ۋەزلەر يېقىن، تۆۋىلەر يىراق

ۋەزلەر يېقىن، تۆۋىلەر يىراق

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈزبەرگەن خاتالىقلارنى بىر بولسا دوست تارتىپ يوشۇرۇش، يەنە بىر بولسا ئاقلاپ چۈشەندۈرۈش، ئۇمۇ بولمىسا سۈكۈت قىلىپ ئۇنتۇلدۇرۇش ئومۇملاشقىلى تۇرۇپتۇ. ھاياتتا، داۋادا ۋە مۇئامىلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقتىن ئەلگە ئاشكارە ھېساپ بېرىشنىڭ، تۆۋە قىلىشنىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ.

كۆزىتىشىمچە سەۋەنلىكلەر سادىر بولغاندا، نۇقسانلىق ئىشلار ئۆتۈلگەندە تۇنجى بولۇپ قىلىنىدىغان ئىش چۈشەندۈرۈش بولىدىكەن. ئەگەر چۈشەندۈرۈش ئاقماي قالسا مەزكۇر مەسىلىنى يوپۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان گۇۋاھچىلار مەيدانغا چىقىرىلىدىكەن. مەزكۇر مەسىلىگە جامائەت پىكرى بەك كۈچلۈك بولسا بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىنىپ، نۇقسانلىق يەرلەر يېپىلىپ، مەسىلە باسۇرۇپ قويۇلىدىكەن. ئۇمۇ ئاقمىسا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش تەدبىرى ئىشقا چۈشىدىكەن.

مۇھاجىرەتتە مۇنازىرە تېمىسى بولغان بىر خاتالىق 2017-يىلى 8-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن. بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاھىرەدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئ‍ۇيۇشمىسىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاچقان بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. بۇ دەل خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە مىسىر ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قاھىرە كوچىلىرىدا قوغلاپ تۇتقۇن قىلغان، ئۆيلەردىن ئاختۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن، ساقچىخانىلاردا نەزەربەنت قىلغان، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى خىتاينىڭ مەركىزى تېلۋىزىيەسى خىتايچە قانىلى، خەلقئارا قانىلى كەڭرى تارقاتقان بولۇپ بۇ خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بىر تەشۋىقات ھەرىكىتى ئىدى. ھەرىكەتتە ئۇيغۇر تالىپلارنىڭ سەھنىدە خاتىرجەم ئولتۇرغان ھالىتى سۈيئىستىمال قىلىنغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان خىتاينىڭ تەشۋىقات داستىخانىغا گېزەك قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىزچىل ئەيىپلەشلەرگە ئۇچراپ كەلدى. بولۇپمۇ ھەر قېتىم مىسىردىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى، قاھىرەدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر پاجىئەسى تىلغا ئېلىنغان ھامان مەزكۇر ۋەقە تىلغا ئېلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ كۆپرەك بولۇشىمۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەن ئامىلدۇر. ھالبۇكى مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ نەق مەيدانغا بارغان بىرەر ئۇيغۇر تالىپ مىللەت ئالدىدا تۆۋە قىلىپ كەچۈرۈم سورىمىدى. نەق مەيدانغا شاھىت بولغان بىرەر ئەيىپلىگۈچى ئۆزىنى ئاشكارىلاپ بولغان ئىشنىڭ ئەسلىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، ياكى شو سورۇندا بولغانلىقى سەۋەپلىك ئەيىپلەنگەن بىرەر شەخس جامائەتنى خىتاي ئاچقان يىغىننىڭ سىر-ئەسرارلىرىدىن مەلۇماتلىق قىلمىدى. ھازىرغىچە بولغان ۋەقە ئاشكارە، ئەمما ئەيىلپىگۈچى ۋە ئەيىپلەنگۈچى خۇپپىيانە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەيىپلەنگۈچىلەردىن ئەكبەر مەتنىياز ئىسىملىك بىر كىشى «سايرام ئوغلانى» دېگەن ئىسىمدا توردا يازما يېزىپ ئالقىشلانغانلىقى سەۋەپلىك ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئۇمۇ تۆۋە قىلىشنى ئەمەس، ئىزاھات بېرىشنى تاللىدى.

2021-يىلى ئىيۇلدا مەزكۇر ۋەقە ھەر يىلقىدەك قايتا تىلغا ئېلىندى. خىتاينىڭ مىسىردىكى تەشۋىقاتىغا شىرىك بولغان كىشىلەر ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتتى. مەن بۇ ئىشنىڭ ئەستىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم. شۇ كۈنكى تەشۋىقات يىغىنىغا قاتناشقان، شۇ ئىشقا شاھىت بولغان ئىككى كىشى بىلەن ئالاقە قىلدىم. ئۇلارنى مىللەتتىن شەرتسىز كەچۈرۈم سوراشقا، بولغان ئىشلارنى يوشۇرماي ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەۋسىيە قىلدىم. بىر قانچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق ئۈنۈم بەرمىدى. ئىشتىراكچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى تاللىدى. پاكىتلار ئاشكارە قىلىنسا ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەرمىش.

مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچىنىڭ بېرىلمەسلىكى، مەزكۇر خىتاي تەشۋىقاتىغا ۋاستە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزھەر ئۇنۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىلاھىي ئىلىملەرنىڭ ئەھلى، تالىپلار بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك مۇنازىرەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پاجىئەسىنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئازاپلىرى، شاھىتلارنىڭ تېخىچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېنىق بىر جاۋاپقا ئېرىشەلمەسلىكى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىشارەتلەپ تۇرۇپتۇ. ئەجەبا مەزكۇر ئەھلى ئىلىملەر تۆۋە قىلىشتىكى ھېكمەتنى بىلمەمدۇ؟

مەنچە ئەزھەردە ئوقۇغان مەزكۇر ئەھلى ئىلىملەر تۆۋەنىڭ موھىملىقىنى بىلىدۇ.  «قۇرئان»دا تىلغا ئېلىنغان 114 سۈرىنىڭ ئىچىدە مەخسۇس تەۋبە سۈرىسى بار. قۇرئاندا تۆۋە ھەققىدە 68 ئايەت بار. سۈرەلەردە تۆۋە دېگەن سۆز 88 يەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 35 يەردە ئاللاھ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلار ئۈچۈن تۆۋە قىلىشقا قارىتىلغان بولسا قالغان يەردە ئىنسانلار ئالدىدا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەرگە تۆۋە قىلىشقا قارىتىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان كۇپۇر يوشۇرۇش دېگەن مەنىدە بولۇپ پاكىتلارنىڭ، گۇۋاھلىقلارنىڭ، ھەقىقەتلەرنىڭ جامائەتتىن مەخپىي تۇتۇلىشى كۇپرانە قىلىق سۈپىتىدە ئەيىپلەنگەن. دېمەك، بۇ ئىلاھى دەلىللەردىن مەلۇمكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىق يوشۇرۇلماسلىقى، چوقۇم تۆۋە قىلىنىشى ۋە شۇ كىشىلەردىن ئۆزۈر سورىلىشى كېرەك ئىدى.

ئۇيغۇرلاردا ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ كەچۈرۈم سوراش، ئۆزۈر سوراشلارنىڭ رولى تەكىتلەنگەن ھېكمەتلەر بولغان. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە مەھمۇت قەشقەرى خاتالىقنى كىرگە، سورالغان ئۆزۈرنى سۇغا ئوخشاتقان ماقال تەمسىللەرنى مىسال قىلغان. ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەتىدە تۆۋەنىڭ موھىملىقى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلگەن. ھەر رامىزاندا كىشىلەر بىر بىرىنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق بىر بىرىدىن ئەپۇ سوراشقان. ئۇيغۇر مەشرەپ سورۇنىمۇ خاتالىقلار ئۈچۈن ئاشكارە ئەپۇ سورايدىغان ۋە ئوچۇق ئەپۇ قىلىنىدىغان سورۇن بولغان. مەشرەپتە خاتالاشقان قاتناشچىلارنىڭ بىر بىرىگە چاي تۇتۇپ كەچۈرۈپ سورىشى مەشرەپنىڭ موھىم بىر مەزمۇنى بولغان. ئۇيغۇردا رازىلىق سوراس ۋە رازىلىق ئېلىش ئەنئەنىسىمۇ تۆۋىنىڭ نەقەدەر ئومۇملاشقانلىقىغا ئىسپات. بەندە كەچۈرمىگەننى ئاللاھنىڭمۇ كەچۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆلۈم ئالدىدا گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ باشقىلاردىن رازىلىق سورايدۇ ۋە رازىلىق بېرىدۇ.

مۇھاجىرەتتە سەۋەنلىكلەر ۋە نۇقسانلارنىڭ بولۇشى خەتەرلىك ئەمەس، خەتەرلىك بولغىنى خاتالىقتىن كېيىنكى ئاشكارە تۆۋە قىلىشنىڭ، كەچۈرۈم سوراشنىڭ تۇتىياغا ئايلىنىپ كېتىشىدۇر. بولۇپمۇ ئىلىم ئەھلى ۋە ئۇقۇمۇشلۇقلار تىلىدىن تۆۋىلىك، پۇشمانلىق، ئۆزرىلىك باياناتلارنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىدۇر. بۈگۈن كۆپىنچىسى دېموكراتىك ئەلدە ياشاۋاتقان، سەممىمىيەت بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسى بولۇۋاتقان زاماندا پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئاشكارە تۆۋە قىلالايدىغان رەھبەرلەرنىڭ، شەخسلەرنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئازلىقى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. تۆۋەدارلىق، ئەپۇچانلىق، مەغپىرەت تەكىتلەنگەن دىننىڭ پىشىۋالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئىلىم كانىدىن چىققان كىشىلەردىكى تۆۋىنى دوست تۇتماسلىقنى، ئاشكارىلىقتىن قېچىشنى، يوشۇرۇشقا مايىللىقنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن قىيىن بولۇۋاتىدۇ.

چاتاق چىقىپ چاۋا چىتقا يېيىلغاندا ئۇنى چۈشەندۈرۈش، يوشۇرۇش، يوپۇرۇشنىڭ خەتىرى، خەۋىپى ئايدىڭ بولغاچقا بۇ مەسىلىگە بىر نەزەر ئاغۇرۇش زۆرۈر ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بۇنداق سەۋەنلىكنىڭ ئاۋامدا ئەمەس سەرخللاردا، ئوقۇمىغانلاردا ئەمەس ئوقۇمۇشلۇقلاردا، ئوقۇغان بىلگەنلەردە بولۇشى، تەدىرىجى ھالدا بىر نورمال ئىشتەك تۇيۇلۇپ قېلىشى مەسلىنىڭ ھەل قىلىنمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. مەيلى ئىلاھىي پىرىنسىپلار نوقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلۇق ئەنئەنە نوقتىسىدىن بولسۇن، ياكى دېموكراتىك ئۆلچەملەر نوقتىسىدىن بولسۇن تۆۋە قىلىش، كەچۈرۈم سوراش، ئۆزرە تىلەش ئەنئەنىسىنى نۇرلاندۇرۇش، جارى قىلدۇرۇش ۋە جەۋلان قىلدۇرۇش مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن موھىملىقلارنىڭ بىرى ئەلۋەتتە.

 

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ