەك، بىز شەرقى تۈركىستانغا مەشھۇر مازارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن مەھرۇم قالدۇق دېگەن سۆز.
مازارلار ۋەيران قىلىنماستا راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىگە كۆپ قايغۇرۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدە تەپسىلىي ئويلىنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. CNN ئاگېنتلىقىنىڭ سىنلىق خەۋىرىدە ئۆرۈلگەن مازارلارنى كۆرۈپ ئۆپكەم ئۆرۈلدى. چېقىلغان مازارلار ئادەتتىكى كىچىك مازارلار بولماستىن، بەلكى خوتەندىكى سۇلتانىم، ئىمام ئاسىم، ئىمام جەپىرى سادىق، قەشقەردىكى سۇلتان ئارسلانخان، ياركەنتتىكى دوخان پاشا قاتارلىق مىڭ يىللىق تارىخنى باغرىغا باسقان، نەچچە ئون مىڭ ئەجدادنى قوينىغا ئالغان، يىلىغا نەچچە تۈمەن ئادەم قېتىم زىيارەت قىلىنىدىغان مۇزىيسىمان قەبرىستانلىقلار ئىدى.
چېقىلغان قەبرىستانلىقلارغا ئېچىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. كىتاب يوقاپ كېتىۋاتقان مازارلار، چېقىلىۋاتقان تەۋەرۈكلەر، ئۆچۈرۈلۈۋاتقان ئىزلارنىڭ ئۆچمەس ئابىدىسى ئىدى. مازار تەتقىقات ھاياتىنى «مازاركەشتىلىك» دەپ ئاتىغان راھىلە خانىم شەرقتە قۇمۇلدىن تارتىپ غەربتە قەشقەرگىچە، شىمالدا غۇلجادىن تارتىپ جەنۇبتا خوتەنگىچە 263 مازارنىڭ تەپسىلاتىنى يېزىپ چىققان. ئاپتور كىتابىدا مازارلارغا دائىر تارىخ، تەزكىرە ۋە رىۋايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر، ۋەقەلەر ۋە دۆلەتلەردىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەنە كىتابىدا بۇ تارىخىي مىراسلارنى خاتىرىلەپلا قالماستىن بەلكى، بۇلارنى قانداق ئاسراش، قانداق ۋارىسلىق قىلىش ۋە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى سۇنغان. كىتابنى تۈگىتىپ، مازارلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر مازارلىرىدىكى قىممەتلەر ھەققىدە مۇنۇلارنى ئويلىدىم.
مازارلار ئۇيغۇر ھاكىمىيەت تارىخىنىڭ تىرىك ھۆججەتلىرى ئىكەن. تارىخىمىزدىكى قاراخانلار دۆلىتىنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان، چاغاتاي خانلىقى خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شاھى سەئىدخانلارنىڭ قەبرىسى ئالتۇنلۇق دېگەن ئورتاق نام بىلەن ئاتالغان ئىكەن. بۇ مازارلار ئۇيغۇر خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا بېرىلىدىغان خاس نامدا ئاتىلىپ قەددىنى كېرىپ تۇراتتى. ئۇلار قەشقەر، ياركەنت ۋە ئىلىغا ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ تارىخى پايتەختى جايلاشقان يۇرتلاردا مەۋجۇت ئىدى. بۇ مازارلار ئۇيغۇر ئەۋلادلارغا «بۇ زېمىن ساڭا باقىۋەندە، سەن بۇ تۇپراقلارنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى، شۇڭا بېشىڭ شاھ تاجىغا لايىق تىك بولسۇن، غۇرۇرۇڭ خان ئەۋلادىغا لايىق ئۈستۈن بولسۇن!» دېگەننى ھەر زامان ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ تارىخ مۇزىيى ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان ئوردىخان پادىشاھىم، ئاقسۇدىكى قىرمىش ئاتام ۋە خوتەندىكى ئىمام نامىدا ئاتالغان غايەت زور مازالار توپى تارىخىمىزدىكى ئۇرۇشلارنىڭ خاتىرە مۇزىيلىرى ئىدى. ئوردىخان پادىشاھىم مازىرىدا بولىدىغان تاۋاپتا كىشىلەرنىڭ تۇغلارنى كۆتۈرۈپ ناغرا سۇنايلار بىلەن قۇم دۆڭلىرىدىن ئاشقىنى قاراخانلار دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭگە ماڭغان ھالىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇيغۇرلار قەھرىمان شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى مەزگىللىك يوقلاشنى مىللىي مۇراسىمغا ئايلاندۇرۇپ پىداكارلىقنى، جەڭگىۋارلىقنى ۋە قەھرىمانلىقنى مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ۋە تەنھەرىكەت كۆرىكى ئىكەن. قەبرىستانلىقتا ئۇرۇنلىنىدىغان مۇقام، ئوينىلىدىغان ساما، ئوقۇلىدىغان ھېكمەت، ئېيتىلىدىغان داستانلار كىشىلەرنى يىراق تارىختا قالغان ئەجدادىغا باغلايتتى. ئەخمەت يەسەۋىينىڭ ھېكمەتلىرى، ناۋايىنىڭ غەزەللىرى، شاھ مەشرەپنىڭ نەزملىرى قەلبلەرنى تۇتاشتۇراتتى، كۆزلەرنى ئۇچراشتۇراتتى، غۇملارنى يۇيۇپ، ئاداۋەتلەرنى تازىلايتتى. كىشىلەر مازارلىقتا سەنئەت بىلەن تاھارەت ئېلىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە سىغىناتتى. قەبرىستانلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازلىق، چېلىشچىلىق، جانبازلىق ماھارىتى ۋە سېھىرگەرلىك كامالىتى سەھنىگە ئىگە بولاتتى.
مازارلار ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەمۇنىسى ۋە يادىكارى ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇر خانى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قورغاستا ھەيۋەتلىك مازىرى يادىكار قالمىغان بولسا، بوۋىلار قۇرغان دۆلەتنىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيتتۇق. ئەگەر قەشقەردە ئاپاق خوجا مازىرىغا ئوخشاش نەچچە مىڭ ئادەمنى سىغدۇرىدىغان نەمۇنە قالمىغان بولسا، بىز شۇ زىننەتلىك پىشايۋانلار، ئىتىكاپخانىلار ۋە خانىقالارنى سالالايدىغان يۈزلىگەن سەنئەتكار ئەجدادلارنىڭ ياشىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. مازارلار بىزگە مىڭ ئۆينى بېزىگەن ئەجدادلارنىڭ ياراتقۇچىغا، يارالمىشقا، تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەتنى بۇتپەرەس ۋاقتىدىكىدەك جانلىقلارغا ئاتالغان رەسىم ۋە ھەيكەللەرگە سىڭدۈرۈشتىن ئىسلامغا ئىشەنگەندىن كېيىن نەقىش، كاھىش ۋە تاملارغا گۈل قىلىپ ئويۇشقا، خۇشخەت قىلىپ يېزىشقا ئۆزگەرتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار تاۋاپتا خان بوۋىسى ۋە خانىش مومىسىدىن قالغان مازارلاردىكى تاملارنى سىلاپ، تەكچىلەرنى ھىدلاپ، قەبرىلەرنىڭ توپىسىنى يۈزىگە سۈرۈپ، نەچچە ئەسىرلەر بويى قەلبىدە ياشاپ كەلگەن ئەجدادىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ غۇرۇرىغا قانىدۇ.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ سودا يەرمەنكىسى ئىكەن. مازار سەيلىسى مەزگىلىدە بىر ئۇچى قۇمۇلدىن باشلانغان تاۋاپ كارۋانلىرىنىڭ بىر توپى تۇرپانغا يەتكەندە، خوتەندىن ئاتلارغا قامچا ئۇرغان يەنە بىر توپ ئارتۇچقا سەپەر قىلاتتى. يول بويى يۇرتلار يوقلىناتتى، بازارلار ئاۋات بولاتتى. ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەر ئايماق، ھەر قىشلاق، ھەر بازارلىرىدىن كەلگەن تاۋاپچىلار مازار سەيلىسى جەريانىدا ئۇچۇر، ئىدىيە ۋە تاۋار ئالماشتۇراتتى، ھۈنەر ئورتاقلىشاتتى، تەجرىبەلەرنى يېڭىلىشاتتى. يىلدا بىر بولىدىغان تاۋاپ سەيلىسى ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتلىك سودا كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياساش، پىششىقلاش، توشۇش كەسپىنى يۈكسەلدۈرەتتى.
مازارلار ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم، ئادالەت ۋە ھۆرلۈك سەپىرىدىكى يول بەلگىلىرى ئىدى. قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، ئاقسۇدىكى ئابدۇللا خاراباتىنىڭ، ئۇچتۇرپاندىكى موللا شاكىرنىڭ، ئىلىدىكى يۈسۈپ سەككاكىنىڭ، بايدىكى موللا مۇسا سايرامىنىڭ مازىرى ئۇيغۇردا تاۋاپ قىلىنىپ ئەزىزلەنگەن. ئۇيغۇردا قەدىرلەنگىنى ئىلىمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئالىملىقنىڭ ئېتىبارى ئىدى. ھەر قېتىملىق زىيارەتتە بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەلىرى ئوقۇلۇپ، ئوقۇرمەن ئۇيغۇرغا دۆلەتنىڭ بىلىم بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، ئادالەتنىڭ كۈندەك ئەبەدىيلىكى، بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن ھەر قانداق تۇيۇق يوللارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، ھۆرلۈك ئۈچۈن قىلىنىدىغان كۈرەشنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
راھىلە خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابى 2001-يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى. كىتاب نەشر قىلىنغان شۇ يىللاردا شەرقى تۈركىستاندا مازار تاۋاپچىلىقى چەكلەنگەن ئىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ قەبرىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇردىكى رېئاللىققا بويۇن ئەگمەيدىغان بىر كۈچنى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى بولغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدىم. بولۇپمۇ 2006-يىلى ئۈرۈمچىدە خوجانىياز ھاجى مازارلىقى چېقىپ تاشلانغاندىن كېيىن كىشىلەر قەبرىستانلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، قەبرىلەر كۆزلەرگە بارغانچە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان، كونا گۈمبەزلەر بارغانچە تەۋەرۈكتەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەنمۇ شۇنداق ئىدىم، ھەر قېتىم قەبرىستانلىققا بارسام كۆڭلۈم تەسەللى تاپاتتى. قەبرىستانلاردىكى چىرايلىق ئۇيغۇرچە خۈشخەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاشلار ماڭا مىڭ يىللار بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلارنى ئەسلىتەتتى. قەبرىستانلىقلارنى بېزىگەن ئۇيغۇرچە قۇببەلەر، كاھىشلار، نەقىشلەر ۋە قەبرىلەرنىڭ بېشىدا قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە مۇقام ئاھاڭىدىكى يېقىملىق قىرائەتلەر ماڭا مىڭ يىل ھىندىچە نوم ئوقۇپ ھىندىلاشمىغان، نامازنى مىڭ يىل ئەرەبچە ئوقۇپ ئەرەبلەشمىگەن، پارسلار بىلەن ئىككى مىڭ يىل قوشنا ياشاپمۇ، پارىس مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولمىغان، ئەكسىچە يۇقىرىقى مىللەتلەردىن كەلگەن قەبىلە، جامائەت ۋە ئېقىملارنى ئۇيغۇرلارشتۇرۇپ قوينىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن بىر مىللەتنىڭ كەڭرى باغرىنى، چوڭقۇر يىلتىزىنى ۋە مۇكەممەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
ئانا تىلىمىز ھاكىمىيەتتىن، مائارىپتىن ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەلىرىدىن تەدرىجىي سىقىپ چىقىرىلغان 2000-يىللاردا ئۇيغۇرلاردا قەبرىلەرگە قىزىقىش كۈچەيگەن ئىدى. غۇلجادا سادىر پالۋان، ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، ئۈرۈمچىدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئابلىز مەخسۇم، ياركەنتتە باتۇر روزى، خوتەندىكى روزى سايىت مەقبەرىلىرى ياشلارنىڭ زىيارەتگاھىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. قەبرىلەرنى پات-پات سىرلاپ قويىدىغان مەنىلىك نەزم ۋە شېئىلارنى يېزىپ قويىدىغان، تۇپراق بېشىغا ئىسيانكار ھىكمەتلەر بىلەن تاش ئورنىتىدىغان ئادەت ئۇيغۇردا ئومۇملاشقان ئىدى. 2011-يىلى تومۇزدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەبرىسىنى قانچە قېتىم يوقلاپ بارغىنىمدا شۇنچە قېتىم يىپ-يېڭى بىر يېشىل جاينامازنىڭ قەبرە يېنىغا قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدىم. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرپەرۋەر ياشلارنىڭ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابلىز مەخسۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى ئادەت قىلغىنىدىن ئۈمىدلەنگەن ئىدىم. تىلىمىزنىڭ ھاكىمىيەتتىن، مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ رېئاللىقتىن يەكلىنىشى كىشىلىرىمىزنى ئەجدادىغا، تارىخىغا ۋە ئۆتمۈشنىڭ خاتىرە سارايلىرى بولغان قەبرىستانلارغا باشلىماقتا ئىدى.
2010-يىلى تومۇزدا ئورىگان ئۇنۋېرىستېتىدا خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولدى. مەن يىغىن جەريانىدا «ئۇيغۇر دارۋازلىقىدا مەدداھلىق» دېگەن تېمىدا لېكسىيە قىلدىم. برازىلىيەلىك بىر تىلشۇناس: «ئۇيغۇرلار بوستانلىقلارغا تاقاق ئورونلاشقان ئىكەن، يۇرتلار ئارا قاتناش قۇلايسىز، مۇساپە ئۇزاق ئىكەن، جۇغراپىيە تىلشۇناسلىقى بويىچە قارىغاندا بۇنداق رايوندا تىللار بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، بۇنداق يەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۆلۈنمەي بۈگۈنگە كېلىشىدىكى سەۋەبنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟» دەپ سورىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلاردا قۇمۇلدىن قەشقەرگە، غۇلجادىن خوتەنگە قەدەر مازارلارنىڭ بارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئايلىنىپ شۇ مازارلارنى يىلدا بىر تاۋاپ قىلىدىغانلىقىنى سەۋەپنىڭ ئاساسلىقى قىلىپ چۈشەندۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ بىر كىتاب يازغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇ چاغدا تەتقىقاتچىلار راھىلە خانىمنىڭ «ئۇيغۇر مازالىرى» دېگەن كىتابىغا قىزىققان ئىدى.
2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇردىكى تارىخىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىغا، ئەجداد مۇھەببىتىنىڭ كۈچلىنىشىگە، مىللىي غۇرۇرنىڭ يۈكسىلىشىگە راھىلە خانىمغا ئوخشاش زىيالىيلار تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇلار چۆل جەزىرىلەرگە چېچىلغان تارىخنى خاتىرىلەپ كىتاپلاشتۇرغان، لاي گۈمبەزلەردىكى ئۇلۇغلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ ئەسلەرگە سالغان، كۆزلەرگە كۈندە تاشلىنىپ تۇرسىمۇ سىر-ھېكمەتلىرى توپا-چاڭلارنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئەجدادلارنىڭ كەچمىشىنى ئاۋايلاپ سۈرتۈپ ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇر داستىخېنىغا تىزغان ئىدى.
راھىلە داۋۇت بۈگۈن تۇتقۇن، ئەمما ئۇنىڭ كىتابى، ماقالە ۋە ئەسەلىرى تۇتقۇن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۆزىنى مەھكۇم قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا قىسىنغان يۈرەك سۆزلىرىنى مەھكۇم قىلالمايدۇ. راھىلە داۋۇت يازغان «ئۇيغۇر مازالىرى» بوۋىلاردىن قالغان مەڭگۈ تاشلاردەك مەڭگۈلۈك خاتىرىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلار ئۈچۈن زۇلمەتتە مەشئەل، مۇسىبەتتە تەسەللى، كۈرەش يولىدا بەلگە بولغۇسى. خۇددى مەھمۇد قەشقەرى «بەلگە بولسا يولدىن ئازماس، بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس» دېگەندەك راھىلە خانىم تىكلىگەن بۇ ئەجدادلار ئابىدىسى ئۇيغۇرنىڭ يولىنى يورۇتقۇسى.
راھىلە داۋۇتنىڭ تەرجىمىھالى
راھىلە داۋۇت 1966-يىلى مايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1987-يىلى مەخسۇس كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1990-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر خەلق ئەدەبىياتى» بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1998-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا فولكلور ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى فولكلور دوكتورى شەرىپىگە نائىل بولغان. 2004-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتوتىدا پروفېسسور بولغان.
1999-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «پارس ۋە چاغاتاي تىلى تېز تەربىيىلەش كۇرسى» دا ئالتە ئاي ئوقۇغان. 2003-يىلى بېيجىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالتە ئاي ئىنگلىزچە تېز يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا ئوقۇپ، ئىنگلىز تىلىنى مۇستەھكەملىگەن. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 9-ئايغىچە ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولغان. 2006-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 6-ئايغىچە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولغان. راھىلە خانىمدىن 2017-يىلى دېكابىردا خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغاندىن بۇيان خەۋەر يوق. راھىلە خانىمنىڭ ئىنگلىز، تۈرك ۋە خىتاي تىللىرىدا ماقالە ۋە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئۆزى باش بولۇپ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
- ئۇستاز ماڭغان ئۇيغۇرلۇق يولى
2017.12.05
بۈگۈن ئۇيغۇرغا دەرد ئۈستىگە دەرد كەلدى. بۈگۈن ئانا تىلغا ئۈششۈك تەگدى. بۈگۈن بىرىنچى دېكابىرنىڭ مۇزلۇق كۈنىدە، ئۇيغۇرلۇق سىڭگەن قەلبلەرگە قار ياغدى. بۈگۈن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەرۋىشكارى، ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوفتىن ئايرىپ قالدۇق.
ئۇيغۇرنىڭ نىداسى بوغۇلغان، دىلى مۇجۇلغان، قاناتلىرى بوغۇشلانغان بۇ كۈنلەردە ئۇستاز ھايات يۈرۈپ بەرسە، تۆرلەردە تۇرۇپ بەرسە، كوچىلاردا مېڭىپ بەرسە بولاتتى.
ئۇستاز ئارىمىزدا بولسا سۇنۇق كۆڭۈللەر پۈتۈن بولاتتى، چۈشكۈن كۆزلەر ئۈستۈن بولاتتى، مىسكىن روھلار جۇشقۇن بولاتتى. ئۇستاز ئىززەتلەر ئېزىلىپ، غۇرۇرلار پايخان بولۇۋاتقان بۇ دەملەردە غەشلىكلەرگە غەمخان ئىدى. ئۇستاز ئارمانلار قېرىپ، غايىلەر غېرىب بولغان زىمىستاندا گۈلخان ئىدى. زۇلمەتلىك بۇ زامان چۆلىدە ئېزىقماي تىك ياشاش، تىرىك ياشاش ئۈچۈن جېنىمىزغا جان، روھىمىزغا يۆلەك ئىدى. بۇ مىللەت ئۇستازدەك ئالىملىرى بىلەن ۋەزمىن، بۇ ۋەتەن ئۇستازدەك پىداكارلىرى بىلەن ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك ۋە غەمگۇزار ئىدى.
ئۇستاز ئانا تىلغا باغۋەن، پەرۋىشكار ئىدى. مەرھۇم ئانا تىلىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى ۋە بۇ مۇكەممەللىكنى ئىسپات قىلغۇچى ئىدى. بىز تىلىمىزنىڭ قائىدىلىك تەلەپپۇزىنى، يېزىقىمىزدىكى ئۆلچەم-قېلىپلارنى مەرھۇمنىڭ ئېلىمىدىن ئۆگەندۇق. ئۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» ۋە «ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى» دېگەن كىتابلىرى بىلەن ئانا تىلغا مىزان بېكىتتى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېچ بىر تىلدىن قېلىشمايدىغان كۈچىنى «ئۇيغۇرچە-خىتايچە چوڭ لۇغەت» ئارقىلىق ئىسپات قىلىپ ئۇيغۇرچە ھەممىگە قابىل سۆزلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرغا ناقايىل كۆزلەرنى تەسلىم قىلدى.
ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق تارىخىغا مېھرىبان ئىدى. ئۇ ئۇرخون مەڭگۈ تاشلىرىغا ئويۇلغان، «دىۋان» لارغا پۈتۈلگەن مۇقاملارغا كۆمۈلگەن، يېزا-سەھرالارغا چېچىلىپ كەتكەن مومىلار ۋە بوۋىلارنىڭ يادىكارىنى بىزلەرگە ئۆگىتىپ تارىخىمىزنى تىرىلدۈردى. ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادىنى «چۆمۈل» دەپ ئاتالغان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىسىگە باغلىدى. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ سۆزىدىن ئاق ھون ئىزلىرىنى بايقىدى.
ئۇ مەھمۇت قەشقىرى قالدۇرغان ھېكمەتلىك كىتابنى ئەۋلادلارغا قورال، ناۋايىدىن مىراس ئانا تىل سۆيگۈسىنى ھەقدارلارغا ئەڭگۈشتەر قىلدى. ئۇ قەدىمكى تىلىمىزنى قۇرۇتماي بۈگۈنگە ئۇلىغان، سىڭقۇسەلىنىڭ سۆزىنى ناۋايىغا چاتقان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئاچقان يولنى گۇمنامدىن تاپقان ئىدى. ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق تارىخىنى مەڭگۈ تاشلاردىكى سۆزلەر، «دىۋان» دىكى ھېكمەتلەر، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ماياكلار ۋە ناۋايى ياققان چىراغلار بىلەن يورۇتقان ئىدى.
ئۇستاز ئۇيغۇرلۇق خەزىنىسىگە پاسىبان ئىدى. رەھمەتلىك ئالىم ھاياتىدا ئۇيغۇرنىڭ تەۋەررۈك ماكانلىرىدىن شەھىدانە خوتەن، ئەزىزانە قەشقەر، غالىبانە قۇمۇل ۋە غازىيانە ئاقسۇلارنى كەزگەن، لوپنۇردىكى قالپاقلىق چاللار، كۇچادىكى ئاق رومال مومايلار ۋە تۇرپاندىكى قىزىل بۆكلۈك ئاقساقاللار بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇلارنىڭ تىلىدىكى خەزىنىلەرنى ئاچقان، ئۈنچىلەرنى توپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر دىئالېكتلىرى»، «قۇمۇل شېۋىسى»، «خوتەن دىئالېكتى» ۋە «لوپنۇر دىئالېكتى» ھەققىدە يازغان خاس ئەسەرلىرى ئاۋام تىلىدا چېچىلىپ ياتقان شۇ قىممەتلىك ۋەسىيەت ۋە مىراس ھېكمەتلەرنىڭ بىزگە قالدۇرۇلغان خاتىرىسى ئىدى.
ئۇستازنىڭ تەتقىقاتى ئۇيغۇرلۇق روھىنى نامايان قىلغان ئىدى. مەرھۇم ئۇستازىمىز ئۇيغۇر سۆزىنىڭ «مەدەنىيەت» دېگەن مەنىسىنى ئەجدادلار ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى قېزىش ئارقىلىق تەھقىقلىگەن. ئۇ بۇ يولدىكى ئىشتىياقى بىلەن ئۆزلەرنى، ئىجتىھاتى بىلەن ئۆزگىلەرنى ئىشەندۈرگەن ئىدى. ئۇ ئەل ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتتە «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ يەنە بىر مەنىسىگە مۇناسىپ دوستلار بىلەن تاشتەك ئۇيۇشۇپ ۋە خىزمەتداشلارنى سۈتتەك ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
ئۇستاز يېتەكچىلىك قىلغان «تۈركى تىللار دىۋانى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر دىئالېكت ۋە شېۋىلەر لۇغىتى» قاتارلىق نەتىجىلەر ئۆملۈكنىڭ، ئۇيۇشقان ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان. ئۇ ئانا تىل گرامماتىكىسىغا ئاتالغان تۇنجى كىتابىنى نەسىرۇللا يولبولدى بىلەن، تىلشۇناسلىق لۇغىتىنى مەترېيىم سايىت بىلەن، ناۋايى تەتقىقاتىنى خەمىت تۆمۈر بىلەن، «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنى ئامىنە غاپپار بىلەن ئىشلەپ مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن بىللە ئىسپاتلاپ چىققان.
مەرھۇم ئۇستاز ئىلىم تەلەپكارلىرىغا تەلەپچان، پاسىبان خۇشچىراي ئىدى. ئەينى يىللاردا رەھمەتلىككە ئەگەشكەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئەل-مىللەتتىن بولغان ھەۋەسكارلار بۈگۈن مۇتەخەسسىسلەرگە ئايلاندى، شاگىرتلار مانا ھازىر ئۇستاز بولۇپ تونۇلدى.
مەن رەھمەتلىك بىلەن 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە مۇلاقەتتە بولغان ئىدىم. ئۇ مەندىن ئوپالدىكى ھەر بىر ئايماق، ئېدىر، قىر ۋە قىشلاقلارغىچە سوراپ، بىلمىگەنلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەھەللەمگە يېقىن يەردىكى قاراخانىيلار خانى قىلىچ بۇغراخاننىڭ قەبرىسى، شۇ قەبرە جايلاشقان كەنتتىكى تۇردى چوڭ سالغان پەننى مەكتەپ، 30-يىللاردا ئوپالغا سېلىنغان تىياتىرخانا ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانى قاتارلىقلار ھەققىدە ھەيران قالارلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەگەر شۇ سۆزلەر سېزىۋېلىنسا ھەر بىر مەزمۇن بىر ئۇزۇن ماقالىگە مېغىز بولغان بولاتتى.
مەرھۇم ئۇستازىمىز دوستى تۇرغۇن ئالماسنى پەرزەنتلىرى ئارقىلىق ئۇ ۋاپات بولغۇچە يوقلاپ تۇرغان ئىدى. دوستىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە «تارىخى رەشىدى» نىڭ نەشر قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇستاز ئەينى يىللاردا خۇددى تۇرغۇن ئالماسنىڭ كىتابىغا رەددىيە يازمىغانغا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا تېڭىلغان ئېتىراپ، توۋا ۋە ئىقرار قىلغۇزۇشلارغا ئاۋاز قوشمىغان ئىدى.
ئۇستاز ئىز سالغان ئۇيغۇرلۇق يولى يۈرەكتىن باشلانغان مەڭگۈلۈك يول، ئىلىمگە، ئەلگە ۋە ئالەملەرگە جاۋاب ئىزدىگەن ئىشتىياق يولىدۇر. ئۇ بۇ يولدا مېڭىپ كۆللەردە سۇسىز، باغلاردا ئاچ قالغان، تۈرمىلەردە ياتقان. ئۇ بۇ يولدا ھاكىمىيەت ۋە ھاكىملارغا ياراپ ئەپلىك ۋە نەپلىك ياشاشنى ئەمەس، ھەقنى ياقىلاپ نەتىجىلىك ياشاشنى تاللىغان. شۇڭا ئالىم بۇ يولدا ئەمەلدىن تاج، پايدىدىن كەمەر باغلىغان ئەمەس. شۇڭا ئۇستاز كاتەكتەك بىر يۈرۈش ئۆيدە مىڭلىغان سارايلاردىن كاتتا ئارمانلار ئىچىدە، يوقىلىۋاتقان مىراسلارنىڭ غېمىدە ياشىغان ئىدى. ئۇستاز شۇنىڭغا شاھىت ئىدىكى، بۇ يولدا شەرەپكە لايىق ئەمەللەر ئاز، ئەمما شەرەپ تەمەسىدىكى تېجىمەللەر كۆپ ئىدى، بۇ يولدا قان شورار يالماۋۇز، جان سورار قاتىللار بار ئىدى، يەنە ھېچ نېمە سورىماس، ھېچ نەرسە بىلمەس، ئەمما ھېچ ئىش قىلدۇرماس رودۇپايلار تەييار ئىدى.
ئۇستاز باشلىغان بۇ يول ئۇيغۇرلۇق يولى، مەدەنىيەت-ئۇيغارلىق يولىدۇر. بۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئايىغى چىقىدىغان، ئىلىم بىلەن تۈزىلىپ، سەنئەت بىلەن بېزەلگەن، ئىجات ۋە يېڭىلىق بىلەن داۋاملىق يورۇيدىغان ئايدىڭلىق يولدۇر. ئۇستازدەك ھەقكە، ھەقىقەتكە ۋە ھەققانىيەتكە ئاشىق بولمىغان ھېچ بىر جاھالەتلىك قەلب بۇ يولغا زار ئەمەس، ئۇستاز بەلگە سالغان بۇ يولدىكى يولۇچى ئۇيغۇرمۇ جاھىل پىرلارغا ئىنتىزار ئەمەس.
https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/mirsutan-osmanof-12052017130400.html
- ئۇيغۇر سىياسىيۇن ئۇتقاندىن كېيىن
نۇرى تۈركەل دۇنيادىكى 50 قالتىس رەھبەرنىڭ قاتارىدا 17-ئورۇنغا تىزىلغان. خەلقىمىزنى ھېيتلىق بۇ خۇشخەۋەردىن بەھرىمەن قىلغان نۇرى تۈركەلگە رەھمەت. بىر مىللەتنىڭ كۈچى مۇشۇنداق قالتىس كىشىلەرنىڭ سانى ۋە ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. كۈچلۈك شەخسلەرنىڭ چىقىشى مىللەتنىڭ كۈچىنى زورايتىدۇ.
نۇرى تۈركەلگە ياندىشىپ يەنە بىر ئۇيغۇر سىياسىيۇن سەھنىگە چىقتى. ئۇ ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەلى ئىدى. ئارفىيەمۇ سايلام رىقابىتىدە ئوتتى. ئۇ ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى بولۇپ سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئۇ چاقناپ تۇرغان تالانتى بىلەن ياپۇنىيە پارلامېنتىغا كىردى.
ئارفىيەمۇ ئۇتتى، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى پارلامېنىت ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ سىياسىي ساھەگە كىرىشى، غەرپتە تونۇلۇشى گەرچە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادرىغا ئوخشاش بىر سىياسى رەھبەر چىققان ۋە دۇنياغا تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ياشاۋاتقان ئەلنىڭ پارلامېنىت سايلىمىغا قاتنىشىپ، شۇ ئەل خەلقى تەرىپىدىن سايلىنىپ چىققانلار ئىچىدە ئارفىيە تۇنجىسى.
مۇھاجىرەتتە، بولۇپمۇ غەرپتە ئۇيغۇرنىڭ چىقىش يولى داغدام. ئۇلارنى توسۇپ قالارلىق ئادالەتسىزلىك، ئايرىمچىلىق، يەكلەش ۋە يېتىم قالدۇرۇشلار يوق. ئۇيغۇرلاردا ئۆزى ئۈچۈن بالىلارنى قۇربان قىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك يوق. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غەرپتىكى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئەۋزەل تەرىپى.
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ھېلىمۇ مۇقەددەس قورغان. ئائىلەنىڭ بۇزۇلۇشى، بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشى ئۇيغۇرلاردا قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھادېسە دەپ قارىلىدۇ. ئائىلەلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا، بالىلارنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەپ بولغۇچىلار خۇددى قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇغۇچىلارغا ئوخشاش يامان كۆرۈلىدۇ.
ئائىلە مۇقەددەسلىكى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلاردىن مۇھاجىرەتتە ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن ئائىلە ۋە بالىلارنى قۇربان قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ چىقىشى تەس. چۈنكى ئائىلە ۋەتەنسىز سەرسان ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاتقان ۋەتىنى، سېغىنغان مەدەنىيەتى، تەلپۈنگەن مەھەللىسى، يارىتىدىغان كېلەچەك بەختى.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ئائىلىدە، نۇرى تۈركەل ۋە ئارفىيە ئەلىگە ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشنىڭ يولى مائارىپتا، مائارىپ ئارقىلىق ھەر ساھەدىكى كۈچلۈك كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە. ئەگەر نۇرى تۈركەل ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ ئامېرىكىدا ئادۋۇكاتلىق قىلالىغىدەك ئىقتىدار يېتىلدۈرمىگەن بولسا، ئەگەر ئارفىيە ئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇنىڭغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ، ۋەتەن مىللەتنىڭ مۇھەببىتىنى سىڭدۈرمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈلمەيتتى.
ئۇيغۇرنىڭ تەقدرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى، ئىقتىدارى، ساپاسى ھەل قىلىدۇ. كۈچ بىلىمدىن، ئىقتىسات بىلىمدىن، ئىقتىدار بىلىمدىن كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ساھەدە يېتىشكەن ۋە يېتىشتۈرۈلگەن ئەۋلادى بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆرگەن ئالى مارىپى تېرەك بولمىغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ خىزمىتىنى بۈگۈنكى پەللىدە قىلالمىغان بولاتتى.
ئۇيغۇرنىڭ تەقدرىدى ئىقتىدارلىقلارنىڭ قولىدا ھەل بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇردىن نۇرى تۈركەلدەك ئادۋۇكاتتىن يۈزى، كرىستىيان ئامانپوردەك مۇخپىردىن يۈزى، ئارفىيە ئەلىدەك پارلامېنت ئەزاسىدىن يۈزى بولغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇر ئۈچۈن تىك تۇرغان بولغان بولسا خىتاي بىزنى بۈگۈنكى كۈنگە قويالمايتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە قەد كۆتۈرۈشى يەھۇدىلارنىڭ كۈچلىنىش، يېڭىش ۋە دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىەسىدىن ئايرىلالمايدۇ. تېخى 80 يىىل بۇرۇن يەھۇدى سەرخىللىرى ئامېرىكىغا يىغىلىپ داۋاغا كىرىشمىگەن بولسا، سىياسەتچىلەرنى گېرمانىيەگە قارشى ئوت ئېچىشقا قايىل قىلمىغان بولسا، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ قېشىدا سەپ تۇتۇپ فاشىزىمغا قارشى تۇرمىغان بولسا، ئۇرۇشتىن كېيىن تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ماس تۈزۈمدە دۆلەت قۇرمىغان بولسا بۈگۈنكى كۈچلۈك يەھۇدى مىللىتى بولمايتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا بۈگۈن كەلگەن كۈن تارىختا يەھۇدىلارنىڭ بېشىغىمۇ كەلگەن. بۈگۈن بىز قۇتۇلالمايۋاتقان لاگىرغا تارىختايەھۇدىلارمۇ قامالغان، ئەمما بەش يىلدا قارا قىسمەتتىن قۇتۇلغان. بىزدە لاگىر باشلانغانغا 6 يىل بولدى، تېخىچە خىتاينى كەينىگە بىر قەدەم داجىتالمىدۇق، خىتاي يەنىلا چېكىنگەن يوق، شۇڭا بىزدە ئۇزاققا تەييارلىق بولۇشى، ئەۋلات تەربىيەلەشكەن، ۋارىس ېيتىشتۈرۈشكە پىلان بولۇشى كېرەك.
بۈگۈنكى دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر قۇرۇق گەپنى، قۇرۇق خىيالنى، مەزھەپ، مەسلەك مۇنازىرىسىنى قويۇپ پەنگە ئاتلىنىشى، بالىلارغا، كەسىپكە مائارىپقا مەبلەغ سېلىشى كېرەك. مىللەتنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ئارىمىزدىن نۇرى تۈركەلدەك، ئارفىيە ئەلىدەك كۈچلۈك ئادەم، قالتىس شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
- قايتىشىڭ سىر ئەمەس مېھرىئاي
2021.06.29
مېھرىئاي، سەن قايتقان كۈنۈڭ ئايروپىلاندا تۇرۇپ «دادام ساق بولسا ئۆزىنى، بولمىسا قەبرىسىنى بولسىمۇ كۆرەي» دېگەن ئىدىڭ. شۇئان بىر قەبرە بولۇپ قالمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپ كەتكەن مەن. «سەندىن يىراق تۈركىيەدە سېنى توسۇپ قالالمايدىغان ئادەم بولغاندىن ياپونىيەدە سېنى تۇتۇپ قالغۇدەك قەبرە بولغان بولسام، مېھرىئاي مېنى شۇ يات توپراققا يالغۇز تاشلاپ كېتىشكە چىدىماس، كېتىشنى ئويلىماس بولغىيدى» دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ياپۇنىيەدە قەھرىمانلىقنىڭ قەبرىسى بار ئىدى. بۇندىن 80 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئۈچۈن مېلىنى، جېنىنى ۋە ئەۋلادىنى قۇربان قىلغان بىر جەمەتنىڭ بېشى ياپۇنىيەدە ياتقانىدى. ئۇيغۇرغا ياپۇنىيەدە ھۆرلۈك داۋاسى قىلغان تۇرپانلىق موھىتىلار جەمەتىدىن موسۇل موھىتىنىڭ قەبرىسى توكيودا ئىدى. يېنىڭدا بولغان بولسام، زۇلۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆيۈپ ئۆلگەن بولسام، موسۇل مۇھىتى ياتقان شۇ قەبرە مېنىڭ بولغان بولسا، ياكى ئۆلۈپ توكيوغا، موسۇل موھىتىنىڭ قەبرىسى يېنىغا كۆمۈلگەن بولسام مېھرىئاي مېنى تاشلاپ كەتمەستى، ئاكامنىڭ قەبرىسىنى دۇئاسىز يالغۇز قويمايمەن دەپ بولسىمۇ ياپۇنىيەدە قالغان بولاتتى. . . دېگەنلەر ئېسىمگە كەچكەنىدى.
سېنىڭ قايتىشىڭدا ھېچ بىر سىر يوق. ئاناڭ ئۈچۈن قايتماي باشقا تاللىشىڭمۇ قالمىغان. «يا بۆلگۈنچى ئاكاڭغا تۇر، يا قولىمىزدىكى ئاناڭغا» دېگەن بۇ سوئالغا دۇچ كەلگەن ھەر قانداق بىر پەرزەنت، بولۇپمۇ سەندەك دادىسىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئىنسان قانداق قىلىشى، قانداق قىلالىشى مۇمكىن؟ سەن قايتساڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك نادان ئەمەس ئىدىڭ. ئەمما ئاناڭنى بولسىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشنى قارار قىلدىڭ.
سەن قايتساڭ بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغۇدەك ئەخمەق، نېمە بولۇشىنى بىلمىگۈدەك گاراڭ ئەمەس ئىدىڭ. سەن ماڭا ياردەملىشىپ توردا تارقالغان ئۇيغۇرچە گۇۋاھلىقلارنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشىپ بەرگەن. تۇتۇلغان، قامالغانلارنىڭ قانداق كۈن كۆرىدىغانلىقى ساڭا ئايان ئىدى. گۇۋاھچى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ قاماقتا كۆرگەن كۈنلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆرىگەنلىكىڭنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ. ئەمما مېنىڭ تۈرمە خاتىرىلىرىمنى شۇنچە ئېزىپ ئىچۈرسەممۇ تەرجىمە قىلىشنى رەت قىلدىڭ. «ئاكا، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى دېسەڭ تەرجىمە قىلىپ بېرەي، ئەمما ساڭا كەلگەن كۈنلەرنى تەرجىمە قىلماي. مەن ئىشلەپ پۇل تاپاي، ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن چەتئەللىكلەرگە تەرجىمە قىلدۇرايلى. ئىشەنسەڭ مەن سېنىڭ قاماق ھاياتىڭنى ئوقۇشقا، ئاڭلاشقىمۇ پېتىنىپ باقمىدىم، سەن كۆرگەن كۈنلەرنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىمەن» دېگەن ئىدىڭ.
سەپەرنىڭ ئالدىدا سېنى توسقان دوستلىرىڭ سېنى سۆيەتتى. سەن ئايروپىلاندا، ئۇچۇشقا بىر قانچە مىنۇت قالغاندا تېلېفون قىلغىنىڭدا كۆڭلى بۇزۇلغان ئاكاڭمۇ قايتىشىڭغا چاۋاك چالىدىغان كەم ئەقىل، چالا ساۋات، ئالا نىيەتلەردىن ئەمەس ئىدى. «ئاكا، يا سەن جىم تۇرمىساڭ، يا مەن توختىتالمىسام، ساقچى ماڭا، ئانامغا توختىماي سېنى توختىتىسەن دەپ بېسىم قىلسا، قانداق قىلىمەن؟ مەن كېتەي، ئۇلار ئانامنى قاماققا ئالمىسۇن، ئانام بولسىمۇ ئۇكام ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن ساق قالسۇن» دېسەڭ مەن نېمە دەيمەن، نېمە دېيەلەيمەن، قانداق قايىل قىلالايمەن!
قايتىشىڭدا سىر يوق، ئەقىل تەستىقلايدىغان سەۋەبمۇ يوق. پەقەت سېنى يىراقتىن قەلبىگە باغلاپ تۇرغان بىر ئانىنىڭ مېھرى بار. داداڭ تۇتۇلۇپ كەتتى. سېنى زاكاڭدىن ئايرىپ باققان بىر ھامماڭمۇ كېسىلىپ كەتتى. سەن ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ باقتىڭ. ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاشكارا سورۇندا، يۈز كۆزۈڭنى ئەتمەي تۇرۇپ مەيدانغا چىقىپ باقتىڭ، ئەمما ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىدى. سەن گۇۋاھلىق بېرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تۇغقانلار يەنە تۇتۇلدى، خىتاي تۇتۇشنى يەنىمۇ داۋام قىلدى، ھېچ بىرەيلەننى قويۇپ بەرمىدى.
قايتىشىڭدا سىر يوق، سەۋەنلىك يوق، بار بولغىنى مۇھەببەتنىڭ يۈكى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەردى، پەرزەنتلىكنىڭ بەدىلى. ھەممىمىز يىپى ئانىلارنىڭ يۈرىكىگە باغلانغان لەگلەك، بىزنىڭ تۇمشۇقىمىز مۇھەببەتكە ئىلىنغان، خىتاي بىزنى ئاشۇ مۇھەببەت سەۋەبلىك بۇغۇزىمىزدىن بۇغۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ مۇھاجىر جېنىمىز ۋەتەندە قەپەسكە سولانغان قېرىنداشلارنىڭ تىنىقى ئۈچۈن جىزىلداپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياشاپ قېلىشى، ھايات تۇرۇشى، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇۋالىمىزغا قالماسلىقى بىزنى قورقۇتۇپ تۇرىدۇ، بىزنى توختىماي ئاگاھلاندۇرىدۇ، جازالايدۇ. بىزنىڭ جاسارىتىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما زامىن بولماسلىق، ئۇۋالچىلىققا قويماسلىق سەۋەبلىك قىلىنىۋاتقان سۈكۈتلەر بىزنى كۈندە مىڭ قېتىم قەتل قىلىدۇ.
قايتىشىڭدا سىر يوق، ئەمما غەلىبىگە تەلمۈرگەن كۆزلەرگە تىقىلىۋاتقان قۇملار، چېچىلىۋاتقان قوقاسلار، مېھىرسىز ھۇجۇملار سېنى تويغۇزىۋەتتى بولغاي. مۇھاجىرەتتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر توقۇنۇشى، تەمسىز تەرەپدارلىقلار ئۇرۇشى، خىتايغا بولغان نەپرەتنىڭ كۆزلەرنى كۆر، ئەقىللەرنى لال، تىللارنى زەھەر قىلىشى سەندەك ساددا، تۈز، سەمىمىي چوڭ بولغان ئادەمگە ئېغىر كەلدى بەلكىم.
قايتىشىڭدا سىر يوق، قايتمىساڭ سېنى تۇتۇپ قالىدىغان، كۆزۈڭگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇتۇق، مەدەت، مۇھەببەتمۇ ھەم يوق ئىدى. داۋا ۋەدە قىلىۋاتقان كەلگۈسىگە مۇھاجىرەتتە ھېچ كىم يېقىن يولاپ باقمىغان، ھېچ بىر ھەرىكەت غەلىبىگە ۋەدىلىك ئەمەس. ھېچ بىر كۈچ كەلگۈسىگە بۇ مىللەتنى بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرۇپ باقمىغان.
مۇھاجىرەتتە ھەمرىيىڭ جاپا، دوستۇڭ غەم، دۈشمىنىڭ نەتىجە. تۇرۇۋاتقان ئەلدە پۇلنى قويماي تېپىپ، تىللادىن ساراي سالساڭمۇ يەرلىكنىڭ «سەن قەيەرلىك» دېگەن سوغۇق سوئالىغا تەمتىرەيسەن. شۇ سوئالغا ئۇچرىغاندا شۇ ھەيۋەت سارايلىرىڭمۇ سارغايغان ھالىتىڭنى سىغدۇرالمايدۇ. شۇ چاغدا دۆلەت ئەمەس، ئۆزۈڭ سېتىۋالغان داچىمۇ سېنى يەكلەيدۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ سېنى «كەلگۈندى، مۇساپىر» دەپ سەتلەيدۇ.
سەن قايتتىڭ مېھرىئاي، چۈنكى قايتساڭ بېرىلگەن ۋەدە يالغان بولسىمۇ ئېنىق، ئەمما مۇھاجىرەتتە سەن ئېرىشمەكچى بولغان غەلىبىمۇ نامەلۇم. مۇساپىرچىلىقتا جاننىڭ سىقىلىشى، سىقىلغاندا سىڭىپ كەتكۈدەك، ئىچىنى يېرىپ كىرىپ كەتكۈدەك بىر يەرنىڭ، بىر قۇچاقنىڭ بولماسلىقى، كۈتكىدەك كېلەچەك، كەتكۈدەك بىر ماكاننىڭ بولماسلىقى سېنى ھارغۇزۇۋەتتى. جېنىڭنى ئىككى تاش قىستى، قورام تاشتەك ئىككى مۇھەببەتنىڭ ئارىسىدا سىقىلدىڭ. ئاناڭنىڭ مېھرى بىلەن ئاكاڭنىڭ يولى سېنى تالاشتى. تىرىك تۇرۇپ ۋەتەندە كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە ئاكاڭ يېقىۋاتقان ئوتتا تەڭ كۆيۈش ئېغىر كەلدى ساڭا.
قايتىشىڭ سىر ئەمەس، بۇنىڭغا يەنە مەن سەۋەبكار. 2017-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى مىسىردا يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. مەن تۈركىيەدە بۇ ۋەقەنى جاكارلىدىم، داداڭ قەشقەردە تۇتۇلدى. «ئاكا، سەن قەھرىمان بولدۇڭ، دادام قۇربانلىق بولدى» دېدىڭ ئەتىسى كەچتە. ساڭا «ئەگەر سەنمۇ مەندەك قەھرىمان بولساڭ، ھەممە ئۇيغۇر قەھرىمانلىقنى تاللىسا ھېچكىم قۇربان بولمايتتى» دېگەنلىرىم ھېلىمۇ يادىمدا. بەلكىم سەنمۇ مەندەك قەھرىمان بولۇشنى تاللىغانسەن.
قايتىشىڭ سىر ئەمەس مېھرىئاي، ئۆلۈمۈڭ سىر. سېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭ سىردەكلا تارقالدى، يەنە سىر پېتى تۇرۇۋاتىدۇ. ئاخىرقى جۈملەڭ «ئاپام تېلېفون قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئاۋازىڭ بىلەن ئۈزۈلگەن ئىدى. ئاپاڭ نېمە دېدى، ئاپاڭغا نېمە دېگۈزدى، قاچان، قەيەردە نېمە بولدۇڭ، ھەممىسى تېپىشماقتەك جاۋابسىز تۇرۇپتۇ. شۇ ئاۋازدىن كېيىن سەن ھەققىدە نە بىر تاۋۇش، نە بىر ھەرپ ئاڭلىغان بولسام كاشكى.
قايتىش قارارىڭدىن كېيىن مەڭگۈلۈككە كەتكەنلىكىڭنى، سىرلار دۇنياسىغا سەپەر قىلغىنىڭنى ئاڭلىدىم. ئەمما مەن بۇ سىرنى چوقۇم ئاچىمەن. خىتاي تىرىك تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈك چىقىرىپ بەردى سېنى. مەن سېنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىڭنى، قايسى مەلئۇننىڭ قولىدا تىنىقىڭ توختىغاننى چوقۇم ئېنىقلايمەن. بەدىنىڭ توپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي يۈزۈڭنىمۇ ئاچقۇزماي دەپىنە قىلغۇزىۋەتكەن بولسىمۇ، مەن بۇ قاتىللىقنىڭ يۈزىنى ئاچىمەن. سېنىڭ ئۆلۈمۈڭنىڭ ئۆلۈملەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالماسلىقى، سان-ساناقسىز مېھرىئايلارنىڭ قۇياشلىق كۈنلەرگە چىقىشى، زۇلۇم زىندانلىرىنىڭ پاچاقلىنىپ، تاڭنىڭ تېزرەك ئېتىشى ئۈچۈن بۇ سىرنى ئاچماي قويمايمەن.
- ئۇ شۇنداق بىر ئەدىب ئىدى
2019.06.28
نۇرمۇھەممەت توختى تۈگەپ كەتتى، تىز پۈكمەس خوتەندە ئۇيغۇر! ئۇيغۇر! دەپ سوقۇۋاتقان بىر يۈرەك توختىدى، زۇلمەتلىك ۋەتەن ئاسمىنىدىن بىر ھۆرلۈك يۇلتۇزى سارقىپ كەتتى. بىز ئۇنى ئاكىمىزدەك كۆرۈپ نۇرمەمەتكام دەيتتۇق، شۇنداق دەيدىغانلاردىن بەزىمىز سىرتتا، قالغانلار بۇ مۇسىبەتتىنمۇ بىخەۋەر قارا زىندانلارغا بەند. ۋەتەندىكى تاراتقۇلاردا بۇ ئۆلۈمدىن ھېچ بىر خەۋەر يوق، يېزىلغان ھېچ بىر مەرسىيە يوق، ئەمما ئەركىن دۇنيادىكى ئاخبارات بۇ ئۆلۈمدىن لاگېردىكىلەرنى يالماۋاتقان بىر ئەجەلنىڭ بىشارىتىنى سەزدىمۇ جىددىيلەشتى. ئۇستازنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ئۇيغۇرنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر مىللەتنىڭ ئەجەللىك ھالىتىدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى ئۇستاز ئايۋاندا ئەمەس، زىندان سەۋەبلىك ئۆلدى، ئۈركۈپ كەتكەن ئەجەلنىڭ قولىدا ئەمەس، مىليونلىغان ئۇيغۇرغا ئەجەل ۋەھىمىسى سېلىۋاتقان ھۆكۈمران كۈچنىڭ زەربىسىدە جان ئۈزدى.
خۇددى يۈرىكىم تۇيغاندەك ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇستازنى سۈرۈشتە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئاخىرى 9-ئىيۇن «نۇرمەمەت توختى ئۆلۈپ قاپتۇ» دېگەن جاۋاب كەلدى. ماڭا ئەزەلدىن ناخشىدەك لىۋەن ئاڭلىنىدىغان خوتەن شېۋىسى شۇ كۈنى ھازىدەك مۇڭلۇق ئاڭلاندى. ئۈچ كۈن سۈرۈشتە قىلدىم، خوتەندىن، ئۈرۈمچىدىن ۋە مۇھاجىرەتتىكى يېقىنلاردىن كەلگەن جاۋاب ئوخشاش، ئىشەنمەسلىككە ئامال يوق ئىدى. مېنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى 2018-يىلى نويابىردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن يازغۇچى ھەققىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان يېقىن-يورۇقلارنىڭ تا ئۆلۈم خەۋىرى بولغۇچە بىر ئېغىز زۇۋان سۈرمەسلىكى بولدى.
مەن ئۇستازنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان مېھرى، ئۇيغۇرلۇققا بولغان ساداقىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان ئىخلاس ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن تولغان بايانلىرى مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇستازنىڭ ھەر قانداق ئىزىم ۋە ئىدېئولوگىيەلىك پەردازلاردىن خالى ئەسەرلىرى ماڭا ساپ ئەدەبىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ روزى سايىت، ئەخمەت ئىمىن، جاپپار ئەمەت، تاھىر تالىپ قاتارلىق ئەدىب دوستلىرى ھەققىدە يازغانلىرى ماڭا دوستلۇق، ۋاپا ۋە ئەھدى-پەيمان ھەققىدە دەرس بەرگەن ئىدى. دوستلۇقنى ئەزىزلەيدىغان ئەدىب «قۇرئان» دىكى دوستلۇققا ئائىت ئايەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان.
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە»، «ئۆز جىبرانىمىزغا مۇبارەك» «ئەلۋىدا، جاپپار ئاكا» دېگەن تەسىرلىك ئەسەرلىرى دوستلۇققا بېغىشلاپ يېزىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ روزى سايىتقا بېغىشلاپ يازغان «دېھقان شائىر روزى سايىت» دېگەن كىتابى بىر دوستلۇق ئابىدىسى ئىدى.
ئۇستازنىڭ قەلىمىدە يىراقتا قالغان تارىخ يېقىنلاپ، قاراڭغۇ ئۆتمۈش يورۇپ، مۈجمەل كەچمىشلەر سۈزۈلۈپ ئەينەككە ئايلانغان ئىدى. ئۇ «شاھ مەشرەپ خوتەندە»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» دېگەندەك ئالقىشلىق ھېكايىلىرى بىزگە تارىخىمىزدىكى ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سەۋەنلىكلەرنى يېشىپ بەرگەنلىكى بىلەن ئەھمىيەتلىك. مەسىلەن، شاھ مەشرەپ خوتەندە دېگەن ھېكايىدە ھەقىقەتكە ئەمەس نوپۇزغا چوقۇنۇش، بىلىمگە ئەمەس بىلىم ئەھلىگە چوقۇنۇش، كىتابقا ئەمەس مەدداھقا ئەگىشىشكە ئوخشاش نۇقسانلارنىڭ ئېچىنارلىق ئاقىۋىتىنى سەنئەتلىك تىل، قىزىقارلىق ۋەقەلىك بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» دېگەن ھېكايىدە خوتەن كېرىيەدىكى جاھاندىن، تەرەققىياتتىن، پەندىن بىخەۋەر قارام ئىنقىلابچى ۋە ئىلىمسىز ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قانداق چاپسان ئۇتۇق قازىنىپ، قانداق پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغانلىقى يېزىلغان.
ئەدىب نۇرمۇھەممەت توختى ساپ ئەدەبىياتقا مەنسۇپ ئەسەرلىرى بىلەن سۆيۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئامانەت»، «شەھلا كۆز»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا»، «چۆل ئوغلى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەر قانداق غەرب تىلىغا تەرجىمە قىلىنسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغان ھالدا ئۇتۇقلۇق يېزىلغان. بولۇپمۇ «چۆل ئوغلى» ناملىق پوۋېستىنى دۇنياۋى يازغۇچى ئايتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» دېگەن ئەسىرىگە ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۇنىڭ «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»، «يېڭى قوشنا» دېگەن ھېكايىلىرى تۈزۈم پەيدا قىلغان پىرامىدىنىڭ ئاستىدا بۇلغانغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتلارنىڭ يونۇش، ئۇپرىتىشلىرىدا يىمىرىلىۋاتقان ئىنسان روھى ئۆزگىچە سۈرەتلىگەن.
نۇرمۇھەممەت توختى ساپ ئەدەبىيات بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەسكىن ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئەمەس، ئۇ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» نى تەرغىب قىلىپ ئاۋام كۆنگەن، ئاددىي، ئاممىباب ئۇسلۇپتىكى ئەدەبىياتنى رەت قىلغان يازغۇچى تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ خەلق تىلىدا «رەڭگارەڭ ئالۋاستىلار»، «خوتەندىن خەت»، «خوتەن دىھقانلىرى ۋە شائىر روزى سايىت» دېگەندەك ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىپ ئۇيغۇر ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كىرزىسلارنى قەلەمگە ئالغان. ئۇ «رەڭگارەڭ ئالۋاستىلار» دېگەن ئەدەبىي ئاخباراتىدا 90-يىللاردا ئۇيغۇردا يامرىغان زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. «خوتەندىن خەت» دېگەن ئەسىرىدە ئاپتور ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھاشار مەسىلىسى، بولۇپمۇ خوتەن دىھقانلىرىغا مەجبۇرىي تېڭىلغان پىلە ئالۋىنى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ۋەيرانچىلىقلارنى ئېچىپ بەرگەن.
نۇرمۇھەممەت توختى تولىمۇ ئۈمىدۋار ئەدىب ئىدى، ئۇ مىللىتى ياراتقان زەررىچىلىك نەتىجە بولسىمۇ قەلەمگە ئالاتتى، يۇرتىمىزدىكى ئالمىدەك ئۇتۇقتىن ئالەمچە خۇشاللىق تاپاتتى. ئۇ ئۇيغۇرغا بېرىلگەن تېرىقتەك پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئەلگە خىزمەت قىلغان ھېچ بىر كىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايتتى. مىللەتكە كۈچ قوشقان ۋەزىپىدارلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق باشقا ئەمەلدارلارغا مەدەت بېرەتتى. ئۇنىڭ «سەن بىزنى باي قىلدىڭ، خوتەن قاشتېشى»، «كىمدۇر ئۇل كۆپلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان»، «سېكىرتارلىقتىن تېۋىپلىققىچە»، «خوتەن سەيپىدىن ئەزىزىنى ئەسلەيدۇ»، «ھاكىمنىڭ كەپىسى» دېگەن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ شۇ خىلىدىكى ياخشى نىيەت، رىغبەت ۋە ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان.
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ يازغانلىرىدىن يازىدىغانلىرى كۆپ ئىدى، گەرچە ئۇنىڭ «چۆل ئوغلى»، «شەھلا كۆز»، «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر»، «سەن بىزنى باي قىلدىڭ، خوتەن قاشتېشى»، «قوشتاغدىكى مۇشائىرە»، «دېھقان شائىر روزى سايىت» قاتارلىق بىر قانچە كىتابى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇن تېمىلار ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.
نۇرمۇھەممەت توختى تۈگەپ كەتتى. ئۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ماتەملەرنىڭ ھازىدارى، كۈلپەتلەرنىڭ مۇڭلۇق كۈيچىسى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدلىك كەلگۈسىنىڭ بىشارەتچىسى، پارلاق ئىستىقبالىنىڭ جاكارچىسى ئىدى. ئۇ زالىمنىڭ ئالدىدا ھەقتىن تايمىغان، زۇلۇم سەۋەبلىك ئادالەتكە بولغان ئېتىقادتىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇ ئىجادىيەتلىرىنى مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ كۆزىدىكى ئۈمىد، چېھرىدىكى كۈلگە، قەلبىدىكى ئىشەنچنى پورەكلىتىش ئۈچۈن بېغىشلىغان ھەقىقىي ئەدىب ئىدى.
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/adip-06282019174025.html
- قەھرىمانلىققا پۈتۈكچى قەلەم
24/12/2020
ئابدۇراخمان قاھار ۋاپات بولدى. قەھرىمانلارنى خاتىرىلەپ مۈكچەيگەن بىر ئېگىلمەس روھ مەرھۇملارنىڭ يېنىغا كەتتى. بېشىغا ھەر قانچە كۈلپەت ياغسىمۇ باتۇرلارچە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بىر داستانچىسى، بىر تەسەللىچىسى ۋە بىر تەشەببۇسچىسىدىن ئايرىلدى. زۇلۇمنىڭ قەپەسلىرىدە ياشاۋاتقان مۇڭلۇق خەلقىمىزگە قەھرىمانلىق قىسسەلىرى ئارقىلىق تەسەللى بېرىۋاتقان، قەھرىمانلارچە ياشىغان ئەجدادلارنى ئەسلىتىپ قەھرىمانلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر قەلەم يېزىشتىن توختىدى. 13-دېكابىر كۈنى مەرھۇم يازغۇچىنىڭ تېنى تۇپراقنى قۇچاقلىدى. ئۇنىڭ قەبرىسى ئۆزى سۆيگەن تۇپراقنىڭ مەڭگۈ تېشىغا ئايلاندى
ئابدۇراخمان قاھار دېسە ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمغا «ئىلى دولقۇنلىرى» كېلىدۇ. بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمى 1982-يىلى، ئىككىنچى قىسمى 1986-يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى. رومان ماڭا بىر نامرات سەھرا ئوغلىنىڭ قانداق جاپالاردا ياشاپ ۋە ئوقۇپ جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى ۋە مۇستەمىلىكىچى تۈزۈمنى چۈشەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇ قاراڭغۇ ھاياتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. رومان نەشر قىلىنىشتىن بۇرۇن مەرھۇم چوڭ قىزىنىڭ تويىدا قىز يىگىتنى نىكاھتىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىلار ياتقان قەبرىستانلىققا گۈل قويۇشقا ئەۋەتكەن ئىكەن. بۇ ئىش «ئىلى دولقۇنلىرى» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن غۇلجا ياشلىرىدا بارا بارا ئەۋج ئالغانىكەن.
«ئىلى دولقۇنلىرى» روماننىڭ بىرىنچى قىسمى نەشر قىلىنغان ۋاقىت خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت ئېمبارگوسىنى ئازراق بوشاتقانغا تېخى بىر قانچە يىل بولغان چاغ ئىدى. كېيىنكى يىللارنىڭ كۆزىدە قارىسا تارىختىكى قەھرىماننى قەھرىمان دېيىش، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلارنىڭ ھاياتىنى يېزىش نورماللىقتەك بىلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ زۇلمەتلىك سىياسىتى تېخى پۈتۈنلەي يوقالمىغان، ئۇيغۇرنى كۈيلەپ، زامانغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان بىرەر پارچە شېئىرى بىلەن ئۆمۈرلۈك قامالغانلار بوشىىتىلغانغا بىر قانچە يىل بولغان، ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ ئەرۋاھى تېخى ئۇيغۇرنىڭ قەلب يارىسىنى تاتىلاۋاتقان 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بىر يازغۇچىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى يېزىش ئۈچۈن غەيرەتكە كېلىشىنى قەھرىمانلىق دېمەي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ئالتە يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولغان بىر دەۋرنىڭ، ئۇيغۇردىن چىققان تۈمەنلىگەن قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش ھەقىقەتەن قەھرىمانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر پەرزەنتىنىڭ ئېيتىشىچە مەرھۇم «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىنى 70 يىللارنىڭ بېشىدا يېزىپ پۈتكۈزگەنىكەن. ئەمما ئەسەر مەھەللىلەرنى ئارىلايدىغان «قىزىل قوغدىغۇغۇچىلار» نىڭ قولىغا چىقىپ قېلىپ «زەھەرلىك كىتاب»، «ئىنقىلابى ئاممىنى ۋە قىزىل ئەۋلادلارنى بۇلغايدىغان ئەكسىيەتچى ئىدىيەلىك ئەسەر» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلانغان، ئاپتورمۇ ھەرەج تارتقانىكەن.
1982-يىلى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تۇنجى رومانى «ئىلى دولقۇنلىرى» نىڭ 1-قىسمى نەشر قىلىنغاندا مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئىدىم. مەن ئۇچاغدا بۇ روماننىڭ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇرغا ئىككىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پۇرسىتى بەرگەن ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇ يىللاردا يېزىلغان رومانلاردا ئىنقىلاب ئاتالغاننى خىتايلار قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ چاغدىكى ئەسەرلەردە قەھرىمان ئاتالغانلار چوقۇم خىتاي بولۇشى، چوقۇم خىتايدا ئاتالمىش يېڭى تۈزۈم بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولغان بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىر كىتابتا ماڭا ئوخشاش ئىسمى بار ئۇيغۇر قەھرىمانلارنىڭ چىقىشى، قورال تۇتۇپ، «ھۇررا» توۋلاپ ئۇرۇش قىلىشى ماڭا بەكمۇ ھەيران قالارلىق تۇيۇلغان ئىدى.
مەن «ئىلى دولقۇنلىرى» نى ئوقۇشتىن بۇرۇن «قاناتلىق خەت»، «باھادىر شاھ لى زېچىڭ»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ كىتاب يازىدىغانلار خىتاي بولىدۇ، قەھرىمان دېگەننىڭ خىتايچە ئىسمى بولىدۇ، باتۇر، قوماندان، داھىي دېگەنلەر خىتايلاردىن چىقىدىغان كىشىلەر ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىكەنمەن. «ئىلى دولقۇنلىرى» ماڭا ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىرھاجى، قاسىمجان قەمبىرى دېگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ قەھرىمان دېيىشنى ئۆگەتكەنىدى. ئابدۇراخمان قاھار دېگەن بۇ ئىسىم مېنىڭ «كىتاب يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي بولىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئويۇمنى ئۆزگەرتكەنىدى.
«ئىلى دولقۇنلىرى» چىققان ۋاقىت مېنىڭ يېڭى يېزىق دېيىلىدىغان خىتايچە پىنيىندا ساۋات چىقارغان چاغلىرىم ئىدى. دادام قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇ كىتابنى جىن چىراغنىڭ يورۇقىدا ئوقۇپ بېرىۋېتىپ ئابدۇراخمان دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى چىققاندا توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ ئۆيگە بىر قانچە قېتىم كەلگەن ئابدۇراخمان ناۋايى دېگەن شائىر كىشى كىتابتىكى ئابدۇراخمان دېگەن شېئىر يازىدىغان جەڭچىنىڭ ئۆزى ئىكەندۇق. ئاتقا مىنىپ مەكتەپمۇ مەكتەپ ئارىلايدىغان، سىنىپلارغا كىرىپ ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتىكى ساۋاتىمىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان، چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن ئۇ كىشىنى دادام بەك چوڭ بىلەتتى. ئۇ ئادەم ئۆيىمىزگە كەلسە دادام كىچىك بالىدەكلا بولۇپ قالاتتى. مەن ئۇ كىشىنى چوڭ باشلىق دەپلا بىلەتتىم، ئەمما ئۇنىڭ كىتابلاردا ئىسمى چىقىدىغان، كىنولاردا ئاجايىپ باتۇرلۇقلارنى قىلىدىغان دوڭ سوڭرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭلاردەك قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيران قالغانىدىم. شۇ كۈنى دادامنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىنى نېمىشقا بۇنچە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەنىدىم.
«ئىلى دولقۇنلىرى» نىڭ 2-قىسمى 1986-يىلى نەشر قىلىنغانىدى. ئۇ چاغدا دادام كىتابنى ئېلىپ بېرىدىغان، ئەمما ئوقۇپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. بۇ رومان مەندىن چوڭ كىتابخۇمار ئۈچ ئاكام ۋە ئاچامدىن ئاشماي مېنى بىرەر ئاي نۆۋەت كۈتۈشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. روماندىكى نادەمدەك ئادەم بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇغان ۋە دوستلار بىلەن بىرلىشىپ بىر «يەر ئاستى تەشكىلات» نىمۇ قۇرۇپ چىققانىدۇق.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئازادلىق ئىنقىلابى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىن «كەچۈر مېنى نازاكەت» دېگەن پوۋېستىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەردە ئاپتور باش قەھرىماننى «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانىدىكىگە ئوخشاش ئارتۇقچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ قويۇشتىن ۋە زىيادە غايىۋىيلاشتۈرۈشتىن ساقلانغان بولۇپ ئىنسان تەبىئىتىدىكى مەڭگۈلۈك كەمتۈكلۈكلەر چىنلىق بىلەن يورۇتۇلغان.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە، ئىلى ئايرودرومى ۋە ھەرەمباغنى ئېلىش سوقۇشىدا شېھىت بولغان 19 ياشلىق قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلگە بېغىشلانغان «توزۇماس گۈل» ناملىق رومانىمۇ سۆيۈپ ئوقۇلغان رومانلارنىڭ بىرى. بۇ روماندا بىر ئۇيغۇر قىزنى قەھرىمان قىلىدىغان دەۋرىي مۇھىت، مىللىي كەمسىتىش ۋە ئايرىمچىلىقلار ئەتراپلىق يورۇتۇلغان. ئەسەردە غۇلجانىڭ 1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئىجتىمائىي ھاياتى ئەينەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رومان شەھەر ھاياتىنىڭ ئانتروپولوگىيەلىك خاتىرىسى دېيىشكە بولىدىغان بىر قىممەتكە ئىگە.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئەسىرى «يىراقتىكى كىشىلەر» دۇر. ئاپتور بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھەپتىدە بىر ماشىنا قاتنايدىغان دەريابويى يېزىسىغا بېرىپ، شۇ يەردە دېھقانلار بىلەن يېتىپ قوپۇپ ئۈچ ئاي تۇرمۇش ئۆگەنگەن. روماندا ئىشلىتىلگەن تىل، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ھېكايە-رىۋايەتلەردىن تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ نەچچە مىڭ يىل ياشىغان بىر قەدىمكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت چىنلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. ئەپسۇس ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ بۇ جانلىق مۇزېيى 2020-يىلغا كەلگەندە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى. دەريابويى خەلقى يۇرت ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ، خىتايچە سېلىنغان تۆت چاسا خىتايچە ئۆيلەردە ياشاشقا مەجبۇرلاندى.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ رومانلىرىنى كۆزەتكىنىمدە قەھرىمانلارچە ياشاۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي مىلىتارىستلار پەيدا قىلغان تەڭسىز مۇئامىلە، مۇستەملىكىچى تۈزۈم ۋە ئادالەتسىز رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭگاھلاردا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ غەلىبە قىلىدۇ. يەنە بەزىسى خىتاينىڭ قىزىل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ناچار تەبىئىي شارائىت، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ۋە سىياسىي توسقۇنلۇقلار بىلەن تىركىشىپ بازارلاردىن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇرلار مەيلى جەڭگاھتا بولسۇن، ياكى بازاردا بولسۇن ھۆرلۈكنى مەنپەئەتكە تېگىشمەيدۇ؛ ھوقۇقلۇق بولغان، ھالاۋەت كۆرگەن كۈنلەردىمۇ ھەققانىيەتتىن، ئادالەتتىن ۋە ئەپۇچانلىقتىن ۋاز كەچمەيدۇ.
ئابدۇراخمان قاھار ئەسەرلىرىنىڭ ۋەزنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ قىممىتى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرچە كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۆرۈگە ئېلىنغان چاغلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ تىرىك مۇزېيى بولغان قەدىمى شەھەرلەرنى، قەدىناس يېزا-بازارلارنى ۋەيران قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ئابدۇراخمان قاھارغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەن ئۆڭمەس ئوبرازىنى بىتچىت قىلالمايدۇ. خىتاي يوقاتماقچى بولغان تارىخنىڭ خاتىرىسى ۋە بۈگۈننىڭ ئابىدىسىنى ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلار ھامان قايتىدىن تىكلەپ چىقىدۇ.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ تەرجىمىھالى
ئابدۇراخمان قاھار 1935-يىلى 11-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1945-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1952-يىلى «ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى» غا ئوقۇشقا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1953-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇشنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن 1956-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى دارىلمۇئەللىمىنلەردە ۋە ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى(ھازىرقى ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئابدۇراخمان قاھار 1988-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ مەخسۇس ئىجادىيەتكە مەشغۇل بولغان. ئۇ خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
ئابدۇراخمان قاھار 1953-يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم» ) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «بەختىمىز كۈلدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قوشۇلغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومان ۋە ئەدەبىي خاتىرە ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» (ئىككى قىسىم)، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «يىراقتىكى كىشىلەر»، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «توغراق قىزنىڭ ئاشىقى»، «توزۇماس گۈل» قاتارلىق رومانلىرى، «كەچۈر مېنى نازاكەت»، «ئادەملەر ماڭا رەھىم قىلماڭلار»، «ئاھ ياشلىقىم»، قاتارلىق پوۋېستلار توپلىمى، «ۋاپا» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى بولۇپ 20گە يېقىن كىتابى نەشر قىلىنغان. «ئىلى دولقۇنلىرى» رومانى 1991-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى خىتاي مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى باھالاش بويىچە 6-نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
https://www.rfa.org/uyghur/mulahize/abdurahman-qahar-12232020173552.html?fbclid=IwAR2fy4LBXsChGFgjsQI6V7C6y6UxuXDWhFu_PC3HNrU3ESBmDAW5cvJpe3Y
- خەيرلىك سەپەردە خالمۇرات غوپۇر
2020.08.20
«خالمۇرات غوپۇر ئورۇنلاشتۇرغان، چاتاق چىقمايدۇ!» دېگەن ئىدى بىر دوستۇم بۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى 23-ئاۋغۇست. ئۇ كۈنى مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىر سودا ئۆمىكىگە تەرجىمان بولۇپ تۈركىيەگە بېرىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. ئۆمەك تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقماقچى ئىكەندۇق. «بارالمايمەن» دېدىم، ئەمما سەۋەبىم ئۇلارنى قايىل قىلالمىدى. ئۆمەكتىكىلەر خالمۇرات غوپۇرغا ئىشەندى. ئۇلار مېنىڭ دىلويۇمنى ئاددىي چاغلاپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە مېنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن كېسىلگەنلىكىم ئۇلارنى خاتىرجەم قىپتۇ.
مېنىڭ تۈركىيەگە بېرىشقا ئەمەس، ئىستانبۇلغا بىلەت ئالالىشىمغا، ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا چىقالىشىمغا تىرناقچىلىكمۇ ئىشەنچىم يوق ئىدى. ئۆمەكنى تەشكىللىگەن خالمۇرات غوپۇر ھەرقانچە قابىل رەھبەر بولغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشلىرىگە ئارا تۇرالمايتتى. ئۇ ھەر قانچە ئىناۋەتلىك سىياسىي ئەرباب ۋە مۇھىم شەخس بولغان تەقدىردىمۇ مېنى تۇتقان ۋە دائىم پايلاپ يۈرىدىغان، ئايرۇرپورتتا قول سېلىشى مۇمكىن بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا بۇيرۇق بېرەلمەيتتى.
تەرجىمانلىق تەكلىپىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ۋە ئىككى دوستۇم تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىشىگە قوشۇلغىنىمىز ۋە ئىقرار بولغىنىمىز ئۈچۈن سىياسىيغا باغلىنىپ يېتىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغانىدۇق. مەن بۇ گەپلەرنى دېيەلمىگەچكە ئۆمەكتىكىلەر «ئىقتىسادىي جىنايەت بولغاندىكىن ھېچ گەپ يوق، خالمۇرات غوپۇر باش بولغان ئىشتىن چاتاق چىقمايدۇ!» دېگەندە چىڭ تۇردى.
25-ئاۋغۇست كەچتە، ئۆمەك تاموژنا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە مېنى ئايرىم ئۆيدە ئېلىپ قالدى. ئايروپىلان مەن سەۋەبلىك يېرىم سائەت كېچىككەندە بەلكىم ئۇلار ھەممىنى چۈشەندى بولغاي، بىرقانچەيلەندىن باشقا ھېچ بىرىنىڭ چىرايى ئېچىلمىدى، كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ماڭا چىش يېرىپ گەپمۇ قىلمىدى. ئىستانبۇلدىكى مېركۇرى مېھمانسارىيىدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالدۇق. خالمۇرات غوپۇر بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشتۇق. تۇنجى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئارىمىزدىكى بىر دوپپىلىق مويسىپىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشكىنىگە دىققەت قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇ قەشقەرلىك بوۋايغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ زەردەمنى قايناتقانىدى.
خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەلەپپۇزى يېنىك ۋە سىلىق ئىدى. مەن ئۇنىڭ رۇسىيەدە دوكتۇرلۇقنى پۈتكۈزۈپ ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن، ئۇيغۇر تېبابەت دورا زاۋۇتى بەرپا قىلغانلىقىدىن ۋە ئاخىرىدا تېببىي ئۇنۋېرىستىتتا ئۇيغۇر تېبابەت فاكۇلتېتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلەتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسىنى ئاۋۋال زامانىۋى تەجرىبىخانىغا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا، ئاخىرىدا تەتقىقات قوشۇنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ بازىسىغا ئىگە قىلغانىدى.
خالمۇرات غوپۇر شۇ كۈنى ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنى تېببىي ئۇنۋېرىستېتقا قوشۇۋېلىشنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخىنىكومىنى تېببىي ئۇنۋېرىستېتىقا ئۆزگەرتىش ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىغا ئىسلام ئىنستىتۇتىنى قوشۇۋېتىش تەشەببۇسى مېنى ھەيران قىلغانىدى. ئۇنىڭچە ئىسلام ئىلىملىرىنى ھۆكۈمەت بىر ئىلىم دەپ ئېتىراپ قىلسا بۇ ئىلىمنى ئوقۇيدىغانلارمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەنلەردىن تاللىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭچە ھازىرقى ئۆلىمالار ئىسلامدىن ئۇيغۇرلارغا ماس پىكىر يارىتالمىغاچقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەرەپلەشمەكتىكەن. ئۇنىڭچە كونا پىكىرلەر خەلقنىڭ دىنى ئېھتىياجىغا، دۇنياۋى يۈزلىنىشكە ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشماي قالغان، شۇڭا ئىسلام ئىنىستۇتىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ بىر بۆلۈمى قىلماي تۇرۇپ ئۇنداق يۇقىرى ساپالىق ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بولمايدىكەن.
خالمۇرات غوپۇرنىڭ مەن خاتىرەمگە يېزىپ قويغان ئەسلى سۆزى مۇنداق ئىدى. «بەزى ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئۇيغۇرلار ئىسلامنى تارىختىن بۇيان ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىپ كەلگەن، كىچىكىدىن يېتىشىپ چىقمىسا ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇغانغا ئۆگىنىپ بولالمايدۇ، دەپ قارايدىكەن. مەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى قۇرغاندا، فاكۇلتېت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ تېۋىپلار شۇ گەپنى قىلغان. تېبابەت دېگەننى ئۇستازغا ئەگىشىپ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمايدۇ، دەيدىغانلار چىققانىدى. مانا بىز بۈگۈن ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەجرىبىخانىغا ئېلىپ كىردۇق، ئالىي مەكتەپتە ئۆگىتىۋاتىمىز، قېنى شۇ بولمايدۇ، دېگەنلەر؟ شۇڭا بىز خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيمىز دەيدىكەنمىز ئىدىيەمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر ئىسلامنى ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇپ ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، دېگەن گەپ بىلەن بۇرۇنقى تېبابەتنى مەكتەپتە ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەپ قاراشنىڭ پەرقى يوق». ئۇنىڭ شۇ كۈنى «بىز تۈركىيەگە مەبلەغ سالغىلى، تېبابىتىمىزنى تەشۋىق قىلغىلى كەلدۇق. ئۇيغۇرلار چەتئەلگە بىر بولسا بىلىم ئالغىلى، پۇل خەجلىگىلى ياكى بولمىسا يېلىنىپ پاناھلانغىلى چىقمىسۇن، بىلىم بەرگۈچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، زاۋۇت قۇرغۇچى بولۇپمۇ چىقسۇن، دۇنيا بىزنى تىلەمچى كۆرۈپ قالسا بىزگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ!» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا.
خالمۇرات غوپۇر ناتىق ئىدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆمەك ئەزالىرىنى قايىل قىلغان نۇتۇقلىرىدەك نۇتۇقلارنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ تەرىپى، رىغبەتلىك نۇتۇقلىرى ۋە ئىلھامبەخش سۆزلىرى ھەققىدە دوستلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. مېنىڭ شاھىت بولغىنىم 2007-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى چىققاندا ئۆگىنىشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. خالمۇرات غوپۇرنىڭ شۇ يىللاردا كەچلەردە ئائىلىسىدە ئۆگىنىش شارائىتى يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا ئىدارىدە ياتاق بېرىلمەي، كۈندۈزى ئىشلەپ كەچلىرى ئىشخانا بىناسىدىكى بىر ھاجەتخانىغا قاتلىما كارىۋات قويۇپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا شۇ يەردە تەييارلىق قىلغانىكەن. ئۇنىڭ نۇتۇق ئاخىرىدا «جېنىم بالىلار، ئوماق ساۋاقداشلار، بىز باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە قاتتىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئىستىقبالىمىز تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق، ئەمدى ئۆگەنمەسلىككە باھانىمىز يوق!» دېگەن گەپلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن 2018-يىلى خىتاي ئىشلىگەن تەشۋىقات فىلىمدا «2030-يىلى بىر خەلىپىلىك قۇرۇپ ئۆزى داھىيسى بولماقچى بولغان» دېگەن بىر كۈلكىلىك جۈملە ئۇچرايدۇ. خالمۇرات غوپۇر بىلەن ئۇچراشقان خەيرلىك سەپەردە ئۇنىڭ «مەن ئاپتونوم رايونغا رەئىس بولغان بولسام» دېگەن سۆزىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلىغانىدىم. ئەمما مەن ئۇنىڭ خەلىپىلىك دېگەن سۆزنى چۈشىنىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن. كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇغان، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ زىيالىي ھېچ قاچان خەلىپىلىك چۈشى كۆرۈپ يۈرمەيدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى» ئوتتۇرا شەرقتىكى كاللاكېسەر رادېكال «دەپ ھېسابلىغان بولغاچقا ئۇ ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ئۇيغۇن بولمىغان بىر يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپتۇ.
مەن بىلىدىغان خالمۇرات غوپۇر كاللىسى ھەر دائىم پىلانلار بىلەن لىقلانغان، قولى ئىشلار بىلەن مەشغۇل، كىشىلەرنى بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن ئايلاپ بۇغداي نانسىز ئىشلىتەلەيدىغان تەشكىلاتچى ئىدى. ئۇ تەشكىللىگەن شۇ خەيرلىك ئۆمەك مېنىڭ سەپەر قىلىشىمغا ۋە تەۋەككۈل قىلىپ قارماقتىن قۇتۇلۇشۇمغا سەۋەب بولغانىدى. ئەلۋەتتە خالمۇرات غوپۇرنىڭمۇ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلىرى يوق ئەمەستۇر. پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، تەتقىقاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئورگانلارنى قۇرۇش ۋە يېتەكلەش جەريانىدا يۈز ئادەمنى خوش قىلسا مىڭ ئادەمنى رەنجىتكەن يەرلىرى باردۇر. پەقەت ئۇيغۇر ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمىغان ئادەملا ھېچ بىر دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك ۋە سۆز چۆچەكلەردىن يىراق ياشايدۇ. مەيلى نېمە بولمىسۇن ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنى زامانىۋى تەجرىبەخانىلارغا، زاۋۇتقا ۋە دوراخانىلارغا ئېلىپ كىرگەن، ئۇيغۇر ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ ئىلھاملاندۇرغان، تېبابەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇردا مىللەتكە پەخىر ۋە ئىشەنچ ئۇرغۇتقان تۆھپىكار شەخس ئىدى.
خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەرجىمىھالى
خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شاڭخەي جۇڭيى تېبابەت ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتتۈرگەن. 1988-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى رۇسىيەنىڭ سانكىت–پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1996-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، 1998-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولغان. 2017-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن. 2017-يىلى دېكابىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2018-يىلى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئىككى يىل كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خالمۇرات غوپۇرتەتقىقات ھاياتىدا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. خىتايدا ۋە چەتئەللەردە 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلدۇرغان.
07/12/2020
تاشپولات تىيىپنىڭ تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرنىڭ سۆزدە بار، ئەمەلدە يوق سىياسىي ھوقۇقلاردىن تولۇق ئىنكار قىلىنغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالدى. 1955-يىلى ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىپ 2020-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى قېتىم خىتايدىن باش مۇدىر قويۇلدى. تاشپولات تىيىپ 2002-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ھوقۇقىنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا، 2012-يىلى ئېتىقاد ھوقۇقىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ئاشكارا چەكلەنگەنلىكىگە ئىشخانىدا تۇرۇپ شاھىت بولغان بولسا، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئىنسانلىق دۇنياسىغا مەنسۇپ بارلىق ھەق ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى قاماقخانىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئىسپاتلىغان بولدى. مەكتەپ تورىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدىكى مۇدىرلار قاتارىدا جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئىسمى شەرەپ تاختىسىغا ئېسىلغان بولسا، تاشپولات تىيىپنىڭ ئىسمى، تۆھپىسى ۋە رەسىمى چىقىرىپ تاشلاندى.
مېنىڭ 1998-يىلى تاشپولات تىيىپ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىم بىر دوستۇم يازغان ماقالە سەۋەبلىك بولغان ئىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا ئىشلەيدىغان ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرلاردىكى چۈشكە بولغان چۈشەنچىلەر ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدى. مېنىڭ تەۋسىيەم بىلەن بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىملىي ژۇرنىلى» غا ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزاق ساقلىتىلىپ بېسىلمايدىغان بوپتۇ. ئۈمىد بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، بۇ ئىشنى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى تاشپولات تىيىپقا دەپ باقماقچى بولدۇق.
تاشپولات تىيىپ ئالدى بىلەن ئۈمىدنىڭ قايتۇرۇلغان ماقالىسىنى قولىغا ئېلىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەن بولدى. ئاندىن ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە نەقىل مەنبەلىرى ھەققىدە بىرئاز پاراڭلاشتى. ئەسەرنىڭ بېسىلماسلىقىغا كۆرسىتىلگەن «خەلق قوبۇل قىلالمايدۇ» دېگەن سەۋەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ سەل نارازى بولغاندەك بولۇپ قاپاقلىرى تۈرۈلدى. ئۇ خۇددى ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك قىلىپ: «‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى ئىلمى ژۇرنىلى› يا ئاممىۋى ژۇرنال بولمىسا، يا بۇ خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق تەشۋىقات ژۇرنىلى بولمىسا، نېمىشقا خەلقنىڭ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى بىر ئىلمىي ماقالىنى بېسىش-باسماسلىققا ئۆلچەم قىلغاندۇ؟ ئەگەر بىز بىر ئىلمىي ئەسەرگە پەننى، پاكىتنى ئەمەس، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئۆلچەم قىلساق، بىزنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىدىن پەرقىمىز قالامدۇ؟» دەپ غۇدۇراپ كەتتى. ئاندىن ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ كۆرسەتمە بەرگەندەك قىلىۋېدى، ماقالە بېسىلىدىغان بوپتۇ.
شۇ كۈنى تاشپولات تىيىپ بىلەن تەشۋىقات بىلەن تەتقىقاتنىڭ پەرقى، ئىلىم بىلەن ئىدېئولوگىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پاراڭلاشقان ئىدۇق. شۇ چاغدا ياپونىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ كىشىنىڭ قاراشلىرى ماڭا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، بەزى سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ زىيالىيلارنىڭ ھاكىمىيەت، جامائەتچىلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆستۈرۈش ۋە چۆكتۈرۈشلىرىدىن خالىي ئىزدىنىشى، مۇستەقىل پىكىر قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىشى ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلغان ئىدى. ئۇ ئىلىمنىڭ زامانغا ۋە ھۆكۈمرانلارغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىدېئولوگىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، بىر دوستۇم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئىشخانىسى ئەسلەھەلىرى مەكتەپ بويىچە ئەڭ زامانىۋى ۋە تولۇق بولۇپ، كومپيۇتېرلارنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز ئىدى. بەزىدە كومپيۇتېردا قىلىدىغان ۋە ئېلخەتلەر ئاچىدىغان ئىشلارنى شۇ يەردە بېجىرەتتىم. بىر كۈنى شۇ ئىشخانىغا كىرسەم، بىر تۇتام خەتلەر شىرە ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويۇلۇپتۇ. قارىسام ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋەتىلىدىغان خەتلەر ئىكەن. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلار تاشپولات تىيىپ ھەر قايسى يۇرتلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت سوراپ يازغان خەتلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان جاۋاب خەتلەر ئىكەن. ئۇ چاغدا تېلېفون ئومۇملىشىپ، قولىدا سالام خەت يازىدىغان ئىشلار تۈگىگەن ئىدى. تاشپولات تېيىپتەك ھەم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەمدە شۇ چاغدىكى يېڭى كەسىپ بولغان يىراقتىن سېزىش كەسپىنىڭ خىتايدا تونۇلغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بىر كىشى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خەتلەرگە قەلەمدە بىر بىرلەپ جاۋاب يېزىشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، تاشپولات تىيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ھەر قانداق خەتكە زېرىكمەي، بىر-بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا ياردەمدە بولىدىكەن.
تاشپولات تىيىپ بىلەن ئاخىرقى كۆرۈشكەن ۋاقتىمىز 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان مازار مۇھاكىمە يىغىنىدا بولغان ئىدى. يىغىننى راھىلە داۋۇت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۈگۈنكى تۇتقۇن زىيالىيلاردىن ئارسلان ئابدۇللا، ئۆمەرجان نۇرى، ئابلىز ئورخۇن قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئوقۇغۇچىلار مازارلار قاتۇرۇشنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە سوئال سوراشتى. تاشپولات تىيىپ شۇ چاغدا «ئۆرپ-ئادەت دېگەننىڭ توغرا-خاتاسى بولمايدۇ. مازار قاتۇرۇش ھازىر ئەرەبىستاندا بولمىغان بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى ئىران، تۈركىيەگە قەدەر مەۋجۇت ئۆرپ-ئادەت. ئۇ دېگەن بىر ئىجتىمائىي ھادىسە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇنلىشالىسا داۋام قىلىدۇ، نامۇۋاپىق تەرەپلەردە ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىش بولىدۇ،» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، ياپۇنلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە خاتادەك كۆرۈنىدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا چاغدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ «ئۆرپ-ئادەتنىڭ توغرا-خاتاسى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى تاراتقۇلاردا ئومۇميۈزلۈك تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مىللىي ئەنئەنىلەر ھېلى ياپونلارنىڭ، ھېلى ئەرەبلەرنىڭ، ھېلى تۈركلەرنىڭ ئادەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ يەكلەنمەكتە، خاتاغا چىقىرىلماقتا ئىدى.
تاشپولات تىيىپ ئانا تىلنى قوغداشقا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكىنىدىن خەۋەردار ئىدىم. ئۇ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى» نىڭ ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەن قىسمىنى ئىزچىل چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىن يەكلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» دېگەن يەنە بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭمۇ ئىزچىل نەشر قىلىنىشىغا ۋە ئۇيغۇرچە مەملىكەتلىك يادرولۇق ژۇرنال قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ھەسسە قوشقان ئىكەن.
تاشپولات تىيىپ بىلەن 2016-يىلى كۆرۈشكەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2016-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ مىسىر، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلارغا كەتكەنلىكىدىن ئېچىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇ چاغدا ھەتتا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش تاشلاپ چەتئەللەردە ئىلاھىيەتتە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىغا قايغۇرغان ئىكەن. تارىم ۋادىسىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى تەكشۈرۈش، توغراقلار ۋە يۇلغۇنلارنىڭ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئالىم ۋەتەننىڭ توغراق ۋە يۇلغۇنلىرى بولغان ياشلارنىڭ قۇمدەك ئېقىپ، توزغاقتەك توزۇپ كېتىشىگە چىدىمىغان بولۇشى مۇمكىن.
تاشپولات تىيىپ 1958-يىلى غۇلجادا تۇغۇلغان. 1983-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1992-يىلى ياپونىيەدىكى توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھەمدە شۇ يىلى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ خىزمىتىنى داۋام قىلغان. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2012-يىلى باش مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 2008-يىلى فىرانسىيەدە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ تەتقىقات ھاياتىدا 80 پارچىدىن ئارتۇق ئىلىي ماقالە ئېلان قىلغان. 13 تۈردە ھەر خىل تەتقىقاتلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. 2017-يىلى گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلىنىۋاتقان بىر تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن يىغىنغا ماڭغان ئەسنادا تۇتقۇن قىلغان. تاشپولات تىيىپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، فىرانسىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قەيەرگە قاماقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.
https://www.rfa.org/uyghur/mulahize/tashpolat-tityip-12072020105901.html?fbclid=IwAR2WNcRZSiu5PUlmym7-iDXXrwKgWsbTj-bNdAofu6waBdTPAR7p6ClWocc
- تىرىك تەۋەرۈكلەردىن ئۆتۈنۈشۈم
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئىززەتلىك چوڭلىرىمىز! ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنى ئىزدەپ مۇھاجىرەتكە ئاتلانغان بىر ئەۋلاد زىيالىلارنى بىر بىرلەپ ئۇزۇتۇپ قويۇۋاتىمىز. ۋەتەندە بىز ئاڭلاشقا، تەزىيە ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئۆلۈملەر داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۆلۈملەردىن نېمە ئىبرەت ئالدىڭلار؟ بىزگە قانداق بىر ھېكمەتنى ۋەسىيەت قىلماقچىسىلەر؟
مەن سىلەردىن ئۇيغۇردىكى رازىلىق سوراش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىڭلارنى، بۇ مىراس قائىدىنى ئۈزۈپ قويماسلىقنى سورايمەن. مەرھۇم زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ يېشىنى ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى رەھبەرلەرنى بىر بىرىدىن رازىلىق ئېلىۋالغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىشتا بەسلەشسە دەيمەن.
مەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئاقساقال ئۇستازلارنىڭ بىر بىرىنى كەچۈرىشىنى، بىر پىيالە چاي ئىچىپ بىر داستىخاندا ياكى توردا قۇرۇلغان تور داستىخاندا بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قويۇشىنى، ئاخىرەتلىك گۈزەل خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشىنى تىلەيمەن.
يازغۇچىمىز غولامكا، غۇدۇراشنى، ئادەم تىللاشنى، قۇرۇلتايغا ھۇجۇم قىلىشنى بىر كۈن ئۇنتۇپ ئۆزىڭىز بىلەن تەڭقۇر بىر ئۇيغۇر بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇڭە!
غولامكا، چوڭلار ئارا جىدەل تېرىشنى توختىتىپ مەمتىمىن ھەزرەت، ئابدۇقادىر ياپچان، رابىيە قادىر خانىم ۋە سىدىق ھاجى روزى ئاكىمىز بىلەن بىر پىيالە چاي ئىچىپ ئۆزرە سوراپ رازىلىق ئېلىپ قويۇڭە! شۇلارمۇ ئۇيغۇر، ئۇلارمۇ سىز قۇتقۇزۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن شەرقىي تۈركىستان پۇقراسى.
غۇلامكا، ساقىلىڭىزنى قاردەك ئاق قاپلاپتۇ. مۇمكىن بولسا قەھرىمان غوجامبەردى، ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاكىلىرىمىزدىن رازىلىق ئېلىۋالغان بولسىڭىز، سىزدىن بۇ مىللەت ئەسەرلىرىڭىزدىكى ساپانى كۈتىدۇ، رومانىڭىزدىكى قەھرىمانلارچە ياشاشنى كۈتىدۇ، سىزدىن ئۇيغۇرچە مەرتلىكنى، ئەپۇچانلىقنى كىچىكلەرگە ئۈلگە بولۇشنى كۈتىدۇ.
غۇلام ئوسمان ياغما ئاكا، سىز يىگىرمە يىلغا يېقىن قىلغان ھۇجۇمنىڭ، تارقاتقان ۋىرۇسنىڭ، يايغان ئۈمىتسىزلىكنىڭ، ئۈندىگەن پاسسىپلىقنىڭ، تېرىغان نەپرەتنىڭ مىۋىسىنى ئالدىڭىز، تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتلەردىن مول ھوسۇل ئالدۇق، مىللەت مۇستەقىلچى ۋە ئاپتونومچى دەپ ئىككى قاشقا بۆلۈندى، بۈگۈنكى تىرىك ئۇيغۇرنى ئەمەس، تارىخقا تەۋە ئۆلۈك ئۇيغۇرنىمۇ ئۆچ كۈرۈپ بولدۇق. بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقانلارنى ئەمەس، قاماقتا يېتىۋاتقانلارنىمۇ جاسۇسقا چىقىرىپ بولدۇق.
غولامكا، سىزنىڭ تۆھپىڭىز بىلەن ئۇيغۇردا قەھرىمان چىقمىغانغا ئىشەندۇق، بىز ئەزەلدىن قورقۇنچاق مىللەتكەنمىز. سىزنىڭ سايىڭىزدە ئارىمىزدىن داھى چىقمىغانغا ئىشەندۇق، پىشقەدەملەرنىڭ ھەممىسى يارىماسلار ئىكەن. سىندا سۆزلىشىڭىزچە ۋەتەندە ياشاۋاتقان ۋە مۇھاجىرەتتە پاناھلىنىۋاتقان، تارىختا ئۆتكەن ۋە ئاخىرەتكە كۆچكەن ئۇيغۇر ئۇستازلارنىڭ بارى خىيانەت، بەتنىيەت ۋە خۇسۇمەت بىلەن ئۆتكەن ئىكەن، يالغانچىكەن، بەربات ئىكەن، بىرىمۇ تارازىدا توختىمايدىكەن.
غولامكا، سىز پرېزىدېنت بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي سىزنىڭ تەبىرىڭىزچە خىتاي قۇرۇپ بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى قۇرۇلغان، بىر تەشكىلاتقا قارشى بىر ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن سۈرگۈندى ھۆكۈمەت پارچە پارچە بولۇپ كەتتى. تۇغۇمچان، ھوسۇللۇق سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئەكسىنچە سىز خائىنغا چىقارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرمۇ بىر، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا خەلق بىلەن تېخىمۇ بىر سەپتە كېتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئالتە، تەشكىلات ئون بەش بولدى. بىرگە بىر چىقماي، مۇھاجىرەتتە بىرگە قارشى 15 بولۇپ توپلىشىپ جىدەل قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار بىلگىلى بولمىدى.
غولامكا، مۇھاجىرەتتە سىز ياخشى كۆرىدىغان بەش زىيالىنى، ياكى بەش داۋاگەرنى، ياكى بەش ئادەمنى بولسىمۇ ساناپ قويۇپ كېتىڭ، ئىمام قانداق ئادەم ئىدى؟ دەپ سورىسا, مۇھاجىرەتتە ياشىغان ئۆمرىدە بەش ئۇيغۇرنى بولسىمۇ ياخشى كۆرگەن كىشى ئىدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرەيلى.
رابىيە ئانا، سىز 12 يىل رەھبەرلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، خىتايغا قارشى تۇرۇشتا بىرلەشمىگەن 15 تەشكىلات ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا قارشى ئىتتىپاقلاشتى، ئۆزىڭىزنىڭ داۋا تارىخىنى قوغداش، داۋانىڭ 12 يىللىق يىلتىزىنى كەسمەسلىك ئۈچۈن بۇ تارىخقا ئىگە بولغايسىز ۋە سىزدىن بۇرۇنقى رەھبەرلەردىن ئەركىن ئالپتېكىن، ئەخمەت ئىگەمبەردى، ئەنۋەرجانلار بىلەن چىرايلىق ئولتۇرۇپ مىللەتنى ئۈمىتلەندۈرگەيسىز.
قەدىردان مەرھۇم زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ يېشىنى ياشاۋاتقان چوڭلىرىمىز، بىز سىلەردىن تۆۋە تەلەپ قىلمايمىز، تەئەللۇقات تەلەپ قىلمايمىز، پەقەتلا بىر بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار دەيمىز.
پىشقەدەملەر، ئۇلۇغلىرىمىز! سىلەر بىزنىڭ ئۈلگىمىز، بىر سەپتە بىللە بولالمىغان بولساڭلارمۇ، بىر سەھنىدە، بىر سۈرەتتە بولسىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلىشىپ باقساڭلار. سىلەرمۇ مەرھۇم زەينۇرە ئەيسادەك كېتىپ قالىسىلەر، سىلەردىن ئۈمىدىمىز مىللەتنى دۈشمەنلەشتۈرمەسلىك، مۇھاجىرەتتە ئۆچمەنلىك تارقىتىشنىڭ ئورنىغا مۇھەببەت سىڭدۈرۈشكە كۈچىشىڭلاردۇر.
قەدىرلىك پىشقەدەملەر، ئارىمىزدىكى بىر بىرىگە خىتايغا قىلمىغان ئۆچمەنلىكنى قىلىۋاتقان، خىتايدىن ئالالمىغان دەردىنى ئۇيغۇردىن ئېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستالىقلار سىلەرنى ئۈلگە قىلغاندەك قىلىدۇ، شۇلارنىڭ ئىنسابىغا دۇئا بەرگەن بولساڭلار.
مۆھتىرەم بوۋىلار ۋە مومىلار، ھاياتىڭلارنىڭ غۇنچە دەۋرىدە تىرىكلەرنىڭ يۈزىنى قىلمىدىڭلار، تىرىكلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەمكار، ھەمپىكىر بولالمىدىڭلار، مانا بۈگۈن بىز مىللەت سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈشكە دۇچار بولدۇق. مۇشۇنداق ئورتاق ئۆلۈمنىڭ يۈزىنى، بۇ مىللەت دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بىر بىرىڭلار بىلەن ھەمسۆھبەت، ھەمداستىخان بولغان بىر ئەسلىمەڭلارنى ئېسىمىزدە قالدۇرساڭلار.
ھۆرمەتلىك تەۋەرۈكلەر، بۈگۈن بىر بىرىگە ھۇجۇمنى, تۆھمەتنى، ئۆچمەنلىكنى قىلىۋاتقان، ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمەيدىغان شەرقى تۈركىستانلىقلار سىلەرنىڭ تۈنۈگۈن يازغىنىڭلارنى پاكىت قىلىپ، سىلەرنىڭ ئۇسلۇبۇڭلارنى قورال قىلىپ ئۇيغۇرغا ئورا كولاۋاتىدۇ. شۇڭا يىللاپ دەۋام قىلغان ئۇيغۇرغا دۈشمەنلىكنى توختىتىڭلار، دەپ ئۆتۈنىمىز.
مەن ئۆلۈملەرنىڭ پىشقەدەملەرنى ئويغىتىشىنى، ئويلاندۇرىشىنى، ئۇيغۇر ئاتالغان شۇ ئۇلۇغلارنىڭ، دىنى، تىلى، دەردى، دۈشمىنى بىر بولغان يولباشچىلارنىڭ بىر بىرىمىزگە دۈشمەنلىكنى ئەمەس، دۈشمەن خىتايغا قارشى كۈرەشنى مىراس قالدۇرۇشىنى تىلەيمەن.
- «ئانا يۇرت» ۋە ئابدۇراخمان ئەبەي
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئانا يۇرتنى ئوقۇغانلار بار، ئەمما ئابدۇراخمان ئەبەينى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئانا يۇرتتىكى سىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن قۇرلار، سىلەر ياقتۇرغان تەسۋىرلەر، سىلەرنى ئويغا سالغان بايانلار بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟ ھەر بىر بەت ئۈچۈن، ھەر بىر سۆزنىڭ ئەسلى بويىچە ئېلىنىشى ئۈچۈن كىم ئەجىر قىلغان؟ ئابدۇراخمان ئەبەي بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قۇربانلىقلارنى بەردى؟
ئانا يۇرتنى چىقارغان، ئۇنىڭ ھەر بىر بېتى ئۈچۈن، ھەر بىر سۆزىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئەسلى ئەسەرنى ئۇيغۇرغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن كۈرەشكەن ئادەم ئابدۇراخمان ئەبەي. ئۇ چىقارغان ئېسىل كىتاپلار ئۇلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشلىگەن ۋاقتىدا چىققان تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابىمۇ ئۇنتۇلماس بىر ھادېسە.
ئابدۇراخمان ئەبەي ياشلار نەشرىياتىغا باشلىق بولغان چاغلاردا چىققان كىتاپلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قۇرۇپ چىققان نەشرىياتچىلىق، كىتاپ سېتىش ۋە تارقىتىش قوشۇنى كىتاپسىز قالغان بازارلاردا كىتاپخانا ئېچىلىشىغا تۈرۈتكە بولغان. ئۇلار كىتاپلارنى بىۋاستە ئۇيغۇر شەھەر بازارلارغا تارقىتىپ كىتاپ تارقىتىشنى پوچتا ئىدارەسنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان. نەتىجىدە كىتاپلارنىڭ ئەرزان باھادا چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشى كاپالەتكە ئىگە بولغان. بۇ شۇ چاغدا ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ قاراملىقى بىلەن رۇياپقا چىققان.
ئابدۇراخمان ئەبەي ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا ئۆزىنى ئاتىغان بىر نەشرىياتچى. ئۇ ياشلار نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىدا مەزكۇر ئورۇننى ئەڭ ئېسىل كىتاپلار چىقىدىغان بازا قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئۇ خەلق نەشرىياتىغا باشلىق بولغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم يېڭىلىقلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلغان.
ئابدۇراخمان ئەبەي خەلق نەشرىياتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا قۇرئاننى قايتىدىن تەرجىمە قىلدۇرغان، نەچچە يۈز مىڭ تراجدا باستۇرغان، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسىنى چىقارغان، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋانىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىكنى يېڭىدىن ئەڭ مۇكەممەل قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان، يۈزلىگەن ئېسىل كىتاپلارنى تەستىقلىغان.
ئابدۇراخمان ئەبەي يەنە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ژورناللارنىڭ چىقىشىغا مەدەتكار بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ سەرخلى «تارىم غۇنچىلىرى»دۇر. تارىم غۇنچىلىرى ئەڭ يۇقۇرى تىراجغا ئېرىشكەن ۋاقتى 2006-يىلى بولۇپ، ئوقۇرمەن سانى 130000 دىن ئاشقان. مەن شۇ يىلى نەشرىياتلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان ئىدىم.
ئابدۇراخمان ئەبەي يەنە بىر تۈركۈم يازغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ ئۇلارنى ئىجادىيەت مەيدانى بىلەن تەمىنلىگەن. مەسىلەن، ئۇ ھەۋەسكار شائىر ئابلىكىم ھەسەننى «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىغا قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىگە ھەسسە قوشۇشىغا پۇرسەت ياراتقان.
ئابلىكىم ھەسەن مەن 2006-يىلى مەزكۇر نەشرىياتتا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق بىر ھېكايەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى غۇلجادىكى ئاغرىق دادىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىق ئۇچۇرىنى ئاپتۇ. قايتاي دېسە خىزمەت، قايتماي دېسە يۈز كېلەلمەي ئىزتىراپتا ئېزىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئابدۇراخمان ئەبەيگە دەپ ئىشنى تاشلاپ دادىسىنىڭ يېنىدا بولۇشنى، غۇلجاغا كېتىپ ۋاپادارلىقنى يەتكۈزۈشنى ئارمان قىپتۇ.
«ئابدۇراخمان ئاكا، مەن بۇ بالىلار ژورنىلىغا ماسلاشمايدىكەنمەن، غۇلجامغا قايتىپ، دادامغا قارىغاچ باشقا ئىش قىلاي دەيمەن» دەپتۇ. ئابدۇراخمان ئەبەي ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەمما خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشىگە قوشۇلماپتۇ. ئۇ «ئۇكام سېنىڭ بويۇڭمۇ، خۇيۇڭمۇ، ئەسىرىڭمۇ شۇ بالىلاردىن بۆلەككە ماس كەلمەيدۇ! شۇڭا مۇشۇ خىزمەتنى قىل» دەپتۇ. بۇ گەپ بىر چاخچاق بولۇپ نەشرىياتتا خېلى دەۋران سۈرۈپتۇ.
ئابلىكىم ھەسەن قىسقا بويلۇق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بويى 1.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، خۇيىمۇ يېقىشلىق ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزىدىن بالىلارغا خاس قىزغىنلىق، ساپلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بالىلار شىئېرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ، بالىلارنىڭ ئەڭ ئامراق كۈيىگە ئاينىپ كەتكەن ئىدى. ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ ئېيتقانلىرى ئابلىكىمگە بەكمۇ ماس كەلگەن، ھەم بىراز چاخچاق تۈسىنى ئالغان بولغاچقا ئۆزى چاخچاققا ئامراق ئابلكىمنى ئاسان قايىل قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئابدۇراخمان ئەبەي ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدا بىر يېڭى پەللە يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، ئۇيغۇرچە كىتاپ چىقىرىدىغان بارلىق نەشرىياتلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گورۇھ قۇرۇپ چىقىش تەرەققىياتقا قاراپ كېتىۋاتقان پەيتتە تۇتقۇن قىلىندى. ئۇيغۇرنىڭ مەنەۋىي بايلىقى ئۈچۈن تەر تۆككەن، مەدەنىيەت بازىرىنى ئاۋات قىلغان، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مىراسلارنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشقان بۇ كىشىگە 18 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.
ئابدۇراخمان ئەبەي ھەققىدە، ئۇ چىقارغان كىتاپلار ھەققىدە، ئانا يۇرت ھەققىدە قانداق ھېكايە، ۋەقەلىك ۋە كەچمىشلەرنى يېزىپ بىر پارچە قىسقا ئىنشاغا قىستۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. تۆۋەندىكى بايانلار ئۇ تەھرىرلىكى قىلغان «ئانا يۇرت» رومانىدىن ئېلىنغان، بۇ بىر يات كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
» مەن نۇرغۇن كىتابلارنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلدىم. بۇ مىللەت ئاساسەن دېھقان بولغاچقا رەھىمدىل خەلق. چىڭگىزخان دەۋرىدىكى موڭغۇللار ئوۋچى قەبىلە ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆلتۈرۈشتىن لەززەت تاپىدىغان خەلق بولۇپ چىقتى. دېھقان دىگەن ئاسراشنى كەسىپ قىلغان. زىرائەت، ئورمان، چارۋا، ئۆي-بىسات ھەممىسىنى كۆز قارىچۇقىدەك قوغداش ئۇنىڭ بۇرچى. شۇڭا ئۇلار رەھىمدىل، مېھىر-شەپقەتتىن لەززەتلىنىدىغان خەلق. مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەم ئاجىزلىقى. ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە مېھىر-شەپقەت پۇرىقىنى تېخىمۇ سىڭدۈرگەن. ئۇلار » ئۆزۈم ئاچ قالساممۇ، خوشنام توق يېسۇن. قانچە زىيان تارتساممۇ، بىراۋرغا زىيان سالماي» دىگەندەك ئەقىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.»
_ » ئانا يۇرت » رومانىنىڭ 2-قىسىمىدىن ئېلىندى
- «ياق» دېگەن ئوقۇغۇچۇمدىن ئالغان دەرس
مەدىنە نازىمى ماڭا يۈز خاتىرە قىلماي «ياق» دېيەلىگەن ئوقۇغۇچۇم. مەن مەدىنەنىڭ شۇ «ياق» دېيەلىگەن جاسارىتى، مېنىڭ خاتالىقىمنى تۈزەتكەن غەيرىتى، نەپكە ئۇيغۇرلۇقنى تېگىشمىگەن سەمىمىيلىكى سەۋەپلىك ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. تۈركىيەدە ياشىغان ۋاقىتتىن بۈگۈنگىچە مەنەۋىي تەرەپتىن قولۇمدىن كېلىشچە قوللاپ تۇردۇم.
مەدىنە غەرىبى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتى، ئۇيغۇرچە خىتايچە تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ 2001-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سىنىپىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق دەرسكە كىرگەن. ئۇلارغا ئېنگىلىزچە دەرسنى مەن ئۆتكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇلاردىن ئۈچ قىز ھازىر تۈركىيەدە ياشايدۇ. مەدىنە ھازىر تۈركىيەدە لاگىر شاھىتلىرى مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىملار ئىچىدە ئەڭ ئىزچىل كۈرەش قىلىۋاتقان پەخىرلىرىمىزنىڭ بىرى.
مەدىنەنىڭ «ياق» دېيىش ھېكايەسى مۇنداق باشلىنىدۇ. 2003-يىلى يازدا مەكتەپ ھەر بىر مىللەتتىن بىردىن ئوقۇغۇچىنى خوڭكوڭغا بىر قانچە ھەپتە ئېكىسكۇرسىيەگە ئۇيۇشتۇرماقچى بولدى. مەقسەت خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىقات قىلىش دېيىلگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا يەپ ئىچىش ساياھېتى ئىدى ئۇ. رەھبەرلىكتىن ماڭا ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن بىر تاتار ئوقۇغۇچى تېپىپ بېرىش بۇيرۇلدى. مەكتەپتىن قالغان مىللەتلەر تېپىلىپتۇ، ئەمما بىر تاتار ئوقۇغۇچى چىقماپتۇ.
ئۇيان سۈرۈشتە قىلىپ، بۇيان سوراشتۇرۇپ ھىچ بىر تاتار ئوقۇغۇچى تاپالمىدىم. ئاخىرى فاكۇلتېت رەھبەرلىرىنىڭ بويى ئېگىز، چاچلىرى سارغۇچ، ياراشتۇرۇپ كىيىنىپ يۈرۈيدىغان مەدىنەگە كۆزى چۈشۈپتۇ. مېنى ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەشكە بۇيرۇشتى، ئۇنى تاتار بولۇشقا كۆندۈرەرمىشمەن.
ئۇ يىللاردا مەن مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلارنى باشلاپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرگەچكە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل كىشىلەر مېنى ئوقۇغۇچىلارغا بەكرەك يېقىن دەپ بىلەتتى. مەنمۇ بۇ ئىشنى قىلىشقا ۋەدە بەردىم. ئۇنى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغاچقا ئەمەس، مەن ئۆزۈم ئۇيغۇرنى تاتاردىن پەرقلەندۈرمەيدىغان تۈركپەرەس بولغاچقا كۆندۈرۈشكە ئىشەنچ قىلدىم. ئۇ چاغدا مېنىڭ ئېڭىمدا ئۇيغۇر، قازاق، تاتار دېگەن سۆزلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولۇپ بىزلەر تۈرك ئىدۇق. مەن بۇ ئىددىيەمنى دەرسلەر ئارىلىقىدا سۆزلەپ تۇراتتىم. مەدىنەمۇ مەن ئۆتكەن دەرسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، مېنىڭ سۆزلىرىمگە ئالاھىدە قىزىقىپ قۇلاق سالىدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇنى تاتار قىلىۋېتىشكە تامامەن كۆزۈم يېتەتتى.
بىر كۈنى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسىدە يەنە تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىمىزنى ھاياجان بىلەن، ھېلى تارىخ، ھېلى ئارخولوگىيە، ھېلى قىسسە-رىۋايەتلەردىن مىسال ئېلىپ تازا سۆزلىدىم. دەرس ئارىلىقىدا سۆزۈمنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقان، گېپىمنى چۈشىنىپ مېڭىۋاتقانلىقى كۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەدىنەگە پات پات قاراپ قويدۇم. ئاندىن دەرستىن چۈشكەندە مەدىنەنى ئىشخانامغا چاقىرتىپ مەقسەتنى ئېيتتىم.
«ياق مۇئەللىم، مەن تاتار ئەمەس، ئۇيغۇر، خوڭكوڭغا بارمىسام بارماي، بىكارلىق ساياھەتنى قىلمىسام قىلماي، ئېنگىلىزچەمنى پراكتېكا قىلمىسام قىلماي، ياخشى خىزمەت چىقمىسا مەيلى، ئەمما مەن پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن تاتار بولمايمەن، ئۆزۈمنى تاتار دېمەيمەن، مەن دېگەن ئۇيغۇر» دەپ سۆزۈمنى رەت قىلدى، مەدىنە. ئۇنىڭغا بىزنىڭ تۈركلىكىمىز ھەققىدىكى تەلىمات كارغا كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭنىڭ تەرەققىياتى، ئېنگىلىزچەنىڭ ئومۇملاشقانلىقى، تىلنى مۇشۇنداق پۇرسەتتە مەشىق قىلىشنىڭ موھىملىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتتىم ئۇمۇ پايلىمىدى. ئاخىرقى كوزۇرۇم بولغان مەكتەپنىڭ تەشۋىقاتى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشقاندا كېلىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ھەققىدە تەبىلىغ قىلدىم، ئۇمۇ ئاقمىدى. مەن ھەر قانداق ۋاستە بىلەنمۇ مەدىنەنى تاتار قىلالمىدىم.
مەدىنەنىڭ ھەر قانداق نەپلەرگە تېگىشمىگەن ئۇيغۇرلۇقى مېنى ئۇزاققىچە ئويلاندۇردى. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ماڭا دەرس بولدى. شۇندىن كېيىن كىملىك ئۇقۇمى ھەققىدە، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە ئىزدەندىم ۋە ئىلمىي بىر يەكۈننى قوبۇل قىلدىم. تارىختىكى كىملىك ۋە بۈگۈنكى كىملىك، ئىدولوگىيەلىك كىملىك ۋە ئەمەلىيەتتىكى كىملىك دېگەن ئۇقۇملار ھەققىدە ئىزدىنىپ چالا يەرلىرىمنى تولۇقلىۋالدىم. بۇ دەرس مېنى تۇڭگانلارنى مىللەت ئەمەس مۇسۇلمان بولغان خىتاي دەيدىغان، قازاقلارنى روسلار ئايرىپ قويغان تۈركلەر بىر قەۋم دەيدىغان چاك باسماس ئەپسانىلەردىن قۇتقۇزدى، بۇ دەرس مېنى ھەممە كىشى تۈرك ئاتالغان تارىختىن ھەممە تۈرك تىللىق قەۋملەر مىللەت بولۇپ بولغان رېئاللىققا قايتتۇرۇپ كەلدى. شۇندىن كېيىن بۇنداق مەسىلىلەرگە تەكشۈرۈش، دەلىللەش ۋە تەتقىقات ئاساسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان پوزىتسىينى ئادەت قىلغان ئىدىم.
- مىھرىئايدىن قالغان سۆزلەر ۋە مىراس
مەرھۇم مىھرىئاينىڭ سۆزلىرى قىسقا، مېغىزلىق ۋە مۇرەسسەسىز ئىدى. ئۇ ھەر زامان ھالقىلىق چاغلاردا شەرتسىز يېنىمدا ئىدى. مەن 2017-يىلى تۆتىنجى ئىيۇل كېچىسى مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئېنگىلىزچە خەلقئارا مەتبۇئاتقا جاكارلىدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ تۇتقۇندىن قورقۇپ قېچىپ يۈرگەن ئامان قالغۇچىلارنى مىسىردىن بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن ياردەم تەشكىللەپ ئالدىراش بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ماڭا قەشقەر ۋىلايەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارەسى خادىملىرىدىن ئۈندىداردا تەھدىتلەر كەلدى.
قەشقەردىكى خادىملار بىلەن چىرايلىق باشلانغان، شىكەر يالىتىلغان، نەپلەر ۋەدە قىلىنغان سۆزلەر ۋارقىراشقا ئايلاندى. قورققان بەكرەك سەكرەيدۇ، دەپ مەن بەكرەك ۋارقىرىدىم ئەلۋەتتە. «ئاكا ئۇكا، ئاچا سىڭىل، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا، ساڭا ئۇلار كېرەك بولمىسا ئىختىيارىڭ» دېگەن سۆزلەر بىلەن تېلىفون ئۈزۈلدى.
تەھدىتلىك گەپلەر قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىدى. مېنى كۆتۈرۈپ، ھاپاچ ئېتىپ چوڭ قىلغان، مۇشتۇمى زورغا سوقتۇرماي، تىلى زەھەرگە چاقتۇرماي ئاسرىغان، نېمە ئىش قىلسام ئەتراپىمدا پەرۋانە بولغان ئۈچ ئاكام، ئازراقلا قىزىتمام ئۆرلەپ كەتسە، تالادىن كەچ كىرسەم، قورساق ئاچ كىرسەم، كۆزىنى ئۇلاپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ چىقىپ نېمە تاماق دېسەم ئېتىپ بېرىدىغان ئاچام، تۆت ئوغۇلنىڭ ئالدىدا مەلىكىدەك ئۆسكەن ئەركە سىڭلىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەي قورقتۇم، ئىككىلەندىم، ئەمما مىسىردىن توختىماي، ئۇخلاتماي كېلىۋاتقان يىغا، ھەسرەت ۋە نالە-پەرياتلىق ئىلتىجالار، دۇئالىق تەلەپلەر ئالدىدا ئامالسىز قالدىم.
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە بىلەت ئېلىش، ئاخباراتقا يەتكۈزۈش، ياردەم تەشكىللەشنى داۋم قىلىۋاتقىنىمدا مىھرىئاي: ئاكا، سەن ئابستراكىت مىللەتنىلا ئەمەس، كونكىرىت ئائىلىمىزنى ئويلاپ قوي! دېگەن ئىدى.
شۇ گەپ بولۇپ ھەپتە ئۆتمەي ئاكام ئەركىن ئايۇپ تۇتۇلۇپ كەتتى، ئاندىن ساجىدىگۈل ئايۇپمۇ تۇتۇلدى. مىھرىئاي، يەنە شۇنداق قىسقا ۋە دەل جۈملە بىلەن: ئاكا، سەن يەنە قەھرىمان بولدۇڭ، دادام قەھرىمانلىقىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق بولدى! دېگەن ئىدى.
مىھرىئاي 2019-يىلى تۆتىنچى ئايغا قەدەر ناھىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك تارمىقى ئۇنىڭ ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان تەھدىتلەرگە، ئانىسى ئارقىلىق تاپشۇرغان مېنى قىلىۋاتقان ئىشىمدىن توختاشقا نەسىھەت قىلىش بۇيرۇقىغا كۆپىنچە سۈكۈت قىلغاندۇ، ئەمما بەزىدە ئانىسى ئۈچۈن بىجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
مەن ئۇنىڭغا ئۈندىدارنى ئۆچۈرۈش، ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقنى، تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماي ياپۇنىيەدە قانداق جان بېقىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدىم. مىھرىئاي ھەر قېتىم تېلىفون قىلسا قاچان ھەرىكەتتىن، يېزىشتىن، تەشكىللەشتىن توختايدىغانلىقىمنى سورايدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاپ بەرمەي گەپنى بۇرايمەن ياكى ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەيمەن. ئۇ بەكرەك تەگەپ كەتسە ئۇيغۇرنىڭ سۈكۈتتە يېڭىلگەن تارىخىنى، ئاكىلىق نەسىھەتلەرنى سۆزلەشكە باشلايمەن. ئادەتتە ئۇ كۆپرەك تېلىفون قىلىدۇ. ناۋادا ئۇ ئەمەس مەن تېلىفون قىلسام، ئۇچۇر يوللىسام «ئۈندىدارنى ئۆچۈردۈڭمۇ» دەپ سورايمەن ۋە سوراپ تۇردۇم.
بىر كۈنى مىھرىئاي پارتىلىدى: مېنى دادامدىن، ساجىدىگۈل ئاچامدىن مەھرۇم قويدۇڭ، ئۈندىدارنى ئۆچۈرگۈزۈپ ئانامدىن ئايرىلسۇن دەمسەن!
مىھرىئاي ئاخىرى كەتتى، ئۇ 2019-يىلى ئىيۇننىڭ 18-كۈنى شاڭخەيگە، قاماققا چۈشتى. سەمىمي بولۇشۇم كېرەككى، دەسلەپتە ئۇنىڭ كەتكىنىدىن ئۆزۈمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭ قىسقا، دەل، رەھىمسىز تەنقىتلىرى، ئۇزاقتىن تاپشۇرۇلغان بۇيرۇق بويىچە مېنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، ئانىسىنىڭ، سىرىتتا قالغان تۇغقانلارنىڭ گۆرەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مېنى ئىككىلەندۈرۈشلىرى، قاچان توختايسەن دەپ قىيناشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن ئىدى.
مىھرىئاينىڭ كېتىشى بىلەن قەدىردانلىرىم ھەققىدە يۈرەكنى ئېزىدىغان خەۋەرلەرمۇ يوق بولدى، شۇندىن كېيىن ھىچكىم ماڭا مەن سەۋەپلىك كىملەرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان مەلۇماتلارنى يەتكۈزەلمەيدىغان بولدى، مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، ئەمما يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان بارلىق پاجىئەلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن ئىدى.
مىھرىئاي 2020-يىلى دېكابىرنىڭ 20-كۈنى مەڭگۈلۈككە كەتتى، مەن خورلانغان قەشقەردىكى قاماقخانىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى قانداق تۇيۇقسىز بولسا، بۇ ئۆلۈمنى ئاقلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ توقۇپ چىققان رىۋايەتلىرىمۇ شۇنچىلىك سىرلىق، زىددىيەتلىك، سالتاڭ ئىدى. مىھرىئاي ئۆلۈۋالغانمىش، كاشكى قاماقتا ئۆلۈۋالغىلى بولسا ئىدى!
مىھرىئاي كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ياپۇنىيەدە ئانا تىل ئۆتكەن مۇنبىرى، ئانا تىل سىنىپى باشقا پىداكارلارغا مىراس قالدى. ئۇنىڭدىن ئانا تىلغا پەرۋانە بىر روھ قالدى، ئۇ ئۆزى ئوقۇتقان سەبى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ قەلبىدە گۈزەل بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن يەنە بىراز كۆنەگلىك ھېساپتا ئىقتىسادمۇ قالغان ئىكەن. ئۇ مېنىڭ خاتىرجەم ئوقۇسۇن دەپ ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللىرىمنى خەجلىمەي يىغىپ قويغان ئىكەن. ئۇ بۇ پۇللارنى قىينىلىپ قالغان مۇساپىر ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلماقچى، باشقىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ
ئىقتىسات قىلغان ئىكەن.
مەن مىھرىئايدىن مىراس قالغان بۇ ئاقكۆڭۈللۈكنى، ياردەمسۆيەرلىكنى، مىھرىبانلىقنى ياپۇنىيەدىكى دوستلارغا يەتكۈزدۈم. ئۇلار مىھرىئاينىڭ نىيىتى، ئازۇسى ۋە نىشانىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچىلەر ئىدى. دوستلار مىھرىئاينىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە قالدۇرۇپ كەتكەن مىھىرلىك خاتىرەسى ئۈچۈن بىر مۇكاپات تەسىس قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭدىن قالغان ئىقتىساتنىمۇ ئىشلەتمىدى.
مىھرىئاي كەتتى، كەلمەسلەر شەھرىگە سەپەر قىلدى. ئۇنىڭدىن قالغان تەۋەرۈك ئانا تىل مىھرى، ئۇيغۇرلۇق مۇھەببىتى، ياخشىلىق ئىشتىياقى مېنى بۇرۇنقىدەك سوراقلاپ، تەنقىتلەپ، ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ بۇنداق روھىنى ماڭا ھەمراھ بولسا، ماڭا يېقىن تۇرسا دەيمەن.
مىسىردا بولغان تۇتقۇن قىلىشقا مېنى سەۋەپچى بولدى، مۇخبىرلارغا يەتكۈزۈپ ئىشنى چوڭايتىۋەتتى، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەلۇم قىلىپ تۇتقۇزىۋەتتى…دېگەندەك تۆھمەتلەر ھىچ قاچان پەسلەپ باقمىدى ۋە تۈگەپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۆزىنى دىنغا ۋەكىللىك قىلىمىز دەپ قارايدىغان، مىسىردا يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقان، مىڭلىغان ئاۋامنى مىسىرغا دەۋەت قىلغان ئۇستازلار ئۆزىنىڭ بۇ تۇتقۇندا ئوينىغان خاتا رولىنى، مەسۇلىيەتسىزلىكىنى، بىخۇتلۇقىنى، تەدبىرسىزلىكىنى، ھەتتا بەزىلار ئۆزىنىڭ خىتايدىن كېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۆمەكلەر بىلەن مەخپىي ئېغىز بۇرۇن يالاشقان سەتچىلىكىنى، خىتاينىڭ دۈشمەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قۇربانلىق ئىزىدىمەي بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن مىنى باش جىنايەتچى دەپ بىلىدىغان مىسىر مەنبەلىك ئۇيغۇر بىغۇبارلاردىن ئاغرىنمايمەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن نېمە دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەپتىيەك يادلىغاندەك ئۇگەپلەرنى مەدرىستە يادىلىۋالغان. مېنىڭ ئاغرىنىدىغىنىم ئۇلارغا دەرس قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان تەپەككۇر ئۇسۇلى. ئۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا ھەر قانداق زۇلۇمغا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى سەۋەپچى، بۇ دۇنيادا تاجاۋۇزچى كۈچ، باسقۇنچى ھاكىمىيەت، زوراۋان جەمىيەت دېگەن ئامىللار مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارنىڭ دەرسىنى، تەبلىغىنى ئاڭلىغانلار ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن زۇلۇمغا داۋاملىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزدەيدىغان، دائم مەلۇم ئۇيغۇرنى ياكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەلۇم قاتلامنى پىشكەللىكنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدىغان تەپەككۇر ئادىتىگە كۆنۈپ قالىدۇ، نەتىجىدە خىتاينى، تاجاۋۇزچىنى دۈشمەن دەپ تونىماي، ئۆز مىللىتىدىن چىققان كىشىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىدۇ. مەن بۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن.
- ئۇيغۇر ئەدىبلەر ئوخشىمايدۇ
خەلقئارا قەلەمكەشلەرنىڭ 2022-يىللىق قۇرۇلتىيىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلار پاجىئەسى سۆزلەندى. يىغىندا ئەسلى تەقىپ قىلىنغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، خەۋپتە قالغان يازغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشتىكى تەجرىبە، تەدبىر ۋە ساۋاقلار مۇھاكىمەلەر قىلىناتتى. تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قىسمىتى تېما ئەمەس ئىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنى 8-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە پولشانىڭ گدانسك شەھرىدە بولغان ئىدى. مەن يىغىندا پۇرسەت تېپىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ سانى، قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە پاجىئەسىنى تونۇشتۇردۇم. مەرھۇم ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، ئادىل تۇنىياز ۋە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتى ھەققىدە سەل تەپسىلى توختىلىش پۇرسىتىم بولدى. سۆزۈم تۈگەپ تۇرۇشىغا بىر خادىم -ئۇلارنىڭ سانى بىز پەرەز قىلغاندىنمۇ بەك كۆپ ئىكەن، قوبۇل قىلىپ بولالمايمىز. بۇ يىل قۇتقۇزۇشقا ئىلتىماس باشقا يىللاردىكىدىن زىيادە كۆپ، نەچچە يىللاپ ساقلاپ كەتكەنلەر بار، دەپ قالدى. تۇرۇپلا قالدىم. مەن ئۇلارنى ياۋرۇپاغا قانداق قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، ياشاش ھوقۇقىنى قانداق قوغدايمىز، دېگەن مەقسەتتە ئىدىم.
يىغىنغا كەلگەنلەر ياۋرۇپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى ھەر قايسى ئەللەرگە قوبۇل قىلىنغان خەتەردە قالغان يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان، قوبۇل قىلغان ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. يىغىندا مەندىن بۇرۇنقى سۆزلىگۈچىلەر خەۋپتىكى يازغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش تەجرىبىسى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى.
يىغىندىكى ئەڭ قىزغىن تېما خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنى ۋەھىمىدىن قانداق قۇتقۇزۇش ھەققىدە بولغاچقا مەزكۇر خادىم مەن تىلغا ئالغان 128 ئۇيغۇر يازغۇچىنى ياۋرۇپاغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. دېمىسىمۇ يىغىندا ئافغانىستاندا تالىبانغا، غەززەدە خاماسقا، سومالىدا مەغرىپكە تۇتۇلۇشتىن قورقۇپ چەت چىگرالاردا يوشۇرنۇۋالغان، كۈن ساناپ ياشاۋاتقان يازغۇچى سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خەتەردە دەۋاتقان، بەس بەستە قۇتقۇزۇشقا كۈچەۋاتقان يازغۇچىلار ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا قارىغاندا تەلەيلىك ئىدى. ئۇلار ئۆزى ئۇ يەر بۇ يەردە پىنھاندا بولغان بىلەن ئىجادىيەتلىرى ئاشكارە ئىدى. بەزىلەرنىڭ ھەتتا چەتئەلدە كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئۇلار يۇتۇپ، فېيىسبۇك، تۋىتتىر ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سىرىتقى دۇنياغا ئەمەس، يېنىدىكى كامېرداشقا، ئەڭ يېقىن كىشىسىگىمۇ دېيىشكە، بىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى.
خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنى مىسىر، بېنگال، سۇدان، ئىراق، ئىرانلاردا قىيناۋاتقان، غەرپكە ئۈندەۋاتقان ئامىل ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ئىدى. مەن خەتەردە دەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمايۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ بولسا ياشاش ھوقۇقى، تىرىكلىك پۇرسىتى تارتىۋېلىنغان ئىدى.
خەتەردە قالغان يازغۇچىلارنىڭ كۆپى پاسپورتسىز ئەمەس، ئۇلار ياۋرۇپاغا قېچىپ چىقالايدۇ، ئۇلارنى بىر ئاماللار بىلەن مېكسىكادىن ئامېرىكا چىگراسىغا ئېلىپ كىرگىلى بولىدۇ، ئەمما تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇنداق ئامەتلىك ئەمەس، ئۇلار قاماقتا، ئۇلارنىڭ پاسپورتى ئەمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ ئوي خىيالىمۇ يۇلۇپ ئېلىنغان.
يىغىندا ئۆزىنى، ھاياتىنى خەتەردە دەپ سۆزلەۋاتقانلار دەۋاتقان تەھدىتلەر ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر قىسمى. ئۇلارنى كېچە كۈندۈرز تەقىپتە تۇتۇۋاتقىنى بىر تاجاۋۇزچى، مۇستەملىكىچى ھەربى كۈچ. ھالبۇكى، يىغىنغا قاتناشقان خەۋپتىكى ئەدىپلەرنى قورقۇتقان كۈچ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مىللىتىدىن بولغان زالىم ھاكىمىيەت ۋە ئىسلام نامىدىكى ئەسەبى كۈچلەر ئىدى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلار بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا دۇنياغا تىۋىت ئاتمىدى، ئاتالمايدۇ. ئۇلار ھاكىمىيەتتىن ئىھتىيات قىلدى، ئەمما قورقۇپ قەلەمنى تاشلىمىدى. ئۇلار غەرپكە بارغاندىن كېيىنلا ئەركىن ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىلان پروجەكتلەرنىمۇ سۇنمىدى. ئەكسىنچە ئۇلار كۆز ئالدىمدىكى يازغۇچىلار خەتەر دەۋاتقان رىئاللىقنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سەيناسىدا ئۆزىنى تۇيغۇسىنى، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كىملىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇيغۇرلۇقنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىنى رومانلاشتۇرۇپ چىقتى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىن باشلاپ تاكى ئاخىرقى دۆلىتي يىقىلغانغا قەدەر بولغان تارىخنى ئەدەبىي شەكلىدە يورۇتۇپ چىقتى. بىر دۆلەت پىلانلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان كىملىك بىناسىنى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈنسىز ھەمكارلىق ئىچىدە تاماملىدى. بىرى بېشىنى باشلىسا يەنە بىرى داۋامىنى ئۇلىدى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلار يىغىندىكى خەتەردە قالغان مۇسۇلمان يازغۇچىلاردىن تەلەيلىك ئىدى. بەزى مۇسۇلمان يازغۇچى، رەسسام، ھەيكەلتاراش، مۇزىكانت سەنئەتكارلار ئاشقۇن ئىسلامچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغانلار ئىدى. شۇڭا ئۇلار مەن كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئىرىقچى ياۋرۇپالىق، فاشىست خىتايدىنمۇ بەكرەك ئىسلامغا ئۆچ ئىدى. ئۇلارغا قاراپ ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتىگە مەستلىكىم كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر يازغۇچىلار ھىچ قاچان ئۆز خەلقىنىڭ دىنىغا قارشى بۇنداق بىر ئاشقۇن كەيپىايتتا بولۇپ باقمىدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىدىن چىققان مۇزىكانتلارنى، ناخشىچلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرسە كۆتۈردىكى ئۇلارنى ساز چالغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىغا پاتماس قىلىپ قويمىدى، ئۇلارنى قوغلاپ سۈرمىدى، مەھمۇد قەشقەرى، ھۈسەيىنخان تەجەللى، غازباي، تۇنجى پەننى مەكتەپ قۇرغان ھۈسەيىن مۇسابايوف ۋە باۋۇدۇن مۇساباي قاتارلىق ئۇلۇغلارنىڭ ھەيكىلىنى چېقىپ ۋەيران قىلمىدى.
مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغان ئىش پەلەستىندىن قېچىپ چىققان يازغۇچى، مۇزىكانت ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىسرائېلىيە زۇلمىغا ئەمەس، خاماسنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى بولدى. ئۇلار خاماسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ گازادىن قېچىپ چىققان ئىكەن. بۇ ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان ئەرەپ يازغۇچىلاردىن ھىچ بىرىنىڭ غەرپتىن پاناھلىق تىلىمەسلىكى بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما ئىدى. بۇ غەلىتە ئەھۋال ماڭا ھازىر قاماقتا يېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ «ئۆزىمىز قۇرغان بىر دۆلەت بولغان بولسا، ئۆز تىلىمىز ھاكىم بولسا، ئۆز بايرىقىمىز لەپىلدەپ تۇرسا كومۇنىستىك بولسىمۇ مەيلى ئىدى» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.
يىغىندىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇلغان يازغۇچىلار بىلەن ھەر قېتىم سۆھبەتلەشسەم قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا قايىل بولىمەن. ئۇلار ئەركىنلىك يوق يەردە ئەركىنلىك ئۈچۈن يازدى، تارىخ تەقىپ قىلىغان يەردە تارىخ ياراتتى، ئىددىيە جىنايەت سانالغان يەردە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىددىيە ئاساسىنى تۇرغۇزدى. ئۇلار خەلقىنى سەپلەرگە بۆلمەي، ئۇيغۇرلۇق بايرىقىغا بىرلەشتۈردى. ئۇلارنى خەلقى قوغدىيالمىسىمۇ تۆردىن چۈشۈرمىدى، ئۇلارمۇ خەلقى كۆيگەن ئوتتا كۆيۈشنى ئەلا بىلدى. مۇشۇ يىغىندىكى يازغۇچىلار ياۋرۇپاغا قانداق قېچىشنى پىلانلاۋاتقاندا قۇربان مامۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى، ھەبىبۇللا توختىلار ئۆز خەلقىنىڭ باغرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
مەن يىغىندا خەتەردە قالغان خەلقئارا قەلەمكەشلەرنى قۇتقۇزۇش تۈرىگە ئىشلەۋاتقانلار بىلەن قايتا قايتا ھەمسۆھبەت بولدۇم. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلار، شائىرلار، سەئەتكارلار، رەسساملار، خەتتەتلار ۋە ئاخباراتچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە پاراڭلاشتىم. مەن ئۇلارغا «بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىپلەر خەتەردە قالغان باشقا ئەدىپلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن ياۋرۇپاغا كۆچۈرۈپ كېلىش شەرت ئەمەس. پەقەت ئۇلارنىڭ ھۆر ياشاش ھوقۇقىنى قوغدىساقلا ئۇلار ھۆرلۈكنى ئۆز زېمىنىدا پەرۋىش قىلالايدۇ، ياشىتالايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قوغدىساقلا ئۇلار ھاياتلىقنى قانداق قوغداشنى بىلىدۇ» دېدىم.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى مېنى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ نورۋېگىيەگە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنى تونۇشتۇردۇم، خۇداغا شۈكۈر ئىككىلىسى قوبۇل قىلىندى، ئۇلارنىڭ بىرى نورۋېگىيەگە كېلىپ ھاياتىنى باشلاپ بولدى.
رەسىم ھەققىدە ئىزاھات: مەرھۇم ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، 1957-يىلى «ساندۇقتىكى بوۋاق» دېگەن شىئېرى سەۋەپلىك 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماقتىن چىققاندىن كېيىن دەرھال ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ۋە قىسقىغىنا ۋاقىتتا «جۇدالىق»، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرىشىتخان»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، 2021-يىلى قاماقتا شىھىت بولغان.
20 قارغىش تەگكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
«مەن ئاشۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، سىلەر قارغىغان» دېگەن مىسرا ئۇنىڭ. ئۇ بولسا 2017-يىلدىن بۇيان قاماقتا يېتىۋاتقان شائىر پەرھات تۇرسۇن بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدەك ئۇيغۇرچە ئاسماندىن غايىپ بولغىنىغا ئالتە يىل بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىجادىيىتى، نۇرى يوقىغان يوق. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان رومانى «ئارقا كوچا» ئەدەبىيات ساھەسىدە يۇقۇرى باھالىنىپ شىۋىتسىيەدە «تۇخولىسكى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
ئەسلى ئۇيغۇرچە يېزىلغان، ئەمما خىتايدا نەشىر قىلىنىش ئىمكارنى بولمىغاچقا مەخپىي چەتئەلگە چىقىرىلغان «ئارقا كوچا»غا غەرپتىكى مەتبۇئاتلار ئىزچىل مەپتۇن بولۇپ كەلمەكتە. پەرھات تۇرسۇن ئۇنتۇلمىدى، ئۇنىڭ ھاياتى، ئىجادى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا راديوسى تارقاتقان خەۋەردىن ئۇنىڭ كامىر نومۇرىنى ئاڭلىدىم، 0605 ئىكەن.
پەرھاتكام پالچىدەكلا گەپ قىپتىكەن. خۇددى ئۆزىنىڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدەك يالت قىلىپ ئۆچۈپ كېتىشىنى بىلىدىغاندەك يېزىپتىكەن. خۇددى ئۇ شۇ بىرلا يالتىراش بىلەن زۇلمەتنىڭ باغرىنى يېرىپ، قارا تۈنگە نۇر ئاتا قىلىدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان بولغاندەكلا تىزغان ئىكەن ئۇ مىسرانى.
2000-يىلى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دېگەن رومانى نەشىر قىلىنغاندا ئۈرۈمچىدە بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. باشقىلارنىڭ قانداق باھا بەرگىنى ئېسىمدە يوق. ئەمما ئېسىمگە ئويۇلۇپ كەتكەن جۈملە ئادىل تۇنىيازنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئىدى. ئۇ « ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنسىمۇ يۈزىمىز چۈشمىگۈدەك، ئەدەبىياتىڭ بارمۇ دېسە، مانا دېگۈدەك بىر ئەسەر يېزىلدى» دېگەن ئىدى.
ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ باھاسى يىغىن ئەھلىنى قاينىتىۋەتكەن ئىدى. يىغىن خېلى ۋاقىتقىچە تەرتىپتىن چىقىپ كەتتى. ھەر تەرەپتىن كۇس-كۇس، پىخ-پىخ ۋە غۇدۇر-غۇدۇرلار ئاڭلىنىپ توختىمىدى. ئەمما ئۇ ھىچ تەمتىرىمەستىن ۋەزمىن ئاۋازدا «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»نى دۇنياۋىي داڭلىق ئەدىپ فرانس كافكانىڭ «ئۆزگىرىش»، فرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر يازغۇچى ئالبېرت كامونىڭ «يات ئادەم» دېگەن ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەسەردىن بىر بىرلەپ مىسال ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىققان ئىدى.
ئۈرۈمچىنىڭ سالقىن بىر كۈنى دوستۇم دىلمۇرات بىلەن بىر تويغا بېرىپ يانغان ئىدۇق. تويدا «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» ھەققىدە پاراڭ قايناپ تېشىپ تاس قالدى جىدەل چىقىپ كەتكىلى. مۇنازىرەچىلەر روماننى ئوقۇماپتۇ، پەقەتلا رومان ھەققىدە بىرەيلەننىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلدى، ئىسلامغا ئاھانەت قىلدى، خىرىستىيانلىقنى تەرغىپ قىلدى… دەپ يازغان ئوبزۇرىنى ئوقۇپتۇ.
يولدا دىلمۇرات بىلەن ئەدەبىيات، ھېلىقى ماقالە، پەرھات تۇرسۇن ھەققىدە پاراڭ قىلىپ ماڭدۇق. ماڭا بىر قېتىم پەرھاتكام «مۆشۈكلەر پاجىئەسى» دەپ بىر رومان يېزىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. دىلمۇراتقا شۇ روماننىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تۇرۇشۇمغا بىرى قارا دېگەندەك قىلدى، توۋا، ئاخىر زامان بولغاندەك ئالدىمدا پەرھات تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرمامدۇ!
پەرھاتكامنىڭ بېشى يېرىلغان. سەۋەبىنى سوراش بىھاجەت ئىدى.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۈلكىسىنى ياسالمىدەك، تازا قاملاشمىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالاق جالاق ئەتراپقا قارايتتى، نەزىرى تېز تېز يۆتكىلەتتى. بەلكىم تېڭىق، چاچسىز باش ئۇنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا سوئاللارغا كۆمۈۋەتتى. بەلكىم دىننىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇلۇش ئۇنى ھۇجۇمغا، تەنقىتكە، تەھدىتكە دۇچار قىلدى. تەنقىتلا ئەمەس، يېرىلغان باش، چۇۋۇلغان كىشىلەرنى نۇرغۇن پەرەزلەرگە مۇپتىلا قىلدى.
پەرھەتكامنىڭ رومانى ئۇنى بالاغا قويدى. ئۇنىڭ رومانىغا قارشى يېزىلغان تەنقىتتە ئۇنى خىرىستىيانغا، دىنسىزغا چىقىرىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزى ئىسلام دۇنياسىدا دىننىڭ دۈشمىنى دېيىلىۋاتقان سالمان رەشىتكە ئوخشىتىلغان بولسا، ئۇنىڭ رومانى «شەيتان داستانى»غا ئوخشىتىلدى.
پەرھات تۇرسۇن سالمان رەشىتنىڭ بىر قۇر ئىنشاسىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە شەيتانغا ئايلاندى. رومان يازغانغا تويۇپ كەتتى. ئۇ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»دىن بىر بەت ئاڭلاپ باقمىغان مۆمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا چارەسىز قالدى. چۈشكۈنلەشتى. بەلكىم شەيتانغا ئايلاندۇرۇلغان ئوبراز، تىنىمسىز كېلىۋاتقان تەھدىتلىك تېلىفون ئۇنى چۆچۈتتى، غەزەپلەندۈردى، ھاردۇرۇپ قويدى.
ئاڭلىشىمچە شۇ چاغلاردا پەرھات تۇرسۇننىڭ ئايالى زىيارەتكە كەلگەنلەرگە كۆرىستىش ئۈچۈن ئۆيىگە كەلىمە تەۋھىتنى لەۋھەگە ئالدۇرۇپ ئېسىپ قويغان ئىكەن. پەرھەت تۇرسۇنمۇ ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي، چۈشەندۈرۈپ بولالماي قالغان ئىكەن. ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز بىرىدىن تېلىفون كەلسە «مەن مۇسۇلمان، لا ئىلاھە ئىللاللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ» دەپ ئالىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىكەن.
بىز تاسادىپى ئۇچراشقان شۇ كۈنى ئۇ«نېمە بولدى دەپ سورىمامسىلە دەيمەن» دېگەن ئىدى يېرىلغان بېشىنى ئىما قىلىپ، يەنە شۇ قاملاشمىغان، زورلانغان كۈلكىسى بىلەن. ئاندىن يەنە شۇ ئوخشاش تەلەپپۇزدا «ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۈش باھانىسىدە ئۆلۈۋالماقچى ئىدى، شۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىدى» دېدى.
كېيىنكى سۆھبەتلەردە كىتاپ ھەققىدە نۇرغۇن تەپسىلاتلار مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ قارشىچە كىتابىدا يېزىلغىنى بىر روھى كېسەل ئىكەن، شۇڭا روماندىن ئۆزىنى كۆرگەن، ئاجىزلىقىنى بايقاپ قالغان بىمارلار ئەڭ بىئارام بولغانمىش. ئۇلار دايىم روماندىكى تاھىردەك ئۆلۈۋېلىشنى ئىستەيمىش، ئەمما بىر باھانە تاپالماي ياشاۋاتقانمىش. رومان ئۆلۈۋالماقچى بولغان، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوقىدا ئۆلۈپ مۇرادىغا يەتمەكچى بولغانلارغا باھانە تېپىپ بەرگەن ئىمىش. ھۇجۇمچىلار ئۇنى ئارانلا يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كېتىپتۇ، ساقچىغا خەۋەر قىلىنمىغاچقا مۇرادى ھاسىل بولماپتۇ.
پەرھات تۇرسۇن بىلەن 2000-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئاق قوۋۇقنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ئۇچرىشىپ قالدىم. يولدا تەشۋىقات ماشىناسى توختاقلىق ئىدى. كارناي ئاۋازى قۇلاقلارنى پاڭ قىلغۇدەك بولغاچقا گەپ گەپكە قوۋلاشمىدى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ئېسىمدە يوق، تەشىۋىقات ماشىناسى قوزغىلىپ، كارناي ئاۋازى ئۆچۈپ تۇرۇۋېدى. ئۇ «ئەجەپ ماۋۇ گۇيلار شىڭشىڭشادىن چىقىپ كەتكەندەك خوش بوپ كەتتىم»دېدى قېنىپ كۈلۈپ.
پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دېگەن رومانى تىلغا ئېلىنسىلا ئۇنىڭ تېڭىلغان يېرىق بېشى، زورىغا كۆلۈپ تۇرغان ھالىتى ئېسىمگە كېلەتتى. ئۇنىڭ «ئۇلار ئۆلۈۋالماقچى ئىدى» دېگەن سۆزى ئېسىمدىن چىقمىغان ئىدى. يېقىندا ئىزدىنىپ باقسام توختىماي ئۆلۈم ھەققىدە سۆزلەش، ئۆلۈشنى خىيال قىلىش، ئۆلۈشكە ئۇرۇنۇش پىسخىك كېسەللىك ئالامىتى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى دېپرەسسىيۇن دېيىلىدىكەن. توۋا، پەرھاتكامنىڭ 24 يىل بۇرۇن «روماندا يازغىنىم بىر روھى كېسەل، مەن ئۆزۈمنى يازمىدىم » دەپ نالە قىلغىنىنى، جامائەتكە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ بولالمىغىنىنى ئەمدى چۈشىنىپتىمەن.
پەرھات تۇرسۇن ھەققىدە بىرەر خەۋەر كۆرۈپ قالسام، بۇ كەچمىشلەر ئېسىمگە كېلىدۇ. ئىچىمدە شۇنداق دەيمەن «مېنى كەچۈرۈڭ پەرھاتكا، سىزگە تەھدىت كەلگەندە، سىز ئۈرۈمچىدە ياشىيالماس بولغاندا، ئائىلىڭىز ۋەيران بولۇپ، خىتاينىڭ شەھرىدە سەرسان بولغاندا بىز ئۇيغۇر زىيالىلار سۈكۈتتە تۇرغان، مانا ئەمدى ئۇيغۇر قەتلىئامدا قالغاندا دۇنيانىڭ تەڭدىن تولىسى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ»
