admin

مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىم: سىموۋۇللارغا يوشۇرۇنغان ئىسيان ۋە قەھرىمانلار

مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىم: سىموۋۇللارغا يوشۇرۇنغان ئىسيان ۋە قەھرىمانلار ئۇيغۇردا ئەدەبىيات سىموۋۇلغا باي. ئەركىن مۇھەببەتلەشمەك چەكلەنگەن، مەدەنىيەت قويۇق ئىسلامىي تۈس ئالغان، ئاياللارنىڭ چېچى تابۇغا ئايلانغان ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردا ئوتتۇرا ئەسىردە يار دېگەن بىر مەنىنى بىلدۈرىدىغان سىموۋۇللۇق سۆزلەر 18 گە يەتكەن، شائىرلار ئاياللارنىڭ چېچىنى كۈيلەپ تەمەنلەپ سىموۋۇللۇق غەزەللەرنى يازغان. 1949-يىلدىن كېيىن كومۇنىستىك تۈزۈمنىڭ بۇيۇقتۇرۇقلىرىغا مەھكۇم بولغان […]

مېنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىم: سىموۋۇللارغا يوشۇرۇنغان ئىسيان ۋە قەھرىمانلار Read More »

باتۇر روزىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

باتۇر روزىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويارسىلەر. بىر مەزگىل ئۈچ روزىنىڭ كىتابى مەشھۇر بولغان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىرى يالقۇن روزى، يەنە بىرى ئەركىن روزى، ئۈچىنچى بىرى باتۇر روزى ئىدى. ۋەتەندە ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بار ئىدى. ئۇيغۇردا كىتاپلار مودا بولاتتى، شۇنداق يىللاردا بۇ ئۈچەيلەن ئۈچ پارچە مودا كىتاپ يېزىپ چىقالىغانلاردىن. شۇ ئۈچ كىتاپنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ كاجنى بازار

باتۇر روزىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ Read More »

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سايلامغا تەييارمۇ

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سايلامغا تەييارمۇ ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈركىيەدىكى بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئۇيغۇرلارغا ھالقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سايلام ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى داۋاسى، دېموكراتىك ئىددىيەۋىي يۈزلىنىشى، دۇنياغا ئۇيغۇرچە تونۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ كاناداغا كۆچۈپ، ياۋرۇپاغا ۋىزا ئېلىپ، ئامېرىكاغا سەپەر قىلالىشىدا، تۈركىيەدە ياشايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. بۇ سايلامنىڭ

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار سايلامغا تەييارمۇ Read More »

مۇھاجىرەتتە كىتاپلىق 74 يىل

  ·  مۇھاجىرەتتە كىتاپلىق 74 يىل ئۇنىڭ كىتاپقا ئىشتىياقى بار. ئۇ مۇساپىرلىقتا شۇنچە ئۇزۇن، بەلكى ھەممەيلەندىن ئۇزۇن ياشاپ ئۆگىنىشنى تاشلىمىغان، ۋەتەن سېغىنىشىنى، مىللەت ھەسرىتىنى بېسىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى توپلاپ كۈتۈپخانا قۇرۇپ چىققان. ئۇ كىشى كىم؟ ئۇ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پىشقەدەم مۇھاجىر، پىداكار داۋاگەر غولامىدىن پاختا ئاكا بولىدۇ. رەسىمدە كۆرۈنگىنى ئاكىمقز ئوقۇپ

مۇھاجىرەتتە كىتاپلىق 74 يىل Read More »

ئاچلىقنىڭ تەمى

ئاچلىقنىڭ تەمى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاچ قويۇش خىتايدا قاماقتا ياتقانلار ئۇچرايدىغان جازلارنىڭ بىرى. گۇندىپايلار مەھبۇسلارنى ئاچ قويۇپ ئىقرار قىلىشقا، بويسۇنۇشقا، باشقىلارنى پاش قىلىشقا زورلايدۇ. خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ماكانىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرغان بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ كوۋىد كارانتىناسى باھانىسى بىلەن ئاچ قويۇلۇشى بىر خىل جازالاش تەدبىرىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ شىمالدىكى قەدىمكى شەھرى غۇلجا قامال قىلىنغانغا قىرىق كۈندىن ئاشتى.

ئاچلىقنىڭ تەمى Read More »

ئىلھام توختىنىڭ ئاناسى ۋاپات بولدى

ئىلھام توختىنىڭ ئاناسى ۋاپات بولدى كەتتىڭ ئانا، كۈتەلمەي كەتتىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى نەسىپخان قۇناخۇن 2022-يىلى ۋاپات بولغان، خەۋەر ئالاھىدە مەخپي تۇتۇلغانلىقتىن تېخى تۈنۈگۈن خەۋەر تاپتۇق. خىتاي رېجىمى ئىلھام توختىنى2017-يىلدىن بۇيان ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەي كېلىۋاتىدۇ، ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئۇيغۇر گۇندىپايمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلھام توختى ھازىر يالغۇز

ئىلھام توختىنىڭ ئاناسى ۋاپات بولدى Read More »

ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى

ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇردا مۇنازىرىلىك يازغۇچى ئىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە نوپۇزغا «خوشياقماس» پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىر شەخس، ھاكىمىيەتنىڭ نەزەرىدە باش ئەگمەس ئۆكتىچى زىيالى ئىدى. ئۇنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەپتىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغانلىقىدىن باشقا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان پىكرىنىڭ داڭقىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا كۆپىنچە چۈشىنىلمەي،

ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى Read More »

خىتايغا ئافغانىستاندا نېمە بار

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش 1970-يىللاردىن بۇيان تۈگەپ باقمىدى. ئۇزاقققا سوزۇلغان ئۇرۇش بۇ ئەلدە جەڭچىلىكنى تىرىكچىلىك يولىغان ئايلاندۇردى. جىھاد ئاتالغان ئۇرۇش ئوتىغا مۇسۇلمانلاردىن توپلانغان زاكات، ئۆشرە ۋە سەدىقەلەر ياغ چېچىپ تۇردى. ئۇرۇشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى خەلقئارالىق ياردەملەرنى جەلپ قىلدى. ئۇرۇش چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن مەيداىنغا چىققان زەھەر، ئادەم ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى بۇ ئەل ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈك كەسىپىگە ئايلاندى. ئەسكەرلىك كەسپى ئامېرىكا

خىتايغا ئافغانىستاندا نېمە بار Read More »

ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىدىكى ئالۋۇن

ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىدىكى ئالۋۇن خىتاي بىلەن تالىبانلارنىڭ دوستلۇقى مىنىستىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشتى. بۇ غەلىبىنى ئالدى بىلەن خىتاي تەبرىكلىدى. تۈركىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ئەرباپمۇ تالىبانغا دوست تارتقان بولدى. دىققەتكە سازاۋەركى، تۈركىيەدە دىندار ئاق پارتىيە ئاتامانلىرى ئۇيغۇر ئەرباپلاردەك تالىباننى تەبرىكلىمىدى. ھەتتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ تالىباننى تالىباننى نە تەبىرىكلىمىدى، نە تەستىقلىمىدى. تالىباننىڭ كابۇلنى

ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ دۇنياسىدىكى ئالۋۇن Read More »